ئەسلەشكە تېگىشلىك خاتىرە
ماتىرياللىرىمنى رەتلەۋېتىپ ، ماقالە يېزىش ئۈچۈن تەييارلاپ قويغان بىر نەچچە پارچە خاتىرە ئۇچراپ قالدى . بۇلارنى ئىزدىنىشقا يوللاشنى لايىق كۆردۈم . بىرلىكتە ئەسلىسەك .
بىر مۇخبىر ئىسرائىليىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى نىتانياھۇدىن 1998- يىلى 12 - دىكابىر مۇنداق سورىغان :
_ مۇسۇلمانلارنىڭ پەيغەمبىرى ئەينى چاغدا سىلەرنى مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدا تۈگىشىدۇ ، دىگەنىكەن ، بۇنىڭغا قانداق قارايسىز ؟
نىتانياھۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن :
_ ئۇلارنىڭ قولىدا ھالاك بولىدىغان يەھۇدىلار بىز ئەمەس . چۈنكى ، بىزنى ھالاك قىلالايدىغان ئەرەب مۇسۇلمانلىرى بۇنداق ھالەتتىكى مۇسۇلمان ئەمەس .
( ئابدۇقادىر جالالىدىن << مەدەنىيەتلەر توقۇنىشى >> ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە كىرىش سۆز .
ئامېكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ، << زامانىمىزدىكى ئەڭ ئىستىراگىيىلىك نەزەرگە ئىگە سىياسىئون >> دەپ نام ئالغان كىسسىنگىر 1994 - يىلى << لوس ئانگېلىېس ۋاقىت گېزىتى >> نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا : << ھازىرقى دۇنيادا ئامېركىغا ۋە غەرىبكە ئىسلام ئەسلىيەتچىلىكىدىن باشقا ھەر قانداق ئىدېئولوگىيە ئەمەلىي تەھدىد بولۇپ شەكىللەنمىدى . ۋەھالەنكى ، بۇرۇن بۇ كۈچنى سەل چاغلاپتۇق . دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ، ھازىرمۇ بۇ توغۇرلۇق بىزدە ھېچقانداق چۈشەنچە يوق . >>
ئەنگىليىنىڭ << مۇستەقىللىق گېزىتى >> دېگەن بىر گېزىتتە مۇنداق دېيىلىدۇ : << سالمان راشىد ۋەقەسى ئىسلام ئەسەبىيلىكىنىڭ خەلقئارالىشىشقا باشلانغانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ . ( سالمان راشىد ۋەقەسى _ 1988 يىل ھېندىستان )
مۇناسىۋەتلىك سىتاتسىتكا ماتېرياللىرىدىن قارىغاندا ، دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇسى 90 - يىللارنىڭ باشلىرى بىر مىليارت 200 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن .
داۋامى بار .

ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ نېفىت مەھسۇلاتى دۇنيا ئومۇمىي نېفىت مىقدارىنىڭ %45 نى ئىگەللەيدۇ ( 1970 - يىلى )
ئىسلام جەمئيىتىدە دىن بىلەن دىندىن خالى بولۇشنىڭ پەرقى يوق . ئۇنىڭدا خرىستىئان دىنىدەك ‹‹ قەيسەرنىڭ نەرسىللىرى قەيسەرگە مەنسۇپ بولىدۇ ، ئاللاھنىڭ نەرسىللىرى ئاللاھقا تەۋە بولىدۇ ›› دەيدىغان دىن بىلەن ئادەت ئايرىۋېتىلىدىغان قاراش بولمايدۇ . بۇددا دىنىدەك ‹‹ جاھاننىڭ غېمىدىن خالاس بولۇپ ، ئىستىقامەت قىلىپ ، ئاخىرەتنىڭ ئازابلىرىدىن خالىي بولۇش ›› دەيدىغان جاھاندارچىلىق ئىدىيىسى تېخىمۇ بولمايدۇ . ئىسلام دىنى جەمئيەت تۇمۇشىنىڭ ھەممە تەرەپلىرى بىلەن زىچ باغلانغان . ( مانا بۇ كۆپلىگەن غەيرى پارتىيەلەرنىڭ ئىسلام دىنىنى ياقتۇرماسلىقىدىكى سەۋەب )
دىپلوماتىيە مۇناسېۋىتى جەھەتتە ، بەزى ئىسلام دۆلەتلىرى چەتتىن كەلگەن كۈچلەرنىڭ سېڭىشىغا ۋە كونتىرول قىلىشىغا تاقابىل تۇرۇشقا كۈچى يەتمەيلا قالماستىن بەلكى كۆپ يىللار ئامېرىكا ۋە سوۋېت ئىتىپاقىدىن ئىبارەت دەرىجىدىن تاشقىرى بۇ ئىككى دۆلەتكە تايىنىشقا مەجبۇر بولدى . نەچچە يۈز مىليون نوپۇسقا ئىگە ئەرەب دۆلەتلىرىنى ئۈچ مىليوندىن كۆپرەك نوپۇسى بار ئىسرائىليە مەغلۇب قىلىپ كەلدى . 1967 يىلىدىكى ‹‹ 5- ئىيۇن ›› ئۇرۇشىدا نۇرغۇنلىغان ئەرەب زېمىنى شۇنداقلا ئىسلام دىنىنىڭ مۇھىم مۇقەددەس جايى بولغان ئېروسالىممۇ يەھۇدىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى . ھەر بىر مۇسۇلمانغا نىسبەتەن بۇنى ئىنتايىن چوڭ نومۇس دىمەي بولمايتتى . ئۇلار بۇ ئىشلارغا مۇنداق سوئال قويۇشقا ماجبۇر بولدى : ‹‹ ھۆكۈمىتىمىزگە نېمە بولدى ؟ مىللىتىمىزگە نېمە بولدى ؟ دىنىمىزغا نېمە بولدى ؟ ››
_ داۋامى بار .
2- قەۋەتتىكى elwidaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
سالمان رەشىد شەيتان داستانىنى يازغان گۇي شۇمۇ ؟
دەل ئۆزى شۇ . ئەينى ۋاقىتتا ئىراننىڭ شۇ چاغدىكى داھىيسى ھۇمەينى سالمان راشىدنى ئۆلتۈرگۈچىلەرگە بىر مىليون دوللار مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچ قوشۇشى بىلەن مۇكاپات سوممىسى بىر مىليارت ئىككى يۈز مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن . كېيىن سالمان راشىدنى ئەنگىليە ئۆز ھىمايىسىگە ئالغان . ئىسلام رادىكاللىرى ئۇيغۇرنىڭمۇ چوڭ دۈشمىنىنىڭ بىرى. يەھۇدىلارنى تۈركلەر ھالاك قىلالايدۇ،ئەرەبلەردە ئۇنچىلىك قۇدرەت يوق.... {:92:} سۈننەتنى تۇتۇپ ئوتتۇرا يولدا ماڭماقلىق. تۇز يول نەدە ؟
8- قەۋەتتىكى elwidaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تۇز يول نەدە ؟
تۇز يول تۇزلۇق يەردە (چاخچاق )
<< يول بۇيەردە >> ____ سەييىد قۇتۇپ .
9- قەۋەتتىكى gulahmalikنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
8- قەۋەتتىكى elwidaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تۇز يول نەدە ؟
تۇز يول تۇزلۇق يەردە (چاخچاق )
<< يول بۇيەردە >> ____ سەييىد قۇتۇپ .
سەييىد قۇتۇپنىڭ ئۇ كىتابىنى مەن ئۇقۇغان ! ھى ھى ھى
كۈمۈشرەڭ ئۇيقۇنى سېغىنغان قۇشلار .
دەملىگەن چېيىمنى ئىچىپ تۈگەتتى ،
بۈشۈكتە يېزىلغان ياقۇنلۇق قۇرلار .
ساڭگىلاپ قالغان شۇ قۇياش نۇرىدىن ،
كۆز مونچاق ئۆتكۈزدۈم رومال يىپىغا .
يىرتىلغان ئورماننىڭ سۈپۈرگىسىدىن ،
بىر قوچاق ئېپ ماڭدىم غەمگۇزارىمغا .
ئاڭلىسام تۈگۈمەس ئېيتمىغان ناخشاڭ ،
سۈكۈتۈم شاقىراپ ئاققان قان يامغۇر .
بەت:
[1]