paltahun يوللانغان ۋاقتى 2012-2-25 20:47:39

ئابدۇرىشىت تۇردىيوف

ئابدۇرىشىت تۇردىيوف 1920 - يىلى 4 - ئايدا ئاتۇشنىڭ تىجەن يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇ، ئائىلە تەربىيىسىدىن كېيىن 1931 - يىلى 9 - ئايغىچە تىجەن يېزىسىدا كونا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1936 - يىلى 9 - ئايدا غۇلجىغا چىقىپ غۇلجىدا ئوقوغان. 1940 - يىلى 10 - ئاينىڭ ئۈرۈمچى ھەربىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرىپ1941 - يىلى 3 - ئايدا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. 1941 - يىلى 5 - ئايدا خوتەن ئىلچى گارنىزون باتالىيوندا لېيتېنانت ۋۇزۋوت كوماندىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 1942 - يىلى 5 - ئايدىن 1944 - يىلى 3 - ئايغىچە تاشقورغان چېگرا ئەترىتىدە لېيتېنانت شۆبە ئەترەت باشلىقى، ۋۇزۋوت كوماندىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 1944 - يىلى 3 - ئايدا ئۈرۈمچىگە يۆتكۈلۈپ كەلگەن. 1944 - يىلى 8 - ئايدا چۆچەككە يۆتكۈلۈپ، 1945 - يىلى 4 - ئايغىچە چۆچەك ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىنىستروكتور بولغان. 1945 - يىلى 4 - ئايدىن باشلاپ گومىنداڭغا قارشى يەر ئاستى تەشكىلاتقا قاتناشقان. كېيىن سېزىلىپ قېلىپ قولغا ئېلىنىپ قامالغان. 1945 - يىلى 8 - ئايدا ئۈچ ۋىلايەت پارتىزانلىرى چۆچەكنى ئازاد قىلغاندا، تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن. شۇ يىلى 9 - ئايدىن 11 - ئايغىچە چۆچەك ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، 11 - ئايدىن 1946 - يىلى 6 - ئايغىچە مىللىي ئارمىيە بىرىنچى باتالىيون كاماندىر بولغان ھەم شۇ ئۈچ ۋىلايەت بىرلىكسەپ ياشلاپ ئىتتىپاقىغا كىرگەن. 1946 - يىلى 6 - ئايدىن 1947 - يىلى 8 - ئايغىچە ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىنىڭ باش شىتاب باشلىقى، 1947 - يىلى 8 - ئايدىن 1948 - يىلى 8 - ئايغىچە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ئالتاي ھەربىي رايونى شىمالى يۆلىنىش فرونتىدا شىتاب باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن. ئىنقىلاب مەزگىلدە 1 - دەرىجىلىك ئىستىقلالىيەت ئالتۇن ئوردىنىغا، 2 - دەرىجىلىك ئىستىقلالىيەت ئوردىنىغا، ئازادلىقتىن كېيىن غەربىي شىمالنى ئازاد قىلىش كۈرەش مىدالىغا ئېرىشكەن.


1949 - يىلى شىنجاڭ دېموكراتىك ئىتتىپاققا ئەزا بولغان. 1952 - يىلى 8 - ئايدىن 1954 - يىلى 5 - ئايغىچە نەنجىڭ ھەربىي ئىنىستىتۇدىدا ئوقۇغان. 1954 - يىلى 5 - ئايدىن 1955 - يىلى 8 - ئايغىچە لەنجۇ ھەربىي رايونى شىمالىي شىنجاڭ ھەربىي رايونى ھەربىي تەييارلىق باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. 1955 - يىلى 11 - ئايدىن 1956 - يىلى 4 - ئايغىچە كورلا ۋىلايتىنىڭ بۈگۈر ناھىيىسدە ئالىي كوپېراتىپ قۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسىدا ئىشلىگەن.


1956 - يىلى 7 - ئايدىن 1957 - يىلى 8 - ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە كومىتېتىدا ئىشخانا مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 1957 - يىلى 8 - ئايدىن 1958 - يىلى 9 - ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنات سودا كوپېراتىۋى ئىشخانا مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 1958 - يىلى 9 - ئايدىن 1961 - يىلى 4 - ئايغىچە ئىككىنچى سودا نازارىتى ئىشخانا مۇدىرى بولغان.


1961 - يىلى 4 - ئايدىن 1963 - يىلى 8 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۈرلۈك ماللار شىركىتى خۇڭسەن ئاياق زاۋۇتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1963 - يىلى 8 - ئاينىڭ 1972 - يىلىغىچە شىنجاڭ تۈرلۈك ماللار شىركىتىدە تەرجىمانلىق، كاتىبات خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن.


ئابدۇرىشىت تۇردىيوف مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شىتابى ھەربىي تەييارلىق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، «ھەربىي تالانت ئىگىسى، بىلىمگە باي ھەربىي، رەھبەر ۋە قابىل ئوفىتسېر ئىدى». خەلقىمىز ئۇنىڭ ھەربىي ئىستىدادىن پەخىرلىنىدۇ. ئۇ، ئىنتىزامچان، تەشكىلاتچان كادىر بولۇپ، جەڭگىۋار قوراللارنىڭ خۇسۇسىيىتىنى پىشىشىق بىلەتتى ۋە ھەربىي تاكتىكا، ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئالاھىدە قابىلىيەتكە ئىگە ئوقۇتقۇچى ئىدى. ئۇنىڭ ئۆتكەن نەزەرىيە دەرسلىرىنى ئاڭلىغان ۋە ئەمەلىي مەشقىلىرىنى كۆرگەن ئوفىتسېرلار ئۇنىڭ ئىقتىدارىغا چىن دىلىدىن قايىل بولاتتى. ئۇ 1972 - يىلى ۋاپات بولدى.


ALFA07 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-25 21:33:55

شۇنداق قابىلىيەتلىك  (بولۇپمۇ  ھەربى جەھەتلەردە)بىر ئادەمنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرلىرىدا بىر شىركەتننىڭ تەرجىمانى ياكى كاتىپى بولۇپ ئىشلىگىنى مىنى ئويلاندۇرۇپ قويدى.

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-2-25 21:48:22

1- قەۋەتتىكى ALFA07نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

شۇنداق قابىلىيەتلىك (بولۇپمۇ ھەربى جەھەتلەردە)بىر ئادەمنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرلىرىدا بىر شىركەتننىڭ تەرجىمانى ياكى كاتىپى بولۇپ ئىشلىگىنى مىنى ئويلاندۇرۇپ قويدى.




شۇ ئەمەسمۇ ؟


مېنىڭچە ئارزۇ قىلغان كۈنلىرىنى كۈتۈپ كۆزى ئوچۇق كەتكەندەك قىلىدۇ بۇ كىشىنىڭ .

rasheed يوللانغان ۋاقتى 2012-2-25 21:59:50

1- قەۋەتتىكى ALFA07نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

شۇنداق قابىلىيەتلىك (بولۇپمۇ ھەربى جەھەتلەردە)بىر ئادەمنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرلىرىدا بىر شىركەتننىڭ تەرجىمانى ياكى كاتىپى بولۇپ ئىشلىگىنى مىنى ئويلاندۇرۇپ قويدى.



بەزىلەر \"دەۋىر قەھرىماننى يارىتىدۇ\" دېسە، بەزىلەر \"قەھرىمان دەۋىرنى يارىتىدۇ\" دەيدىكەن.


زامان چاقى چۆرگىلىسە بەلكىم ئىزدىنىشتىنمۇ ھەر ھەر گىنىراللار چىقىشى مۇمكىن. ئەڭ مۇھىمى مەيلى گىنىرال بولايلى ياكى ئاددى مايلامچى بولايلى ئابدۇرېھىم دۆلەتخان ئاكىمىز ئېيىتقاندەك \"ئۇيغۇرنى سۆيىدىغان بىر يۈرەك بولسىلا كۇپايە\". ئاشۇ نامسىز قەھرىمانلىرىمىزنى خەلقمىز ئەپسانىلەرگە، ھېكايەتلەرگە قوشۇپ ئەسلەپ تۇرۇپتۇ. بۇ ئىزنى گەرچە بۈگۈنكى \"ئىلغار، زامانىۋىي\" جەمئىيەتتىكى مېدىيە ۋاستىلىرى ئۇنتۇلۇپ قېلىۋاتقان بولسىمۇ تور دۇنياسىدا تەكرار تەكرار تېمىلار يېزىلىپ ئەسلەنمەكتە. دېمەك ئۇلارنىڭ قەبرىسى قەلبىمىزدە ئىكەن. بۇ قەبرىدىن دائىم بىر ئۈمىد، جاسارەت كۆكلەپ تۇرۇپتۇ.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-2-25 22:28:41

ئالىي مەكتەپنىڭ كومپيۇتېر كەسپىنى پۈتتۈرگەن ئادەمنى ئىدارىنىڭ خەت باسىدىغان ئىشىغا قويغاننى ئاڭلىغان.

ئىشقىلىپ ئۇنداق ئىشلار جىق بولغان.

بۇنى «ئايرۇپىلاندا يەر ھەيدەش » دەپ ئاتىۋالغانتىم.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-2-25 22:33:44

بۇرۇن تاشقا سودا شىركىتى،تۈرلۈك ماللار شىركىتى دىگەندەكلەر ھازىرقى مەمورىلارنىڭ خىزمەت ئورنىدىنمۇ باس باس بولغان

seyyah99 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-26 10:14:57

ئۈزى قىزىقىدىغان ، ئۈزى قىلالايدىغان ئىشلاردىن يىراقلاشتۇرۇلسا شۇ كىشىلەرنىڭ قىزغىنلىقىنى مەلۇم دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بۇلىدۇ . ئەلۋەتتە بۇنداقتا سىز بىلەن نان تالىشىشقا قاتنىشىدىغانلار ئاز بۇلىدۇ .

zimin00 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-26 17:53:19

تىما ئىگىسى پالتاخۇن بىزگە خىلى كوپ شەخسىلەرنى تۇنۇشتۇردىڭىز جۇمۇڭ،،،!  \"\"

tujjar365 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-26 22:11:25

سوپاخۇن  ۋە  تۇردىيۇفتەك  ھەربى  تەربىيە  كۆرگەن   ئاكىلىرىمىز  ھەرقانداق  ئورۇندا  ئىشلىسە  بولىدۇ  ، پەقەت  ھەربى  ساھەدە  ئىشلىمىسىلا  بەزى پەسلەر  سەل  خاتىرجەم  بولىدۇ شۇ \"\"
بەت: [1]
: ئابدۇرىشىت تۇردىيوف