paltahun يوللانغان ۋاقتى 2012-2-27 21:09:19

مۇھەممەت ئېلى ھاجىم شاڭخەي

مۇھەممەت ئېلى ھاجىم شاڭخەي قەشقەر شەھىرى جانقورغانلىق كاتتا سودىگەر تۇردى ئاخۇننىڭ 3 - ئوغلى بولۇپ، ئۇ 1870 - يىلى تۇغۇلغان. ئۇ ئائىلە تەربىيىسىدىن كېيىن دىنىي بىلىم ئالغان. 1898 - يىللاردىن باشلاپ ئاكىسى ئەبرازباي، ئەسىرا بايلار بىلەن بىرگە چارروسىيىدە سودا بىلەن شۇغۇللانغان. كېيىن قەشقەرلىق ئاخۇنباينىڭ نەۋرىسى كېرەم ئاخۇن ھاجىنىڭ (كېرەم ئاخۇن بايۋەتچى) نىڭ ئىچكى ئۆلكىلەردىكى سىچۇەن، چىڭدۇ، خاڭجۇ، سۇجۇدا تۇرۇشلۇق سودا ۋەكىللىرى بىلەن بىللە ئىچكى ئۆلكىلەرگە سودا قىلىپ كىرگەن. كېيىن كېرەم ئاخۇن ھاجىمنىڭ سۇجۇ، خاڭجۇدىكى سودىسىنى ۋاكالىتەن باشقۇرغان ھەم ئۆزى يەككە تىجارەت قىلغان. ئۇ سۇجۇدىن شاڭخەيگە قاتناپ سودا قىلىش جەريانىدا شاڭخەي شەھىرىنىڭ ھازىرقى فۇجۇلۇ دېگەن يېرىدىكى پاكىستان مەسچىتى يېنىدىن ئىككى پارچە يەر سېتىۋېلىپ، سودا - ساراي ۋە ئۇيغۇر ئاشخانىسى ئاچقان. بۇ كۈنلەردە پاكىستانلىقلار بېجىرىپ بەرگەن ۋېزا بىلەن ئىچكىرىسىنىڭ يىپەك توقۇلمىلىرىدىن تاۋار، دۇردۇن، خام يىپەك ۋە شىنجاڭدىن ئېلىپ كەلگەن بۇغا، بۆكەن مۈڭگۈزى، ئەلتىرە (مارىيە)، كۇچا كۆرپىسى قاتارلىق ماللارنى ئېلىپ دېڭىز يولى بىلەن تۈركىيىگە ۋە باشقا دۆلەتلەرگە بېرىپ سودا قىلغان ۋە تۈركىيىدە بىر تۈرك ئايالغا ئۆيلەنگەن. كېيىن ياپونىيە ئارقىلىق نەنجىنگە قايتىپ كەلگەن. نەنجىندە كىچىك تىپتىكى بىر سەرەڭگە زاۋۇتى ۋە سوپۇن زاۋۇتى قۇرۇپ كارخانا باشقۇرغان ۋە شاڭخەيدىكى سودا - سارىيى ۋە ئاشخانىسىنى ئىشقا سېلىپ، شىنجاڭ ۋە چەت ئەللىك مۇسۇلمان سودىگەرلەرنى جەلپ قىلغان.1931 - يىلى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلاپ، شىنجاڭ ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە قالغاندىن كېين، ئۇ شىنجاڭغا قايتىپ كېلىشكە ئامالسىز قالىدۇ. شاڭخەي ئازاد بولۇش ئالدىدا شىنجاڭغا قايتىپ قەشقەرگە كېلىدۇ. 1950 - يىلى تۈركىيە، ياپونىيىدە سودا قىلغانلىقى ئۈچۈن چەت ئەل جاسۇسى دېگەن نام بىلەن قولغا ئېلىنىپ 15 يىل كېسىلىپ كېتىدۇ. 1952 - يىل ئاخىرىدا كېسەل بىلەن 82 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ.

مۇھەممەد ئېلى ھاجىم شاڭخەي بىزگە مەلۇم بولغان ئۇيغۇرلار ئىچىدە 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا شاڭخەيدە سودا - ساراي قۇرغان تۇنجى ئۇيغۇر سودىگىرى ئىدى. ئۇنىڭ شاڭخەي فۇجۇلۇدا قۇرغان سودا - سارىيى 100 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ چۈشىدىغان سودا - سارىيى. فۇجۇلۇدىكى ھازىرقى خۇيزۇلار باشقۇرغان ئاشخانا ئۇيغۇرلار (مۇسۇلمانلار) ئاشخانىسى ئىدى.

پېشقەدەملەر ۋە ھازىرغىچە شاڭخەيگە بارغان مەيلى سودىگەر، مەيلى ساياھەتچىلەر بولسۇن بۇ كىشىنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ، مۇھەممەد ئېلى ھاجىم شاڭخەي دەپ ئاتاپ كەلمەكتە.

yigana0998 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-28 11:28:41

سودىگەرلەرنىڭ كورىدىغىنى، بىلىدىغىنى، ئامىتى ھەم قىسمىتىمۇ كۆپ بولىدىكەن.       ئادەم تاۋلىنىدىغان، تاللىنىدىغان، ھېكمەت ھەم قىسمەتلەرگە باي بىر يول.

sansara يوللانغان ۋاقتى 2012-2-28 17:04:23

ماۋۇ تىما ئېسىل ئىكەن ھەقىقەتەن

zimin00 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-28 18:52:25

مىللىتمىزنىڭ سۇدا-تىجارەتتە باشقىلارنى  ھەيران قالدۇرغۇدەك ئارتۇقچىلىقى بار،،جۇمۇ؟؟تىجارەت دىگەننى ھەممە ئىشقا ئىپى بار ،دىتى بار،،ئىرادىسى چىڭ كىشىلەر قىلالايدۇ،،،

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2012-2-28 19:02:52

2- قەۋەتتىكى sansaraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ماۋۇ تىما ئېسىل ئىكەن ھەقىقەتەن



تەسىراتنى تەپسىلى سۆزلەيلى

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-2-28 19:11:21

قوشنا مەھەللىدە، بىز ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا «شاڭخەي» نى قوشۇپ ئاتايدىغان بىر ئائىلىلىك بولىدىغان ئۇلار بۇ كىشىنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ قانداق؟

sansara يوللانغان ۋاقتى 2012-2-28 19:14:54

4- قەۋەتتىكى ozhalنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2- قەۋەتتىكى sansaraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ماۋۇ تىما ئېسىل ئىكەن ھەقىقەتەن



تەسىراتنى تەپسىلى سۆزلەيلى



بپالتاخۇننىڭ يىقىندىن يوللاۋاتقانلىرى مەن نەپ ئالغان بىلىم دائىرىمنى كىڭىيىتكەن ئېسىل ئۇچۇرلار بولۇپ كەلدى چۈنكى ئوباما توغرىلىق ئۇچۇر بىلمەك ئاسان بولغان بىلەن مەلۇم بىر  ئۇيغۇر توغرىلىق ئاغزاكى گەپ تولا بولغان بىلەن ئەمەلى يازما ماتىرىيال تاپماق بەك مۈشكۈل نەرسە بولۇپ كەلدى،ئاندىن قالسا  خەنزۇلار كۆك كۆزلەر بىلەن سودا قىلغان   بىر قانچە چىچقاق سەرراپ ۋەياكى رەخپۇرۇشنى كۆككە كۆتۈرۈپ مىللى سانائەتنىڭ پىشىۋاسى دەپ كىنو ئىشلەپ يۈرۈيدۇ،بىزمۇمۇشۇنداق ئادەملەرنى بىلىۋالساق  


ياخشى بولغۇدەك دەپ ئويلاپ يۇقارقى ئىنكاس يىزىلغان ئىدى

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2012-2-28 19:15:50

80- يىللاردا شاڭخەيدىن گۈگۈت ئەكىلىپ ساتىدىغانلارنىمۇ چوڭ بىلىپ شاڭخەي دەيتتۇق . بۇنداق ئادەملەر يىزا يىزا سەھرا ساھرالاردا كۆپ . شۇڭا ھەممىسىنى بۇ كىشىگە چىتىۋالساقمۇ بولماس .

zimin00 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-28 19:24:13


7- قەۋەتتىكى ozhalنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

80- يىللاردا شاڭخەيدىن گۈگۈت ئەكىلىپ ساتىدىغانلارنىمۇ چوڭ بىلىپ شاڭخەي دەيتتۇق . بۇنداق ئادەملەر يىزا يىزا سەھرا ساھرالاردا كۆپ . شۇڭا ھەممىسىنى بۇ كىشىگە چىتىۋالساقمۇ بولماس .


---بۇنداق چاتقىلى تۇرساق غۇلجىدىمۇ نەچچىسى چىتىلىدۇ،،،،،\"\"




atilla705 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-29 15:58:43

مەنبەسى :  شىنجاڭ نىياز خۇشتار «شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر كىشىلەر» ناملىق كىتابتەك قىلىدۇ. ئەسلى مەنبەسى نى دىدىم ھە، يەنە ئا تور بەتتىن ئەكىردىم دەپ سالماڭ يەنە
بەت: [1]
: مۇھەممەت ئېلى ھاجىم شاڭخەي