kuntugh يوللانغان ۋاقتى 2012-3-2 05:13:56

لۇتپۇللا مۇتەللىپ قانداق ئۆلتۈرۈلگەن؟..


لۇتپۇللا مۇتەللىپ قانداق ئۆلتۈرۈلگەن؟..



يېقىندا قازاقىستاندىكى «مىر» نەشرىياتىدىن ئارخېئولوگ ئابدۇكېرىم سابىتوۋنىڭ «تارىخنىڭ ئۆچمەس ئىزلىرى» ناملىق ئەسلىمىلەر توپلىمى يورۇق كۆردى. بۇ توپلامدا مۇئەللىپ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-40-يىللىرى شىنجاڭدا يۈز بەرگەن پاجىئەلىك ۋەقەلەر ۋە ئۆزى بۇنىڭدىن توپتوغرا 50 بىل ئىلگىرى قاتناشقان تەكلىماكان قۇملۇقىغا بولغان ئارخېئولوگىيىلىك ئىزدەش ئىشلىرى توغرىلىق ھېكايە قىلىدۇ. تۆۋەندە ئەنە شۇ كىتابتىن ئېلىنغان بىر ماقالىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە ھاۋالە قىلىمىز.



بىز 1956-يىلنىڭ كۈز ئايلىرىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ئىدارىسى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ تەرجىمانى يۇڭلو (شىۋە) بىلەن ئاقسۇ ۋىلايىتىگە بېرىپ، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ ئىنقىلابىي پائالىيىتى توغرىلىق بەزى ماتېرىياللارنى توپلىغان ئىدۇق. شۇنداقلا لۇتپۇللا مۇتەللىپ باشلىق ئىنقىلابچى ياشلار قۇرغان «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» تەشكىلاتىنىڭ پائالىيىتىنى ھەم تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ تۇتۇلۇپ، ئۆلۈم جازاسىغا تارتىلىشىغا سەۋەب بولغان مىللىي مۇناپىقلارنىڭ ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئىشلىرىنى يۈرگۈزۈپ، ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ قايتقانىدۇق. مۇشۇ مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ھۆججەتلەرنى ئىزدەپ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىگە بارغىنىمىزدا، بۇ ئىدارىنىڭ باش كاتىپى مۇھەممەتئىمىن ھېكىمى بىزگە كۆپ ياردەم قىلدى. ئاقسۇدىن 60 چاقىرىم يىراقلىقتىكى تەكلىماكان چۆلىنىڭ بىر چېتىگە جايلاشقان «ماتاڭ» دېگەن قۇملۇقتىكى جازا لاگېرىغا بېرىپ، شۇ يىللىرى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى ئىككىنچى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن نىياز مۇھەممەت بىلەن، ئىنقىلابچىلارنى تۇتقۇن قىلغاندا ئۇلارغا تەرجىمان بولغان ياسىن ئەزىز ۋە ل.مۇتەللىپ قامالغان كامېرىنىڭ قاراۋۇلى، شۇنداقلا ساقچى ئىدارىسىنىڭ تەرجىمانى ھەم ئىككىنچى بۆلۈمنىڭ باشلىقى زومىڭ (ئەسلى ئۇيغۇر، خەنزۇچە ئىسىم قويۇۋالغان)، ئۇنىڭ ئايالى زۆھرە، ئاقسۇدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇئەللىمى سوپىيە، يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان گۇۋاھچىلار بىلەن ئۇچرىشىپ، كۆپ ماتېرىياللار توپلىدۇق. شۇ ماتېرىياللار ئاساسىدا ئېسىمدە قالغانلىرىدىن بىر قىسمىنى ھېكايە قىلماقچىمەن. ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەنلىكتىن، بەزى پاكىتلار، ئاي، كۈن، يىللاردا پەرقلەر بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، ئامما ۋەقەلىكنى ئۆز ئەينى بويىچە يازغىنىمغا ئىشىنىمەن.


ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىدا شېڭ شىسەي ستالىندىن يۈز ئۆرۈپ، جاڭ جېشىغا مايىل بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، شىنجاڭدا يېڭى تۈزۈم ئورنىتىلىپ، شۇنىڭ لايىق بىر سىياسەت يۈرگۈزۈلگەنلىكتىن، شىنجاڭدىكى ۋەزىيەت ئىنتايىن كەسكىنلىشىدۇ. ئەكسىيەتچى كۈچلەر تېخىمۇ غالجىرلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىلغار كىشىلەرنى — ئىنقىلابىي زاتلارنى قولغا ئېلىش، ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتى ئەۋج ئېلىپ كېتىدۇ. شۇڭا ئاجايىپ تالانت ئىگىسى ۋە مۇنەۋۋەر ئىنقىلابىي شائىر ل.مۇتەللىپنىڭ ئىنقىلابىي پائالىيىتىنى چەكلەش، بېسىم قىلىش، ئۆز يولىدىن ۋە ئۆز نىيىتىدىن قايتۇرۇش ئۈچۈن تۈرلۈك چارىلەرنى قوللىنىپ، ئۇنىڭ پائالىيىتىنى نازارەت ئاستىغا ئالىدۇ. لېكىن ل.مۇتەللىپ ئۆز يولىدىن قايتمايدۇ، شۇڭا ئەكسىيەتچى كۈچلەر ل.مۇتەللىپ باشلىغان ئىنقىلابىي ھەرىكەتنىڭ ياڭراپ كېتىشىدىن ۋە ئۇنى ئۈرۈمچىدىكى ئىلغار كۈچلەردىن ئايرىۋېتىش ئۈچۈن، 1943-يىلنىڭ ئاخىرىدا ئاقسۇ شەھىرىگە سۈرگۈن قىلىدۇ.


ل.مۇتەللىپ ئۈرۈمچىدىن ماشىنا بىلەن يولغا چىقىپ، ئاقسۇغا يېقىن ئۇششاقتال دېگەن يەرگە كەلگەندە، ماشىنا بۇزۇلۇپ قالىدۇ. ل.مۇتەللىپ ماشىنا ئەتراپىدا تۇرغانسېرى كەچكۈزنىڭ سوغۇقى بارغانسېرى كۈچىيىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى يالاڭ كىيىمى سوغۇققا دالدا بولالماي قالىدۇ. بەدىنىگە تىترەك ئولىشىپ مۇزلىغانسېرى، ل.مۇتەللىپ بىر ئورۇندا تۇرۇپ سەكرەشكە ۋە قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈشكە باشلايدۇ. شۇ پەيتتە بىر ھارۋىنىڭ قارىسى كۆرۈنىدۇ، ل.مۇتەللىپنىڭ بارلىق دىققىتى ھارۋىدا بولىدۇ. قارىسا، ئۇ توغراق باسقان ئاقسۇلۇقلارنىڭ ئۆرگىلەي ھارۋىسى بولۇپ، ھارۋىكەش ياشانغان، ساقاللىق ئادەم ئىكەن، ساقال-بۇرۇتى خۇددى قىرۇ چۈشكەندەك ئاپئاق. شۇنىڭغا قارىماي، ھارۋىكەش بوۋاي سەلكىن ئاۋاز بىلەن غىڭشىپ ناخشا ئېيتىپ كېلىۋاتاتتى. ل.مۇتەللىپ ھارۋىغا يېقىنلاپ كېلىپ: «ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئاتا! قانداق ئەھۋاللىرى؟ بىر ئوبدان ناخشا ئېيتىپ كېلىۋېتىپتىلا، ناخشىلىرىغا ھارۋىلىرىنىڭ چاقلىرى غىچىرلاپ مۇزىكا چېلىپ، تەڭكەش قىلىپ بېرىۋېتىپتۇ؟.. ھارۋىلىرىنىڭ چاقىنى مايلىۋالسىلا بولماسمىدى» دەيدۇ. ھارۋىكەش «دېگەنلىرى توغرا، ئەپەندىم، لېكىن كېكىرتەكنى مايلاشقا ماي يوق، ھارۋىنىڭ چاقىنى مايلاشقا ماي نەدە؟» دەپ خىتاب قىلىدۇ. ھارۋىكەش بوۋاينىڭ بۇ سۆزى ل.مۇتەللىپكە قاتتىق تەسىر قىلىدۇ.


ئۇ ئاقسۇغا كېلىپ «ئاقسۇ گېزىتى»گە باش مۇھەررىرلىك خىزمىتىگە ئورۇنلىشىدۇ. ئۇ گېزىت پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇپ، «جەنۇب شامىلى» دېگەن ئەدەبىي سەھىپىنى تەسىس قىلىدۇ. گېزىتتە ئۇنىڭ خەلقنىڭ ئېغىر تۇرمۇش شارائىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان «كېكىرتەكنى مايلاشقا ماي يوق، ھارۋىنىڭ چاقىنى مايلاشقا ماي نەدە؟» دېگەن دەسلەپكى ئەدەبىي ئوچېركى بېسىلىدۇ. ئۇنىڭدا گومىنداڭچىلارنىڭ رەزىل ئەپتى-بەشىرىسى بەدىئىي ئوبرازلار بىلەن پاش قىلىنىپ، خەلقنىڭ ئېچىنارلىق تۇرمۇشى تەسۋىرلىنىدۇ. ل.مۇتەللىپ ئاقسۇدا ئىنقىلابىي ھەرىكەتنى ئېلىپ بېرىشتا، ئالدى بىلەن خەلق ئاممىسىنى تەشكىللەشنى، ئۇلارنى ئويغىتىشنى، بولۇپمۇ ياشلارنى ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇشنى مۇۋەپپەقىيەتنىڭ كاپالىتى دەپ قاراپ، خەلقنى ئەركىنلىككە، مۇستەقىللىككە دەۋەت قىلىدىغان ئەسەرلەرنى يېزىپ، گېزىتتە ئۈزلۈكسىز ئېلان قىلىشقا باشلايدۇ.


ل.مۇتەللىپ ئۈرۈمچىدىن ئاقسۇغا سۈرگۈن قىلىنغىنىدا «گۇمانلىق ئادەم» دېگەن قالپاق كىيىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن شۇ كۈندىن باشلاپلا گومىنداڭ ساقچى ئورۇنلىرى ئۇنىڭ ئىنقىلابىي ھەرىكەتلىرىنى بايقاش ئۈچۈن پېيىگە ئادەم سېلىپ قويغان ئىدى. شۇلارنىڭ بىرى گېزىتنىڭ تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلىگەن ئەيسا يۈسۈپ ئىدى (ئۇ كېيىنكى يىللاردا ئۈرۈمچىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» تەھرىر بۆلۈمىدە، ئۇنىڭدىن كېيىن رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىدە ئىشلىگەن). بۇ كىشى ئۆزى ئەدىب بولغانلىقى ئۈچۈن ل.مۇتەللىپنىڭ مۇستەقىللىق روھى سىڭدۈرۈلگەن ھەم خەلق ئاممىسىنى ئىنقىلابقا ئويغىتىدىغان ئەسەرلىرىنى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمىگە ئەۋەتىپ تۇرىدۇ. ئەيسا يۈسۈپنىڭ دەسلەپكى ماتېرىيالى مۇتەللىپ يازغان «كېكىرتەكنى مايلاشقا ماي يوق، ھارۋىنىڭ چاقىنى مايلاشقا ماي نەدە؟» دېگەن ئەدەبىي ئوچېركى بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ چىققان گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ساقچى ئورۇنلىرى ل.مۇتەللىپنىڭ ھەرىكىتىگە تېخىمۇ كۆپرەك پايلاقچىلارنى قويىدۇ. لېكىن ل.مۇتەللىپ بۇ تۇزاق قۇرۇشلارنى سېزىپ يۈرسىمۇ، ئىنقىلابىي ھەرىكىتىنى سۇسلاشتۇرماي، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئىش ئېلىپ بارىدۇ.


ئەدەبىيات بىلەن سەنئەتكە بىردەك ئىشتىياق باغلىغان ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن سەنئەت ئۆمىكىنى ئۇيۇشتۇرىدۇ، كونسېرتلارنى كۆرسىتىشتىن تاشقىرى، «غېرىب — سەنەم»، «تاھىر — زۆھرە» دراما ئەسەرلىرىنى سەھنىلەشتۈرىدۇ. ئۇلاردىكى غېرىب، تاھىر روللىرىنى ئۆزى ئورۇنلايدۇ. زۆھرەنىڭ رولىنى ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئوفىتسېرى ھۆرنىساخان (مۇتەللىپكە قويغان ئىشپىيون ئاياللارنىڭ بىرى) ئېلىپ چىقىدۇ.


خەلقنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن دادىل كۈرەشكە چىققان ل.مۇتەللىپ ئۆزىنىڭ ئىنقىلابىي پروگراممىسىنى ئىلى ئىنقىلابچىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۇلار بىلەن ئالاقە باغلاپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ خەلق ئاممىسى ۋە ياشلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشىدۇ. مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇ «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» ناملىق تەشكىلات قۇرىدۇ. تەشكىلاتنىڭ مەقسىتى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا ماسلىشىپ، دېخانلارنى قوراللىق قوزغىلاڭغا قوزغاشتىن ئىبارەت ئىدى. بۇ ھەرىكەتلەر ئاقسۇ ساقچى ئىدارىسىنى ۋەھىمىگە سالغانلىقتىن، 1944-يىلنىڭ ماي ئايلىرىدا ل.مۇتەللىپنى قولغا ئېلىپ، بىر ھەپتە سولاقتا تۇتۇپ، ئۇنىڭ يۈرىكىنى بىر ئاز مۇجۇغاندەك قىلىپ، ئاندىن چىقىرىۋېتىدۇ. بىراق ل.مۇتەللىپنىڭ بۇنىڭ بىلەن روھى چۈشمەي، ئەمدى تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ جاسارەت بىلەن كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇ تۈرمىدىن چىقىپ، تىياتىر ئارتىستلىرى بىلەن كۇچا ناھىيىسىگە ئويۇن قويۇشقا بارماقچى بولغىنىدا، ساقچى ئىدارىسى ئۇنىڭغا «سىزگە ھازىرچە سىرتقا چىقىشقا بولمايدۇ، گېزىتنىڭ ئىشى مۇھىم»، دېگەن باھانە بىلەن ئۇنى قېچىپ كەتمىسۇن دەپ گۇمانلىنىپ، رۇخسەت قىلمايدۇ. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى ئەمدى «تېلېگرامما-ئەپەندى» دېگەن مەخپىي نام بىلەن ئۇنىڭ ئۈستىدىن نازارەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. ئاقسۇ گېزىتخانىسىدا ئىشلەيدىغان ساتقۇن يۈسۈپ قادىر دېگەن كىشى ئۆزىنىڭ ئىشپىيون ئىكەنلىكىنى چاندۇرۇپ قويغانلىقتىن قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلىدۇ. يەنە ھېكىم نۇر، ھامۇت ئەزىزى، ئابلا روزى، ئۆمەر سامى ۋە ئۇلاردىن باشقا ل.مۇتەللىپ بىلەن بىللە سەنئەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ يۈرگەن ئاياللارنىڭ كۆپچىلىكى ل.مۇتەللىپ ئۈستىدىن نازارەت قىلىش ئىشىغا جەلپ قىلىنىدۇ. بۇ ئاياللارنىڭ ئاساسلىقلىرى روزى (روزىنىڭ خەنزۇچە ئىسمى سوفى بولۇپ، ئىمىن خولۇڭ دېگەننىڭ ئايالى)، رەيھان (سۇلتانجان دېگەن كىشىنىڭ ئايالى)، سوپىيە (ل.مۇتەللىپنىڭ ئايالى)، نىساخان دېگەنلەر ئىدى. بۇ ئاياللار ل.مۇتەللىپتىن يېڭى-يېڭى مەلۇماتلارنى ئېلىپ، ئۇلارنى خوجايىنلىرىغا يەتكۈزۈش ئارقىلىق ياخشى سوۋغاتلارنى ئېلىش، ئابرۇي قازىنىش، ياخشى ئىش ئورۇنلىرىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ل.مۇتەللىپ ئۈستىدىن ھەر خىل يوللار بىلەن، ھەتتاكى ئۇنىڭ كىر-قېتىنى يۇيۇپ، تاماقلىرىنى پىشۇرۇپ بېرىش، ئۆي-بىساتلىرىنى تازىلاپ، بوش ۋاقىتلىرىدا ئۇنىڭغا مۇھەببەت ئىزھار قىلىشقا ئوخشاش ھەرىكەتلىرى بىلەن ل.مۇتەللىپكە يېقىنلىشىپ، مەلۇماتلارنى ئېلىپ تۇرۇش مەقسىتىدە بولىدۇ.


ل.مۇتەللىپمۇ سەگەك يىگىت بولغاچقا، ئۇلارنىڭ نىيىتىنى سېزىپ، ئېھتىيات قىلىپ يۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگىنى ھۆرنىسا بولدى (ئۈرۈمچىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار بىرلەشمىسىدە كۆچۈرمە كاتىپ بولۇپ ئىشلەپ پېنسىيىگە چىققان ھاجى ياقۇپ دېگەن كىشىنىڭ ئايالى بولغان. ئۇ ياقنىڭ خەنزۇچە ئىسمى ئەريۇتىڭ ئىدى). ھۆرنىسا ساقچىنىڭ مەخسۇس تاپشۇرۇقى بىلەن ل.مۇتەللىپنىڭ ئايالى سوپىيەنى ئېزىقتۇرۇپ، ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئاپئاق پاختا يېپىلغان مەپە ھارۋىلارغا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش بىلەن ل.مۇتەللىپنىڭ سىرىنى بىلىپ تۇرغان. سوپىيەنى قىممەت باھالىق سوغىلار بىلەن ئالداپ، «ل.مۇتەللىپ نېمە ئىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ، كىملەر بىلەن كۆرۈشۈپ، قانداق گېزىت-ژۇرناللارنى ئوقۇۋاتىدۇ؟» دېگەنگە ئوخشاش ھالەتلەرنى ئېنىقلاپ، ئۇلارنى ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مىڭ دۇڭجاۋغا يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ.


ئىلى ئىنقىلابچىلىرى 1945-يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا، ئاقسۇ كونا شەھەر ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن ۋاقتىدا، بارلىق گومىنداڭچىلار ئالا-توپىلاڭ بولۇپ قېچىشقا باشلايدۇ. شۇ ۋاقىتتا ھۆرنىسامۇ ئاتلىق قېچىپ، ئاقسۇ يېڭى شەھەر سېپىلىنىڭ ئىچىگە كېلىپ: «ئىلى زىۋازىلىرى (ئىلى ئوغرىلىرى دېمەكچى) بېسىپ كېلىۋاتىدۇ»، دەپ ئىنقىلابچىلارنىڭ ھۇجۇم قىلىپ كېلىۋاتقان خەۋىرىنى يەتكۈزىدۇ. گومىنداڭ جاسۇسلىرى دەررۇ ھەرىكەتكە كېلىپ، شەھەر سېپىللىرىنىڭ بارلىق دەرۋازىلىرىنى بېكىتىپ ئۈلگۈرىدۇ. ئاندىن سېپىل ئەتراپىدىكى بىر كىلومېتىرغا يېقىن يەردىكى دەرەخلەرنى كەستۈرۈپ، تۈپ-تۈز ھالەتكە كەلتۈرۈپ، مۇداپىئەگە ئۆتىدۇ. شۇ ۋاقىتتا سېپىلنىڭ ئۈستىگە ھۆرنىسا باشلىق بىر توپ ئايال چىقىپ، ئىلى ئىنقىلابچىلىرىنى مەسخىرىلەيدىغان تېتىقسىز ھەرىكەتلەرنى قىلىدۇ. ل.مۇتەللىپنىڭ ھاياتى بۇ ۋاقىتتا چوڭ خەتەر ئاستىدا ئىدى.


شۇ كۈنلەردە ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچىسى ئۆمەر سامى (خەنزۇچە ئىسمى ۋۇ چىسەن) مۇتەللىپنىڭ ئۈستىدىن ئىلى ئىنقىلابىنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ چوقۇم غەلىبە قازىنىدىغانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن قەتئىي ئىنقىلاب تەرىپىدە تۇرۇپ، ئۇنى ھىمايە قىلىش لازىملىقى، خەلقنى ئۇنىڭغا ماسلىشىشقا دەۋەت قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ماتېرىيال تاپشۇرىدۇ. ساقچى ئىدارىسى ئۆمەر سامىنىڭ بۇ ماتېرىيالىنى دەررۇ سىياسىي باشقارمىغا (جىڭ ۋۇجۇغا) يوللايدۇ ۋە ل.مۇتەللىپنى دەررۇ قولغا ئېلىش لازىملىقىنى تەلەپ قىلىپ، سىياسىي باشقارمىغا مۇراجىئەت قىلىدۇ.


بۇ ۋاقىتتا ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مىڭ دۇڭجاۋنىڭ ئورنىغا ۋۇ شاۋبىڭ كەلگەن ئىدى. بۇ پەيتتە ئۆمەر سامىنىڭ پاش قىلىش ماتېرىيالى بىلەن ل.مۇتەللىپ قۇرغان تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى ھېكىم نۇرنىڭ چېقىمچىلىق ماتېرىيالىمۇ كېلىپ چۈشىدۇ، (ھېكىم نۇر شۆھرەتپەرەس كىشىلەردىن بولۇپ، ئۇ بىرەر قۇلايلىق پۇرسەتنى كۆزلەپ، ل.مۇتەللىپ قۇرغان «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقىغا» كىرىۋالغان ئىدى). ئۇ تەشكىلاتنىڭ سىرىنى پاش قىلىپ، بىرەر يۇقىرى مەنسەپكە ئېرىشىش غەرىزىدە مۇنداق مەزمۇندىكى ماتېرىيالنى تاپشۇرىدۇ: «مەن سىلەرگە پاش قىلىپ بېرىۋاتقان بۇ ماتېرىياللارنى ئۆزۈم ئاپىرىپ بەرسەم، ئەتراپتىكىلەرنىڭ گۇمانى تۇغۇلۇشى مۇمكىن، شۇڭلاشقا سىڭلىم ئارقىلىق ئەۋەتىۋاتىمەن (سىڭلىسى 12 ياشتا ئىدى)، ئۇلار يېقىن ئارىدا ئىلى ئىنقىلابچىلىرى بىلەن بىرلىكتە خەلقنى قوزغاپ، باي، ئاقسۇ قاتارلىق شەھەرلەرنى ئازاد قىلماقچى، شۇڭا تېز ھەرىكەت قىلىپ، ل.مۇتەللىپ باشلىق «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» ئەزالىرىنى قولغا ئالماي بولمايدۇ».


ساقچى ئورۇنلىرى ئۆمەر سامى بىلەن ھېكىم نۇرنىڭ يازغان ماتېرىياللىرىغا ئاساسلىنىپ، 1945-يىلى، ئاۋغۇست ئېيىدا، «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» ئەزالىرىنى قولغا ئېلىشقا باشلايدۇ. ساقچى ئىدارىسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن لۇتپۇللا مۇتەللىپ، مۇنىرىدىن غوجا، يۈسۈپجان ئابدۇللا، داۋۇت ھۆسەنوۋ، ئوسمانجان مۇھەممەت، ئېلاخۇن، مۇسا ئېلى، ئابدۇللا روزى، تەۋەككۈل يۇسۇپوۋ، ئابدۇكېرىم ئايۇپوۋ، ۋاسىلىي، ئىۋان (بۇلارنىڭ فامىلىسى ئېنىقلانمىدى)، قادىر ئېلى، ئىبراھىم ئىدرىس، ئابدۇرېھىم مۇھەممەت، بىلال ئەزىزى، جالالىدىن ئاخۇن، مەۋلانجان، رەھمەت يۈسۈپ، ئوسمان قاسىم، ئوسمان يۈسۈپ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قولغا ئېلىنىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ھېكىم نۇر ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقىغا كېلىپ «مېنىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ماتېرىيال بەرگىنىم ئاشكارىلىنىپ قېلىپ، خەلقنىڭ ئالدىدا «ئىشپىيون» دېگەن ئاتاققا قېلىشنى خالىمايمەن، شۇڭلاشقا مېنىمۇ قوشۇپ قاماققا ئېلىڭلار، ئۇلار مېنىڭدىن گۇمانلىنىپ قالمىسۇن» دەيدۇ. ئۆزىنىڭ تەلىپى بىلەن ئۇنىمۇ قولغا ئالغان بولۇپ، تۈرمىگە سولاپ قويىدۇ، بىراق بۇ سولانغان ئۆي گىلەم ۋە باشقا زىننەتلىك جابدۇقلار بىلەن بېزەندۈرۈلگەن بولۇپ، ئالىي دەرىجىلىك ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن تەمىنلىنىدۇ. ئاقسۇدا ۋەزىيەت بىر ئاز قېلىپلاشقاندىن كېيىن، ئۇ تۈرمىدىن بوشىتىلىپ، ساقچى ئىدارىسىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.


ل.مۇتەللىپ ئايرىم كامېرىغا سولانغان. تۈرمىنىڭ ئۆگزىسىگە قويۇلغان ساقچىنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ئۇ ئۆزىنى ناھايىتى كۆتۈرەڭگۈ روھتا تۇتۇپ، «غېرىب — سەنەم»، «تاھىر — زۆھرە» درامىلىرىدىكى بەزى تەسىرلىك ناخشىلارنى، شۇنداقلا «تەنلىرىم ياپراق» ناخشىسىنى كۆپرەك ئېيتىپ، ئۆز كۆڭلىنى سەگىتىش بىلەن قوشنا كامېرىدىكى سەپداشلىرىنىڭ روھىنى كۆتىرەتتىكەن. ئۇ ناخشا ئېيتىۋاتقاندا، ئىشىك ئالدىغا قويۇلغان ساقچىلار قولىدىكى مىلتىقلىرىنىڭ پاينىكى بىلەن ئىشىك، تاملارنى ئۇرۇپ، ناخشا ئېيتىشىنى چەكلىسىمۇ، ئۇنىڭغا پىسەنت قىلماستىن، ناخشىسىنى داۋاملاشتۇرۇۋېرەتتىكەن.


1945-يىلى سېنتەبىر ئېيىدا ئىلى پارتىزانلىرى ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلىدۇ. شەھەر خەۋپ ئاستىدا قالغانلىقتىن، گومىنداڭچىلار تۈرمىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلايدۇ. 12-سېنتەبىر كۈنى گۇگۇم چۈشكەندە، ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ شاۋبىڭ بۆلۈم باشلىقلىرىنى يىغىپ، «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» تەشكىلاتىدىكى بەش كىشىگە ۋە ئۇلارغا مۇناسىۋىتى بار دەپ ئېيتىلغان ئابلا داۋۇت، ئابدۇللا روزى، ئەخمەت يۈسۈپ، ئوسمان مۇھەممەت، ئارىپوۋ، تەۋەككۈل ئۇلۇغوۋ، ئىبراھىم ئىدرىسوۋ، مەۋلانجان، ھاپىز داموللام، مۇسا ئېلى قاتارلىق كىشىلەرگە سىياسىي باشقارمىدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىش بۇيرۇقى كەلگەنلىكىنى جاكارلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن تۈرمە جاللاتلىرى ئىشقا كىرىشىپ، ئەڭ ئالدى بىلەن، يۈسۈپجاننىڭ ئىسمى ئوقۇلۇپ، گۇندىپايلار ئۇنى سىرتقا سۆرەپ چىقىدۇ. ساقچى باشلىقى ۋۇ شاۋبىڭ يۈسۈپجاننىڭ ئالدىغا كېلىپ: «ھازىر ساڭا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ» دەيدۇ. ئاندىن ساقچى باشلىقى يۈسۈپجاننىڭ ئاغزىغا پاختا تىقىپ كەپلەپ قويۇشنى بۇيرۇيدۇ، بىراق يۈسۈپجان قارشىلىق كۆرسىتىدۇ، گۇندىپايلار يۈسۈپجاننى ئۇرۇپ ھوشسىزلاندۇرۇپ، ئاغزىغا پاختا تىقىپ، كەپلەپ قويىدۇ. ئاندىن ئالدىنئالا تەييارلاپ قويغان ئۆرەكنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ، قىلىچ بىلەن چاپىدۇ، ئەتراپقا قىپ-قىزىل قان چاچراپ، ئۇنىڭ تېنى پارچىلىنىپ ئۆرەككە تاشلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن باشقىلارمۇ شۇ تەرىقىدە چېپىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. بۇ دەل ئىلى ئارمىيىسىنىڭ ئاقسۇنى قورشاۋغا ئالغىنىنىڭ ئىككىنچى كۈنى ئىدى.


ئەتىسى ئاقسۇدىكى گومىنداڭ قوشۇنىنىڭ قوماندانى جاۋ خەنجى ساقچى ئىدارىسىگە كېلىپ، ۋۇ شاۋبىڭ بىلەن بىللە 20دەك ئاتارمەن-چاپارمەننى باشلاپ يەنە تۈرمىگە بارىدۇ. تۈرمە گۇندىپايلاردىن بىر قانچىسى ل.مۇتەللىپنى ئېلىپ چىقىدۇ. بۇ ۋاقىتتا شائىرنىڭ چىرايىدىن چەكسىز غەزەپ ئوتى، ئۆچمەنلىك چاقناپ تۇراتتى. شۇ ئارىدا بىلال ئەزىزى، ئىۋان، ۋاسىلىي، ئاباسوۋنى ئېلىپ چىقىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئالدىنئالا كولاپ، تەييارلىنىپ قويۇلغان ئورەك ئالدىدا تىزلاندۇرىدۇ، جاۋ خەنجى ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ: «ھازىر سىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ» دەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا ل.مۇتەللىپ كەسكىن ئۆچمەنلىك قىياپەتتە تۇرۇپ: «قولۇڭدىن كەلگىنىنى قىل! مېنى ئۆلتۈرگىنىڭ بىلەن مېنىڭ ئىزىمدىن مىڭلاپ، مىليونلاپ مۇتەللىپ چىقىدۇ! — دەيدۇ-دە ئاسمانغا قاراپ. — ھەي قۇياش، سەن پۈتۈن دۇنيانى يورۇتۇۋاتىسەن، ئەجەبكى، مېنىڭ يۈرىكىمنى بۈگۈن يورۇتالمىدىڭ؟! مەيلى، مەن بۈگۈن ئۆلگىنىم بىلەن مېنىڭ روھۇم ھېچ قاچان ئۆلمەيدۇ»، دەپ ئېيتىدۇ.


شۇ ۋاقىتتا جاۋخەنجى ئۆزىنىڭ يېنىدا تۇرغان تەرجىمانى ياسىن ئەزىزگە قاراپ: «مۇتەللىپ نېمە دەيدۇ؟» دەپ سورايدۇ.


ياسىن ئەزىزى مۇتەللىپنىڭ يۇقىرىدا ئېيتقان سۆزلىرىنى تەرجىمە قىلىپ بېرىدۇ. جاۋ خەنجى مۇتەللىپنى ئۆزىنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ: «سەن تېخى ياش، تالانتلىق يازغۇچىسەن، سېنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە ئىشلەيدىغان ۋاقتىڭ ئالدىڭدا، ئەمدى ئۆز نىيىتىڭدىن قايت! ئەگەر سەن ھازىر بولسىمۇ توۋا قىلساڭ، كەچۈرۈم قىلىمىز»، دەيدۇ. بىراق مۇتەللىپ غەزەپلىك چىرايى بىلەن ھۈرپىيىپ تۇرۇپ: «گومىنداڭچى جانابلىرى، بىلىپ قويۇڭلاركى، يەر بىزنىڭ، ۋەتەن بىزنىڭ، خەلق بىزنىڭ. مۇقەددەس ۋەتىنىمىزنى سەنلەرنىڭ ئىختىيارىچە دەپسەندە قىلىشىڭلارغا يول قويۇلمايدۇ، سەنلەر يوقالمىغۇچە، بىز بىر سائەتمۇ كۈرىشىمىزنى توختاتمايمىز. بىز ئەركىنلىكىمىزنى قولغا ئېلىش ئۈچۈن ھامان كۈرەش قىلىمىز. بۇ كۈرەش ھېچ قاچان توختاپ قالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز مۇشۇ كىشىلەر بىلەن كۈرەشكە ئاتلانغان، ئەمدى ئاتامسەن، چاپامسەن، قولۇڭدىن كەلگىنىنى قىل» دەيدۇ.


جاۋ خەنجى ئاخىرقى قېتىم مۇتەللىپنى يۇمشاق سۆزلەر بىلەن ئىرادىسىنى بوشاتماقچى بولۇۋېدى، ئويلىمىغان يەردىن مۇتەللىپنىڭ سۆزلىرى يۈرىكىگە ئوقتەك سانچىلىدۇ. غەزەپتىن ھودۇققان جاۋ خەنجى يېنىدىكى قۇرالىنى قانداق سۇغىرىپ ئالغىنىنى سەزمەي قالسا كېرەك ئەتىمالىم، مۇتەللىپكە قارىتىپ ئارقا-ئارقىدىن نەچچە پاي ئوق ئاتىدۇ. بۇنىڭغا ئۇلاپلا تارسىلدىتىپ ئېتىش باشلىنىدۇ. ئىنقىلابچى ياشلارنىڭ بەزىلىرى بىر پاي ئوقتا، بەزىلىرى بىر نەچچە پاي ئوقتا يىقىلىپ، ئۆرەككە دۈكۈرلەپ چۈشىدۇ.


ل.مۇتەللىپ تۈرمىدە ياتقان چېغىدا ئۆزىنىڭ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلىپ، قان بىلەن تۈرمىنىڭ تېمىغا مۇنداق ئىككى مىسرا شېئىرنى يېزىپ قالدۇرغان ئىكەن:


بۇ كەڭ زېمىن مەن ئۈچۈن بولدى دەۋزەخ،


ياش گۈلۈمنى غازاڭ قىلدى قارا ئەبلەخ.


ل.مۇتەللىپ بارى-يوقى 23 بىل ياشىدى، بىراق، مەنىلىك ھايات كەچۈردى. ئۇ ئۆز ئۆمرىدە داۋاملىق ئۆگەندى ھەم داۋاملىق ئىجات قىلدى، ئۆز خەلقىنىڭ مۇستەقىللىقى، ئازادلىقى، ئەركىنلىكى يولىدا ھاياتىنى تەقدىم قىلدى. ل.مۇتەللىپنىڭ ئەركىنلىك، مۇستەقىللىق ئىدىيىسى گومىنداڭچىلارغا ياقمايدىغانلىقى ئېنىق. كېيىنكى كۈنلەردە شائىرنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەبچى بولغان ھېكىم نۇر بىلەن ئۆمەر سامىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ، لېكىن ھۆرنىسا، جاۋ خەنجى، ئەيسا يۈسۈپ، ئابلا ئوسمان، زومىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئايالى زۆھرە قاتارلىق ساتقۇن، جاسۇسلار ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. بۇ تارىخىي ساۋاقنى ئۇيغۇر خەلقى ھېچ قاچان ئەستىن چىقارمايدۇ.



مەنبە: http://kazgazeta.kz


uyghura يوللانغان ۋاقتى 2012-3-2 13:59:39

مەن نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئاقسۇ شەھىرىگە بارغان ۋاقتىمدا شائىرنىڭ باشقىچە ئۇسۇلدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم .

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-2 14:05:39

تالانىت ئىگىسى،23ياشلىق بالنىڭ بۇنداق ئۇنۋىرسال ئىقتىدارلىق يازغۇچىلىقىغا ئىنىقىلابى قول يويماي تۇرالمايمەن،ئەگەر يەنە بىرنەچچە يىل ئارتۇق ياشىغان بولسىۇ، يەنە 10يىل ئارتۇق ياشىغان بولسىچۇ،قانچىلىغان ئۆلمەس ئەسەرلەرنى بىز قالدۇرغان بۇلاتتى،   

بۇنىڭىدىن كىيىن ھەرانداق بىر مىللەتىن بۇنداق بىر تالانىت ئىگىسىنىڭ چىقىشىغا ناتايىن،

carbon يوللانغان ۋاقتى 2012-3-2 14:16:59

1- قەۋەتتىكى uyghuraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئاقسۇ شەھىرىگە بارغان ۋاقتىمدا شائىرنىڭ باشقىچە ئۇسۇلدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم .



مۇشۇنداق ئۆلتۈرۈلگەن . ئاڭلىۋالغىنىڭىزنىڭ ھەممىسى كوچا پاراڭلىرى.

sudannaz يوللانغان ۋاقتى 2012-3-2 14:20:51

تولۇق ئوتتۇرىغايېڭىچىققاندا   سىنىپىمىزدابىرقىزبولىدىغان،بىرقانچەئوغۇل   ساۋاقدىشىمىزكەچكىچەئۇقىزنى ،خائىننىڭنەۋرىسىدەپئارامبەرمەيىتتى .نەدەكۆرسە   شۇيەردەدەيىتتى .بۇنىڭغاچىدىمىغانقىزتولۇقئىككىنچىيىللىققاچىققاندا مەكتەپكەكەلمىدى ،ئاڭلىساقئوقۇمايدىغان بوپتۇ .

ساۋاقلداشلىرىمدىن ئاڭلىسام ،ئەسلىدەبۇ قىزنىڭئاپىسىنىڭ ئاتىسىشۇزامانلاردالۇتپۇللامۇتەللىپ   بىلەنبىللەپائالىيەتقىلىدىغانلاردىنكەن ،لۇتپۇللامۇتەللىپ   تۈرمىگە تاشلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ،بۇئادەم   ئىسمىنى ئۆزگەرتىپبىزنىڭناھىيىگەكېلىۋاپتۇ. يۇرتىمىزدىكىكىشلەر بۇكىشىنى   لۇتپۇللا مۇتەللىپنىتۇتۇپبەرگەن خائىندەپقارايدىكەن .

bariber يوللانغان ۋاقتى 2012-3-2 14:23:15

。شۇ كۈنلەردە ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچىسى ئۆمەر سامى (خەنزۇچە ئىسمى ۋۇ چىسەن) مۇتەللىپنىڭ ئۈستىدىن ئىلى ئىنقىلابىنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ چوقۇم غەلىبە قازىنىدىغانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن قەتئىي ئىنقىلاب تەرىپىدە تۇرۇپ، ئۇنى ھىمايە قىلىش لازىملىقى، خەلقنى ئۇنىڭغا ماسلىشىشقا دەۋەت قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ماتېرىيال تاپشۇرىدۇ. ساقچى ئىدارىسى ئۆمەر سامىنىڭ بۇ ماتېرىيالىنى دەررۇ سىياسىي باشقارمىغا (جىڭ ۋۇجۇغا) يوللايدۇ ۋە ل.مۇتەللىپنى دەررۇ قولغا ئېلىش لازىملىقىنى تەلەپ قىلىپ، سىياسىي باشقارمىغا مۇراجىئەت قىلىدۇ。。خەلقنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن دادىل كۈرەشكە چىققان ل.مۇتەللىپ ئۆزىنىڭ ئىنقىلابىي پروگراممىسىنى ئىلى ئىنقىلابچىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۇلار بىلەن ئالاقە باغلاپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ خەلق ئاممىسى ۋە ياشلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشىدۇ. مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇ «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» ناملىق تەشكىلات قۇرىدۇ. تەشكىلاتنىڭ مەقسىتى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا ماسلىشىپ، دېخانلارنى قوراللىق قوزغىلاڭغا قوزغاشتىن ئىبارەت ئىدى. بۇ ھەرىكەتلەر ئاقسۇ ساقچى ئىدارىسىنى ۋەھىمىگە سالغانلىقتىن، 1944-يىلنىڭ ماي ئايلىرىدا ل.مۇتەللىپنى قولغا ئېلىپ، بىر ھەپتە سولاقتا تۇتۇپ، ئۇنىڭ يۈرىكىنى بىر ئاز مۇجۇغاندەك قىلىپ، ئاندىن چىقىرىۋېتىدۇ,بۇ يەرلەرنى ئوقۇپ چۈشۈنەلمەي قالدىم.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-3-2 14:29:30

مەن مۇشۇ يېقىندا چىققان داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ شېئىر توپلاملىرىدىن بىر يۈرۈش سېتىۋالغان، شۇ قاتاردا لوتپۇللانىڭمۇ بار ئىدى، ئوقۇپ چىقسام، ئۇياقنىڭ شېئىرلىرىدىن ئۆلتۈرۈلۈشكە لايىق مىسرالارنى ئۇچىراتمىدىم، قارىسام ساپلا گومىنداڭنىڭ سىياسەتلىرىنى ماختايدىغانلار شىئېركەنتۇق بولمىسا، يا مەن خاتا چۈشىنىۋالدىممۇ، يا مەن سېتىۋالغان كىتابلاردا مەسىلە بارمۇ بىلمىدىم، لوتپۇللا تۇرۇپلا كاللامدا ئاددىيلا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالدى.

زادى قايسى شېئىرلىرى بىلەن ئىنقىلابچى ھېسابلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن بولغىيدى؟

function يوللانغان ۋاقتى 2012-3-2 14:41:38

ئىنقىلابى شېئىرلىرىنى باسمىغان چېغى، بۇ خۇددىي بۇرۇنقى پارتىزانلىق، ئىنقىلاپ، ئۇرۇش تەسىرلىنىدىغان كىنو-تىياتىرلارنىڭ ئورنىغا ھازىر كورىيە بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تۇرمۇش تەسۋىرلەنگەن ئايىغى چىقماس كۆپ قىسىملىق تېلېۋېزىيە تىياتىرلىرىنى توختىماي بەرگەندەك ئىش. ئازاد-تېنچ زاماندا تېنچلىقنى كۈيلەيمىز ئەمەسمۇ.

birhon يوللانغان ۋاقتى 2012-3-2 14:44:49

مېنىڭچە بۇ ماقالە نەسىردەك يېزىلىپ قاپتۇ.

pantekin يوللانغان ۋاقتى 2012-3-2 15:18:50

نۇرغۇن مۇناپىقلار ھايات قاپتۇ ،،،بۇ مۇناپىقلارنىڭ بالىۋاقىسى ئاتا-ئانىلىرىنىڭ يولىنى تۇتۇپ ماڭغانمىدۇ ...

alif يوللانغان ۋاقتى 2012-3-2 15:33:23

تۇرسۇن ئەرشىدىن يازغان «لۇتپۇللا مۇتەللىپ» نى ئوقۇسىڭىز، لۇتوننىڭ باش قاتلى دەل ھېكىم نۇر ئىكەنلىنى بىلىسز.

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-2 18:14:30

مۇنافىقلار مەڭگۈ دوزاقتا قالىدۇ ،تىما ئىگسىنىڭ خەۋەردار قىلغىنغا تەشەككۈر.

oghuzkb يوللانغان ۋاقتى 2012-3-2 19:36:21

ئىزدىنىشنى كۆرۈپ تۇرىدىغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تارىخنى چىنلىققا يىقىن مەۋقەدە بىلىدىغىنىغا ئىشىنىمەن، ھىسابتا بۇ مىنىڭ ھەم ئۈزەمگە بولغان تەسسەللىرىم. ل. مۇتەللىپنى ئاقچى-كۆكچى دەيدىغان بىر ئىنكاسمۇ كىشىنى سۈكۈت قىلىشتىن بىدار قىلىدىكەن



گەپنى مۇنداق باشلايلى:

مەدرىسلەر چىقىلدى، ئاتا-بوۋىلىرىمىز قۇرغان شەھەرلەر بۇزۇلدى ۋە ياكى خۇددى ئىمىن ۋاڭ مۇنارىنىڭ يىنىغا يانداش قىلىپ يىڭى سىلىنغان كۆلىمى ئىمىن ۋاڭ مۇنارى جايىدىنمۇ چوڭ بولغان يات ئۇسلۇبتىكى بىنالار، ۋە ياكى ئۇدۇل كەلگەن بىر تارىخى جايغا تىكلەنگەن مۇرەككەپ يىزىقلاردا يىزىلغان مۇرەككەپ بايانلار ئويۇلغان ئابىدىلەر. ئەمدى بولسا، بىز قەھىرمان دەپ قارىغان كىشىلەرنىڭ تەرجىمھاللىرىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى، ئەسەرلىرىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى. ھەتتا مەكتەپتىكى مۇئەللىملەرنىڭمۇ \"ل. مۇتەللىپ ئۇ قەھىرمان ئەمەس، ئەسلى بىر *** پاچاق\" دىيىشلىرى، ئەمدى بولسا \"ۋاي ئۇ ئادەممۇ چاغلىق بىر ئادەمكەنغۇ\" دىگەندەك سۆزلەر. دىمەك بىر كۈنلەردە خارابىلەرلا ئەمەس، قەھىرمانلىرىمىزمۇ تۈگىسە كېرەك. خۇددى ياپونلار ئەينى زاماندا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە يولغا قويغان سىياسەتتەك، ئىپتىخارلىق يوقالغان، باشقىلارغا كۈچۈكلىنىدىغان كىشىلەر توپىنىڭ بارلىققا كىلىشى. ...



ل. مۇتەللىپ ئاددى بىر مىسال ئەسلى، ئەخمەتجان قاسىمى ھەققىدىمۇ ھەر گەپلەرنى ئاڭلايمىز. نىمىشقا ئاڭلىۋالغان، ياكى مەلۇم بىر كىتابتا كۆرگەن نەرسىلىرىمىزگە ئاساسلىنىپ قارار چىقىرىمىز، نىمىشقا بىر گۇمانىي تۇرغۇدا ئوقۇشنى بىلمەيمىز. ھازىر جاھان ئۆزگەردىغۇ، مانا ئىنتېرنىتتىن پايدىلنىپلا ئازىراق ئىزدەنسەك، ھەم شۇ ئىزدەنگەن بىلىمگە خۇدايىم بەرگەن كاللىنى ئازىراق ئىشلەتسەكلا ھەققىقەت غۇۋا بولسىمۇ ئۆزىنى ئاشكارا قىلىدۇغۇ.



مەمتىلى تەۋپىق، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئەخمەتجان قاسىمى، لۇتپۇللا مۇتەللىپلەر ياشىغان قايسى دەۋىر؟ ئۇ دەۋىردە ھازىرقىدەك سىمسىز تىلىفونلار يوق ئىدى، كىشىلەر خەۋەرلەرنى ھىچقاچان ئۆز ۋاقتىدا بىلەلمەيتتى. تارىخىمىز توغۇرلۇق يىزىلغان كىتابلار شۇنداق ئاز ئىدى، بولغان تەقدىردىمۇ ئاۋام خەلىقتىن كۆپ ئۇزاق ئىدى. مۇشۇنداق شارائىتتىكى ھاياتنى بىر دەم ئولتۇرۇپ تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى. ھازىر بىرەر ئىش بولسا كۈنگە قالماي پۈتۈن دۇنيا بىلىدۇ، شۇ چاغدا ل.مۇتەللىپنى تۈرمىگە سولىسا قانچىلىك ئادەم بىلىدۇ، چاناپ ئۆلتۈرسە يەنە قانچىلىك ئادەم بىلىدۇ؟ ئۆزىنىڭ نام-نىشانسىزلا ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىدەك خەتەرنى ئۇلار بىلمەسمۇ؟ئۇلار دۇچ كەلگەن تىرورلۇق، خەتەر، ھەم خەلىقنىڭ شۇ چاغدىكى نادانلىقىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى بىلىگەن ئەقىل... .... تالانتىنى ئەمەلدار بولۇشقا ياكى پۇل تىپىشقا ئىشلەتمەي ئاقارتىش يولىنى تاللىغانلىقى، بىر گىزىتىنى توختاتسا، يەنە بىر گىزىتنى نەشىر قىلىشلىرى نىمىدىن؟ بىز تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز. ئەمدى قوپۇپ خىجىل بولماستىن تۈزۈك ئىزدەنمەيلا ئۇلارغا باھا بىرىپ ئولتۇرىشىمىز بار.



ئۆزەمنى بەزىدە ئەخمەتجان قاسىمى ئورنىغا قويۇپ ئويلاپ باقىمەن: جاھالەتتىن ئەمدىلا ئويغىنىۋاتقان بىر قەۋىم ئىچىدە تۇغۇلدى، كىيىن ئوقۇش باھانىسىدا تاشكەنىتكە بىرىپ ئوقۇدى، كىيىن لىنىنگرادنى زىيارەت قىلدى. شۇ چاغدا سوۋىتلەر دۇنيادىكى ئەڭ كۈچۈك بىر كۈچ دىسەك ھەرگىز خاتا كەتمەيدۇ. ئۆز ۋەتىنى بىلەن سوۋىتتىكى شۇ ئاسمان زىمىن پەرىقلەرنى كۆرگەن ئەخمەتجان قاسىمى قانداق ئويلايدىغاندۇ؟ تەبئىكى بىزمۇ ئەشۇ خەقلەردەك تەرەققى قىلساق دىگەندۇ، كوممۇنىزىم راستىنلا توغرا يولكەن دىگەندۇ... بەلكى ئۇلار ئۈچۈن ئىشلىمىسىمۇ شۇنداق بىر كۈچلۈك دۆلەتكە بىقىنىشنى توغرا تاپقاندۇ. مانا مۇنۇ ئاستىدا بىرىلگەن بەتتىكى كىلىشىمىنىڭ 17-تارمىقىدا نىمىلەر دىيىلىپتۇ ئوقۇپ بىقىڭلار. ھىس قىلىشىمچە بۇ كىلىشىممۇ شۇ ئەخمەت ئەپەندىلەرنىڭ ئېلتىماسى بىلەن بولغان. نۇرغۇن مەنبەلەرنى ۋاراقلىساق، ئۇ كىشىنىڭمۇ بىر خىل ئۆز خەلقىگە ئادىللىق ئىزدىگىنىنى ھىس قىلىمىز، مەيلى موللا بولسۇن، مەيلى كوممۇنىزىمچى بولسۇن، مەيلى پانتۈركست بولسۇن، نىشانى بىر ئىدى مەلۇم نۇقتىدا...

http://zh.wikisource.org/wiki/User:Arilang1234/Draft/%E4%B8%AD%E8%98%87%E5%8F%8B%E5%A5%BD%E5%90%8C%E7%9B%9F%E7%89%B9%E5%88%A5%E5%8D%94%E5%AE%9A



ئاخىرىدا، ھەققى بىر لۇتپۇللاشۇناس تۇرسۇن ئەرشىدىن ئەپەندى نەشىر قىلغان رەسىملىك كىتابتىكى بىر نەچچە رەسىمنى كۆرسىتىمەن. قاراڭ، لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ تۈرمىدىن بىرىنچى قىتىم چىققاندىن كىيىن چۈشكەن سۈرىتىگە، بىر نەرسىلەرنى ھىس قىلدىڭىزمۇ؟ شۇ رەسىم 23 ياشلىق بىر ياشنىڭ رەسىمگە ئوخشامدۇ؟ بىر كىشىنىڭ چىرايى نىمە سەۋەبتىن شۇنداق تىز ئۆزگىرىدۇ؟ تۈرمىدە لەغمەن يەپما؟


\"\"



تۇرسۇن ئەرشىدىن ئاكىمىز ھىلىمۇ شۇنداق ئىزدىنىپتىكەن، بولمىغاندا بۇ قەھىرمانىمىز يەنە قانداق تىللارغا قالار بولغىيدى. راست، يەنە شۇ كىتابنىڭ ئىزاھاتىدا ل.مۇتەللىپ باشلىق قەھىرمانلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەندىن كىيىن جەسەتلىرىنىڭ توغرىلىپ چوشقا ئىغىلىنىڭ ئاستىغا كۆمۈۋىتىلگەنلىكى، كىيىن كىشىلەرنىڭ شۇ ئىغىلنىڭ ئىگىسى ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ مەجبۇرلىشى ئارقىلىق قەھىرمانلارنىڭ جەسەتلىرى سىسىق چوشقا قوتۇنىنى 2 مىتىر كولىغاندىن كىيىن پۈتۈنلەي تونۇشۇسىز بولغان، پۈتۈنلەي ئارلاشتۇرۋىتىلگەن جەسەت پارچىلىرى ئارىسىدىن قىزىپ چىققانلىقنى، كىشىلەرنىڭ شۇ پارچىلارنىلا يەرلىككە قويغانلىقى قەيىت قىلىنىدۇ. ئۈستىدىكى پارچىدا ئۇلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەندىن كىيىن قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى سۆزلەنمەي سىلىقلا ئاخىرلاشتۇرۇپتۇ. ئۇ رەسىملىك كىتابتا يەنە ل. مۇتەللىپ ئەسەرلىرىنىڭ كىيىن قانچىلىك دەرىجىدە ئۆزگەرتىلگەنلىكى بىرمۇ بىر مىسال بىلەن ئىلىنغان. قىزىققۇچىلار بولسا شۇ كىتابنى ئىزدەپ تىپىپ، بۇ قەھىرمانىمىزنى قايتىدىن بىر تونىۋىلىشىنى تېلەيمەن.ئاللاھ كۆزۈڭلارنى روشەن قىلسۇن!





تۆۋەندىكى ئادرىستا شۇ كىتابتىكى بەزى رەسىملەر بىرىلىپتۇ، لىكىن ئەڭ مۇھىمى شۇ كىتابتىكى ھەر بىر رەسىمنىڭ ئىزاھاتى!



http://makanim.cn/read.php?tid-19410-ordertype-asc-displayMode-1.html



رەسىمنىڭ ئىنىق نۇسخىسى


http://www.uni-ulm.de/~bkuerban/yazmilar/tewsiyelik_eserler/l.mutellip.jpg




kosan يوللانغان ۋاقتى 2012-3-2 20:21:36

بەكمۇ ئېچىنىشلىق! بەكمۇ ئېچىنىشلىق...!!!

kosan يوللانغان ۋاقتى 2012-3-2 20:21:50

بەكمۇ ئېچىنىشلىق! بەكمۇ ئېچىنىشلىق...!!!

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2012-3-2 23:21:38


6- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن مۇشۇ يېقىندا چىققان داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ شېئىر توپلاملىرىدىن بىر يۈرۈش سېتىۋالغان، شۇ قاتاردا لوتپۇللانىڭمۇ بار ئىدى، ئوقۇپ چىقسام، ئۇياقنىڭ شېئىرلىرىدىن ئۆلتۈرۈلۈشكە لايىق مىسرالارنى ئۇچىراتمىدىم، قارىسام ساپلا گومىنداڭنىڭ سىياسەتلىرىنى ماختايدىغانلار شىئېركەنتۇق بولمىسا، يا مەن خاتا چۈشىنىۋالدىممۇ، يا مەن سېتىۋالغان كىتابلاردا مەسىلە بارمۇ بىلمىدىم، لوتپۇللا تۇرۇپلا كاللامدا ئاددىيلا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالدى.

زادى قايسى شېئىرلىرى بىلەن ئىنقىلابچى ھېسابلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن بولغىيدى؟



لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش سەۋەبى يازغان شېئىرلىرى ئۈچۈن ئەمەس. گومىنداڭ ھەرقانچە بىر قانخور ھاكىمىيەت بولسىمۇ يازغان شېئىرى ئۈچۈن ئادەم ئۆلتۈرگىدەك دەرىجىگە بارمىغان.


لۇتپۇللا مۇتەللىپ \"..... ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى\" ناملىق تەشكىلاتنى قۇرۇپ ھاكىمىيەتكە قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان. ئۆلتۈرۈلگەن مەزگىللەردەمىللىي ئارمىيەنىڭ جەنۇبىي يۆنىلىش قىسىملىرى ئاقسۇغا جىددىي ھۇجۇم قىلىپ شەھەر قولدىن كېتىش ئېھتىماللىقى بولغانلىقى ئۈچۈن، گومىنداڭ ھەربىي-ساقچىلىرى \"ئەنئەنىسى\" بويىچە تۈرمىدىكىلەرنى ئاۋۋال ئۆلتۈرگەن.خۇددىي 1937-يىلى مەمتىلى ئەپەندى باشچىلىقىدىكى 300 كىشىنى تۈرمىگە ئوت قويۇپ كۆيدۈرىۋەتكەندەكلا ئىش.




niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2012-3-2 23:26:21

لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاۋۇ ئىشپىيون ئاياللارنىڭ رەسۋالىقىغا گەپ توغرا كەلمەيدۇ. ھورنىسا دېگەننىڭ لەقىمى «كالاچ» تىكەن. بۇلار ئۇرۇش ۋاقتىدا سېپىلنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرىنى ئاغزىنى دەھشەت بۇزۇپ، سەت قىلىقلارنى قىلىپ تىللايتتىكەن. يەنە جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ سېپىلدىن ئېسىلىپ چۈشۈپ، ئىرادىسى ئاجىزراق جەڭچىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ئاخبارات توپلاپتىكەن. قىلغان قىلىقلىرى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە.

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2012-3-3 01:28:12

ئوغۇز بۇرادىرىمىزنىڭ يازغان ئىنكاسلىرى ئورۇنلۇق.

مەن ئىنتايىن كىچىك ۋاقتىمدىن باشلاپ، ل. مۇتەللىپ ئىسمى بىلەن ۋە ئۇنىڭ شېئىرلىرى بىلەن تونۇشۇپتىكەنمەن. مېنىڭ بىر تاغام ئۆيدە دائىم، تاشكەنتنىڭ ئۇيغۇرچە رادىئوسىنى ئاڭلايتتى ۋە شۇ رادىئودىن ل.مۇتەللىپنىڭ شىئىرلىرىنى ۋە ئۇنىڭ شىئېرلىرىنى ناخشا قىلىپ ئابدۇرېھىم ئەخمىدىنىڭ ئېيتقان ناخشىلىرىنى بېرەتتى. تېخى مەكتەپكە كىرمىگەن ۋاقتىمدىن باشلاپ، ئۇنىڭ مىسرالىرى قۇلىقىمغا سىڭىپ كەتكەن بولغاچقىمىكىن، كىيىن چوڭ بولغاندىمۇ ئۇ توغرىلىق يېزىلغان كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ، سېتىۋېلىپ، يىغىپ قويغانتىم. كىچىك ۋاقىتلىرىمدا تولۇق ھېس قىلالمىغان نەرسىلەرنى كىيىن بارغانسېرى ھېس قىلىدىغان بولغان ئىدىم. ئۇ چاغلاردا 23 خېلى چوڭ ياشتەك بىلىنەتتى. 23 ياشتىن ئۆتكەندىن كىيىن دىققەت قىلدىمكى، مەن بىلەن «ئۇ»نىڭ ئارىسىدىكى پەرق ئىنتايىن چوڭ ئىكەن. سۈرەتكە قارىساق، ئۇنىڭ تارتقان جاپالىرىنىڭ ئۇنى 23 ئەمەس، 43 ياش قىلىپ قويغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. مەيلى ئۇنى چۈشىنىڭ ياكى چۈشەنمەڭ، ئۇ توغرىلىق قالايمىقان پەرەزلەردە بولماڭ، بولۇپمۇ باشقىلارغا ئاساسىڭىز بولمىغان ئاڭلاندى گەپلەرنى قىلماڭ.

چۈنكى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ پەللىسى ئەلشىر نەۋائى بولغان بولسا، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ پەللىسى ل. مۇتەللىپتۇر. ھازىرغا كەلگۈچە، ل. مۇتەللىپچىلىك شېئىر، فىليەتون يازالىغان بىرەرسى تېخى چىقىپ باقمىدى. (ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شېئىرلىرىنى ياخشى كۆرىمەن، لېكىن ل. مۇتەللىپنىڭ شېئىرلىرىنى ئۇنىڭكىدىن ئۈستۈن كۆرىمەن. بۇ مېنىڭ شەخسى باھايىم) ئۇنىڭ پەقەت ئىسمىنى ئاڭلاپ باققان رومانى تولۇق يېزىلىپ چىققان بولسا ۋە كۈنىمىزگە يېتىپ كېلەلىگەن بولسا، ئۇنىڭ تالانتىنى تېخىمۇ ھېس قىلالىغان بولاتتۇق.



يۇقىرىدىكى تېمىدا، گومىنداڭ ئەمەلدارىنىڭ دېگەن سۆزى تىلغا ئېلىنىپتۇ. «سەن ياشىساڭ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىش قىلىپ بېرەلەيسەن، تېخىمۇ كۆپ شېئىرلارنى يېزىپ بېرەلەيسەن.» دەپ. لېكىن مەيلى ل. مۇتەللىپ بولسۇن، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بولسۇن، ياكى مەمتىلى ئەپەندىلەر بولسۇن، ياشاشقا قارىغاندا، ئۆزىنىڭ يولىدا چىڭ تۇرۇپ ئۆلۈمنى ئەۋزەل كۆردى. ل.مۇتەللىپ بىلەن بىر دەۋردە ياشاپ، ئۇنىڭ بىلەن ساۋاقداش ۋە دوست بولۇپ ئۆتۈپ، ئۇنىڭ ماڭغان يولىدا ماڭماي، يېقىنغىچە ياشىغان شائىرلىرىمىزمۇ بولغان. ئەپسۇس، ئۇلار ياشىغىنى بىلەن ل. مۇتەللىپنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن بىرەر كوبلىت شېئىرىچىلىك ئەھمىيىتىنى ھېس قىلدۇرالمىدى. بىز ل. مۇتەللىپ بولالمايمىز، ھەم بۇندىن كىيىنمۇ باشقا بىر ل. مۇتەللىپ چىقمايدۇ. بۇ بىر ھەقىقەت، قانچىلىك ئاچچىق بولسىمۇ. شۇڭا ئۇ توغرىلىق ئىنىقسىز مەلۇماتلاردىن ئاڭلىۋالغان نەرسىلىرىمىزىنى كوچىدا سۆزلەپ يۈرمەي، ئۇنىڭ قەدرىنى ۋە قىممىتىنى قىلايلى.

------------------------

مېنىڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغان شېئىرىم ئاپتورنىڭ «خىيالچان تىلەك» شېئىرى. (ماڭا نىسبەتەن) ھازىر بۇنچىلىك بىر شېئىر يېزىلىپ باقمىدى. بۇ شېئىرنىڭ قانداق بىر تارىخى شارائىتتا، قانداق بىر ئىدىيەنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ تۇرۇپ يېزىلغانلىقىغا قىزىقساڭلار، زوردۇن سابىر قەلىمى بىلەن يېزىلغان گېگانت ئەسەر «ئانا يۇرت»نىڭ ئىككىنچى تومىدىكى ۋەقەلىكلەردىن، غۇلجىدىن ئاقسۇغا ھەمشىرە بولۇپ بارغان پەرىخەنىڭ نۇرىغا يازغان خېتىنى ئوقۇپ بېقىڭلار. مەن ئاپتورنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى پەرىخەنىڭ خېتىنى ئوقۇمىغۇچە بۇ شېئىردىكى ترەنلىكنى ھېس قىلالمىغان ئىدىم.

oghuzkb يوللانغان ۋاقتى 2012-3-3 02:00:07

@ YELKEN@

ئىنكاسىڭنى كۆرۈپ ھەجەب خوش بولدۇم. مەنمۇ شۇ، بۇ ئوتيۈرەك شائىرىمىزنى ھىچكىمگە تەڭ قىلمايمەن. چۈنكى ئۇ ياشىغان دەۋىرىنى، شۇ دەۋىردىكى ئاق تىرورلۇقنى ئۇنىڭ شۇ ياشلىرىدا يازغان ئەسەرلىرى، سىزىغان رەسىملىرى، قىلغان پائالىيەتلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ راۋرۇس ئويلىساق ئاندىن لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ زادى قانچىلىك دەرىجىدە ئۇلۇغلىقىنى ھىس قىلىپ قالىمىز. تورلاردا ئىقىپ يۈرگەن \"لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرى\" دىگەن كىتابتىكى بەزى شىئىرلىرىنىڭ ئۆزگەرتىلىش دەرىجىسىگە ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ كىشىنىڭ. تۇرسۇن ئەرشىدىن ئەپەندى تۈزگەن شۇ رەسىملىك كىتابنى كۆپچىلىككە ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمەن، پەرزەنىتلىرىمىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تەربىيە شۇ. ئۇ كىتابتىكى ئۆزگەرتىلگەن شىئىرلار ھەققىدىكى مىساللار بەك ياخشى، يىرىم سائەتمۇ كەتمەيدۇ ئۇ كىتابنى كۆرۈپ بولۇشقا.



يەنە بىرىگە، ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر ئەپەندى بىلەن بولغان دوستلۇقى، بىر-بىرىگە تەخەللۇس قويۇشلىرىدىنمۇ بىر نەرسىلەرنى ھىس قىلىپ قالىمەن.

alif يوللانغان ۋاقتى 2012-3-3 11:54:20

مەن تۇرسۇن ئەرشىدىن قەلىمى بىلەن پۈتكەن« لۇتپۇللا مۇتەللىپ» ناملىق كىتابنى تولۇق ئوقۇپ بولۇپ، شۇنى ھېس قىلىدىم، شۇدەۋردىكى ھەقىقىي تالانىت ئىگسى ئىكەن ئۇ، لېكىن ئۇ ئۆز خەلقنىڭ ئەركىنلىكى، ھۆرلىكى ئۈچۈن كۆرەش قىلغاندى. بىراق ئەپسۇس ئۇ ئۆزىنىڭ ئەتراپىدا گومىنداڭغا يالاقچىلىق قىلىپ ئۇنى تۇتۇپ بېرىدىغان ھىكىم نۇرنى سىزەلمدى، ھەتتا سەبدىشى بىلالمۇ دۈشمەنگە( ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقىدىكى خائىنغا) ھەممىنى بېرىپ پۈتۈن تەشكىلاتنى يوق قىلىدى، بىراق بۇ ھەرگىزمۇ بىلال نىڭ سەۋەنلىكى ئەمەس، دەپ قارايمەن ھىكىم نۇر دېگەن ئىشپىيۇننىڭ ھەركەتلىرى ئۇلارنى سەگەك ھالەتتىن تامامەن بىخۇد ھالەتكە ئەكىلىپ قويغان.

مەمەتېلى توختىھاجى(تەۋپىق)، لۇتپۇللا مۇتەللىپ(لوتۇن)، ئابدۇخالىق ئابدۇراخمان(ئۇيغۇر).
بەت: [1] 2
: لۇتپۇللا مۇتەللىپ قانداق ئۆلتۈرۈلگەن؟..