يېڭى كىتاب ئۇچۇرى: ياش يازغۇچى ماخمۇت يولۋاسنىڭ \ مومامنىڭ بۇلۇتى\ ناملىق با
ياش يازغۇچى ماخمۇت يولۋاسنىڭ "مومامنىڭ بۇلۇتى" ناملىق بالىلار ھېكايە توپلىمى شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.
بۇ توپلامغا يازغۇچىنىڭ بالىلار ئەسەرلىرى ئىچىدىن 10 پارچە ھېكايىسى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئىللىق باھارغا تەلپۈنۈپ تۇرغان قىزغىن بالىلىرىمىز ئۈچۈن قىممەتلىك بىر سوۋغات بولۇپ قالغۇسى.
ماخمۇت يولۋاس يېقىنقى بىر قانچە يىللاردىن بېرى تىنىمسىز ئىزدىنىپ بالىلار ئۈچۈن ئاز بولمىغان ئەمگەكلەرنى روياپقا چىقاردى. ئۇنىڭ بالىلار تۇرمۇشىنى تېما قىلغان ئەسەرلىرىدە گۈزەل سەھرا مۇھىتى، ئىللىق تەبىئەت قوينى، تاغ-دەريالار شۇنىڭدەك شۇنداق بىر گۈزەل زىمىندا چوڭ بولىۋاتقان بالىلارنىڭ گۈزەل خىياللىرى، ئارزۇ-ئارمانلىرى ئۆزگىچە ئىپادىلەش شەكلى، تېتىملىق ئوبراز يارتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولسا، ئاشۇ تىنىمسىز، شوخ، تاغنىڭ ئەركە سۇلىرىدەك قىيغىتىپ چوڭ بولۇۋاتقان بالىلار بىلەن بىللە تەسۋىرلىنىدىغان چوڭ ئادەملەرنىڭ ئوبرازلىرىمۇ ئىختىيارسىز كىشىنىڭ يۈرىكى چەككەن ھالەتتە پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ۋەقەلەر ئوقۇرمەننى رىئاللىق بىلەن خىيال ئوتتۇرسىدىكى بىر سىرلىق ئالەمگە كېلىپ قالغاندەك ھېسىياتقا چۆمدۈرىدۇ.
ئاپتورنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
ياش يازغۇچى ماخمۇت يولۋاس، 1970-يىلى توققۇزتارا ناھىيە تاشتۆپە يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1994-يىلى شىنجاڭ شىخەنزە تەمىنات-سودا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. كاستىر، بازار باشقۇرغۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئىش ئورنىدىن قالغاندىن كېيىن تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان.
ئۇ 1993-يىلى «ئىلى دەرياسى» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان«كېسەل» ناملىق ھېكايىسى بىلەن ئۆزى ئارزۇ قىلغان ئەدەبىيات سېپىگە كىرىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن بۇيان ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك گېزىت-ژورناللاردا 50 پارچىگە يېقىن پوۋېست-ھېكايىلىرى ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ «كۆك قۇمۇش» ناملىق ھېكايىسى 10-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن ھەم خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژورنىلىدا تونۇشتۇرۇلغان. «مومامنىڭ بۇلۇتى» ناملىق ھېكايىسى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
ئۇ ھازىر جوڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
مەنبە: يازغۇچىلار مۇنبىرى.
http://bbs.xjzjxh.com/Topic.aspx?BoardID=42&TopicID=10543
ئىملا
راستلا خۇشال بولدۇم. بالامغا ئېلىپ بىرىمەن. ئىملاغا ئىتىبار بىرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. دېخام بۇرادەر سىلى قانداق كىرگۈزگۈچ ئىشلىتىلا ھەممە تېمىلىرىنىڭ خەتلىرى ئۇلانمايدىكەن ئالكاتىپا5.5، ئويغان كىرگۈزگۈچ3.0 دېگەن كىرگۈزگۈچلەر. ھەممىسى ئۆلچەملىك كىرگۈزگۈچلەرغۈ. يۇنىكودنى قوللايدۇ دەمدۇ يا يۇنىكود بۇلارنىى قوللامدۇ.6- قەۋەتتىكى niyazdixanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئالكاتىپا5.5، ئويغان كىرگۈزگۈچ3.0 دېگەن كىرگۈزگۈچلەر. ھەممىسى ئۆلچەملىك كىرگۈزگۈچلەرغۈ. يۇنىكودنى قوللايدۇ دەمدۇ يا يۇنىكود بۇلارنىى قوللامدۇ.
سىزنىڭ خېتىڭىز ئۆلچەملىككەن. شۇ باشقىلاردا سىز ئىشلەتكەن فونت يوقكەن. ۋوردتا يازغان خەتلەرنى تورغا يوللاشتىن ئىلگىرى خاتىرە دەپتەر (记事本) گە چاپلاپ، ساقلىۋېتىپ، ئاندىن كۆچۈرۈپ تورغا چاپلىسىڭىز جاھاننامىنىڭ سۈكۈتتىكى فونتىغا توغىرلىنىپ ھەممە ئادەم نورمال كۆرەلەيدۇ. ھازىر سىز قىلغاندەك ۋوردتىن بىۋاستە چاپلىسا ۋوردتا سىز تەڭشىگەن فونتقا توغىرلىنىپ قالىدۇ. بۇ فونىت باشقىلارنىڭ كومپىيۇتېردا بولمىسا ئاشۇنداق خەت نورمال ئەمەس دەيدىغان ئىنكاسلار چىقىدۇ. كىتابخانىغا بېرىپ قالسام،ئۇكامغا بىرنى ئەپ بېرەيچۇ....
