faith يوللانغان ۋاقتى 2012-2-29 12:44:50

مەن لاھىيلىگەن داچىنىڭ كۆرۈنمە رەسىمى

يېقىندا بىر داچا لاھىيلەش ئىشى چىقتى. ئەمما بۇ داچا پەقەت بىرلا قەۋەتلىك داچا بولۇپ كۆلىمى 200 كۋادىرات مېتىر ئەتىرپىدا. A تەرەپنىڭ قايتا -قايتا تەلىۋى بويىچە چىقىم جېق بوپ كەتمەسلىكنى دەپ ئۈچ قېتىم ئۆزگەرتتۇق. ئەڭ ئاخىرقى لاھىينى بۇ يەرگە چىقىرىشقا بولمايدۇ. ئەڭ ئاخىرقى لاھىيە ئىنتايىن ئاددى بولۇپ ھېچقانداق بىر داچىدەك كۆرۈنمەيدۇ. مەن دەسلەپكى ئىككى لاھىينى ۋە ئاخرقى لاھىيەنىڭ ئاددى كۆرۈنۈشىنى چىقىرىشنى مۇئاپىق كۆردۈم. مەن مودىللارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزۈم بىر قوللۇق قۇرۇپ چىققان. قىزىق يېرى ئەڭ ئاخىرقى لاھىيدە مەن قۇرغان نۇرۇن ئىنچىكە يەرلەر چىقىرىپ تاشلاندى. مەن بۇيەردە ئىشلىگىنى ئىككىنچى ئۆزگەرتىلگەن لاھىيە. بىرنچىسىنىڭ مودىلى بار. ئەمەلىيەتتە بىرىنچىسى ئەڭ ياخشى لاھيىە ئىدى. تۆۋەندىكى رەسىملەرنى مەن تەڭ نىسبەتتە قىسىپ چىقاردىم. ھەممسىنىڭ كەڭلىكى 1024 غا قىسىلدى. ئەمما ئەسلىي رەسىمنى ئاچساڭلار خېلە چوڭ . مەن كەڭلىكنى 3000 پېكسېلدە ھاسىلىغان. رەسىملەر پەقەت ھوزۇرلىنىشقا ۋە تەقلىدى قىلىنىشقا بولىدۇ. ئەمما سودىغان ئىشلىتىش ئىشلەتمەسلىكنى ۋىژدانىڭىز بەلگىلىسۇن. رەسىمگە شۇ مۇناسىۋەتتە ھېچقانداق تامغا ئۇرۇلمىدى. بۇلارغا جەمئىي ئۈچ كۈندۈز (نورمال ئىشلەش ۋاقتى 8 سائەت) ۋاقىت كەتتى.



دەسلەپكى بىرىنچى لاھينىڭ تەكشلىك قۇرلۇش خەرىتە سېخىمىسى



خەرىتىدە داچىنىڭ كىرىش ئېغىزى يۇقىرى تەرەپتى. كۆرۈنمە ئۈنۈم رەسىمىمۇ يۇقىرى تەرپتىن ئىشلەندى.





يۇقارقى لاھينىڭ مودىلى


مەن ئاق رامكىغا ئېلىپ قويغان يەر ئىككىنچى لاھىيدە ئېلىپ تاشلاندى. ئەمما ئۆزۈم بۇ لاھىينى بەك ياقتۇرغان.






ئىككىنچى لاھيىەنىڭ 3دس ماكىستىن كەسمە رەسىمى






يۇقارقىنىڭ ئالفا تونىلى




ئىككىنچى لاھينىڭ ھېچقانداق مۇھىت قوشمىغاندىكى ھاسىلە رەسىمى







ئەڭ ئاخىرقى داچىنىڭ (ئىككىنچى لاھيىنىڭ) كۆرۈنمە ئۈنۈم رەسىمى






فوتوشوپتىن ئارىيە.


بۇرەسىمدە داچىنى ھاسىلاپ چىققاندىكى قەۋەت يوشۇرۋېتىلگەن. بۇنىڭدىن ئۈنۈم رەسىمىنىڭ ئەپتى بەشىرىسىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ






ئەڭ ئاخىردىكىسى ئەڭ ئاخىرقى لاھىيىنىڭ پەقەت ھاسىلىغاندىكىلا رەسىمى بولۇپ قارىماققا ئۇنىڭ داچا ئەمەس تۆت چاسا ئۆي بىلەن پەرقى يوق






شۇڭا داچا سالىمەن دېيشتىن ئاۋال پۇلنى راۋۇس غەملەپ قويۇپ ئاندىن لاھيلتىشنى ئويلىشىڭلار بولمىسا لاھىيگۈچىلەرنى ھاردۇرۋېتىسىلەر.


تامام.


Marshal يوللانغان ۋاقتى 2012-2-29 14:51:29

بۇ داچىنى كىمگە لاھىيلەپ بەردىڭىز،لاھىلىنىش خېلى ياخشى بوپتۇ،لېكىن،مىللىي پۇراقنى پۇرىيالمىدىم \"\"

faith يوللانغان ۋاقتى 2012-2-29 14:52:58

بۇ ياۋروپا پاسوندىكىد داچا. مىللىي پۇراق يوق

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-2-29 14:57:45

بىر قىسىم غۇلجا ئۆيلىرىنىڭ شەكلىگە ئوخشاپراق كېتىدىكەن. چىرايلىق بوپتۇ. بولسا ئازىراق مىللىيچە نەقىش، شەكىللەرنى قوشقان بولسىڭىز تېخىمۇ چىرايلىق چىقاركەن. مەسىلەن ئاتۇش، قەشقەردىكى بىر قىسىم ئۆيلەردەك

faith يوللانغان ۋاقتى 2012-2-29 15:00:12

بۇنىڭغا مەن ئۇنى بۇنى قوشىمەن دەپ قوتالمايمەن. خەق قانداق قىلىپ بەر دېسە شۇنداق قىلىدىغان گەپ. خەن يولداشلارنىڭ داچىسى. مىللىيچە قىلىش تەس ئەمەس. ئاۋۇ arc ئەگمە يەرلىرىنى گۈمبەز ئەگمىسىگە ئايلاندۇرۋەتسەم ئىشىكنىڭ تۆپىدىكى بارلىق ئەگمىلەرنى ۋە دېرىزە قاتارلىقلارنىڭ ئەگملىللىرىنى گۈمبەزنىڭ ئەگلەنمسىگە ئايلاندۇرۋەتسەملا بولىدۇ.

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2012-2-29 15:09:37

فېيىسنى ئۇستاز تۇتسام بولغۇدەك!

faith يوللانغان ۋاقتى 2012-2-29 15:16:39

شاگىرت تەربىيلىغىدەك ھالغا كەلمىدۇق. خىزمەت تەجىرىبىسى 3 يىل بولغاندا بىرگەپ بولار. 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا بىريىل بولىدۇ.

bytheway يوللانغان ۋاقتى 2012-2-29 15:17:55

تەخمىنەن قانچە پۇلغا پۈتىدۇ ئاشۇ داچا ؟

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2012-2-29 15:28:52

قۇرۇلۇش لايىھەلەش مىنىڭ كەسپىم بولمىسىمۇ،مەن شۇنداق يەرگە كىرىپ قالدىم.. باشتا قىزىقماپتىكەنمەن،،، قارىسام لايىھەلەش شېركەتلىرى خېلى ئىزدەپ كەپ قۇيىدۇ .قارىسام پۇلىسى وبدان ئىشكەن... ئەينى ۋاقىتتا نىمىشقىمۇ cad,3d  دىگەنلەرنى ئكگىنىپ قويمىغان بولغۇيتۇم .ھازىر بىرەرسى يىتەكلىسە خوش يېقىپ قالار لىكىن بۇرۇنقىدەك ئۇقۇتقۇچى ياراتماي ئۆزەم ئىزدىندىغان روھ ئۆلدى.

faith يوللانغان ۋاقتى 2012-2-29 15:31:17

بۇ داچا 200 كىۋادىرات مېتىر. بۇ داچا چەت بىر شەھەر سىرتىغا پەقەت داچا ئىگىسىنىڭ ئىچىپ پۇشقاندا بېرىپ ئويناپ كېتىدىغان داچىسى بولۇپ ، داچا ئورنىنىڭ يېرى ئەرزان. شۇڭا شەھەردىكى بىنا ئۆيلەرنىڭ چوڭلىرىنىڭ باھاسىدىن ئەرزان پۇتەرمىكىن..ئۆزىڭىز سالدۇرسىڭىز ئەلۋەتتە بىۋاستە سېتىۋالغاندىن ئەرزان .  بارلىق لاھىيلەش، قۇرلۇش، بىېزەش، يەر تاراق تۇرۇقلىرى قوشۇلۇپ. قانداق بېزىشىڭىزگە، يەرنى قانداق يەردىن سېتېۋلىشىڭزغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. مېنىڭچە مەن لايلىگىنى 1مىليون ئەتىراپىدا كېتەر. تەييار داچا سېتۋالسىڭىز ئىككى ،ئۈچ مىليون. ئەڭ مۇھىمى قانداق يەردە سېلىنغىىغا قارايسىز. چوڭ شەھەردە ئېنىقلا قىممەت.

faith يوللانغان ۋاقتى 2012-2-29 15:36:54

بىرەرسى يېتەكلىسە ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئىشلار 3 ئاينىڭ ئىشى. بەك ئاسان دېسەم ھەيران قالىسەر بەلكىم. ئەڭ مۇھىمىنىڭ مۇھىمى سىزنىڭ كومپيوتىرغا نىسبەتەن تەجىربىڭىز مول بولسا ،مەشغۇلاتلاررنى تېز سۈرەتتە ئۆگىنىپ، قىلالسىڭىزلا دۇنيادا بۇنىڭدىن ئاسان كۆڭۈللۈك ئىش يوق دەپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. بولۇپمۇ «ئارقا بىرتەرەپ قىلىش» باسقۇچى بەك كۆڭۈللۈك. مەن ھەممىدىن ئاشۇ باسقۇچقا ئامراق. مودىل قۇرۇش ئازراق جاپالىق، چاپلاق چاپلاش ئەڭ باش ئاغىرتىدىغان ئىش. ھاسىلاشنىڭ تەڭشىكى تولىراق.

ATAXAN يوللانغان ۋاقتى 2012-2-29 16:58:04

فېيىسنى مەنمۇ ئۇستاز تۇتسام بولغىدەك. بىلمىدىم مېنى قۇبۇل قىلارسىزمۇ؟ \"\"  \"\"

faith يوللانغان ۋاقتى 2012-2-29 17:03:31

شاگىرت بۇلۇشتىن ئاۋال ئانچە مۇنچە ھۈنىرىڭلىنى كۆرسەتمەمسىلەر ئەمىسە. كۆرۈپ ئاندىن كىم-كىمگە ئۇستاز بولسا بولىدۇ ئاندىن دېيشىەيلى. توردا بولسا تۇتۇپ قوياي شاگىرتچاقلارنى.

faith يوللانغان ۋاقتى 2012-2-29 17:06:01

شاگىرت بۇلۇشتىن ئاۋال ئانچە مۇنچە ھۈنىرىڭلىنى كۆرسەتمەمسىلەر ئەمىسە. كۆرۈپ ئاندىن كىم-كىمگە ئۇستاز بولسا بولىدۇ ئاندىن دېيشىەيلى. توردا بولسا تۇتۇپ قوياي شاگىرتچاقلارنى.

ehsan99 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-29 18:28:02

شاگىرتلىققا مەنمۇ تىزىملىتاي

tahir610 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-29 21:00:22

بەلكىم سەن سىزگە شاگىرت بولۇشقا ماس كېلىشىم مومكىن. ئوقۇغان كەسپىم: گۈزەل سەنئەت، ھازىر شۇغۇللىنىۋاتقىنىم: ئۆي بېزەكچىلىك.

بەكمۇ ئۆگەنگىم بار. ئۆگىتىپ قويۇشنى خالىسىڭىز ئالاقىلىشايلى (ھەرگىزمۇ بىكارغا ئۆگىتىپ قويۇڭ دىمەيمەن   {:92:}  )

1622686844 :QQ

halik_puli يوللانغان ۋاقتى 2012-3-1 00:02:32

ئەسىرىڭىزنى ئورتاقلاشقىنىڭىزغا رەھمەت.

بىزنىڭ ئۆينى ياسىغاندا مۇشۇنداق لاھىيىلەش بارلىقىنى بىلگەن بولساقچۇ كاشكى. سېلىۋېتىپ نەچچە ئۆزگىرىپ كەتكىنى ئېسىمدە.

بولسا پىداكىرانە روھ بىلەن مىللى پاسوندىكى ئوتتۇرىھال ئۇيغۇر ئۆيلىرىدىن بىرەرنى لاھىيىلەپ ئورتاقلاشقان بولسىڭىز، دەماللىققا بولمىسىمۇ كەلگۈسىدە ئىشىكىڭىزنى قېقىپ قالىدىغانلار چوقۇم چىقىدۇ ئىزدىنىشتىن.   {:90:}  

خىزمىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

xamxar111 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-1 09:07:46

بۇنىغۇ باشقىلارنىڭ تەلىپى بۇيىچە  لايىزەلەپسىز ،      مىللىيچە پۇراق پۇتۇپ لايىھەلىگەن ، لايىزەرىڭىزدىن  سۇنمامسىز  ؟ كۆزىمىز ئېچىلىپ قالسا  \"\"

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-3-1 09:34:40

بۇ ئىشمۇ تور بېكەت لاھىيىسى سىزغانغا ئوخشامدۇ نېمە، خەققە شۇنداق جاپا تارتىپ، كۆڭۈل قويۇپ سىزغان لاھىيەلەر يارىماي، تېرىكىپ قولىنىڭ ئۇچىدىلا قىلىپ قويغان لاھىيەلەر بەك ياراپ كېتىدۇ.

ئۈستىدىكى لاھىيەلەر پەيزى بولاپتىكەنتۇق ئەسلى، ئۇ كىشىگە قوتان لازىم ئوخشايدۇ.

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2012-3-1 09:45:46

ئالدى پىشايۋان بىلەن رىشاتكىلارنى ئېلىۋەتسە ، ئاشلىق ئىدارىسىنىڭ ئىسكىلاتلىرىغا ئوخشاپ قالىدىكەن.
بەت: [1] 2
: مەن لاھىيلىگەن داچىنىڭ كۆرۈنمە رەسىمى