lenovo1 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-27 10:17:45

[كۆچۈرۈلمە]ئارايۈز ئۇچۇرلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

ئاپتورىsahran


ئۇچۇر دەۋرىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كومپيۇتېر ئائىلىلەرگىچە ناھايىتى تېز ئومۇملاشتى، كومپيۇتېرلارغا ئورنىتىلغان مەشغۇلات سىستېمىسىدىن ھەر خىل قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللارغىچە ھەممىسى دېگۈدەك ئىنگلىزچە، خەنزۇچە قاتارلىق تىللاردا بولۇپ، كومپيۇتېر ئۆگىنىش ئارزۇسى بار ئەمما ئۇيغۇر تىلىدىن باشقا تىلنى بىلمەيدىغان كىشىلەرگە كومپيۇتېر ئىشلىتىشتە تىل توسالغۇچى سەۋەبىدىن قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلدى. تىل قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن كىشىلەر ھازىر مودا بولۇۋاتقان مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە ھەر خىل قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللارنى يەرلىكلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇرچە ئارايۈز بىلەن كەڭ ئىشلەتكۈچىلەرگە سۇنۇپ، ئۇلارنىڭ تىل بىلمەسلىك تۈپەيلىدىن كومپيۇتېر ئىشلىتەلمەسلىك تارىخىغا خاتىمە بەردى. ئارايۈزى ئۇيغۇرچە بولغان يۇمشاق دېتاللار ئىشلەتكۈچىلەرگە زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.

ھازىرغا كەلگۈچە مەشغۇلات سىستېمىلىرىدىن مىكروسوفت شىركىتىنىڭ WindowsXP مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئارايۈزى بىلىك-ئىنتىل تەرجىمە گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ  تارقىتىلدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرچە ساۋادى بار ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھەممىسى كومپيۇتېر ئىشلىتەلەيدىغان بولدى. بۇ سىستېما تەرجىمە قىلىنىپ، يېزىق ۋە ئارايۈز كۆرۈنۈشى ئوڭدىن سولغا توغرىلىنىپ ئۇيغۇر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تىل ئىشلىتىش ئادىتىگە لايىقلاشتۇرۇلدى.

يەنە بىر مەشغۇلات سىستېمىسى Linux، ئۇ ئۆزى ھەقسىز ، ھەر قانداق ئىشلەتكۈچى خالىغانچە كومپيۇتېرىغا ئورنىتىپ ئىشلىتەلەيدىغان سىستېما بولۇپ، دۇنيادىكى نۇرغۇن تىللاردا ھەرخىل ئارايۈز كۆرۈنۈشىدە كەڭ تارقالغان سىستېمىلارنىڭ بىرى. كۆپلىگەن Linux مەشغۇلات سىستېمىلىرى ئىچىدە ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقانلىرىدىن بىرى ئۇبۇنتۇ (Ubuntu) بولۇپ، ئۇنىڭ Gnome ئاساسىدىكى ئارايۈزى 94% تەرجىمە قىلىنىپ، ئۇيغۇر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىدا ئەڭ مودا مەشغۇلات سىستېمىلىرىنى ئىشلىتىش  ئىمكانىيىتى تۇغۇلدى. بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىمۇ ئۇيغۇر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تىل ئىشلىتىش ئادىتىگە لايىقلاشتۇرۇلغان. بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىنتېرنېتقا باغلانغان ھەر قانداق ئىشلەتكۈچى ئىگە تەرەپ تورىدىن ھەقسىز چۈشۈرۈپ، كومپيۇتېرىغا ئورنىتىپ ياكى نۇر دىسكىغا ئويۇپلا كومپيۇتېرغا ئورناتماي تۇرۇپمۇ بىمالال ئىشلىتەلەيدۇ.

ھازىر مودا بولۇۋاتقان گۇگىل (Google) شىركىتى ئېلان قىلغان يانفون مەشغۇلات سىستېمىسى ئاندىرويىد (Android) مۇ ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىجادىيەتچىلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىنىپ دەسلەپكى قەدەمدە ئۇيغۇرچىنى قوللاشقا ئېرىشتى. ھەمدە دەسلەپكى قەدەمدا مەھسۇلاتلىشىپ ئۇيغۇر ئىشلەتكۈچىلەر ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفون ۋە پەد ئىشلىتەلەيدىغان بولدى.

ئىشخانا يۈرۈشلۈك دېتاللىرىدىن ئوچۇق كودلۇق، دۇنيادىكى نۇرغۇن تىللاردا ئاشكارە تارقىتىلىدىغان OpenOffice نىڭ 3.X نەشرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىنى تولۇق قوللاشقا ئېرىشتى ھەمدە ئارايۈزى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئۇيغۇرچە ھەقسىز ئىشخانا يۈرۈشلۈك دېتالىنىڭ يوق بولۇش تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى. ئۇيغۇر ئىشلەتكۈچىلەر ئۆز ئانا تىلىدىكى ئارايۈزدە ئۆزىنىڭ ئىشخانا ئىشلىرىنى كومپيۇتېردا بىمالال بىر تەرەپ قىلالايدىغان بولدى.

OpenOffice بىلەن مەنبەداش بولغان يەنە بىر ئىشخانا يۈرۈشلۈك دېتالى LibreOffice نىڭ 3.3 نەشرىنىڭ ئارايۈزىمۇ تولۇق تەرجىمە قىلىنىپ، ئىشخانا يۈرۈشلۈك دېتالىدىن يەنە بىر تاللىشىمىز كۆپەيدى.

يۇقىرىقى ئىككى خىل ئىشخانا يۈرۈشلۈك دېتالى ھازىر دۇنيادا ئىشلىتىلىۋاتقان مەشغۇلات سىستېمىلىرىدىن Windows، Linux، MacOS مەشغۇلات سىستېمىلىرىنىڭ 32 خانىلىق ۋە 64 خانىلىق نەشرىلىرىدە بىمالال ئىجرا قىلىنىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەرگە ئىشخانا يۈرۈشلۈك دېتالىنى ئۆز تىل-يېزىقىدا تاللاپ ئىشلىتىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى.

يۇقىرىقى سىستېما ۋە ئىشخانا يۈرۈشلۈك دېتاللىرىدىن باشقا ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللاردىن نۇرغۇنلىرى ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىجادكارلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىندى. بۇ دېتاللارنىڭ ئىگە تەرەپ قوللاشقا ئېرىشىپ  ئىشلىتىلىۋاتقانلىرىمۇ خېلى كۆپ. مەسىلەن، توركۆرگۈلەردىن Firefox، Google Chrome، ھەقسىز لۇغەت دېتالى Lingoes، يۇمشاق دېتال چۈشۈرۈش دېتالى BitComet، Emule، ئارخىپ دېتالى 7zip، تەرجىمە ياردەمچىسى Poedit قاتارلىقلار بار، يەنە نۇرغۇن دېتاللارنىڭ ئىسمى ئاتالمىدى.

تەرجىمە قىلىنغان ئۇيغۇرچە بېكەت سىستېمىلىرىدىن گۇگىل ئىزدەش بېتى (http://www.google.com/webhp?hl=ug)، Discuz، BBSXP، PHPWind، Wikipedia، Wordpress قاتارلىقلار بار، بۇلاردىن ئىگە تەرەپ قوللاشقا ئېرىشكەنلىرىدىن گۇگۇل ئىزدىگۈچ، Wordpress ۋە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئوچۇق قامۇس Wikipedia لار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئارايۈزلۈك تور بېكەتلىرى تەمىنلەنگەن.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان، تىلغا ئېلىنماي قالغان ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىنغان مەشغۇلات سىستېمىسى، ئىشخانا يۈرۈشلۈك دېتالى، قوللىنىشچان دېتاللار، بېكەت سىستېمىلىرىدا ئارايۈز تەرجىمىسى ھەققىدە بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەم بولمىغانلىقتىن تەرجىمە ھەر خىل ئېلىنىۋاتىدۇ. تۆۋەندە دۇنيادىكى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان مەشغۇلات سىستېمىلىرى ۋە ئىشخانا يۈرۈشلۈك دېتاللىرىنى سېلىشتۇرۇپ ۋە تەرجىمە قىلىش جەريانىدا ھېس قىلغان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويماقچى. ئاساسلىقى يۇمشاق دېتال ئارايۈزىدىكى ئۇچۇرلارنى تەرجىمە قىلىشتا، پېئىلنىڭ ئەسلى دەرىجىسى بويىچە ئېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە تەقەززاسى بايان قىلىنىدۇ.



1- مەشغۇلات سىستېمىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئالدى بىلەن ئىنگلىز تىلى ياكى تىل تەۋەلىكى بولمىغان نىترال تىلدا ئىجاد قىلىنىپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىق، مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن دۇنيادىكى باشقا تىللارغا ئارايۈز ئۇچۇرلىرى تەرجىمە قىلىنىپ، ئاخىرقى ئىشلەتكۈچىلەرگە سۇنۇلىدۇ.

ئارايۈزدىكى تىزىملىك ئۇچۇرلار دۇنيادىكى ئاساسلىق تىللاردىن ئىنگلىز، فىرانسۇز، ئىسپان، خەنزۇ، ئەرەب، تۈرك تىللىرىدا پېئىلنىڭ ئەسلى دەرىجىسى بويىچە ئېلىنغان. مىسال ئۈچۈن ئىنگلىزچە، خەنزۇچە، تۈركچە، ئۇيغۇرچە ئۈلگىلەر بېرىلدى. مەسىلەن:











تىزىملىكتىكى ئۇچۇرلارنى پېئىلنىڭ ئەسلى دەرىجىسى بىلەن ئالغاندا سۆز ئىخچام، چۈشىنىشلىك بولۇپ. ئۇقۇم خاتالىقى كۆرۈلمەيدۇ. ئۇندىن باشقا كومپيۇتېر كۆرۈنۈشلىرىدە كۆرۈنىدىغان تاللانغان ۋە چېكىلگەن ھامان مەلۇم مەشغۇلاتنى بىجىرىدىغان ئېلېمېنتلاردىن توپچا، تاق تاللاش رامكىسى، كۆپ تاللاش رامكىسىنىڭ ئۇچۇرلىرىمۇ پېئىلنىڭ ئەسلى دەرىجىسىدە ئېلىنسا مۇۋاپىق بولىدۇ.

تۇرمۇشىمىزدىن ئاددىي مىسال ئالساق، كۆپچىلىك ھەممىمىز تەنتەربىيە دەرسىگە قاتنىشىپ، ئالدى بىلەن مېڭىش تۇرۇشنى ئۆگەنگەن، شۇ چاغدا تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى بىزگە بۇيرۇق بەرگەندە تۆۋەندىكىدەك بۇيرۇق بېرەتتى:

ئوڭغا بۇرۇل، سولغا بۇرۇل، ئارقىغا بۇرۇل، ئورۇندا تۇر، ئوڭغا قاراپ توغرىلان، سولغا قاراپ توغرىلان، قوللار ئاچ، قوللار تاشلا… قاتارلىق

ھەرگىزمۇ ئوڭغا بۇرۇلۇش، سولغا بۇرۇلۇش، ئارقىغا بۇرۇلۇش، ئورۇندا تۇرۇش، ئوڭغا قاراپ توغرىلىنىش، سولغا قاراپ توغرىلىنىش، قوللار ئېچىش، قوللار تاشلاش دەپ بۇيرۇق بەرمەيتتى. ھەم بۇنداق بۇيرۇق بېرىلسە ئېنىقلا بۇيرۇق ئاڭلىغۇچى يا دۈشمەن، يا ھاقارەتلەنگۈچى بولىدۇ، بۇنداق بۇيرۇقمۇ بېرىلمەيدۇ، بېرىلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ناۋادا مۇشۇنداق بۇيرۇق بېرىلگەن تەقدىردىمۇ ھاقارەت تۈسى چىقىپ تۇرىدۇ.

ئەگەر پېئىلنى زورمۇ-زور پېئىلنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى ياكى ئىسىمداش دېسەك، تىزىملىكتىكى بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىدىغان نىشان يوچۇن بولۇپ قالىدۇ، بۇ بۇيرۇقنى كومپيۇتېر ئىجرا قىلامدۇ ياكى ئادەم ئىجرا قىلامدۇ بىلگىلى بولمايدۇ. پېئىلنىڭ ئەسلى دەرىجىسى بويىچە ئالغاندا خۇددى ئادەم كومپيۇتېر بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندەك، ئادەم كومپيۇتېرغا بۇيرۇق بېرىۋاتقاندەك ھالەت شەكىللىنىدۇ، ئىشلەتكۈچى كومپيۇتېرغا نېمىنى بۇيرىسا، كومپيۇتېر شۇنى ئىجرا قىلىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا كەلگۈسىدە كومپيۇتېرنى ئاۋاز بىلەن تىزگىنلەشكە يول ئېچىلىدۇ.



2- كومپيۇتېرنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدىن قارىغاندا ئىنسانلار كومپيۇتېرنى خۇددى ئىككى كىشى سۆزلىشىۋاتقاندەك ھالەتتە باشقۇرۇپ، ئىش تاپشۇرۇش يېقىن كەلگۈسىدە رىئاللىققا ئايلىنىدۇ.

ئالما شىركىتىنىڭ siri تېخنىكىسى، مىكروسوفت شىركىتىنىڭ Tellme تېخنىكىسى، IBM شىركىتىنىڭ via voice تېخنىكىسى، گۇگىل شىركىتىنىڭ ئاۋازلىق ئىزدەش تېخنىكىسى بۇنىڭ دەلىلى بولالايدۇ.  IBM شىركىتىنىڭ via voice تېخنىكىسى ۋە مىكروسوفت شىركىتىنىڭ ئاۋازلىق كىرگۈزۈش تېخنىكىسى ئارقىلىق ئۇچۇر كىرگۈزۈش ئاللىبۇرۇن مەھسۇلاتلىشىپ ئەمەلىي ئىشلىتىلىشكە باشلىدى، مىكروسوفت Office2003 تە ئاۋازلىق كىرگۈزۈش ۋە بۇيرۇق بېرىش ئەمەلگە ئاشتى. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇيغۇرچە ئاۋاز پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى، كومپيۇتېرنى ئاۋازلىق باشقۇرۇش سىستېمىسى كەلگۈسىدە بارلىققا كەلمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ. دۇنيادىكى ئىزدەش موتورى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەڭ چوڭ شىركەتلەردىن بىرى بولغان گۇگىل شىركىتىنىڭ يېڭى مۇلازىمەتلىرىنىڭ قاتارىدا ئاۋاز بىلەن ئىزدەش مۇلازىمىتىنى تەمىنلىدى. سىز Google Chrome توركۆرگۈدەhttp://www.google.com/ ئادرېسنى كىرگۈزۈپ، ئىنگلىزچە ئىزدەش بېتىدە دۇنيادىكى كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تىللاردا ئاۋازلىق ئىزدىيەلەيسىز.







ئەگەر پېئىللارنى ئەسلى دەرىجىسى بويىچە ئالساق كەلگۈسىدە ئۇيغۇر تىلىدا ئىزدەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىسبەتەن قولايلىشىدۇ. پېئىلنى ئىسىمداش ياكى ئۆملۈك دەرىجىگە ئۆزگەرتكەندە باش بوغۇمدىكى ئا ۋە ئە سوزۇق تاۋۇش ھازىرقى ئىملا قائىدىسى بويىچە ئې ۋە ئى غا نۆۋەتلەشتۈرۈلىدۇ، ئۇيغۇرلار نۆۋەتلەشتۈرۈلگەن بۇ ئىككى سوزۇق تاۋۇش ئې ۋە ئى نى ئوخشاش تىل ئورنىدا تەلەپپۇز قىلمايدۇ، بۇنداق بولغاندا كەلگۈسىدىكى كومپيۇتېرنى ئاۋاز بىلەن تىزگىنلەشنىڭ ئىمكانىيىتى تېخىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ئەگەر پېئىلنىڭ ئەسلى دەرىجىسى بويىچە ئالساق زور كۆپچىلىك كىشىلەر ئا ۋە ئە نى ئاساسەن ئوخشاش تەلەپپۇز قىلغاچقا  بۇنى كومپيۇتېرغا تونۇتۇش ۋە كېيىنكى ئاۋاز بىلەن  تىزگىنلەش نىسبەتەن ئوڭايلىشىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە پېئىل ش، ـىش، ـۇش، ـۈش قوشۇمچىلىرىنى قوشۇپ تۈرلەنسە، تۈرلەنگەن سۆز شۇ پېئىلنىڭ ئۆملۈك دەرىجە، سەتلىمە ئۆملۈك دەرىجە، ئىسىمداش بولۇپ ياسىلىدۇ، تىزىملىكتە ئىشلەتكەنلىكىمىز ئۈچۈن بىر مەشغۇلاتنى كۆپچىلىك بىرلىكتە ئىجرا قىلمايمىز بەلكى كومپيۇتېر بىز ئۈچۈن شۇ تىزىملىك ماس كەلگەن بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىدۇ، شۇڭا تەرجىمىدە پېئىلنىڭ ئەسلى دەرىجىسىنى ئېلىش ھەممىدىن ئەۋزەل. تىزىملىكتە ئۆملۈك دەرىجىدىكى پېئىللارنى ئىشلەتسەك سەتلىمە دەرىجىسىگە ئۆزگىرىپ كېتىپ، ھاقارەت تۈسىنى ئېلىپ قېلىشى تۇرغانلا گەپ. بۇ چاغدا تېخىمۇ قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.



3- ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت لۇغەتلەردە مەيلى باشقا تىللاردىن ئۇيغۇرچىغا ياكى ئۇيغۇرچىدىن باشقا تىلغا قارىتا تۈزۈلگەن لۇغەتلەردە بولسۇن  پېئىللار زورمۇ-زور  پېئىلنىڭ  ئۆملۈك دەرىجىسى (ش، ـىش، ـۇش، ـۈش ۋە ماق، مەك قوشۇمچىسى قوشۇلۇپ بېرىلگەن) گە تۈرلەپ، خۇددى ئۇيغۇر تىلىدا پېئىلنىڭ ئەسلى دەرىجىسى يوقتەك، ھەممەيلەن دېيىشىۋالغاندەكلا ئوخشاش ئۇسۇلدا لۇغەتكە ئېلىنغان. شۇڭلاشقا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ  ئېڭىغا پېئىلنى ئۆملۈك دەرىجە ياكى ئىسىمداش شەكلىدە ئېلىش كېرەك دەيدىغان ئۇقۇم بىلىپ بىلمەي سىڭىپ كەتكەن.



4- ئەگەر بۇندىن كېيىن تەرجىمە قىلغان يۇمشاق دېتاللاردا پېئىلنىڭ ئەسلى دەرىجىسى بويىچە ئالماي، پېئىلنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى بويىچە ئالساق كەلگۈسىدە بۇنداق ئېلىشنىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكى ئىسپاتلانسا تەرجىمە قىلىنىپ بولغان مەشغۇلات سىستېمىسىنى قايتىدىن تۈزىتىشكە توغرا كېلىدۇ، بۇنداق تىكىپ-سۆكۈشكە بىز كۆنۈك بولغىنىمىز بىلەن، شۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنى تۈزگەنلەر ھەرگىز ماقۇل بولمايدۇ، چۈنكى ئىشنى بىر قەدەمدىن بىر قەدەمدىن تاماملايدىغان گەپ، ئىلگىرىكىلەر باشلىغان ئىشنى كېيىنكىلەر داۋاملاشتۇرىشى كېرەك. ھەمىشە مۇشۇنداق ئىشنى نۆلدىن باشلاۋەرسەك بىز مەڭگۈ بىر ئىزىمىزدا قېلىۋېرىمىز، باشقىلار بىزدىن ئۇزاپ كېتىۋېرىدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن تەرجىمىنىڭ بېشىدىلا ئىشنى ئالدىنراق، يىراقنى مۆلچەرلەپ ئويلىساق،  يۇمشاق دېتال ئارايۈز تەرجىمىسىدە پېئىلنىڭ ئەسلى دەرىجىسى بويىچە ئېلىش تېخىمۇ مۇۋاپىق.

بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان مەشغۇلات سىستېمىسى، ئىشخانا يۈرۈشلۈك دېتالى ۋە قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللار پېئىلنىڭ ئەسلى دەرىجىسى بويىچە تەرجىمە قىلىنغان ۋە تەرجىمە قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارغا قىزىقىدىغانلار، مۇناسىپ ئىزدىگۈچلەردىن يۇمشاق دېتال ئاتلىرىنى كىرگۈزۈپلا ئىگە تەرەپ تور بېكەتلىرىدىن ناھايىتى ئاسانلا ئىزدەپ تاپالايدۇ.

بەزى يۇمشاق دېتاللارنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى:

Google ئۇيغۇرچە ئىزدەش بېتى

http://www.google.com/webhp?hl=ug



ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىسى:

http://www.ubuntu.com/



OpenOffice ئىشخانا يۈرۈشلۈك دېتالى

http://www.openoffice.org/



LibreOffice ئىشخانا يۈرۈشلۈك دېتالى

https://www.documentfoundation.org/



يۇمشاق دېتال چۈشۈرۈش دېتالى

Bitcomet

http://www.bitcomet.com/



ھەقسىز لۇغەت دېتالى Lingoes

http://www.lingoes.net/



يۇقىرىقى مەشغۇلات سىستېمىلىرى، ئىشخانا يۈرۈشلۈك دېتاللىرى، قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللار ئاللىبۇرۇن پېئىلنىڭ ئەسلى دەرىجىسى بويىچە ئېلىنىپ تەرجىمە قىلىندى، ئىشلەتكۈچىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. يۇقىرىقى كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئارايۈزى تەرجىمىسىدە بۇندىن كېيىنمۇ پېئىلنىڭ ئەسلى دەرىجىسى بويىچە تەرجىمە قىلىنىدۇ، ھەم تەرجىمە قىلىنغۇسى.

lenovo1 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-27 11:08:19

تېما مەنبەسى بىلىك كۇلۇبى- ئىتىل سەيناسى

lenovo1 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-27 11:29:14

FinalFantasy  بۇ ئىنكاسىنى ۋىن8 نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇۋاتقان ۋە ئاتالغۇ بېكىتىشكە قۇربى يېتىدىغانلارنىڭ كۆرۈپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


~~~~~~~~~~~


مەن ئىشلەتكەن لۇغەتلەردىكى ئۇيغۇرچىدىن باشقا ھېچقانداق لۇغەتتە پېئىللارنى تۈرلەپ بولۇپ ئاندىن لۇغەتكە تىزىدىغان ئىشنى كۆرمىگەن.  بۇنداق بىمەنە قائىدىنىڭ يۇمشاق دېتاللارنىڭ تەرجىمىسى، بولۇپمۇ بازار ئىگىلىشى %90 كە يېتىدىغان Windows دا «ئۆلچەم» بولۇپ، باشقا يۇمشاق دېتاللارغا «ئۈلگە» بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى قەتئىي ئېلىش كېرەك.

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2012-2-27 17:49:58

win8نىڭ ئۇيغۇرچىسىدىمۇ ئېچىش،كىسىش،چاپلاش،كۆچۈرۈش دەپ ئېلىنىپتىغۇ ؟ مېنىڭچە ئاشۇ بويىنچە بىرلىككە كېلىنىپ ئاچ،كەس دېگەنلەرنى قالدۇرساق تېخىمۇ مۇۋاپىق بولارمىكى. \"\"

alaibalai يوللانغان ۋاقتى 2012-2-27 20:17:36

مىنىڭچىمۇ شۇ،  پېئىلنىڭ بۇيرۇق رايىغا قارىغاندا شۇ پېئىلنىڭ ئىسىملىق شەكلىنى پېئىلدا ئىپادىلەنگەن ئىش ھەركەتنىڭ نامى سۈپىتىدە قوللىنىش توغرا.  بىۋاستە ئۇنداق بۇيرۇق تەلەپپۇزىدىكى ‹‹ئاچ››، ‹‹ياپ››، دىگەندەك سۆزلەر ئادەمگە يېقىملىق تۇيغۇ بەرمەيدۇ. قايسىڭلار بىراۋنىڭ سىلەرگە بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا گەپ قىلىشىنى ياقتۇرىسىلەر

alip يوللانغان ۋاقتى 2012-2-27 21:05:55

4- قەۋەتتىكى alaibalaiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مىنىڭچىمۇ شۇ،  پېئىلنىڭ بۇيرۇق رايىغا قارىغاندا شۇ پېئىلنىڭ ئىسىملىق شەكلىنى پېئىلدا ئىپادىلەنگەن ئىش ھەركەتنىڭ نامى سۈپىتىدە قوللىنىش توغرا.  بىۋاستە ئۇنداق بۇيرۇق تەلەپپۇزىدىكى ‹‹ئاچ››، ‹‹ياپ››، دىگەندەك سۆزلەر ئادەمگە يېقىملىق تۇيغۇ بەرمەيدۇ. قايسىڭلار بىراۋنىڭ سىلەرگە بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا گەپ قىلىشىنى ياقتۇرىسىلەر



كەلگۈسىدە يانفون ياكى ماشنا ئادەمگە ئاۋازلىق بۇيرۇق بېرىش توغرا كەلسە \"مۇزىكا قوي\" دەمسىز ياكى \"مۇزىكىنى قويۇش\" دەمسىز؟ ۋە ياكى \"ھاجېــــــــــــم مۇزىكا قويماملا\" ، \"مۇزىكا قويسىلىيە، ھىلى بىكا تىللاپ بېرىمە\" دەيمىزمۇ

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-2-27 22:08:55

4- قەۋەتتىكى alaibalaiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مىنىڭچىمۇ شۇ،  پېئىلنىڭ بۇيرۇق رايىغا قارىغاندا شۇ پېئىلنىڭ ئىسىملىق شەكلىنى پېئىلدا ئىپادىلەنگەن ئىش ھەركەتنىڭ نامى سۈپىتىدە قوللىنىش توغرا.  بىۋاستە ئۇنداق بۇيرۇق تەلەپپۇزىدىكى ‹‹ئاچ››، ‹‹ياپ››، دىگەندەك سۆزلەر ئادەمگە يېقىملىق تۇيغۇ بەرمەيدۇ. قايسىڭلار بىراۋنىڭ سىلەرگە بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا گەپ قىلىشىنى ياقتۇرىسىلەر

كومپيۇتېر ئېنىقراقى سىستېما بىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ  بىزنىڭ ئۇنىڭغا بۇيرۇق قىلىشىمىز يوللۇق.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-2-27 22:18:55

3- قەۋەتتىكى UyghurBalighنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

win8نىڭ ئۇيغۇرچىسىدىمۇ ئېچىش،كىسىش،چاپلاش،كۆچۈرۈش دەپ ئېلىنىپتىغۇ ؟ مېنىڭچە ئاشۇ بويىنچە بىرلىككە كېلىنىپ ئاچ،كەس دېگەنلەرنى قالدۇرساق تېخىمۇ مۇۋاپىق بولارمىكى. \"\"  

ھازىر ubuntu ۋە openoffice تەك چوڭ سىستېمىلاردا بۇيرۇق شەكلىدە ئېلىنىپ بولدى ھەم شۇ بويىچە (يانفۇن، تاختا كومپيۇتېرلاردا) ئومۇملىشىۋاتىدۇ.   8 نىڭ ئىشى  تېخى ئېلان قىلىنمىغان ئىش.


8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقنى تەييارلاۋاتقانلارغا بۇ ئىش يەنە ئىش كۆپەيتىپ بىرىدىغان بولسىمۇ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىيات، بىرلىك ئۈچۈن مۇشۇ ھەقتە بىر پىكىرگە كەلمىسە بولمايدۇ.


بۇيرۇق شەكلىدە ئېلىش ھەققىدىكى گەپ يېڭى گەپمۇ ئەمەس پەقەت بۇ قېتىم قايتا تەكىتلەندى.


8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى كېچىكىپ ئېلان قىلىنسا مەيلىكى كېيىن ئەپسۇسلانماسلىق ئۈچۈن بىر پىكىرگە كەلمەي بولمايدۇ.

lenovo1 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-28 10:35:26

3- قەۋەتتىكى UyghurBalighنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

win8نىڭ ئۇيغۇرچىسىدىمۇ ئېچىش،كىسىش،چاپلاش،كۆچۈرۈش دەپ ئېلىنىپتىغۇ ؟ مېنىڭچە ئاشۇ بويىنچە بىرلىككە كېلىنىپ ئاچ،كەس دېگەنلەرنى قالدۇرساق تېخىمۇ مۇۋاپىق بولارمىكى. \"\"  

شۇنداق قىلدۇقمۇ دەيلى، يەنە بىر مەزگىل ئۆتكەندە بۇنى ئۇزۇن بولۇپ كېتىپتۇ دەپ سۆز ياساش- قىسقارتىش ئىشى چىقىشى مۇمكىن.


يەنە «يۇمشاق دىتال» مۇنازىرىسىدەك سوزۇلۇپ كىتەرمىكىن؟

alip يوللانغان ۋاقتى 2012-2-28 10:53:12

ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ بىلىكتىكى ئىنكاسىغا قارىغاندا مىكروسوفىتنىڭ بۇ ھەقتە قاتتىق بەلگىلىمىسى باركەن. بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا گەپ قىلساق بولمايدىكەن.

lenovo1 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-28 11:29:34

9- قەۋەتتىكى alipenwerنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ بىلىكتىكى ئىنكاسىغا قارىغاندا مىكروسوفىتنىڭ بۇ ھەقتە قاتتىق بەلگىلىمىسى باركەن. بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا گەپ قىلساق بولمايدىكەن.

ئالىم ئەخەت ئەپەندىم قانداق چۈشەندۈرسە ئۇلار شۇنداق چۈشىنىدۇ.


بىلىكتىكى FinalFantasy نىڭ 15- قەۋىتىدىكى ئىنكاسنى كۆرۈپ چىقتىم. ئۇ مۇنداق دەپتۇ.


ئالىم مۇئەللىم، ئالدى بىلەن ئىنكاس قايتۇرغانلىقىڭزغا كۆپ رەھمەت.



شۇنىىسى كۆڭۈلىڭىزگە ئايدىڭ بولسۇنكى، مەن بۇ يەردە قەستەن تەتۈر قۇيۇن چىقىرىپ سىزنىڭ ئىشىڭىزنى ئاقساتماقچى ئەمەسمەن.  ھەممىسى شۇ ئىشلارنى تېخىمۇ ياخشى سۈپەتلىك قىلىش ئۈچۈندۇر. بۇنىسىنى چوقۇم توغرا چۈشەنگەيسىز. \"\"



مەن سىزنىڭ قانداق سۈرەت يوللاپ قويغىنىڭزنى بىلمىدىم، لېكىن مەنمۇ http://www.microsoft.com/Language/en-US/StyleGuides.aspx دىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىش ئۇسلۇبىنى چۈشۈرۈپ، ئۆزۈمنىڭ خاتا ئويلىمىغانلىقىمنى يەنە بىر قېتىم جەزملەشتۈردۈم:



\"turkish1.png\"

\"turkish2.png\"

\"turkish3.png\"

\"turkish4.png\"

\"turkish5.png\"

\"turkish6.png\"

\"turkish7.png\"



ئەجەبا Microsoft تۈركچىگە ئايرىم قائىدە ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەنە بىر خىل قائىدە ئىشلىتەمدۇ؟  شۇنداقمىكىن دېسەم، ئۆزبېكچىنىڭ قائىىدىسى يەنە بۇنىڭغا ئوخشىمايدىكەن، ئۇنىڭدا پۈتۈنلەي «قىلماق، ئەتمەك» دەپ ئال، دەپتۇ (ئويلىغىنىمدەك. لېكىن بۇنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنىڭ مۇمكىنچىلىقى %90 بار)؛ ئەرەبچىدە بۇ توغرىلىق ھېچقانداق پاراڭ يوق، بىراق Google Translate تە تەرجىمە قىلدۇرۇپ باقسام، ئۇلارمۇ بۇيرۇق شەكىلىدە ئالغاندەك چىقتى.  خەنچىدىمۇ بۇنىڭغا ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمەپتۇ، دېمەك، سۈكۈتتىكى قائىدە پېئىلنىڭ تۈپ شەكىلى بىلەن تەرجىمە قىلىنىدۇ، دېگەن گەپ (ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇلار بۇنى ئانچە ئايرىپ كەتمىگەندىن كېيىن).


....





erdewil يوللانغان ۋاقتى 2012-2-28 20:59:42

بىز كومپىيۇتېرغا بۇيرۇق بەرگەنكىن، دادىللىق بىلەن بۇيرۇق شەكلىنى قوللىنايلى. ئۇ بىزدىن يامانلاپ يۈرمىگەنكىن....

ئىشقىلىپ ھۆرمەتلىك ئۇستازلىرىمىز بېكىتىۋەرسۇن، بىز بېكىتكەننى قوللىنايلى...

بەك تالاش-تارتىشتىن نەتىجە چىقماي قالارمىكىن....



ئۆچۈر، كۆچۈر، چاپلا

لېكىن-زە سەل قوپال ئاڭلىنىدىغاندەكلا تۇيغۇدا بولۇۋاتىمەن....

alip يوللانغان ۋاقتى 2012-2-28 21:12:28

ئەمدى تالاشمايلى. مىكروسوفىت قوپاللىقنى ياقتۇرمايدىكەن. ئۇيغۇرچە تور بەت، يۇمشاق دېتال، كومپىيۇتېر كىتاپ-ماتېرىياللىرى، ھۆكۈمەت، بانكا ئورۇنلىرىدىكى ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللاردا «كۆچۈرۈش، ئۆچۈرۈش» دەپ ئېلىنغانلىقى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىللەيدىكەن. شۇڭا مىكروسوفىتمۇ ئەڭ كەڭ ئىشلەتكەن تىل ئۇسلۇبىنى تاللايدىكەن.

lenovo1 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-29 11:02:35

11- قەۋەتتىكى erdewilنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىز كومپىيۇتېرغا بۇيرۇق بەرگەنكىن، دادىللىق بىلەن بۇيرۇق شەكلىنى قوللىنايلى. ئۇ بىزدىن يامانلاپ يۈرمىگەنكىن....

ئىشقىلىپ ھۆرمەتلىك ئۇستازلىرىمىز بېكىتىۋەرسۇن، بىز بېكىتكەننى قوللىنايلى...

بەك تالاش-تارتىشتىن نەتىجە چىقماي قالارمىكىن....



ئۆچۈر، كۆچۈر، چاپلا

لېكىن-زە سەل قوپال ئاڭلىنىدىغاندەكلا تۇيغۇدا بولۇۋاتىمەن....

ئۇبۇنتۇغا كۆنۈپ قالدۇق،
بەت: [1]
: [كۆچۈرۈلمە]ئارايۈز ئۇچۇرلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى