niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2012-2-26 14:19:39

«ئىلى -چۆچەك ۋەقەسى»نىڭ باش - ئاخىرى

«ئىلى -چۆچەك ۋەقەسى» گە بۇ يىل نەق 50 يىل بوپتۇ. مۇشۇ ۋەقە سەۋەپلىك نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ تەقدىرى ئۆزگىرىپ، نۇرغۇن كىشىلەر «قوش يۈرەك» قارىلىنىپ دەپ بىھۇدە ئازاب چېكىپتىكەن. «ئىلى -چۆچەك ۋەقەسى» نىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ باقىلى.



«ئىلى -چۆچەك ۋەقەسى»نىڭ باش - ئاخىرى


  ئابدۇرېھىم ياقۇپ



   1962 - يىلى ئېلىمىز ئۈچ يىللىق تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچرىغان، خەلق تۇرمۇشى ئېغىر قىيىنچىلىققا يولۇققان مۇشەققەتلىك كۈنلەردە ئىلى- تارباغاتاي رايونىدا نۇرغۇن ئادەم سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسىگە قېچىپ كېتىشتەك ئېغىر ۋەقە يۈز بەردى. بۇ ۋەقە ئەينى ۋاقىتتا پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى. بۇ زادى قانداق ئىش؟


1. ۋەقەنىڭ باشلىنىشى


1959 - يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ جۇڭگو بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بۇزۇلۇشى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ چاپاننى تەتۈر كىيىپ قەرزنى قىستىشى بىلەن خەلقنىڭ تۇرمۇشى قىيىنلاشتى، بولۇپمۇ 1961 - يىلدىن باشلانغان ئۈچ يىللىق تەبىئىي ئاپەت ئەسلىدىنلا غۇربەتچىلىكتە ئۆتۈۋاتقان خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرىۋەتتى.


دەل شۇ مەزگىللەردە خۇددى ئوتقا ياغ چاچقاندەك سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىدىكى دىپلوماتىيە تونىغا ئورۇنىۋالغان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى(ك گ ب)نىڭ ئىشپىيونلىرى تەرەپ - تەرەپكە قاتىراپ بىر ياقتىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرسە، بىر ياقتىن ئۆسەك سۆز تارقىتىپ، كىشىلەر كۆڭلىنى پاراكەندە قىلدى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ مۇئاۋىن كونسۇلى تىتوف، كونسۇلخانا كاتىپى چىمخېنىكلار 1961 - يىل 1- ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 1962 - يىل 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنىگىچە ئالتە قېتىم تارباغاتايغا كېلىپ جۇڭگو چېگرا ئاھالىسىدىن 4743 ئادەم(قېتىم) بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۆسەك سۆز تارقىتىپ قۇتراتقۇلۇق قىلدى. بۇنىڭغا ماس ھالدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ جۇڭگوغا تۇغقان يوقلاشقا، كاماندىروپكىغا كەلگەن كىشىلەردىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئەۋزەللىكىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق كىشىلەرنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۆتۈشكە قىزىقتۇردى.


سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى چۆچەكتە تەسىس قىلغان سوۋېت مۇھاجىرلىرى ئۇيۇشمىسى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئىلى كونسۇلخانىسىدىكى دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ قانۇنسىز پائالىيىتىگە يېقىندىن ماسلىشىپ، چېگرا ئاھالىلىرى ئارىسىدا ئاتالمىش «چاقىرىق قەغىزى»، «تەكلىپنامە»، «كاپالەتنامە» قاتارلىق قانۇنسىز ئىسپاتلارنى ھە دەپ زور مىقداردا تارقىتىشقا باشلىدى ھەمدە چېگرا ئاھالىلىرىگە «چېگرىدىن ئۆتسىلا <گراژدانلىق كىنىشكىسى> تارقىتىپ بېرىدىغانلىقى» ھەققىدە ۋەدە بەردى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا خەلق تۇرمۇشىنىڭ جۇڭگونىڭكىدىن باياشات، مائاشىنىڭ جۇڭگونىڭكىدىن يۇقىرىلىقى ھەققىدە توختىماي گەپ ساتتى، چېگرىدىن ئۆتكەنلەرنى ياتاق، تاماق بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى، خىزمەتكە تونۇشتۇرىدىغانلىقى ھەققىدە كاپالەت بەردى، نەتىجىدە چېگرا ئاھالىلىرىنىڭ ئىچىدىكى بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدىغان، تۇرمۇش قىيىنچىلىقىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان ئىرادىسى ئاجىز كىشىلەر ئارىسىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا نىسبەتەن بىر خىل قىزىقىش پەيدا بولۇپ،  قېچىپ كېتىش ئىستىكى كۈچەيدى.


2. ۋەقەنىڭ قىسقىچە جەريانى


چېگرا ئاھالىسىنىڭ چەتكە قېچىش ۋەقەسى ھەممىدىن بۇرۇن قورغاستىن باشلاندى. 1962 - يىل 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى قورغاس ناھىيىسى «بەخت» گۇڭشېسىدىن بىر گۇڭشې ئەزاسى(ئۇيغۇر) بىر خەنزۇ قىزنى باشلاپ  سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەسىگە كىرىپ كەتتى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ قورغاس چېگرا مۇداپىئە قاراۋۇلخانىسىدىكى ئەسكەرلەر ئۇلارنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ تۇرىۋەردى. شۇ يىلى 3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى قورغاس ناھىيىسى چىڭسىخوزا گۇڭشې 5 - چوڭ ئەترەت 3 - كىچىك ئەترەتتىكى گۇڭشې ئەزالىرىدىن ئۈچ كىشى ھېچقانداق توسالغۇسىزلا چېگرىدىن  ئۆتۈپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا غۇلغۇلا پەيدا بولۇپ قاچىدىغانلار كۆپىيىشكە باشلىدى. 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن باشلاپ قورغاس ناھىيىسىدىكى ئاز ساندىكى ئۇيغۇر، قازاق ئاھالىلىرى چېگرىدىن قاچىدىغان ئىش يۈز بەردى. 4 - ئاينىڭ 25- كۈنىدىن ئېتىبارەن چېگرىدىن قېچىش پۈتكۈل قورغاس ناھىيىسىگە كېڭىيىپ، كىشىلەر ئائىلە بويىچە تۈركۈملەپ قېچىشقا باشلىدى، بۇ ئىش تاكى شۇ يىلى 5 - ئاينىڭ 29 - كۈنىگە قەدەر داۋاملاشتى. 5- ئاينىڭ 29 - كۈنى ئېلىمىز ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئارقىلىق سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىگە قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرگەندىن كېيىن، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى كەچ سائەت 23(بېيجىڭ ۋاقتى)تە قورغاس چېگرىسىنى تاقىدى. چېگرىدىن ئۆتۈپ كېتەلمىگەنلەر بىربىرلەپ تىزىمغا ئېلىنىپ تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۆز جايلىرىغا قايتۇرۇلدى.


دۆربىلجىن ناھىيىسى تەرەپتىن قېچىش 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى باشلىنىپ 8 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە داۋاملاشتى. 4- ئاينىڭ 21 - كۈنى دۆربىلجىن ناھىيە بازىرىدىكى ئاز ساندىكى ئاھالە چېگرىدىن ئۆتۈپ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەسىگە قېچىپ كەتتى. بۇ ئىش 6 - ئاينىڭ ئالدى- كەينىدە يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ قاچىدىغانلار كۆپىيىپ كەتتى ھەمدە دۆربىلجىن ناھىيىسىنىڭ ھەرقايسى گۇڭشېلىرى ۋە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدانلىرىغىچە كېڭەيدى. دۆربىلجىن ناھىيىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت ئىشلىشى، نەسىھەت قىلىپ توسۇشى نەتىجىسىدە دۆربىلجىن ناھىيىسى تەرەپتىكى چېگرىدىن قېچىش ۋەقەسى 8 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە ئاساسىي جەھەتتىن تىنچىپ قالدى.


چۆچەك ناھىيىسى(ھازىرقى چۆچەك شەھىرى − ئاپتور) تەرەپتىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىش 1962 - يىل 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى باشلىنىپ، 4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئەۋجىگە چىقتى. 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۆچەك ناھىيىسى «راكېتا» گۇڭشېسىنىڭ تېرەكچى چوڭ ئەترىتىدىكى قىسمەن ئاھالە چېگرىدىن ئۆتۈپ قېچىپ كەتتى، ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ قاچىدىغانلار ئاستا - ئاستا كۆپىيىشكە باشلىدى، دەسلەپتە قاچقانلار كېچىدە ئوغرىلىقچە قاچقان بولسا كېيىنچە كۈپ - كۈندۈزدە ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا مال - چارۋىلىرىنى ھەيدەپ تۈركۈملەپ قېچىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى. 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چېگرىدىن قېچىش ۋەقەسى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ چۆچەك، چاغانتوقاي ناھىيىلىرىدىن نۇرغۇن ئادەم قېچىپ كەتتى. 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ۋەزىيەت تىنچىپ جەمئىيەت تەرتىپى ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى.


بۇ قېتىمقى چېگرىدىن قېچىش ۋەقەسىدە غۇلجا شەھىرىدىنمۇ نۇرغۇن ئاھالە قايمۇقۇپ، قورغاس چېگرىسىدىن قېچىپ ئۆتۈپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پۇقراسىغا ئايلاندى.


بۇ قېتىمقى ۋەقە جەريانىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ چوڭ جاسۇسلۇق ئورگىنى بولغان سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى(ك گ ب) ئىچكى - تاشقى جەھەتتە ناھايىتى زىچ ماسلاشتى. ئىچكى جەھەتتە ك گ ب نىڭ جاسۇسلىرى دىپلوماتىيە تونىغا ئورىنىۋېلىپ ھەدەپ قۇتراتقۇلۇق قىلسا، تاشقى جەھەتتە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى 4 - ئاينىڭ 16- كۈنى (سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنى КГбنىڭ 3 - باش ئىدارىسىغا قاراشلىق چېگرا مۇداپىئە ئارمىيىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىۋاسىتە باشقۇرىدۇ − ئاپتوردىن) چېگرىدىكى سىم توساقنىڭ 20 نەچچە يېرىنى ئېچىۋەتتى ھەمدە كېچىسى نۇرغۇن ئاپتوموبىلنى سىم توساقنىڭ قارشى تەرىپىگە تىزىپ چىرىغىنى ياندۇرۇپ كېچىدە قاچقانلارغا يول كۆرسىتىپ بەردى، بەزى جايلاردا ئاسمانغا يورۇتۇش ئوقى ئېتىپ يول كۆرسىتىپ بەردى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىك دائىرىلىرىمۇ نۇرغۇن ئاپتوموبىل ئاجرىتىپ چېگرىدىن ئۆتكەنلەرنى كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ توختىماي توشۇپ تۇردى.


3. ئېغىر ئاقىۋەت


بۇ قېتىمقى جۇڭگو چېگرا ئاھالىسىنىڭ چەت ئەلگە قېچىش ۋەقەسى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە يۈز بەرگەنلىكتىن ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ئەنگلىيە رادىئو شىركىتى (BBC)، رېيتېر ئاگېنتلىقى، ياپونىيە ئېقىم مەسىلىلىرى ئاگېنتلىقى قاتارلىق خەلقئارادىكى ئاساسلىق ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرى بۇ ۋەقەنى بەس - بەستە خەۋەر قىلىشتى، ئۇلار تۈگمىنى تۆگىدەك قىلىپ كۆرسىتىپ، ئاق - قارىنى ئاستىن- ئۈستۈن قىلىپ، ئېلىمىز ھۆكۈمىتىگە زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلدى. نەتىجىدە بۇ قېتىمقى ۋەقە سىياسىي جەھەتتە ئېلىمىزنىڭ خەلقئارادىكى ئىناۋىتىگە زور دەرىجىدە نۇقسان يەتكۈزدى، ئىقتىسادىي جەھەتتە، بۇ قېتىمقى ۋەقە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا قاراشلىق ئىلى، تارباغاتاي ۋىلايەتلىرىگە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلدى.


ئىلى ۋىلايىتىگە قاراشلىق سەككىز ناھىيىنىڭ ئىچىدە قورغاس ناھىيىسىدىن قېچىپ كەتكەنلەر ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئومۇمىي سانى 14 مىڭ 32گە يەتتى، بۇ سان ئىلى - تارباغاتاي ۋىلايەتلىرىدىن چەت ئەلگە قاچقان چېگرا ئاھالىلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %7.38ىنى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا بويىغا جايلاشقان «شەرق شامىلى»، «بەخت»، «ئالغا» گۇڭشېلىرىدىن قاچقانلار قورغاس ناھىيىسى بويىچە چەت ئەلگە قاچقان چېگرا ئاھالىسىنىڭ %50تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. قورغاس ناھىيىسىدىن قېچىپ كەتكەن ئاھالە ئىچىدە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئەمگەك كۈچى 5875، ئورگان، كارخانا - كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئىشچى - خىزمەتچى 897، دىنىي زات 13 بولۇپ، ئۇلار ئۆزى بىلەن بىرگە 17 مىڭ 390 تۇياق چارۋا مال(بۇنىڭ ئىچىدە ئات 8370، كالا6540، ئېشەك 327، تۆگە ئۈچ،قوي 2150)نى بىللە ھەيدەپ ئېلىپ كەتتى، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 5 مىليون 659 مىڭ 962 يۈەنگە يەتتى، ناھىيىنىڭ ئاشلىق ۋە سۇيېغى مەھسۇلاتى 17 مىليون 560 مىڭ كىلوگرام كېمىيىپ كەتتى. غۇلجا شەھىرى تەۋەسىدىن قاچقان چېگرا ئاھالىسى 1012  بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر ئاھالىسى 619، دېھقان 227، ئوقۇغۇچى 40، ئوقۇتقۇچى يەتتە، پىركازچىك بەش، ئورگان كادىرى يەتتە، خەلق ساقچىسى بىر، نەتىجىدە غۇلجا شەھىرى بىرمۇنچە بىھۇدە ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىدى. چۆچەك ناھىيىسىدىن قاچقانلار 6985 ئائىلە، 28 مىڭ 894 ئادەم، بۇلارنىڭ ئىچىدە قازاقلار 26 مىڭ 610 بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا ئاز ساندا ئۇيغۇر، تاتار، موڭغۇل، رۇس، خۇيزۇ، داغۇر، ئۆزبېك قاتارلىقلارمۇ بار. بۇ قېتىمقى چېگرىدىن قېچىش ۋەقەسى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي زىياننى پۇلغا سۇندۇرغاندا چۆچەك ناھىيىسى 8 مىليون 789 مىڭ 266 يۈەنلىك بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىدى. دۆربىلجىن ناھىيىسىدىن قېچىپ كەتكەن ئاھالە 1666 ئادەم بولۇپ، ئۇلار ئۆزى بىلەن بىرگە كوللېكتىپنىڭ 19 مىڭ 244 تۇياق چارۋىسىنى ھەيدەپ ئېلىپ كەتتى.


يىغىپ ئېيتقاندا، بۇ قېتىمقى قېچىش ۋەقەسىدە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا قاراشلىق ئىلى، تارباغاتاي ۋىلايەتلىرىدىن 60 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسىگە ئۆتۈپ كەتتى. مەسىلەن تارباغاتاي ۋىلايىتىنى مىسالغا ئالساق، تارباغاتاي ۋىلايىتىگە قاراشلىق چۆچەك، چاغانتوقاي، دۆربىلجىن ناھىيىلىرىدىن جەمئىي 44 مىڭ 795 ئادەم(بۇنىڭ ئىچىدە چۆچەك ناھىيىسى ئاھالىلىرى ۋە ۋىلايەتكە قاراشلىق ئورگان، كارخانا - كەسپىي ئورۇنلاردىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئارىسىدىن قاچقانلار 32 مىڭ 601 ئادەم، چاغانتوقاي ناھىيىسىدىن قاچقانلار 10 مىڭ 528 ئادەم، دۆربىلجىن ناھىيىسىدىن قاچقانلار 1666 ئادەم)بولۇپ، بۇ ۋەقە ئىلى، تارباغاتاي ۋىلايەتلىرىگە، بولۇپمۇ تارباغاتاي ۋىلايىتىگە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلدى، تارباغاتاي ۋىلايىتىگە قاراشلىق بەزى ناھىيىلەردىكى قىسمەن گۇڭشې، مەيدانلاردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە، ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرى بىر مەھەل پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالدى، 608 مىڭ 879 مو تېرىلغۇ يەر ئاق تاشلىنىپ قالدى، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 26 مىليون 490 مىڭ يۈەنگە يەتتى، قاچقانلار يەنە ئۆزىنىڭ  ۋە كوللېكتىپنىڭ چارۋىلىرىنى بىللە ھەيدەپ ئېلىپ ماڭغاچقا بۇ قېتىمقى ۋەقەدە تارباغاتاي ۋىلايىتى تەرەپتىن 238 مىڭ 300 تۇياق چارۋا مال سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپكە ھەيدەپ كېتىلگەن ئومۇمىي چارۋا سانى 300 مىڭ تۇياقتىن ئاشتى.


4. ئىشلەنگەن خىزمەتلەر


بۇ قېتىمقى قېچىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى دەرھال ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىغا ۋە غەربىي شىمال بيۇروسىغا دوكلات قىلدى ھەمدە مەركىزىي كومىتېت ۋە غەربىي شىمال بيۇروسىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن چېگرا مۇداپىئە كۈچلىرىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە ئىلى، تارباغاتاي ۋىلايەتلىرىگە خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، ۋەقەنىڭ يەنىمۇ كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالدى. گوۋۇيۇەن زۇڭلىسى جۇ ئېنلەي شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارى جاڭ جۇڭخەينى بېيجىڭغا چاقىرتىپ، بىڭتۇەننىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق جايلاردا چېگرا ئاھالىسىنىڭ چەت ئەلگە قېچىشىنى نەسىھەت قىلىپ توسۇش بىلەن بىرگە، چېگرا ئاھالىسى قېچىپ كېتىش سەۋەبىدىن تاشلىنىپ قالغان جايلاردا دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 1962 - يىل 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن 22 - كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە شىمالىي شىنجاڭ رايونى خىزمەت يىغىنى ئېچىپ، بۇ قېتىمقى ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى مۇزاكىرە قىلدى، يىغىندا مەركەزنىڭ يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى، يىغىن ئەھلى بىردەك  بۇ قېتىمقى ۋەقەنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دائىرلىرى پىلانلىق، تەشكىللىك، قەدەم - باسقۇچلۇق ھالدا پەيدا قىلغان، شۇڭا بۇ ۋەقەدىن كېلىپ چىققان بارلىق ئاقىۋەتكە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دائىرلىرى مەسئۇل بولۇشى كېرەك، دەپ قارىدى. يىغىندا يەنە سوۋېت مۇھاجىرلار ئۇيۇشمىسىنى بىكار قىلىش، چېگرا مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چېگرا رايونلاردا ئىشلەپچىقىرىشنى تېزرەك ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر نۇقتىلىق ھالدا مۇھاكىمە قىلىنىپ مەخسۇس قارار چىقىرىلدى.


جايلاردىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىمۇ نۇرغۇن خىزمەت ئىشلەپ، كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان زىياننى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئازايتىشقا تىرىشتى. مەسىلەن: ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكوم «جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، چېگرا ئاھالىسىنىڭ چەتكە قېچىشىنى توسۇش ھەققىدىكى پىكىر»، «چۆچەك، چاغانتوقاي ناھىيىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدە جىددىي ئۇقتۇرۇش» قاتارلىق ھۆججەتلەرنى تارقاتتى ھەمدە زور بىر تۈركۈم كادىر ئاجرىتىپ، بىر تەرەپتىن ئاممىغا قاچماسلىق ھەققىدە نەسىھەت قىلدى، يەنە بىر تەرەپتىن چېگرا ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇنى ئاقسىتىپ قويماسلىققا تىرىشتى. بۇ جەرياندا چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ سۆھبەت ۋەكىللىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ سۆھبەت ۋەكىللىرى بىلەن چېگرا ئاھالىسىنىڭ چەت ئەلگە قېچىشىنى بىرلىكتە توسۇش ھەققىدە بەخت(باقتۇ)ئېغىزىدا ئۈچ قېتىم ئۇچرىشىپ سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ ئۈنۈمى بولمىدى. دۆربىلجىن ناھىيىلىك پارتكوم ۋە خەلق كومىتېتىمۇ ۋەقەنىڭ تەرەققىياتىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلدى. ۋەقە كۆرۈلۈش بىلەنلا «تەشۋىق قىلىش، تەربىيە بېرىش، نەسىھەت قىلىش، زەربە بېرىش» فاڭجېنىنى تۈزۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ئىسمائىل كېرەمنىڭ باشچىلىقىدا چەتكە قېچىشنى توسۇش كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇردى. بۇ گۇرۇپپا ناھىيىلىك پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ۋە ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرىغا زىچ ماسلىشىپ 600 نەچچە تەشۋىقات ئاكتىپىنى تېزلىكتە تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈپ چىقتى. بۇ تەشۋىقاتچىلار ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەشۋىق -


تەربىيىنى قانات يايدۇردى، ناھىيە بويىچە ئاممىنىڭ تەربىيە ئېلىش نىسبىتى %90تىن، تارباغاتاي ۋىلايىتى بويىچە ئاممىنىڭ تەربىيە ئېلىش نىسبىتى %95تىن ئاشتى. تەشۋىق قىلىش، تەربىيە بېرىش، خىزمەت ئىشلەش ۋە نەسىھەت قىلىپ توسۇش نەتىجىسىدە، تارباغاتاي ۋىلايىتى بويىچە ئون نەچچە قېتىملىق چېگرىدىن كوللېكتىپ قېچىش ۋەقەسىنىڭ ئالدى ئېلىنىپ، 14 مىڭ 675 ئادەمنىڭ چېگرىدىن ئۆتۈپ قېچىپ كېتىشى توسۇپ قېلىندى ۋە يۇرت - ماكانىغا قايتۇرۇلدى. ئىلى ۋىلايىتى تەرەپتىنمۇ 1061 ئادەم چېگرا بويىدىن نەسىھەت بىلەن قايتۇرۇپ كېلىندى. گەپ ئاڭلىماي ئامما ئارىسىدا داۋاملىق قۇتراتقۇلۇق قىلغان، قېچىشنى تەشكىللىگەن ئىنتايىن ئاز ساندىكى يامان غەرەزلىك كىشىلەرگە قانۇن بويىچە مۇناسىپ چارە كۆرۈلۈپ، ۋەزىيەتنىڭ  يەنىمۇ يامانلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدى ئېلىندى.


  5. خاتىمە


42 يىلنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە ھازىرمۇ تېخى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكىنى يوق. ۋەقە تەلتۆكۈس تىنچىتىلغاندىن كېيىن، جۇ ئېنلەي زۇڭلىنىڭ يوليورۇقى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارارىغا ئاساسەن، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك  4-، 5 -، 6 -، 7 -،  8 -، 10 - شىلىرى ۋە بىڭتۇەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىن 810 كادىر، 16 مىڭ 750 ئىشچى ئاجرىتىپ «ئۈچنى ۋاكالىتەن ئىشلەش»(ۋاكالىتەن تېرىش، ۋاكالىتەن بېقىش، ۋاكالىتەن باشقۇرۇش) خىزمەت ئەترىتى تەشكىللىدى، خىزمەت ئەترىتىگە 39 ئاپتوموبىل، 45 تراكتور ۋە كومبايىن سەپلەپ بەردى، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر چېگرا ئاھالىسى قېچىپ كەتكەنلىكتىن تاشلىنىپ قالغان 780 مىڭ مو يەردىكى زىرائەتنى ۋاكالىتەن پەرۋىش قىلدى، 420 مىڭ مو ئاق تاشلىنىپ قالغان يەرنى ۋاكالىتەن تېرىدى، تارقىلىپ كەتكەن 327 مىڭ تۇياق چارۋىنى يىغىۋېلىپ ۋاكالىتەن باقتى، جۇڭگو - سوۋېت چېگرىسىنى بويلاپ نۇرغۇن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىق تۇەن - مەيدانلىرىنى قۇرۇپ چىقىپ چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىشكە تېگىشلىك ھەسسە قوشتى.


«ئىلى - چۆچەك ۋەقەسى» جەريانىدا چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ھويلا - ئاراملىرى يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى تەرىپىدىن بىرمۇ بىر تىزىملىنىپ ۋاكالىتەن باشقۇرۇلدى. مەسىلەن: 1962 - يىلى «ئىلى -چۆچەك ۋەقەسى» يۈز بەرگەندىن كېيىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار يوليورۇقلىرىغا ئاساسەن چۆچەك شەھىرى چۆچەك بازىرىدىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىپ كەتكەن كىشىلەر قالدۇرۇپ كەتكەن ئۆي - مۈلۈكلەرنى تىزىملاشقا باشلاپ جەمئىي 289 ھويلا، 1246 ئېغىز ئۆي، 22 دۇكان، 99 ئىسكىلات، 96 لاپاس، يەتتە باغنى رويىخەتكە ئالدى ھەمدە ئايرىم - ئايرىم ئارخىپ تۇرغۇزدى. 1979 - يىلى ئاپتونوم رايوندا مۇھاجىرلار سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەندە، بۇ ئۆيلەرنىڭ بىر قىسمى مەملىكەت ئىچىدىكى قانۇنلۇق ۋارىسلىق قىلغۇچىلارغا قايتۇرۇپ بېرىلدى، مەملىكەت ئىچىدە قانۇنلۇق ۋارىسلىق قىلغۇچىلىرى يوق ئۆي - مۈلۈكلەرنى بولسا ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋاكالىتەن باشقۇرۇپ تۇردى. 1987 - يىل 4 - ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئاپتونوم رايون بويىچە مۇھاجىرلار سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋەزىپىسى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىپ، 11 مىڭ 662 ئائىلىنىڭ 379 مىڭ 513 كۋادرات مېتىرلىق ئۆيى قانۇنلۇق ۋارىسلىق قىلغۇچىلارغا قايتۇرۇپ بېرىلدى.



پايدىلانغان ماترىياللار:


1. «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى»(خەنزۇچە)، چېن كەيرېن تۈزگەن، ج ك پ پارتىيە تارىخى نەشرىياتى 1997 - يىل 9 - ئاي، بېيجىڭ 1 - نەشرى.


2. «تارباغاتاي ۋىلايىتى تەزكىرىسى»(خەنزۇچە)، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك تەزكىرە كومىتېتى تۈزگەن، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1997 - يىل 10 - ئاي، 1 - نەشرى.


3. «چۆچەك شەھىرى تەزكىرىسى»(خەنزۇچە)، چۆچەك شەھەرلىك تەزكىرە كومىتېتى تۈزگەن، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1995 - يىل 6 - ئاي 1 - نەشرى.


4. «قورغاس ناھىيىسى تەزكىرىسى»(خەنزۇچە)، «قورغاس ناھىيىسى تەزكىرىسى»نى تۈزۈش ھەيئىتى تۈزگەن، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1998 - يىل 3 - ئاي، 1 - نەشرى.


5. «دۆربىلجىن ناھىيىسى تەزكىرىسى»(خەنزۇچە)، دۆربىلجىن ناھىيىلىك تەزكىرە كومىتېتى تۈزگەن، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000 - يىل 8 - ئاي، 1 - نەشرى.


6. «غۇلجا شەھىرى تەزكىرىسى» (خەنزۇچە)، غۇلجا شەھەرلىك تەزكىرە كومىتېتى تۈزگەن، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002 - يىل 10 - ئاي، 1 - نەشرى.


7. «شىنجاڭ ئومۇمىي تەزكىرىسى . ھەربىي ئىشلار تەزكىرىسى»(خەنزۇچە)، «شىنجاڭ ئومۇمىي تەزكىرىسى . ھەربىي ئىشلار تەزكىرىسى»نى تۈزۈش ھەيئىتى تۈزگەن، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1997- يىل 7 - ئاي، 1 - نەشرى.


8. «شىنجاڭ ئومۇمىي تەزكىرىسى . مۇھاجىرلار ئىشلىرى تەزكىرىسى»(خەنزۇچە)، «شىنجاڭ ئومۇمىي تەزكىرىسى . مۇھاجىرلار ئىشلىرى تەزكىرىسى»نى تۈزۈش ھەيئىتى تۈزگەن، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1994 - يىل 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، 1 - نەشرى.


9. «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە دائىر چوڭ ئىشلار»(خەنزۇچە)، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى تارىخ - تەزكىرە كومىتېتى تۈزگەن، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1995 - يىل 10 - ئاي، 1 - نەشرى.



«شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» ژۇرنىلى 2004 - يىل 2 - سانىدىن ئېلىندى.

ALFA07 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-26 17:04:11

مەن مۇنداق بىر قىزىقارلىق ئىشنى ئاڭلىغان .ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگۇ ھۆكىمىتى سوۋىت ھۆكىمىتىگە قەرىز ھىساۋىدا نۇرغۇنلىغان بۇغداي بېرىش ئۈچۈن ئاپارغاندا سېۋېتلىكلەر بۇغداينىڭ سۈپتىدە مەسلە باركەن دەپ ئالىغىلى ئۇنىمىغان .بىر قىسىم رەھبەرلەر بۇنى دۆلەت ئىچىدە ئىستىمال قىلۋىتىشنى ئوتتۇرىغاقويغان بولسىمۇ  لېكىن بىزنىڭ جۇ زۇڭلىيىمىز  ئاشۇ كۆك كۆز  ئورۇسلار يىمىگەنى بىز يەيمىزما دەپ  دېڭىزغا تۆكىۋەتكەن ئىكەن .قىزىق يېرى ئەينى ۋاقىتلاردا جۇڭگۇ ئاچارچىلىقتا قالغان دەۋىرلەركەن .پۇخرالار ئۇنداقراق ئاشلىقلار نى ئاساسەن يىيەلمەيدىكەن .

ALFA07 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-26 17:08:01

ئاشۇ دەۋىرلەردە غۇلجا خەلقلىرى سېۋېتلىكلەر يېتىپ تۇرۇپ تاماق يەيدىكەن دەپ ئاڭلاپ كۆپلىرى قچىقىپ چقىپ قارىسا راست دىگەندەك روسلار يېرىپ تۇرۇپ تاماق يەۋاتقان ئىكەن .كىيىن ئۇقسا ئۇلار بەك ئىشلەپ چارچاپ كەتكەنلىكىدىن شۇنداق يېتىپ تۇرۇپ تاماق يەيدىكەن. (چوڭلاردىن ئاڭلىغان ھە)

بەلكىم ھازىر ئۇياقتىكىلەرنىڭ كۈنى خېلى ياخشى پەرزىمچە.

nur يوللانغان ۋاقتى 2012-2-26 17:08:29

ئۆزىگە تىرىقتەك نەرسىنىمۇ ئالماستىن ھەممىنى خەقكە دۆڭگەپ كۆنۈپ قالغان ئۇلۇغ دۆلىتىمىز بار بىزنىڭ ھە~

ALFA07 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-26 17:11:37


2- قەۋەتتىكى ALFA07نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاشۇ دەۋىرلەردە غۇلجا خەلقلىرى سېۋېتلىكلەر يېتىپ تۇرۇپ تاماق يەيدىكەن دەپ ئاڭلاپ كۆپلىرى قچىقىپ چقىپ قارىسا راست دىگەندەك روسلار يېرىپ تۇرۇپ تاماق يەۋاتقان ئىكەن .كىيىن ئۇقسا ئۇلار بەك ئىشلەپ چارچاپ كەتكەنلىكىدىن شۇنداق يېتىپ تۇرۇپ تاماق يەيدىكەن. (چوڭلاردىن ئاڭلىغان ھە)

بەلكىم ھازىر ئۇياقتىكىلەرنىڭ كۈنى خېلى ياخشى پەرزىمچە.


نىمىنداق ئىملا  خاتىلقى كۆپ .بۇندىن كېيىن چوقۇم دىققەت قىلىمەن.(خىجىلچىلىقتىن يۈزى قېپقېزىل بولۇپ كەتكەن چىراي ئىپادىسى)




zimin00 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-26 17:29:13

چۇڭلاردىن ‹ماي ۋەقەسى›دەپ ئاڭلايتتۇق،،كىيىن ،چىگىرا تۇسۇلوپ  چىگىردىن قىچىش كۇنتۇرۇل قىلىنغاندىن كىيىن  1962-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۇنى ئاز ساندىكى يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ قۇترتىشى بىلەن ئىلى ئۇبلاستىلىق پارتىكۇمغا قۇرشاپ ھۇجۇم قىلىشى ۋەقەسى بۇلغان ئىكەن پارتىيە -ھۇكۇمەت دەل ۋاختىدا كەسكىن تەدبىر قۇللىنىپ بۇ ۋەقەنى تىنجىتقان ئىكەن ..

alip يوللانغان ۋاقتى 2012-2-26 17:34:16

دۆلىتىمىزنىڭ چېگرانى قوغدايدىغان ئەسكەرلىرى يوقمىكەنتۇق ئۇ ۋاقىتتا. سوۋېت ئەسكەرلىرى چېگرانى ئېچىۋەتسە جۇڭگو تەرەپتىكى ئەسكەرلەرچۇ؟

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-26 17:38:43

6- قەۋەتتىكى alipenwerنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

دۆلىتىمىزنىڭ چېگرانى قوغدايدىغان ئەسكەرلىرى يوقمىكەنتۇق ئۇ ۋاقىتتا. سوۋېت ئەسكەرلىرى چېگرانى ئېچىۋەتسە جۇڭگو تەرەپتىكى ئەسكەرلەرچۇ؟



قانداق قىلاتتى ،ھۆججەتنىڭ روھى بۇيىچە << قېرىنداشلار ، بەختىيار مەمۇرچىلىق زاماننى قەدىرلەپ ئۆيۈڭلەرگە قايتىپ كېتىڭلار >> دەپ << نەسىھەت >> قىلغاندۇ تايىنلىق ،ئەسكەر بولغاندىكىن....

zimin00 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-26 18:28:05

6- قەۋەتتىكى alipenwerنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

دۆلىتىمىزنىڭ چېگرانى قوغدايدىغان ئەسكەرلىرى يوقمىكەنتۇق ئۇ ۋاقىتتا. سوۋېت ئەسكەرلىرى چېگرانى ئېچىۋەتسە جۇڭگو تەرەپتىكى ئەسكەرلەرچۇ؟

---سۇۋىت-جۇڭگۇ چىگرا پاسلى نەچچە مىڭ كىلومىتر تۇرسا ئەسكەرلەر مىلتىقنى بۇيىنغا ئىسىۋىلىپ  بىر-بىرسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرامدۇ؟؟\"\"

alip يوللانغان ۋاقتى 2012-2-26 18:47:40

8- قەۋەتتىكى zimin00نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

6- قەۋەتتىكى alipenwerنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

دۆلىتىمىزنىڭ چېگرانى قوغدايدىغان ئەسكەرلىرى يوقمىكەنتۇق ئۇ ۋاقىتتا. سوۋېت ئەسكەرلىرى چېگرانى ئېچىۋەتسە جۇڭگو تەرەپتىكى ئەسكەرلەرچۇ؟

---سۇۋىت-جۇڭگۇ چىگرا پاسلى نەچچە مىڭ كىلومىتر تۇرسا ئەسكەرلەر مىلتىقنى بۇيىنغا ئىسىۋىلىپ  بىر-بىرسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرامدۇ؟؟\"\"


ما بالىنىڭ ھىجىيىپ كەتكىننى. بەك قىززىق تويۇلغان ئوخشىمامدا



ئۇ ۋەقەدىن بۇرۇن ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن ئەسكەرلەر شۇنداق قول تۇتۇشۇپ تۇرۇپتىمۇ؟


ھازىرمۇ ئەسكەرلەر قول تۇتۇشۇپ تۇرمايدۇ، چېگىرا ئېغىزى ئەمەس يەردىن ئۆتۈپ بېقىڭە، ئۆتەلەمسىزكى

zimin00 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-26 18:53:47

9- قەۋەتتىكى alipenwerنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

8- قەۋەتتىكى zimin00نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

6- قەۋەتتىكى alipenwerنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

دۆلىتىمىزنىڭ چېگرانى قوغدايدىغان ئەسكەرلىرى يوقمىكەنتۇق ئۇ ۋاقىتتا. سوۋېت ئەسكەرلىرى چېگرانى ئېچىۋەتسە جۇڭگو تەرەپتىكى ئەسكەرلەرچۇ؟

---سۇۋىت-جۇڭگۇ چىگرا پاسلى نەچچە مىڭ كىلومىتر تۇرسا ئەسكەرلەر مىلتىقنى بۇيىنغا ئىسىۋىلىپ  بىر-بىرسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرامدۇ؟؟\"\"


ما بالىنىڭ ھىجىيىپ كەتكىننى. بەك قىززىق تويۇلغان ئوخشىمامدا



ئۇ ۋەقەدىن بۇرۇن ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن ئەسكەرلەر شۇنداق قول تۇتۇشۇپ تۇرۇپتىمۇ؟


ھازىرمۇ ئەسكەرلەر قول تۇتۇشۇپ تۇرمايدۇ، چېگىرا ئېغىزى ئەمەس يەردىن ئۆتۈپ بېقىڭە، ئۆتەلەمسىزكى



---چىگىرا مۇداپىيە ئەسكەرلىرى چىگىرا ئىغىزىدا گازارما قۇرۇپ مۇقىم تۇرىدۇ ،باشقا ۋاقىتلاردا چىگىرانى چارلاپ تۇرىدۇ،،چارلاپ تۇرىدۇ دىگەنلىك نەچچە مىڭ كىلومىتر چىگىرانى تۇختىماي چارلايدۇ دىگەنلىك ئەمەس،،بۇنداق قىلىشقا نۇرغۇن ئەسكەر كىتىدۇ ،،،


چىگرانى قۇغداشتا چىگىرانىڭ ھەر ئىككىلا تەرپىدىكى ئەسكەرلەر ماسلاشمىسا چىگىرا مۇداپىسىنى قۇغدىماق تەس،،ھەم كىلىپ بۇنداق زۇر مۇساپىرلارغا ئەسكەرلەر ئۇق چىقرىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس..شۇ سەۋەبلەردىن نۇرغۇن كىشى ۋەتەندىن يۇز ئۇرۇپ قىچىپ كەتكەن دەپ قارايمەن..

alip يوللانغان ۋاقتى 2012-2-26 19:18:44

يوقاردا ماقالىنى يازغۇچى پۈتۈن گۇناھنى سوۋېت ئىتتپاقىغا دۆڭگەپ قويۇپتۇ. ئەمەلىيەت ئۇنداق بولۇشى ناتايىن.

شۇ يىللاردا ياشىغان پىشەقەدەملەرنىڭ شۇ ھەقتىكى پارىڭىدىن «قاچ-قاچ» بولغان زامانلاردا، «چىگرانى ئېچىۋەتكەندە» دېگەندەك سۆزلەر ئېسىمدە قاپتىكەن.

بىر بوۋاي شۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەرگەن.

سوۋېت تەرەپكە ئۆتۈش ئۈچۈن ئەسكەرلەر ھەيدەپ يۇمشىتىۋەتكەن بىر يەردىن ئۆتۈش كېرەك ئىكەن. شۇڭا دۈمبىسىگە يەيدىغان، ئىچىدىغاننى ئېلىۋېلىپ شۇ توپلىقتا توختاپ قالماي مېڭىشى كېرەك ئىكەن. توختاپلا قالسا توپىغا پېتىپ چىقالماي ئۆلىدىكەن.

ئۇ بوۋاي بىلەن يەنە بىر خوشىنىسى شۇ مەقسەتتە مېڭىپ، شۇ يەرگە بېرىپ خوشنىسى ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئۇ بوۋاي توپىلىقتىن قورقۇپ كەينىگە يېنىپ كەپتىكەن.

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2012-2-26 19:39:04

1962-يىللاردىكى ئاپەت تەبىي ئاپەتمۇ ياكى ماۋنىڭ «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش» تەك قارىغۇلارچە سىياسىتىدىن كىلىپ چىققان «ئادەمى ئاپەت» مۇ بۇنى ئويلىشىپ بىقىش كىرەك. پۈتۈن جۇڭگۇ تەۋەسىدە، ھەتتا يۇرتىمىزدىمۇ قانچە كىشى ئاچلىقتىن ئۆلگەن بۇنى ھۆكۈمەت بىلىدۇ.

ئاندىن بارچە قۇشلار تەڭ سايراش دەپ قويۇپ ئاندىن سايرىغان قۇشلارنى بىر بىرلەپ چەتكە باغلانغان ئۇنسۇر، مىللەتچى، يەرلىك پومشچىك دىگەندەك ناملار بىلەن يوقاتقان بۇ ئىشلارنىڭ يەرلىك خەلىققە قانچىلىق قورقۇنىچ ھەم ئىشەنمەسلىك ئىلىپ كەلگەنلىكىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلسا بولماس.

ئۇندىن باشقا ھەر ۋاقىت قاتتىق قوغدىلدىغان چىگرىنىڭ ئۇ ۋاقىتلاردا ئىچىلىپ قىلىشى ، بۈگۈنكى كۈنلەردىمۇ چىگرىدىن قاچقانلارنى ئاتىدىغان ئارمىيەنىڭ ئۇ ۋاقىتلاردا خەلىقنى توسماسلىقى ئادەمنى ئەجەبلەندۈردىكەن.

urdek يوللانغان ۋاقتى 2012-2-26 19:55:31

گەپ دەپلا يازىۋىرىدىكەن ئېۋۇ ماقالە ئاپتورلىرى،

    غۇلجىدىن ئادەم قاچسا 1500 كىلومىتىر نېرىدىكى باي ناھىيەسىدە  بىر ئايال ھاكىمنىڭ ((بەلنى چىڭ باغلاپ چامغۇر يېيشىمىز كىرەك ،))دىگەن بۇيرىغى بىلەن پۇتۇن باي خەلقى نىمە ئۇچۇن ئاچ قالىدۇ؟ ھەم قانچىلىغان ئادەملەر ئۇلۇپ كىتىدۇ؟

  ھەجەپ بۇ توغرىدا تەتقىقات ماقالىسى يازاممايدىكىنا ئاۋۇ ((ئاكادىمىكلار))؟

elwida يوللانغان ۋاقتى 2012-2-26 20:09:51

13- قەۋەتتىكى urdekنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

گەپ دەپلا يازىۋىرىدىكەن ئېۋۇ ماقالە ئاپتورلىرى،

غۇلجىدىن ئادەم قاچسا 1500 كىلومىتىر نېرىدىكى باي ناھىيەسىدە بىر ئايال ھاكىمنىڭ ((بەلنى چىڭ باغلاپ چامغۇر يېيشىمىز كىرەك ،))دىگەن بۇيرىغى بىلەن پۇتۇن باي خەلقى نىمە ئۇچۇن ئاچ قالىدۇ؟ ھەم قانچىلىغان ئادەملەر ئۇلۇپ كىتىدۇ؟

ھەجەپ بۇ توغرىدا تەتقىقات ماقالىسى يازاممايدىكىنا ئاۋۇ ((ئاكادىمىكلار))؟




بۇ ئىنكاسنى نادىرلىۋەتتىم !

qeyseri يوللانغان ۋاقتى 2012-2-26 20:23:08

13- قەۋەتتىكى urdekنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

گەپ دەپلا يازىۋىرىدىكەن ئېۋۇ ماقالە ئاپتورلىرى،

غۇلجىدىن ئادەم قاچسا 1500 كىلومىتىر نېرىدىكى باي ناھىيەسىدە بىر ئايال ھاكىمنىڭ ((بەلنى چىڭ باغلاپ چامغۇر يېيشىمىز كىرەك ،))دىگەن بۇيرىغى بىلەن پۇتۇن باي خەلقى نىمە ئۇچۇن ئاچ قالىدۇ؟ ھەم قانچىلىغان ئادەملەر ئۇلۇپ كىتىدۇ؟

ھەجەپ بۇ توغرىدا تەتقىقات ماقالىسى يازاممايدىكىنا ئاۋۇ ((ئاكادىمىكلار))؟



شۇ ۋاقىتتا بايدىكى رەھبەر يولداشنىڭ ئىسىمىنى ساۋرۈي دېۋاتامتى شۇ تارىخ ئوقۇتقۇچىمىز...

forever يوللانغان ۋاقتى 2012-2-26 20:26:13

دۇنيادىكى ھەممە دۆلەتلەر ئارىسىدىكى چېگرىنى بىكار قىلىۋەتكەن بولسا-ھە!(ئوڭدا يېتىپ خىيال قىلىۋاتقان ئىپادە)

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2012-2-26 20:30:34

دىمىسىمۇ غۇلجا دەپ يىزىپ بوغىچە كۆچ-كۆچ چىقىدۇ كەينىدىن، كۆچ-كۆچ توغىرسىدىكى مەزمۇنلانى بەك كۆپتۈرۈپ ۋەتمەسلىكنى ئۆتىنىمەن،

‹ئىلى خەلقى چوڭ كۆچۈشى›،‹ئۈچ قېتىم كۆچىشى›،‹جەنۇپ خەلقىنىڭ ئىلى ۋادىسىغا كۆچىشى›دىگەنلەنى توختىماي يىزىپ،بىر كۈنى روسلا بىلەن قازاقلا ‹ئىلى ،يەتتە سۇ رايۇنى بىزنىڭ يىرىمىزدى ›دەپ تۇرۋالمىسا بولاتتىغۇ، \"\"

مىنىڭ ئانا تەرەپ قىرىنداشلىرىمنىڭ كۆپى شۇ ياقتا، ھازىر ئۇلانىڭمۇ كۈنى چاغلىقكەن ماشىنىسى بولسىلا باي بولمىسا كىرەك،قازاقىستاندا ھەر 36ئادەمگە بىر ماشىنا توغرا كىلەمىش،جوڭگودا يۈز ئادەمگە بىر(كوچا خەۋىرى ھە)

izdinishezasi يوللانغان ۋاقتى 2012-2-26 21:19:26

niyazdixanنىڭ تېمىسىدىن نەقىل

شۇ يىلى 3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى قورغاس ناھىيىسى چىڭسىخوزا گۇڭشې 5 - چوڭ ئەترەت 3 - كىچىك ئەترەتتىكى گۇڭشې ئەزالىرىدىن ئۈچ كىشى ھېچقانداق توسالغۇسىزلا چېگرىدىن  ئۆتۈپ كەتتى..





ماۋۇ گەپ جەپەڭجۇنلارغا قارا سۈرتكەنلىكمۇ قاندا؟ چىگىرىدا توسىدىغانغا ئەسكەر يوق، دىگەن قاندا گەپ ئەمدى؟ ياكى چاغان مەزگىلى بولمىغىيدى؟


Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2012-2-26 21:21:06

ھەممىسى مۇساپىرلار(难民) ئىكەنغۇ،
بەت: [1] 2
: «ئىلى -چۆچەك ۋەقەسى»نىڭ باش - ئاخىرى