ۋرد ھەققىدە ياردەم
ۋوردتا ماقالە ئۇرۇۋاتقانتىم.خەت يازسام بىر ئوبدان،لېكىن كۆچۈرۈش،چاپلاش،تاللاش،قايتۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى
ئىشلىتەلمەيۋاتىمەن،كۇنۇپكا تاختىسى خەت بېسىشقا ئىشلەپ،مۇشۇ ئىقتىدارلارغا ئىشلىمەيۋاتىدۇ.
نەدىن ئوڭشايمەن؟
بۇنداق ئىشقا يولۇقۇپ باقماپتىكەنمەن، ctrl+c بولسىغۇ كۆچۈرىدۇ، ctrl+v بولسا چاپلايدۇ شۇ مەن ئىلگىرى يولۇققان،كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغىتىۋەتسەم ئوڭشالغان ئىدى مەن كۆپ قېتىم يولۇققان. ئامال بولماي ۋوردنى قايتا قاچىلىغان. ۋورد تۈگەپ كەتتىمۇيە؟ قايتا قاچىلاڭ...مۇشۇنداق ئوڭشالغان مېنىڭكىمۇ.... مەنمۇ بىرەر يىل ئاۋال سىزدەك ئەھۋالغا يولۇقۇپ. سېستىمىنى قايتا قاچىلاپ قۇتۇلغان. بەلكىم ئىش ئۇنچە مۇرەككەپ ئەمەستۇ،ctrlكۇنۇپكىسى بېسىلىۋاتامدۇ؟ word نى قوزغۇتۇپ 工具 تىزىملكىدىن 自定义 دىكى 键盘 نى تاللاڭ، ئاندىن 类别 دىن سىز ئىشلەتكەكچى بولغان بۇيرۇقنى تاللايسىز.ئوڭ تەرەپتىكى 命令 دىن شۇ تۈرنىڭ بۇيرۇق ھالىتنى تاللاپ سىز تەڭشىمەكچى بولغان بېرىكمە كۇنۇپكىنى بېسىپ 决定 قىلىۋەتسىڭىز بولىدۇ... قايسى كىرگۈزگۈچلەر قاچىلاغلىق؟شۇ چاغدا قوزغىتىغلىق دىتاللاردىن قايسىلىرى بار؟ office ھۆججىتى ساقلانغان مۇندەرىجىدىن normal.dotدىگەن ھۆججەتنى ئۈچۈرۋېتىڭ ،templatesدىگەن مۇندەرىجىنىڭ ئىچىدە بۇلىدۇ،يۇشۇرۇنغان بولسا يۇشۇرۇش خاسلىقىنى ئۆزگەرتىپ ئاندىن ئۈچۈرۋېتىپ wordنى قايتا قوزغاتسىڭىز ئوڭشىلىپ كىتىشى مۇمكىن. سىزنىڭ ۋورد نىڭ ئىشلىتىش ۋاقتى تۇشۇپتۇ . قايتىدىن سېتىۋالسىڭىز ياكى مىكروسوفت قا پۇل تۈلەپ نۇمۇر ئېلىپ كىرگۈزسىڭىز بۇلىدۇ . بولمىسا ئوغۇرلانغان نوسقىسىنى قايتا قاچىلاڭ ياكى ئوغۇرلاش دېتالىدا قايتا ئوغۇرلاڭ . 1.ھۆججەتنى تەھرىرلىگەندە ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى تىل تاللاش رامكىسى چۇقۇم ئېنگلىزچە ھالەتتە تۇرۇشى كېرەك بولمىسا شۇنداق نورمال تەھرىرلەنمەيدۇ.
2. ۋوردىڭىز ۋىرۇسلانغان. (بىر چاغدا مەنمۇ خەت چاپلىساملا خېللو دەپلا چىقىپ تۇراتتى)
مۇشۇ باھانىدە مەنمۇ بىر مەسىلىنى سورىۋالاي ... ۋودتتا ئۇيغۇرچە خەت يازسام ياكى كۆچۈرۈپ چاپلىسام خەتلەر قالايمىقان بوپ كېتىدۇ ... بۇنى ئوڭشاشنىڭ چارىسى نىمە ؟ yolyar:
ئەلكاتىپ قاچىلاقلىق.
ۋوردنى يۇيۇۋېتىپ باشقىدىن چۈشۈرۈپ قاچىلىدىم،يەنىلا ئوخشاش.
atella: سىز دېگەندەك قىلاي دېسەم كۆچۈرۈش،چاپلاش بۇيرۇقلىرىنى تاللىسام类别سىدىن مەخسۇس كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ بۇريۇق شەكلى چىقماي
normal.dotدېگەن نەرسە چىقىۋېلىپ بارىدۇ.
adam111:
normal.dotنى تېپىپ ئۆچۈرۈۋېتىپ قايتا قوزغاتساممۇ ئوخشاش.ئوڭشالمىدى.
ruzmuhammad:
تەھرىرلەش ھالىتىدە تىل رامكىسى ئىنگىلىزچە ھالەتتە ئىدى بولمىسا.
يامان ئىچىمنى سىقتى. WPSقا كۆچۈۋالدىم،ئۇمۇ بوپقالىدىكەن،شۇنىلا ئىشلەتكەچ تۇرايلا ئاۋال.ۋورد نى ئالدىرىماي ئوڭشىۋالارمەن.
لېكىن مۇنداق بىر مەسىلىگە يولۇقتۇم،كىچىك بولسىمۇ.
ۋوردتا يېزىلغان ھۈججەتنى WPSنورمال تونۇغان بىلەن،ئۇلاپ يازغان خەت نورمال كۆرۈنمەيدىكەن،يېزىپ بولۇپ قايتىدىن تاللاپ خەت نۇسخىنى تەڭشەپ
قويۇش كېرەككەن.بىۋاستە نورمال چىقىرىش ئۈچۈن قەيەرنى تەڭشەيمەن؟
ئېغىر كۆرمەي ياردەم قىلساڭلار. تۆنۈگۈن ۋورد تا خەت يازغاندا كۇنۇپكا تاختىسىدىكى ئۆچۈرۈش، چاپلاش، كېسىش كۇنۇپكىلىرى ئىشلىمەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. بۈگۈن نورمال ئىشلەۋاتىدۇ. قانداق ئىش بۇ؟ سېستىمىدىكى گەپ مۇ يا؟
15- قەۋەتتىكى zaparistanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
WPSقا كۆچۈۋالدىم،ئۇمۇ بوپقالىدىكەن،شۇنىلا ئىشلەتكەچ تۇرايلا ئاۋال.ۋورد نى ئالدىرىماي ئوڭشىۋالارمەن.
يەنىلا ۋورد نى ئوڭشاشقا ئالدىراڭ ، WPS كە ئوخشاش چاپان ئالماشتۇرغان دىتاللارنى ئازراق ئىشلەتكەن ياخشى
17- قەۋەتتىكى alaibalaiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
15- قەۋەتتىكى zaparistanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
WPSقا كۆچۈۋالدىم،ئۇمۇ بوپقالىدىكەن،شۇنىلا ئىشلەتكەچ تۇرايلا ئاۋال.ۋورد نى ئالدىرىماي ئوڭشىۋالارمەن.
يەنىلا ۋورد نى ئوڭشاشقا ئالدىراڭ ، WPS كە ئوخشاش چاپان ئالماشتۇرغان دىتاللارنى ئازراق ئىشلەتكەن ياخشى
ئەتىگەندە سېستىمامنى يېڭىلىغانتىم،باھانىدە ۋوردنىمۇ قايتا قاچىلاپ ئوڭشىۋالدىم.
بەت:
[1]