ماتېماتىكىلىق يۇمۇرلار
(1)بىر ماتېماتىك باغچىدا لايىقى بىلەن سەيلى قىلىپ تۇرغاندا لايىقى سوراپتۇ :
........
___ قاراڭ ، ئاخىردا سورىۋالاي ، مىنىڭ يۇزۇمدە مۇشۇنداق سەپكۇنلەر تولا، مەن سەت بولساممۇ مىنى يەنە ياخشى كۆرەمسىز؟
ماتېماتىك :
___ ھېچقىسى يوق، مەن كىچىكىمدىن باشلاپلا مۇشۇنداق چېكىتلەر بىلەن ھەپىلىشىشقا ئامراق ئىدىم !
(2)
__ سەن دەپ باقە ، دۇنيادا ئەڭ پىخسىك ئادەملەر كىمۇ؟
__ ئەلۋەتتە ماتېماتىكلار-دە ، ئۇلار ھەتتە بىر مىللىمېتىرنىمۇ تالىشىدۇ !
3)
ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى:
__ سەن مۇشۇ ئاددىي ئېلىش ئەمىلىنىمۇ بىلمىدىڭمۇ ؟ ؛ مەسىلەن بىر مىسال كەلتۇرۇپ بىرەي _ سىلەرنىڭ ئۆيۇڭلەردە 10 ئالما بولۇپ ،ئۇنىڭدىن سەن 4 نى يەۋەتسەڭ نەتىجىسى قانداق بولىدۇ ؟
ئوقۇغۇچى ئۇخ تارىتقان ھالدا :
__ نەتىجىسى قانداق بولماقچىتى، بىر شاپىلاق يەيمەن شۇ !
(4)
ئىككى قىز ئوقۇغۇچى تولا پاراڭ قىلىپ دەرىسخانىنى قالايمىقان قىلىۋىتىپتۇ، بۇ نىڭدىن خاپا بولغان ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى:
__ ئىككى قىز بالىنىڭ ئاۋازى مىڭ ئۆردەكنىڭ ئاۋازىغا باراۋەر كىلىدىكەن_ دەپ دەرىستىن چۈشۈپ كىتىپتۇ. بىر دەمدىن كىيىن بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئايالى ئۇنى ئىزدەپ كەپتىكەن، ھىلىقى قىز ئوقۇغۇچىلاردىن بىرى ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسىغا خەۋەر قىلغىلى كىلىپ :
__ مۇئەللىم، تالادا سىزنى 500 ئۆردەك ئىزدەپ كەپتۇ - دەپتۇ !
(5)
ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچى:
__ بۇ گېئومىتىرىك مەسىلىنى سەن ئىسپاتلاپ باقە، بۇ بۇلۇڭنىڭ تىك بۇلۇڭ ئىكەنلىكىنى قانداق بىلىمىز؟
ئوقۇغۇچى:
__بۇلۇڭ ئۆلچىگۈچتە ئۆلچىسەكلا بولىدۇ.
(6)
چۇشتىن ئىلگىركى 4- سائەتلىك دەرىستە بىر ئوقۇغۇچىنىڭ قوسىقى ئىچىپ كىتىپ قاچان دەرىستىن چۇشەرمىز - دەپ روھسىز ئولتۇرغانىكەن، ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ئۇ ئوقۇغۇچىدىن تۇيۇقسىز سۇئال سوراپ قاپتۇ:
__ 1.130 نىڭ كەسىر چېكىتىنى ئوڭغا بىر خانە سۇرسەك قانداق بولىدۇ؟
ئوقۇغۇچى خۇشھال ھالدا :
__ چۇشلۇك تاماق ۋاقتى بولىدۇ.
(7)
ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى:
__ سىز جاۋاب بىقىڭا - 2 دىن بىرنى ئىلىۋەتسەك قانچە بولىدۇ؟
ئوقۇغۇچى:
__ بىر بولىدۇ.
ئوقۇتقۇچى : ياخشى ، ياخشى... ، يەنە جاۋاب بىرىپ بىقىڭ ؛ 10 دىن 10 نى ئىلىۋەتسەك نېمە قالىدۇ؟
ئوقۇغۇچى:
__ بىلەلمىدىم.
ئوقۇتقۇچى: سىز ئالدىرماي ئويلىنىپ بىقىڭ ، يانچۇقىڭىزدا 10تەڭگە بار دەيلى، ئەگەر سىز ئۇ 10 تەڭگىنى چۈشۇرۇپ قويسىڭىزچۇ؟
ئوقۇغۇچى:
__ بىلدىم مۇئەللىم ، تەڭگە چۈشۇپ قالغان كامار قالىدۇ.
(8)
بىر مۇپەتتىش مەلۇم يەسلىگە بىرىپ سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلاردىن سۇئال سوراپتۇ.
__ سىز دەپ بىقىڭا، 9 غا 6 نى كۆپەيتسەك قانچە بولىدۇ؟
__ 45 بولىدۇ .
__ ياخشى، ياخشى، ..كىچىك تۇرۇپمۇ مۇشۇنداق كۆپەيتىشنى ئۆگىنىۋاپسىز، ئۇنداقتا 6 غا 9 نى كۆپەيتسەك قانچە بولىدۇ؟
__ 54 بولىدۇ.
__ .......
(9)
ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى:
__ سىز دەپ بىقىڭا، سىز ساتىراچقا 3 سوم، سەيچىگە 7 سوم، ناۋايغا 6 سوم قەرىز بولۇپ قالغان بولسىڭىز ، جەمئى قانچە پۇل قەرىز بولغان بولىسىز؟
ئوقۇغۇچى:
__ جەمئى 0 سوم قەرىز بولىمەن، چۈنكى مەن ئائىلەمدىكىلەر بىلەن بۇگۇنلا باشقا شەھەرگە كۆچۈپ كەتمەكچى.
(10)
بالىسى دادىسىدىن سوراپتۇ:
__ دادا، 1 بىلەن 20 دىن قايسىسى چوڭ؟
دادىسى:
__ ئەلۋەتتە 20 چوڭ بولىدۇ-دە.
بالىسى:
__ ئۇنداقتا ياخشى، مەن بۇگۇنكى ماتېماتىكا ئىمتېھانىدا 20- بوپتىمەن !
مەنبە: خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىندى
نۆل ئالىمەن
بىر كۈنى بىر ئۇقۇغۇچىدىن دادىسى ماتىماتىكا نەتىجىسىنى سوراپتۇ:
-- ---ماتېماتىكا ئىمتاھاندا قانچە نۇمۇر ئالدىڭ .
ئوغلى:3نۇمۇر دا ....دەپ گىپىنىڭ ئاخىرىنى چۈشۈرۈپ بولغىچە دادىسى كاسسىغا پاق-پاق قىلىپ ئۈچنى تىپىپ سوراپتۇ:
-----كىلەركى قېتىم قانچە ئالىسەن دۆت!!!
ئوغلى:نۆل ئالىمەن.

ماۋۇ يۇمۇرنى ماتىماتىكىلىق يۇمۇرغا كىرەمدۇ يا؟

3- قەۋەتتىكى dunyajanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئوقۇتقۇچى ئىمتىھان ۋاقتىدا بىر ئوقۇغۇچىنىڭ كۆچۈرمىكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قېلىپ،ھۇدۇقۇپ كەتكىنىدىن كېكەچلەپ سەن...سەن...سەن...سەن كۆچۈرۈشكە پېتىندىڭمۇ؟ئورنۇڭدىن تۇر دەپتىكەن.شۇئان 4 ئوقۇغۇچى ئورنىدن تۇرۇپتۇ.
ماۋۇ يۇمۇرنى ماتىماتىكىلىق يۇمۇرغا كىرەمدۇ يا؟![]()
يۇمۇر ئارىسىدا 4 دىگەن سېفىر بار ئىكەن ، شۇڭا ماتىماتىكىغا كىرەمدىكىن . ( قېنى ماۋۇ كاللا دىسە پاقالچەك دەۋاتقان چىراي ئىپادىسى ؟)

3- قەۋەتتىكى dunyajanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئوقۇتقۇچى ئىمتى ...
ئەگەشتىم !
بەت:
[1]