bapkar يوللانغان ۋاقتى 2012-2-24 15:09:42

كومپىيوتېردا كوت-كوت ئىجرا قىلدۇرماسلىق توغۇرلۇق ياردەم

مەن ئۆيۈمگە كەڭ بەلباغلىق تور ئەكىرگەن ئىدىم، ئۆيدىكى ئۇكىلىرىمنىڭ چ چ داپاراڭلىشىپ يۈرۈپ دەرىستىن چېكىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كومپىيوتېردا چ چ نىڭ ئىجرا بولۇشىنى چەكلەيدىغان قانداق ئۇسۇل ياكى دىتال بار؟ بىلىدىغانلار ياردەم قىلغان بولساڭلار.


مەن قاچىلىمىغان بىلەن ئۇلار قاچىلاشنى بىلىدۇ، شۇڭا چ چ ئىجرا قىلدۇرماسلىق ئەڭ ياخشى ئامال.  

function يوللانغان ۋاقتى 2012-2-24 15:31:53

خالىغانچە پايدىلنىڭ http://www.baidu.com/s?bs=%BD%FB%D6%B9qq&f=8&rsv_bp=1&rsv_spt=3&wd=%BD%FB%D3%C3QQ&inputT=4088

tuman1 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-24 15:33:46

ئۇكىلىرىڭىزنى بويتاق ئاشتى قىلاي دىگەنما  {:92:}

Qarluq يوللانغان ۋاقتى 2012-2-24 17:36:16

كومپىيوتىردا ئىجرا بۇلدىغان چ چ نى چەكلىۋەتكەن بىلەن تور بەت يۈزىدە ئىجرا بۇلدىغان چ چ نى چەكلەپ بۇلالمايسىز،

ياخشىسى بۇ نىيتىڭىزدىن يېنىڭ.

ئۇكىلىرىڭىزنىڭ تورغا چىقىش ۋاقتىدا چەكلىمە قۇيۇپ، كۆپرەك ئۆگۈنۈش قىلىشقا ئۈندەڭ.

yapraq يوللانغان ۋاقتى 2012-2-24 17:45:26

ھەي،ھازىرقى باللا يامان بوپ كەتتى دەيمەن، سىز تاش سانىسىڭىز ئۇلار قۇم سانايدۇ.ئەڭ ياخشىسى Qarluqدېگەندەك« تورغا چىقىش ۋاقتىدا چەكلىمە قۇيۇپ، كۆپرەك ئۆگۈنۈش قىلىشقا ئۈندەڭ» ،بۇ بولىدىغان ئۇسۇل....

Marshal يوللانغان ۋاقتى 2012-2-24 18:58:57

سىزمۇ ئۆزىڭىزنى كونترۇل قىلالمىسىڭىز،ئۇكىڭىز گېپىڭىزگە كىرەمدۇ  {:92:}

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2012-2-24 19:09:58

5- قەۋەتتىكى Yurtbexiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سىزمۇ ئۆزىڭىزنى كونترۇل قىلالمىسىڭىز،ئۇكىڭىز گېپىڭىزگە كىرەمدۇ  



مەن نىمە بوپتىمەن ئاخۇنۇم، ھەممىسى شۇ باللارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بولمامدۇ؟\"\"

Marshal يوللانغان ۋاقتى 2012-2-24 19:28:09

6- قەۋەتتىكى hx1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

5- قەۋەتتىكى Yurtbexiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سىزمۇ ئۆزىڭىزنى كونترۇل قىلالمىسىڭىز،ئۇكىڭىز گېپىڭىزگە كىرەمدۇ  



مەن نىمە بوپتىمەن ئاخۇنۇم، ھەممىسى شۇ باللارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بولمامدۇ؟\"\"


كومپىيۇتۇرغا مەخپىي نۇمۇر بەكىتىپ قۇيسىلا،ئۆزلىرى ئېچىپ بەرسىلا،بولمىسا،كومپىيۇتۇرنىڭ يېنىغا كەلمىسۇن\"\"




alip يوللانغان ۋاقتى 2012-2-24 19:43:00

1. كىيۇكىيۇنىڭ كىرىش كۆزنىكىدىكى تور سەپلىسىنى تەڭشەيدىغان يەرنى قالايمىقان تەڭشىۋېتىڭ. ۋاكالەتچى مۇلازېمىتىر، ئېغىز دېگەنلەرنى قالايمىقان قىلۋەتسىڭىز كىيۇكىيۇ ئىجرا بولسىمۇ تورغا چىقالمايدۇ.

2. 360 بىخەتەرلىك قورۇقچىسى دېگەندەك نازارەت دېتاللىرىنىڭ قارا تىزىملىكىگە QQ.exe نى كىرگۈزۋېتىڭ.

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2012-2-24 19:53:08

مېنىڭ ما كومپيۇتىرىمدا ئىزدىنىش ئىچىلمايدىغان قىلغىلى بولامدىغاندۇ، ئالاقە تورى،خەۋەر تورلىردىن باشقا مۇشۇنڭغىلا كىرىمەن،مەن 2013 -يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتاھان بىرىدىغان بالىتتىم،بەختىمگە ئوتتورۇپ قويمىسا بولاتتى  بۇ ئىزدىنىش \"\"

gherip يوللانغان ۋاقتى 2012-2-24 19:58:19

مەنمۇ ئىلگىرى ئىزدىنىشقا ئانچە كىرمەيتىم. مۇشۇ يېقىندىن بېرى ئىزدىنىشنى بىر كۈن كۆرمىسەم چىدىيالماس بۇلۇپ قالدىم. توۋا ماڭا ئىزدىنىش ماركىلىق ۋىروس يۇققان چېغىبا \"\"

yapraq يوللانغان ۋاقتى 2012-2-24 21:01:47


9- قەۋەتتىكى bughra-oghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مېنىڭ ما كومپيۇتىرىمدا ئىزدىنىش ئىچىلمايدىغان قىلغىلى بولامدىغاندۇ، ئالاقە تورى،خەۋەر تورلىردىن باشقا مۇشۇنڭغىلا كىرىمەن،مەن 2013 -يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتاھان بىرىدىغان بالىتتىم،بەختىمگە ئوتتورۇپ قويمىسا بولاتتى بۇ ئىزدىنىش \"\"



بىزنىڭ ئۇنۋېرسىتقا كېلىپ تورغا چىقسىڭىز ،نەچچە كۈنگىچە  بۇ بەتنى ئاچالماي ،ئىچىڭىز پۇشۇپ كىرمەس بوپ قالىسىز....\"\"




yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-2-24 21:14:58

3- قەۋەتتىكى Qarluqنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

كومپىيوتىردا ئىجرا بۇلدىغان چ چ نى چەكلىۋەتكەن بىلەن تور بەت يۈزىدە ئىجرا بۇلدىغان چ چ نى چەكلەپ بۇلالمايسىز،

ياخشىسى بۇ نىيتىڭىزدىن يېنىڭ.

ئۇكىلىرىڭىزنىڭ تورغا چىقىش ۋاقتىدا چەكلىمە قۇيۇپ، كۆپرەك ئۆگۈنۈش قىلىشقا ئۈندەڭ.  

بۇ گەپ توغرا.


چەكلەش ئۇسۇلىغۇ يوق ئەمەس.


ئىشخانادا QQ ئىشلىتىشنى
چەكلەش


QQ ئىچىشنى چەكلەش (ياردەم)



yollugh يوللانغان ۋاقتى 2012-2-24 21:45:17

چ چ نازارەت قىلىدىغان پروگرامما بار، تۇيدۇرماي پاراڭ مەزمۇنىنى خاتىرلەيدۇ.



ئەمدى ئۇلارغا مېنىڭ مۇشۇ ئىنكاسىمنى كۆرسىتىپ قويسىڭىزلا كۇپايە  \"\"

Qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2012-2-25 10:43:42

سىز بالىلارنىڭ كۇكۇ ئوينىشىنى چەكلەپ نىمە قىلىسىز؟ بىزنىڭ كاللىمىزغا چەكلەشتىن باشقا ئۇقۇم كەلمەمدا؟ ئەلبەتتە سىزنىڭ بۇ ئويۇڭىزنىمۇ توغرا چۈشۈنۈشكە بولىدۇ. چۈنكى بىز توغۇلۇشىمىزدىنلا مۇستەبىت تۈزۈم ۋە ئۇنىڭ چاكىنا ئىدىيىلىرىنىڭ تەسىرىگە كۆنۈپ كەتتۇق-تە. كىچىكىمىزدىن مۇستەبىتلىكنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كەلگەن بىزدەكلەرنىڭ كاللىسىغا ئەڭ ئاۋۋال مۇستەبىتلىكنىڭ بىرىنچى ئىپادىسى بولغان «چەكلەش» ئۇقۇمى كەلمەي يەنە نىمىمۇ كەلسۇن؟

ماڭا قاراڭ دوستۇم سىز بالىلارنىڭ تورغا چىقىشىنى، كۈكۈ ئوينىشىنى چەكلەيمەن دىمەي ئەكسىچە ئۈگۈتۈشىڭىش لازىم. گېپىمگە ھەيران قالماڭ. سىز ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىڭىزنىڭ تورغا چىقىش، توردىن قانداق پايدىلىنىش ھەققىدىكى ساۋادىڭىز توغرۇلۇق ئويلۇنۇپ كۆرۈڭ. ئۇنىڭدىن كېيىن ۋاڭبا دەپ ئاتالغان تورخانىلاردىكى ياشلىرىمىزنىڭ توردىن قانداق پايدىلىنىۋاتقانلىقى، ۋاقتىنى قانداق ئۆتكۈزىۋاتقانلىقى، توغرۇلۇق ئويلۇنۇپ كۆرۈڭ. توردىكى، تۆگۈمەس ئويۇنلارنى، بۇ ئويۇنلارنىڭ نۇرغۇن ياش-ئۆسمۇرلىرىمىزنىڭ ۋاقتىنى بىھۇدە ئىسراپ قىلىپ، بىخۇتلۇق پاتقىقىغا ئېغىر دەرىجىدە مەھكۇم قىلىۋاتقانلىقىنى، ھەمدە سېرىق مەمۇنلارنىڭ كىشىلەرنى زەھەرلەۋاتقانلىقىنىىمۇ ئويلاپ كۆرۈڭ. ئاندىن تور دىگەن زادى قانداق نەرسە؟ دىگەن مەسىلە ئۈستىدە ئويلۇنۇپ كۆرۈڭ. بىلىۋېلىشقا بولۇدۇكى سىز بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە ئاللىقاچان ئويلۇنۇپ بولغان. ھەم خۇددى جەمىيىتىمىزدىكى نۇرغۇن باشلىقلار ۋە تور ساۋادى كەمتۈكلەرگە ئوخشاشلا  تور زادى ياخشى نەرسە ئەمەس! دىگەن خۇلاسىغا كىلىپمۇ بولغان. كېسىپ ئېيتىشقا بولۇدۇكى سىزنىڭ جاۋابىڭىز خاتا!

تور دۇنياسى خۇددى ياڭاققا ئوخشايدۇ. ياڭاقنىڭ شاكىلى بولغانغا ئوخشاش تورنىڭمۇ شاكىلى بولۇدۇ، ياڭاقنىڭ مېغىزى بولغانغا ئوخشاش، تورنىڭمۇ مېغىزى بولىدۇ. ئويلاپ باقايلى بىز قوينى مىسال ئالساق قوينىڭ ھەممە نىمىسىنى يىگىلى بولمايدۇ،  بىز قوينى يگىلى بولىدىغان قىسمىنى ئېلىپ قېلىپ سۈڭەك، تېرە، بەز، يۇلۇن، شەررەك، يىن .... قاتارلىق قىسىملىرىنى يىمەيمىز. دىمەكچى بولغۇنۇم ياڭاق يىيىشتىكى مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، شاكىلىنى چىقىرىپ تاشلايدىغان، قوي گۆشى يىيىشتىكى كېرەكلىق جايلىرىنى ئىستىمال قىلىپ كېرەكسىز جايلىرىنى چىقىرىپ تاشلايدىغان ئۇسۇلنى  تور دۇنياسىغىمۇ قوللانساق بولمامدۇ؟

گەپ سەل ئۇزىراپ كەتتى.(تورداشلاردىن ئەپۇ سورايمەن) بىز بالىلارنىڭ تورغا بېرىلىپ كېتىپ، نورمالنى ئۈگۈنۈش ۋاقتىغا تەسىر يەتكۈزىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلساق جەزمەنكى، بالىلارغا تورغا چىقىشنى يەنىمۇ ئۈگۈتۈشىمىش كېرەك! تورخانىدىكى ياشلارنىڭ ئويۇن ئويناش بىلەن ۋاقتىنى، ئىقتىساتىنى بۇزۇپ چېچىۋاتقانلىقى قانداقتۇر تورنىڭ «ياخشى نەرسە ئەمەس» لىكىدىن بولماستىن ئەشۇ ياشلارنىڭ تور بىلىمىنىڭ كەمچىللىكىدىن، كۈندىلىك ۋاقتىنى كونتۇرول قىلالماسلىقىدىن  بولىۋاتىدۇ. سىزنىڭ بالىلارنىڭ كۇكۇ ئوينىشىنى چەكلىشىڭىزنىڭ ئۆزىمۇ ئوخشاشلا تور بىلىمىڭىزنىڭ كەمچىللىكىدىن بولىۋاتىدۇ. ئۈگۈنەيلى، ئۈگۈتەيلى، توردا نىمىلەرنىڭ بارلىقىنى، توردىن قانداق پايدىلىنىش، تورنى قانداق ئىشلىتىش، تورنى ئۆزىمىز، شۇنداقلا مىللىتىمىز ئۈچۈن قانداق خىزمەت قىلدۇرۇشنى ئۈگۈنەيلى!

تىما ئىگىسى بورادەر مەن باشقا گەپ قىلسام ماۋۇ قارابەگ  باشقىچە گەپ قىپتۇ، جۆيلۈپتۇ دەپ قالماڭ! توغرىسىنى دىسەم سىز بالىلارنى توردىم چەكلەيمەن دەپ ئاۋارە بولماي، ئۇلارغا ۋاقىت توغرىسىدىكى بىلىملەرنى كۆپرەك ئۈگۈتۈڭ. توغرا، بالىلار كومپىيوتىرغا بېرىلسە سىز كومپىيوتۇر توغرىسىدىكى گەپ- سۆزلەرنى ئازىراق قىلىپ، ۋاقىت توغرىسىدىكى گەپ سۆزلەرنى جىقراق قىلىڭ! دۇنيادىكى ھەرقانداق نەتىجىنىڭ ۋاقىتسىز قولغا كەلمەيدىغانلىقىنى، شۇڭا ۋاقىتنىڭ ئىنتايىن قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى، ۋاقىتنى قەدىرلەش لازىملىقىنى ئۈگۈتۈڭ. كۈكۈ ئويناشمۇ بىرخىل بىلىم، كۇكۇ بۇ بىر خىل ئالاقە ۋاستىسى، شۇڭا كۇكۇنى چەاكلەش تۈگۈل ئۇنى يەنى كۇكۇ، مىسىن، skp .......قاتارلىق مۇڭداشقۇلارنى بالىلارغا كۆپرەك ئۈگۈتۈش لازىم. ئەمما بالىلارغا نىمنىڭ موھىم، نمىنىڭ موھىم ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدۇرۇپ، ۋاقىت ئىشلىتىشنى ئۈگۈتۈش لازىم. مەسىلەن بىر كۈنلۈك ۋاقىتنى مىسالغا ئالساق؛ شۇ بىر كۈنلۈك ۋاقىتنى خۇددى دەرس سېتكىسىغا ئوخشاش مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، جەدۋەللەشتۈرۈپ چىقىش كېرەك، ھەم شۇ جەدۋەلگە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئەمەل قىلىش لازىم. دىمەكچىمەنكى بالىلارنىڭ تورغا چىقىش ۋاقتىنى باشقۇرۇشنى ئۈگۈتۈڭ. ۋاقىتتىن مۇئاپىق پايدىلىنىپ كومپىيوتر بىلىملىرىنى ئۈگەنسۇن،  توردىن ئۆزىگە كېرەلىك بىلىملەرنى تېپىشنى ئۈگەنسۇن، بالىلارنىڭ تورغا چىقىش ۋاقتى، كۈندىلىك ئۈگۈنۈش ۋاقتى، تاماق ۋاقتى، ئۇششاق پائالىيەت ۋاقتى، دەم ئېلىش ۋاقتى، ئۇخلاش ۋاقتى.... دىگەندەك زۆرۈر مەشغۇلات ۋاقتىنى توغرا بېكىتىپ، ئۇلارنىڭ ۋاقىتقا ئەمەل قىلىش، كۈندىلىك ۋاقتى توغرا كونتىرول قىلىش بىلىملىرىنى ئۈگەتسەك ھەم ئۆزىمىزمۇ كۈندىلىك ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۈپ، شۇنىڭغا ئەمەل قىلساق، كونكىرىتنى قىلىپ ئېيتقاندا كۈندىلىك ۋاقتىمىزنى كونتۇرول قىلالىساق ئىشىنىمەنكى ئاللا خالىسا بىز چوقۇم كۆزلىگەن مەقسىتىمىزگە يېتەلەيمىز! ئاخىرىدا سىزدىن سوراپ باققۇم كېلىدۇ. سىزنىڭ ۋاقىت جەدۋىلىڭىز بارمۇ؟

mahmut32 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-25 10:57:13

تورنى چەكلەپ نېمە قىلىسىز، كىم بىلىدۇ ئۇلار كىچىكىدىن تارتىپلا تور بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرۈپ،كەلگۈسىدە تور ساھەسىدىكى گېگانىت ئادەملەر بوپقالامدۇ تېخى...

buduxkak يوللانغان ۋاقتى 2012-2-25 11:04:32

ھازىر ئۇكىلىرىڭىزمۇ مۇشۇ تېمىنى كۆرۈۋاتامدۇ تېخى، ‹‹ئاكام قانداق ئۇسۇللارنى قوللىنىدىكىن›› دەپ.  {:92:}

nurdiyar يوللانغان ۋاقتى 2012-2-25 18:37:03

网络爸爸دىگەن دىتال سىزنى غەمدىن خالاس قىلدۇ

Qarluq يوللانغان ۋاقتى 2012-2-25 18:55:01

@nurdiyar  تازا چۈشۈنەلمىدىم.  

تەپسىلىيراق توختالمامسىز؟

ئۇ قانداق دىتال؟

jaziyra يوللانغان ۋاقتى 2012-2-25 19:14:27

قارابەگنىڭ دىگەنلىرىمۇ ئورۇنلۇق گەپلەر ئىكەن . دىمىسىمۇ ‹ چەكلەش › مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئەمەس .  چۈنكى ، ئادەم دىگەن شۇنداق نەرسىكى ، ئۇ نىمىدىن چەكلەنسە شۇنى بەكرەك قىلغۇسى كېلىدىغان جانلىق .  يەنە كېلىپ ، سىز ئۇكىلىرىڭىزنى پەقەت سىز باشقۇرىدىغان كومپۇيوتوردىلا چەكلىيەلەيسىز ، ھەممە كومپۇيوتوردا ئەمەس .

  كارنىگ مۇنداق دەيدۇ ؛ - بالىڭىز تاماكا چېكىشكە ئۈگۈنۈپ قالغان بولسا ، سىز ئۇنىڭغا چوڭ قائىدىلەرنى سۆزلەپ يۈرمەڭ ، ئەگەر ئوغلىڭىز ۋاسكېتبولغا قىززىقىدىغان بولسا ، سىز ئۇنىڭغا ،  تاماكا چەككەن كىشىنىڭ ياخشى ۋاسكىتبولچى بولالمايدىغانلىغىنى چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىزلا كۇپايە .
بەت: [1] 2
: كومپىيوتېردا كوت-كوت ئىجرا قىلدۇرماسلىق توغۇرلۇق ياردەم