paltahun يوللانغان ۋاقتى 2012-2-29 12:33:11

قاراغوجىلىق ئەمەت

1912 - يىلى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ تەسىرى بىلەن مۆيدىن خەلپەت باشچىلىقىدا تۇرپاندا قوزغالغان دېھقانلار قوزغىلىڭى ياڭ زېڭشىن تەرەپتىن قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن لۈكچۈن ۋاڭ ۋە ئۇنىڭ جايلاردىكى قول - چوماقچىلىرى ئاتالمىش كەڭ تۈردە تازىلاش ئېلىپ بېرىپ، قوزغىلاڭغا قاتناشقان دېھقانلارنى قولغا ئېلىپ تۈرمىلەرگە قامايدۇ، ئۆلتۈرىدۇ ۋە ياقا يۇرتلارغا پالايدۇ. «ئۇرۇش خىراجىتىنى تولدۇرىمىز» دېگەن نام بىلەن خەلق ئۈستىدىكى ئالۋان - ياساق، باج - سېلىقنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدۇ. قايغۇ ۋە مۇسىبەت ئىچىدە غەزەپ يالقۇنلىرى يالجىپ تۇرۇۋاتقان تۇرپان خەلقىنىڭ غەزىپى تېخىمۇ ئۇلغىيىدۇ. نەتىجىدە 1941 - يىلى 3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تۇرپاننىڭ قاراغوجا يېزىسىدا ئەمەت باشچىلىقىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلايدۇ. بۇ تارىختا ئەمەت يىغىلقى دەپ ئاتىلىدۇ.

ئەمەت تۇرپاننىڭ قاراغوجا يېزا تۈگمەن بېشى مەھەللىسىدىكى بىر كەمبەغەل ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىدۇ. ئۇ پاكار، دوغىلاق كەلگەن، كۆزى چوڭ، قارامتۇل، كەم سۆز، ئېغىر - بېسىق ئادەم، يۇرتنىڭ نوچى (گاڭگۇڭ) لىرىدىن بولۇپ، باشىقلارغا بوزەك بولمايتتى، باشقىلارنىمۇ بوزەك قىلمايتتى. ناھەت ئىشلارنى كۆرسە ئۇنىڭ كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئەدىپىنى بېرىپ، خەلقنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشەتتى.

ئۇ چاغلاردا ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت ھەر قايسى ئورۇنلارغا جىسالارنى بەلگىلەپ (جىسا - مەنسەپ نامى، ئۇلاردا جىنايى ئىشلار جىنايەتچىلىرىنى تۇتۇش ھوقۇقى بولاتتى)،جىسالار ئارقىلى خەلقنى باشقۇراتتى. شۇ مەزگىللەردە تۇرپان ئاستانىدىكى مۇمۇت دېگەن كىشى بەش قىشلاق (سىڭگىم ، مۇرتۇق، ئاستانە، قاراغوجا، ياڭخى) غا جىسا بولۇپ، ئۆز ھوقۇقىغا تايىنىپ خالىغانچە ئىش كۆرەتتى. ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي ئازراقلا قارشىلىق كۆرسەتكەن كىشىنى ئۇراتتى، قامايتتى، ھەتتا پۇت - قوللىرىغا كىشەن، كويزا سېلىپ كوچىلاردا سازايى قىلاتتى. كۆڭلىگە ياقمىغان كىشىلەرنى يوقىلاڭ بەتناملار بىلەن قاماپ خالىغانچە جازالايتتى. شۇ قاتاردا ئەمەتنىمۇ ئوغرى، قىمارۋاز دەپ تۇتۇپ قامايدۇ، ئەمەتنى سوراق قىلغاندا غاڭزىدىكى ئوتنى ئۇنىڭ پېشانىسىگە تۆكۈپ قويۇپ، غاڭزىغا تاماكا سېلىپ بولۇپ، ئۇنىڭ پېشانىسىدىكى ئوت چوغىنى غاڭزىسىغا سېلىپ تاماكا چېكىدۇ. ئەمەت بۇنىڭغا قىلچە پەرۋاز قىلمايدۇ.

ئەمەت بىر ئامال قىلىپ تۇرمىدىن قىلىپ تۈرمىدىن قېچىپ چىقىدۇ. دەل شۇ چاغدا يۇرتداشلىرى مۆيدىن خەلپەتنىڭ قەبرىسى ئالدىغا كېلىپ خەتمە قۇرئان قىلۋاتاتتى. ئەمەت پۇرسەتتىن پايدىلىنپ قەبرە ئالدىدا خەلقنى زوراۋانلىققا قارشى قوزغىلىپ، مۆيدىن خەلپەت ئۈچۈن ئىنتقام ئېلىشقا چاقىرىدۇ. خەلق قوزغىلىدۇ. تۆمۈر خەلىپىنىڭ ئىنىسى شاكىر، قۇمۇل قوزغىلىڭىنىڭ يولباشچىسى ياۋلەن، ئىمىن، سېيىت قاتارلىق كىشىلەر بىلەن تۇرپانغا كېلىپ، ئەمەتنىڭ قابىل ياردەمچىلىرىدىن بولىدۇ. ئەمەت باشچىلىقىدىكى دېھقانلار ئۆز ۋاقتىدا تۆمۈر خەلىپە يەتكۈزۈپ بەرگەن قوراللارنى ئېلىپ يوشۇرۇن ھەرىكەت ئېلىپ بارىدۇ ۋە مۇمۇست جىسانى تۇتماقچى بولىدۇ.

مۇمۇت جىسامۇ تۇرپاندىكى مايىت جىسانى ئەمەتنى تۇتۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ ۋە ئۇ ئىككىسى ئاستانىدا 15 دەك ئادەم تەشكىللەپ، ئەمەتنى تۇتماقچى بولۇپ قاراغوجا يېزىسىدىكى مانتۇنىڭ مەھەللىسىگە بارىدۇ. ئەمەت باشچىلىقىدىكى قوغىلاڭچىلار ئوق چىقىرىدۇ. مايىت، مۇمۇت جىسالار ناھىيىلىك ھۆكۈمەتتىن «قاراغوجىدا 100 دەك ئادەم بىزگە قارشى چىقتى، تېزدىن قوراللىق چېرىك ئەۋەتىپ ياردەم بېرىڭلار» دەپ تەلەپ قىلىدۇ. ناھىيىلىك ھۆكۈمەت بۇلارنىڭ تەلىپىگە بىنائەن 30 نەچچە قوراللىق چېرىكلەرنى ئاستانىگە ئەۋەتىدۇ. ئۇلار قاراغوجا يېزىسىغا كاناي چېلىپ ھەيۋەتلىك بېسىپ كىرىدۇ. ئەمەت باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار تۆمۈر نىيازنىڭ قۇرۇسىغا كىرىۋېلىپ، دەرۋازىنى مەھكەم ئېتىپ يوشۇرۇنىدۇ، چېرىكلەر يىراقتا تۇرۇپ ئوق ئاتىدۇ ۋە ئاقىۋەت زېرىكىپ، بىر نەچچە يەرگە جەم بولۇپ، ئۆز ئارا ئەپيۇن چېكىپ كەيپ بولۇشىدۇ. ئەھۋالنى كۆزىتىپ تۇرغان قوزغىلاڭچىلار يېرىم كېچە بولغاندا پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، قورۇدىن چىقىپ ئەسكەرلەرنىڭ بارلىق قورال - ياراغ، ئوق - دورىلىرىنى يىغىپ ئېلىپ، پىچان ئارقىلىق كۆكيارغا چىقىپ كېتىدۇ ۋە كۆكياردىن ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ئەرز يېزىپ ئەۋەتىدۇ. ئەرزىدە ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى ئەمەسلىكىنى، پەقەت مۇمۇت جىسانىڭ ھەددىدىن ئاشقان زورلۇق - زومبۇلۇقلىرىغا قارشى قوزغالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى بۇلارنىڭ تۇرۇۋاتقان ئورنىنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك جاي ئىكەنلىكىنى ئويلاپ، ئۇلارنى ئالداپ يۇرت ئىچىگە ئېلىپ كېلىش غەرىزدە، قايتىپ كەلسە سۈرۈشتە قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئەمما مۇمۇت جىسانى جازالاپ بېرىشكە ئونىمايدۇ.

مۇمۇت جىسا ئاقىۋەت ئەڭ يېقىن ئادىمى قاراغوجىلىق ئابدۇللانى ئىشقا سېلىپ ئەمەتنى تۇتماقچى بولىدۇ. ئابدۇللا كۆرۈنۈشتە مۇمۇت جىسانىڭ يېقىن ئادىمىدەك كۆرۈنىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە مۇمۇت جىسانىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن بەكمۇ نارازى ئىدى. شۇڭا، ئۇ مۇمۇت جىسانىڭ ئەمەتنى تۇتۇش پىلانىنى ئەمەتكە ئۇقتۇرۇش قويىدۇ. ئۇ ئىككىسى مۇمۇت جىسانى بىللە تۇتۇشقا مەسلىھەتلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەمەت، مەتسېيت، تاجى، ئەزنىۋاقىلار مۇمۇت جىسانىڭ قورۇسى ئەتراپىغا يوشۇرۇنىۋېلىپ، ئابدۇللانى سۈڭگۈچ ئارقىلىق مۇمۇت جىسانىڭ ئۆيىگە كىرگۈزىدۇ. ئابدۇللا ئۇنىڭغا ئەمەتلەرنى بىر ئۆيگە سولاپ قويغانلىق خەۋىرىنى ئېيتىدۇ. بۇنىڭدىن خۇش بولغان مۇمۇت جىسا دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ كىيىملىرىنى كەيمەكچى بولىدۇ. ئابدۇللا مۇشۇ ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ دەرھال مۇمۇت جىسانى قۇچاقلاپ بېسىۋىلىپ، ۋارقىراپ ئەمەتلەرگە خەۋەر قىلىدۇ. ئەمەتلەر دەرھال ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپ مۇمۇت جىسانى باغلايدۇ ۋە ئۇنى ئېشەككە مىندۈرۈپ سېڭگىم ئېغىزىدىكى قىزىل سىڭىرغا چىقىپ كېتىدۇ.

ئۈچ كۈندىن كېيىن تۇرپان ناھىيىسىنىڭ مەسلىھەتچى ھەربىي ئەمەلدار سۈن شىياۋشاڭ بىلەن ئۆلكىدىن ئەۋەتىلگەن فىڭ يىڭجاڭ چېرىك باشلاپ قىزىل سىڭىرغا ئەمەت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى تۇتۇش ئۈچۈن بارىدۇ. پوستا تۇرغان تاجى ئۇلارنى كۆرۈپ ئالدىراپ كېتىپ، مۇمۇت جىسانى ئېتىۋېتىدۇ. ئىككى ئوتتۇرىدا ئۇرۇش بولىدۇ. چېرىكلەر كۆپ تالاپەتكە ئۇچرايدۇ، ئەمما بىر قېتىملق ھۇجۇمدا شاكىر بىلەن نەچچە ئونلىغان قوزغىلاڭچى دېھقان دۈشمەنگە ئەسىر چۈشۈپ قالىدۇ. شاكىر ئۇزاق ئۆتمەي تۇرپان شەھىرى ئىچىدە ئۆلتۈرۈلىدۇ.

ئەمەت قوزغىلاڭچىلارنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن قىزىل سىڭىردىن ئايرىلىپ، جىمىسار، گۇچۇڭ، پىچان قاتارلىق ناھىيىلەردىكى تاغلاردا يوشۇرۇنۇپ يۈرىدۇ. ئۇلار تاغلاردا بىر قانچە كۈنلەر ئاچ قىلىپ، تۇرمۇشتا قىىينىلىپ، ئىنتايىن جاپا چېكىدۇ. ئاقىۋەت ئەمەت ياۋلەن، ئىمىن سېيىتنى ئاممىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ئۆزئارا ياردەملىشىپ ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرىنى ئىسكەنجىگە ئېلىش ئۈچۈن قۇمۇلغا ئەۋەتىدۇ. لېكىن، ياۋلەن قاتارلىق كىشىلەر قۇمۇلدا خائىننىڭ ساتقۇنلۇقى تۈپەيلىدىن 1914 - يىلى 5 - ئايدا ئەكسىيەتچىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ.

1914 - يىلى 8 - ئايدا ئەمەت باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار گۇچۇڭ تەۋەسىدىكى تەڭرىتېغى ئىچىگە يۆتكىلىدۇ. شۇ يىلى يازدا ياڭ زېڭشىن مۇئاۋىن يىڭجاڭ مافۇتەي، ليەنجاڭ مىڭ گۇسەي، شى زوفەنلەر باشچىلىقىدا چېرىكلەرنى پۇقراچە ياساندۇرۇپ ئەمەتنى ئىزدەشكە ئەۋەتىدۇ. 8 - ئايدا ئۇلار ئەمەتلەر بىلەن تاغنىڭ بىر ئويمان يېرىدە ئۇچرىشىپ قىلىپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا قاتتىق جەڭ بولىدۇ. جەڭدە ئەمەتنىڭ سادىق سەبدىشى ئابدۇل بىلەن ئابدۇللا قۇربان بولىدۇ.

قىش يېتىپ كېلىپ، ئەمەت باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى تۇرمۇشتا تېخىمۇ قاتتىق قىيىنچلىققا دۇچ كېلىدۇ. يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك جەھەتتىن كۆپ قىينالغان ئەمەت كېسەل بولۇپ قالىدۇ. سەپداشلىرى ئۇنىڭ يېنىدىن كېچە - كۈندۈز ئايرىلماي، قولىدىن كېلىشىچە داۋالاپ ياخشى قارايدۇ، لېكىن ئەمەتنىڭ كېسىلى كۈندىن - كۈنگە ئېغىرلىشىشقا باشلايدۇ. ئۇ ئاخىرقى نەپىسى ئۈزۈلەي دەپ قالغاندا سەپداشلىرىنى يېنىغا چاقىرىپ، «مەن بەرىبىر ئۆلۈپ كېتىدىغان بولدۇم. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۆلگەندىن كېيىن كاللامنى ئېلىپ، ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ كەچۈرۈمىگە ئېرىشىپ، ئۆزۈڭلارنى قوغداڭلار، بالا - چاقاڭلار بىلەن جەم بولۇپ، ۋاقتى كەلگەندە ئىنتىقام ئېلىڭلار» دەيدۇ ۋە 1914 - يىلى 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى گۇچۇڭ ناھىيىسىگە قاراشلىق بىر تاغ ئېغىزىدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئۆز سەركەردىسىدىن ئايرىلغان قوزغىلاڭچى قوشۇن ئەمەت ئۈچۈن قايغۇلۇق ماتەم تۇتىدۇ ۋە نۇرغۇن تالاش - تارتىشلاردىن كېيىن ئەمەتنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە ئىش قىلماقچى بولىدۇ. ئەمەتنىڭ يېقىن سەپداشلىرىدىن تاجى، مەتسېيىت، ئەزنىۋاقىلار ياش تۆكۈپ تۇرۇپ سەپدىشىنىڭ كاللىسىنى كېسىپ، ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت قوزغىلاڭچىلارغا كەڭچىلىك قىلىپ قويۇپ بېرىدۇ. ئەمەتنىڭ كاللىسىنى سىيەنجاڭ (تۇرپان شەھىرىدىكى ھازىرقى يېڭى گاراژ ئورنى) دىكى قاپاق تېرەككە تۆت - بەش كۈنگە ئېسىپ سازايى قىلىدۇ.



تېمىنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ_____

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2012-2-29 14:14:15

@tumaris ماقالىلەرنى ئاساسەن «بىلقۇت غەزىنىسى»دىن كۆچۈرۈپ ساقلىۋالغان ئىدىم . ئەسلى مەنبەدە ئاپتور ھەم قايسى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنغانلىقى توغرۇلۇق ھىچقانداق ئىزاھات يوق ئىكەن.

تورداشلارنىڭ دىيىشىچە بۇ يازمىنىڭ مەنبەسى شېرىپ خۇشتار يازغان «شىنجاڭ تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر» دېگەن كىتاپكەن. «بىلقۇت غەزىنىسى» دىمۇ  «ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر» ناملىق سەھىپە ئىچىدىكەن.

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2012-2-29 14:41:47

@paltahun ئېغىر كۆرمىسىڭىز بىلقۇت غەزىنىسىنىڭ ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قويۇڭ.

esiyan يوللانغان ۋاقتى 2012-2-29 14:58:28

ئاجايىپ ئارىمىزدىن مەردۇ-مەردەنە ئادەملەر ئۆتكەنكەن بۇرۇن،خۇدا يەنە شۇنداق نەسىللەرنى بىزلەرگە نېسىپ قىلسۇن!

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2012-2-29 15:04:11

@tumaris : «بىلقۇت غەزىنىسى» تور بېكەت ئەمەس بەلكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن شىنجاڭ «بىلقۇت» ئېلېكترون پەن – تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بىرلىكتە جاپالىق ئىزدىنىش، خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇش، يۇقىرى يېڭى پەن تېخنىكا قوللىنىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقارغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆرپ - ئادەت، مەشھۇر شەخس، تېبابەت، ماقال تەمسىل،چۆچەك، رېۋايەت، چالغۇ-ئەسۋاب،يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىباھار گۆھەرلەر؛ كارتون ئېلىپبە، قانۇن - نىزام، ئىشارەت تىلى، پەلسەپە، تەنتەربىيە، فىزىكا، خىمىيە قاتارلىق 600 دىن ئارتۇق كەسپىي ساھەدىكى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە 3 خىل تىل، 6 مىليوندىن ئارتۇق سۆز، ئاۋاز ھەم سۈرەت بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن نامايەندە خاراكتېرلىك كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى.


بۇ يۇمشاق دېتالنى پەقەت بىرلا كومپىيۇتېرغا قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولىدىكەن ، ھەر قېتىم قاچىلىغاندا بىلقۇت شېركىتىدىن يۇمشاق دېتالنىڭ تىزىملاش نومۇرىنى سوراپ ئېلىپ قاچىلىمىساق دېتال ئىشلىمەيدۇ. مەن كومپىيۇتېرىمنى ئالماشتۇرغاندا  ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن سەھىپىلەردىن  بەزى نەرسىلەرنى كۆچۈرۈپ ساقلاپ قويغان.  مەنبەنى بەك سۈرۈشتۈرۈپ تۇرۋالسىڭىز ماقالىلەرنى ئىزدىنىشقا چىقارمىساممۇ بولىدۇ.


بىلقۇت غەزىنىسىدىكى ماقالىلەرنى كۆرگەندە مائۇس بىلەن تاللاپ  ئوڭ كونۇپكىنى باسسىڭىز كۆچۈرۈش ،چاپلاش دېگەندەك ئۇيغۇرچە قورال تىزىملىكى چىقىدىكەن.

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2012-2-29 15:54:51

قارىسام كۆپىنچە تېمىلاردا بىلقۇت غەزىنىسى دەپ تىلغا ئالدىڭىز، ئۈستىكى ئىنكاسىڭىزدا تورداشلارنىڭ دېيىشىچە دېگەندەك گەپلەرنى قىلدىڭىز... شۇنداق ياخشى يازمىلار ئېلان قىلىنىۋاتقان زادى قايسى تور بېكەتتۇ دەپ قىزىقسىنىپ قالغانلا يېرىم بار. بۇرۇنمۇ بىر تور بېكەت  بولىدىغان شۇنداق ياخشى تارىخىي ماتىرىياللار بار، ئەپسۇس ئۇ تور تاقىلىپ زور يوقىتىش بولغان ئىدى... يېڭىدىن بىرەر نامدا پەيدا بولدىمۇ ياكى باشقا بىرەر بىز خەۋەرسىز تور بېكەتمىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم. مەن قىزىققان نەرسىلىرىمنى چوڭقۇر چۈشەنسەم دەپ كىرىشىپلا قالىمەن، توغرا چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. ئەلۋەتتە، مەيلى قەيەردىن پايدىلىنىڭ كۆچۈرۈپ يوللاشقا رۇخسەت قىلىش ئىجازىتى بولسىلا مەنبەسى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ قويۇپ يوللاۋەرسىڭىز، ئېسىل ساقلانمىلاردىن بىزمۇ ئىپتىخارلىق بىلەن ھوزۇر ئالىمىز ئەمەسمۇ؟!

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-2-29 19:54:44

بۇ ۋەقەلىك ئادەمگە مەمەت ئاۋاقنى ئەسلىتىدىكەن. بېشىدىكى 1941-يىلى دىگەن يىلنامىدە مەسلە بارمۇ قانداق، ئەسلى 1914 بولغىيتتى. مۇشۇ 1910-يىللاردىن 1940-يىللارغىچە تۇرپان، پىچان، قۇمۇل تەرەپتە يېغىلىق تۈگىمەپتىكەن. شۇڭىمىكىن مۇشۇ جايلاردا نوپوس ئازراق، لېكىن خەنسولارمۇ جىق ئەمەس.

yigana0998 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-1 14:06:07

‹‹قوياش ئوغلى ›› نىڭ ئىنكاسىدا يىزىلغىنىدەك يىلنامە توغۇرسىدا ئىنىق چۈشەنچە( 1941-1914) بەرگەن بولسىڭىز بۇ ھەقتىكى بىلىمىمىز تىخىمۇ چۇڭقۇرلاشسا بولاتتى.
بەت: [1]
: قاراغوجىلىق ئەمەت