niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2012-2-27 13:37:20

تارىخقا يېزىلمىغان ئىشلار (مەھمۇت مۇھىتىنىڭ چەتكە چىقىپ كېتىشى توغرىسىد


                                                   تارىخقا يېزىلمىغان ئىشلار   



  مەھمۇد ئىلياس ئىدىقۇتلۇق



   1937 - يىلى قەشقەر، باش ئەتىياز.


شېڭ شىسەينىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق 6- دېۋىزىيىسىنىڭ قوماندانى مەھمۇت مۇھىتى  ئىشخانىسىدا چىرايلىق بۇرۇت قويغان ئاق يۈزلۈك بىر ئادەم بىلەن سۆھبەتلىشىپ ئولتۇراتتى. بۇ ئادەم مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ھەمسۆھبەت ئۈلپىتى، دىۋىزىيە سىياسىي - قانۇن باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، تېۋىپ بايئاخۇن ئەزىزى ئىدى. سۆھبەت ئۈستىگە ئىشخانا كاتىپى كىرىپ، قەشقەر گارنىزونىدىن بىر ئادەمنىڭ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.


نېمە ئىش بىلەن كەپتۇ، سورىدى مەھمۇت مۇھىتى.


نېمە ئىشلىقىنى ماڭا دېمىدى، سىجاڭنىڭ ئۆزى بىلەن كۆرۈشىمەن، مۇھىم ئىشىم بار دەيدۇ. سىرتتا ساقلاپ تۇرىدۇ.


مېنى ئالدىراش دېمىدىڭمۇ؟


شۇنداق دېدىم سىجاڭ، گېپىڭ بولسا ماڭا دە، مەن يەتكۈزۈپ قوياي، سىجاڭ ھازىر مېھمان قوبۇل قىلمايدۇ دېسەم، ئۇ مۇھىم بىر ھۆججەت بار، سىجاڭنىڭ ئۆزىگە تاپشۇرىمەن، دەپ تۇرۇۋالدى.


كىرگۈزۈۋەت.


كاتىپ چىقىپ كەتتى، ھايال بولماي، مەھمۇت مۇھىتىنىڭ بىر قوغدىغۇچىسى پۇقراچە كىيىنگەن پاكار بويلۇق بىر كىشىنى باشلاپ كىردى. مېھمان گارنىزون سىياسىي باشقارمىسىنىڭ خىزمەت گۇۋاھنامىسىنى چىقىرىپ مەھمۇت مۇھىتىغا ئۇزاتتى. قوغدىغۇچى ئۇنى سىجاڭغا يەتكۈزۈپ بەردى.


نېمە ئىش؟ دېدى سىجاڭ قىسقىلا قىلىپ.


مەن مەلۇماتنى ئاغزاكى يەتكۈزمەكچى، بۇ يەردە يات ئادەملەر تۇرسا بولمايدۇ دېدى پاكار ئادەم ئەتراپتىكىلەرگە قاراپ.


سىجاڭ ئىشارەت قىلدى، مۇھاپىزەتچى چىقىپ كەتتى.


بۇ كىشى ... دەپ بايئاخۇنغا قارىدى گارنىزون خادىمى.


ھېچقىسى يوق، بۇ كىشى مېنىڭ ئۆز ئادىمىم، گەپنى مەن بىلەن بىللە ئاڭلىسا بولىدۇ.


گارنىزون خادىمى سەل ئىككىلەنگەندەك قىلىپ سۆزىنى باشلىدى.


— بىزنىڭ چۇجاڭ جانابلىرى سىلىگە سالام ئېيتتى، ئۇنىڭ ئۆزلىرى بىلەن كۆرۈشكىسى بار ئىكەن، مەن چۇجاڭ جانابلىرىنىڭ مۇشۇ ئۈمىدىنى سىلىگە يەتكۈزگىلى كەلگەن.


— گەپ ئوچۇقراق بولسۇن، چۇجاڭ جانابلىرى نېمە ۋەجىدىن مەن بىلەن كۆرۈشىدىكەن، نېمىشقا ئۆزى كەلمىدى؟


— چۇجاڭ جانابلىرى سىجاڭنىڭ ئىشلىرىغا بەك كۆڭۈل بۆلىدىكەن، مۇھىم بىر ئىشنى سىلىگە مەلۇم قىلماقچى ئىكەن، چۇجاڭنىڭ سىلىڭبۇغا كېلىشى بىئەپ ئىكەن، كۆرۈشۈش ئورنى ۋە ۋاقتىنى بېكىتىپ بەرگەن بولسىلا، چۇجاڭ جانابلىرى شۇ جايدا سىلى بىلەن دىدارلاشسام دەيدۇ.


مەھمۇت مۇھىتى جاۋاب قىلمىدى، ئۇ ئورنىدىن قوزغالماي جىمجىت ئولتۇراتتى.


— شۇنداق مۇھىم ئىشمىكەن، بەك ئالدىراشمۇ؟ — دېدى مەھمۇت مۇھىتى.


— شۇنداق، تەقسىر. بەك مۇھىم ئىش ئىكەن. چۇجاڭ جانابلىرىنىڭ دېيىشىچە، بۇ، سىجاڭ جانابلىرىنىڭ ھايات - ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش ئىكەن، ئۇ كىشى سىلىگە خەيرلىك تىلەيدۇ.


— ئوبدان، ئەمىسە گەپ مۇنداق بولسۇن: مانا بۇ كىشى، — دېدى مەھمۇت مۇھىتى بايئاخۇننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، — ئەتە نامازدىگەر بىلەن نامازشام ئارىلىقىدا چۇجاڭنىڭ يېڭىشەھەردىكى ئۆيىگە سالامغا بارىدۇ. بارغىچە ھېچقانداق ئالاقە - گۇۋاھنامە بېرىلمەيدۇ. چۇجاڭنىڭ نېمە گېپى بولسا، مۇشۇ كىشىگە خاتىرجەم دەۋەرسۇن، بۇ كىشىگە دېيىلگەن گەپ مېنىڭ  ئۆزەمگە دېگەنگە ئوخشاش، يەنە نېمە ئىش بار؟


— باشقا ئىش يوق تەقسىر، — دېدى گارنىزون شتابىنىڭ خادىمى، ئاندىن بايئاخۇنغا ئوبدان سىنچىلاپ قارىۋالغاندىن كېيىن ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتى.


ھويلىدا مۇنداقلا ئاددىي بىر مەپە يولغا چىقىشقا تەييار تۇراتتى.


بايئاخۇن دىگەرنى ئوقۇپ بولۇپ ئۆزىنى تۈزەشتۈرگەندىن كېيىن، بىسمىللا دەپ ئوڭ پۇتى بىلەن بوسۇغا ئاتلاپ ئۆيدىن چىقتى. سىرتتا پۇقراچە كىيىنگەن ئېگىز بويلۇق بىر مۇھاپىزەتچى بىلەن يەنە بىر ھارۋىكەش ئۇنى مەپە يېنىدا ساقلاپ تۇراتتى. ئۇلار سالاملاشقاندىن كېيىن مۇھاپىزەتچى بايئاخۇننى مەپىگە چىقىرىپ قويۇپ، ئۆزى مەپىنىڭ ئالدى تەرەپ ئوڭ شوتىسىغا سەكرەپ چىقىپ جايلاشتى، مەپە يېڭىشەھەر تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى.


بۇ كۈنلەردە مەھمۇت مۇھىتى بەكمۇ قىيىن ئەھۋالدا قالغانىدى. ئۆلكە دۇبەنى شېڭ شىسەي قەشقەردە تۇرۇۋاتقان قوراللىق كۈچلەرنىڭ باشلىقلىرىدىن خوجانىياز ھاجى بىلەن مەھمۇت مۇھىتىنى يوقىتىشنىڭ كويىغا چۈشكەن بولۇپ، بىرىنچى قەدەمدە خوجانىياز ھاجىنى ئۆلكە مۇئاۋىن رەئىسى نامى بىلەن يۆتكەپ ئېلىپ كەتكەن، مەھمۇت مۇھىتى بولسا ئۆزىگە بېرىلگەن بىر سىجاڭلىق مەنسىپى بىلەن قەشقەردە يالغۇز قالغانىدى. شېڭ شىسەي مەھمۇت مۇھىتىنى تىزگىنلەپ تۇرۇش ئۈچۈن ليۇ بىڭ دېگەن ئادەمنى قەشقەر گارنىزون قوماندانى قىلىپ تەيىنلەپ، شۇنىڭدىمۇ خاتىرجەم بولالماي، مەھمۇت سىجاڭنىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ تايانچ كادىرلىرى، تۇەنجاڭ، ليەنجاڭلىرىدىن بولۇپ 10 نەچچە كىشىنى مەھمۇت سىجاڭنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي، ئۆگىنىشكە دەپ ئۈرۈمچىگە چاقىرتىۋالغانىدى. ئۇنىڭدىن باشقا شېڭ شىسەي يەنە قەشقەر شەھىرى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ساقچى ئورۇنلىرىنى ئىگىلەپ، كەڭ ئىشپىيونلۇق تورى ئارقىلىق مەھمۇت سىجاڭ ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئالغانىدى. مەھمۇت مۇھىتى شېڭ شىسەينىڭ ئۆزىنى يوقىتىش سۇيىقەستىنى بىلگەن بولسىمۇ، لېكىن شېڭ شىسەيگە ئوچۇق قارشى چىقالمايتتى، چۈنكى سوۋېت ھۆكۈمىتى شېڭ شىسەينى قوللايتتى. ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، مەھمۇت مۇھىتى ئەڭ ئىشەنچلىك كىشىلىرى بىلەن مەخپىي مۇزاكىرە ئۆتكۈزگەندە بىرسى يىغىن مەزمۇنىنى قەشقەر گارنىزون قوماندانى ليۇ بىڭغا ۋە سوۋېت كونسۇلىغا يەتكۈزۈپ قويىدۇ. بۇنداق ئىش يەنە ئىككىنچى قېتىم تەكرارلىنىدۇ، ئىشلار ئۇدۇللۇق شېڭ شىسەيگە مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن شېڭ شىسەي مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئاساسلىق كادىرلىردىن يەنە يىگىرمە نەچچە كىشىنى ئۈرۈمچىگە چاقىرتىۋالىدۇ. مۇشۇلارنى ئويلاپ بايئاخۇن ئۆزىنىڭ يېڭىشەھەر گارنىزون سىياسىي باشقارما باشلىقىنىڭ ئۆيىگە قانداق بېرىپ قالغانلىقىنى تۇيماي قالدى.


بايئاخۇن مۇھاپىزەتچىسىنى سىرتتا قالدۇرۇپ قوبۇلخانىغا مەپىكەش بىلەن بىللە كىردى. مېھمانلارنى باشقارما باشلىقىنىڭ كاتىپى — تۈنۈگۈن مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئىشخانىسىغا بارغان ھېلىقى پاكار كىشى ئوچۇق چىراي قارشى ئېلىپ بۇ يەرگە باشلاپ كىرگەنىدى.


— مانا بۇ كىشى چۇجاڭ جانابلىرى بولىدۇ، — دەپ تونۇشتۇردى ئۇ يېنىدىكى تۈگمىلىرى ياندىن ئېتىلىدىغان ئۇزۇن چاپان كىيگەن ئېگىز بويلۇق تاقىرباش، قاشلىرى ئۆسكىلەڭ كەلگەن ئورۇق خەنزۇ كىشىنى كۆرسىتىپ. باشقارما باشلىقى ئۇلارنى ئورۇندۇققا تەكلىپ قىلدى ۋە سىجاڭنىڭ ئامانلىقىنى سورىدى. كاتىپ ئارىدىكى گەپلەرنى تەرجىمە قىلىپ تۇردى.


— ھەرقايسىلىرى بىلەن كۆرۈشكىنىمدىن بەك خۇرسەنمەن، — دېدى باشقارما باشلىقى ۋە مەپىكەشنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، — بۇ كىشى كىم بولىدۇ، — دەپ سورىدى.


— بۇ كىشى تۇڭچى بولىدۇ، — دېدى بايئاخۇن.


بۇ «تۇڭچى» ئەسلىدە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ تۈرمىدە ياتقان جىنايەتچى بولۇپ، ئۇستا تىلماچ ئىدى. مەھمۇت مۇھىتى بۈگۈن ئۇنى بايئاخۇنغا «مەپىكەش» قىلىپ قوشۇپ بەرگەنىدى.


— بۇ كىشى چىقىپ كەتسۇن، بىز ئىككىمىز يالغۇز سۆزلىشىمىز، بۇ كىشىمۇ چىقىپ كېتىدۇ، — دەپ ئۆزىنىڭ تەرجىمانىنى كۆرسەتتى.


— مەن سېنىڭ سۆزىڭنى بىلمەيمەن، دېدى بايئاخۇن.


— مەن سېنىڭ سۆزۈڭنى بىلىمەن، — دېدى باشقارما باشلىقى ئۇيغۇرچە ئوبدانلا تەلەپپۇز بىلەن، ئۇ ئۆزىنىڭ تەرجىمانىغا ئىما قىلغانىدى، كاتىپ بايئاخۇننىڭ تۇڭچىسىنى باشلاپ چىقىپ كەتتى.


ئىككەيلەن يالغۇز قالغاندىن كېيىن ئۆي ئىچى سىرلىق جىمجىتلىققا چۆكتى. ئەمدى ئۇلار تەرجىمانسىز سۆزلەشتى، باشقارما باشلىقىنىڭ سۆزى ئانچە راۋان بولمىسىمۇ، مەزمۇنى ئېنىق ئىدى.


— ھازىر مەھمۇت سىجاڭغا يامان بولدى، — دەپ سۆز باشلىدى باشقارما باشلىقى تاقىر بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ.


— بۇ قانداق گەپ؟!


— سىجاڭنىڭ يېنىدا ئىشپىيون بەك كۆپ، شېڭ دۇبەن بوش ئادەم ئەمەس، ئۇ سىلەرنىڭ سىلىڭبۇغا نۇرغۇن ئىشپىيون قويدى. سەن بۇنى بىلەمسەن؟


— بۇنى بىز بىلىمىز.


— ھەي ... شۇنداق، سەن بىلىسەن، لېكىن كىم ئىشپىيون بۇنىمۇ بىلەمسەن؟


— بۇنى سەن بىلەمسەن؟


— مەن ئوبدان بىلىمەن. گەپ مانا مۇشۇ يەردە. ئۇ يەردىكى ئىشپىيونلارنى مەن سىجاڭغا دەپ بەرسەم بولامدۇ؟


— بايئاخۇن سەل تۇرۇپ قالدى - يۇ، ئۆزىدىكى ئەجەپلىنىشنى چاندۇرماسلىققا تىرىشىپ:


— سەن نېمىشقا ئىشپىيونلارنى سىجاڭغا دەپ بېرىسەن؟ سەن توغرا دېمەيسەن، بىز ئىشەنمەيمىز، — دېدى ئاخىر.


— راست دېمەيسەن، ئەگەر مەن ئىشپىيونلارنى ئېيتىپ بەرسەم سىجاڭ گېپىمگە ئىشەنمەيدۇ. ھازىر مەندە دۇبەن ئەۋەتكەن بىر مەخپىي ئالاقە بار، بۇ دۇبەن ئۆزى قول قويغان ئىشپىيونلارنىڭ تىزىملىكى، مەن شۇنى سىجاڭغا  بەرمەكچى، قانداق بولامدۇ؟ —  چۇجاڭ سەل تۇرۇۋالغاندىن كېيىن: — ئەھۋال سىلەر ئويلىغاندىن كۆپ ئېغىر، — دەپ قوشۇپ قويدى.


بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بايئاخۇن سەل ئويلىنىپ قالدى.


— سەن كىمنىڭ ئادىمى؟ — دېدى


بايئاخۇن.


— مەن شېڭ دۇبەننىڭ ئادىمى، ھوشۇم جايىدا، سىلەر ئۈچۈن ئىشلىمەيمەن، لېكىن تىزىملىكنى بېرىشتە مېنىڭ ئالاھىدە بىر شەرتىم بار، سىجاڭ بۇنى چوقۇم ئورۇنداپ بېرىشى كېرەك.


— ئۇ قانداق شەرت؟


— سىجاڭ قەشقەر شەھەرلىك پوچتا ئىدارىسىنىڭ جۈيجاڭىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ بېرىدۇ.


بايئاخۇن كەينى - كەينىدىن چىقىۋاتقان بۇ يوچۇن گەپلەرنى ئاڭلاپ ئۆزىنى تېخىمۇ تەمكىن تۇتۇشقا تىرىشتى.


— ئۇ قانداق ئادەم، نېمىشقا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ؟


— جۈيجاڭ ياخشى ئادەم، لېكىن ئۇ ئۆلسە ئۇنىڭ خوتۇنىنى مەن ئالىمەن.


— ياخشى ئادەمگە ئۇۋال بولغۇدەك، بولمايدۇ، باشقا شەرتىڭ بولسا دە، بىز ئورۇندايلى.


— باشقا شەرتىم يوق، سەن بىر ياخشى نىيەتلىك مۇسۇلمان، چىرايىڭدىن نۇر يېغىپ تۇرۇپتۇ، مەن بىلىمەن، باشقىلارغا ئۇۋال بولىدىغان ئىشنى سەن قىلمايسەن، لېكىن ئەھۋال مۇشۇ يەرگە يەتكەندىمۇ ئارىسالدى بولىدىغان ئىش بولسا، بولۇنغان گەپ مۇشۇ يەردە قالسۇن، مەن ساڭا يەنە شۇنى دەي:


— جۈيجاڭنىڭ راستىنلا ئۆلۈمگە لايىق جىنايىتى بار، مەن ئۇنى ئۆزەم توغرىلاپ تەييارلاپ قويدۇم، سىجاڭ پەقەت ھۆكۈمنى ئېلان قىلىپ، ئىجرا قىلىپ بەرسىلا بولدى. سىلەرگە ھېچقانداق ئاۋارىچىلىق يوق.


— قولۇڭدىكى ھۆججەتنى قاچان بېرىسەن؟ — دېدى بايئاخۇن، سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن.


— ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىپ بولغاندا.


— سېنىڭ گېپىڭگە قانداق ئىشىنىمىز؟


— ئەگەر سىجاڭ مەسلىھەتىمىزگە كۆنسە قالغان ئىشنى شۇ چاغدا دېيىشەيلى، گەپ مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن، — دەپ چۇجاڭ


ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.


بايئاخۇن ئەزىزى مېڭىشقا تەمشەلدى.


كېيىنكى قېتىملىق سۆھبەت ئەتىسى 6- دېۋىزىيە شتابىغا يېقىن جايدىكى بىر يەرلىك كىشىنىڭ مېھمانخانىسىدا بولدى. بۇ قېتىمقى سۆھبەتكە بايئاخۇن ئەزىزى يالغۇز ئۆزى باردى، سۆھبەتتە چۇجاڭنىڭ تەلىپى ئورۇندىلىدىغان بولدى.


— پوچتا ئىدارىسىنىڭ جۈيجاڭى دۆلەت مەخپىيەتلىكى  جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىدۇ، —  دېدى چۇجاڭ بايئاخۇنغا چۈشەندۈرۈپ، — مەن سىلەرگە بەرمەكچى بولغان ھۆججەت مۇشۇ ئاينىڭ 7 - كۈنى پوچتا ئىدارىسىغا يېتىپ كەلگەن، ئۇنى پوچتا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئۆزى قول قويۇپ ئالغان. ئەتىسى 8 - چىسلا مەن ئۇنى پوچتا ئىدارىسى باشلىقىنىڭ ئۆز قولىدىن ئالدىم. لېكىن خەت - ئالاقە تىزىملىك دەپتىرىگە قول قويمىدىم. جۈيجاڭ ئەمدى ھۆججەتنى ماڭا بەرگەنلىكىنى ئىسپاتلىيالمايدۇ. ئۇ دۇبەننىڭ قەتئىي مەخپىي ھۆججىتىنى يوقاتقان بولىدۇ، بۇ جىنايەت ئۆلۈم جازاسىغا تولۇق توشىدۇ. مېنىڭ ھۆججەتنى سىلەرگە تاپشۇرۇش ئىشىغا كەلسەك، سوراق كۈنى مېنى گۇۋاھلىققا چاقىرتىسىلەر، سوراقتىن كېيىن مېنى گۆرۈ ئورنىدا تۇتۇپ قالىسىلەر.  كاتىپ ھۆججەتنى ئېلىپ كېلىپ مېنى قايتۇرۇپ كېتىدۇ.


2 - قېتىملىق سۆھبەت تۈگىدى. سۆھبەت ئاخىرلىشىپ جىددىي تەييارلىقتىن كېيىن شۇ كۈنى كېچىسى دېۋىزىيە ھەربىي سوتى سوت يىغىنى ئاچتى. سوتتا پوچتا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خەت - ئالاقە ئىشلىرىنىڭ راۋانلىقىنى ئېيتىپ، 7 - چىسلادىكى ھۆججەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك كىشىگە يەتكۈزۈلگەنلىكىدە چىڭ تۇردى. گۇۋاھلىققا چۇجاڭ چاقىرتىلدى، مەخپىي ھۆججەتلەر تىزىملىك دەپتىرى كەلتۈرۈلدى، پوچتا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى 8 - چىسلا كۈنىدىكى چىقىش خاتىرىسىگە قول قويۇلمىغانلىقىنى كۆرگەندە بىردىن تاتىرىپ ئوڭدىسىغا ئۇچۇپ كەتتى.


سوت ئاخىرلاشتى، سوتتا پوچتا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساتقان جىنايىتى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.


ئەتىسى ئەتىگەندە سوتنىڭ ھۆكۈمى يېزىلغان ئېلان كوچىغا چاپلىنىپ، ھۆكۈم سائەت 10 لاردا ئىجرا قىلىندى. ئۇزۇن ئۆتمەي سىياسىي باشقارما كاتىپى مەخپىي ھۆججەتنى ئېلىپ كېلىپ، چۇجاڭنى ئېلىپ كەتتى.


پوچتا ئىدارىسىنىڭ باشلىقىغا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىۋاتقان شۇ چاغدا ئۈچ كىشى قەشقەردىن تۇرپانغا قاراپ يولغا چىققانىدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئۇيغۇرچە ياساندۇرۇلغان خەنزۇ كىشى بولۇپ، بېشىغا تاشلانمىغان ئۆرە تېرە تۇماق، ئۈستىگە ئۇزۇن چەكمەن چاپان كىيدۈرۈلۈپ، بېلىگە پوتا باغلاپ قويۇلغان، گازىر كۆز، ساقاللىق بۇ كىشى جېنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئىچكىرىگە كېتىشكە رازى بولغان پوچتا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىدى. سىلىڭبۇ ئۇنىڭغا يېتەرلىك خىراجەت بېرىپ، ئۇنىڭ توقسۇنغىچە بىخەتەر بېرىۋېلىشى ئۈچۈن ئىككى ئادەمنى قوشۇپ بەرگەنىدى. جازا مەيدانىدا ئېتىۋېتىلگەن كىشى بايئاخۇن بىلەن چۇجاڭنىڭ ئۆيىگە مەپە ھەيدەپ بارغان، ئەمدىلىكتە پوچتا ئىدارىسى باشلىقىنىڭ كىيىمى كىيدۈرۈلگەن ھېلىقى تىلماچ ئىدى.


مەھمۇت سىجاڭ ھۆججەتنى ئېچىپ ئوقۇپ، ھۆججەتتە يېزىلغانلارغا ئىشىنەلمەي قالدى. ھۆججەتكە شېڭ شىسەينىڭ ئۆز ئىمزاسى قويۇلغان بولۇپ، مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئۈرۈمچىگە ئۆگىنىشكە بارغان بىر قىسىم مۇھىم ئادەملىرىنىڭ ئىسمى يېزىلغان ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقى، قەشقەر گارنىزون سىياسىي باشقارمىسىنىڭ ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرىگە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشى ۋە ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولۇشى ئۇقتۇرۇلغانىدى.


مۇشۇ ئىشتىن كېيىن مەھمۇت مۇھىتى دېۋىزىيە شتابىدا بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلارنى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل يۈرگۈزۈشكە ئىمكانىيەت قالمىغانلىقىنى تولۇق تونۇپ يەتكەنىدى. قانداق قىلىش كېرەك! ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ ئالدىدا ئىككى يول تۇراتتى، بىرى، جاننى تىكىپ قويۇپ ئىشەنچ بولمىغان جەڭگە ئاتلىنىپ قان تۆكۈش؛ يەنە بىرى پەشنى قېقىپ چەتكە چىقىپ كېتىش. ئۇنىڭ كۆڭلى كېيىنكى تەدبىرنى تارتىپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئۆزىنى كېچە - كۈندۈز پايلاپ تۇرغان گارنىزون قوماندانى ليۇ بىڭنى قانداق ئازغاشتۇرۇپ قەشقەردىن چىقىپ كېتىش بىر مەسىلە ئىدى.


قەشقەر گارنىزون قوماندانى ليۇ بىڭ قەشقەر يېڭىشەھەر سېپىلى ئىچىدىكى گارنىزون شتابىنىڭ ھويلىسىدا ئۆزى يالغۇز ئەتىگەنلىك ھەربىي مەشىق چامباشچىلىق ھەرىكەتلىرىنى قىلىۋاتاتتى. سېپىل قاراۋۇللىرىنىڭ شۇ كۈنلۈك نۆۋەتچى باشلىقى ليۇ بىڭنىڭ ئالدىغا ئالدىراپ يېتىپ كەلدى.


— دوكلات قوماندان، — دېدى نۆۋەتچى پۇتلىرىنى جۈپلەپ ھەربىيچە سالام بېرىپ، − سېپىل ئۈستىدىكى قاراۋۇللار دۇربۇندا 30 — 40 ئادەمنىڭ كوناشەھەر تەرەپتىن بىز تەرەپكە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ، مەن قاراپ باقسام ئۇلار 6 - دېۋىزىيىنىڭ ئەسكەرلىرىدەك تۇرىدۇ.


— ئۇلار قانچىلىك يىراقلىقتا؟ — دېدى قوماندان.


— مۆلچەرىمچە ئۇلار ھازىر بەش يول يىراقلىقتا بولسا كېرەك.


ئۇنىڭغىچە يەنە بىر ئوفىتسېر يۈگۈرۈپ كەلدى.


— دوكلات، — دېدى ئۇ، ھاسىراپ - ھۆمۈدەپ تۇرۇپ، — كوناشەھەردىن كېلىۋاتقان ئاتلىقلارنىڭ ئالدىدىكىسى مەھمۇت سىجاڭ ئىكەن، ئۇنى تونۇۋالدۇق.


— ئېنىق كۆردۈڭمۇ؟


— شۇنداق، قوماندان، مەن ئۇنى ۋە ئۇنىڭ مىنگەن ئېتىنى ئوبدان تونۇيمەن.


ليۇ بىڭ سەل جىددىيلەشكەندەك بولۇپ دەرھال ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى.


— بۇيرۇق! — دېدى ليۇ بىڭ ئالدىدىكى ئىككى ئوفىتسېرغا قاراپ: — سېپىل ئۈستىدىكى قاراۋۇللار ھەسسىلەپ كۆپەيتىلسۇن، سېپىل ئىچى جىددىي ھالەتكە ئۆتسۇن.


ئاتلىقلار سېپىلغا يېقىنلاشقاندا ليۇ بىڭ رەسمىي ھەربىي كىيىم بىلەن بىرنەچچە ئادەمنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقتى. ليۇ بىڭ بىلەن ئاتلىقلار يۈزمۇ يۈز ئۇدۇللاشتى.


— سىجاڭ جانابلىرى ئامان بولغاي، — دېدى ليۇ بىڭ ئوچۇق چىراي بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ، — مۇبارەك قەدەملىرىنىڭ بۇ يەرگە يېتىپ كېلىشىدىن خەۋەرسىز قاپتىمىز، ئالدىلىرىغا چىقالمىدۇق، كەچۈرگەيلا.


— ئۇنداق بولامدىغان، ئەتىگەندە قومانداننىڭ ئارامىنى بۇزۇپ، جانابلىرىنى مالال قىلىپتىمىز، ئالدىلىرىدا خىجىلمەن، — دېدى مەھمۇت مۇھىتى ئاتتىن چۈشۈپ تەكەللۇپ بىلەن: — ئۇزۇندىن بۇيان يەپ يېتىپ ھورۇنلىشىپ قالدۇق، ھاۋا يېگەچ ئەتىگەنلىك چېنىقىشقا چىققان، جاناپلىرى بەھۇزۇر ئارام ئالغاي، — دەپ مەھمۇت مۇھىتى قولىنى كۆكسىگە قويدى؛ ئاندىن ئاتقا يەڭگىل مىنىپ ھەمراھلىرى بىلەن سېپىل ياقىلاپ سەھرا تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى.


گارنىزون قوماندانى ليۇ بىڭ ئاتلىقلارنىڭ كەينىدىن ئۇزۇنغىچە قاراپ تۇرۇپ قالدى، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىش ئۈچۈن كەينىگە ئادەم قويدى. ئاتلىقلار يېزا يوللىرى بىلەن ئاتلىرىنى تەكشى يورغىلىتىپ خېچىرچىغىچە بارغاندىن كېيىن، ئۆستەڭ بويىدا ئاتتىن چۈشۈپ يۈز - كۆزلىرىنى يۇيۇپ ئازراق دەم ئېلىشتى، ئاندىن يەنە ئاتلىق كەينىگە قايتىپ سېپىل تۈۋىدىن ئۆتتى، ئۇلار كەلگەن يولى بىلەن ئۇدۇل شەھەرگە كىرىپ كەتتى.


شۇ كۈندىن باشلاپ ئەتىگەنلىك چېنىقىش ھەر كۈنى ئۆز قەرەلىدە بولۇپ تۇردى، چېنىقىش بەزى كۈنلىرى پىيادە، بەزى كۈنلىرى بولسا ئاتلىق ئېلىپ بېرىلاتتى. پىيادە بولغان كۈنلىرى مەھمۇت مۇھىتى ئادەملىرى بىلەن ھەزرەتكىچە ياكى مىراخۋاخشىتامغىچە پىيادە بېرىپ كېلەتتى. ئاتلىق بولغان كۈنلىرى ئوخشاش بىر يول بىلەن سېپىل تۈۋىدىن ئۆتۈپ، خېچىرچىغىچە بېرىپ ياناتتى. ئاتلىقلار بېرىپ قايتىشتا ھەر قېتىم سېپىل تۈۋىدىن ئۆتكەندە قاراۋۇللار بىر قېتىم جىددىيلەشتى. كۈنلەر ئۆتكەنچە بۇنداق جىددىيلىشىشمۇ پەسلەپ باردى.


بىر كۈنى مەھمۇت مۇھىتى شېڭ شىسەينىڭ تېلېگراممىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. تېلېگراممىدا مەھمۇت سىجاڭنىڭ ئۆلكە بويىچە ئېچىلىدىغان يىغىننىڭ تەييارلىق كېڭەش ئىشلىرى ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كېلىشى ئۇقتۇرۇلغانىدى. مەھمۇت مۇھىتى بۇنىڭ ئۆزىگە قويۇلغان قىلتاق ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈپ يەتتى.


مەھمۇت مۇھىتى شېڭ دۇبەنگە جاۋاب تېلېگرامما يازدى، تېلېگراممىدا مۇنداق دېيىلدى: «مۆھتىرەم شېڭ دۇبەن جانابلىرى، كەمىنە مەن ئۆزۈمنىڭ يىغىن تەييارلىق ئىشى ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە بېرىش ھەققىدىكى تېلېگراممىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. ھازىر قەشقەردىكى ھەربىي قىسىمنىڭ ئىچى ئانچىلا تىنچ ئەمەس. بىر قىسىم جاھىل ئوفىتسېر ۋە ئەسكەرلەر بويۇنتاۋلىق قىلىپ نەسىھەتنى قۇلاققا ئالماي، جاھاننى مالىمان قىلىش كويىدا بولۇۋاتىدۇ، ئۇلارنى نىيىتىدىن ياندۇرۇش، ھەربىي ئىنتىزامنى چىڭىتىش بىلەن كەمىنەنىڭ قولى بوشىمايۋاتىدۇ. مەن يوق مەزگىلدە نادانلارنىڭ ئىش تېرىپ ئاۋامنى پاراكەندە قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ تۇرۇۋاتىمەن، شۇڭا مەسلىھەت ئىشى ئۈچۈن ھازىرچە ئاغام موسۇل ھاجى ھوزۇرلىرىغا بارىدۇ. بۇ يەردىكى ئىشلار ئىزىغا چۈشكەندىن كېيىن ئۆزۈم قوبۇللىرىغا بارىمەن».


دېمىسىمۇ شۇ مەزگىللەردە 6 - دېۋىزىيە ئىچىدىكى بىر قىسىملارنىڭ قوزغىلىپ جەڭ بىلەن ئىشنى ھەل قىلىش نىيىتىدە بولۇۋاتقانلىقىنى شېڭ شىسەي بىلەتتى. ئەگەر سوۋېت ئىتتىپاقى ئارقا تېرەك بولمىسا بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرىشكە شېڭ شىسەينىڭ كۆزى يەتمەيتتى. شۇڭا شېڭ شىسەي مەھمۇت سىجاڭنىڭ تېلېگراممىسىغا باشقىچە پىكىردە بولدى.


ئېيتىشلارغا قارىغاندا، موسۇل ھاجى ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارغاندا شېڭ شىسەي ھاجىمنى ئىززەت - ئېكرام بىلەن قارشى ئېلىپ بۇنىڭ بىلەن ئۈچ كېچە - كۈندۈز سۆھبەت قىلغانىكەن. سۆھبەت جەريانىدا موسۇل ھاجى باشتىن - ئاخىر بېشىنى تۆۋەن سېلىپ بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلماي جىمجىت ئولتۇرۇپتۇ، ئۇ پەقەت تايىنىپ ئولتۇرغان ھاسسىسىنىڭ ئۇچىنى پات - پات تاختايلىق پولغا توك - توك ئۇرۇپ قويىدىكەن. 3 - كۈنى شېڭ شىسەي تەكەللۇپىنى قويۇپ:


— ھاجىم، ئۈچ كۈن بولدى، بولۇنغان گەپلەرگە بىر ئېغىزمۇ جاۋاب قىلمىدى. مېنىڭ گېپىمنى چۈشەنگەنمىدۇ؟ — دەپتۇ. موسۇل ھاجى: — يىغىپ كەلگەندە، — دەپ ھاسسىسىنى يەنە بىر قېتىم توك - توك ئۇرۇپ قويۇپ: — مۇشۇ زېمىننىڭ ئىشى ئىكەن، دەپتۇ.


شۇنىڭدىن كېيىن دۇبەن ھېچقانداق سۆز قىلماپتۇ، سۆھبەتمۇ ئاياغلىشىپتۇ. موسۇل ھاجىنى شېڭ شىسەي تەمىرات (قۇرۇلۇش) نازارىتىنىڭ نازىرى مەنسىپى بىلەن ئۈرۈمچىدە تۇتۇپ قاپتۇ.


ئۇزۇن ئۆتمەي مەھمۇت مۇھىتى شېڭ شىسەيگە مۇنداق مەزمۇندا يەنە بىر تېلېگرامما يازدى: «ھازىر قەشقەردىكى ھەربىي قىسىملارنىڭ ئىچى بىر قەدەر تىنچلاندى. كەمىنە مەن دۇبەن جانابلىرى بىلەن دىدارلىشىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە بېرىشقا تەرەددۇتلاندىم، شۇندىمۇ ئەمدىلا تەرتىپكە چۈشكەن ھەربىي ئىچىنىڭ تىنچلىقىغا ئوبدان كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەن يوق مەزگىللەردە ھەربىي ئىچىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق كىشى ئاغام موسۇل ھاجىمنىڭ قەشقەردە تۇرۇپ بەرمىكى زۆرۈردەك تۇرىدۇ. موسۇل ھاجىم قەشقەرگە يېتىپ كەلگەن ھامان پېقىر يولغا چىقىدىغانلىقىمنى جانابلىرىغا مەلۇم قىلىمەن».


مەھمۇت مۇھىتىنى ئۈرۈمچىگە ئەكىلىش شېڭ شىسەي ئۇزۇندىن بېرى كۆزلەپ كېلىۋاتقان، ئۇنىڭ ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم ئىش ئىدى. شېڭ شىسەي ئىشنى ئاسانراق ھەل قىلىشنى ئويلايتتى، ئۇ سەل گۇمانلانغان بولسىمۇ، موسۇل ھاجىنى دەرھال قەشقەرگە يولغا سېلىۋەتتى.


1937 - يىل 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىكى ئەتىگەنلىك چېنىقىشتا مەھمۇت مۇھىتىغا يېڭىدىن موسۇل ھاجى ھەمراھ بولدى. ئۇلار سېپىل تۈۋىدىن ئۆتكەندە سېپىل ئۈستىدىكى ئەسكەرلەر ئۆز جايلىرىدا مىلتىقلىرىنى قولتۇقلىشىپ ئەسنەپ ئولتۇرۇشاتتى. ئاتلىقلارنىڭ مەشىقتىن قايتقان - قايتمىغانلىقى بىلەنمۇ ھېچكىمنىڭ كارى بولمىدى. ئاتلىقلار شۇ ماڭغانچە يېڭىسارغا يېتىپ بارغاندىلا ئاندىن ئۇلارنىڭ مەشىقتىن قايتمىغانلىقى مەلۇم بولدى. مەھمۇت مۇھىتى يېڭىساردا ئۇ يەردە تۇرۇۋاتقان ئىشەنچلىك ئادىمى غوپۇر تۇەنجاڭ بىلەن كۆرۈشكەندىلا، ئاندىن ئۆز ئىشلىرىدىن خاتىرجەم بولغان ھەمدە ئۇ يەردىن يەكەنگە بېرىپ ھىندىستانغا ئۆتۈپ كەتكەن.


مەن كۆرگەن ماتېرىياللاردا مەھمۇت مۇھىتىنىڭ قەشقەردىن چىقىپ كەتكەن كۈنى 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى دېيىلگەن، ماڭا سۆزلەپ بەرگۈچىلەر بۇ كۈننى قەشقەرنىڭ بازار كۈنى ئىدى دەيدۇ. ئاتلىقلار يولدا قەشقەر شەھىرىگە كىرىۋاتقان نۇرغۇن بازارچىلارنىڭ مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن. ئېنىقلىنىشىچە، قەشقەر شەھىرىدە پەيشەنبە كۈنى بازار بولىدىغان بولۇپ، مەھمۇت مۇھىتى 12 - ئاپرېل (بايرام) ھارپىسىدا چىقىپ كەتكەنلىكتىن، شۇ كۈنلەردىكى پەيشەنبە كۈنى كالىندار بويىچە 4 - ئاينىڭ 8 - (ياكى 1 - كۈنى) كۈنى بولىدۇ.


مەن بۇ ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ شاھىدى ئەمەس، ئۇ چاغلاردا مەن تېخى دۇنياغا تۆرەلمىگەنىدىم. ئۈچ ئاغا - ئىنى — موسۇل مۇھىتى، مەخسۇت مۇھىتى، مەھمۇت مۇھىتىلارنىڭ تۇرپان ئاستانىدىكى قورۇ - جايلىرى بىزنىڭ مەھەللىدە بولۇپ، بوۋام نىياز ھاجى مۇھىتىلارنىڭ ۋەخپە ئىشلىرىغا ئارىلاشقان. كېيىن بۇ ئىش دادام ئىلياس قارىغا مىراس بولۇپ قالغانىكەن، دادامنىڭ تاغىسى ئابدۇراھمان پاقاباش 1932 - يىلدىكى قۇمۇل - تۇرپان دېھقانلار قوزغىلىڭىدا مۇھىتىلار بىلەن بىللە قەشقەرگە بارغان ھەمدە مايور دەرىجىسى بىلەن ئۇلارنىڭ يېنىدا خىزمەت قىلغان. دادامنىڭ ئىنىسى ئەيسا نىياز تۇرپان ۋە قەشقەرلەردە ئىزچىل ھالدا مەھمۇت مۇھىتىنىڭ مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنىدا ئەسكەر بولۇپ تاكى 1935 - يىلى تاشكەنتكە ئوقۇشقا ماڭغىچە دېۋىزىيە شتابىدا خىزمەت قىلغان. ئۆزۈم مۇھىتىلارنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئۈچ كىشى بىلەن (گەرچە تەڭ دېمەتلىك بولمىساممۇ) بىۋاسىتا تونۇشىمەن.


مۇشۇنداق مۇناسىۋەتلەر تۈپەيلى، يىگىت چاغلىرىمدىمۇ يۇقىرىدا دېيىلگەن كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدىن قۇمۇل - تۇرپان دېھقانلار قوزغىلىڭى ھەققىدە ھەر خىل سورۇنلاردا پارچە - پۇرات ھەر خىل ئىشلارنى ئاڭلىغان بولساممۇ، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا ئانچىلا سەڭگەرمەپتىمەن. يېشىم چوڭىيىپ بىر قىسىم تارىخىي كىتابلارنى ئوقۇپ باقسام، ئۇلاردا خوجانىياز ھاجى، مەھمۇت مۇھىتىلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم ۋەقەلەر سۆزلىنىپتۇ. كېيىنرەك تەزكىرە ماتېرىياللىرىنى ئوقۇشقا كىرىشىپ قالدىم. گەرچە بۇ ماتېرىياللاردا نۇرغۇن مەلۇماتلار يېزىلغان بولسىمۇ، مەھمۇت مۇھىتىنىڭ چەتكە چىقىپ كېتىشىگە مۇناسىۋەتلىك بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان ئىشلار ھەققىدە ھېچقانداق ماتېرىيال ئۇچراتمىدىم. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، بۇ ئىشلارنى باشقا بىلىدىغان ئادەم يوقمۇ ياكى بۇ ئىشلار يېزىپ قالدۇرۇش قىممىتىگە ئىگە ئەمەس دەپ قارالغانمۇ، بۇنىسى ماڭا مەلۇم ئەمەس. مەن بۇ يازمامنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى چوڭ ئاكام يۈسۈپ ئىلياسقا ئوقۇپ بەرسەم، ئۇ، بۇلارنى ئۆزىنىڭ چوڭلاردىن بىرنەچچە قېتىم ئەينەن ئاڭلىغانلىقىنى ئېيتىپ، يازغانلىرىمنى تەستىقلىدى، بىر قىسىم مۇھىم تۈزىتىش ۋە تولۇقلاش پىكىرلىرىنى بەردى.


«شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» ژۇرنىلى 2005-يىللىق 1-ساندىن ئېلىندى.

erkinqush يوللانغان ۋاقتى 2012-2-27 17:04:29

خەتلەرنى كۈرەلمىدىم . تۈزىتىپ قۇيۇڭلار

lenovo1 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-27 17:09:31

1- قەۋەتتىكى erkinqushنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خەتلەرنى كۈرەلمىدىم . تۈزىتىپ قۇيۇڭلار  

كومپيۇتېرڭىزدا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى يوقمۇ؟

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2012-2-27 17:11:18

بۇ ئەدەمنىڭ كېيىن ياپونىيەلەردە چۆرگىلەپ يۈرگەن تارىخلىرىنىمۇ ئوقۇغاندەك قىلىۋېدىم...

tilsimat يوللانغان ۋاقتى 2012-2-27 20:15:35

تازا جايلاپتىكەن،ئەكىلىپلا تۈرمىگە سولاپ ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىغان بولغىتى ئۇ جاللات!!!!

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-2-27 21:59:50

\"\" ئەلا كەتتى !

bariber يوللانغان ۋاقتى 2012-2-27 23:34:10

ھاردۇقى چىقمىغان ئادەم.

yigana0998 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-28 10:59:35

تارىخى بىلىملەرگە تولىمۇ ھېرىسمەن ئىدىم. بىلىدىغانلارنىڭ تارىخى كىتابلارنى تونۇشتۇرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

zulayin يوللانغان ۋاقتى 2012-2-28 22:50:22

بەزىدە تارىخ ھەققىدە بەك ئىچكىرلەپ كىرىپ كەتسىمۇ بولمىغىدەك. \"\"

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2012-2-29 11:13:22

مەھمۇت سىجاڭ بىلەن بىللە بولغان 12 يىل سەرھەۋىلىك ماقالىدىمۇ باي ئېزىزنىڭ مەھمۇت مۇھىتى بىلەن بىرگە قاتناشقان بىر قانچە قېتىملىق ئۇرۇشتىن تارتىپ، چەتئەللەرگىچە بىرگە قېچىش، بولۇپمۇ مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ھىندىستان، ياپونىيە قاتارلىق بىر قانچە دۆلەتلەردە قېچىپ يۈرۈش داۋامىدىكى بىر قىسىم ئىش- ئىزلار ۋە ئۇنىڭ ۋاپاتىغا دائىر بىر قىسىم بايانلىرى تەسۋىرلەنگەن ئىكەنتۇق.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2012-2-29 11:23:11

شۇ ماقالىنىمۇ يوللاپ قويايمۇ يا.

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2012-2-29 11:34:35

10- قەۋەتتىكى niyazdixanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

شۇ ماقالىنىمۇ يوللاپ قويايمۇ يا.



ئەسلىدە شۇ ماقالىنى يوللاپ ئۈستىدىكى يازمىنى داۋامىغا قوشۇپ قويغان بولسىڭىز ئاز بىر قىسىم بۆلەككە تولۇقلىما بولار ئىكەن.


تارىخ بېتىنى ۋاراقلىغاندا....

بەت: [1]
: تارىخقا يېزىلمىغان ئىشلار (مەھمۇت مۇھىتىنىڭ چەتكە چىقىپ كېتىشى توغرىسىد