ALFA07 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-24 21:42:39

يېڭسار

تور ئارىلاپ يۈرۈپ بۇ يازمىنى كۆرۈپ قالدىم. مەنمۇ يېڭسارلىق بولغانلىقىم ئۈچۈن بۇ تىمىنى كۆرۈپ كۆپ سۆيۈندۈم ۋە ئىزدىنىشتىكى دوسلارغا سۇندۇم.




ۋەدەم بويىچە يېڭىسارنىڭ قىسقىچە تەزكىرىسىنى ئۇرۇپ كىرگۈزۈشنى باشلىدىم. بۇ تىمىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم مەزمۇنلار يېڭىسار تەزكىرە ئىشخانسىدىكى يۇنۇس سەمەت تۈزۇپ چىققان ‹قەدىمىي دىيار-يېڭىسار› دىگەن كىتابتىن ئېلىندى. يېڭىسار ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەش تەزكىرە ئىشخانسى تۈزۈپ تارقاتقان ئىچكى ماتىريال. ش ئۇ ئا ر ئىچكى ماتىرياللارنى بېسىشقا روخسەت نومۇرى (2005-يىل) 375-نومۇر.

ئومومىي ئەھۋالى: يېڭىسار كوئىنلون تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان. ئۈرۈمچىگە بولغان ئارلىقى 1542كىلومېتىر، قەشقەرگە بولغان ئارلىقى 65كىلومېتىر. غەرب،جەنۇب تەرەپلىرى كوئىنلون تاغ تىزمىسى بىلەن تۇتاش شەرقتە تەكلىماكان قۇملۇقى بىلەن تۇتاش. يەر كۆلىمى 3900كۋادرات كىلومېتىر. 2003-يىللىق ئومۇمىي نوپۇسى 213338 ، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى %98،قالغىنى خەن،تۇڭگان،قىرغىزلار.يەنە ئازساندا موڭغۇل،قازاق،مانجۇ،شىۋە،روسلار بار. يېڭىسارنىڭ شەھەر يېزا،چولپان، ماڭشىن، لومپا، ئەگۈس، سيتىلە، ساغان، يېڭىيەر، ئوچار، سۆگەت، توپلۇق، قىزىل، ئىگىزيەر قاتارلىق 13 يېزىسى بار.

يېزا ئىگىلىكى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. داڭلىق مەھسۇلاتلىرىدىن سەمەت ئۈرۈكى،بادام،يېڭىسار پىچىقى بار. يېڭىسارنىڭ كوئىنلونغا تۇتاشقان ئىگىز يەر يېزىسى ئەتىراپىدىكى تاغلاردىن تۆمۈر،كۆمۈر،ھاك تاش رودىسى چىقىدۇ.تەكلىماكان بىلەن تۇتاش ساغان يېزىسىدا زور مىقتاردىكى نېفىت بايقالدى.

قول ھۆنەرۋەنچىلىك تەرەققىي قىلغان، يېڭىسارنىڭ ناۋاي، ئاشپەز،كۇلالچىلىرىنىڭ خېلى نامى بار.يېڭىسار ناھىيە بازىرى تەۋەسىدە ئات بازىرى،بىدە بازىرى،تاش بازىرى،قازانچىلىق،داشقاللىق دىگەن ناملاردىكى مەھەلىلەر بار. بۇلار ھەم سودا،قول ھۆنەرۋەنچىلىكنىڭ خېلى(نۇرغۇن نۇرغۇن يىللار) بۇرۇنلا راۋاجلانغانلىقىنىڭ ئىسپاتى.



تارىخى: يېڭىسار 2000يىللىق تارىخقا ئىگە مىلادىدىن 200يىل بۇرۇنىقى يىللاردىن تارتىپ قاراخانلار سۇلالىسىغىچە ئوسسار بەگلىكى دەپ ئاتالغان،بىز ھازىر ئاتاپ كېلىۋاتقان يېڭىسار شەھىرىمۇ 1000يىللىق تارىخقا ئىگە. قارخانىيلار سۇلالىسىنىڭ(850-1212) ئىسلامنى كېڭەيتىش جەريانىدىكى غازاتلىرى يەكەن(ياركەنت)يېڭىسار(يېڭى ھىسار) قاتارلىق جايلاردا كۆپرەك يۈز بەرگەن،(بۇ جايلار قارخانىيلار بىلەن مۇسۇلمان بولمىغان خوتەننىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغاچقا) 960-يىلى ئىككى قوشۇن ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشتا ئەسكى ھىسار(كونا قەلئە) ۋەيران بولغان. 1009-يىلى پادىشاھ يۈسۈپ قادىرخاننىڭ پەرمانى بويىچە ھازىرقى يېڭسار توپلۇق يېزىسى ئەتىراپىدا قورغان سالدۇرغان. كىيىن كېڭىيىپ شەھەر بولغان ،نامىنى يېڭى ھىسار(يېڭى قەلئە)دەپ ئاتىغان. كىيىنكى دەۋىرلەردىكى ئۇرۇشلار،موڭغۇل ئىستىلاسى سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇش داۋامىدىكى ئۇرۇشلار نەتىجىسىدە شەھەر ئورنى توختىماي يۆتكىلىپ تۇرغان. 1479-يىلى مىرزا ئابابەكرى شەھەر ئورنىنى ھازىرىقى يېڭىسارنىڭ ئورنىغا يۆتكەپ كەلگەن،ھەم شۇندىن تارتىپ ھازىرغىچە يۆتكىلىپ باقمىدى. 1514-يىلى چاغاتايخان ھۆكىمىرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان سەئىدخان يەكەننى پايىتەخت قىلىپ سەئىدىيە سۇلتانلىقىنى قۇرۇپ چىقتى. بۇ چاغدا يېڭىسار شەھىرى قەشقەرگە ئوخشاشلا بىۋاستە قاراشلىق شەھەر بولدى. شەھەر قىياپىتى يېڭىلىنىپ،گۈللىنىپ روناق تاپتى. ھۆنەر-سەنئەت،كەسىپلەر راۋاجلاندى. 1678-يىلى ئاپاق خوجا باشلاپ كەلگەن غالدان سرىن سەئىدىيە سولتانلىقىنىڭ زىمىنلىرىنى ئىگەللەپ،يېڭىسار بۇ قاتاردا قورچاق شاھ ئاپاق خوجا ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ ھۆكىمىرانلىقىغا ئۆتتى. 1755-يىلىدىن باشلاپ مانجۇ چىڭ ھۆكىمىتىنىڭ قارىمىغىغا ئۆتتى ۋە يېڭىساردا لەشكەر بېشى ئامبىلى قويۇلدى.

يېڭىسارغا تەسىر كۆرسەتكەن موھىم تارىخى ھادىسىلەر:

960-يىلى خوتەن ۋە قاراخانىلار ئوتتۇرسىدىكى ئۇرۇشتا ئەسكى ھېسار ۋەيران بولغان.

1009-يىلىدىن باشلاپ يېڭى ھىسار قايتىدىن بەرپا بولغان.

1218-يىلى قۇرغاقچىلىق تۇپەيلى شەھەر ئورنى يۆتكەلگەن.

1479-يىلى شەھەر ئورنى يەنە بىر قېتىم يۆتكەلگەن.

1514-يىلى سەئىدىيە خاندانلىقى مەزگىلىدە بىۋاستە قاراشلىق شەھەر بولغان.

1678-يىلى ئاپپاق خوجا ۋە موڭغۇللارغا تەۋە بولغان.

1755-يىلى مانجۇ چىڭ سۇلالىسىغا تەۋە بولغان.

1757-يىلى خوجا بورھانىدىن ۋە خوجا جاھان ئاكا-ئۇكا قوزغىلاڭ قىلغان.

1759-يىلى يېڭىسار قايتىدىن چىڭ ھۆكىمىتىگە تەۋە بولغان.

1826-يىلى خوجا بورھانىدىننىڭ نەۋرىسى جاھانگىر خوجا قوزغىلاڭ قىلىپ قەشقەر،يېڭىسار،يەكەن ۋە خوتەننى ئۆز ئىلكىگە ئالغان.

1827-يىلى قايتىدىن چىڭ ھۆكىمىتىگە تەۋە بولغان.

1830-يىلى قوقەنىت ۋە چىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى جەڭ بۇ رايونلاردا ئېلىپ بېرىلغان.

1839-يىلى جاھانگىر خوجا قايتىدىن قوشۇن باشلاپ چىڭ ھاكىمىيتىنىڭ قوشۇنلىرىنى قوغلاپ چىقارغان ھەم يەنە شۇ يىلى مەغلۇپ بولغان.

1864-يىلى ئومۇمىيۈزلۈك قوزغىلاڭ پارتىلاپ مانجۇ ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇپ تاشلانغان. 1865-يىلىدىن باشلاپ ياقوب بەگ سولتان بولغان.

1876-يىلى قايتىدىن چىڭ ھاكىمىيىتىگە تەۋە بولغان.

1911-يىلى جۇڭخۇا مىنگوغا تەۋە بولغان.

1932-يىلىدىن تارتىپ 1949-يىلىغىچە كۆپ قېتىم ئۇرۇشلار يۈزبەرگەن.

1949-يىلى جۇڭخۇا خەلق جومھوريىتى قۇرۇلدى.





1949-يىلىدىن كىيىنكى موھىم ۋەقەلەر:

1950-يىلى 3-ئايدا كونا ھۆكىمەتتىن ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۋالغان.

1951-يىلى ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىپ،زومىگەرلەرگە قارشى تۇرۇش ھەركىتى بولۇپ 15ئادەمگە ئولۈم جازاسى بېرىپ باستۇرۇلدى.

1954-يىلى ھازىرقى ئاقتۇ ناھىيسىگە تەۋە ئورۇنلار يېڭىساردىن ئايرىپ چىقىلىپ ئاقتۇ ناھىيسى قۇرۇلدى.

1957-يىلى ئىگىزيەردە جېلىل قارى باشچىلىقىدا توپىلاڭ يۈز بەردى.

1958-يىلى تۆمۈر تاۋلاش ھەركىتىدە يەرلىك پىچ-ئوچاقتىن 983ياسالغان.

1960-يىلى 10-ئايدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى يېڭى يېزىققا ئۆزگەرتىش باشلانغان.

1964-يىلى 2-نومۇرلۇق كىسەل تارقالغان.(ۋابا كېسىلى)

1966-يىلى 6-ئايدا مەدەنىيەت ئىنقىلابى گورۇپپىسى قۇرۇلۇپ پۈتۇن جوڭگۇدىكى مەدەنىيەت ئىنقىلابى بىلەن بىرلىشىپ كەتتى.

1973-يىلى 2-نومۇرلۇق كىسەل قايتا يۈزبەردى. 14ئادەم كېسەل سەۋەبى بىلەن قازا قىلدى.

1981-يىلى خەلق ھۆكىمىتى قايتا ئەسلىگە كەلدى.

1982-يىلى ئۇيغۇر كونا يېزىقى ئەسلىگە كەلدى.

1982-يىلى 9-ئايدا يۇل ياساش قۇرۇلىشىدا 37مېتىر دائىردىكى سېپىل ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ 29ئادەم قازا قىلدى،10ئادەم ئېغىر يارىدار بولدى.

1990-يىلى 6-ئايدا خوشنا ناھىيە ئاقتۇدا قوراللىق توپىلاڭ يۈز بەردى.

يېڭىسار خەلقىنىڭ تەركىبلىرى:تىلشۇناس ئبىراھىم مۇتئى 1982-يىلى ئېىلىپ بارغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە مۇنداق كۆرسىتىلگەن. يېڭىسارنىڭ تېتىر،سۆگەت،ئوچار يېزىلىرىدا پوشكال،ياما،مۇت،مۇتبەردى دىگەن سۆزلۈكلەرنى بايقىغان. پوشكال،ياما دىگەن سۆزلۈكلەر ياغما قەبىلىسىگە(قاراخانىيلار سۇلالىسىدىكى ھۆكىمىران قەبىلە)تەۋە سۆزلۈك. مۇت،مۇتبەردى بولسا قارلۇق قەبىلىسىگە مەنسۇپ خوتەنلىكلەرگە تەۋە سۆزلۈك.

يېڭىساردىكى ھەرقايسى يۇرتلاردىكى كىشىلەرنىڭ تەركىبى: ساغان،يېڭىيەرلىكلەر يۈسۈپقادىر تېگىن ماۋارائۈننەھىر دىن باشلاپ كەلگەن لەشكەرلەرنىڭ ئەۋلادى. قىزىلدىكى  ھاسا،ئارا مەھەللە، قورغانتام، قارامىساي، تېتىرمىچىت كەنتىدىكىلەر ئاتۇش شىۋىسىدە سۆزلىشىدۇ. بۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ئاتۇش ئىسلام لەشكەرلىرى. سىتلە ۋە ماڭشىننىڭ غوجائېىرىق كەنتىدىكىلەر قوقان،مەرغۇلان،نەمەنگاندىن كەلگەن سەئىد ئەۋلاتلىرى. سۆگەت يېزىسىغا قاراشلىق بەزى كەنتلەردە تەبىئى ئاپەت تۈپەيلى خوتەندىن كۆچۈپ كەلگەن كىشىلەر ئولتۇراقلاشغان،تىلىدا مۇت،مۇتبەر،قەھ دىگەندەك خوتەن تەلەپپۇزىدىكى سۆزلەر بار. دىمەك يېڭىسارنىڭ %98نى تەشكىل قىلغان ئۇيغۇرلار مىلادىدىن بۇرۇنقى ۋە كينىكى ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى ھىسابلىنىدۇ.  



يېڭىساردىكى لاۋا دىگەن نام ھەققىدە: لاۋا يېڭىسار شەھەر ئىچىنىڭ نامى، ‹لەۋھە› ئەرەبچىدىكى بايراق دىگەن سۆزنىڭ ئۆزگىرىشى. 1009-يىلى پادىشاھ يۈسۈپ قادىرخان يېڭى ھىسارنى بەرپا قىلغاندا سېپىل دەرۋازىسى ئۈستىگە ھەرە چىشلىق قىزىل دۆلەت بايرىقىنى ئاسقان. بايراقنى ئەرەبچە لەۋھە دەپ ئاتىغان. بۇ سۆز يېڭىسارنىڭ يەرلىك تىلىدا لاۋا دەپ ئۆزلىشىپ كەتكەن. لاۋاغا (بازارغا) بارىمىز، لاۋادىن كەلدۇق، لاۋا تاقاق ئىكەن.(شەھەر دەرۋازىسى تاقاق) دىيشكەن.  لاۋا دىگەن بۇ نام ھىلھەم ناھىيە شەھەر بازىرىنى كۆرسىتىپ خەلق تىل ئىستىمالىدا ئىشلتىلىۋاتىدۇ.



مەدەنيەت يادىكارلىقلىرى ۋە تارىخى ئىزلار:

مازارلار،  مازار ئەرەپچە سۆز بولۇپ «زىيارەت»«يوقلاش»دىگەن مەنىدە،بىزدىكى ئىستىمال مەنىسى بولسا  ئۇلۇغلارنىڭ قەبرىستانلىق،تۇپراق بېشى. بەزىدە ئادەتتىكى كشىلەرنىڭ تۇپراق بېشىمۇ مازار دەپ ئاتىلىدىغان ئەھۋال بار. يېڭىساردىكى مازارلار تۆۋەندىكىچە  ئوردام (مۇھەممەد سىيت ئەلى ئارسلانخان نىڭ قەبرىسى) شەھەر يېزا لەنگەر كەنتىدىكى چۈجە پادىشاھىم،  سۇلتان دەرىجە خېنىم، تېۋىز، قىزىل يېزىسىدىكى ھەزرىتى بەگ، سەرۋازلىرىم، ئەگۈس يېزا موغالدىكى قىز-ئاياللىرىم قاتارلىقلاردۇر. ئاياللارغا خاس بولغان مازارلاردىن (ئاياللار بېرىپ بالىلىق بولۇشنى،توي قىلىشنى تىلەيدىغان) بۈۋى مەريەم خېنىم، نۇرئەلانۇرخان خېنىم،سۇلتان دەرىجە خېنىم(ھەدىيە تۈركان خاتۇن)  ۋە قىز-ئاياللىرىم قاتارلىقلار بار.

يۇقارقى مازارلارنىڭ كۆپ قىسمى مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدا بۇزۇپ تاشلانغان. بۇ مازارلارغا ئائىت رىۋايەت،تارىخى مەزمۇنلار بەك كۆپ بولغاچقا ئىسمىنىلا ئاتاپ باشقا مەلۇماتلارنى بايان قىلمىدىم.  تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سورايمەن.

چولپان يېزىسىدىكى قۇم قىشلاق كەنتىدىكى خاسىيەتلىك ھاجەت قۇم. بۇنىڭ رىۋايىتى ئەسكى ھېسار(كوناھىسار) ئۇرۇشتا ۋەيران بولغاندىكىن كىيىن چولپانخان ئىسىملىك باي ئايال ئائىلىسىنى باشلاپ بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ موغالدىن سۇ باشلاپ كۆكەرتىپ يۇرت-مەھەللە بارلىققا كېلىپ ئاۋاتلاشقان. بۇ يۇرتنىڭ نامىنى مۇشۇ ئايالنىڭ نامى بىلەن چولپانخان مەھەللىسى دەپ ئاتىغان ئېرىقنى چولپانئېرىق دەپ ئاتىغان. كىيىن نۇرغۇن ساۋابلىق ئىشلارنى قىلغان بۇ ئايال  پالەچ بۇلۇپ ئاغرىق ئازابى تارتقاندا، بىر كۈنى بىر چۈش كۆرۈپتۇ، چۈشىدە مۇھەممەد سىىيت ئەلى ئارسلانخاننىڭ ئانىسى نۇرئەلانۇرخان چولپانخانغا: سەن نۇرغۇن ساۋابلىق ئىشلارنى قىلدىڭ، ئەل سەندىن رازى، ئەل رازى خۇدا رازى. مەن سەن ئۈچۈن كېسىلىڭگە شىپا بولىدىغان خاسىيەتلىك قۇمنى ئاللادىن تىلىدىم. قۇم سېنىڭ يېنىڭغا يۆتكەلدى، بېرىپ قۇمغا كۆمۈل، كېسىلىڭ شىپا تاپۇر دىگەن. دىگەندەك ئەتىسى بۇ يۇرتنىڭ ئاياق تەرپىدە بىر دۆۋە قۇم پەيدا بولۇپتۇ. چۈشىدىكى بىشارەتكە ئاساسەن چولپانخان قۇمغا كۆمۈلۈپ كېسىلى شىپا تىپىپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ كىشلەر بۇ قۇمغا كۆمۈلۇپ كېسىلىنى ساقايتىپتۇ.  بۇ خاسىيەتلىك ھاجەت قۇمنىڭ شىپالىق رولى ھەققىدە تىببىي ئىلىم ئەھلىلىرى قوياش نۇرى 6-ئايدىن تارتىپ 8-ئايغىچە بەك كۈچلۈك، ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرنى بۇ قۇم ئۆزىگە تىز ھەم كۆپ قوبۇل قىلغاچقا رىماتىزىم، سوغۇقتىن بولغان باش ئاغرىقى ۋە پالەچ كىسىلىگە مەنپەئەت، شىپا قىلىدۇ دەپ چۈشەندۈرگەن. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بۇ جايغا ئەھمىيەت بەرمىگەچكە بۇ قۇمنى باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىپ يۆتكەپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆپ، ھازىر بۇ قۇم يۇقاپ كېتەي دەپ قالدى.



يېڭىسارنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى:

سەمەت ئۈرۈك: سەمەت ئۈرۈكى مۇشۇ ئۈرۈكنى بەرپا قىلغان سەمەت ئىسىملىك كىشىنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدۇ. بۇنىڭدىن 150نەچچە يىل بۇرۇن ئەگۈسلۈك سەمەت ئىسىملىك دىھقان يىگىت دىيارىمىزنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىگە بېرىپ ئىشلەش جەريانىدا ئىسل ئۈرۈك تۈرلىرىنى كۆرگەن ھەم ئۆز يۇرتىغا ئېلىپ كېتىشنى بەك ئارزۇ قىلغان.  قايتىپ كېلىشىدە ھەرقايسى شەھەرلەردىن توپلىغان ئىسىل ئۈرۈك كۆچەتلىرىنى ۋە شاخ كۆزلەرنى مىڭ بىر مۇشەققەتلەر بىلەن يۇرتى ئەگۈسكە ئېلىپ كېلىپ كۆچۈرۈپ، قايتا -قايتا ئۇلاپ سىناق قىلىپ يېڭى ئۈرۈك تۈرىنى مەيدانغا چىقارغان. كىشىلەر بۇ ئۈرۈكنى كەشىپ قىلغان دىھقاننىڭ ئىسمى بىلەن سەمەت ئۈرۈك دەپ ئاتىغان.

يېڭىسار بادىمى: بادامنىڭ پىستە بادام، قەغەز بادام، تاش بادام، شاپتۇل بادام ۋە يىگىلى بولمايدىغان دورا ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئاچچىق بادام دىگەن تۈرلىرى بار. بادام شىپالىق رولى ئىنتايىن زور قۇرۇق مىۋە. ئۇنداقتا بادام قانداق بارلىققا كەلگەن ؟ پىشقەدەملەرنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، يېڭىسار مۇھىم ئۆتەڭلەرنىڭ بىرى بولغان، سودىگەرلەر داۋاملىق بۇ يەردىن ئۆتۈپ تۇرغان، بۇنىڭدىن 500 يىل بۇرۇن بىر پارىسلىق سودىگەر يېڭىسارغا كەلگەندە قاتتىق ئاغرىپ قالغان، يېڭىساردىكى ئۈلپەتلىرى ھالدىن ياخشى خەۋەر ئاپتۇ. ئىرىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقان ئايالى بىر سېۋەت بادامنى ئېلىپ يېڭىسارغا كەپتۇ. ئۇ كەلگەندە ئىرى ۋاپات بولغان ئىكەن. ئايال يېڭىسار خەلقىنىڭ ئېرىگە قىلغان ياخشىلىقىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئۆزى ئېلىپ كەلگەن بادامنى يېڭىسار خەلقىغە سوۋغات قىلىپتۇ ھەم تىكىپ ئۆستۈرۈش ئۇسۇلىنى ئۈگىتىپتۇ. شۇنىڭدىن كىيىن بادام باشقا يۇرتلارغىمۇ تارقىلىپتۇ.

پىچاق: يېڭىسار پىچىقىنىڭ نامى دىيارىمىزدا ۋە يات ئەللەردىمۇ خېلى داڭلىق. ئەڭ دەسلەپكى يېڭىسار پىچىقىنىڭ يۇرتى ماڭشىن يېزىسىنىڭ لەنگەر كەنتى. رىۋايەت قىلىنىشىچە لەنگەرلىك ئۆمەر ئاخۇن دىگەن داڭلىق تۆمۈرچى بار ئىكەن، ئۇ تۆمۈرنى سۇدەك ئىرىتىپ پىچاق سوقالايدىكەن، پىچاق بەك ئۆتكۈر،ياخشى سوقۇلغاچقا نامى بارا - بارا ھەممە جايلارغا تارقىلىپ شاگىرتلىرى كۆپىيىپتۇ. لەنگەرمۇ پىچاقچىلارنىڭ مەھەللىسى بولۇپ قاپتۇ.

كۇلالچىلىق: كۇلالچىلىق يېڭىساردا 2000يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. يېڭىسارنىڭ كۇلالچىلىقى ئۇسلۇبى ئاددى -ساددا، قەدىمىي، ساپال بويۇملارنىڭ رەڭگى ھەر خىل. بارلىق ساپال بويۇملار قول بىلەن ياسىلىدۇ، شۇنداق بولسىمۇ شەكلى تۈز، چوڭ -كىچىكلىكى ئوخشاش،ياسىلىشى چىرايلىق. ماڭشىن يېزىسىدا بىر خۇمدان بار، كۇلالچىلارنىڭ ئەۋلاتلىرىدىن ھازىر ئىلاخۇن ئائىلىسى، ئابدۇراھمان ئائىلىسى قاتارلىق ساناقلىقلا كىشىلەر قالغان. ھەممىسى ھۆنەر سەنئەتلىك كۇلال ياسايدۇ.



يېڭىسارنىڭ مائارىپ ئىشلىرى 16-ئەسىرىدىكى سەئىدىيە خاندانلىقى دەۋرىدە يوقلۇقتىن بارلىققا كىلىپ تەدرىجى تەرەققىي قىلغان. بۇ تىمىلارمۇ بەك ئۇزۇن بولغاچقا بېسىپ كىرگۈزۈپ بولالمىدىم، يەنە بىر قېتىم ئەپۇ سورايمەن. مەشھۇر كىشىلەردىن بىر قانچە مىسال، سابىر ئاخۇن خەلپىتىم (ناقىس) ،مۇقام ئۇستازى تۇردى ئاخۇن ۋە ئۇنىڭ دادىسى تەۋەككۈل ئاخۇن ئەلنەغمە. سابىر ئاخۇن خەلپىتىم(ناقىس) بىلەن تەۋەككۇل ئاخۇن ئەلنەغمە مۇقام ئاھاڭلىرىغا ئەلشىر ناۋائى،مەشرەپ،ھۈۋەيدا،زەلىلى قاتارلىق ئۇستازلارنىڭ ئەلگە تونۇش بولغان، كەڭ تارقالغان داستان ۋە خەلق قوشاقلىرىدىن مۇقامغا ماس كېلىدىغان نەزمىلەرنى رەتلەپ چىققان.  چۈشۈنۈكسىز بولغان، پارسچە ئېيتىلىدىغان نەزمىلەرنى،شەھۋانى قوشاقلارنى چىقىرىپ تاشلىغان، تېكىستسىز قالغان نەغمىلەرگە تىكىست بەلگىلەپ چىققان.



مەدىرىسەلەردىن خوجا جاھان، تاھىر بەگ، ھوشۇر ھىكىم بەگ، سامساق بەگ، دىۋانى ھاجى، ئابدۇكېرىم ھاجى قاتارلىق مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەر بىنا قىلغان شەرىئەت مەدرىسە، گۈللۈك ھويلا مەدرىسە، ئايدىڭكۆل مەدرىسە، ئات بازىرى مەدرىسە، ئستياكوچا مەدرىسە ۋە سېپىل ئارقى مەدرىسە قاتارلىق مەدرىسەلەر بار، ھەر قايسى يېزىلاردا 20 ئورۇندا كۆلىمى كىچىك مەدرىسەلەر بولغان. مەدرىسەلەردە سەرپ نەھۋى، ئاۋامىل(ئەرەب تىلى گىراماتىكىسى) ، ئىلمى ھەدىس(تەپسىرشۇناسلىق)، پەقىق ئىلمى(شەرىئەتشۇناسلىق)، مۇختىسەر(دىنىي ئىبادەتلەر ئۇسۇلى)، مۇشكات شىرىپ، ئىلمىي رىيازەت(ماتىماتىكا)، ئىلىمى تىپ( دوختۇرلۇق،تېۋىپ)، ئىلمىي مۇھەندىس(بىناكارلىق)،ئىلمىي نۇجۇم (ئاستۇرۇنومىيە) قاتارلىق ئىلىملار ئۈگىتىلگەن. بۇ مەدرىسەلەردە باشلانغۇچ مەكتەب(موللام مەكتىبى،ساۋات چىقىرىش ،ھەپتىيەك، قۇرئان، سوپى ئاللايار،خوجاھافىز قاتارلىقلار ئۈگىتىلىدۇ) پۈتتۈرۈپ چىققان ياشلار،ئوتتۇرا ياشلىقلار ئىلم تەھسىل قىلىشقان.


كەم قالغان مەزمۇنلارنى يېڭىسارلىق يۇرتداشلار تولۇقلاپ قويارسىلەر.



تېمىنىڭ ئەسلى ئاپتورى: ArislanMemet

yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-25 10:50:19

تىبابەتكە ئائىت تېما بولمىغاندىكىن باشقا سەھىپىگە يۆتكەپ قويۇڭلار...

esin يوللانغان ۋاقتى 2012-2-25 11:12:16

يېڭىسار---يېڭى قەلئە، يېڭىسارلىق بولساممۇ مۇشۇ ئىسىمنىڭ مەنىسىنى تازا بىلىپ كەتمەيتتىم. بۇرۇن يېڭىسانىڭ يۇرت ئىسمى توغرىسدا سا (قۇش) بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر رىۋايەتنى ئوقۇغان. لېكىن ئۇلار نىمىلا دىگەن بىلەن رىۋايەت....

yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-25 11:36:14

يېڭى + ھېسار = يېڭىسار

قەشقەرشەھرىدىمۇ ئەسكىھېسار دەپ يەر بارغۇ، ئەسكىسا دەپ قويىدۇ.

urdek يوللانغان ۋاقتى 2012-2-25 13:36:29

مانا بۇ تارىخ رەسمى ئۇيغۇرنىڭ قولىدا يېزىلغان، شۇڭا بۇرمىلاش يوق.قوللايمەن.

function يوللانغان ۋاقتى 2012-2-25 15:23:03

نۇرغۇن تارىخى ۋەقەلەر يۈز بەرگەن، قەشقەرنىڭ ئىشىكى بولغان يېڭىسار.

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2012-2-25 15:25:13

ئاقتۇ يېڭىسارغا تەۋە يېزا ئىكەندە ئەسلىدە؟ \"\"

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2012-2-25 15:52:58

مەن يېڭىسارلىق بولغان بىلەن كۆپ يېزىلىرىغا چىقىپ باقمىغان، ئەمما سۇغا چۈمۈلۈشكە ئەپلىك يېقىنلا يەردە ئىككى سۇ ئامبىرى بار، يازدا راھەت.

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2012-2-25 15:56:59

يېڭىسارنىڭ ئۈچ ئەڭگۇشتۇرى:  يېڭىسار پىچىقى، سەمەت ئۈرۈك....



يەنە بىرسى نېمىتى؟ تاپالمىدىم...

yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-25 15:59:57

دارۋازلىق

yalqun يوللانغان ۋاقتى 2012-2-25 16:32:50

8- قەۋەتتىكى matimatikaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يېڭىسارنىڭ ئۈچ ئەڭگۇشتۇرى: يېڭىسار پىچىقى، سەمەت ئۈرۈك....



يەنە بىرسى نېمىتى؟ تاپالمىدىم...

يېڭىسار بادىمىغۇ دەيمەن.


يېڭىسار- يېڭى قەلئە، يېڭى سېپىل دىگەن مەنىدە.


ئەسكىسار- كونا قەلئە، كونا سېپىل دىگەن مەنىدە. لېكىن ئەسكىسار دەپ ئىشلتىشىمىزمۇ توغرا.سەۋەبى- ئەسكى دىگەن سۆزنىڭ كونا دىگەن مەنىسىمۇ بار. مىسال ئۈچۈن ئالساق تىلىمىزدا ئەسكى سۆزى كونا دىگەن مەنىنى بىلدۈرۈپمۇ كېلىدۇ. مىسال:


-ئالە ئەسكى قەلمىڭىنى!


-تۇتە ئەسكى چاپىنىڭنى!


-ئەسكى تامنىڭ تۈۋىدە ئولتۇرۇپتىكەن، تام بېسىۋاپتۇ.


ھازىر تىلىمىزدا يەنە \" خۇي-پەيلى يامان\" قىلىقى ئەسكى\" كىشىلەرنى \" كونا\"\" دىگەن  مەنىدە كېلىۋاتقان \" ئەسكى\"\" سۆزى بىلەنمۇ ئىپادلەۋاتىمىز.


مىسال:


- ئەسكى بىر گۇي ئىكەن، ئۇرۇشۇپ قالدىم.


-نىمانداق ئەسكى ئادەم ئۇ ،توۋا...


-ئەسكىلىكىڭدىن ئىتنىڭ كۈنىنى كۆرۈۋاتىسەن...


.....


.....


بىراق ئۆزبېك خەلىقى \" ئەسكى\"\" سۆزىنى يەنىلا \" كونا\"\" دىگەن سۆزگە تەڭداش قىلىپ داۋاملىق ئىشلتىۋىتىپتۇ.ئۆزبېك تىلىدىكى بىر قىسىم ئەسەرلەرنى ئوقۇش جەرىياندا بۇنى ھېس قىلدىم.





yalqun يوللانغان ۋاقتى 2012-2-25 16:42:25

6- قەۋەتتىكى UyghurBalighنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاقتۇ يېڭىسارغا تەۋە يېزا ئىكەندە ئەسلىدە؟ \"\"



ھەئە، قىزىلسۇ ئوبلاسىت بولۇپ قۇرلۇشتىن بۇرۇن يېڭىسارغا تەئەللۇق ئىكەن. ئوبلاسىت قۇرۇلغاندىن كىيىن يېڭىساردىن  ئايرىۋىتىلىپ قىزىلسۇ ئوبلاسىتىغا قوشۇپ بېرىلىپ ئايرىم ناھىيە بولۇپ قۇرۇلۇپتىكەن.يېڭىشەر ناھىيسنىڭ يېڭىسارنىڭ سېتىلە، ساغان، يېڭىيەر، قىزىل قاتارلىق يېزالىرى تەرەپلەردىكى بىر قىسىم زېمىنلارمۇ يېڭىشەر ناھىيسىگە قوشۇۋىتىلگەن ئىكەن. مىسال پۈتۈن شىنجاڭغا مەشھۇر  \" ئوردام\"\"  ئەسلى يېڭىسار زېمىنى بولۇپ كىيىن يېڭىشەرگە قوشۇۋىتىلگەن ئىكەن، يېڭىشەرنىڭ \" سوغىلىق\"\" دىكى پىشقىدەملەرنىڭ ئېيىتىشچە \" سوغۇلۇق\"\" ئەسلى يېڭىسارغا قاراشلىق يۇرت بولۇپ كىيىن يېڭىشەرگە قوشۇۋىتىلگەن ئىكەن. بۇنى مەن پىشقەدەملەردىن ئاڭلىغانتىم. قالغىننى قانچىلىك راسىت تولۇق بىلمەيمەن.

yalqun يوللانغان ۋاقتى 2012-2-25 16:55:24

مەشھۇر كىشىلەردىن بىر قانچە مىسال، سابىر ئاخۇن خەلپىتىم (ناقىس) ،مۇقام ئۇستازى تۇردى ئاخۇن.

_ يازمىدىن ئېلىنغان نەقىل



يېڭىساردىن چىققان مەشھۇر شەخىسلەرنى يۇنۇسكام( يۇنۇس سەمەت) بۇ كىتاپقا تولۇق كىرگۈزمەپتۇ، ياكى يازما ئاپتۇرى ئۇنتۇپ قاپتۇ. مەن ئېسىمدە قالغىنى بويۇنچە تولۇقلاپ قوياي. مۇنبەرداشلار مېنى تار يۇرۇتۋازلىق نۇقتىسدىن چىقىپ  يېڭىسارنى داڭلاپ يۈرۈپتۇ دەپ ئويلىماسلىقىنى سورايمەن. ھەرگىزمۇ تار يۇرۇتۋازلىق نۇقتىسدىن چىقىپ ياكى باشقىچە ئوي غەرەز بىلەن بىر قىسىم كىشىلەرنى زورلاپ قىستۇرۇپ قويمىدىم. پەقەت بۇ بىر يۇرىتنىڭ قىسقىچە بولسىمۇ تەزكىرىسى ئىكەن،بىر قىسىم مەزمۇنلار تولۇقلىنىپ كەتسە ياخشىراقمىكىن دەپلا يېزىپ قويدۇم.

ALFA07 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-25 17:02:55

7- قەۋەتتىكى hx1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن يېڭىسارلىق بولغان بىلەن كۆپ يېزىلىرىغا چىقىپ باقمىغان، ئەمما سۇغا چۈمۈلۈشكە ئەپلىك يېقىنلا يەردە ئىككى سۇ ئامبىرى بار، يازدا راھەت.

سىز بىلەن تونۇشقانلىقىمدىن خۇشالمەن




bapkar يوللانغان ۋاقتى 2012-2-25 17:08:03

13- قەۋەتتىكى ALFA07نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

7- قەۋەتتىكى hx1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن يېڭىسارلىق بولغان بىلەن كۆپ يېزىلىرىغا چىقىپ باقمىغان، ئەمما سۇغا چۈمۈلۈشكە ئەپلىك يېقىنلا يەردە ئىككى سۇ ئامبىرى بار، يازدا راھەت.

سىز بىلەن تونۇشقانلىقىمدىن خۇشالمەن






دىدار غەنىمەت، بۇ مۇنبەردە يېڭسارلىق باللار كۆپ، مەن ھازىر ئاقتۇ ناھىيىسىدە تۇرۇۋاتىمەن.

yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-25 17:09:13

ما تېمىنى كۆرمىگەن مەن بىلىدىغان يېڭىسارلىقتىن يەنە تۆتى باركەن...

بىر يىغىلمامدۇق \"\"

yalqun يوللانغان ۋاقتى 2012-2-25 17:09:22

يېڭىساردىن چىققان بىر قىسىم مەشھۇر شەخىسلەر

قەھرىمانلار تۈرى:

(1)

1962-يىلى جوڭگۇ ھېندىستان ئۇرىشدا دۆلەتلىك 1-دەرجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن مەشھۇر كۆرەش قەھرىمانى: ئىسمائىل مەمەت

( بۇ ئادەم توغىرىسدا بىر رومان يېزىلسا،يېزىلسىمۇ قەلەم قۇۋىتى كۈچلۈك،ئەدەبىياتتا ئاساسى تولۇق، تالانتلىق يازغۇچىدىن بىرى يازسا ياخشى بىر تارىخى رومان پۈتۈپ قالاتتى-دە )

(2)

پەلەك شاھى ئادىل ھوشۇر

( ئادىل ھوشۇر توغىرىسدا مەرھۇم دوستىمىز باتۇر روزى« پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر» رومانىنى يازدى.)

(3)

تەكىلماكان مەلكىسى گۈلزۆھرە ئەبەيدۇللا

( تەكلىماكان  قۇملىقىدىن يۈگرەپ ئۆتكەن، بىر مەزگىل ئاخپارات ئورۇنلىرىدا قىززىق نۇقتا بولۇپ كەتكەن قىز شۇ)


yalqun يوللانغان ۋاقتى 2012-2-25 17:31:31

يېڭىسارلىق شائىر-يازغۇچىلار

1-ناقىس( سابىر ئاخۇن خەلپىتىم) مىللەتلەر نەشىرياتىدىن « دىۋان ناقىس» دىگەن شېئىرلار توپلىمىنى نەشىر قىلدى.ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئاخىرقى نامايەندىلىرىدىن بىرى.

2-ئابدۇرھىم ئىسمائىل( شېئىرلىرى تۈركىيەدە ئىلان قىلىنىپ خېلى تەسىر قوزغىغان ئىكەن چوڭلارنىڭ ئېيتىشچە. 1980 -يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرى ۋاپات بولۇپ كەتتى.« زەرەپشان چېچەكلىرى» قاتارلىق شېئىرلار توپلىمى بار)

3- ئابدۇللا ياقۇپ( «بىپەرۋا» دىگەن مەشھۇر ناخشىنىڭ تېكىستىنى يازغان  شائىر ئاكىمىز شۇ. «تىلدا دىيانەت. تىلدا خىيانەت» قاتالىق 5 پارچە شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان.ھازىر ھايات.

4-مۇھەممەت رەھىم تۇرسۇن( «قارا رومال» « بۈركۈتلەر ئانىسى» قاتارلىق ھىكايىلار توپلىمى بار. ھازىر ھايات. يېقىندا قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى تەرىپىدىن ئىككى قىسىملىق بىر تارىخى رومانى نەشىر قىلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ.

5- ئوبۇلاشىم قاسىم( «چاچىرغان چوغ» « بالا تەككەنلەر» قاتارلىق ھىكايە-مەسەللەر توپلىمنىڭ ئاپتۇرى. ھازىر ھايات

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2012-2-25 17:35:28

ئابدۇللا ياقۇپ مېنىڭ خوشنام بولىدۇ، 2010-يىلى كۈزدە پۇتى سۇنۇپ كېتىپتىكەن، قەشقەردىن كەلگۈچە خېلى پاراڭ سېلىشىپ كەلگەنتۇق.

yalqun يوللانغان ۋاقتى 2012-2-25 17:37:14


ئىنكاس تەكرار يوللىنىپ كېتىپ قاپتۇ،شۇڭا تەھرىرلەندى.









بەت: [1] 2 3
: يېڭسار