kuntugh يوللانغان ۋاقتى 2012-3-1 20:42:30

ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا ئىشلەتكەن يېزىقلىرى


ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا ئىشلەتكەن يېزىقلىرى



ئابدۇقەييۇم خوجا



ئارخېئولوگ، تارىخچى، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ئابدۇقەييۇم خوجا 1941-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ 1956-يىلى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان تۇنجى قېتىملىق ش ئۇ ئا ر ئارخېئولوگىيە خادىملىرىنى يېتىشتۈرۈش كۇرسىدا ئوقۇغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ ئەجدادلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن بىباھا يادىكارلىقلارنى ئىزدەپ تېپىش ۋە تەتقىق قىلىپ، خەلقىمىزگە تونۇشتۇرۇش يولىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي-ئارخېئولوگىيە ئەترىتىدىكى كەسىپداشلىرى بىلەن قۇمۇل، تۇرپان، تارىم، لوبنور ۋادىسى، ئىلى ۋادىسى، ئالتاي-چۆچەك دالالىرى، تەڭرىتېغىنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى ۋە ئالتۇن تاغ تىزمىلىرىنىڭ ئەڭ ئىچكەركى جىلغىلىرى قاتارلىق جايلاردىكى قەدىمىي شەھەر، قەلئەلەر، مىڭ ئۆي، بۇددا خارابىلىكلىرى، قەدىمىي قەبرىلەر، قەدىمىي يايلاق مەدەنىيىتىگە ئائىت بالبال (تاش ھەيكەل)، قىياتاش رەسىملىرى قاتارلىقلارنى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىگە كۆپ قېتىم قاتناشقان. بۇ جەرياندا ئۇ كۆپلىگەن تەتقىقاتلارنى يازغان. شۇنىڭغا ئائىت نۇرغۇنلىغان خەرىتىلەرنى سىزغان، فوتو سۈرەتلەرنى تارتقان. ئابدۇقەييۇم خوجا 1977 — 1980-يىللىرى بېجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قەدىمىي تۈركىي تىل فاكۇلتېتىدا ئوقۇپ، قەدىمىي تۈرك (ئورخۇن) ۋە قەدىمىي ئۇيغۇر يېزىقلىرىنى، چاغاتاي دەۋرىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى پۇختا ئۆگەنگەن. ئۇنىڭ ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىلىرىنىڭ ماۋزۇسى ھەر خىل، دائىرىسى كەڭ بولۇپ، بۇ ئەمگەكلەر ش ئۇ ئا ر ئارخېئولوگىيىسى، قەدىمىي تۈرك (ئورخۇن) مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى، قەدىمىي ئۇيغۇرچە يازما يادىكارلىقلار ۋە ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى يازما يادىكارلىقلىرىغىچە بولغان مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


بۈگۈن بىز ئابدۇقەييۇم خوجىنىڭ «دىيارىمىزدىن تېپىلغان قىسمەن يادىكارلىقلار ھەققىدە» ناملىق كىتابىنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا ئىشلەتكەن يېزىقلىرى» سەرلەۋھىلىك بابىنى تورداشلار دىققىتىگە سەل ئىخچاملاپ ھاۋالە قىلىۋاتىمىز.




ئەمگەكچان ۋە ئىجادچان ئۇيغۇر خەلقى ئۇزاق تارىخقا ۋە شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە مىللەت. ئۇيغۇرلار ۋەتىنىمىزنىڭ رەڭمۇ-رەڭ ۋە باي مەدەنىيەت خەزىنىسىنى يارىتىشقا، شۇنداقلا ئاسىيا مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش ھەمدە ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇناسىپ تۆھپىلەرنى قوشقان. نەچچە مىڭ يىللىق مۇرەككەپ تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئۇيغۇرلار ئۆز ئانا تىلىنى ئالاقە ۋە كۈرەش قورالى قىلىپ كەلگەن.


مەلۇم بىر تىل تەرەققىي قىلىپ، مۇئەييەن بىر باسقۇچقا يەتكەندىن كېيىن يېزىق پەيدا بولغان. يېزىقنىڭ تارىخى تىلنىڭ تارىخىغا قارىغاندا قىسقا. تىل كىشىلىك جەمئىيەتنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەنلا بارلىققا كەلگەن، يېزىق بولسا، ناھايىتى ئۇزۇن دەۋرلەر ئۆتكەندىن كېيىن — ئىنسانلار مەدەنىيەت دەۋرىگە قەدەم تاشلىغاندىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن.


يېزىق — تىلنى خاتىرىلىگۈچى بەلگىلەرنىڭ مۇئەييەن سىستېمىسى بولۇپ، ئۇ پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭ ياردەمچى ۋاسىتىسى. ئېنىق بىر تىلغا بېقىنمايدىغان مۇستەقىل يېزىقنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. يېزىق تىلنى خاتىرىلىگۈچى ۋە ئېنىق بىر تىلغا بېقىنغۇچى شەرتلىك بەلگىلەرنىڭ مۇئەييەن سىستېمىسىدىن ئىبارەت بولغانلىقى ئۈچۈن، تىل تەرەققىياتى يەنىلا يېزىق تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرگۈچى ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.


يېزىق ئۆزى بېقىنغان تىلغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. يېزىق تىلنىڭ مۇكەممەللىكىگە، بېيىشىغا ۋە بىرلىككە كېلىشىگە ناھايىتى زور ياردەم بېرىدۇ. جەمئىيەت تەرەققىياتى تىل تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرگۈچى كۈچ بولۇپ ھېسابلانسىمۇ، لېكىن دۇنيادىكى ھەر خىل تىللار ئىچىدە يېزىقى بار تىللار يېزىقى يوق تىللارغا قارىغاندا، ھامان خېلىلا تەرەققىي قىلغان بولىدۇ.


كىشىلەر تىلدىن پايدىلىنىپ، ئالاقە قىلىشقاندا، زامان ھەم ماكان جەھەتتىن ناھايىتى زور چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. يېزىقنىڭ بارلىققا كېلىشى تىلنىڭ مانا شۇ يېتەرسىزلىكىنى تولۇقلىدى. يەنى كىشىلەر يېزىق ئارقىلىق ئۆز تەجرىبىلىرىنى مۇستەھكەملەشكە ھەم ئۇنى ئەۋلادتىن- ئەۋلادقا مىراس قىلىپ قالدۇرۇشقا قادىر بولالىدى. يېزىقنىڭ بارلىققا كېلىشى ئىنسانىيەتنىڭ پەن ۋە مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بەخت-سائادەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈن شەرت-شارائىت ھازىرلاپ بەردى.


ئۇيغۇر تىلىمۇ ئۇزاق تارىخقا ئىگە تىل بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پۈتۈن تارىخىي تەرەققىياتى جەريانىدا ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشقا، بىر- بىرىنى چۈشىنىشكە، جەمئىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئاساس بولۇپ قالدى.


ئۇيغۇرلار بىر پۈتۈن مىللەت بولۇپ شەكىللەنگۈچە بولغان ئارىلىقتا ناھايىتى ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ تارىخىي مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. مۇنداق ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ جەريان ئۇلارنىڭ ئېتنوگرافىيىسى، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ھاياتى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، تۇرمۇشى، ئۆرپ-ئادەتلىرى قاتارلىقلارغا ماھىيەتلىك تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، بەلكى ئۇلارنىڭ تىل تەرەققىياتىدا، يېزىق تارىخىدا، ئەدەبىياتىدىمۇ باشتىن-ئاخىر چوڭقۇر ئىزلارنى قالدۇردى. شۇڭا، ئۇيغۇر يېزىق تارىخى ۋە ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى قاتارلىق ئەھۋاللارنى بايان قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى مۇھىم تارىخىي جەريانلارغا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.


ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمىي ئەجدادلىرى ۋە نامى توغرىسىدا مەملىكىتىمىز ۋە چەت ئەل مەنبەلىرىدە نۇرغۇنلىغان تارىخىي خاتىرىلەر بار.


ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك تەركىبىگە كىرگەن ئەڭ قەدىمىي قەبىلىلەر، دەسلەپتە، يەنى مىلادىدىن ئىلگىرى ئۈچىنچى ئەسىرلەردىن باشلاپ ھۇن قەبىلىلىرى ئىتتىپاقىدا بولغان. خەنزۇچە تارىخ ناملىرىدا ئۇلار «تۇرا» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان. «تارىخىي خاتىرىلەر. ھونلار ھەققىدە قىسسە» دېگەن كىتابتا: «تۇرالار ئەڭ بۇرۇن دى لى» دەپ ئاتىلاتتى…» دەپ يېزىلغان. «خەننامە. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى» دېگەن كىتابتا: «روڭ، دىلار… جۇ سۇلالىسى ئاجىزلاشقاندىن تارتىپ جىڭۋېي (بۈگۈنكى شەنشىنىڭ شىمالىدا) دەرياسىنىڭ شىمالىدا ئارىلاش ياشىغان» دېيىلگەن.


«ۋېينامە. تۆلۇسلەر (قانقىل) ھەققىدە قىسسە» دېگەن كىتابتا: «قانقىللار قەدىمىي تۇرالارنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، دەسلەپ تۇرا دەپ ئاتالغان. ئۇلارنىڭ شىمالىي تەرەپتىكىلەرمۇ تۇرا دەپ ئاتىلاتتى. ئۇلار تۇرا، ئۇيغۇر، قۇغۇرسۇ قاتارلىق ئۇرۇقلاردىن ئىبارەت…» دەپ تەكىتلەنگەن.


«سۈينامە، تۇرالار ھەققىدە» دېگەن كىتابتا: «تۇرالار ھونلارنىڭ ئەۋلادى، ئۇرۇقلىرى ناھايىتى كۆپ… توغلا دەرياسىنىڭ شىمالىدا بۆكە، توڭرا، بايېرقۇ قاتارلىق ئۇرۇقلار بار ئىدى…» دېيىلگەن.


«كونا تاڭنامە، ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە» دېگەن كىتابتا: «ئۇيغۇرلار ئەسلى ھونلارنىڭ پۇشتى بولۇپ، كېيىن شىمالىي ۋېي سۇلالىسى دەۋرىدە تۇرا دەپ ئاتالغان. ئۇلار چەبدەس، جەسۇر، كۆپىنچە ھارۋىدا يۈرىدۇ…» دېيىلگەن.


«يېڭى تاڭنامە، ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە» دېگەن كىتابتا: «ئۇيغۇرلار ئەسلى ھونلاردىن كېلىپ چىققان. كۆپىنچە ئېگىز چاقلىق ھارۋىدا يۈرىدۇ. شىمالىي ۋېي سۇلالىسى دەۋرىدە قانقىل ياكى تۇرا دەپمۇ ئاتالغان. ئۇلار ئۇيغۇر، سىر-تاردۇش، چەبگىرە، دوبا، كۈلىگەن، دولانغۇت، بۆكە، بايىرقۇ، تۇرا، قۇن، ئېركىن، ئادئېز قاتارلىق 15 قەبىلىدىن ئىبارەت…» دەپ پۈتۈلگەن.


ئومۇمەن، تارىخىي خاتىرىلەردىن يەنىمۇ كۆپلىگەن بايانلارنى كەلتۈرۈشكە بولسىمۇ، ئۇلارنى قىسقىچە خۇلاسىلىگەندە، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلەردە ھەر خىل ناملاردا، مەسىلەن، مىلادىنىڭ 4-ئەسىرلىرىدە «ئۇيغۇر»، مىلادىنىڭ 5-ئەسىرلىرىدە «قانقىل»، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە «تۇرا»، «ۋېيخې»، تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە «خۇيخى»، مىلادىنىڭ 778-يىللىرىدىن كېيىن «خۇيگۇ» (يەنى شۇڭقاردەك چەبدەس، باتۇر دېگەن مەنىدە) دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلار قەبىلە ئىتتىپاقىنىڭ ھەر خىل دەۋرلەردىكى خەنزۇچە ئاتىلىشلىرىدۇر.


مىلادىنىڭ 6-ئەسىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئۇيغۇرلار كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ (552 — 744-يىللار) تەركىبىگە كىرگەن ۋە ئۆز زامانىسىدىكى كۆكتۈرك مەدەنىيىتىنى (ئورخون-يېنسەي مەدەنىيىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) تېخىمۇ گۈللەندۈرۈشكە تېگىشلىك تۆھپە قوشقان. مىلادىنىڭ 740-يىلىدىن كېيىن قۇرۇلغان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى (744 — 840) دەۋرىگە كەلگەندە، ئۇيغۇرلار باشقا تۈركىي تىلدىكى قەبىلىلەرنى نىسبەتەن كەڭ تۈردە بىرلەشتۈرۈش، بىرلىككە كەلگەن چوڭ فېئوداللىق دۆلەتنى تىكلەش ۋە خېلى يۈكسەك مەدەنىيەت يارىتىشتا چوڭ رول ئوينىغان. ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق مەدەنىيىتى ۋە يازما ئەدەبىياتى قاتارلىقلارمۇ روناق تېپىشقا باشلىغان.


9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەردە ئوتتۇرا ئازىيادە مەيدانغا كەلگەن ئىككى چوڭ فېودال دۆلىتى — ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى (850 — 1250-يىللار) بىلەن قاراخانىيلار سۇلالىسى (840 — 1212-يىللار) ئۇيغۇرلار تارىخى ۋە مەدەنىي ھاياتىدا ناھايىتى چوڭ رول ئوينىغان ئىدى. بۇ دەۋرلەردە ئۇيغۇرلار مەدەنىي ھاياتىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرى، ئىقتىسادىي جەمئىيەت تۈزۈلمىسى، تىل-ئەدەبىياتى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر بۇددا مەدەنىيىتى ئالاھىدە تەرەققىي قىلىپ، خانلىق دائىرىسىدىكى قوچۇ (تۇرپان)، بەشبالىق (ھازىرقى جىمسار ناھىيىسى)، كۈسەن (كۇچا) قاتارلىق مەركىزىي شەھەرلەر بۇ خىل مەدەنىيەتنىڭ ئوچاقلىرىغا ئايلانغان.


كاشىغەر (قەشقەر) ۋە بالاساغۇننى پايتەخت قىلغان قاراخانىيلار سۇلالىسى تەۋەسىدە ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى بولغانلىقتىن، بۇ دىننىڭ تەسىرىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ جايلاردا قەشقەر ۋە بالاساغۇننى مەركەز قىلغان ئىسلام دىنى مۇھىتىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى مەيدانغا كەلدى.


12-ئەسىردە يۈز بەرگەن قاراقىتانلارنىڭ ئوتتۇرا ئازىياگە قىلغان يۈرۈشلىرى، بولۇپمۇ 13-ئەسىرنىڭ بېشىدىن باشلىغان چىڭگىزخاننىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلار ئېتنىك تەركىبىنى تەشكىل قىلغۇچى خەلقلەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا خەلقلەرنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي تۈزۈمى ۋە مەدەنىي ھاياتىدا ناھايىتى زور ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كەلدى؛ ھەممىدىن ئاۋۋال موڭغۇل يايلىقىدىن تارتىپ كاسپىي دېڭىزىغىچە بولغان كەڭ زېمىنلار موڭغۇل ئىمپېرىيىسى نامى ئاستىدا بىرلەشتۈرۈلۈپ، بۇ كەڭ رايوندىكى خەلقلەر ئارىسىدا ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ئالاقىلەر قويۇقلاشتۇرۇلدى. كەڭ دائىرىدە مەدەنىي ئالماشتۇرۇشلار ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلدى. مۇنداق بىرلىشىشنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى بۇ رايونلار ئۈچۈن ئورتاق بولغان مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىي تىلنىڭ مەيدانغا كېلىشى بىلەن خۇلاسىلەندى


-1514يىلدىن 1678-يىلغىچە بولغان خېلى ئۇزۇن بىر مەزگىلدە ياركەنتنى پايتەخت قىلغان سەئىدىيە خانلىقى ھازىرقى شىنجاڭ رايونىنى خېلى كەڭ دائىرىدە بىرلەشتۈردى. بۇ دەۋردە ئۆز ئارا نىزا، تۇراقسىز ۋەزىيەتكە بىر قاتار ئۈنۈملۈك خاتىمە بېرىلگەنلىكتىن، ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يۈكسىلىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىياتتىمۇ گۈللىنىپ، يېڭى بىر دەۋرگە قەدەم تاشلىدى.


ئومۇمەن، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى (جۈملىدىن ئۇيغۇر يېزىق مەدەنىيىتى) يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مۇرەككەپ تارىخىي جەريانلاردا، ھەر قايسى دەۋرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرۈش بىلەن بىللە ھەر قايسى دەۋرلەردە بەرپا بولغان ھەر خىل مەدەنىيەتلەردىن ئۆزىگە خاس ئوزۇق ئېلىپ، ئالاھىدە بىر مىللىي شەكلى بىلەن بېيىپ تەرەققىي قىلدى.


ئۇيغۇر تىلى ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىدىكى تۈركىي تىللار توپىنىڭ غەربىي ھۇن تارمىقى ئىچىدىكى قارلۇق تىللىرى تۈركۈمىگە كىرىدۇ. رەسمىي يېزىق ئىشلىتىلگەن دەۋردىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق بىر نەرسە دېيىش ھازىرچە قىيىن. مۇشۇ كەمگىچە تېپىلغان يادىكارلىقلارغا ئاساسلانغان ھالدا، چەت ئەللەردىكى ۋە مەملىكىتىمىزدىكى تىلشۇناسلار بىلەن تۈركشۇناسلارنىڭ پەرەزلىرى بويىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىقتىن پايدىلانغاندىن بۇ يانقى دەۋرلەردىكى تىلىنى، ئۇنىڭ بېسىپ ئۆتكەن تارىخىي جەريانلىرىغا قاراپ: قەدىمىي ئۇيغۇر تىلى، ئوتتۇرا ئەسىر قەدىمىي ئۇيغۇر تىلى، يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىن ئىبارەت تۆت دەۋرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.


قەدىمىي ئۇيغۇر تىلى قەدىمىي تۈرك رونىك (ئورخون-يېنىسەي) يېزىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى ۋە باشقا تۈرك يېزىقىدىكى پۈتۈكلەردە؛ يېقىنقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى 13- 15-ئەسىرلەردىن تاكى بىزنىڭ ئەسىرىمىزگىچە بولغان ئەرەب يېزىقى ئاساسىدا ئۆزگەرتىلگەن ئۇيغۇر (ياكى چاغاتاي) يېزىقىدا پۈتۈلگەن يادىكارلىقلاردا كۆرۈلىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنى ئەنە شۇ ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەردىكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆزگىرىشى، تەرەققىي قىلىشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن، مىللىي ئورتاق تىل دەيمىز. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەسىرلەر داۋامىدا قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تىلى تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى شەكلى سۈپىتىدە شەكىللەنگەن ۋە قېلىپلاشقان مىللىي ئەدەبىي تىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.


ئۇيغۇرلار تارىختا تۈرلۈك يېزىقلارنى قوللانغان. لېكىن ئۇلارنىڭ زادى قايسى دەۋردىن باشلاپ ئېروگلىفلىق (تەسۋىرىي) يېزىقنى قوللانغانلىقى ۋە قانداق پايدىلانغانلىقى ھازىرچە بىزگە مەلۇم ئەمەس. چۈنكى بۇ ھەقتە دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئارخېئولوگىيىلىك تېپىلمىلار ۋە تارىخىي يادىكارلىقلار يوق.


ئۇيغۇرلارنىڭ رەسمىي سىستېمىلاشقان يېزىقتىن پايدىلىنىپ قالدۇرغان يادىكارلىقلىرىنىڭ بىزنىڭ دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەنلىرى 1600 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. مانا مۇشۇ ئۇزاق تارىخىي جەرياندا ئۇيغۇرلار، شۇنداقلا باشقا تۈركىي خەلقلەر ۋە مىللەتلەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قەدىمكى تۈرك (ئورخۇن) يېزىقى؛ قەدىمىي ئۇيغۇر يېزىقى؛ بىراخمىچە تۈرك يېزىقى؛ قوچۇ (ئىدىقۇت) يېزىقى؛ سوغدى يېزىقى؛ سۈرىيە يېزىقى؛ مانى يېزىقى؛ ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى قاتارلىق بىر قانچە خىل يېزىقلارنى قوللىنىپ، ئۆز تىلىنى خاتىرىلەپ كەلدى. تۆۋەندە بۇ يېزىقلار ئۈستىدە ئايرىم-ئايرىم توختىلىپ ئۆتىمىز.


1. قەدىمىي تۈرك (ئورخۇن) يېزىقى


ئۇيغۇرلارنىڭ بىزگە مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمىي يېزىقلارنىڭ بىرى. بۇ يېزىق 38دىن 40چە ھەرىپ بەلگىلىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، تەتقىقاتچىلار ئۇنى ھەر خىل ناملار بىلەن ئاتىغان.


1) بۇ يېزىقتا ئويۇلغان مەشھۇر مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى ھازىرقى موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى ئورخون-يېنىسېي دەريا ۋادىلىرىدىن تېپىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ئورخون-ئېنىسېي يېزىقى دەپمۇ ئاتايدۇ.


2) بۇ يېزىقنى شەكلى شىمالىي ياۋروپادا قوللىنىلغان قەدىمىي رۇنىك يېزىقىنىڭ شەكلىگە ئوخشاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن بېزىلەر ئۇنى رۇنىك يېزىقى ياكى «تۈرك-رۇنىك يېزىقى»، يەنە بەزىلەر ئۇنى ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى يېزىق دەپمۇ ئاتايدۇ. بىز ئۇنى قەدىمىي تۈرك (ئورخۇن) يېزىقى دەپ ئاتايمىز. ئۇ ئومۇمەن ئوڭدىن-سولغا توغرىسىغا يېزىلىدۇ. لېكىن يېنىسېي ۋادىسىدىن تېپىلغان مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرىدا سولدىن ئوڭغا يېزىلغانلىرىمۇ بار. ئايرىم مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرىدا ھەتتا «قوش يول»، يەنى (بىر يولى ئوڭدىن سولغا، يەنە بىر يولى سولدىن ئوڭغا) بىلەن يېزىلغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايدۇ. سۆزلەر بىر بىرىدىن تىك (ئاسما) چېكىت /:/ ئارقىلىق ئايرىلىدۇ. بەزى سۆز بىرىكمىلىرى بىر سۆز شەكلىدىمۇ يېزىلىدۇ. ئايرىم يادىكارلىقلاردا «~» سۆز ئايرىلىش بەلگىسى سۈپىتىدە يېزىلغان.


بۇ يېزىقتا كۆپىنچە ئۈزۈك تاۋۇشلار ئاساس قىلىنغان. سەككىز سوزۇق تاۋۇش، ئومۇمەن تۆت ھەرىپ بەلگىسى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ يېزىقتىكى ھەرىپ شەكىللىرى سۆزنىڭ باش، ئوتتۇرا ۋە ئاياغلىرىدا ئاساسەن ئوخشاش شەكىلگە ئىگە.


قەدىمىي تۈرك (ئورخۇن) يېزىقى قەدىمىي ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا قوللىنىلغاندىن تارتىپ، ئومۇملاشقۇچە بىر نەچچە ئەسىر ۋاقىت ئۆتكەنلىكى ئەمەلىي ئەھۋال. شۇنى كۆزدە تۇتقاندا ئۇنىڭ دەسلەپكى قوللىنىشقا باشلىغان دەۋردىن تارتىپ، تۈرك خانلىقى دائىرىسىدە ئومۇملاشقان دەۋرگىچە بولغان ئارىلىقنى خېلى ئىلگىرى سۈرۈشكە بولىدۇ.


قەدىمىي تۈرك يېزىقىنىڭ مەنبەسى ۋە تۈركىي خەلقلەرنىڭ بۇ خىل يېزىقنى قايسى دەۋردىن باشلاپ قوللانغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەردە نۇرغۇنلىغان ئالىملار ھەر خىل پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە بۇ مەسىلىلەر ئېنىقلانغىنى يوق.


قىسقىسى، بۇ يېزىقنىڭ ئەڭ دەسلەپ قوللىنىلغان ۋاقتى، جايى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ئەتراپلىق تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش، تەلەپ قىلىنىدۇ. قەدىمىي تۈرك يېزىقىدىكى يادىكارلىقلار ئادەتتە مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى بىلەن قول يازما يادىكارلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنى تېپىلغان رايونلار بويىچە ئالتە رايونغا بۆلۈشكە بولىدۇ:


1. شىمالىي موڭغۇل دالاسى (ئورخۇن)؛


2. يېنىسەي دەرياسىنىڭ ۋادىسى؛


3. لېنا دەرياسى — بايقال كۆلى رايونى؛


4. ئالتاي رايونى (سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەسىدىكى)؛


5. شىنجاڭنىڭ تۇرپان، چاقىلىق (مىرەن) قاتارلىق جايلىرى ۋە دۇنخۇاڭدىن تېپىلغانلىرى؛


6. شەرقىي ياۋروپا (دۇناي دەرياسى ۋادىسىدىن) تېپىلغانلىرى


مەزمۇننى بويىچە ئۇلار تۆۋەندىكى ئالتە تۈرگە بۆلۈنىدۇ:


1. تارىخىي تەزكىرە خاتىرىدىكىلىرى؛


2. قەبرە تاشلىرى؛


3. مەڭگۈ تاش ۋە تاملارغا ئويۇلغانلىرى؛


4. دىنىي خاراكتېرىدىكىلىرى؛


5. ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى؛


6. تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا (مېتاللدىن ئىشلەنگەن بۇيۇملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئويۇلغانلىرى ۋە باشقىلار.


قەدىمىي تۈرك خانلىقى ۋە قەدىمىي ئۇيغۇر خانلىقىغا مەنسۇپ مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى ئۆزىنىڭ قەدىمىيلىكى بىلەنلا مەشھۇر بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئۆز دەۋرىنىڭ تارىخىي رېئاللىقىدىن گۇۋاھلىق بەرگۈچى مۇھىم ھۆججەت، شۇنداقلا ئۆز زامانىسىدىكى تارىخ، تىل-ئەدەبىياتنىڭ يېگانە ماتېرىيالى سۈپىتىدە ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى خەزىنىسىدىكى قىممەتلىك بايلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.


بۇ يادىكارلىقلاردا كۆك تۈرك خانلىقىنىڭ (مىلادىنىڭ 552-يىلى تۈرك قەبىلىلىرى ئىچىدىكى ئاشنا ئۇرۇقى كۆپىيىپ، ئاقساقىلى تۈمەننىڭ) رەھبەرلىكىدە كۈچلۈك تۈرك خانلىقىنى قۇرۇپ، ئۇ ئۆزىگە تۈمەن «ئېلىك قاغان» دەپ نام بەرگەنلىكى تەكىتلىنىدۇ. بۇ خانلىق تارىختا كۆك تۈرك خانلىقى «ياكى شەرقىي تۈرك خانلىقى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ يادىكارلىقلاردا خانلىقنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاكىتى سۆزلەنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە كۆل تېكىن (كۆك تۈرك خانلىقىنىڭ خاقانى بىلگە خاقاننىڭ ئىنىسى بولۇپ، 731-يىلى 47 يېشىدا ۋاپات بولغان مەشھۇر سەركەردە، قەھرىمان)، تۇنيۇقۇق (بىر نەچچە خاقانلارغا مەسلىھەتچى بولغان، مەڭگۈ تاش 712 — 716-يىللىرى ئارىلىقىدا ئورنىتىلغان، 62 قۇر خەت ئويۇلغان)، بىلگە خاقان بايانچۇر (مۇيۇنچۇر، قۇتلۇق بىلگە خاقان) قاتارلىقلارنىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرى، دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، تېچلاندۇرۇش ۋە كۈچەيتىش يولىدا كۆرسەتكەن تۆھپىلىرى مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرىدا بىر خىل نازۇك شائىرانە تىل بىلەن تەسۋىرلەنگەن (بەزى تەتقىقاتچىلار بۇ مەڭگۈ تاش مەتىنلىرىنى بىر خىل نەزىم ئۇسلۇبىدا يېزىلغان دەپمۇ قارايدۇ). ئۇلاردا ئالغا سۈرگەن ئىدىيىسى پارچىلىنىپ كەتكەن قەبىلىلەرنى قۇدرەتلىك ھەربىي كۈچ ئاستىغا ئۇيۇشتۇرۇپ، كەڭ دائىرىدە بىرلىككە كەلگەن، كۈچلۈك فېئوداللىق دۆلەت قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. ئۆز دەۋرىنىڭ ئارزۇ-تىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرگۈچى بۇ خىل ئىنتىلىش ئاساسىدا كۆك تۈرك خانلىقى بىلەن قەدىمىي ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بارلىققا كېلىشى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەتنى گۈللەندۈرۈشتە ئىلغار رولь ئوينىغان.


مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى — كۆك تۈرك ۋە قەدىمىي ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى خاقانلارنىڭ نەسەبنامىسى، قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر، قەبىلىلەر ئارا بولغان ئۇرۇش يېغىلىقلار، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، قەبىلە، يەر ناملىرى ۋە باشقا ئىقتىسادىي ئەھۋاللىرى ھەققىدە بىزنى مۇھىم مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.


قىسقىسى، بۇ يادىكارلىقلارنى كۆكتۈرك ۋە قەدىمىي ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرلىرىنىڭ بىرىنچى تۈركۈم ئەدەبىي ئەسەرلىرى، ئۇلارنى يازغۇچى شەخسلەرنى ئۆز دەۋرىنىڭ داڭلىق ئەربابلىرى دەپ ھېسابلاشقا بولىدۇ.


2. قەدىمىي ئۇيغۇر يېزىقى


بۇ يېزىق ئۇيغۇرلار تارىختا ئەڭ ئۇزۇن ۋە ئەڭ كۆپ قوللانغان ئىككىنچى خىل يېزىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ سوغدى يېزىقىدىن ئۆزگەرتىلگەن يېزىق بولۇپ، ئومۇمەن، سولدىن ئوڭغا (بەزىلىرى ئوڭدىن سولغا) تىك ۋە تۈز شەكىلدە يېزىلىدۇ.


23 ھەرپلىك بۇ يېزىق مىلادىنىڭ 744 — 740-يىللىرى ئورخۇن ۋادىسىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە خېلى كەڭ دائىرىدە قوللىنىشقا باشلاپ، قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى (مىلادىنىڭ 850 — 1250-يىللىرى) دەۋرىدە ناھايىتى كەڭ پايدىلىنىلغان. مەزكۇر يېزىق تۇرپان، قۇمۇل قاتارلىق جايلاردا تا 15- ئەسىرگىچە، ئەمدى قەدىمىي ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تارمىقى ھېسابلانغان گەنسۇدىكى سېرىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بولسا، تا 18- ئەسىرگىچە ئىشلىتىلگەن. «ئالتۇن يارۇق»، «ئوغۇزنامە»، «شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمە ھالى»، «سەككىز يۈكمەك»، «چاستانا ئىلىك بەگ»، «ئىككى تېكىننىڭ ھېكايىسى»، «مايتىرى سىمىت»، «قۇتادغۇ بىلىك»، «ئەتابەتۇل ھەقايىق» قاتارلىق بىر مۇنچە مەشھۇر ئەسەرلەر، بۇددا ناملىرى، مۇھىم ھۆججەت-ۋەسىقىلەر مۇشۇ يېزىقتا يېزىلغان.


«قەدىمىي ئۇيغۇر يېزىقى» دەپ ئاتالغان بۇ يېزىق ھەققىدە ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقەرىي ئۆز ئەسىرى «تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ» بېشىدىلا ئېنىق قىلىپ: «قەدىمدىن بېرى، قەشقەردىن يۇقىرى چىنغىچە بولغان ھەممە تۈرك يۇرتلىرىدا بارچە خاقانلار بىلەن سۇلتانلارنىڭ يارلىق ۋە خەت ئالاقىلىرى ئەنە شۇ يېزىقتا يېزىلىپ كېلىنگەن» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن ۋە ئۇزۇن يىللار داۋامىدا ئىشلىتىلىپ، پۇختا ئەدەبىي قېلىپقا چۈشۈرۈلگەن بۇ يېزىق ئومۇمىي تۈركىي تىللار ئۈچۈن خېلى مۇكەممەل يېزىق ئىدى. بۇ يېزىقتا ناھايىتى نۇرغۇن دىنىي ۋە دۇنياۋى ئەدەبىيات نەمۇنىلىرى ۋۇجۇدقا كەلگەن. قاراخانىيلار دەۋرىدىمۇ قەدىمىي ئۇيغۇر يېزىقى دۆلەت يېزىقى بولغان ئىدى.


قەدىمىي ئۇيغۇر يېزىقىدىكى 23 ھەرپنىڭ 4 سوزۇق تاۋۇشقا، قالغانلىرى ئۈزۈك تاۋۇشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئاساسەن، سولدىن ئوڭغا تىك ھالەتتە يېزىلىدۇ.


3. بىراھمىچە تۈرك يېزىقى


كۇچا، تۇرپان قاتارلىق جايلاردىن بۇ خىل يېزىقتا يېزىلغان ئەسەرلەر تېپىلدى. دەسلەپتە بۇ خىل يېزىق بىراھمى يېزىقى دەپ قارالغان. كېيىنكى تەتقىقاتلاردا ئۇنىڭ تىلى تۈرك تىلى بولغانلىقتىن، «بىراھمىچە تۈرك يېزىقى» دەپ ئاتالدى. بۇ يېزىق ئاساسەن توخرى (توخرى تىلىنىڭ كۇچا شېۋىسى) يېزىقى تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا بەزى مۇھىم ئۆزگەرتىشلەرمۇ بولغان، تۈركىي تىللارنى توغرىراق ئىپادىلەش ئۈچۈن بىر قىسىم بەلگىلەر قوشۇلغان. بۇ يېزىقتا يېزىلغان بىر قىسىم مەتىنلەرنى مەشھۇر تۈركىي تىللار ئالىمى، گېرمانىيالىك ئا.فون گابائىن خانىم تەتقىق قىلىپ، ئېلان قىلدى. بۇ خىل يېزىقتا يېزىلغان يادىكارلىقلاردا توخرى تىلىدىن تۈركىي تىللارغا قوبۇل قىلىنغان ئاتالغۇلار كۆپ ئۇچرايدۇ. ئىلگىرى تەتقىقاتلاردا بۇ خىل يېزىقنى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ قايسى تارمىقى قايسى دەۋردە قوللانغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق يەكۈنى يوق ئىدى. بۇ يېزىقنىڭ كېلىپ چىقىشىغا مۇناسىۋەتلىك تارىخىي بايانلار تۆۋەندىكىچە:


مىلادىنىڭ 567-يىلى «غەربىي تۈرك» دەپ ئاتالغان تۈرك قەۋملىرى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان يەپتاللارنىڭ (ئېفتالىت ياكى ئاق ھونلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ھاكىمىيەت ئورنىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇلار تارىختا «غەربىي تۈرك خانلىقى» دەپ ئاتىلىدۇ. مىلادىنىڭ 582-يىلىغا كەلگەندە، بۇ خانلىق ئىچىدە بۆلۈنۈش يۈز بېرىپ، غەربىي تۈرك خانلىقى ھازىرقى ش ئۇ ئا ر ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر قىسىم رايونلار دائىرىسىدىلا چەكلىنىپ قالىدۇ. مىلادىنىڭ 582-يىلىغا كەلگەندە، بۇ خانلىق تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنىدۇ. ئەنە شۇ زامانلاردا تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ بىر قىسمى كۇچانىڭ توخرى يېزىقلىرى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىسمى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن «بىراھمىچە تۈرك يېزىقى» مەيدانغا كېلىدۇ.


4. ئىدىقۇت يېزىقى


«شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى»، «جۇنامە» قاتارلىق تارىخىي كىتابلارنىڭ ئىدىقۇت (تۇرپان) ھەققىدىكى بايانلىرىنىڭ ھەممىسىدە: «يېزىقى خۇاشىياچىغا ئوخشايدۇ. خۇ (خۇر، خوز، غۇز) تىلىدا ئوقۇلىدۇ» دەپ ناھايىتى ئېنىق قەيت قىلىنغان. ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقەرىيمۇ ئۆز ئەسەرىدە: «قوچۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ چىنلىقلارنىڭكىگە ئوخشايدىغان يەنە بىر خىل يېزىقى بار. رەسمىي ھۆججەت، خەت-چەكلىرىنى شۇ يېزىقتا يازىدۇ. ئۇ يېزىقنى تاتلار (مۇسۇلمان بولمىغان ئۇيغۇرلار) بىلەن چىنلىقلاردىن باشقىلار ئۇقالمايدۇ» دەپ يەنە بىر قېتىم ناھايىتى ئېنىق ئىزاھات بېرىپ ئۆتكەن.


ئاستانادىكى (تۇرپان تەۋەسىدىكى) قەدىمىي قەبرىلەر سىڭگىم، مۇرتۇق قاتارلىق جايلاردىكى بۇددىزم خارابىلاردىن جەنۇبىي — شىمالىي سۇلالىلەر (3-5-ئەسىرلەر) دەۋرىگە ئائىت ھۆججەتلەر خېلى كۆپ تېپىلدى. لېكىن بۇ يازما يادىكارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بەزى ماتېرىياللاردا «خەنزۇ يېزىقى، خەنزۇ تىلى» دەپ يېزىۋاتىدۇ. لېكىن تارىختا ئىدىقۇت (تۇرپان) ئۇيغۇرلىرى قەدىمىي ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن قوچۇ يېزىقىنى تەڭ قوللانغانلىقىنى يۇقىرىدا بايان قىلدۇق. بۇ ھازىرقى ياپونلىقلار بىلەن كورېيالىكلەر خەنزۇچە خەت ئارقىلىق ئۆز تىلىنى خاتىرىلىگىنىگە ئوخشايدۇ.


5. سوغدى يېزىقى


قەدىمدە پەرغانە ۋادىسىدا ياشىغان سوغدىلار مىلادىنىڭ 3-ئەسىرىدىن باشلاپ، ئەسلىدە ئىراندا قوللىنىلغان ئاۋىستا يېزىقى ئاساسىدا تۈزۈلگەن بىر خىل يېزىقنى ئىسلاھ قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تىلى — شەرقىي ئىران شېۋىسىنى خاتىرىلەيدىغان يېزىقنى ئىجات قىلغان. بۇ خىل يېزىقنى تىلشۇناسلار «سوغدى يېزىقى» (بەزى كىتابلاردا — «پەھلىۋىي يېزىقى») دەپ ئاتىدى.


سوغدىلار شۇ زامانلاردا قوچۇ ۋە موڭغولىيە يايلاقلىرىغىچە بېرىپ تىجارەت قىلاتتى. ئۇلار بارغان جايلاردا شۇ يېزىقنى قوللىناتتى.


5-ئەسىرلەردە بۇ يېزىق خەلق سودا كارۋان يوللىرى («يىپەك يولى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) تەۋەسىدە راۋان قوللىنىلغان بىر خىل يېزىق بولۇپ قالدى. كېيىن بۇ سوغدى يېزىقى ئاساسىدا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بارلىققا كەلدى.


تۇرپان ۋادىسىدىن 56-ئەسىرلەرگە تەئەللۇق بولغان سوغدىچە بۇددىزم ئەسەرلىرى، ئىجتىماىي-ئىختىسادىي ۋاسىتىلەر — يادىكارلىقلار تېپىلدى. تۇرپاندىكى «مىڭ ئۆي» تام رەسىملىرىدىمۇ سوغدىچە بېغىشلىمىلار بار. ئورخۇن ۋادىسىدىن تېپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر خاقانلىقى زامانىسىدا سوغدىچە خەت ئويۇلغان مەڭگۈ تاشلارمۇ تېپىلدى. ئومۇمەن، قىسمەن يادىكارلىقلارنىڭ يېزىقى گەرچە سوغدىچە بولسىمۇ، ئۇنىڭ تىلى تۈركچە (قەدىمكى ئۇيغۇرچە) ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى.


6. مانى يېزىقى


مىلادى 247-يىلى ئىراندا مانى دىنى بارلىققا كەلگەندە، بۇرۇن سىرىيانىڭ پالمىرا شەھىرىدە قوللىنىلغان يېزىق شەكلىگە ئاساسلانغان ھالدا تۈزۈلگەن مانى يېزىقى قوللىنىلىشقا باشلانغان. شۇنىڭدىن كېيىن مانى يېزىقى ئوتتۇرا ئاسىياغا تەدرىجىي تارىلىشقا باشلىدى. بۇ دىن ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەسىدە خېلى ئۇزاق ۋاقىتقىچە تارىلىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، مىلادى 762-يىلى ئۇيغۇر خاقانلىقىنىڭ دۆلەت دىنىغا ئايلاندى. شۇنىڭدىن باشلاپ مانى يېزىقى ئۇيغۇر تىلىنىڭ يېزىقىغا ئايلاندى. تۇرپان تەۋەسىدىن مانى يېزىقىدا يېزىلغان قول يازما يادىكارلىقلىرى تېپىلغان. ئۆز زامانىسىدا تۇرپاندا مانى دىنى بىلەن بۇددا دىنى بىرلىكتە كەڭ تارالغاچقا، مانى دىنى مەدەنىيىتى بىلەن بۇددىزم دىنى مەدەنىيىتى بىرلەشتۈرۈلگەن بىر خىل شەكىل پەيدا بولغان. بۇ ئەھۋالنى تۇرپان «مىڭ ئۆي» سەنئىتىدىكى بەزى تام رەسىملىرىدىن كۆرۈشكە بولىدۇ. تۇرپاندىن مانى دىنى مۇخلىسلىرىنىڭ بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان ۋاقتى خاتىرىلەنگەن يادىكارلىقلارمۇ تېپىلغان.


7. ئەرەب يېزىقى


ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا تارقىلىشىغا ئەگىشىپ 10-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 11-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن بۇ يېزىق قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەشكە باشلىغان. قاراخانىيلار 10-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىسلام دىنىنى رەسمىي قوبۇل قىلىپ، دۆلەت دىنىغا ئايلاندۇردى ۋە ئەرەب يېزىقىنى قوبۇل قىلىندى. بۇ يېزىق دەسلەپكى مەزگىلدە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن بىر قاتاردا قوللىنىلدى. مەسىلەن، قاراخانىيلارنىڭ مىلادى 1067-يىلدىن باشلاپ چىقىرىلغان تەڭگە پۇللىرىدا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن ئەرەب يېزىقىنىڭ بىللە ئىشلىتىلگەنلىكى بۇنى ئىسپاتلايدۇ.


ئالاھىدە تەكىتلەشكە تېگىشلىك يەنە بىر ئەھۋال شۇكى، ئەرەب يېزىقى قاراخانىيلار تەۋەسىدە قوللىنىلغاندىن كېيىن، ئۇنى ئۇيغۇرلار «ئۆلۈك ھالدا» قوللانماي، بەلكى ئۇنى تېگىشلىك تۈردە ئىسلاھ قىلغان ۋە ئۆزگەرتكەن ئىدى. 1959-يىلى شىنجاڭ-ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئارخېئولوگىيە ئەترىتى بارچۇق (مارالبېشى ناھىيىسى تەۋەسىدە) شەھىرى خارابىسىدىن قېزىۋالغان بىر پارچە ھۆججەتتە ئەرەب يېزىقىنىڭ ئىسلاھ قىلىنغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدا بەزى ھەرپلەر ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىسىغا زىچ ماسلاشتۇرۇلغان ھالدا ئىجادىي ئىسلاھ قىلىنغان. ئەرەب يېزىقى ئەرەب ئىسلام ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەڭ ئومۇملاشقان قانۇنىي يېزىقى ھېسابلانغاچقا، دىنىي، سىياسىي، ئەدەبىيات ۋە تىلشۇناسلىققا دائىر ئەسەرلەر مۇتلەق ئەرەب تىلىدا يېزىلىشى كېرەك ئىدى. ئەرەب خەلىپىلىكىنىڭ مەركىزىدە ئەرەب تىلى ئالىي ھاكىمىيەت تىلى بولغاندىن تاشقىرى ئىلىم-پەن تىلى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان ئىدى. شۇڭا تۈركىي خەلقلەردىن چىققان نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئالىملىرى، ئەدىبلەر ئۆز ئەسەرلىرىنى ئەرەب تىلىدا يازدى («تۈركىي تىللار دىۋانىمۇ» ئەرەب يېزىقىدا يېزىلغان).


ئەرەب يېزىقى مىڭ يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىغا نىسبەتەن قوشۇمچە ۋاسىتە بولۇپ كەلدى ۋە مۇشۇ تارىخىي دەۋر ئىچىدە مۇھىم ئىجتىمائىي رول ئوينىدى. ئۇيغۇرلاردىن يېتىلىپ چىققان بىر قانچە مەشھۇر ئالىملار، ئەدىبلەر، ئۆزلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى مۇشۇ يېزىق بىلەن يېزىپ بىزگە قالدۇرغان.


ئەرەب يېزىقى ئۈزۈك تاۋۇشلارغا ئاساسلانغان يېزىق بولغانلىقى ئۈچۈن بەزى قىيىنچىلىق ۋە قالايمىقانچىلىقلار داۋاملىق ساقلىنىپ كەلگەن. سوزۇق تاۋۇشلارنى ئىپادىلەيدىغان ئالاھىدە مەخسۇس ھەرپلەر بولمىغىنىدىن تاشقىرى، مەلۇم بەلگە بىر قانچە تاۋۇشقا ۋەكىللىك قىلغان. شۇڭا ئۇيغۇرلار تارىختا بۇ يېزىقنى قوللانغاندىن تارتىپ تاكى بۈگۈنكى دەۋرگە قەدەر كۆپ قېتىم ئىسلاھ قىلغان.



مەنبە: «دىيارىمىزدىن تېپىلغان قىسمەن يادىكارلىقلار ھەققىدە» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

birhon يوللانغان ۋاقتى 2012-3-1 23:33:52

مۇ ماقالىنى بۇرۇن ئوقۇغان ئىدىم.

شۇنداق، بىز يېزىق ئالماشتۇرۇش، دىن ئالماشتۇرۇش، ئىملا ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت «ئۈچنى يەڭگۈشلەشتە» دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كېلىۋاتىمىز.

يوللانغان ۋاقتى 2012-3-2 07:37:41

دۇنيادا ئۇيغۇرلاردەك دىنىي جەھەتتە مۇرەككەپ تارىخىي دەۋرنى باشتىن ئۆتكۈزگەن ئىككىنچى بىر مىللەتنى تاپماق بەك تەس. شۇڭلاشقا، يېزىقىمىزمۇ ماس قەدەمدە ئۈزلۈكسىز يەڭگۈشلىنىپ تۇرغان-دە!

otuken37 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-2 08:39:53

دۇنيادا ئۇيغۇرلاردەك دىنىي جەھەتتە مۇرەككەپ تارىخىي دەۋرنى باشتىن ئۆتكۈزگەن ئىككىنچى بىر مىللەتنى تاپماق بەك تەس. شۇڭلاشقا، يېزىقلىرىمىزمۇ ماس قەدەمدە يەڭگۈشلىنىپ ماڭغان-دە!

function يوللانغان ۋاقتى 2012-3-2 09:11:42

ھازىرمۇ يېزىق-ئىملا ئىشلىرى مۇرەككەپ

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2012-3-2 14:57:16

يېزىق ئالماشتۇرماي ياشىغان بولسا قانداق بولپ كېتەربولغىيتۇق ،تەسەۋۋۇر قىلىلالمايۋاتىمەن.

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2012-3-2 17:33:30

يېزىق ئالماشتۇرۇشتا راستلا ئىجاتچان ،ئەمگەكچان ئىكەنمىز.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-3-3 10:12:06

ئاپتونوم رايونلۇق موزىيدا ئىشلىگەن بىر ئاكىمىزنىڭ «ئۇيغۇر تارىخىي يېزىقلىرى» دەپمۇ بىر كىتاۋى بار بولىدىغان قاتتىق مۇقاۋىلىق.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-3-8 19:23:48

يېڭى يېزىق - يەنى لاتىن يېزىقى تىلغا ئېلىنماپتۇ ، يەنە ئەنجان ئۇيغۇرلىرى ئىشلىتىۋاتقان سىلاۋيان يېزىقى بار

yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-19 14:46:02

قەدىمقى كۈسەن،پىشامشان بەگلىكلىردە ئىشلىتىگەن قارۇشتى يېزىقى چۈشۈپ قاپتۇ.
بەت: [1]
: ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا ئىشلەتكەن يېزىقلىرى