pulsar يوللانغان ۋاقتى 2012-2-24 08:54:11

ئېلىكتىر ماگنىت دۇنياسى

ئېلىكتىر ماگنىت دۇنياسى



كىشىلەرنىڭ ئېلىكتىرغا بولغان تونۇشىنى ناھايىتى بۇرۇن باشلانغان دېيىشكە بولىدۇ. كىشىلەر خېلى بۇرۇنلا سۈركەش ئارقىلىق زەرەتلەشنى بىلەتتى. بۇنى بىر ئۇيۇنغا ئايلاندۇرۇپ بىر-بىرىنى قايمۇقتۇرۇپ يۈرۈشكەن چاغلىرى بولغان. راستىنى ئېيتقاندا ئىنسانىيەتنىڭ ئۇيۇنغا قايمۇقۇشىنى بۇ ھادىسىنىڭ تېگى-تەكتىنى ئىلمىي جەھەتتىن چۈشىنەلمەي قايمۇقۇپ يۈردى دېگەن تۈزۈك.



فىرانكىلىن ۋە ئۇنىڭ چاقماقنى تۇتۇشى



ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق تارىخىنى بىلىدىغان ھەرقانداق بىر ئادەم بىنجامىن فىرانكىلىننىڭ نامىنى بىلمەي قالمىسا كېرەك. ئۇ بىر سىياسىيون، دېپلومات ۋە ئالىم كىشى. ئۇ 1706-توغۇلۇپ، 1790-يىلى ۋاپات بولغان. ئەينى چاغدا ئۇنىڭ نامى چىقمىغان بولسىمۇ، كېيىن ئۇ ئېلىكتىر ئىلمىنىڭ ئىشىكىنى ئاچقانلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئۇ ئەقىللىق ھەم ئىرادىلىك ئادەم ئىدى. كىچىك ۋاقتىدا ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقىدىن مەكتەپتە ئوقۇيالمىدى. باسمىخانا ئاچقان ئاكىسىنىڭ كەينىدىن يۈرۈپ شاگىرت بولدى. بۇ ئۇنى نۇرغۇنلىغان كىتابلارنى ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. فىرانكىلىن بىر قانچە كىشىنىڭ ماقالە يېزىپ گېزىت چىقارغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزىمۇ ماقالە يېزىپ يۈردى. ئۇ كىچىكىدىنلا ئىلىمگە ئەنە شۇنداق قىزىقاتتى.


بۇ چاغلاردا دۇنيا ئىلىم ئەھلىلىرى ئىچىدە ئېلىكتىرنى تەتقىق قىلىشنى مودىغا ئايلانغان دېيىشكە بولاتتى. فىرانكىلىننىڭ بۇ ئىشلادىن خەۋىرى بار ئىدى.


1745-يىلى نويابىردا ئىلىم-پەن تارىخىدا خاتىرىلەشكە ئەرزىيدىغان بىر ئىش يۈز بەردى. گوللاندىيە لېيدىن ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پىروفىسسورى مۇشىنبېرۇك بىلەن ئۇنىڭ دوستى ئالمېنت بىر قىزىقارلىق تەجرىبە ئۆتكۈزدى. ئۇلار سۈركەش ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان توكنى مېتال سىم ئارقىلىق ئەينەك قۇتا ئىچىگە ئەكىرىپ، چاقماق ئۇچقۇنلىرىنى پەيدا قىلدى. ئۇلار توكنى ساقلاپ قېلىشقا بولارمۇ؟ دەپ ئويلاپ، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى زەرەت ساقلايدىغان قۇتا ياساپ چىقتى. بۇ ئىككەيلەن سۈركەش ئارقىلىق توك ھاسىل قىلىشنىلا ئويلىغانىدى، بىراق ئۇلارنىڭ كەشپىياتىدىن بىر كىشى ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ، «چاقماقنى تۇتتى،»


1746-يىلى فىرانكىلىن بوستونغا ئاپىسىنى يۇقلىغىلى باردى. ئۇ لېيدىن بانكىسىنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىغانىدى. بۇ قېتىم ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. ئۇ ئۇچقۇنلارنىڭ چاقنىشىنى ئاسماندىكى چاقماقنىڭ چېقىشى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆردى ھەمدە ئۇنى چۇقۇم بىر ئىش دەپ ئويلىدى. بۇ چاغدىكى فىرانكىلىن 40 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۆز يېرىدىكى داڭلىق نەشرىيات سودىگىرى ھەم شىتاتلىق پارلامىنتنىڭ ئەزاسى بولۇپ قالغانىدى. شۇنداقتىمۇ چاقماقنىڭ سىرىنى ئاچماقچى بولدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاسماندىكى چاقماقتىن ئۇنىڭ يېنىدا بولۇشى كېرەك ئىدى. چاقماقنى نەدىن ئېلىپ كەلگۈلۈك؟ ئەلۋەتتە چاقماقنى تۇتۇش كېرەك.


1752-يىلى ئىيۇندا فىرانكىلىن كۈتكەن كۈن ئاخىرى يېتىپ كەلدى. ئاسمان قاتتىق گۈلدۈرمامىلىق يامغۇرنىڭ شەپىسىنى بېرىپ تۇراتتى. ئۇ بىر پارچە كەڭ يەرنى تاللىۋېلىپ، چاقماقنى تۇتۇش ئۈچۈن تەييارلىۋالغان لەگلەكنى ئاسمانغا قويۇپ بەردى. ئۇ چاقماق چېقىپ، گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىگەندە، قويۇپ بېرىلگەن زەرەتلەرنى لەگلەك ئارقىلىق يىغىپ، ئېلىپ كەلگەن لېيدىن بانكىسىنى زەرەتلىدى. دېمەك ئاسماندىكى توك بىلەن سۈركەش ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان توك ئوخشاش بىر نەرسە ئىدى. فىرانكىلىن بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالمىدى. ئۇ چاقماق چېقىشتىن كەلگەن توكنى يەرگە ماڭغۇزۋېتىشنى ئويلاپ تاپتى، يەنى چاقماق قايتۇرغۇچنى ياساپ چىقتى. بۇ كىچىككىنە نەرسە ناھايىتى تېزلا دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە تارالدى.


فىرانكىلىننىڭ تەتقىقاتى ئېلىكتىر ئىلمىنى تېنچ ئېلىكتىر مەيدان ساھەسىدىن ھەرىكەتتىكى ئېلىكتىر ساھەسىگە ئېلىپ كىردى.



كولۇن ۋە ئېلىكتىرنىڭ ئاساسىي قانۇنىيىتى



كولۇن 1736-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى فىرانسىيىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دەسلەپكى ئوقۇش ھاياتىنىڭ كۆپ قىسىمى پارىژدا ئۆتكەن. بۇ ۋاقىتلاردا ئۇ پەن-تېخنىكىغا ۋە ماتېماتىكىغا قىزىققانىدى. ئۇ كېيىن ئۆزىنىڭ قىزىقىشى ۋە كېيىنكى تۇرمۇشى ئۈچۈن ھەربىي ئىشلار قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بىر كەسىپنى تاللىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئىلىم-پەن بىلەن شوغۇللىنىندىغان ھاياتى باشلانغانىدى. ئۇ 1776-يىلى پارىژغا كېلىپ ئولتۇراقلاشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ پۈتۈن زېھنىنى ئۆزى قىزىقىدىغان ئىلمىي ئىشلارغا قاراتتى. 1789-يىلىدىكى فىرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىغىچە بولغان بۇ مەزگىلنى كولۇننىڭ مول ھوسۇل بەرگەن ۋاقىتلىرى دېيىشكە بولاتتى. ئۇ بۈيۈك ئىنقىلاب مەزگىلىدە ئۆزىنىڭ ئەمەلدارلىق، پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىكى ۋە ھەربىيلىكتىكى ۋەزىپىلىرىدىن ئىستىپا بېرىپ پارىژدىن ئايرىلغان. پەقەت 1799-يىلى ناپولىئون تەختكە چىققاندىن كېيىنلا ئاندىن پارىژغا قايتىپ كېلىپ. تاكى 1806-يىلى ۋاپات بولغانغا قەدەر مۇشۇ شەھەردە ياشىغان.


كولۇننى تەپەككۇرغا باي بولغان ئالىم دېيىشكە بولاتتى. ئۇ كاۋىندىشنىڭ تولغانما تارازا تەجرىبە ئوسۇلىنى قوللىنىپ ئېلىكتىرنىڭ ئەڭ ئاساسىي بولغان قانۇنلىرىنىڭ بىرىنى شەرھىيلىدى.


ئۇ ئوخشاش زەرەتلەر ئارىسىدىكى تېپىشىش كۈچىنىڭ زەرەت مىقدارلىرىغا ئوڭ تاناسىپ، ئارىسىدىكى ئارىلىققا تەتۈر تاناسىپ بولىدىغانلىقىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئېنىقلاپ چىقتى. ئۇ يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ، ئوخشىمىغان زەرەتلەر ئارىسىدىكى تارتىشىش كۈچىىنڭمۇ ئوخشاش پىرىنسىپقا بويسۇنىدىغانلىقىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن كېيىن كىشىلەر ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بۇ قانۇنىيەتنى تولۇق ئىزاھلاپ چىققان بولدى.


كولۇننىڭ خىزمىتى قارىماققا ئاددىيدەك كۆرۈنگەن بىلەن، جەلپ قىلىش كۈچى مىسلىسىز بولغان ئېلىكتىر ئىلمى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە دېيىشكە بولاتتى. شۇڭا كېيىنكىلەر ئۇنىڭ تۆھپىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن زەرەت مىقدارىنىڭ بىرلىكىنى « كولۇن » دەپ ئاتىدى.



ئېلىكتىر بېسمىنىڭ بايقىلىشى



ئېلىكتىر ساھەسىدە ئۆز خىزمىتىنى قانات يايدۇرۋاتقان ئالىملار ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن ئىش تۇتۇپ كەلدى. ئۇلار ئېلىكتىر دېگەن بۇ سىرلىق ساھەنىڭ ھەر قايسى دەرۋازىلىرىنى ئېچىش ئۈچۈن، توختىماي كۈرەش قىلدى.


1786-يىلى ئىتالىيە ئاناتومىيە ئالىمى گالۋانى ( 1736-1798) تەجرىبىخانىسىدا پاقىنى ئوپىراتسىيە قىلىپ، ئاناتومىيە تەجرىبىسى قىلىۋېتىپ، تۆمۈر رامغا ئېسىپ قويغان ئۆلۈك پاقىنىڭ پۇتىنىڭ سوزۇلۇپ يىغىلۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالىدۇ. ئۇ دىققەت بىلەن قاراپ، پاقىنىڭ مىس سىمغا يىقىن تۇرغان پۇتىنىڭ بىر سوزۇلۇپ، بىر يىغىلۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ. ئۇ بىر نەچچە پاقىنى ئوخشاش ئوسۇلدا ئېسىپ قويۇپ، ئۇلارنىڭمۇ پۇتىنى سوزۇپ يىغىۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ.


ئەمما گالۋانى بۇنىڭغا نىسپەتەن خاتا ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئۇ سۈركەش ئارقىلىق كەھرىۋا، يىپەكلەردىكى ئېلىكتىر بايقالدى. فىرانكىلىن ئاسمان بوشلۇقىدىكى ئېلىكتىرنى بايقىدى. مەن پاقىنىڭ تېنىدىكى ئېلىكتىرنى يەنى ھايۋانات ئېلىكتىرىنى بايقىدىم، دەپ قارايدۇ.


1793-يىلى گالۋانى ئەنگىلىيە پادىشاھلىق ئىلمىي جەمئىيىتىدە بۇ توغرىدا دۇكلات بېرىدۇ. چۈنكى بۇ خەۋەر فىرانكىلىننىڭ چاقماقنى تۇتقاندىن كېيىنكى يەنە بىر پارتىلاش خاراكتېرلىق خەۋەر ئىدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ شۈبھىسىز نەق مەيداندىكى ھەممە ئادەمنى دېگۈدەك ھەيران قالدۇرىدۇ. بىراق نەق مەيداندىكى بىرلا ئادەم بۇنىڭغا گۇمانىي قاراشتا بولىدۇ.


بۇ كىشى دەل ئىتالىيىلىك بولۇپ، ئىسمى ۋولتا ( 1745-1827) ئىدى. ۋولتا كىچىكىدىنلا زېرەك، ئوقۇشقا ھېرىسمەن بولۇپ، شۇ چاغدا يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن ئېلىكتىر ئىلمىنى تەتقىق قىلىشقا ئىشتىياقى ئالاھىدە كۈچلۈك ئىدى. ئۇ 24 ياشقا كىرگەن يىلى لېيدىن بانكىسى توغرىسىدا يازغان بىر پارچە ماقالىسى كىشىلەرنىڭ دىققتىنى تارتقانىدى. 1777-يىلىغا كەلگەندە، ئېلىكتىر دىسكىسىنى ئىجاد قىلىپ بىراقلا داڭقى چىققان ھەمدە پىروفىسسور بولۇپ قالغانىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا ۋولتانى ئېلىكتىر ئىلمى مۇتەخەسىسى دەپ ئېيتىشقا بولاتتى.


ئىلىمگە يۈكسەك قارايدىغان ۋولتا قايتا-قايتا تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، گالۋانىينىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ بىر تەرەپلىمە ئىكەنلىكىنى، ھايۋانات توكىنىڭ قالايمىقان جۆيلۈش ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بۇنىڭ سىرىنى ئاچقانلىقىنى، نەق مەيداندا تەجرىبە قىلىپ بېقىشنى ئىلتىماس قىلىپ، ئەنگىلىيە پادىشاھلىق ئىلمىي جەمئىيىتىگە دۇكلات سۇنىدۇ. ئەمما بۇ قېتىمقى ئورۇنلاشتۇرۇلغان تەجرىبە مەيدانىدا ۋولتا گالۋانىينىڭ ئېلىكتىرلىق يىلان بېلىقنى ئېلىپ كېلىپ ئۆزىنىڭ قارىشىنىڭ دەستىكى قىلىشى بىلەن ۋولتا ئىزاغا قالىدۇ.


ئەمما ۋولتا بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالمىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ قارشىغا قەتئىي ئىشىنەتتى. ئۇ ئىجتىھات بىلەن ئىزدىنىپ، يەتتە يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، ئاخىرى كىشىلەر تەرىپىدىن ۋولتا ئېلىمىنتى دەپ ئاتالغان ۋولتا سېلىندىرىنى كەشىپ قىلىدۇ. ئۇ مۇشۇنداق تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق بىلىپ-بىلمەي ئېلىكتىر پوتىنسىئاللار نەزىرىيىسىنى تىكلەيدۇ. ئۇنىڭ بۇ كەشپىياتى بىلەن پۈتۈن ياۋرۇپا قۇرۇقلۇقىدا ئېلىكتىر قىزغىنلىقى يەنە بىر بالداق يۇقىرىغا كۆتۈرىلىدۇ. ۋولتانىڭ بۇ تۆھپىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن كىشىلەر كېيىن ئېلىكتىر بېسىمىنىڭ بىرلىكىنى « ۋولت » دەپ ئاتايدۇ.



ئوم قانۇنى



ۋولتا ئېلىمىنتى قاتارلىق باتارىيىلەر مەيدانغا كېلىپ كىشىلەرنىڭ توك توغرىسىدىكى چوڭقۇر ئىزدىنىشىغا قولايلىق ئېلىپ كەلدى. تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇرلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر ئوخشىمىغان ئۆتكۈزگۈچلەردىن ئۆتكەن توك كۈچىنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلقىنى سەزدى. بۇنىڭ سىرىنى يېشىش ئۈچۈن نۇرغۇن كىشىلەر ئوتتۇرىغا يەڭ شىمايلاپ چۈشتى. بىراق ئۇنىڭ سىرىنى ھەقىقىي يېشىش گېرمانىيىلىك ئومغا مەنسۇپ بولدى.


ئوم ( 1787-1854 ) تەپەككۇرغا باي ئالىم ئىدى. ئۇئۆز ۋاقتىدىكى تېخنىكا كۈچى قالاق ھالەتتىكى نۇرغۇن قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، نۇرغۇن تەجرىبىلەرنى ئىشلىدى. بار زېھنىنى ئىلىم-پەن تەتقىقاتىغا بېغىشلىدى. ئەينى يىلى ئۇ بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچسى بولۇپ، ئىنچىكە تەجرىبىلەرنى ئىشلەش ئۈچۈن نۇرغۇن ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارغا يولۇقاتتى. بىراق ئوم قىيىنچىلىقلارغا باش ئېگىدىغانلاردىن ئەمەس ئىدى.


1826-يىلى ئوم ئۆتكۈزگۈچنىڭ توك ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى تەتقىق قىلدى. ئۇ بۇ جەرياندا ھازىر كىشىلەر « ئېلىكتىر پوتىنسىئاللار ئايرىمىسى » دەپ ئاتايدىغان ئوقۇمنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇ يىلى ئۇ ئۆزى ئىشلىگەن تەجرىبىلەردىن يەكۈنلىگەن ئاساستا « مېتاللارنىڭ توك ئۆتكۈزۈش قانۇنىيىتىنى تەكشۈرۈش » دېگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. بۇ ماقالىسىدا ئۇ ھازىر بىز « ئوم قانۇنى » دەپ ئاتىۋالغان قانۇننى شەرھىيلىدى. بۇ ماقالىنى دەسلەپتە نۇرغۇن كىشى بىلىپ كەتمىدى. ئىككىنچى يىلى ئۇ « توك ئۆتۈۋاتقان ئېلىكتىر زەنجىرىگە نىسپەتەن ماتېماتىكىلىق تەتقىقات » دېگەن كىتابىنى نەشىر قىلدۇردى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئومغا ئېتىبار بىلەن قارايدىغان بولدى.


توك يولى تەتقىقاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر ئاندىن ئوم قانۇنىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىدۇ. ئومنىڭ ئىناۋىتىمۇ زور دەرىجىدە ئۆسىدۇ. 1833-يىلىغا كەلگەندىلا ئاندىن ئۇ پادىشاھنىڭ تەيىنلىشى بىلەن نيۇرىبورگ تېخنىكا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولىدۇ. 1841-يىلى ئەنگىلىيە پادىشاھلىق ئىلمىي جەمئىيىتى ئۇنىڭغا ئوردىن تەقدىم قىلىدۇ. 1849-يىلى ئۇ ميۇنخېن ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا پىروفىسسورى بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ۋاپات بولىدۇ.


1881-يىلى پارىژدا ئېچىلغان خەلقئارا بىرىنچى نۆۋەتلىك ئېلىكتىر ئېنژىنىرلىرى يىغىنى ئۇنىڭ ئېلىكتىر ئىلمىغا قۇشقان تۆھپىسىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن ئېلىكتىر قارشىلىقىنىڭ بىرلىكىنى « ئوم » دەپ ئاتاشنى قارار قىلىدۇ.



ئېرىستىد ۋە ئامپىرــــ توكنىڭ ماگنىت ئېففىكتى



بۇرۇن كىشىلەر ئېلىكتىر بىلەن ماگنىت بىر-بىرىگە قەتئىي ئوخشىمايدىغان ئىككى نەرسە، ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىشى ۋە بىر –بىرىگە ئايلىنىشى مۇمكىن ئەمەس، دەپ ھۆكۈم قىلىشقان. لېكىن ئېلىكتىر بىلەن ماگنىتنىڭ مەلۇم مۇناسىۋىتى بارمىدۇ؟ دېگەن سوئال بەزى ئىرادىلىك ئالىملارنىڭ كاللىسىنى چىرمىۋالغانىدى. دانىيە فىزىكا ئالىمى ئېرىستىد ( 1777-1851 ) مانا مۇشۇنداق ئالىملارنىڭ بىرى ئىدى.


ئېرىستىد ئىرادىسىدىن يانماي داۋاملىق تەجرىبە ئىشلەيدۇ، ئويلىنىدۇ، تەپەككۇرىنى ھەرخىل ھادىسىلەر ئۈستىدە قاناتلاندۇرىدۇ. ئۇ ئىشلىگەن نۇرغۇن تەجرىبىلەر توكنىڭ يۆنىلىشىدىن ماگنىت ئېففىكتىنى ئىزلىگەنلىكى ئۈچۈن مەغلۇپ بولغانىدى. ئۇ مەغلۇپ بولۇش سەۋەبىنى ئەستايىدىل ئويلىشىدۇ.


1820-يىلى 4-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى ئاخشىمى ئېرىستىد بىر مۇنچە پەلسەپە ئالىملىرىغا لىكسىيە سۆزلەۋىتىپ كاللىسى تۇيۇقسىز سەزگۈرلىشىپ كېتىدۇ. ئۇ دەرس تۈگىگەندە « توك ئۆتۈۋاتقان سىم بىلەن ماگنىت ئىستىرىلكىنى پاراللېل قويۇپ باقايچۇ؟ » دەپ ئويلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ توك ئۆتۈۋاتقان سىمنىڭ يېنىغا قويۇلغان ماگنىت ئىستىرىلكىنىڭ ئايلىنىۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ. نەق مەيداندىكى باشقا كىشىلەر ئۈچۈن بۇ ئادەتتىكى بىر ئىش بولغىنى بىلەن ئېرىستىد ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم ئىدى. چۈنكى ئۇ توك بىلەن ماگنىتنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان ھادىسىنى بايقىغانىدى.


ئېرىستىد توكنىڭ ماگنىت ئىستىرىلكىغا بولغان تەسىرىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ ئېنىقلاش ئۈچۈن، 1820-يىلى 4-ئايدىن 7-ئايغىچە نۇرغۇن تەجرىبىلەرنى ئىشلەيدۇ. ئۇ 1820-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى « توكنىڭ ماگنىت ئىستىرىلكىدا سوقۇلۇش تەجرىبىسى » دېگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلىدۇ. بۇ ماقالە پەقەت تۆت بەتلا بولۇپ، ئۆزىنىڭ تەجرىبىسىنى ئىنتايىن ئىخچام بايان قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ پەن ساھەسىدىكىلەرگە توكنىڭ ماگنىت ئېففىكتىنى جاكارلايدۇ. 1820-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى دەۋر بۆلگۈچ كۈن بولۇش سۈپىتى بىلەن تارىخ بەتلىرىگە خاتىرىلىنىدۇ. ئۇ ئېلىكتىر ماگنىتىزىمنىڭ پەردىسىنى ئاچتى. بۇ ئېلىكتىر ماگنىتىزىم ئىلمىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنىڭ نامايەندىسى ئىدى.


بەزىلەر: ئېرىستىد توكنىڭ ماگنىت ئېففىكتىنى ماگنىت ئىستىرىلكىنىڭ ئايلىنىشىنى تاسادىپىي بايقاپ قېلىپ تاپقان، دەيدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ گەپنىڭمۇ ئورۇنلۇق يېرى يوق ئەمەس. لېكىن فرانسىيە فىزىكى ئېيقاندەك: كۆزىتىش ساھەسىدە پۇرسەت پەقەت تەييارلىقى بار ئادەمگىلا كېلىدۇ.


ئېرىستىدنىڭ كەشپىياتى پۈتكۈل ياۋرۇپانى زىلزىلىگە سالىدۇ. بۇنىڭ فرانسىيە ئىلىم ساھەسىدىكىلەرگە كۆرسەتكەن تەسىرى تېخىمۇ زور بولىدۇ. فرانسىيە فىزىكى ئاراگو ئېرىستىدنىڭ بۇ بايقىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن تونۇپ يېتىپ، 1820-يىلى 9-ئاينىڭ بېشىدا شىۋىتسىيىدە ئېلىۋاتقان ئارامىدىن ۋاز كېچىپ، فرانسىيىگە دەرھال قايتىپ كېلىدۇ ھەمدە پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە دۇكلات بېرىدۇ. شۇ چاغدا پەن جەھەتتە ئىنتايىن سەزگۈر بولغان ھەمدە باشقىلارنىڭ نەتىجىسىنى قوبۇل قىلىشتا داڭ چىقارغان ئامپېر ( 1775-1836 ) بۇ ئىشقا ئالاھىدە ئىنكاس قايتۇرىدۇ. ئۇ ئىككىنچى كۈنىلا ئېرىستىدنىڭ تەجرىبىسىنى قايتىلايدۇ. ئۇ بىر ھەپتە ئىچىدىلا بىرىنچى پارچە ماقالىسىنى يېزىپ، ئاكادېمىيىگە تاپشۇرىدۇ. ئۇ بۇ ماقالىسىدە ھالقىسىمان توكنىڭ ماگنىت مەيدانىغا نىسپەتەن ئېنىق شەرھىيلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنى يەنە كېڭەيتىپ، ئوڭ قول ئارقىلىق يۆنىلىشىنى ئېنىقلاش ئوسۇلىنى تاپىدۇ. بۇنى كىشىلەر كېيىن « ئوڭ قول ۋېنت قائىدىسى » ياكى « ئامپېر قائىدىسى » دەپ ئاتايدۇ.


ئۇ يەنە توكلارنىڭ ئۆز ئارا تەسىرىنى مەركەزلىك تەتقىق قىلىدۇ. ئامپېر ئەپچىل ئوسۇل ۋە يۈكسەك ماتېماتىكىلىق ماھارەت بىلەن تەجرىبە قىلىدۇ.


ئامپېر ئېرىستىد بايقىغان توكنىڭ ماگنىت ئېففىكتىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ماگنىتنىڭ ماھىيىتىنى توكتا ئاددىيلاشتۇرىدۇ. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ مولىكۇلا توكى ئېقىمى ھەققىدىكى داڭلىق پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. 1827-يىلى ئامپېر « ئېلىكتىر دىنامىكا ھادىسىسى ھەققىدە نەزىرىيە » دېگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئېلىكتىر دىنامىكا ھەققىدىكى ماتېماتىكىلىق نەزىرىيىسىنى مولىكۇلا توكى پەرىزى ئاساسىغا پۇختىلايدۇ.


ئېرىستىد 1820-يىلى 7-ئايدا توكنىڭ ماگنىت ئېففىكتىنى بايقىغاندىن تارتىپ، 12-ئايدا ئامپېر ئۆزىنىڭ نەزىرىيىلىرىنى پۇختىلىغىچە، ئارىلىقتىن پەقەت تۆت ئايدەكلا ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئېلىكتىر ماگنىتىزىم ھادىسىلىرىنى يەكۈنلەشتىن نەزىرىيە جەھەتتىن يىغىنچاقلاشقىچە بىر سەكرەش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈردى. بۇنىڭ بىلەن ئېلىكتىر دىنامىكا نەزىرىيىسى بارلىققا كەلدى. بۇ مۇۋەپپىقىيەتلەر شۇ چاغدىكى فىزىكا ساھەسىدىكى كىشىلەرنىڭ ئاجايىپ ئۆتكۈرلىكىنى، ماتېماتىكا سەۋىيىسىنىڭ قالتىس يۇقىرىلىقىنى، شۇنداقلا فىزىكلارنىڭ چىداملىق بىلەن ئىختىرا قىلىش روھىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.



فارادېي ۋە ئېلىكتر ماگنىت ئىندوكسىيىسى



ئېرىستىد توكنىڭ ماگنىت ئېففىكتىنى بايقىغاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئالىملارنىڭ كاللىسىدا توك ماگنىتنى پەيدا قىلالايدىكەن، ماگنىتنى پەيدا قىلالامدۇ؟ دەيدىغان ئوي-خىيال چىرمىۋالدى. شۇ چاغدىكى داڭلىق ئالىملارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بۇ تېمىغا ھۇجۇم قىلىپ باقتى. لېكىن ھەممىسى ئوخشاش نەتىجە بەردى، يەنى مەغلۇپ بولدى. ئۇنداقتا زادى ماگنىتنى توكقا ئايلاندۇرغىلى بولمامدۇ؟


1791-يىلى ئەنگىلىيىدە بىر ئىلىم-پەن گېگانتى دۇنياغا كۆز ئاچتى. ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپنىمۇ تولۇق ئوقۇمىغان لوندوندىكى بىر كىتاپ تۈپلەش دۇكىنىنىڭ ئىشچىسى مايكىل فارادېي(1791-1867) ئىدى. ئۇ كىتاب تۈپلەشتەك ئاددىي ئىش ئورنىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، كۆپلىگەن كىتابلارنى ئوقۇپ ئۆزىنىڭ نەزىرىيىۋىي بىلىمىنى تولۇقلىدى. ئۆزىنىڭ ئازغىنە مائاشىنى يىغىپ، ئاددىي بولغان تەجرىبە سايمانلىرىنى سېتىۋېلىپ كىتابتىن كۆرگەن تەجرىبىلەرنى قايتىدىن ئىشلەپ، ئۆزىدە باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان تەجرىبە ئىشلەش روھىنى يېتىلدۈردى. كېيىن ئۇ ئەنگىلىيىنىڭ داڭلىق خىمىيە ئالىمى دەيۋىينىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىدۇ ھەمدە ئەنگىلىيە پادىشاھلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ تەجرىبىخانىسىدا لابۇرانت بولۇپ ئىشلەش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا تىرىشىپ ئىشلەپ، ئەنگىلىيە تارىخىدىكى داڭلىق ئالىملار قاتارىغا ئۆتىدۇ ھەمدە كېيىن ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھىنىڭ سىر ئۇنۋانى بىلەن تەقدىرلىشىگە مۇيەسسەر بولىدۇ. فارادېينى ئاددىي ئورۇندىن يۇقىرى مەرتىۋىگە چىقالىغان، ھەقىقىي ئىجتىھاتنىڭ كۈچىنى كۆرگەن ئالىم دېيىشكە بولىدۇ.


ئېلىكتىر ئىلمى باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تازا جەلپ قىلىۋاتقان مۇشۇ مەزگىللەردە فارادېي ئۇستازى دەيۋىينىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە، دىققىتىنى ئېلىكتىر ماگنىت تەتقىقاتىغا بۇرىدى. ئۇ توكنىڭ ماگنىت ئېففىكتىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، مەسىلىنى بىر نەچچە تۈرگە بۆلۈپ تەتقىق قىلىش كېرەك دەپ قارايدۇ.


فارادېي 1820-يىلىدىن 1831-يىلىغىچە بولغان 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە قايتا-قايتا تەجرىبە قىلىپ، ئاخىرى 1831-يىلى يازغا كەلگەندە بۇ ساھەدە بۆسۈش خاراكتېرلىق ئىلگىرلەشلەرگە ئېرىشىدۇ. فارادېي 1831-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى ئېلىكتىر ماگنىت ئىندۇكسىيىسىنىڭ بىرىنچى ئېففىكتىنى يەنى بىر توكتىن يەنە بىر توك ھاسىل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. 1831-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى فارادېي ئىككى تال ماگنىت تاياقچىنىڭ شىمال-جەنۇب قۇتۇپلىرى ئارىسىدا بىر تال تۆمۈر تاياقچىنى ھەرىكەتلەندۈرسە توك ھاسىل بولىدىغانلىقىنى بايقايدۇ.


1831-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى فارادېي بىر تال ماگنىت تايۇاقچىنى ئورام كاتوشكىسىنىڭ ئارىسىغا تېز سېلىپ چىقارسا يەنىلا توك ھاسىل بولىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. يۇقىرىقى تەجرىبىلەر ئاساسىدا فارادېي ئەڭ دەسلەپكى گېنراتورنى تەجرىبە قىلىدۇ.


1831-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى فارادېي بىر پارچە ئىلمىي ماقالە يېزىپ، ئەنگىلىيە پادىشاھلىق ئىلمىي جەمئىيىتىگە تەجرىبىنىڭ پۈتۈن جەريانىنى دۇكلات قىلىدۇ. ئۇ ماقالىسىدە ئىندوكسىيىلىك توك ھاسىل قىلىشنىڭ بەش خىل ئەھۋالىنى تونۇشتۇرىدۇ: (1) ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان توك. (2) ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ماگنىت مەيدانى. (3) ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدىغان مۇقىم توك. (4) ھەرىكەتتىكى ماگنىت. (5) ماگنىت مەيدانىدا ھەرىكەتلەنگەن ئۆتكۈزگۈچ. ئۇ ئىندوكسىيىلىك توكنىڭ ئەسلىدىكى توكنىڭ ئۆزگىرىشىگە مۇناسىۋەتلىك بولىدىغانلىقىنى، ئەسلىدىكى توكنىڭ ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز بولىدىغانلىقىنى توغرا كۆرسىتىپ بېرىدۇ. فارادېي يۇقىرىدىكى ھادىسىلەرگە « ئېلىكتىر ماگنىت ئىندوكسىيىسى » دەپ رەسمىي نام بېرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ خىزمىتى دەۋر بۆلگۈچ ئىش بولغىنى بىلەن ئېلىكتىر ماگنىت ئىندوكسىيە قانۇنى 1851-يىلىغا كەلگەندىلا تۇرغۇزىلىدۇ.


1832-يىلى گېرمانىيە فىزىكا ئالىمى لېنتىس (1804-1865 ) فارادېيدىن زور ئىلھام ئېلىپ، بىر مۇنچە ئېلىكتىر ماگنىت تەجرىبىلىرىنى ئىشلەيدۇ ھەمدە نەتىجىگە ئېرىشىدۇ. لېنتىس 1833-يىلى « ھەرىكەتتىكى توكنىڭ ئىندۇكسىيىسىدىن پەيدا بولغان توكنىڭ يۆنىلىشى ھەققىدە » دېگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، ئىندۇكسىيىلىك توكنىڭ ئاساسىي قانۇنىيەتلىرىنى جاكارلايدۇ. بۇ قانۇنىيەت دەل بىز ھازىر ئاتاۋاتقان لېنتىس قانۇنىدۇر.


بۇلاردىن فارادېي دەۋرىدىلا نۇرغۇن فىزىكلارنىڭ ئېلىكتىر ماگنىت ئىندۇكسىيە ھادىسىسىنى كۆپ جەھەتلەردىن تەتقىق قىلىپ، بىر مۇنچە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. شۇنىسى ئۇلارنىڭ تەتقىقاتىنىڭ كۆلىمى، تەتقىقات بىلەن شوغۇللانغان ۋاقتى، تەتقىقاتىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە ئېرىشكەن نەتىجىسى فارادېيغا يەتمەيدۇ. شۇڭا كىشىلەرنىڭ بۇ تۆھپىنى فارادېيغا مەنسۇپ قىلغانلىقى مۇۋاپىق. ئېلىكتىر ماگنىت ئىندۇكسىيە قانۇنىنىڭ فارادېي ئېلىكتىر اگنىت ئىندۇكسىيە قانۇنى دەپ ئاتىشىنىڭمۇ سەۋەبى دەل مانا مۇشۇ يەردە.



ئېلىكتىر ماگنىت نەزىرىيىسى بىناسىنىڭ قۇرۇلۇشى


ئېرىستىدتىن باشلانغان ئېلىكتىر ماگنىتىزىم ئىلمىنىڭ تەرەققىياتى فارادېينىڭ ئېلىكتىر ماگنىت ئىندۇكسىيە قانۇنىنى تىكلىشى بىلەن ئەۋجىگە چىقتى. ئەمدى ئۇنىڭغا مۇكەممەل بولغان نەزىرىيىۋىي ئاساس بولۇشى كېرەك. بۇنى فارادېي ئورۇنلىيالمايتتى. چۈنكى ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپنىمۇ پۈتتۈرمىگەن بولغاچقا، ماتېماتىكا سەۋىيىسى بۇنىڭغا يار بەرمەيتتى.



ماكسىۋېلنىڭ غايىسى



1831-يىلى، يەنى فارادېي ئېلىكتىر ماگنىت ئىندۇكسىيە ھادىسىسىنى بايقىغان يىلى شوتلاندىيىنىڭ ئىدىنبورگ شەھىرىدە بىر ئوغۇل بوۋاق دۇنياغا كەلدى. ئېلىكتىر ماگنىت ئىندۇكسىيە ھادىسىسىنىڭ مۇكەممەل نەزىرىيسىنى تۇرغۇزۇشقا « تەڭرى دەل مۇشۇ بوۋاقنى ئەۋەتكەنىدى. » بۇ بوۋاق 19-ئەسىردىكى داڭلىق نەزىرىيىۋىي فىزىكا ئالىمى جامىس كىلارك ماكسىۋېل ( 1831-1879 ) ئىدى.


19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىغا كەلگەندە، ماكسىۋېل ئالدىنقىلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش ئاساسىدا، ئېلىكتىر ماگنىت مەيدانىنىڭ ئاساسىي تەڭلىمىلىرىنى ۋە يورۇقلۇقنىڭ ئېلىكتىر ماگنىت دۇلقۇنى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى نەزىرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ مۇكەممەل بولغان ماتېماتىكىلىك تەڭلىمىلەر ئارقىلىق، ئېلىكتىر ماگنىت دۇلقۇنىنىنڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ ھەمدە يورۇقلۇقنى بىر خىل ئېلىكتىر ماگنىنت دۇلقۇنى دەپ كۆرسىتىدۇ. ئۇ يورۇقلۇقنىڭ تېزلىكى ئېلىكتىر ماگنىت دۇلقۇنىنىڭ تېزلىكىدۇر، دەيدۇ. ئۇ يەكۈنلەپ مۇنداق دەيدۇ: يورۇقلۇنىڭ ئۆزىمۇ دولقۇن شەكلىدە بارلىققا كەلگەن ئېلىكتىر ماگنتلىق تەۋرىنىشتۇر.


ئېلىكتىر ماگنىت دولقۇنىنى سۇ دولقۇنىغا ئوخشاش كۆرگىلى بولمىسا ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قانداقمۇ ئىسپاتلاش كېرەك؟



ھېرتىس تەجرىبىسى



1879-يىلى ماكسىۋېل ۋاپات بولىدۇ. دەل شۇيىلى بېرلىن پەنلەر ئاكادېمىيىسى ھېلمھولتىسنىڭ تەشەببۇسى بويىچە ئېلىكتىر ماگنىت دولقۇنىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلىغان كىشىلەرگە مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ. ھېلمھولتىس بولسا بۇ ئىشنى ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ھېرتىسقا تاپشۇرىدۇ.


ھېرتىس 1857-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى گېرمانىيىنىڭ ھامبورگ شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئاتا-ئانىسىنىڭ تەربىيىسى قاتتىق بولغانلىقتىن، ھېرتىس كىچىكىدىنلا ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرگەن.


ئۇ 1886-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرى يۇقىرى سۈرئەتتىكى ئېلىكتىر تەۋرىنىش تەجرىبىسىنى ئىشلەيدۇ. ئۇ قايتا-قايتا تەجرىبە ئىشلەش جەريانىدا ئۆزى لايىھەلىگەن ھېرتىس ئوسسىللاتورى بىلەن دېتىكتورنى ياساپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تەجرىبىسىدە زور ئىلگىرلەشلەر بولىدۇ. ئۇ بۇ ئەسۋابلار بىلەن ئېلىكتىر ماگنىت دولقۇنىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاپلا قالماي، يەنە بۇ دولقۇننىڭ تېزلىكىنىمۇ ئۆلچەپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئۆلچىگىنى بىلەن ماكسىۋېلنىڭ ئالدىن ئېيتقىنى ناھايىتى ئوبدان ماسلىشىدۇ. ھېرتىس 1888-يىلى ئۆزىنىڭ بۇ مۇۋەپپىقىيىتىنى بېرلىن پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ ئالدىدا جاكارلايدۇ.


بۇ ئۇلۇغ ئالىم 1894-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى 37 يېشىدا كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولىدۇ.




مەنبە: ئۆزۈم توپلىغان ماتېرىياللار ( فەلەكىيات بلوگىfelekiyat.blogbus.com)

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-2-24 11:30:40

بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىزمۇ ئەينى ۋاقىتتا قاشتېشىنى يېنىدا ئېلىپ يۈرۈش ئارقىلىق ئۇنى ئەڭ ئىپتىدائىي چاقماق قايتۇرغۇچ قىلىپ ئىشلەتكەن. بۇ ھەقتە تۈركىي تىللار دىۋانىدىمۇ ئىزاھات بار.

يەنە مەندە مۇنداق بىر گۇمانىي قاراش بار. يەنى بەدەندىكى زەرەت ، ماگنىت مەيدانى قاتارلىقلاردىكى ئۆزگىرىشلەرنى تەجىرىبە قىلىش ئىمكانىيىتى بار ياكى شۇنداق ئۈسكۈنىلەر تولۇق، شارائىتى يار بېرىدىغان بىئولوگلار ياكى فىزىكىلىق داۋالاش يۆنىلىشى بويىچە تېببىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلار بولسا ۋەياكى بىئو خېمىيە نۇقتىسىدىن بولسىمۇ بولىدۇ ئومۇمەن مۇشۇ ھەقتە ئويلۇنۇپ باققان بولسا. يەنى بىزنىڭ ئادىتىمىزدە بەدەنلىرى ئاغرىپ، چېقىپ قالغان ئەھۋاللاردا بىرسى بەدىنىنى مۇجۇپ تۇتۇپ قويغاندىن كېيىن بىمارنى تۇتۇپ قويغۇچى ماڭا قوقاق ئۆتۈپ كېتىدۇ، دەپ قاراپ تامغا ‹كۆچ، كۆچ، كۆچ›دەپ بىر قانچىنى ئۇرۇۋېتىدىغان ئادەت بار. بۇ بەدەن بىلەن بەدەن تېگىشكەندىن كېيىن ماگنىت مەيدانىنىڭ ئۆزئارا تەسىرلىشىشىدىن پەيدا بولغان ئارتۇق زەرەتنى تامغا ئۆتكۈزۈۋېتىش قاتارىغا كىرەمدۇ؟ ئۇنداقتا بىز دەۋاتقان قۇرقاق دەل شۇ بەدەندە ئېشىپ كەتكەن ھېلىقى مەنفىي ياكى مۇسپىي زەرەتلەر شۇمۇ؟قان ئايلىنىشتىمۇ بەدەندىكى ئەركىن ئېلىكتىرونلارنىڭ ھەركىتى تەسىرىدە بەدەندە ئاجىز ئېلىكتىرولىت پەيدا بولغان بولسا بۇ دەل بىز دەۋاتقان كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى ئامىل شۇمۇ؟ بۇنىڭ تېبابەتتە كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى ئەركىن رادىكال دەپ ئېلىۋاتقان ئاتالغۇ بىلەن قانداق پەرقى بار؟

matu يوللانغان ۋاقتى 2012-2-24 11:58:17

قوقاق دىگىنى مۇسكۇللارنىڭ ھارغىنلىق سەۋەبىدىن يېغىلىپ قېتىۋېلىشى ئوخشايدۇ،ئوبدان تۇتۇپ قويسا بوشاپ راھەتلىنىپ قالىدۇ.بەك قاتتىق بولۇپ كەتكەن غول-بەللەرنى تۇتۇپ قويغاندا بارماقلارنىڭ ئاسانلا تېلىپ كېتىشىدىن شۇنداق نەتىجە چىقىرىۋالدىم.

مەندە تىنچ زەرەت جىق،نەگە بارسام توك سوقۇپلا يۈرىدۇ. \"\"

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2012-2-24 15:12:22

1- قەۋەتتىكى gulhekimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىزمۇ ئەينى ۋاقىتتا قاشتېشىنى يېنىدا ئېلىپ يۈرۈش ئارقىلىق ئۇنى ئەڭ ئىپتىدائىي چاقماق قايتۇرغۇچ قىلىپ ئىشلەتكەن. بۇ ھەقتە تۈركىي تىللار دىۋانىدىمۇ ئىزاھات بار.




قاشتىشى توك ئۆتكۇزەمدۇ ؟ ئەگەردەئۇ توك ئۆتكۇزمىسە ، قانداق قىلىپ چاقماق قايتۇرغۇچنىڭ رولىنى ئۆتەيدۇ ؟


ئادەتتە چاقماق قايتۇرغۇچنىڭ (避雷针) رولى چاقماقنى ئاسمانغا قايتۇرۋىتىش ئەمەس بەلكى يەرگە ئۆتكۇزۇۋىتىش(接地) . چاقماق قايتۇرغۇچنىڭ يەر بىلەن بولغان قارشىلىقى تۆت ئومدىن چوڭ بولماسىقى كېرەك .



دېمەكچى بولغىنىم ، (ئۆزەمنىڭ شەخسى قارىشى )قاشتىشى چاقماق قايتۇرغۇچنىڭ رولىنى ئۆتىيەلمەيدۇ .



قوشۇمچە : چاقماق چاققاندا ئىگىز يەردە تۇرۇشقا ، قولىدا مىتال بويۇملارنى تۇتۇپ تۇرۇشقا ، دەرەخلەرنىڭ بولۇپمۇ ئالما دەرىخىنىڭ (ئالما دەرىخى تەركىبىدە تۆمۇر ماددىسى كۆپ ) تۈۋىدۇ تۇرۇشقا بولمايدۇ ، ئەگەر بەك قوقۇپ كەتسىڭىز يەردە دۈم يىتىۋىلىڭ (ئۇچرىشىشى يۇزى كۆپ بولغاچقا ، چاقماق ئاسانلا سىزدىن يەرگە ئۆتۈپ كېتىدۇ .) . تىلۋۇزۇرنىڭ ئانتىنېسىنى تۇتۇشقا (ئادەتتە ئۆگزىدىن بەش ئون مىتىر ئىگىز چىقىرىپ قويىدىغان ئانتىنا كۆزدە تۇتۇلىدۇ ) ، تىلىفۇن قىلىشقا (چاقماق تىلىفۇن سىگنالىنى بويلاپ ، ئەگىشىپ كىلەرمىش ...)بولمايدۇ .


halik_puli يوللانغان ۋاقتى 2012-2-24 18:28:32

مېنىڭ بىر تونۇشۇمنىڭ ئۇۋىلاشتىن ئانچە مۇنچە خەۋىرى باركەنتۇق، ئۆتكەندە بۇ توغرىلىق ئازراق سۆزلەپ بەرگەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئادەم سوغۇق مۇھىتتىن ئىسسىق مۇھىتقا ياكى ئىسسىق مۇھىتتىن سوغۇق مۇھىتقا ئۆتكەندە مۇسكۇللاردا ئۇيۇشۇش كۆرۈلۈپ، ئۇيۇشقان يەرلەردىكى قان ئايلىنىش توسالغۇغا ئۇچراپ ئاغرىق پەيدا قىلىدىكەن.

بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇۋىلاش ئارقىلىق ئاغرىق پەيدا بولغان ئورۇندىكى ئۇيۇشقان مۇسكۇللارنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ يۇمشىتىش ئارقىلىق قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەككەن. قان ئايلىنىش نورماللاشقاندىن كىيىن ئاغرىقمۇ تەبىي ھالدا يوقاپ، كىشى ئۆزىنى خۇددى يەڭگىللەپ قالغاندەك ھېس قىلىدىكەن.

يۇقىرىقىلارنىڭ قانچىلىك توغرا ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم. ئىزدىنىشتىكى ئۇستازلار تەلىم بەرگەي.

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-2-24 19:11:10

4- قەۋەتتىكى halik_puliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مېنىڭ بىر تونۇشۇمنىڭ ئۇۋىلاشتىن ئانچە مۇنچە خەۋىرى باركەنتۇق، ئۆتكەندە بۇ توغرىلىق ئازراق سۆزلەپ بەرگەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئادەم سوغۇق مۇھىتتىن ئىسسىق مۇھىتقا ياكى ئىسسىق مۇھىتتىن سوغۇق مۇھىتقا ئۆتكەندە مۇسكۇللاردا ئۇيۇشۇش كۆرۈلۈپ، ئۇيۇشقان يەرلەردىكى قان ئايلىنىش توسالغۇغا ئۇچراپ ئاغرىق پەيدا قىلىدىكەن.

بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇۋىلاش ئارقىلىق ئاغرىق پەيدا بولغان ئورۇندىكى ئۇيۇشقان مۇسكۇللارنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ يۇمشىتىش ئارقىلىق قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەككەن. قان ئايلىنىش نورماللاشقاندىن كىيىن ئاغرىقمۇ تەبىي ھالدا يوقاپ، كىشى ئۆزىنى خۇددى يەڭگىللەپ قالغاندەك ھېس قىلىدىكەن.

يۇقىرىقىلارنىڭ قانچىلىك توغرا ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم. ئىزدىنىشتىكى ئۇستازلار تەلىم بەرگەي.



دېگەنلىرىڭىز توغرا، ئەمما ئۇ پەقەت ئەڭ ئەقەللىي تەرەپ. بىز بۇنى يەنە بىر نۇقتىدىن مۇھاكىمىگە قويۇپ باقماقچىدۇق.

jaziyra يوللانغان ۋاقتى 2012-2-24 19:17:56

مەن بەك قىززىقىمەن مۇشۇ ماگنىتقا . ماگنىت كۈچىنى % 100تولۇق ئۆتكۈزمەيدىغان ماتىرىيال تېپىلدىمۇ (كەشپ قىلىندىمۇ ) ؟شۇنداق ماتىرىيال ماڭا بەك لازىم ئىدى .

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2012-2-24 20:04:12

6- قەۋەتتىكى jaziyraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

   مەن بەك قىززىقىمەن مۇشۇ ماگنىتقا . ماگنىت كۈچىنى % 100تولۇق ئۆتكۈزمەيدىغان ماتىرىيال تېپىلدىمۇ (كەشپ قىلىندىمۇ ) ؟شۇنداق ماتىرىيال ماڭا بەك لازىم ئىدى .

ئەلېەتتە بۇنداق ماتىريال بار...


خاپا بولماي googleدىن ياكى bing دىن 磁场屏蔽材料 دەپ ئىزدەپ بىقىڭ ...

jaziyra يوللانغان ۋاقتى 2012-2-24 20:09:35

ئىزدەپ باقتىم ، لېكىن تاپالمىدىم\"\"

bulutt يوللانغان ۋاقتى 2012-2-25 12:26:33

6- قەۋەتتىكى jaziyraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

   مەن بەك قىززىقىمەن مۇشۇ ماگنىتقا . ماگنىت كۈچىنى % 100تولۇق ئۆتكۈزمەيدىغان ماتىرىيال تېپىلدىمۇ (كەشپ قىلىندىمۇ ) ؟شۇنداق ماتىرىيال ماڭا بەك لازىم ئىدى .



ماگنىتنى ئۆتكۈزىدىغان ماتېرىيالنى يەنە ماگنىتنى توسقۇچى قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.   مەن بىلىدىغان ئەڭ ياخشى ماگنىت ئۆتكۈزگۈچ
سىلىتسىيلىق پولات .


\"\"

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2012-12-5 10:48:04

8- قەۋەتتىكى jaziyraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىزدەپ باقتىم ، لېكىن تاپالمىدىم \"\"

نېمىگە ئىشلىتىغانلىقڭىزنى يازماپسىز . ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل مەسىلەن تېلېفۇن ياكى رادىئو قوبۇللىغۇچنى مىتال قاپ ئىچىگە سېلىپ قويسىڭز ھىچقانداق سىگنال قوبۇل قىلالمايدۇ . ئىچكى قىسمىغا ماگىنىت كۇچى كىرەلمەيدۇ ...

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-12-5 12:48:47

6- قەۋەتتىكى jaziyraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن بەك قىززىقىمەن مۇشۇ ماگنىتقا . ماگنىت كۈچىنى % 100 تولۇق ئۆتكۈزمەيدىغان ماتىرىيال تېپىلدىمۇ (كەشپ قىلىندىمۇ ) ؟ شۇنداق ماتىرىيال ماڭا بەك لازىم ئىدى .

بۇلۇت يوللىغان سۈرەتتىكىسى ماتىرىيالنىڭ شەكلى ۋە ماگىنىت مەيداننىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىغا باغلىق بولغان ماگىنىت ئۆتكۈزمەسلىك ئەھۋالى شۇكەن، jaziyraنىڭ مەسىلىسىنى شۇنداق ھەل قىلسا بولارمىكىن.




100% بەك چوڭ گەپمىكىن.


ئولتىرا تۈۋەن تىمپراتورىدا، ئۆتكۈزگۈچ مىتاللارنىڭ توكقا نۆل قارشىلىق بىلدۈرىدىغان ھالىتى بار، شۇنداق تۈۋەن تىمپراتۇرىدىكى مىتال قاچا ئىچىدە ماگىنىت لەيلەپ قالىدۇ، دەپ كۆرگەندەك قىلغان.


مەن يېقىندا ئىشلىگەن تەجرىبەم سىزگە كېرەك بولۇشى مۇمكىن. مەنچە سىزدە تۇراقلىق ماگىنىتلىق ئېلېكتىر ماتوردىن بىر- نەچچىسى بار، ئىچىدىكى تۇراقلىق ماگىنىتى تۇتاش شەكلىدىكىسىنىڭ قېپىغا تۆمۈرنى تەككۈزسىڭىز، تارتىش كۈچى ئىنتايىن- ئىنتايىن تۈۋەن بولىدۇ، لېكىن تۇراقلىق ماگىنىتى ئىككى پارچە بىر خىلىدىكىسىدە ئۇنداق بولمايدۇ، قاپنىڭ سىرتىدىمۇ روشەن ماگىنىت كۈچى بولىدۇ. مەيلى قايسى خىلدىكى ئېلېكتىر ماتور بولسۇن، ئىككىسىنىڭ قاپ ماتىرىيالى چوڭ پەرق قىلمايدۇ، يەنى، ئەسلىدە ئىككىلىسى ماگىنىت ئۆتكۈزىدۇ.


مېنىڭ تەجرىبەم مۇنداق: ئىككى دانە ئوخشاش كۈچلۈك ماگىنىت بار، بۇ ئىككىسىنى قېلىنلىقى بەك نېپىز بولمىغان تۆمۈرگە چاپلايمىز، ئوخشىمىغان يۆنىلىشتە چاپلايمىز. ئاندىن، ياردەمچى تۆمۈرنى ماگىنىت چاپلانغان تۆمۈرنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە تۇتسىڭىز، ماگىنىت تارتىشىش كۈچى ئىنتايىن- ئىنتايىن تۈۋەن بولىدۇ! بۇنىڭ نىسبىتىنى ھېساپلاپ باقماپتىمەن، پەرىزىمچە %95 تىن ئارتۇق تارتىشىش كۈچى غايىپ بولدۇ. ماگىنىتنىڭ بىر پارچىسىنى ئېلىۋەتسىڭىزلا، تارتىشىش كۈچى روشەن كۈچىيىدۇ.


چىقارغان يەكۈنۈم مۇنداق: ماگىنىت ئۆتكۈزگۈچى مېتال بولسا، ماگىنىتنىڭ ئەسلىدە بوشلۇقتا تارقىلىۋاتقان ماگىنىت كۈچ سىزىقچىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى ئۆزىدىن ئۆتكۈزۈپ يەنە بىر قۇتۇپقا يوللاپ بېرىدۇ.ماگىنىتنىڭ كۈچ سىزىقچىلىرى ماگىنىت ئۆتكۈزگۈچى مېتالنى بويلاپ مېڭىشقا مايىل بولغانلىقتىن، مېتالنىڭ يۈزىنىڭ سىرتىدا كۈچ سىزىقچىلىرى مۇتلەق ئازىيىپ كېتىدۇ.


بولۇپمۇ، سېلېندىرسىمان ماگىنىت سەپلەنگەن ئېلېكتىر ماتوردا، تۆت دانە S,N قۇتۇپنىڭ كۈچ سىزىقچىلىرى سىرت تەرەپتە ئاساسەن قاپنى بويلاپ مېڭىپ، قاپ يۈزىنىڭ سىرتىدا تەسىر كۈچى يوق دىيەرلىك ئەھۋال يۈز بېرىدۇ.


ئەگەر، ئىككى پارچە ماگىنىتنىڭ كۈچى باراۋەر بولمىسا، مىتالنىڭ يەنە بىر يۈزىنىڭ سىرتىدا روشەن ماگىنىت تارتىشىش كۈچى بولىدىكەن.


يوقىرىدىكىلەر مەن بىۋاستە ئىشلىگەن تەجرىبىدىن ئېرىشكەنلىرىم. ئەگەر، @jaziyra سىز يەتمەكچى بولغان مەقسەتكە بۇ ھالەت يىتەرلىك بولسا، ئايرىم ئالاھىدە ماتېرىيال ئىزدىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، ماگىنىتنى ئوبدان ئۆتكۈزىدىغان سىلتىسىيلىق تۆمۈرنىڭ بىر تەرىپىگە ئوخشاش كۈچلۈكتىكى ئىككى پارچە ماگىنىت چاپلانسا ياكى ئايلانما ھالدا جايلاشسىلا مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ.


فارادىي قەپىزى توغرىسىدا، سىرتتىن كېلىۋاتقان ئېلېكتىر ماگىنىت دۇلقۇنى، قەپەزنىڭ سىرت- ئىچ يۈزىدە ئىندۇكسىيىلىك تەسىر پەيدا قىلىدۇ، سىرت ۋە ئىچ يۈزىدىكى بۇ ئىككى تەسىرنىڭ ئۆز- ئارا چەكلەش تەسىرى بىلەن، ئېلېكتىر ماگىنىت دۇلقۇنى قەپەز ئىچىگە ئۆتەلمەيدۇ ياكى بەك ئاجىزلاپ كېتىدۇ، بۇ قەپەزنىڭ شەكلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، قاچا بولسىمۇ بولىدۇ.



فارادىي قەپىزى ئالاھىدە ياسالغان قەپەز ئەمەس، مىتال قاچا ۋە مىتال تور قەپەستىنلا ئىبارەت، ئەگەر، مىتال قاچىنىڭ سىرتىغا يەككە تۇراقلىق ماگىنىتنى تۇتساق، قاپنىڭ سىرت- ئىچ يۈزىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىشچان ئېلېكتىرو ماگىنىت مەيدانى بولمىغانلىقتىن، ھەمدە يوقارقى تەجرىبەمدىكى ئەھۋالغا چۈشمىگەن ھالدا ماگىنىت كۈچى ئۆتۈپ كېتىۋېرىدۇ، ئاجىزلايدۇ، ئاجىزلىشىنىڭ سەۋەبى، كۆپ قىسىم ماگىنىت كۈچ سىزىقچىلىرى مىتالنى بويلاپ مېڭىپ كېتىدۇ.

kantir يوللانغان ۋاقتى 2012-12-5 17:17:47

ئەلا

jaziyra يوللانغان ۋاقتى 2012-12-19 13:12:59

@bulutt@radiofan@baqkaسىزلەرنىڭ قىممەتلىك پىكىر بەرگىنىڭىزلەرگە رەھمەت .

مەن ماگنىت توسقۇچنى ئىشلەتمەكچى بولغان ھالەت:ئىككى پارچە كۈچلۈك ماگنىت ئوتتۇرىسىدىكى ماگنىت كۈچ تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ( ئەڭ ياخشىسى يوق قىلىۋىتىش ) ئىدى ، 100% توسىيالايدىغان ماتىرىيالنىڭ تېپىلىشى ناتايىن ( يوق - دەپ كېسىپ ئېيتىۋىتىشكىمۇ بولمايدۇ ) ، بىر - بىرىگە يېقىن قويۇلغان ئىككى كۈچلۈك ماگنىتنىڭ ئۆزارا تەسىر كۈچىنى قانچە ئازايتالىسا شۇنچە ياخشى ئىدى .



ئەزىيزلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلگېنىگە رەھمەت .



\"\"

oghuzkb يوللانغان ۋاقتى 2012-12-20 00:23:57

@jaziyra



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:



بۇ سۇئالىڭىزغا بىر نەچچە يىل ئالدىدا جاۋاب بەرگەندەك قىلغان ئىدىم. ميۇ-مېتال بولمىدىمۇ؟ ئادەتتە ماگنېت مەيداننى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن (ئېلېكتىر مەيدانىنى توسۇشقا ئوخشىمايدۇ بۇ) ئەڭ كۆپ ئىشلىنىدىغان ماتېريال شۇ ميۇ-مېتالى (ئالاھىدە ئىشلەنگەن قىتىشما)، ئۇنىڭدىن نوچىسى سيۇپېرئەللوي (Superalloy)، بۇ سەل قىممەت بولۇشى مۇمكىن، ھەم نىپىز قىلىش قىيىن، چۈرۈك بولغاچقا بۇنداق قىتىشمىلارنى نىپىز قىلغاندا بەك ئاسان سۇنۇپ كىتىدىغان بولۇپ، شەكىل ئۆزگەرتىش قىيىن بولۇپ قالىدۇ، لىكىن يىڭى چىققان ياكى ميۇ-مېتالغا قوشۇپ ئىشلەنگەن ماتېرياللارمۇ بار، مىسالغا GIRON, Mag-Stop, Metglas, Finemet دىگەندەك. ئەڭ ياخشى ئۇسۇل، ميۇ-مېتال ياكى نىكىل ياكى كوبالىتنىڭ قىتىشمىلىرىدىن ئىشلەنگەن نىپىزەرەك تاختىلاردىن سىلىندىر شەكىلدە (بۇ يەردە قانداق شەكىلدە قىلىشمۇ بەك مۇھىم. ماگنىت مەيدان چاچما مەيدانىنىڭ تەسىر دائىرسىنى، ھەم توسماقچى بولغان ماگنىت مەيدان سىزىقلىرىنىڭ تەخمىنى يولىنى ئويلىشىش لازىم، ئەگەر تاختا مېتال پارچىسى بويىچە توسقاندا، شۇ تاختا ئەڭ ياخشىسى سۈمۈرمەكچى بولغان ماگنىت مەيدان سىزىقلىرى بويىچە ياتسا (پاراللېل) بەك ئۈنۈملۈك بولىدۇ. ھەم تاختا مەنبەگە يىقىنىراق بولغىنى ياخشى. ) توسماقچى بولغان ماگنىت مەيدانىنى مۇشۇنداق تاختىلاردا نەچچە قات قىلىپ توساش ياكى ئوراش ئەڭ ئۈنۈملۈك بولىدۇ. كەمچىلىكى: بەك يۇقۇرى ياكى بەك تۆۋەن ماگنىت مەيدانى ئۈچۈن ئۈنۈمى تۆۋەن،گىگاگىرتېستىن يۇقۇرى مەيدانلاردا ئاساسەن ئىشلىمەيدۇ، ئۇنداق ئەھۋالدا مىس يا ئاليۇمىننى ۋە يا فارادېي قەپىزىنى ئىشلەتكەن ئەۋزەل. تۆۋەن چاستۇتىدىكى ياكى مۇقىم مەيدانلارغا ھىلىمھولتىس سىم ئورامى ياكى ئاددى سولنويىد سىم ئورامى (ئوتتۇرا مەكتەپ دەرىسلىكىدە بار) قىلىپ، مەيدان يۆنىلىشىنى توسماقچى مەيدانغا قارشى قىلغاندا، مەيداننىڭ يىيىشىپ ئاجىزلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، بۇمۇ بىر ئامالى.



ماگنىت مەيدانىنى ئەڭ ئېسىل توسايدىغان ماتېرياللار يەنىلا ئاسمانغا چىقىرىلغان ئۈسكۈنىلەردە، چۈنكى ئۇلار ئۈچۈن ئىنتايىن ئاجىز سىگناللارنى ئۆلچەشكە توغرا كىلىدۇ، شاۋقۇن سىگنال توساش بەكلا مۇھىم. لىكىن ئۇلار بەكلا ئالاھىدە تەييارلانغان قىتىمشىلارنى ئىشلىتىدىكەن، ئۇ تېخنىكىسى جۇڭگۇدىمۇ بارمۇ مەن بىلمەيمەن. ئالدىنقى كۈنلەردە گۇئاڭدوڭدىكى بىر ماگنىت پارچىلىرى ئىشلەيدىغان زاۋۇتنىڭ تەتقىقات بۆلىمىدە ئىشلەيدىغان بىر قېرىندىشىمىز بىلەن تونۇشۇپ قالغان، دۆلەت ئىچىدىكى ماتېرياللارنى بەلكىم ياخشى بىلىشى مۇمكىن.



يۇقۇرى-تىمپىراتۇرا (سۇيۇق ئازۇت مۇھىتىدا ئىشلەيدىغان) ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلىرى ماگنىت مەيداننى ئۆتكۈزمەيدۇ، مىسال ئۈچۈن Y2O3+BaCO3+CuO نىڭ ئارلاشمىسى ۋە ياكى باشقا ماتېرياللار. ئەلۋەتتە، بۇنىڭ ئۈچۈن سۇيۇق ئازۇت ئىشلىتىسىز.



ئەڭ تىز ھەم ئەڭ ئۈنۈملۈك يول، نىپىز ميۇ-مېتالىنى سىتۋىلىپ شۇنى ئىشلىتىش. بۇ ھەممە يەردە بار، ھەم بەك كەڭ ئىشلىتىلىۋاتقان ماگنىت قالقانى. بەيدۇ دىن ياكى گۇگىلدىن ”Mu-metal“ دەپ ئىزدىسىڭىزلا بولىدۇ، ئىشلەيدىغان زاۋۇتلارغىچە چىقىرىپ بىرىدۇ. مۇشۇنچىلىك دىيەلەيمەن.

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2012-12-20 10:07:46

مەن جەزيرەنىڭ سۇئالىنى چۇشەنمدىممۇ ياكى سىلەر چۇشەنمىدىڭلارمۇ ئۇنىسى ماڭا نامەلۇم .

مېنىڭ چۇشەنگىنىم :

جەزيرەگە ماگىنىتتىن دالدىلاش لازىمكەن (磁场屏蔽)

1-سىز دالدىلىماقچى بولغان ماگىنىتنى مىتال قاپ بىلەن تولۇق ئوراپ قويۇڭ

مىسال : CRT تېلېۋۇزۇر ئىكراننىڭ كانىيىنىڭ ماگىنىتى مىتال قاپ بىلەن ئوراقلىق ، شۇڭا رەسىم نۇرمال كۆرۇنىدۇ . ئەگەر ئاشۇ مىتال قاپنى ئېلىۋەتسەك ، رەسىم مايماق كۆرۇنىدۇ ، ھەتتا ئىكران ئەتراپىغا ماگىنىت قويۇپ قويۇلسىمۇ ، رەسىم مايماق كۆرۇنىدۇ . ئەمما ئاشۇ ماگىنىتنى مىتال قاپ بىلەن ئوراپ قويساق ماگىنىت سىگنالى قاپنىڭ سىرتىغا چىقالماي ، دالدىلاش رولىنى ئۆتەيدۇ ...



بىلمىدىم ، ئوغۇز بۇرادەر (师哥) قانداق چۇشەندىكىن ؟ @oghuzkb

ئەلۋەتتە ئارانلا تولۇق كۇرۇسنى پۇتتۇرگەن بىر ھەۋەسكارنىڭ بىلىمى چولتا ، نەزەر دائىرسى تار بولۇشى مۇمكىن ، بىلگىنىڭلارنى ئايماڭلار ...

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2012-12-20 12:17:43

بىزنىڭ ئۆينىڭ ئىچدە تېلفۇن سىگنالى بەك ناچار، تامنىڭ قېتىدىكى پولات چىۋىقلار فارادى قەپىزىنىڭ رولىنى ئوينامدىكىن دەپ قالدىم.

sandhouse يوللانغان ۋاقتى 2012-12-20 14:18:42

نىكولا تېسلا توغرىسىدا بىر ئېغىز گەپمۇ يوققۇ ؟!

oghuzkb يوللانغان ۋاقتى 2012-12-20 19:00:47

15- قەۋەتتىكى radiofanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن جەزيرەنىڭ سۇئالىنى چۇشەنمدىممۇ ياكى سىلەر چۇشەنمىدىڭلارمۇ ئۇنىسى ماڭا نامەلۇم .

مېنىڭ چۇشەنگىنىم :

جەزيرەگە ماگىنىتتىن دالدىلاش لازىمكەن (磁场屏蔽)

1-سىز دالدىلىماقچى بولغان ماگىنىتنى مىتال قاپ بىلەن تولۇق ئوراپ قويۇڭ

مىسال : CRT تېلېۋۇزۇر ئىكراننىڭ كانىيىنىڭ ماگىنىتى مىتال قاپ بىلەن ئوراقلىق ، شۇڭا رەسىم نۇرمال كۆرۇنىدۇ . ئەگەر ئاشۇ مىتال قاپنى ئېلىۋەتسەك ، رەسىم مايماق كۆرۇنىدۇ ، ھەتتا ئىكران ئەتراپىغا ماگىنىت قويۇپ قويۇلسىمۇ ، رەسىم مايماق كۆرۇنىدۇ . ئەمما ئاشۇ ماگىنىتنى مىتال قاپ بىلەن ئوراپ قويساق ماگىنىت سىگنالى قاپنىڭ سىرتىغا چىقالماي ، دالدىلاش رولىنى ئۆتەيدۇ ...



بىلمىدىم ، ئوغۇز بۇرادەر (师哥) قانداق چۇشەندىكىن ؟ @oghuzkb

ئەلۋەتتە ئارانلا تولۇق كۇرۇسنى پۇتتۇرگەن بىر ھەۋەسكارنىڭ بىلىمى چولتا ، نەزەر دائىرسى تار بولۇشى مۇمكىن ، بىلگىنىڭلارنى ئايماڭلار ...



مەنچە جازىيرا نىڭ دىگىنىنى ئىككى ماگنىت مەيدانىنى بىر-بىرىگە تەسىر قىلغۇزماسلىق دەپ چۈشەندىم. دىمەك بۇ يەردە ماگنىت مەيدانىنىلا ئويلىشىمىز.



سىز دىگەن CRT نىڭ ئەسلى يىزىلىشى cathode ray tube، بۇنىڭدا ئېلېكترون دەستىسى ھاسىل قىلىپ، ئاندىن لىنزىلار ئارىقىلىق شۇ ئېلېكترون دەستىسىنىنىڭ يولىنى داۋاملىق ئۆزگەرتىسىز، شۇ دەستە فوسفورلۇق (ئېلېكترون ياكى فوتون سۈمۈرۈپ بىزگە كۆرىنىدىغان فوتۇن چىقىرىدۇ) ئىكرانغا سوقۇلغاندا نۇر چىقرىدۇ. ئېلېكترونلار مەيلى ماگنىت مەيدانى بولسۇن (لورىنتىس كۈچى) ياكى ئېلېتىر مەيدانى بولسۇن ئوخشاشلا كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. شۇڭا بۇ يەردە سىز ئېلېكترون دەستىسىنى ئىككىلا خىل سىرىتقى مەيداندىن دالدىلىشىڭىز كېرەك. مەيلى ئاليۇمىن بولسۇن ياكى مىس بولسۇن، مىتاللا بولسا (توك ئۆتكۈزۈشچانلىقى ياخشى بولغىنى ئەۋزەل)، ئېلېتىر مەيدانىنى ئۈنۈملۈك دالدىيالايدۇ، بۇ دالدىلاش ماگنىت مەيدانىنى دالدىلاش پرىنسىپى بىلەن پەرىقلىنىدۇ. شۇنداقلا ئىنتايىن يۇقۇرى چاستوتىلىق ماگنىت مەيدانىنىمۇ (قىسمەن رادىيو دولقۇنلىرى، مىسالەن يانفون ئۇچۇر ئالاقىسىدىكى مەيداندەك، ئادەتتە گىگاگىرتىستىن يۇقۇرى بولىدۇ چاستۇتىسى) توسىيالايدۇ. لىكىن بۇ خىل پاراماگنىتلىق مىتاللار تۆۋەن چاستۇتىدىكى ياكى مۇقىم ماگنىت مەيدانىنى توساشتا بەك چىنىپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا سىڭشچانلىق قىممىتى يۇقۇرى بولغان مىتال ئىشلەتكەندە (كۆپىنچە تۆمۈر، كوبالىت، نىكىلنىڭ قىتىشمىلىرى) ئۈنۈمى بەك ياخشى بولىدۇ، يەنى بۇنداق ماتېريالنىڭ ماگنىت مەيدان سۈمۈرۈشچانلىقى يۇقۇرى بولىدۇ. ئۈستۈدىكى دىگەن ميۇ-مىتال دەل شۇ خىل تىپتىكىسى. ئەگەر بۇ ماتېرياللارنىڭ توسۇشتىكى پەرقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، ئوخشاش قىلىنلىقتىكى ماتېرياللارنى تەييارلاپ قارا-ماگنىت بىلەن سىناپ باقسىڭىزلا بولىدۇ. ئەگەر ماگنىت مەيدانىنى ئۆلچايدىغان گائۇسمىتىر بولسا قولىڭىزدا، پەرقىنىڭ قانچىلىكلىكىنى ئىنىقلا كۆرىسىز.



شۇڭا تەجىربىخانىمىزدا بىردەك ميۇ-مىتال ئىشلىتىپ ماگنىتلىق مىلتىق ۋە رىنتىگىن نۇرى فوتوئېلېكترون سپىكتروسكوپىيەلىرىمىزنى ئوراپ، دالدىلاشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز، ئۆلچەيدىغان ئېلېكترونلارنىڭ ئىنىرگىيەسى بەكلا تۆۋەن بولغاچقا، يەر-شارىنىڭ ماگنىت مەيدانىمۇ بەك تەسىر قىلىدۇ (گەرچە شۇنداق ئاجىز مەيدان بولسىمۇ)، ئادەتتىكى ماتېرياللار دالدىلاشنى ئىشقا ئاشۇرالمايدۇ. بۇ يەردىكى گەپ سىز زادى قانچىلىك دەرىجىدە دالدىلىماقچى، شۇنىڭغا باغلىق. 100% دالدىلاش ئۇنداق ئاسان ئەمەس، نەچچە قاۋات قىلىپ ئورىغاندا ئۈنۈمى بەك ياخشى بولىدۇ.



CRT غا ئىشلەنگەن مىتال دالدىمۇ مەن دىگەن قىتىمىشلاردىن بولۇشى مۇمكىن، بۇنى تەكشۈرۈپ ئاندىن بىلەلەيسىز، كۆپىنچە مىتال ۋە قىتىمىشلارنىڭ رەڭگى ئوخشاش



قوشۇمچە:


CRT تىلغا ئىلىنىپ قالدى، شۇ كونا تىلېۋىزورلارنىڭ ئىكران ئەينىكىگە قوغۇشۇن ئىشلىتىلگەن رادئاتسىيە توساش ئۈچۈن، شۇڭا شۇنداق كىرەكسىز ئەينەكلەرنى قالايمىقان تاشلىماڭ، ھەم يىراق تۇرۇڭ ئامال بار. قوغۇشۇن مىڭىنى ئۆتكۈر زەھەرلەيدىغان ئىغىر مىتال، سىمابقا ئوخشاش.





بەت: [1]
: ئېلىكتىر ماگنىت دۇنياسى