niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2012-3-1 19:07:24

مەھمۇت سىجاڭ بىلەن بىللە بولغان 12 يىل

مەھمۇت سىجاڭ بىلەن بىللە بولغان 12 يىل


باي ئېزىز


مەن 1932 – يىلى تۇرپان قوزغىلاڭلىرىغا قاتناشقانىدىم. بۇ ئىشلارغا ئاز كەم 50 يىل بولدى. ھازىر ئېسىمدە قالغان پاكىتلارنى يېزىپ ماتېرىيال سۈپىتىدە تەقدىم قىلماقچىمەن، قېلىپ قالغان جايلىرى بولسا، خەۋەردار ئاغىنىلەرنىڭ تولۇقلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


سۆزنى قۇمۇل قوزغىلىڭىدىن باشلايمەن


قۇمۇل ۋاڭ ۋە جىن شۇرېىن ھۆكۈمىتى خەلقنى رەھىمسىزلىك بىلەن ئەزگەنلىكى ئۈچۈن قۇمۇل، ئاراتۈرۈك ئىككى ناھىيەدە خوجانىياز ھاجى ۋە سالى دورغا باشچىلىقىدا ئون نەچچە ئادەمدىن تەركىب تاپقان قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش تەشكىلاتى قۇرۇلدى. ئۇلار «ئىسلام ئېچىش» شوئارى ئاستىدا كەڭ كۆلەمدە تەشۋىقات يۈرگۈزدى ۋە دېھقانلارنى قوراللاندۇرۇپ ۋاقىت پىشىپ يېتىلگەندە قوزغىلاڭ قىلىش پىلانىنى بەلگىلىدى.


ئۇ چاغدا ئاراتۈرۈك ناھىيىسىدە بىر ليەن ھۆكۈمەت ئەسكىرى تۇراتتى. بۇ ئەسكەرلەرنىڭ باشلىقى ئۇيغۇر قىزى ئالىمەن دېگەندە، يەرلىك خەلق ئۇنىڭغا ئىنتايىن غەزەپلەندى. سالى دورغا باشچىلىقىدىكى بىر توپ دېھقانلار مەسلىھەتلىشىپ مەزكۇر ليەنجاڭغا قىلماقچى بولغان تويىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ توي مۇراسىمىغا تەييارلىق كۆرۈشنى خەۋەر قىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن سالى دورغا بىر قىسىم مەرگەنلەرنى توپلاپ، توي بولۇۋاتقاندا پىلان بويىچە گازارمىغا ھۇجۇم قىلىپ ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرىنى قورال تاپشۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى. سالى دورغا ليەنجاڭنى ئۆلتۈرۈپ ئەسكەرلەرنى يوقاتقاندىن كېيىن تاغقا چىقىپ كېيىنكى ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆردى.


ئۇ چاغدا خوجانىياز ھاجى قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسىدا خىزمەتتە تۇراتتى. سالى دورغا خوجانىياز ھاجى ۋە باشقا تەشكىلات ئەزالىرىغا تەشۋىق قىلىپ ئاممىنى قوزغاپ تاغقا ئاشلىق يەتكۈزۈپ بېرىشكە ئۇقتۇرۇش قىلدى. ئۇلارنىڭ يۈرگۈزگەن تەشۋىقاتلىرى نەتىجىسىدە ھەرقايسى جايلاردىكى دېھقان – چارۋىچىلار قوللىرىغا تاياق – توقماق، كەتمەن، پالتا ئېلىپ تاغقا چىقىپ تاغلىقلارنىڭ ھەرىكەتلىرىگە قاتناشتى.


قۇمۇلدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلىغان جىن شۇرېن ھۆكۈمىتى ئاقسۇدىكى جياۋ دوتەينى يۆتكەپ كېلىپ ئالدىنقى سەپ قوماندانلىقىغا تەيىنلەپ، ئەسكىرىي كۈچ ئۇيۇشتۇرۇپ قۇمۇل قوزغىلىڭىنى بېسىقتۇرماقچى بولدى. خوجانىيازھاجى قاتارلىقلار جىن شۇرېن ھۆكۈمىتىنىڭ زور مىقداردا ئەسكەر ئەۋەتكەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بىر تەرەپتىن گەنسۇغا ئادەم ئەۋەتىپ ما جۇڭيىڭنى ياردەمگە تەكلىپ قىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن خوجانىياز ھاجى بىرنەچچە ئادەم بىلەن قۇمۇلدىكى قوماندانلىق شتابىغا كىرىپ سالى دورغىنى تىرىك تۇتۇپ بېرىشكە ۋەدە قىلدى. قوماندان ئۇنىڭ ۋەدىلىرىگە ئىشىنىپ، تاغقا بىرنەچچە يۈز ئەسكەر ئەۋەتمەكچى بولۇپ ئوزۇق – تۈلۈك ۋە كىيىم كېچەك تەييارلاشقا كىرىشتى. بۇ جەرياندا تاغلىقلار تەييارلىق كۆۈۋاتقاندى. شۇنىڭدەك خوجانىياز ھاجى تاغقا مەخپىي ئادەم ئەۋەتىپ، سالى دورغىغا جاي تاللاپ دۈشمەنگە زەربە بېرىشنى خەۋەر قىلدى.


خوجانىياز ھاجى يەنە سالى دورغىغا، مەن ھۆكۈمەت ئەسكىرىنى باشلاپ مەلۇم جايغا يەتكەندە ئالدى بىلەن مېنى خائىن دەپ باغلىۋېلىڭلار، ئاندىن باشقىلارنى باغلاڭلار دەپ ئۇقتۇرۇش قىلدى. سالى دورغا پىلان بويىچە ئىشلەپ ئۆز مەقسىتىگە يەتتى. ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرىنى تاغ ئىچىدە تولۇق يوقىتىپ ئۇلارنىڭ قوراللىرىنى غەنىيمەت ئېلىپ ئۆزلىرىنى قوراللاندۇردى. شۇنىڭدىن باشلاپ خوجانىياز ھاجىنىڭ نامى چىقىشقا باشلىدى.


ما جۇڭيىڭنىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا چىقىشى


ما جۇڭيىڭ 500 ئاتلىق ئەسكەر بىلەن قۇمۇلغا چىقىپ، خوجانىياز ھاجى بىلەن بىرلىكتە قۇمۇل شەھىرىنى مۇھاسىرە قىلدى. كېيىن يەتتە قۇدۇقتىكى بىر جەڭدە ما جۇڭيىڭ يارىدار بولۇپ، ۋاقتىنچە يەنە گەنسۇغا قايتىپ كەتتى.


قۇمۇل شەھىرىنىڭ بازار باشلىقى يولۋاس بىرنەچچە مەرگەنلەرنى ئەگەشتۈرۈپ تاغقا چىقىپ قوراللىق دېھقانلارغا قوشۇلدى. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي خوجانىياز ھاجى بىلەن كېلىشەلمەي تاغدا ئۆز ئالدىغا ئىش قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر قېتىم خوجانىياز ھاجىنى تۇتىۋېلىپ بىرنەچچە كۈن نەزەربەند قىلغاندا، قوزغىلاڭچى ئامما ئادەم ئەۋەتىپ خوجانىياز ھاجىنى قۇتقۇزۇپ كەلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن خوجانىياز ھاجى بىلەن يولۋاس ئوتتۇرىسىدا ياراشتۇرغىلى بولمايدىغان ئېغىر زىددىيەت پەيدا بولدى.


خوجانىياز ھاجى قۇمۇلدا باش كۆتەرگەندىن كېيىن تاشقى موڭغۇلىيىدىن قاسىم ئەپەندى (قازاق) قاتارلىق بىرنەچچە ئادەم كەلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئىككىسى مۇشاۋىر (مەسلىھەتچى) بولدى.


ما جۇڭيىڭدىن قېلىپ قالغان ما شىمىڭ تۇرسۇن، تۆمۈر دېگەن كىشىلەرنى تېپىپ 100 دىن ئارتۇق ئادەم توپلاپ تاغقا چىقىپ خوجانىياز ھاجى بىلەن بىرلىشىپ، ئەسكەر تەربىيىلەش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولدى ۋە ھەر خىل قوراللارنى ئىشلىتىشنى ئۆگەتتى.


پىچان، تۇرپاندىكى ئۇچقۇن


ما شىمىڭ، تۇرسۇن، تۆمۈر دېگەنلەر تۇرپاندا شەرت – شارائىت پىشىپ قالدى، بىز چىقىپ ياردەم قىلساق دەپ خوجانىياز ھاجىغا پىكىر قىلغاندا، ھاجى ئۇلارنىڭ بۇ تەلىپىگە قوشۇلمىدى. ئەمما ئۇلار گەپكە كىرمەي ئارقا يول بىلەن پىچانغا چىقىپ، پىچاننىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئىشغال قىلدى. بۇ چاغدا شۈن لۈيجاڭ نەچچە يۈز ئاتلىق ئەسكەرلىرىنى باشلاپ قۇمۇلغا كېتىۋاتقاندى. ما شىمىڭ قوشۇنلىرىنىڭ پىچانغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى نۇر لويى دېگەن بىر كىشى شۈن لۈيجاڭنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ يېتىپ خەۋەر قىلغاندا، شۈن لۈيجاڭ دەرھال ئارقىغا قايتىپ پىچاندا قاتتىق سوقۇش قىلدى. نەتىجىدە ما شىمىڭ، تۇرسۇن، تۆمۈر دېگەنلەر مەغلۇپ بولۇپ لۈكچۈنگە چېكىندى. شۈن لۈيجاڭ پىچاندا چوڭ قەتلىئام يۈرگۈزدى.


ئۇ چاغدا لۈكچۈندە خۇ يىڭجاڭ قوماندانلىقىدا بىر باتاليون ھۆكۈمەت ئەسكىرى بار ئىدى. ما شىمىڭ لۈكچۈنگە بېرىپ ئۇلارنى تەسلىم بولۇشقا دەۋەت قىلدى. ئەمما خۇ يىڭجاڭ تەسلىمنى قوبۇل قىلماي رەت قىلدى. ما شىمىڭ بۇ ئەھۋالدا دۇنخۇئاڭغا قايتىپ كېتىش قارارىغا كېلىپ، لۈكچۈندىن دېغارغا كېتىدۇ ( يۇقىرىقى ئەھۋاللارنى مەن مۆمىن ئاخۇن ئاكىنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغانىدىم).


بۇ چاغدا تۇرپاندا مەھمۇت مۇھىتى، باي ئېزىز، پاشا خوجا ( لۈكچۈن ۋاڭنىڭ ئوغلى)، ئابدۇراخمان ( بۇ ئادەم قەشقەر ئاتۇشلۇق تۆگىچى بولۇپ ئۈرۈمچى، فۇكاڭ، سانجى، جىمىسار، گۇچۇڭ، تۇرپان ئارىلىقلىرىدىكى ئاخباراتلارنى بىزگە يەتكۈزۈپ تۇراتتى) قاتارلىق 13 ئادەم تەشكىلات قۇرۇپ « ئىسلام ئېچىش) شوئارى ئاستىدا تەشۋىقات يۈرگۈزۈپ ھەرقايسى ناھىيەلەردىكى ئاممىنى قوزغاشقا كىرىشتۇق.


بىز يەنە مۆمىن ئاخۇننى قۇمۇلغا ئەۋەتىپ خوجانىياز ھاجى بىلەن ئالاقە باغلىدۇق. شۇ كۈنلەردە تۇرپان ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئىمىن باينى مەھمۇت مۇھىتى بىلەن بىرلىكتە لۈكچۈنگە بېرىپ تەشۋىق قىلىڭلار دەپ ئاستانىگە ئەۋەتكەنىدى. مەن بۇ چاغدا ما شىمىڭنىڭ پىچانغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ تېۋىپلىق قىياپىتىم بىلەن ئاتلىق ئاستانىگە بېرىپ مەھمۇت مۇھىتىنىڭ كۈرەسىگە كىرسەم، مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئوغلى ئابلىمىت مىلتىق ياغلاۋاتقانكەن. مەن ئۇنىڭدىن ئاتاڭ قېنى؟ دەپ سوراپ تۇرۇشۇمغا مەھمۇت مۇھىتى كېلىپ قالدى. مەن ئۇ كىشىدىن ئەھۋال سورىسام، ئۇ كىشى ئەسلىدە ئىمىن باي بىلەن بىرلىكتە لۈكچۈنگە تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن كېتىۋاتقاندا، يولدا ئىبراھىم دورغا باشچىلىقىدا بىر توپ خەلق ئۇچراپ مېنى ئىنقىلابقا رەھبەرلىك قىلىپ بەرگىن دەپ تەلەپ قىلدى، مەن ئۇلارغا ئېنىق جاۋاب بەرمىدىم، ھازىر ئۇلار ما شىمىڭنى قايتۇرۇپ كېلىمىز دەپ قالدى. مەن ئىمىن باي بىلەن ئۆيگە قايتىپ كەلدىم دېدى. بۇ كۈنى مەھمۇت باي ئائىلە شەجەرەلىرى بىلەن ھېسابات دەپتەرلىرىنى ماڭا ساقلاپ قويۇشقا تاپشۇردى، يەنە بىر دانە تاپانچا بەردى. مەن بۇ نەرسىلەرنى تۇرپانغا ئېلىپ كېلىپ يوشۇرغاندىن كېيىن ھەمدۇللا ئەلەم ئاخۇنۇمنىڭ ئۆيىگە سالامغا باردىم. ئاخۇنۇم مېنى كۆرۈپلا: «بۈگۈن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت سەن بىلەن ئىككىمىزنى ئاستانىگە بېرىپ خەلقنى باندىتلارغا قوشۇلماڭلار دەپ تەشۋىق قىلىڭلار دەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىككىمىز ئاستانىغا بارايلى» دېدى.


ئەتىسى بىز ئىككىمىز ئاستانىگە بېرىپ توختى ھاجى (مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، مەرھۇم ئەخمەت ۋاجىدىنىڭ ئاتىسى) نىڭ ئۆيىگە چۈشتۇق. مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئاكىسى مەخسۇت باي ( بۇ ئادەم شۇ چاغدىلا رۇسچە بىلىدىغان زىيالىي ئىدى) بىزنى كۆرۈپلا يىغلاپ تۇرۇپ: « ئىسلام دىنىمىزنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ھەممىمىز ئورتاق كۈچ چىقىرايلى!» دېدى. ئاخۇنۇم باشلىق بىرقانچىمىز يىغلىمىسىلا، ھەممىمىز ئىسلام ئۈچۈن ئىشلەشنى خالايمىز، دېدۇق. ئاندىن ئۇ بىزگە: تۇرپان ئامبىلى شەھەرنى ساقلاش ئۈچۈن ھېسامىدىن ( زىپەر ھاجىنىڭ چوڭ ئوغلى) غا 70 تال مىلتىق بېرىپتۇ. بىز شەھەرگە ھۇجۇم قىلساق، شەھەر ئىچىدىن ھېسامىدىن بىزگە ماسلىشىدۇ. مۇنداق بولغاندا تۇرپاننى ئاسانلا ئىشغال قىلالايمىز. شۇڭا مەن ھازىر باي ئېزىز، ئابدۇقادىر داموللا بىلەن تۇرپانغا ماڭىمەن. قالغان ئادەملەر ئەتە ئەتىگەن چوقۇم يېتىپ بېرىشى كېرەك. بىز شەھەر ئىچىدىن سىلەرگە ماسلىشىپ ئۇرۇش قىلساق، تۇرپان يېڭى شەھەرنى ئېلىۋالالايمىز، دېدى. شۇنىڭ بىلەن يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئۈچ كىشى يەنە تۇرپانغا ماڭدۇق. ئەتىسى ئەتىگەندە قوزغىلاڭچىلار كېلىپ شەھەرگە ھۇجۇم قىلمىدى، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ھېچقايسىمىز بىلمەيتتۇق. كېيىن مەن ئابدۇقادىر داموللا بىلەن ئاتلىنىپ بۇليۇققا بارساق تاياق توقماق كۆتۈرگەن خەلقنىڭ ھۇجۇمغا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق، بىز ئۇلاردىن ئەتىگەن نېمە ئۈچۈن شەھەرگە ھۇجۇم قىلمىدىڭلار؟ دەپ سورىساق ئۇلار: مۇسۇلباي ئۈرۈمچىدىن قايتىپ كېلىپ، تۇرپاننى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىن نۇرغۇن ئەسكەر كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار تامامەن يېڭى قوراللار بىلەن قوراللانغان ( بۇ قوراللارنى بۇرھان شەھىدى ئەنگىلىيىدىن سېتىۋېلىپ كەلگەن)، ئالدى بىلەن شۇلارنى توسۇپ يىغىشتۇرۇۋېتىڭلار دېگەن. شۇڭا بىز شەھەرگە ھۇجۇم قىلمىدۇق. بىز ئەمدى كىندىككە مېڭىشقا تەييارلىق كۆرۇۋاتىمىز دېيىشتى.


قوزغىلاڭچىلار كىندىككە يېتىپ بارغاندا، ئۈرۈمۈچىدىن كېلىۋاتقانلار تېخى يېتىپ كەلمىگەنىدى. ئەمما، گۇچۇڭدىن بىر باتاليون ھۆكۈمەت ئەسكىرى كېلىپ تۇرپان شاپتۇللۇققا ئورۇنلاشقانىكەن. ئابدۇقادىر داموللا بىلەن مەن ئىككىمىز شاپتۇللۇققا بارساق قاتتىق ئۇرۇش بولۇۋېتىپتۇ. ھەر ئىككى تەرەپ چىقىپ تارتىپتۇ. ما شىمىڭنىڭ بىر بۆلۈك ئادىمى ئاستانىگە قېچىپ كەتكەنىكەن.


بىز مەھمۇت مۇھىتى، ما شىمىڭلار مەسلىھەتلىشىپ تۇرپان يېڭىشەھەرگە قايتىپ كېتىۋاتساق، يولنىڭ ئىككى قاسىنىقىدا خەلقلەر كۆز يېشى قىلىپ ئامىن دەپ نۇسرەت تىلەشتى، بىز شەھەرگە يېقىنلاپ بېرىپ 70 تال قورالنى ئېلىپ ئاندىن شەھەرگە ھۇجۇم قىلدۇق، چۈشكە قالماي شەھەرنى ئىگىلىدۇق.


تۇرپان ئۇرۇشى


ئۈرۈمچىدىن كەلگەن قوشۇن بىلەن گۇچۇڭدىن كەلگەن قوشۇن شۇ كۈنى بىرلىشىپ تۇرپان كونىشەھەرگە كىرىپ، ئەتىسى تاڭ يورۇغاندا يېڭىشەھەرنى مۇھاسىرە قىلدى. مەن، ھەمدۇللا ئاخۇنۇم، مەھمۇت باي ۋە ما شىمىڭلار مەسلىھەتلىشىپ قەتئىي قارشى تۇرماقچى بولدۇق. ئۆلسەك شېھىت، قالساق غازى دەپ شۇ كېچىسى مۇھاسىرىنى بۇزۇپ چىقماقچى بولۇپ، شەرقىي دەرۋازىدىن چىقىشىمىزغا ھېسامىدىنغا ئوق تەگدى، ئۈرۈمچىدىن كەلگەن چوڭ قوشۇن بىلەن ما داخەنزە قوشۇنلىرىغا قارشى بىر مەيدان قاتتىق ئۇرۇش قىلىۋاتقىنىمىزدا لەمجىن تەرەپتىن تاياق – توقماق كۆتۈرگەن نۇرغۇن كىشى ياردەمگە كەلدى. ما داخەنزە بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ قاچماقچى بولدى. 50 ھارۋىغا قورال – ياراغلىرىنى بېسىپ قېچىپ يارغولغا كەلگەندە قوزغىلاڭچى ئامما ئۇلارنى توسۇپ ئولجا ئالدى. ساندۇقلارغا قاچىلانغان ئوق – دورىلارنى چوڭ مەسچىتكە توپلىدۇق. بەزەن ساندۇقلاردا يۇمىلاق بىر نەرسىلەر قاچىلانغانىكەن. ئۇ نەرسىلەرنىڭ نېمىلىكىنى، قانداق ئىشلىتىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى. مەن بىر نەچچە تىجارەتچىدىن بۇ نەرسىلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سورىسام، ئۇلار ماڭا، بۇ نەرسىلەرنى قول بومبىسى ئىكەنلىكىنى، قالايمىقان ئىشلەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئەگەر ئۇنىڭغا تېگىپلا قويىدىغان بولسا پارتلاپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.


بىز دۈشمەننىڭ يېڭىشەھەرگە قىلغان مۇھاسىرىسىنى بۇزۇپ چىقىپ كونىشەھەرگە ھۇجۇم قىلدۇق. كونىشەھەردە ئاق ئورۇس ئەسكەرلىرى پىلىموت بىلەن بىزگە ھەدەپ ئوق ياغدۇراتتى. دەرۋازىغا يېقىنلاپ بارغىلى بولمايتتى . قانداق قىلىش كېرەك؟ بىردىنبىر چارە دەرۋازىغا ئوت قويۇش ئىدى. شۇ يەردىلا كىشىلەر ئۆزلىرىنى مەلۇم قىلىپ كىرسىن تۇڭلىرىنى كۆتۈرۈپ، شەھەر دەرۋازىسىغا قاراپ ئىلگىرىلىدى. بىرى ئۆلسە، ئون ئادەم تەييار بولاتتى. پىلىموت ئوقى ئاستىدا كۆپ ئادەم ئۆلگەنلىكىگە قارىماي، ئاخىرى دەرۋازىغا ئوت قويدۇق. ئوت يالقۇنلىرى ئاسمان پەلەككە كۆتۈرۈلدى. بۇ چاغدا ما داخەنزە ( شېڭ شىسەي چۆچەكتىن يۆتكەپ كەلگەن ئاتلىق ئەسكەرلەر پولكىنىڭ پولكوۋنىكى) ئاق بايراق چىقىرىپ تەسلىم بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىر ئازدىن كېيىن ما داخەنزە نەچچە ئادەمنى ئەگەشتۈرۈپ سېپىل ئىچىدىن چىقتى. بىز تەرەپمۇ نەچچە ۋەكىل ئەۋەتتۇق، ئۇلار ئۆزئارا سۆزلەشتى، بىر مەسچىت ئىچىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۆھبەتتە: (1) ما داخەنزە قورال تاپشۇرۇش؛ (2) قوزغىلاڭچى ئامما تۇرپان كونىشەھەرگە كىرمەسلىك؛ (3) ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى تۇرپان يېڭىشەھەردىكى ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق توغرىسىدىكى كېلىشىم ھاسىل قىلىندى. نەتىجىدە ما داخەنزە قورال تاپشۇردى. بىزنىڭ تەجرىبىمىز بولمىغانلىقتىن، ئۇلار قانچىلىك تاپشۇرغان بولسا، بىز شۇنىڭغا قانائەت ھاسىل قىلدۇق. ئارىدىن ئون كۈن ئۆتكەندە، قوللىرىغا تاياق – توقماق كۆتۈرگەن ئون نەچچە ئادەم كونىشەھەرگە كىرىپ 6 – 7 چوشقىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ. بۇ توغرىدا ما داخەنزە نارازىلىق بىلدۈردى. مەھمۇت باي توختامغا ئەمەل قىلىپ كونىشەھەرگە كىرىپ پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرغانلارنى باغلاتتۇرۇپ شەھەر ئايلاندۇرۇپ سازايى قىلغان بولدى.


بۇ چاغدا ئاستانە تەرەپتىن: پىچاندىكى ئورۇس ئەسكەرلىرى تۇرپانغا كېلىۋېتىپتۇ دەيدىغان خەۋەرلەر كەلدى. مەھمۇت مۇھىتى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپلا تۆمۈر ھاجىغا بىرقانچە يۈز ئادەم بىلەن بېرىپ توسۇپ زەربە بېرىشكە بۇيرۇق قىلدى.


شۇ چاغدا ھاپىز ھاجى بىر پارچە خەت ئېلىپ كەلدى. خەتتە شۈن لۈيجاڭ توشقانبۇلاققا كەلگەندە قوزغىلاڭچى خەلق توسۇپ قويدى، ماشىنىسىنىڭ رادىئاتورى توڭلاپ قاپتۇ، ئون نەچچە ھارۋا ئەۋەتىپ ياردەم قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن دەپ يېزىلغانىكەن. شۈن لۈيجاڭ دېگەن جاللات ئاخىرى بىزنىڭ قولىمىزغا چۈشۈپتۇ! دەپ شۇئانلا بىر دانە ماشىنا بىلەن 20 نەچچە ئادەمنى شۈن لۈيجاڭنى تۇتۇپ كەلدۇق. بىر كېچە ئۇنى ھەمدۇللا ئاخۇنۇمنىڭ مەدرىسىسىدە ساقلاپ ئەتىسى ئاممىغا تاپشۇرۇپ بېرىۋېدۇق، ئامما ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى، بىز يەنە ۋۇ داچىڭ دېگەن بىر كاتىپنىمۇ تۇتقاندۇق ئۇنىمۇ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتتى.


بۇ چاغلاردا ما شىمىڭ سىجاڭ، مەھمۇت مۇھىتى مۇئاۋىن سىجاڭ ئىدى ( ئۆزلىرى قويۇپ ئاتىۋالغان ئىسىم). بۇ ئىككى سىجاڭ ئەسكەرلىرىنى باشلاپ پىچانغا ھۇجۇم قىلدى. مەن يەتتە نەپەر ئادەمنى ئەگەشتۈرۈپ ما شىمىڭ بىلەن بىرلىكتە پىچاندا ئۇرۇشقا قاتناشتىم. مەن نېمە ئۈچۈن ماشىمىڭ بىلەن بىللە بولىمەن؟ چۈنكى، مەھمۇت سىجاڭ ما شىمىڭغا گەنسۇغا قېچىپ كېتىپ قالامدىكىن دەپ بىرئاز ئىشەنمەيتتى. شۇڭا ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرىگە نازارەت قىلىش ئۈچۈن مېنى قوشۇپ قويغانىدى. ما شىمىڭ قوشۇنلىرى پىچانغا بېرىپ شەرقىي يولغا (قۇمۇل يولىغا) ئورۇنلىشىپ شەھەرگە ھۇجۇم قىلدى. بۇ كۈنى لۈكچۈندىن تايىپ باشچىلىقىدا نەچچە يۈز ئادەم ياردەمگە كەلدى. شۇ كۈنى كېچىسى، مەھمۇت سىجاڭ چۈشكۈن قىلغان جايغا كېلىپ ئۇرۇش ئەھۋالىدىن دوكلات بېرىپ قايتىپ كېتىش ئۈچۈن ئىشىكتىن چىقسام، كېچىدە ئۇرۇش ناھايىتى قاتتىق بولۇۋاتقانكەن. شۇڭا مەن قايتپ كېتەلمەي بىر كېچە قونۇپ قالدىم. ئەتىسى سەھەردە ما شىمىڭ تۇرغان جايغا بارسام قۇمۇل يولى تەرەپتىن بىر ھارۋا كەلدى. ما شىمىڭ ھارۋىنى كۆرۈپلا ئۆيدىن چىقىپ تاپانچا بىلەن ئۈچ ئاتنى ئېتىپ تاشلىدى. ھارۋىدىن ئۈچ ئادەم چۈشتى. ئۇنىڭ بىرى ناسىر بەگ ( ئازادلىقتىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە باشلىق بولغان ناسىربەگ) ئىككىنچىىسى نۇربەگ ( خې دىڭباڭ دەپمۇ ئاتاىتتى، ئازادلىقتىن بۇرۇن خوتەنگە ۋالىي بولغان)، ئۈچىنچىسى مامۇت بەگ ( ئۈرۈمچىلىك). بۇلار ھارۋىدىن چۈشۈپلا قېچىپ كەتتى. كېيىن بىلسەك بۇ ئۈچ ئادەمنى شېڭ شىسەي تەرجىمان قىلىپ قۇمۇل تەرەپكە ئېلىپ بارغانىكەن.


ئۇرۇش قاتتىق داۋام قىلماقتا. شېڭ شىسەينىڭ قۇمۇلدىن قايتقان ئەسكەرلىرى تەرەپ – تەرەپتىن كېلىپ ئۇرۇشقا قاتناشتى. شۇ كۈنكى ئۇرۇشتا ئېتىلغان ئوق خۇددى مۆلدۈردەك تۆكۈلۈپ تۇردى. شېڭ شىسەي قىسىملىرى بىر دانە تۆمۈر كوڭكىنى ئىشقا سېلىپ پىلىموت قويۇپ نۇرغۇن ئادەمنى قىرىپ تاشلىدى ۋە يارىدار قىلدى. مېنىڭ يەتتە ئادىمىمدىن ئاران بىرى قالدى. ئابلا رەئىس ئەسىرگە چۈشۈپ كەتتى. تۆمۈر باشچىلىقىدىكى نەچچە يۈز ئادەم ئۆلۈپ تۈگىدى. تۆمۈرنىڭ ئورۇنباسارى تۇرسۇن ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىۋاتقان يېرىدىن ئاتلىنىپ مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ: دۈشمەن ئەسكەرلىرى كۆپىيىپ كەتتى، قاچمىساق بولمايدىغان ئوخشايدۇ دېدى. مەن شۇئان ئابدۇقادىر داموللامنى ئېلىپ ما شىمىڭ تۇرغان يەرگە بارساق، بىرمۇ ئادەم يوق. ئۇلار ئاللىقاچان قېچىپ كەتكەنىكەن. بىزمۇ قېچىپ يول ئۈستىدە ما شىمىڭغا يېتىشىۋالدۇق. بۇ چاغدا تۇرپان تەرەپتىن بىر ماشىنا كېلىۋېدى. ما شىمىڭ ئاتنى تاشلاپ ماشىنىغا ئولتۇرۇپ تۇرپانغا كەتتى. مەن ئون نەچچە ئادەم بىلەن لەمجىنگە كېلىپ مەھمۇت مۇھىتىنى ساقلىدىم. بىر ئازدىن كېيىن سىجاڭ يېتىپ كەلدى. مېنى كۆرۈپلا: تۇرپانغا بېرىپ ئەسكەر باشلاپ كېلىڭلار، مەن قارا غوجا ئېغىزىدا شېڭ شىسەينىڭ ئەسكەرلىرىنى توسۇپ تۇرىمەن دېدى. شۇڭا مەن ئابدۇقادىر داموللا بىلەن تۇرپانغا ماڭدۇق. بىز ئاستانىگە كەلگەندە مەخسۇت باي بىزدىن مەھمۇت سىجاڭنى سورىدى. بىز سىجاڭنىڭ ئەھۋالىنى ئېيتىپ بەرگەندىن كېيىن ئاندىن خاتىرجەم بولدى. مەن تۇرپانغا كېلىپ ھەمدۇللا ئاخۇنۇم ۋە ما شىمىڭ بىلەن مەسلىھەتلىشىپ مەھمۇت سىجاڭغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن 200 ئادەم بىلەن ئاخۇن تۈەنجاڭنى ئەۋەتتۇق. پىلانىمىزدا ئاخۇن تۇەنجاڭ ئالدى بىلەن لەمجىنگە بېرىپ ئاندىن كەينىگە يېنىپ ئېغىزغا ھۇجۇم قىلماقچى. مەھمۇت سىجاڭ ۋە قۇربان سەئىدى باشچىلىقىدىكى قىسىملار ئېغىزنى توسۇپ شېڭ شىسەي قوشۇنلىرى بىلەن ئۈچ كۈن ئۇرۇشتى. ئاخۇن تۇەنجاڭ يېتىپ كەلگۈچە، ئورۇس ئەسكەرلىرى تاغدىن ئۆتۈپ بىزگە ھۇجۇم قىلغانىدى. ئۇلار پىلىموت قويۇپ ئون نەچچە ئادىمىمىزنى نابۇت قىلدى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا مەھمۇت سىجاڭ بىلەن قۇربان سەئىدى قىسىملىرى چېكىنىپ توشقان بۇلاققا كېلىۋالدى. مەھمۇت سىجاڭ بىرنەچچە يېقىن ئادەملىرى بىلەن ھەمدۇللا ئاخۇنۇمنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، دۈشمەنلەرنىڭ پەيلى بۇزۇق، خورىكى ئۈستۈن، شۇڭا توخسۇن ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭ تەرەپكە كېتىمەن – دېدى.


جەنۇبىي شىنجاڭغا يۈرۈش قىلىش


شۇ كۈنى كەچتە ما شىمىڭ مېنى چاقىرتىپ، ئون نەچچە ئادەم ئېلىپ بېرىپ قۇمۇل يولىدىكى بىر كۆۋرۈكنىڭ ئالدى تەرىپىگە لەخمە كولاپ ئۈستىگە شۇپۇر تاشلاپ، دۈشمەننىڭ تۆمۈر كوڭكىسى ئۆتەلمەيدىغان قىلىپ قويۇڭلار دەپ بۇيرۇدى. مەن ئوننەچچە ئادەم بىلەن بېرىپ، يەر توڭ بولغانلىقتىن لەخمە كولىيالمىدۇق. ئامالسىز قايتىپ كەلدىم، ئەتىسى ئابدۇقادىر داموللام مېنى ھەمدۇللا ئاخۇنۇمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كېلىڭ دېدى. مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئاپامنى ۋە خوتۇن - بالىلىرىمنى پاقا بۇلاق تەرەپكە ماڭدۇرۇۋېتىپ، ئاندىن ئۆيدىكى مىلتىقنى ئېلىپ ھەمدۇللا ئاخۇنۇمنىڭ ئۆيىگە باردىم. شۇ كۈنى شېڭ شىسەي ئايروپىلان ئەۋەتىپ تۇرپان يېڭىشەھەرنى بومباردىمان قىلدى. شۇڭا، ھەمدۇللا ئاخۇنۇم بىلەن بىرلىكتە پاقا بۇلاق تەرەپكە قاچتۇق. پاقا بۇلاقتا بىر كىراكەشنى تېپىپ ئاپام بىلەن ئايالىمنى جەنۇبىي شىنجاڭ تەرەپكە ئاپىرىپ قويۇشقا كىرا قىلىۋېتىپ ئۆزۈم توخسۇنغا باردىم. مەن تاھىر بەگ، پالتاخۇن دېگەنلەر بىلەن توخسۇنغا بارغىنىمىزدا ماشىمىڭ قېچىپ كۈمۇش تەرەپكە يېتىپ بارغانىكەن. توخسۇنلۇق توختى تۇەنجاڭ بولسا ئۆز ئادەملىرى بىلەن توخسۇن خودوڭ رايونىنىڭ قارا بۇلاق دېگەن يېرىدە شېڭ شىسەي ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇرۇشۇۋاتقانىكەن. بىز ما شىمىڭ، مەھمۇت سىجاڭنىڭ ئادەملىرى جەنۇبىي شىنجاڭ تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتۇق. يول ئۈستىدە كېتىۋېتىپ بۇ ئۇرۇشتا توختى تۇەنجاڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى، شېڭ شىسەينىڭ قولىغا تىرىك چۈشۈپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق.


بىز قارا شەھەرگە بېرىپ ما جۇڭيىڭنى قايتا تەكلىپ قىلىش پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىپ مەۋسۈلباي ( مەھمۇت سىجاڭنىڭ ئاكىىسى)  بىلەن ۋاڭ نىيازنى ( خۇيزۇ) كورلا ئارقىلىق دۇنخۇئاڭغا ئەۋەتتۇق. جەنۇبىي شىنجاڭ تەرەپكە تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن مەن بىلەن يۇنۇس بەگ، كىچىك ئاخۇن ئۈچىمىزنى كۇچارغا ئەۋەتتى. بىز ئۈچىمىز بۈگۈرگە يېتىپ بارغاندا، كۇچاردا تۆمۈر ئېلى ۋە ھادى ئەلەم (شايارلىق) ئادەملەر باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچى ئامما كۇچارغا ھۇجۇم قىلىپ مۇھاسىرە قىلغانلىقىنى ئاڭلىدۇق. كۇچاردا ئەسلىدە چوڭراق دورا ئىسكىلاتى بار ئىدى. ئامما شەھەرگە ھۇجۇم قىلغاندا، كۇچاردىكى ھەربىي مەمۇرىي ئەمەلدارلار دورىخانا ئۆگزىسىگە چىقىپ بىر ئادىمىگە ئوق ئېتىشنى بۇيرۇپ دورىنى پارتلىتىدۇ. گۈلدۈرلىگەن دورا ئاۋازى يەر – جاھاننى تىترىتىدۇ. پۈتۈن شەھەرنى ئىس – تۇمان قاپلايدۇ. بىز بۇ ئەھۋالنى بۈگۈردە تۇرۇپ ئاڭلىدۇق. بىز كۇچارغا يېتىپ بارساق، تۆمۈر تۇەنجاڭ ئەسكەرلىرىنى باشلاپ ئاقسۇغا كەتكەنىكەن. بىز كۇچار، شايار، توقسۇ قاتارلىق جايلاردا تەشۋىق قىلىپ، ۋەزىپىمىز ئاخىرلاشقاندا قارا شەھەرگە قايتىپ كېتەيلى دەپ تۇرساق كۇچارلىق ئىسلامباي، ھېلىم ھاجى دېگەنلەر بىزنى توسۇپ ئاقسۇدىن كەلگەن خەۋەردە تۆمۈر تۇەنجاڭ بىلەن ما لۈيجاڭنىڭ ئارىسى بىر ئاز بۇزۇلۇپ قاپتۇ. سىلەر بېرىپ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ تۈزەپ قويۇڭلار دېدى. شۇ سەۋەبتىن بىز قارا شەھەرگە قايتماستىن ئاقسۇغا بارماقچى بولدۇق. بىز ئاقسۇ كونىشەھەرگە يېتىپ بېرىپ تۆمۈر تۇەنجاڭ بىلەن كۆرۈشتۇق. ئۇ كىشى بىزگە مۇنداق دېدى.: ما لۈيجاڭ كۈمۈشتە دەن ئاچىدىغان بىر دەنجا، ئۆزىنى- ئۆزى لۈيجاڭ دەپ ئاتىۋېلىپ ئادەم ياراتمايدىغان بولۇۋالدى. ئۇنىڭ يىدارىن، ئېردارىن، سەندارىن دەپ ئۈچ ئىنىسى بار. ئۇرۇش دېسە يىراق قاچىدۇ، ئولجا ئېلىشقا كەلگەندە ھەممىدىن جىق ئالىدۇ. ئۇنىڭ بۇ كېسىلىنى تۈزەتمىسەم بولمايدۇ، دېدى. بىز بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ يۇنۇس بەگ، كىچىك ئاخۇن ئۈچىمىز ئاسۇققا ( يېڭىشەھەرگە) چىقىپ ما لۈيجاڭ بىلەن كۆرۈشتۇق. نۇرغۇن ياخشى گەپلەرنى قىلىپ ئىككىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ قويدۇق. بىز تۆمۈر ئېلىنى ئاسۇققا باشلاپ چىقىپ، مالۈيجاڭ بېسىۋالغان قورال – ياراغ، ئوق – دورىلاردىن بىر قىسمىنى ئېلىپ بەردۇق. تۆمۈر ئېلى قورال ئالغاندىن كېيىن، ئالدىنقى سەپكە بېرىپ ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلدى. مارالبېشى تۇمشۇقتا قەشقەردىن كەلگەن مادوتەي ئەسكەرلىرى بىلەن 40 نەچچە كۈن سوقۇش قىلدى. تۆمۈر ئېلى بىلەن ما لۈيجاڭ ئىككىسى مېنى ئارقا سەپ تەمىنات خىزمىتىنى ئىشلەشكە تەيىنلىدى. شۇڭا مەن ئاقسۇدا ھەربىي كىيىم ۋە ئېگەر – توقۇم ياسىتىش بىلەن بولدۇم. يۇنۇس بەگ بىلەن كىچىك ئاخۇن ئىككىسى قاقشال يولى بىلەن قەشقەرگە كەتتى.


مەن قاراش شەھەردىكى ما شىمىڭغا بىر پارچە خەت يازدىم. مەزمۇنى ما لۈيجاڭ تۆمۈر تۈەنجاڭنى كۆزگە ئىلماي نەتىجىدە ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا ئارازلىق پەيدا بولۇپتۇ. بۇنداق بولۇشى ئىشلىرىمىز ئۈچۈن پايدىسىز. شۇڭا، ئىچكىرىدىن چىققان خۇيزۇلاردىن ئەۋەتىپ ما لۈيجاڭغا بىر ئاز بېسىم ئىشلەتكەن بولسىڭىز ياخشى بولاتتى دېگەندىن ئىبارەت. مېنىڭ خېتىمگە ئاساسەن ما جەنچاڭ ئىسىملىك ياشراق بىرىنى بىر قىسىم ئادەم بىلەن ئەۋەتتى، ئۇ كىشى مارالبېشىغا يېتىپ كېلىپلا ئۇرۇشقا قاتناشتى. ما جەنچاڭ ئاقسۇغا كەلگەندە، مەن ئاقسۇ كونىشەھەر ھاكىمى ئايۇپ بىلەن بىللە بېرىپ كۆرۈشتىم. ما جەنچاڭمۇ مېنىڭ ئارقا سەپ تەمىنات خىزمىتى ئىشلەۋاتقىنىمغا قوشۇلدى.


مارالبېشى تۇمشۇقتا 40 نەچچە كۈن جەڭ قىلغان تۆمۈر ئېلى غەلىبە قىلدى. ياڭ چىمىن ئۇرۇشتا يارىدار بولۇپ، قەشقەرگە قاراپ قاچتى. مەن ئاقسۇدىن قەشقەرگە يېتىپ بارغاندا تۆمۈر ئېلى سىلىڭ بولۇپ قەشقەر كونىشەھەرگە جايلاشقانىكەن. يۇنۇس بەگ قەشقەرگە ۋالىي بولۇپتۇ. كىچىك ئاخۇن تۇەنجاڭ بولۇپتۇ. ما جەنچاڭ قەشقەر يېڭىشەھەرگە جايلاشقانىكەن. مەن بېرىپ كۆرۈشكەندە ئۇ ماڭا، تۆمۈر ئېلى سىجاڭ بولغاندىن بۇيان، مەن بىلەن با مەسلىھەت ئىش قىلمايدىغان بولۇپ قالدى، دەپ نارازىلىق سۆزلەرنى قىلدى.


قەشقەردە


مېنىڭ بىلىشىمچە، ئەينى چاغلاردا قەشقەردە تۆت خىل كۈچ بار ئىدى: (1) تۆمۈر سىلىڭ باشچىلىقىدىكى ھەربىي كۈچ؛ (2) ما جەنچاڭ باشچىلىقىدىكى ھەربىي كۈچ؛ ( 3) ئوسمان سىجاڭ باشچىلىقىدىكى ھەربىي كۈچ؛ (4) ئۆزبېك سېتىۋالدىجان باشچىلىقىدىكى ھەربىي كۈچ.


قەشقەر ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىدى. قەشقەرلىك ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم، ئابدۇرېھىم بايۋەچچە دېگەنلەر ھۆكۈمەت ئىشىغا ئارىلىشىۋالغانىكەن. مەن قەشقەرگە بارغان ھامان مېنى يەكەنگە بۇيرۇدى. يەكەندە تۆمۈر سىلىڭنىڭ قول ئاستىدىكىلەردىن ھاپىز لۈيجاڭ بار ئىدى. شامەنسۇرمۇ شۇ يەردە ئىكەن. ئۇ چاغدا يەكەنگە ھامىتخان خوجا دېگەن كىشى شەنجاڭ ئىدى.


شامەنسۇر دېگەن ئىسىمنى ئاڭلاپ بۇ قانداق ئادەمدۇ دەپ ھەيران بولدۇم. مەن يەكەنگە بارسام شامەنسۇر دېگەن كىشى كېلىپ مەن بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى. ئاندىن ئۇنىڭ كونا ئاغىنەم ئىكەنلىكىنى تونۇدۇم. ئۇ ئەسلىدە ئابدۇللا ئىسىملىك دورىگەر بولۇپ تۇرپاندا بىللە تېبابەتچىلىك قىلغانىدۇق. شۇنىڭ بىلەن مەن خاتىرجەم بولۇپ يەكەندە تۇرۇپ قالدىم. ئارىدىن بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندە شامەنسۇر، ساۋۇت داموللا قاتارلىقلار خوتەن قىسىملىرىنى باشلاپ قەشقەرگە تۆمۈر سىجاڭنى زىيارەت قىلغىلى كەتتى. ئۇلار ئاساسەن تۆمۈر سىجاڭ بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇش ئۈچۈن بارغانىدى. بۇ مەسىلىدە تۆمۈر سىجاڭ بىلەن پىكىردە بىرلىككە كېلەلمەي «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» قۇرالمىدىلا ئەمەس، ئەكسىچە توقۇنۇش پەيدا بولۇپ، تۆمۈر سىجاڭ خوتەن قىسىملىرىنى قورالسىزلاندۇرۇۋەتتى.


شۇنىڭدىن باشلاپ خوتەنلىكلەر تۆمۈر سىجاڭغا ئىتائەت قىلمىدى. ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەت كۈندىن كۈنگە يامانلاشتى. تۆمۈر سىجاڭ، سېتىۋالدىجان پولكى بىلەن ھاپىز لۈيجاڭغا خوتەنگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. شۇ ۋاقىتتا تۆمۈر سىجاڭنىڭ بىر قىسىم ئەسكەرلىرى ئابدۇقادىر مۇختەرنىڭ باشچىلىقىدا تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنى ئەكىلىش ئۈچۈن كۇچارغا كەتكەنىدى. قەشقەر كونىشەھەردە ھامۇتخان لۈيجاڭنىڭ بىر لۈي ئەسكىرىلا قالغانىدى. شۇنداق ۋاقىتتا ئوسمان سىجاڭ يۈز ئۆرۈپ ئەسكەرلىرىنى باشلاپ تاغقا چىقىپ كەتتى. تۆمۈر سىجاڭ ھامۇتخان لۈيجاڭغا ئوسمان سىجاڭنى قوغلاشقا بۇيرۇق قىلىدۇ. قىرغىزلار ئاللىقاچان تاغ ئىچىگە كىرىپ كەتكەنىدى. ئەتىسى تۆمۈر سىجاڭ كىچىك ماشىنىغا ئولتۇرۇپ لەنگەرگە چىقىپ ئۇرۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ قەشقەر كونىشەھەرگە قايتىپ كېلىۋاتقاندا، يول ئۈستىدە ما جەنچاڭ ئەۋەتكەن كاڭ مازا باشچىلىقىدىكى بىر تۈەن ئەسكەرگە ئۇچرايدۇ. تۆمۈر سىجاڭ ماشىنىدىن چۈشۈپ مەزكۇر تۈەننىڭ تۈەنجاڭىنى ۋاقتىدا كەلمىدىڭلار دەپ ئەيىبلەيدۇ. تۈڭگان ئەسكەرلىرى شۇ يەردە ئوق چىقىرىپ تۆمۈر سىجاڭ ۋە باشقا مەھرەملىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ ھەمدە تۆمۈر سىجاڭنىڭ كاللىسىنى كېسىپ شەھەر دەرۋازىسىغا ئېسىپ قويىدۇ ( كاڭ مازا قاراشەھەرلىك خۇيزۇ بولۇپ كېيىن لۈيجاڭ بولغان). مەن يەكەندە تۇرۇپ بۇ خەۋەرنى ئاڭلىدىم ئەسلىدە خوتەنگە ھۇجۇم قىلماقچى بولغان ھاپىز لۈيجاڭ ۋە سېتىۋالدىجان قىسىملىرى كەينىگە قايتىپ قەشقەرگە ھۇجۇم قىلدى. تۆمۈر سىجاڭنىڭ قارمىقىدىكى قىسىملار كۆرۈنۈشتە قىساس ئالماقچى بولۇپ سوقۇش قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ھەرقايسىسى ئۆز كۈچىنى ساقلاپ قالاتتى. شۇڭا، ھەقىقىي يوسۇندا ئۇرۇشقا قاتناشمىدى.


بۇ چاغدا خوجانىياز ھاجى، مەھمۇت سىجاڭلار ئاقسۇغا كەلگەنىدى. تۆمۈر سىجاڭنىڭ قوشۇنلىرى قەشقەردىكى ما جەنچاڭ قوشۇنلىرى بىلەن سوقۇشۇۋاتاتتى. بولۇپمۇ سېتىۋالدىجاننىڭ ئۆزبېك پولكى ئىنتايىن قاتتىق جەڭ قىلدى. قەشقەر كونىشەھەرنى بىرقانچە قېتىم ئىشغال قىلدى. دەل شۇ ۋاقىتتا ساۋۇت داموللا باشچىلىقىدىكى ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» رەسمىي قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىندى. ئاقسۇدىكى خوجانىيازھاجى مەھمۇت سىجاڭ قوشۇنلىرىمۇ قەشقەرگە كېلىپ ما جەنچاڭغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشتى.


خوجانىيازھاجى ئاتالمىش « شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» گە رەئىس جۇمھۇرلۇققا تەيىنلەندى. ساۋۇت داموللا باش ۋەزىر (زۇڭلى) بولدى. مەھمۇت سىجاڭنىمۇ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دەپ تەيىنلىدى. خوجانىياز ھاجى قوشۇنلىرى قەشقەر يېڭىشەھەرگە راسا ھۇجۇم قىلىۋاتقاندا قۇربان ھېيت كېلىپ قالدى. ھاجى ئەسكەرلىرىنى قايتىپ كېلىپ ھېيت نامىزى ئوقۇشقا بۇيرۇق قىلدى. بۇيرۇققا بىنائەن ھەممە ئەسكەر سەپنى بوشىتىپ قايتىپ كەلدى. بۇ پۇرسەتتە ما جەنچاڭ قوشۇنلىرى ئىلگىرى قولىدىن كەتكۈزۈپ قويغان سەپلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ يېڭىشەھەرنى مۇستەھكەملىۋالدى.


بۇ چاغدا ما فۇيۈەن قوشۇنلىرى ئاقسۇدىن قەشقەرگە كەلدى. ئىمىر ساھىب باشچىلىقىدىكى خوتەن ئەسكەرلىرى مارالبېشى، پەيزىۋاتلاردا توسۇپ زەربە بەردى. نەتىجىدە خوتەن ئەسكەرلىرى مەغلۇپ بولۇپ مارابېشى پەيزىۋاتلارنى تاشلاپ چىقتى. ما فۇيۈەن قوشۇنلىرى ئىلگىرىلەپ كېلىپ قەشقەرگە ھۇجۇم قىلدى. خوجىنىياز ھاجى ئاتۇشنىڭ ئاغۇ تاغلىرىغا چېكىندى. تۇڭگان قوشۇنلىرى ئاتۇشقىچە قوغلىشىپ كېلىپ قاتتىق سوقۇشلار بولدى. ئەسكەرلەر تەرەپ – تەرەپكە قېچىپ كېتىپ ھاجىنىڭ يېنىدا ئاران ئون نەچچىلا ئادەم قالغاندا تۇڭگان ئەسكەرلىرى ھاجىنى قوغلاپ بىر ئېقىنغا قاپساپ كېلىدۇ. ئەھۋال ئىنتايىن خەتەرلىك ئىدى. شۇ چاغدا ھاجى ئاتتىن چۈشۈپ ئۆز قولى بىلەن دۈشمەننىڭ نۇرغۇن ئادىمىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ خەتەردىن قۇتۇلدى. تۇڭگانلار كەتكەندىن كېيىن خوجىنياز ھاجى ئەسكەرلىرىنى باشلاپ ئەركەشتامغا بېرىپ نەق بىر ئاي تۇردى. بۇ يەرگە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن بىرمۇنچە ئادەملەر كېلىپ ساۋۇت داموللىنىڭ ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» قۇرغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى ھەمدە خوجىنىياز ھاجىنى رەئىس جۇمھۇر بولماسلىقىڭىز لازىم ئىدى دەپ ئەيىبلىدى. بۇ مەسىلىدە خوجانىياز ھاجى خېلىلا «خىجالەت» بولدى. ئەڭ ئاخىرىدا سوۋېتلىكلەر ساۋۇت داموللىنى قولغا ئېلىش تەكلىپىنى قويدى ھەمدە نۇرغۇن سوۋغا تەقدىم قىلىپ شەرەپلىك ئۇنۋان بەردى.


ئاتالمىش « شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» نىڭ دۆلەت بايرىقى مەسىلىسىدە بىرقانچە كۈن مۇنازىرىلىشىپ بىر قىسىم كىشىلەر مۇستەقىل بولۇش، بايراققا ئاي يۇلتۇز بەلگىسى ئورنىتىشنى تەشەببۇس قىلدى. يۇنۇسبەگ پىكىر قىلىپ بىز ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا بىر مەركەزگە تايىنىشىمىز كېرەك. ئۇنداق قىلمىساق چەتئەل جاھانگىرلىرى بوزەك تاپىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دۆلەت بايرىقىمىزغا ئاي يۇلتۇز ئورناتقاندىن تاشقىرى يۇقىرىقى بۇرجىسىغا « كۆك ئاسمان ئاق كۈن» بەلگىسى ( گومىنداڭ دۆلەت بايرىقىنىڭ بەلگىسى – ت) ئورنىتىشىمىز لازىم دېگەن تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. كۆپچىلىك بۇ پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئاتالمىش« شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» بايرىقىغا ئاي – يۇلتۇز ئورنىتىپ، دەستىنىڭ ئۇچىغا يېقىنراق بۇرجىسىغا  « كۆك ئاسمان ئاق كۈن» بەلگىسى ئورناتماقچى بولدى.


خوجىنىياز ھاجى ئەركەشتامدىن يەركەنگە كېلىپ ساۋۇت داموللا، زېرىپ قارى ھاجى، سۇلتانجان قاتارلىق ئۈچ كىشىنى قولغا ئېلىش توغرىسىدا مەھمۇت سىجاڭغا بۇيرۇق چۈشۈردى. مەھمۇت سىجاڭ غوپۇر تۈەنجاڭغا بۇيرۇق بېرىپ قولغا ئالدى. سۇلتانجان ئاتالمىش « شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» نىڭ باش كاتىپى بولۇپ پۈتۈن ئىش شۇ كىشىنىڭ قولىدىن ئۆتەتتى. سۇلتانجان سوۋېت يېرىدىن قېچىپ ئۆتكەن ئۇنسۇر ئىدى. كېيىن ئۇ تۈرمىدىن قېچىپ چەتئەلگە ئۆتۈپ ئەرەب دۆلەتلىرىدە سەرگەندان بولۇپ يۈردى ( سۇلتانجان ئەسلىدە تۈركىيە پۇقراسى ئىدى. تۈركىيە ئۇنى سوۋېت ئىشپىيونى دەپ گۇمانلىنىپ تۈركىيىگە كىرگۈزمىگەن).


شېڭ شىسەي ما جۇڭيىڭ قىسىملىرىنى جەنۇبىي شىنجاڭ تەرەپكە قوغلاپ كەلگەندە ئۇلار قەشقەردە بىرنەچچە كۈن تۇرۇپ ئاندىن خوتەنگە جۇغلاندى. مەن بۇ چاغدا يەكەندە شەنجاڭ ئىدىم. ما شىمىڭ، ما فۇيۈەنلەر بىلەن تونۇش بولغىنىم ئۈچۈن ئۇلار داۋاملىق شەنجاڭ بولۇشۇمنى قۇۋۋەتلىدى. ئۇلار يەكەنگە كەلگەندە خوجىنياھاجى بىلەن مەھمۇت سىجاڭلار بىلەن مەكىتتە ئىدى. ما شىمىڭ قىسىملىرى مەكىتكە بېرىپ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى. بۇ سوقۇشتا مەھمۇت سىجاڭنىڭ ئاديوناتلار باشلىقى نىيازغا ئوق تەگدى. شۇ سەۋەبتىن ئەسكەرلەر تەرەپ تەرەپكە قېچىپ يەكەن دەرياسىن بويلاپ ئاقسۇغا ئۆتۈپ كەتتى. ئۇلار قېچىپ مارالبېشى ئەتراپىدىكى شاقۇر دېگەن جايغا بارغاندا ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسى كىيىم – كېچەكلىرىنى يېشىپ خاتىرجەم ئۇخلاۋاتقاندا ما فۇيۈەن قىسىملىرى قوغلاپ كېلىپ تۈن نىسپىدە ھۇجۇم قىلدى. خوجىنىيازھاجى قىسىملىرى ئۇيقۇلۇقتا قورقۇپ كېتىپ نۇرغۇن قورال ۋە بايلىقلارنى غەنىيمەت ئالدى. خوجىنىيازھاجى ئاقسۇغا بېرىپ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ تەيىنلەندى. بۇ 1934 – يىلى 5 – ئايلاردىكى ئشى. ليۇبىڭ قەشقەردە گارنىزون سىلىڭى بولدى. مەھمۇت سىجاڭ مۇئاۋىن سىلىڭ بولغانىدى. مەھمۇت سىجاڭ مارالبېشىدىكى ۋاقتىدا خوجىنىيازھاجى ئايروپىلان بىلەن كېلىپ مەھمۇت سىجاڭ بىلەن كۆرۈشتى. بۇ ئىككىسى مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ ئۈرۈمچىگە بېرىش مەسىلىسىنى مەسلىھەتلەشتى. ئايروپىلان مارالبېشىغا كېلىپ يەرگە قونۇش ۋاقتىدا بىر ئاز خەتەرگە ئۇچراپ ھاجىنىڭ پۇتى يارىلاندى. مەھمۇت سىجاڭ ھاجىغا ئۇرۈمچىگە بارماڭ دەپ نەسىھەت قىلدى. ئەگەر بارىدىغان بولسىڭىز ھەممە ئىشىمىز بۇزۇلىدۇ دېدى. خوجىنىيازھاجى ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالماي ئۇۈرۈمچىگە بېرىپ مۇئاۋىن رەئىس بولدى. مەھمۇت سىجاڭ مۇئاۋىن سىلىڭ بولۇپ قەشقەر كونىشەھەردە ليۇ بىڭ يېڭىشەھەردە تۇردى. شۇ چاغدا سوۋېت ئىتتىپاقى رىبالكىن ئىسىملىك ھەربىي ئەمەلدارنى ئەۋەتىپ مەھمۇت سىجاڭنىڭ مۇشاۋىرلىقىغا تەيىنلىىدى ( بۇ كىشى كېيىن ئاڭلىساق سوۋېت ئىتتىپاقى مەلۇم تانكا جىتۈەنجۈنىنىڭ گېنېرالى بولغان). بۇ كشى ھەربىي – تەلىم تەربىيە ئىشلىرىنى تۇتتى. مەھمۇت سىجاڭ ئۆز ئىستىقبالى توغرىسىدا ئىنتايىن قايغۇراتتى. ئۇنىڭ يېنىدا بىرنەچچە ئادىمى قالغان ئىدى. مەسىلەن ئابلا داموللا نەئىمى ( تۇرپانلىق) مەھمۇت سىجاڭنىڭ پۈتۈن مەخپىي ئالاقىلىرىنى باشقۇراتتى. قۇربان سەئىدى ( تۇرپانلىق)، ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىككى يىل ئوقۇپ كېلىپ نەپەت خەلپەتنىڭ ئورنىغا سەنموجاڭ بولدى. ئىلىياس فۇگۈەنجاڭ ( ئاديوناتلار باشلىقى) مەھمۇت سىجاڭنىڭ مۇھاپىزەتچى ئەسكەرلەرنىڭ باشلىقى ئىدى. ئىلىياسنىڭ سوۋېت كونسۇلى بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ چەت ئەلدە كېتىۋاتقاندا يولدا ئېتىپ تاشلىدى. يۇقىرىقى كىشىلەر ئچىدە بەزەنلىرى تولۇق ئىشەنچلىك ئەمەس ئىدى. شۇڭا، مەھمۇت مۇھىتى كۈن ئۆتكۈزمەكنىڭ قىيىنلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلاتتى. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇ يەنە بەزەن ھەرىكەتلەرنىمۇ قىلاتتى. قەشقەر شەھەر كوچىلىرىدا دائىم دېگۈدەك سوۋېتقا قارشى تەشۋىقات ۋەرەقىلىرى تارقىتىپ تۇراتتى.  تاڭ ئاتقاندا ئۇ ھېچنېمىنى بىلمەس كىشى بولۇپ تەكشۈرۈشكە ئادەم ئاجرىتاتتى. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىشلارنى ئابلا داموللىغا ئۆزى بۇيرۇپ قىلدۇراتتى.


ئابدۇغوپۇر داموللىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى


شېڭ شىسەينىڭ تەكلىپى بىلەن ئابدۇغوپۇر داموللا بىر قېتىم ئۈرۈمچىگە بېرىپ قەشقەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تەشۋىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. مەھمۇت سىجاڭ ئۇ كىشىنى شېڭ شىسەي بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ كەلگەن خەۋپلىك ئۇنسۇر دەپ يوقىتىۋەتمەكچى بولدى. شۇ كۈنلەردە شېڭ شىسەي ئابدۇغوپۇر داموللىنى 2 – قېتىم قىچقارتىپ تېلېگرامما ئەۋەتتى. شۇ سەۋەبتىن ئابدۇغوپۇر داموللا مەھمۇت سىجاڭ بىلەن خوشلاشقىلى كەلگەندە، سىجاڭ مەقسەتلىك ھالدا كۈندۈزى كۆرۈشمەي كەچقۇرۇنلۇقى كۆرۈشمەكچى بولدى. شۇ ئاخشىمى ئابدۇغوپۇر داموللا مەھمۇت سىجاڭ بىلەن ئۆيگە قايتىپ كېتىۋېتىپ تۈمەن دەرياسى كۆۋرۈكىگە كەلگەندە سىجاڭ تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ قويۇلغان ئىككى ئادەم كۆۋرۈك ئاستىدىن چىقىپ پىچاق بىلەن ئابدۇغوپۇر داموللىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى. ئابلا داموللا مېنى ئويغىتىپ بۈگۈن كېچە تۈمەن دەرياسى كۆۋرۈكىدە ئابدۇغوپۇر داموللىنى ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ ، دېدى. مەن ياتاقتىن چىقسام قۇربان سەئىدى بىلىپ قالدى. مەھمۇت سىجاڭ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ شۇئاندىلا ماڭا بىر تۈەن ئەسكەر چىقىرىپ چارلاپ، قاتىللارنى تۇتۇڭلار، دېدى. مەن ئۇ چاغدا ھەربىي سوت باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئىدىم. بۇيرۇققا بىنائەن بىر تۈەن ئەسكەر چىقىرىپ چارلاش يۈرگۈزگەن بولساقمۇ قاتىللارنى قولغا چۈشۈرەلمىدۇق. ئەتىسى ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مەھمۇت سىجاڭ مۇراسىمغا قاتناشتى.


مەھمۇت سىجاڭنىڭ مۆمىن ئاخۇن دەپ ئىشەنچلىك بىر ئادىمى بار ئىدى. بۇ ئادەم سودىگەرچىلىك قىلاتتى. بۇ ئادەم ئەسكى چاپان كىيىپ يۈرىدىغان بولغاچقا، ئادەتتە ئۇ كىشىگە ھېچكىم دىققەت قىلمايتتى. مەھمۇت سىجاڭ بۇ ئادەمنى نەنجىڭگە ئەۋەتكەنىدى. مۆمىن ئاخۇن خوتەن، كېرىيە، دۇنخۇاڭ ئارقىلىق قەلەندەر شەكلىدە نەنجىڭگە يېتىپ بېرىپ ئەيسا بەگ، مەسئۇت سەبىرى قاتارلىقلارنى تېپىپ، ئۇلار ئارقىلىق گومىنداڭ باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشۈپتۇ. گومىنداڭ مەركىزى ئۇ كىشىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاپ بىرمۇنچە يوليورۇق بەرگەندىن كېيىن، يول خىراجىتى بېرىپتۇ. بۇ كشى مىڭ تاختىدەك چاي ئېلىپ، شىنجاڭغا قايتىپ قۇمۇلغا كەلگەندە يولۋاس بۇ ئادەمنى قولغا ئېلىپ ئۈرۈمچىگە يوللاپ بېرىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى قەشقەرگە كەلگەندە مۆمىن ئاخۇننى نەنجىڭگە ئەۋەتكەن مەسىلىنى تەنقىدىي تەلەپپۇز بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، سىجاڭ بۇ خاتالىقنى ئېتىراپ قىلىپ، بۇنىڭدىن قايتا سادىر قىلماسىلىغى كېرەك! دەيدۇ. مەھمۇت سىجاڭ بۇ سۆزگە ھېچقانداق سۆز قىلمايدۇ. كېيىن مەھمۇت سىجاڭ ئىمىن داموللىنى نەنجىڭگە ئەۋەتىدۇ. بۇ ئادەم نەنجىڭدىن قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، چۆللەردە يول تاپالماي كەلگەن يولى بىلەن نەنجىڭگە قايتىپ كەتكەن.                           


شېڭ شىسەي مەھمۇت سىجاڭنى ئۈرۈمچىگە تەكلىپ قىلىپ، نۇرغۇن قېتىم تېلېگرامما ئەۋەتتى. مەھمۇت سىجاڭ كۆرۈنۈشتە بېرىشقا تەييارلىق كۆرسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھىندىستانغا قېچىش تەييارلىقىنى كۆرەتتى. ئۇ قۇربان سەئىدىگە ھىندىستانغا قېچىش پىلانىنى ئېيتقاندا: بىز ئورنىمىزدىن قوزغالمايلى، چەتكە چىققان بىلەنمۇ ھېچقانداق مەقسەتكە يېتەلمەيمىز، چەتتە سەرگەندان بولۇپ يۈرمەكتىن باشقا ئىش يوق دەپ قوشۇلمىدى. شۇڭا، سىجاڭ چەتكە قېچىش پىلانىنى ۋاقتىنچە تاشلاپ قويدى.


ھىندىستانغا قېچىش


كېيىنچە مەھمۇت سىجاڭ ۋەزىيەتنىڭ بارغانچە چىڭىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قۇربان سەئىدى سەنمۇجاڭغا تۇيدۇرماستىن، ئىككىنچى قېتىملىق قېچىش پىلانىنى تۈزدى.


مەھمۇت سىجاڭ تۇرپاندىكى بىر كارىزنى 400 سەر ئالتۇنغا ساتتى. يەنە باشقا نەرسە – كېرەكلەرنى سېتىشتۇرۇپ، جەمئىي 800 سەر ئالتۇن تەييارلىدى. بۇنىڭدىن 400 سەر ئالتۇننى ئابدۇقادىر داموللىغا تاپشۇرۇپ چەتئەلگە ئۆتكۈزمەكچى بولۇۋېدى، يول ئۈستىدە شېڭ شىسەي تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىنىپ كەتتى. قاچقاندا قالغان 400 سەر ئالتۇننى بىللە ئېلىپ ماڭدۇق.


بىز پىلانىمىز بويىچە، 1937 – يىلى 4 – ئاينىڭ 2 – كۈن ى يولغا چىقتۇق. مېڭىش ئالدىدا ياقۇپ تۈەنفۇ ( شايارلىق) غا پولكوۋنىك قۇرباننىيازنى ئېتىۋېتىشكە بۇيرۇق قىلدۇق. نەتىجىدە بۇ ئىش ئەمەلگە ئاشمىدى ( پۇتىدىن يارىدار قىلىندى).


مەھمۇت سىجاڭ يەكەنگە بېرىپ، ماخۇسەن قىسىملىرىغا: مەن شېڭ شىسەي بىلەن بۇزۇلۇشۇپ قايتىپ چىقتىم، خوتەنگە بېرىپ ماخۇسەن بىلەن كۆرۈشىمەن، دەپ نەچچە پارچە خەت يېزىپ ئەۋەتتى. بۇ خەتنى كۆرگەن ماخۇسەن قىسىملىرى ھەيران بولدى ھەم خۇشال بولدى. شۇڭا ئۇلار مەھمۇت سىجاڭ كەلگۈدەك دەپ ئۆتەڭ – ئۆتەڭلەرگە زىياپەت ئورۇنلاشتۇرۇپ قارشى ئېلىش تەييارلىقىنى كۆردى. شۇنداق قىلىپ لاداق يولى بوش قالغانىدى.


بىز قېچىپ لاداققا باردۇق. توختى ھاجى ئوردۇ تىلى بىلگەچكە تەرجىمانلىق قىلاتتى. لاداقتىن سەككىز كۈن يۈرۈپ كەشمىرگە باردۇق. ئۇ يەردە خېلى جىق تىجارەتچى ئۇيغۇرلار بار ئىكەن، كەشمىردە تۇرۇشلۇق ئىنگىلىزلار رەسمىيەت ئۆتەپ قوراللىرىمىزنى تاپشۇرۇۋالدى. مەھمۇت سىجاڭ بىلەن ئابلا داموللا ئىككىسى كالكوتتىغا بېرىپ گومىنداڭنىڭ شۇ يەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلى بىلەن كۆرۈشۈپ پاسپورت تەلەپ قىلدى.


مەھمۇت سىجاڭ ماڭا يۈز دانە تىللا بېرىپ نەنجىڭگە ئەۋەتتى. مەن كالكوتتىغا بېرىپ كونسۇلخانىدىن يول خېتى ئېلىپ، بىر ياپون پاراخوتىغا ئولتۇرۇپ گۇاڭجۇ ئارقىلىق نەنجىڭگە باردىم. مەسئۇت، ئەيسالار شۇ يەردە، مەسئۇت مەركىزىي ھۆكۈمەت ئەزاسى، ئەيسا قانۇن تۈزۈش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ئىكەن. ئۇلارنىڭ باشلامچىلىقى ئارقىسىدا 9 – ئاينىڭ 19 – كۈنى جياڭ جيېشى بىلەن كۆرۈشۈپ 15 مىنۇتچە سۆزلەشتىم. مەن ئۈچ تۈرلۈك تەلەپ قويدۇم: (1) بىز ماخۇسەنگە ئىشەنمەيمىز؛ (2) شېڭ شىسەي سوۋېت تەرەپ بولۇپ كەتتى؛ (3) بىزگە قورال بەرسۇن، شىنجاڭغا ۋەكىل ئەۋەتىپ شېڭ شىسەينى يۆتكەپ كېتىش كېرەك دېگەندىن ئىبارەت، جياڭ جيېش ماڭا: سىلەر جاپا چەكتىڭلار، ھازىر جۇڭگو سۋېت بىلەن ئۆزئارا ھۇجۇم قىلىشماسلىق شەرتنامىسى ئىمزالاش ئالدىدا تۇرماقتا. ئەگەر شېڭ شىسەينى يۆتكىسەك جۇڭگو بىلەن سوۋېت مۇناسىۋىتىگە تەسىر يېتىشى مۇمكىن. ھازىر ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش دەۋرى. قالغان ئىشلارنى چېن لىفۇ بىلەن سۆزلىشىڭلار، مەن تېلېفون ئارقىلىق ئۇنىڭغا خەۋەر قىلىمەن، دېدى. مەن چېن لىفۇ بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇ ماڭا: ئاۋۋال ياڭ زىڭشىننى ئەسكى دېدىڭلار، كېيىن جىن شۇرېننى ئەسكى دېدىڭلار، ئەمدى شېڭ شىسەينى يامان دېسەڭلار، سىلەرگە مەن ئاسماندىن پەرىشتە تەكلىپ قىلىپ رەئىس قىلىپ بېرەتتىممۇ؟ دېگەندەك بىرمۇنچە قۇلاققا ياقمايدىغان سۆزلەرنى قىلدى. كېيىن ئۇ يەنە سۆزلەپ: يېقىندا شىنجاڭغا بارىمەن. مېڭىش ئالدىدا يەنە بىر كۆرۈشەيلى، دېدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي چېن لىفۇ شىنجاڭغا كېتىپتۇ دەپ ئاڭلىدۇق، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن شېڭ شىسەينى چېن لىفۇنىڭ ئادىمى دەپ تونۇيمەن.


بۇ ئەھۋاللارنى خەت ئارقىلىق مەھمۇت سىجاڭغا دوكلات قىلدىم. مەھمۇت سىجاڭ مېنىڭ شاڭخەيگە كېلىپ چەت ئەل كونسىسىيىلىرىگە كىرىپ تۇرۇشۇمنى تاپشۇردى. مەن شاڭخەيگە بېرىشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتسام مەسئۇت، ئەيسالارمۇ بىللە بارىمىز دېدى. ئەيسا بەگ قانۇن تۈزۈش پالاتاسىدىن بىر دانە ئاپتوموبىل ھەل قىلغانىكەن. شۇنىڭغا ئولتۇرۇپ شاڭخەيگە باردۇق ئەيسا بىر ھەپتە تۇرۇپ قايتىپ كەتتى، مەن يالغۇز قالدىم.


مەن نەنجىڭگە كەلگەندىن كېيىن مەھمۇت سىجاڭ، مايىت تۇەنجاڭ ( توخسۇنلۇق)، ئابدۇللا داموللا، باۋۇدۇن ھاجى قاتارلىقلار بىرلىكتە ھەرەمگە بېرىپتۇ. ئۇ يەردىن تۈركىيەگە بېرىپ يەنە ھىندىستانغا قايتپ كەلگەنىكەن.


ئۇ چاغلاردا ھىندىستانلىقلار ھەمىشە نامايىش قىلىپ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇراتتى. مەھمۇت سىجاڭغا ئەگىشىپ چىققانلار بىكار يېتىپ زېرىكىپ، نەچچە ئېغىز ئوردۇچە گەپ – سۆزلەرنى ئۆگىنىۋېلىپ نامايىشلارغا قاتنىشىپ ھىندىستانلىقلارغا قولۇڭلارغا كالتەك ئېلىپ نامايىش قىلىڭلار دەپ ئۆگەتكەنىكەن، ھىندىلار بۇ گەپتىن قاتتىق تەسىرلىنىپتۇ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇنى سېزىۋېلىپ مەھمۇت سىجاڭ كەلگەن ھامان قولغا ئېلىپ 27 كۈن قاماپ قويدى. ئەڭ ئاخىرىدا ھۆكۈمەت تەرەپ ئۈچ كۈن ئىچىدە كېتىشىمىزنى ئۇقتۇرۇش قىلدى. شۇ سەۋەبتىن بىز ھىندىستاندا تۇرالمىدۇق.


جۇڭگوغا قايتىش


مەھمۇت سىجاڭ، توختى ھاجى قاتارلىق تۆت كىشى كالكوتتىغا كېلىپ ياپونىيەنىڭ سودا پاراخودىغا ئولتۇرۇپ شاڭخەيگە كەتتى. شاڭخەيدە ئۈچ كۈن تۇرۇپ ئۇ يەردىن ياپونىيەگە كەتتى. توكيوغا بارغاندا ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال ئۇيۇشمىسى» قۇرماقچى بولۇپ بىزگە (بىز ئۇ چاغدا كۆكخوتتا ئىدۇق) تېلېگرامما ئەۋەتىپ ۋەكىل قاتناشتۇرۇشىمىزنى ئۇقتۇردى. كۆكخوتتىكىلەر مەن بىلەن مايىت ھاجىنى ۋەكىل قىلىپ ئەۋەتتى. بىز 1939 – يىلى 12 – ئاينىڭ باشلىرىدا توكيوغا بېرىپ ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال ئۇيۇشمىسى» قۇرۇپ مەھمۇت سىجاڭنى رەئىس، ئىمىن ھەزرەتنى مۇئاۋىن رەئىس قىلىپ سايلىدۇق (ئىمىن ھەزرەت ئافغانىستاندا ئىدى). ئېلى ھاجى ئومۇمىي ئىشلار باشلىقى بولدى. ئۇيۇشمىنىڭ خىراجىتىنى ئىئانە توپلاش يولى بىلەن ھەل قىلماقچى بولدۇق. 1940 – يىلى 1 – ئايدا بىز كۆكخوتقا قايتىپ كەلدۇق. ئۇيۇشمىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى يەتكۈزدۇق. ئۇ يەردىكىلەر ئىئانە بېرىشكە قوشۇلمىدى. ئىئانە توپلاپ چەتئەللەردە ساياھەت قىلىپ يۈرگەنلەرنى باقىمىزمۇ؟ دەپ ئۇنىمىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۇيۇشما قۇرۇلغان بولسىمۇ راۋاج تاپالمىدى.


مەھمۇت سىجاڭ توكيودىن بېيجىڭغا قايتىپ كەلگەندە، مەن ئالدىغا كېلىپ كۆرۈشتۈم. بەزىلەر مەھمۇت سىجاڭ ياپونىيە ھۆكۈمىتى بىلەن قانداقتۇر بىر كېلىشىم تۈزۈشۈپتۇ دەيدۇ. مېنىڭچە، بۇنىڭغا پاكىت يوق. مەھمۇت سىجاڭ ياپونىيەگە بارغان بولسىمۇ، ئەمما ياپونلارغا ئىنتايىن نارازى ئىدى. مەھمۇت سىجاڭ، توختى ھاجى، ئابلا داموللا قاتارلىقلار ياپونىيەدىن جۇڭگوغا قايتىپ كېلىپ شەنخەيگۈەنگە كەلگەندە ياپون ساقچىلىرى ئۇلارنىڭ يۈك تاقلىرىنى تەكشۈرگەندە سومكا ئىچىدە نەرسە – كېرەك ئورىغان بىر پارچە گېزىتتە ياپونىيە باشلىقىنىڭ سۈرىتى بىر ئاز پۈرلىشىپ كىرلەشكەنلىكىنى كۆرۈپ توختى ھاجىنى ئىككى شاپىلاق ئۇرغان ھەمدە ئىككى كۈن توختىتىپ قويغان. بۇ ئىش مەھمۇت سىجاڭنىڭ كۆڭلىگە ئىنتايىن ئېغىر كېلىپ ياپونلارغا بەك نارازى بولغان. مەھمۇت سىجاڭ تيەنجىندە گومىنداڭنىڭ قاتناش بانكىسىغا 30 تاي گەزمال ئامانەت قويغانىدى. كېيىن ياپون باسقۇنچىلىرى تيەنجىننى ئىشغال قىلىپ مەزكۇر مالنى مۇسادىرە قىلىۋالدى. مەھمۇت سىجاڭ قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا، ياپونلار قايتۇرۇپ بەرمىدى، شۇ سەۋەبتىنمۇ ياپونلارغا نارازى ئىدى. يۇقىرىقى پاكىتلاردىن مەھمۇت سىجاڭ بىلەن ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق ئالاقە بولمىغانلىقىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ.


ئىزاھلار:


1 – سېتىۋالدىجان پولكىنى قورالسىزلاندۇرۇش


سېتىۋالدىجاننىڭ ئۆزبېك پولكى تۆمۈر سىجاڭ قەشقەرنى ئىشغال قىلغاندا قۇرۇلغان پولك بولۇپ، پۈتۈنلەي ئۆزبېكلەردىن قۇرۇلغان ئاتلىق پولك ئىدى. ماجۇڭيىڭ قىسىملىرى خوتەنگە چېكىنگەندە، سېتىۋالدىجان پولكى بىلەن خوتەن يېڭىساردا توسۇپ ئۇرۇش قىلدى. بۇ ئۇرۇشتا ئۆزبېك پولكى مەغلۇپ بولدى. سېتىۋالدىجان ئۆزى ئەركەشتام ئارقىلىق ھىندىستانغا قاچتى. چېگرىغا بارغاندا ئەنگلىيە ھەربىي قىسىملىرى چېگرىدىن ئۆتكۈزمىگەچكە قايتىپ كېلىپ مېنىڭ يېنىمغا كەلدى ۋە مەندىن مەھمۇت سىجاڭغا بىر پارچە خەت يېزىپ ھاياتىغا كاپالەت قىلىشنى ئۆتۈندى. لېكىن مەن خەت يېزىپ مەھمۇت سىجاڭغا ئەۋەتىش ئارىلىقىدا ليۇ بىڭ سىلىڭ سېتىۋالدىجان بىلەن ئەيسا ھاجى دېگەنلەرگە ئۆلۈم جازاسى بەردى. سېتىۋالدىجان ئېتىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا يۈسۈپجان پولك كوماندىرى بولدى. شېڭ شىسەي بۇ پولكنى قورالسىزلاندۇرۇش ئۈچۈن، مەزكۇر پولكنى مارالبېشىغا بېرىشقا بۇيرۇدى. سەنموجاڭ نېمەت خەلپەت بىرلىكتە باشلاپ ماڭدى. شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىدىن مەزكۇر پولكنى قورالسىزلاندۇرۇشقا ياردەم تەلەپ قىلغانلىقتىن، سوۋېت ئىتتىپاقى بىستاكوف قوماندانلىقىدىكى قىزىل ئارمىيىنى شىنجاڭغا ئەۋەتىپ مارابېشى ئەتراپىدا مەزكۇر پولكنى قورالسىزلاندۇردى. يۈسۈپجان مۇھاسىرىنى بۇزۇپ تەكلىماكان تەرەپكە قېچىپ قولغا چۈشمىگەن.


2 – ئوسمان سىجاڭنى قولغا ئېلىش


ئوسمان سىجاڭ ( قىرغىز) نى قولغا ئېلىش توغرىسىدا خوجىنىيازھاجى بەرگەن بۇيرۇققا ئاساسەن 1935 – يىلى مەھمۇت سىجاڭ ئوسمان سىجاڭنى دېۋىزىيە شتابىغا مېھمانغا چاقىردى. ئوسمان بىر تۈركۈم ئادەملىرى بىلەن كەلگەندە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە كارىدوردا داستىخان سالدى. ئۆزى ئىچكىرىدىكى مېھمانخانىغا بىرلا ئادىمى بىلەن كىرگەندە شۇ يەردە تۇتۇپ قولغا ئالدى. يەنە بىرنەچچە ھەربىي باشلىقلارنىمۇ قولغا ئېلىپ بىرلىكتە ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىپ بەردى.


3 – قەشقەر قۇم دەرۋازىغا ئوت قويۇش


مەھمۇت سىجاڭ قاچقاندىن كېيىن قەشقەردە 3 – 4 يۈز ئادەمنى قولغا ئېلىپ تۈرمىگە تاشلىغانىدى. مېنىڭ ئايالىم ئىككى قات بولۇپ تۇغۇت كۈنلىرى يېقىنلىشىپ قالغان بولسىمۇ، شېڭ شىسەينىڭ ئادەملىرى قولغا ئېلىپ قاماپ قويغانىدى ( كېيىن ئابدۇنىياز سىجاڭنىڭ توپىلاڭچى قوشۇنلىرى ئايالىمنى قۇتقۇزۇپ تازغۇنغا قايتۇرۇپتۇ. شۇ چاغدا تۇغۇلغان قىزىم ھازىر ئۈرۈمچى پوچتا تېلېگرافتا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ). بىز كەتكەندىن كېيىن ماخۇسەن، ئابدۇنىياز سىجاڭلار قەشقەرگە ھۇجۇم قىلغاندا شېڭ شىسەي بۇيرۇق بويىچە قەشقەر كونىشەھەر قۇم دەرۋازىسىدىكى تۈرمىگە ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتكەن. تۈرمىدە قامالغانلار ئىىچىدە گۇناھسىزلار خېلى كۆپ ئىدى.


4 – قەشقەردە بولۇنغان قىرغىن


ماجۇڭيىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا چېكىنىپ قەشقەرگە يېتىپ بارغاندا، خوجنىيازھاجى ۋاقتىنچە ئاتۇشنىڭ تاغلىرىغا چېكىندى. ماجۇڭيىڭ قەشقەر كونىشەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ ئىنسانىيەت قېلىپىدىن چىقىپ تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن قىرغىنچىلىقنى يۈرگۈزدى. شەھەر ئىچىدە ئادەم كۆرۈلسىلا ئۆلتۈردى. ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ كۆپلۈكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۆلۈكلەرنى زەمبىللەر بىلەن توشۇپ چىقىپ كۆمگەن. مۇنداق قەتلىئام تارىختا ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ.


5 – مەھمۇت سىجاڭنىڭ ۋاپاتى


مەھمۇت سىجاڭ ياپونىيىدىن قايتىپ كېلىپ بېيجىڭدا، ئىلگىرى قۇمۇل ۋاڭ تۇرىدىغان قەسىردە تۇردى. قالغانلىرىمىز كۆكخوتتا ئىدۇق. بىر قېتىم مەھمۇت سىجاڭ، توختى ھاجى، يۈسۈپ باي قاتارلىقلار بىرلىكتە كۆكخوتقا كېلىپ بىز بىلەن كۆرۈشۈپ « ئۇيۇشما قۇرۇش» توغرىسىدا مەسلىھەتلەشتى. شۇ كۈنلەردە مەھمۇت سىجاڭنىڭ مىجەزى كەم ئىدى. كېيىن بېيجىڭغا قايتىپ كەتتى. ئارىدىن بىرەر ئاي ئۆتكەندە، مەھمۇت سىجاڭنىڭ كېسەل بولۇپ ۋاپات بولغانلىقى توغرۇلۇق تېلېگرامما ئالدۇق. بۇ 1944 – يىلىدىكى ئىش. بىزلەر بېيجىڭدا باردۇق. مەن مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ساندۇقىدىن بىر نۇسخا قۇرئان تەرجىمىسىنى تاپتىم. بۇ نۇسخىنى ساقلاپ يۈرۈپ ئۈرۈمچىگە كەلگەندە، مەھمۇت سىجاڭنىڭ قىزى ھەجەرخانغا بەردىم. كېيىن ئاڭلىسام بۇ قۇرئان تەرجىمىسى نېمەت خەلپەتنىڭ قولىغا چۈشكەنىكەن.


مەنبە: شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرىنىڭ مەلۇم بىر قىسمى.(10-دىن 20-گىچە بولغان ئارىلىقتىغۇ دەيمەن)

baturkorxat يوللانغان ۋاقتى 2012-3-1 20:41:22

ئۇنداق بولسا بۇ ئادەمنىڭ قەبرىسى بېيجىڭنىڭ بىر يېرىدە بار ئىكەندە.نىمە كىسەل بىلەن كىتىپ قالغاندۇ؟

sudannaz يوللانغان ۋاقتى 2012-3-1 21:04:16

جىق  نەرسىلەرنى  بىلىۋالدىم  رەھمەت

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-1 21:52:51

تىما ئىگسىگە تەشەككۈر ،نىمدىگەن قالايمىقانچىلىق بۇ ،،،،،،يەنىلاشۇ چەتئەلنىڭ يەكلىشى بىلەن مەغلۇبىيەتكە ئۇچۇراپتۇ

karizqi يوللانغان ۋاقتى 2012-3-1 22:31:59

(بۇ قوراللارنى بۇرھان شەھىدى ئەنگىيىدىن سېتىۋېلىپ ئەكەلگەن) بۇرھان شەھىدى تەرجىمھالىنى ئىزدىسەم شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق كۇتۇپخانا تورىدىن مۇنۇنى تېپىپ بەدى،

بۇرھان شەھىدى

(1894-1989)

بۇرھان شەھىدى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى ئادەتتىكى دۇكان خىزمەتچىسىدىن ئۆلكىلىك ھۆكۇمەتكە رەئىس بولغانغا قەدەر ئەگرى-توقاي ھەم ئاجايىپ كەچۇرمىشلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. كىشىلەر ئۇنىڭ باسقان ئىزىدىن شۇنى بايقىيالايدۇكى ،ئالغا ئىنتىلىپ ، ھەقىقەتكە تەلپۈنۈپ ،شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئۈزۈل-كېسىل ئازادلىقى ئۈچۈن ئېگىلمەي-سۇنماي كۈرەش قىلىدىغان ئۇلۇغ غايە ،ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئېگىلمەي-سۇنماي كۈرەش قىلىدىغان چىڭ ئېتىقاد ئۇنىڭ روشەن ھەم گەۋدىلىك خىسلىتى،شۇنداقلا توختىماي كۈرەش قىلىشىدىكى ھەركەنلەندۇرگۈش كۈچى بولغان.

format يوللانغان ۋاقتى 2012-3-2 07:15:14

4- قەۋەتتىكى karizqiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

(بۇ قوراللارنى بۇرھان شەھىدى ئەنگىيىدىن سېتىۋېلىپ ئەكەلگەن) بۇرھان شەھىدى تەرجىمھالىنى ئىزدىسەم شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق كۇتۇپخانا تورىدىن مۇنۇنى تېپىپ بەدى،

بۇرھان شەھىدى

(1894-1989)

بۇرھان شەھىدى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى ئادەتتىكى دۇكان خىزمەتچىسىدىن ئۆلكىلىك ھۆكۇمەتكە رەئىس بولغانغا قەدەر ئەگرى-توقاي ھەم ئاجايىپ كەچۇرمىشلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. كىشىلەر ئۇنىڭ باسقان ئىزىدىن شۇنى بايقىيالايدۇكى ،ئالغا ئىنتىلىپ ، ھەقىقەتكە تەلپۈنۈپ ،شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئۈزۈل-كېسىل ئازادلىقى ئۈچۈن ئېگىلمەي-سۇنماي كۈرەش قىلىدىغان ئۇلۇغ غايە ،ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئېگىلمەي-سۇنماي كۈرەش قىلىدىغان چىڭ ئېتىقاد ئۇنىڭ روشەن ھەم گەۋدىلىك خىسلىتى،شۇنداقلا توختىماي كۈرەش قىلىشىدىكى ھەركەنلەندۇرگۈش كۈچى بولغان.

بۇرھان شەھىدىنىڭ <شىنجاڭدىكى 50يىلىم> دىگەن كىتابىدا جىن شۇرىن ئۇنى گىرمانىيەگە ئوقۇشقا ئەۋەتىدۇ ۋە شىنجاڭدا ئۇرۇش پارتلىغاندا ئۇنى قورال سېتىۋىلىشقا بۇيرۇيدۇ ئەمما ئۇ قورال سېتىۋېلىشنى ئىزچىل كەينىگە سۈرۈپ كەلسىمۇ ئاخىرىدا جىنشۇرىن ئوغلىنى ئۇنىڭ يېنىغا ئەۋەتكەندە ئامالسىز قورال سېتىۋالىدۇ .


بۇلار راستمۇ يالغانمۇ بىلمىدىم ئەمما ئۇ كىشى كىتابىدا شۇنداق دەيدىكەن ، مەنغۇ بۇ ئادەمنى تازا ياخشى ئادەم كۆرمىدىم

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2012-3-2 09:09:52

مەنبە: «تارىخ بېتىنى ۋاراقلىغاندا» ناملىق كىتابنىڭ 21- بېتىدىن 51- بېتىگىچە.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2012-3-2 23:30:19

tumaris:

مەن ئازراق خاتالىشىپتىمەن. بۇ ماقالە ئەسلى «شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرىنىڭ 5-سانىغا بېسىلغانىكەن. رەنجىمەي تەھرىرلەپ ئۆزگەرتىپ قويغان بولسىڭىز. مەن ئۆزگەرتەي دېسەم بىراقلا يوقاپ كېتەمدىكىن دەپ ئەنسىرەپ قالدىم. ئۆتكەن بىر قېتىم بىر نەرسىنى تەھرىرلەيمەن دەپ بىراقلا يوقىتىۋالغانتىم.  

«تارىخ بېتىنى ۋاراقلىغاندا» ناملىق كىتاب، »شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى» بىلەن «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» ژۇرنىلىدىن بەزى ماقالىلارنى تاللاپ ئېلىپ كېيىن نەشر قىلىنغان كىتاب.
بەت: [1]
: مەھمۇت سىجاڭ بىلەن بىللە بولغان 12 يىل