paltahun يوللانغان ۋاقتى 2012-2-27 20:46:50

باي سىجاڭ

باي سىجاڭ (ئىسمائىل قاسىم ھاجى) 1870 - يىلى ئاقسۇ كونا شەھەرنىڭ بوزدۆڭ كەنتىدە چارۋىچى ئائىلسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى قاسىم ھاجىم دىيانەتلىك، ئەمگەك سۆيەر كىشى بولۇپ، يازدا يايلاقتا، قىشتا چارۋا باققۇچىلىرى بىلەن بىللە تۇراتتى. شۇڭا ئۇنىڭ چارۋا باققۇچىلىرىمۇ خوجايىنغا ساداقەتمەنىدى. قاسىم ھاجى چارۋىچىلىقتا تېز بېيىغاندىن كېيىن كارۋانچىلىق بىلەنمۇ شۇغۇللاندى. ئوغلى ئىسمائىل ئاخۇن (باي سىجاڭ) دادىسىدەك گەۋدىلىك ساغلام بەدەن ۋە ئەقىللىق بولۇپ يېتىشتى، ئۇ پولگان بولۇپ، كىشىلەر ئارىسىدا «ئۇچۇپ يۈرگەن قۇشقاچنى بىر قولىدا مىلتىق ئېتىپ سوقۇۋېتىدۇ» دېگەن گەپلەر تارقالغان ئىدى. ئىسمائىل ئاخۇن ئۆز كارۋانلىرى بىلەن ئىلگىرىمۇ بىر قانچە قېتىم باردى ۋە كارۋانلارغا شاڭيۇ بولدى. كېيىنرەك پۈتۈن تاغ رايونىنىڭ شاڭيۇسى بولۇپ «باي شاڭيۇ» دەپ ئاتالدى.

باي شاڭيۇ 1932 - يىلى ئاقسۇ تارىخىدا بىرىنچى بولۇپ ناھىيە بازىرىنىڭ غەرب تەرىپىدە «تۆمۈر غازى ئاتا» نامىلىق يېڭىچە مەكتەپ تەسىس قىلدى. بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى تولۇق، تەنتەربىيە سايمانلىرى مۇكەممەل ئىدى، مەكتەپنىڭ دەسلەپكى مۇدىرى خوتەنلىك نۇرمەھەممەت ئېلى دېگەن كىشى ئىدى. كېيىن كىشىلەر بۇ مەكتەپنى باي شاڭيۇنىڭ نامىدا «مەكتىپى ئىسمائىلىيە» دەپ ئاتاشتى. «مەكتىپى ئىسمائىلىيە» 1937 - يىلى ھۆكۈمەت تەمناتىدىكى مەركىزىي مەكتەپكە ئۆزگەرتىدۇ. 1946 - يىلى ئاقسۇ مائارىپىنىڭ بىردىنبىر بۆشۈكى بولغان ئاقسۇ ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىن ئەنە شۇ «مەكتىپى ئىسمائىلىيە » ئاساسىدا قۇرۇلغان ۋە تاكى 1973 - يىلىغىچە 27 يىل تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا مەرىپەت ئۇرۇقىنى چاچتى. 1973 - يىلىدىن باشلاپ ناھىيىلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆزگەرتىلدى .

1933 - يىلى، تۆمۈر تۇەنجاڭ ئاقسۇغا كەلگەندە باي شاڭيۇنىڭ سارىيىدا بىر ھەپتىدەك تۇرۇپ، ناھىيە بازىرىدىكى جازانخورلار، گۇرۇھكەشلەر ۋە زىنا خورلارنى جازالاپ، قەشقەرگە مېڭىش ۋاقتىدا باي شاڭيۇنى تۇەنجاڭلىققا تەيىنلىدى. باي تۇەنجاڭ ئاتا - ئانىسىدىن يېتىم قالغان خەنزۇ بالىلىرىدىن بىر قىز، ئۈچ ئوغۇلنى بېقىۋالدى. بۇ بالىلار باي تۇەنجاڭنىڭ كۆيۈمچانلىقى بىلەن توي قىلدى. ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلار بىلەن توي قىلدى. ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلاشتى. ھازىر بۇ جەمەتنىڭ ئادەم سانى 100 دىن ئاشىدۇ.

باي تۇەنجاڭ خوجىنىياز ھاجىم باشچىلىقىدىكى مەسلەكداشلىرىغا سادىق بولۇپ، 1933 - يىلى كۈزدە رەقىبى مالۈيجاڭنىڭ سۇيقەستىنى بىلىۋالغاندىن كېيىن (مالۇيجاڭ باي تۇەنجاڭنى «زىياپەت» چاقىرىش ھىلىسىدىن پايدىلىنىپ يوقاتماقچى بولىدۇ. ئۇ باي تۇەنجاڭنى ئاقسۇغا زىياپەتكە تەكلىپ قىلىپ باغاق كىرگۈزىدۇ. باغاچ ئەكىلىپ بەرگۈچى كىشى باي تۇەنجاڭغا بۇ «زىياپەت» نىڭ ماھىيىتىنى ئېيتىپ قويىدۇ. باي تۇەنجاڭمۇ مالۈيجاڭ ئۈچۈن «زىياپەت» تەييارلاپ مالۈيجاڭنى ئالدى بىلەن «زىياپەت» كە تەكلىپ قىلىدۇ. مالۈيجاڭ ئىشەنچىلىك ئادەملىرى بىلەن ئاقسۇدىن چىقىدۇ. «زىياپەت» ئاخۇنباينىڭ ئاشخانىسىنىڭ 2 - قەۋىتىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. سۆھبەت «زىياپەت» داۋامىدا ما لۈيجاڭنىڭ لۈيجاڭلىق ھوقۇقىنى بىكار قىلىدۇ) ئۆزى لۈيجاڭ بولىدۇ. بۇ ئىش ئاقسۇ ۋە ئاقسۇ كونا شەھەرنى زىل - زىلىگە كەلتۈردى. ئەپسۇسكى، باي تۇەنجاڭ مالۈيجاڭنى ئەسىرگە ئېلىپ، لۈيجاڭلىق ۋەزىپىسى تەبرىكلىنىۋاتقان كۈنى تۆمۈر سىجاڭ قەشقەردە مازىخۇي (ماجەنساڭ) تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

باي تۇەنجاڭ ئەسىرگە ئالغان مالۈيجاڭنى ۋە ئۇنىڭ ئاتارمەن - چاپارمەنلىرىنى قوشۇپ ئاقسۇدىكى ئىنقىلابنىڭ ئولجىسى سۈپىتىدە كۇچارغا ئاپىرىپ خوجىنىياز ھاجىمغا تاپشۇرىدۇ. خوجىنىياز ھاجىم باي لۈيجاڭنىڭ كۆرسەتكەن خىزمىتىنى ئالاھىدە ئېتىبارغا ئېلىپ، مالۈيجاڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ، باي لۈيجاڭغا سىجاڭلىق ئۇنۋانى بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن باي سىجاڭغا ئاقسۇ تەۋەسىدىكى 12 تۈەن قارايدۇ. باي سىجاڭ ئاقسۇ دائىرسىدە بىردىنبىر ئاتاقلىق گېنىرال بولۇپ قالىدۇ.

خۇجىنىياز ھاجىم قوشۇنى بىلەن ماخۇسەن، ماجۇڭيىڭ قوشۇنى ئوتتۇرىسىدىكى ئولجا تەقسىم قىلىش جەريانىدا شەكىلەنگەن قورساق ئۇرۇشلىرى، 1934 - يىلىدىكى زىددىيەت، نىزالارنى ئۆزى ئۈچۈن غەنىمەت بىلگەن شېڭ شىسەي توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلاشقا تەييارلىنىدۇ. ئاخىرقى كۈنلەردە ھەقىقەتەن، ئىنقىلاب سەركەردىلىرىنىڭ تەقدىرى، سوقۇشۇپ ھالىدىن كەتكەندە ئىنقىلاب مېۋىسى شېڭ شىسەي تەرىپىدىن ئوغۇرلاپ كېتىلدى.

1934 - يىلى قىشتا كورلىدىن خوجىنىياز ھاجى قوغلاپ كېلىۋاتقان مافۇيۇەن قوشۇنى باي چېگىرىسىدىن ئۆتكەندە، باي سىجاڭنىڭ ئەسكەرلىرى خوجىنىياز ھاجىم ۋە مەھمۇت سىجاڭنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن بىرلىشىپ، قارايۇلغۇنغا ئۇلارغا توساپ زەربە بېرىشكە بارىدۇ. بۇلار قارايۇلغۇندا مۇستەھكەم پوزىتسىيە تۈزۈپ تۇرغاندا مافۇيۈەن قوشۇنلىرى يېقىنلاپ كېلىدۇ. خوجىنياز ھاجىم باي سىجاڭغا: «سىز ئاۋۇ دۆڭگە چىقىپ دۈشمەن ئەھۋالىنى كۈزىتىپ بېقىڭ» دەيدۇ. باي سجاڭ دۆڭگە چىقىپ دۇربۇن بىلەن باي تەرەپكە قاراۋاتقاندا بىر پاي ئوق ئۇنىڭ ئوڭ يانپىشىنى چېقىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇ ئوق ئۇنىڭ مەسلەكداشىرىنىڭ قورسىقىدا پەيدا بولغان جىننىڭ ئاشكارىلىنىشى ئىدى. ئوق كەلگەن تەرەپتە باي سىجاڭنىڭ كۈيئوغلى ئابدۇكېرىم بوجاڭ بار ئىدى. باي سىجاڭ يىقىلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەسكەرلىرىدىن پالۋان بەنجاڭ (مەمتاۋلا ئىبراھىم، سىجاڭنىڭ تاغلىق يۇرتدىشى ئىدى) سىجاڭنى ئاتىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ جامغا ماڭماقچى بولغاندا، ئابدۇكېرىم بوجاڭ ئاچچىقلاپ، «ھەي ھارام تاماق، تاشلا ئاتاڭنىڭ ئۆلۈكىنى، ھېلى جېنىڭنى ئالىمەن!» دەپ قورال تەڭلەيدۇ. پالۋان بەنجاڭ ئامالسىزلىقتىن كۆز يېشى قىلىپ سىجاڭنىڭ نىداسىغا قارىماي، بۆرە تېرە جۇۋىسىنى سالدۇرۇۋېلىپ، سىجاڭنى قارنىڭ ئۈستىگە يۇمۇلىتىۋېتىدۇ. بۇ ۋەقەدىن كېيىن خوجىنىياز ھاجىمنىڭ ئەسكەرلىرى باي سىجاڭنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ قوىدىكى قوراللىرىنى، يۈگۈرۈك ئاتلىرىنى تارتىپ ئېلشقا كىرىشكەندە مافۇيۈەن قوشۇنلىرى يېتىپ كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خوجىنىياز ھاجىم قوشۇنلىرى يېڭىلىپ چېكىنىدۇ. باي سىجاڭنىڭ ئەسكەرلىرى سەركەردىسىدىن ئايرىلىپ بېشى قايغان تەرەپكە قاراپ كېتىشىدۇ. باي سىجاڭنىڭ مەسلەكداشلىرىنىڭ قورسىقىغا «جىن» پەيدا قىلغان مانا بۇ خىللانغان قوشۇن، باي سىجاڭنىڭ بەخىتسىزلىككە ئۇچرىشى بىلەن توزغاقتەك توزۇپ كېتىدۇ. خوجىنىياز ھاجىم ئاقسۇغا چېكىنىپ ئۈچتۇرپان ئارقىلىق قەشقەرگە ماڭىدۇ.

باي سىجاڭنىڭ قار ئۈستىدە مۇزلاپ شېھىت بولغانلىقىنى ئاڭلىغان دادىسى قاسىم ھاجىم قىرغىز چارۋىچىسى ئاسانئالى قاتارلىقلار بىلەن ئۈچ كۈندە جەسەتنى تېپىپ تۇغۇلغان يۇرتى بۆزدۆڭگە ئاپىرىپ دەپنە قىلىدۇ.

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2012-2-28 10:35:58

زامان ئاخىرغىچە تۈگىمەيدىكەندە بىزدىن چىقىدىغان خائىن، مۇناپىقلار...

kometa يوللانغان ۋاقتى 2012-2-28 13:33:59

«ئويغانغان زىمىن» دا باي سىجاڭنىڭ شېھىت بولۇشى بىلەن قوزغىلاڭنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقى قەيت قىلىنغان. بۈگۈن تەپسىلاتىنى بىلىشكە نېسىپ بوپتۇ. تېما ئېگىسىگە كۆپ رەھمەت!

braveheart يوللانغان ۋاقتى 2012-2-28 14:49:23

باي گېنېرالنىڭ شېھىت بولۇشىدا خوجىنىيازنىڭ ئۆلۈشى بارلىقىغا ئىشىنىمەن.

خوجىنىياز شۇ دەۋردىكى ئىنقىلاب سەركەردىلىرى ئىچىدە ئەڭ لاياقەتسىز ئادەم. كېلىشتۈرۈپ خەلقنىڭ ئۇنىڭغا بولغان غايىۋانە تەشۋىقاتى ئەڭ زور بولغان. خوجىنىياز يالغۇز باي گېنېرالنىڭلا ئەمەس، بەلكى يەنە بىر نەچچە ئىنقىلاب سەركەردىلىرىنىڭ شېھىت بولۇشىدا «ئۆچمەس تۆھپە»لەرنى قوشقان.

ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ پەزىلەتسىزلىكىنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ، ئەمما بىر ئىنقىلاپ رەھبىرىنىڭ پەزىلەتسىزلىكى كەچۈرگۈسىز ئەھۋال.

باي گېنېرال توغرىلىق بۇنداق تەپسىلى ئۇچۇرنى ھازىرغا قەدەر ئۇچراتماپتىكەنمەن.  بۇنىڭ مەنبەسىنى ئېيتىپ بىرەلەرسىزمۇ؟

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2012-2-28 14:58:47

ماقالىلەرنى ئاساسەن «بىلقۇت غەزىنىسى»دىن  كۆچۈرۈپ ساقلىۋالغان ئىدىم . ئەسلى مەنبەدە ئاپتور ھەم قايسى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنغانلىقى توغرۇلۇق ھىچقانداق ئىزاھات يوق ئىكەن.

bahwan0998 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-28 15:01:39

3- قەۋەتتىكى braveheartنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

باي گېنېرالنىڭ شېھىت بولۇشىدا خوجىنىيازنىڭ ئۆلۈشى بارلىقىغا ئىشىنىمەن.

خوجىنىياز شۇ دەۋردىكى ئىنقىلاب سەركەردىلىرى ئىچىدە ئەڭ لاياقەتسىز ئادەم. كېلىشتۈرۈپ خەلقنىڭ ئۇنىڭغا بولغان غايىۋانە تەشۋىقاتى ئەڭ زور بولغان. خوجىنىياز يالغۇز باي گېنېرالنىڭلا ئەمەس، بەلكى يەنە بىر نەچچە ئىنقىلاب سەركەردىلىرىنىڭ شېھىت بولۇشىدا «ئۆچمەس تۆھپە»لەرنى قوشقان.

ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ پەزىلەتسىزلىكىنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ، ئەمما بىر ئىنقىلاپ رەھبىرىنىڭ پەزىلەتسىزلىكى كەچۈرگۈسىز ئەھۋال.

باي گېنېرال توغرىلىق بۇنداق تەپسىلى ئۇچۇرنى ھازىرغا قەدەر ئۇچراتماپتىكەنمەن. بۇنىڭ مەنبەسىنى ئېيتىپ بىرەلەرسىزمۇ؟

بىزدە سىزگە ئوخشاش \" تارىخنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن  قەھرىمان \" لار ساماندەك.

لېكىن ئاتىلىرىمىز يېزىپ قالدۇرۇپ كەتكەن ئەسەرلەردىكى قەھرىمان بەك ئاز. بىز شۇ ئەسەر ئارقىلىق يارىتىلغان قەھرىمانلار بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەيمىز.شۇ قەلەم ئارقىلىق يارىتىلغان قەھرىمانلارنىڭ خاراكتېرىدىن پايدىلىنىپ ئەۋلادلىرىمىزنى شۇلاردەك شىر يۈرەك، ۋەتەن ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ چىقىدىغان، خەلق ئالدىدا ئەركەكلىك بۇرچىنى ئادا قىلىش تەربىيىسى بېرىمىز.

مەيلى خوجىنىيازھاجىم قانداق بىر كىشى بولسۇن، ئۇنىڭ قىلغان ئەجرى ۋە قىلمىشىغا قارىتا كەرەملىك ئاللا تېگىشىلىك ھەسسىسىنى بېرىدۇ، بەندەن بېرەلمەيدۇ.

ئازغىنە قەھرىمانلىرىمىزنىڭ سىماسىنى نۇرلاندۇرۇشقا بولىدۇكى، قەھرىمىز بىلەن خۇنۇكلەشتۈرسەك بولماس. ھېلىمۇ بىزدە ھازىر تىلغا ئېلىنىۋاتقان باھادىرلىرىمىز ھەقىقەتەن ئاز. شۇڭا تەشۋىقاتقا قارىغۇلارچە ئىشەنمەي ئەقىل بىلەن ئىش قىلساق.

ئۆسەر يۇرتنىڭ بالىلىرى بىر-بىرىنى پالۋان دەر،

چۆكەر يۇرتنىڭ بالىلىرى بىر-بىرىنى گالۋاڭ دەر.

helloworld يوللانغان ۋاقتى 2012-2-28 15:10:10

======================================================

شىڭ شىسەينىڭ تۇرمىسىدە ئۈچ كۈن يېتىپ باققان بولساڭلار بۇنداق ئىنكاس يازماستىڭلار ، توك كالتەك ، مۇشىت -پەشۋا ، يەنە ئىسمىنى بىلمەيدىغان جازالار  رۇستەم باتۇر بولسىمۇ دات دىگۈزىدۇ .ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بىر دىخان ئادەم ، بىزدەك داشۆسىڭ بۇلۇپ دۇنيا جۇغراپىيىسى بىلەن تارىخ نى ياخشى بىلگەن بولسا خاتالىشىپمۇ يۈرمەستى .

braveheart يوللانغان ۋاقتى 2012-2-28 15:25:23

5- قەۋەتتىكى bahwan0998نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تارىختىنن ساۋاق ئېلىش ئۈچۈن، تارىخنى ئەينەن بىلىشكە، ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ، كەلگۈسىنى يورىتىشقا توغرا كېلىدۇ.

شۇ دەۋردىكى ئىنقىلاب رەھبەرلىرىدىن كىملەرنى قانچىلىك بىلەرسىز؟

بۇ پاجىئەلەرنىڭ ھەرخىل ۋارىيانتلىرىنىڭ 20- ئەسىرنىڭ كېيىنكى دەۋرلىرىدىمۇ نەچچە قېتىم تەكرارلانغانلىقىنى بىلەمسىزكىن؟

بىلمىگەنكىن، «سامان»دەك دېگەن گەپلىرىڭىزنى ئۆزىڭىزگە قارىتىڭ.

خوجىنىيازنىڭ تۆھپىسىگە ھېچكىم كۆز يۇممايدۇ. ئەمما «خوتەنلىك لومودىلەر چىقىشە جەڭگە» دەپ نەچچە مىڭلىغان خوتەنلىكلەرنى بىھۇدە شېھىت قىلغانلىقى، ئابدۇقادىر داموللام مەسلەكدىشى، شاگىرتى بولمىش سابىت داموللامنى، م. بۇغرانى تۇتۇپ شىڭغا بەرمەكچى بولغانلىقلىرىمۇ ئاينىڭ يۈزىدەك ئايدىڭ.

ئەمدى باي گېنېرال كەبى بىر ئوتيۈرەكنىڭ جەسىتىنى جەڭ مەيدانىغا تاشلىتىپ قويۇش، قايسى  رەھبەرچىلىكتە، قايسى ئىنسانچىلىقتا بار ئىش؟

باشلىق بولسىلا ھەممە ئىشى توغرا بولىۋەرمەيدۇ. بىر رومان ئارقىلىقلا، روماندىكى ھەممە ئىشنى راستقا چىقىرىۋېلىش، مەن كەبى «سامان»نىڭ ئىشى ئەمەس.

بىلسىڭىز سىز ئىشەنگەن شۇ روماننىڭ ئىگىسىنىڭ «جىياڭ جۇشىغا مەدھىيە» دېگەن شېئىرىمۇ بار ئىدى. توردىن ئىزدەپ بېقىڭ. بۇ شېئىرنى يازغانلىق بىلەن رومان يازغۇچىسىنىڭ تۆھپىسىنى ھېچكىم ئىنكار قىلمايدۇ.

رېئاللىق ھامان رېئاللىق. پاكىت بىزنىڭ ئارزۇيىمىزدىن مۇستەسنا.

شۇ دەۋردە سىزمۇ ياشىمىغان، مەنمۇ ياشىمىغان.

ھەرھالدا بىر روماننى پۈتۈنلەي توغرا، دەيدىغان ئادەم ئەمەسمەن. روماننىڭ ئىچىدىكى توغرا يەرلىرى توغرا، خاتا يەرلىرى باشقا پاكىتلار بىلەن ماسلاشمىغان بولسا شۈبىھلىك بولىدۇ.

سىز دېگەن رومانلارغا خوتەن ئىنقىلابچىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ھېچقانچە كىرگۈزۈلمىگەن.

ئىبرەت ئېلىنمىغان تارىخنىڭ يەنە نېمە ئەھمىيىتى بولىدۇ؟

braveheart يوللانغان ۋاقتى 2012-2-28 15:34:46

6- قەۋەتتىكى helloworldنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

باي گېنېرالنىڭ شېھىت بولۇشىدا خوجىنىيازنىڭ ئۆلۈشى بارلىقىغا ئىشىنىمەن.

خوجىنىياز شۇ دەۋردىكى ئىنقىلاب سەركەردىلىرى ئىچىدە ئەڭ لاياقەتسىز ئادەم. كېلىشتۈرۈپ خەلقنىڭ ئۇنىڭغا بولغان غايىۋانە تەشۋىقاتى ئەڭ زور بولغان. خوجىنىياز يالغۇز باي گېنېرالنىڭلا ئەمەس، بەلكى يەنە بىر نەچچە ئىنقىلاب سەركەردىلىرىنىڭ شېھىت بولۇشىدا «ئۆچمەس تۆھپە»لەرنى قوشقان.

ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ پەزىلەتسىزلىكىنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ، ئەمما بىر ئىنقىلاپ رەھبىرىنىڭ پەزىلەتسىزلىكى كەچۈرگۈسىز ئەھۋال.

باي گېنېرال توغرىلىق بۇنداق تەپسىلى ئۇچۇرنى ھازىرغا قەدەر ئۇچراتماپتىكەنمەن. بۇنىڭ مەنبەسىنى ئېيتىپ بىرەلەرسىزمۇ؟

======================================================

شىڭ شىسەينىڭ تۇرمىسىدە ئۈچ كۈن يېتىپ باققان بولساڭلار بۇنداق ئىنكاس يازماستىڭلار ، توك كالتەك ، مۇشىت -پەشۋا ، يەنە ئىسمىنى بىلمەيدىغان جازالار رۇستەم باتۇر بولسىمۇ دات دىگۈزىدۇ .ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بىر دىخان ئادەم ، بىزدەك داشۆسىڭ بۇلۇپ دۇنيا جۇغراپىيىسى بىلەن تارىخ نى ياخشى بىلگەن بولسا خاتالىشىپمۇ يۈرمەستى .

شۇ دەۋردە ئىنقىلاپ سەركەردىسى يالغۇز خوجىنىياز ئەمەس ئىدى.

بەلكى ماھمۇت مۇھىتى، ماخسۇت مۇھىتى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، سابىت داموللا، م. بۇغرا، خوجىنىياز ھاجىلار ئىدى.

ماخسۇت مۇھىتى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بۇرۇنلا شېھىت بولغان.

مېنىڭ شىڭ تۈرمىسىدە يېتىش-ياتماسلىقىم بىلەن تارىخى پاكىت ۋە ئىبرەتنىڭ بىرەر مۇناسىۋىتى بارمۇ؟

braveheart يوللانغان ۋاقتى 2012-2-28 15:40:51

تېما باي گېنېرالنىڭ ئۆلۈمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تۇرسا، كۆپچىلىكنىڭ مېنىڭ ئىنكاسىم بىلەن قالغىنى قىززىق.

باي گېنېرالنىڭ ئۆلۈمى سىلەرنى ئېچىندۇرمىدىما؟ ۋەتەن ئۈچۈن ھەممە نېمىسىنى ئاتىغان بىر ھەقىقى قەھرىماننىڭ يەنە بىرسى تەرىپىدىن ئېتىلىپ، جەسىتىنىڭ توڭلاپ قېلىشىدەك پاجىئەگە گىرىپتار بولۇشى، قوشۇنىنىڭ جەڭدىكى دۈشمەن تەرىپىدىن ئەمەس، ئۆز سېپىدىكى ئادەملەر تەرىپىدىن تالان-تاراج قىلىنىشى بىزنى ئويلاندۇرمامدا؟

helloworld يوللانغان ۋاقتى 2012-2-28 15:42:19

مېنىڭ شىڭ تۈرمىسىدە يېتىش-ياتماسلىقىم بىلەن تارىخى پاكىت ۋە ئىبرەتنىڭ بىرەر مۇناسىۋىتى بارمۇ؟

=========================

قەتئىي ھاياجانلانماڭ ، مۇناسىۋىتى يوق .

helloworld يوللانغان ۋاقتى 2012-2-28 16:02:01

باشقا ئويلاپ كەتمىسىلە قەيسەر يۈرەك ، خۇجىنىياز ھاجىنى بەك چوڭ بىلەتتىم ، پەقەت قۇبۇل قىلالماي شۇ ئىنكاسنى يېزىپ قويغان ، مۇنازىرە قىلىش نىيىتىم يوق .

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-28 16:02:41

رومان دېگەن رومان  ئۇ بىر ئەدەبىي ئەسەر ، تارىخنىڭ ئۆزى ئەمەس.

تۆھپىسى بولسا مۇئەييەنلەشتۈرگۈلۈك ، خاتالىقى بولسا ئىبرەت قىلغۇلۇق.   تارىخنىڭ ئۆزىمۇ بىر ئىبرەت ھەم ئۈلگە.    ئۇلارنىڭ خاتالىقى ياكى كەتكۈزگەنلىرىگە بىز شۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن بىز باھا بىرىمىز ھەم باھا بىرىشكە ھوقوقلوق.  تارىخى شەخىسلەر ھىچقاچان ئەۋلىيا ئەمبىيالاردىن ئەمەس خاتالىقىنى تەنقىد قىلسا بولمىغۇدەك. ئەمما  تەنقىدمۇ يولدىن چىقىپ كەتمەسلىك كېرەك.  كەلگۈسىدە كېيىنكىلەرمۇ بىزگە باھا بىرىدۇ. تارىخ دېگەن مۇشۇنداق داۋاملىشىدىغان نەرسە.

ھاجىمدەك ئۆز زامانىسىدىكى باش كىشىلەرنىڭ خاتالىقى ئىبرەت قىلىنماي  كىلىنىۋاتقانلىقى ئۈچۈن تاكى ھازىرغا قەدەر ئەۋلاتمۇ ئەۋلات داۋاملىشىۋاتىدۇ.

braveheart يوللانغان ۋاقتى 2012-2-28 16:15:15

11- قەۋەتتىكى helloworldنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

باشقا ئويلاپ كەتمىسىلە قەيسەر يۈرەك ، خۇجىنىياز ھاجىنى بەك چوڭ بىلەتتىم ، پەقەت قۇبۇل قىلالماي شۇ ئىنكاسنى يېزىپ قويغان ، مۇنازىرە قىلىش نىيىتىم يوق .

مەنمۇ ئىنكاسقا قېرىق ئادەم. باي گېنېرالدەك بىر سەركەردىنىڭ پاجىئەسىنى بۇرۇن كۆرمەپتىكەنمەن. بۇ ئىنتايىن مۇھىم تارىخى پاكىت بولغاچقا، پاكىت مەنبەسىنىلا سوراش نىيتىدە، ئېچىنىش ئارىلاش ئىنكاس يازغانىدىم.

مېنىڭمۇ قەھرىمانلىرىمىزنى خۇنۇكلەشتۈرگۈم يوق، شۇنداقلا يوق قەھرىمانلىقنى بار قىلغۇم، بارنى يوق قىلغۇم يوق.

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-28 16:15:40

مېنى نېمىلا دېسەڭلا مەيلى ، ئەمما ئۇ ئادەم نىڭ روزا ھىيت نامىزى ئۆتەۋاتقان مۆمىن مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى (بەلكىم مېنىڭ ئاتا بوۋاممۇ شۇلار ئىچىدە بار بولىشى مۇمكىن ) رۇجىياماۋچىچىلارنىڭ ئوقىغا تۇتۇپ بىرىپ قىچىپ كەتكەنلىكىنى ، پۈتۈن شەھەرنى بۇلاڭ تالاڭغا ، خەلقىنى ئوققا تۇتۇپ بىرىپ قاچقانلىقىنى قۇبۇل قىلالمىدىم.

ئۇ ئادەم بارغانلىكى جاينىڭ خەلقى ئۇنى بىشىدا كۆتۈردى ، تاپقان تەرگىنىنى ھەتتا ئىسسىق جانلىرىنى تەقدىم قىلدى. بىراق ئۇ ئادەم ئۆزى بارغانلىكى جايدىكى خەلقنى ئوققا تۇتۇپ بىرىپ «كۆچمەن » لىك ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇپ ، ئاخىرى «مۇقىم» ئولتۇراقلاشقاندا ھەممە تۈگىدى.

ئەسكەرتىش :

بۇلار پىقىرنىڭ خۇسۇسىي قارىشى ، ھىچقانداق مەسلەك ياكى ئورگان بىلەن ئالاقىسى يوق. شۇنداقلا باشقىلارغا زورلاپمۇ تىڭىلمايدۇ ھەم ئۆزگەرمەيدۇ. پەقەت بۇ تىمىدا مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن يىزىلىپ قىلىندى.

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-28 16:20:38

تارىخى شەخىسلەردە ھىچقاچان بولمىغان «خاتالىق» ياكى ئىشلارنى سۆزلەش خۇنۇكلەشتۈرۈش بولىدۇ. جۈملىدىن پىتنە -غەيۋەت بولىدۇ.

بارئىشنى سۆزلەش ھەم ئىبرەت قىلىش مېنىڭچە ئۇلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۈپمۇ كەتمەيدۇ.  بىز پەقەت شۇ تارىخى كىشىلەرگە ئەپسانىۋى نەزەردە مۇئامىلە قىلماي ، ئۇلارنىڭمۇ  بىزگە ئوخشاش ئانىسى تۇققان ، ئاتىسى تاپقان ئىنسان دەپ قارىغىنىمىزدە خۇنۇكلەشمەيدۇ.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2012-2-28 22:24:41

braveheart :

بۇ يازمىنىڭ مەنبەسى شېرىپ خۇشتار يازغان «شىنجاڭ تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر» دېگەن كىتاپ.

پالتاخۇن يوللىغان مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ئاساسەن شۇ كىتابتىن ئېلىنغان.

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2012-2-28 22:29:49

16- قەۋەتتىكى niyazdixanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

braveheart :

بۇ يازمىنىڭ مەنبەسى شېرىپ خۇشتار يازغان «شىنجاڭ تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر» دېگەن كىتاپ.

پالتاخۇن يوللىغان مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ئاساسەن شۇ كىتابتىن ئېلىنغان.

كۆپ رەھمەت جۇمۇ، مەنبەنى ئېنىقلىيالماي تۇراتتىم، ئەمدى ھاردۇق چىقتى.

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-28 23:21:55

شۇ ۋاقىتتىكى ئىنقىلاپ رەھبىرى خوجىنىياز ھاجىنىڭ باي سىجاڭنىڭ قاتىلىنى سۈرۈشتە قىلمىغانلىقىنى قانداق چۈشىنىش مۇمكىن؟

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-29 08:35:14

نەمەت خەلپەت ئەپەندىنىڭ (تولىمۇ ئېسىل ،پاراسەتلىك كىشى ئىكەندۇق ) شۇ زاماندىكى ھالىمىزگە ئاتاپ يازغان «يارەب»دېگەن شئېرىنى بىر ئوقۇيلىك :

تولا غاپىل ئىكەنمىز ھەي ،بۇنى بىلمەپتىمىز يارەب ،

قوتانغا بۆرىنى كەل دەپ خاتا چىللاپتىمىز يارەب .

مۇسۇلمان دېسە بۇ شەيتان، كالامىنى بىلىپ ھەق -راسىت ،

دۇئا-تەكبىر بىلەن باشتا ئۇنى يادلاپتىمىز يارەب .

«ئىشەنگەن تاغدا ياتمايدۇ كىيىك»دەپ بىر ماقال تۇرسا ،

ئاتالار سۆزىگـە چىن دىل ئەمەل قىلماپتىمىز يارەب .

تىلى شېكەر ،دىلى زەھەر ئىكەن ھەي،بىز چۈشەنمەستىن ،

ئەجەپ ئاسان قېرىنداش دەپ ،ئۈمىد باغلاپتىمىز يارەب .

ئۇ مەككار قەدەمدە ھېساپلاپ قۇم ساناپ يۈرسە ،

گۆدەكتەك گول بولۇپ بىز ھەي ،تاش ساناپتىمىز يارەب.

بۈگۈن ئۇقساق تېخى بىزنى جەھەننەم سارى باشلارمىش ،

ئېچىپ كەڭرى قويۇننى بىز يىلان ئاسراپتىمىز يارەب .

ئۇنىڭ باتىل خىيالىچە بويارمىش قانغا دۇنيانى ،

بۇنىڭدەك زور گۇناھ بولماس ،خاتا چاغلاپتىمىز يارەب .

\"ئاتاڭغا بەرمىگەن بىلگەن يولۇڭنى \"دەر ئىدى دانا ،

نادامەت ئوتىدا ئەپسۇس ،جىگەر داغلاپتىمىز يارەب .

گاھى تۇلپارمۇ تۈز يولدا مۈدۈرلەپ كېتىدۇ دەيدۇ ،

سىراتىل مۇستەقىم بەرگەن خاتاپ ئويلاپتىمىز يارەب .

كەمى نەمەت يېزىپ ئەشئار ،سۇخەندانلىق  قىلىپ قويدى ،

كەچۈرگەي مېنى دوسىت-يارلار،بۇرۇن بىلمەپتىمىز يارەب.

-\"نەمەت خەلپەت \" ناملىق كىتاپنىڭ 198-بېتىدىن ئېلىندى ....

بەت: [1] 2
: باي سىجاڭ