noshirwan يوللانغان ۋاقتى 2012-2-23 20:43:23

ھېكايەتلەر[كۆچۈرۈلمە]

ھېكايەتلەر






تىل بۇلغانمىسۇن


تىل-يېزىققا ئائىت پاراڭلاردا «گېپىمىزنى ئوڭلاپ قىلايلى»، «ئانا تىلىمىزنى تېپىۋالايلى»، «تىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغدايلى» دېگەنگە ئوخشاش مەزمۇندىكى نىدالارنى، سادالارنى كۆپلەپ ئۇچرىتىدىغان بولۇپ قالدۇق. بۇ تاسادىپىي ئوتتۇرىغا چىققان مەسىلە ئەمەس.


بىر بۇرادىرىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بىر ماگىزىندا سۇلياۋ خالىتىنىڭ ئۈستىگە چىرايلىق خۇشخەت بىلەن يېزىلغان، ئالتۇندەك ۋالىلداپ تۇرىدىغان «ئۈزۈم قۇرۇقى» دېگەن خەتلەرنى ئۇچرىتىپتۇ. يەنە بىر كىتابتا يېڭى تويى بولغان يىگىت بىلەن قىزنىڭ پەرزەنتلىك بولۇش-بولماسلىق توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىپ، «ھازىر بالا ئالماسلىق بىر خىل يېڭى مودىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ» دېگەنلىكىنى كۆرۈپتۇ. پەرزەنت كۆرۈش-كۆرمەسلىك توغرىسىدا پاراڭلاشقاندا، «بالا ئالمايمىز» دېگەن قانداق گەپ؟ بالا دېگەن بازاردىن سېتىۋالىدىغان نەرسە بولمىسا.


«قاتتىق دادۇرغا قارىتا يۇمشاق چايناش ئېلىپ بېرىلسا، ئاسان ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ» دېگەندەك تەقلىدتە سۆز قىلىدىغان دەرىجىگە بېرىپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەيلى.









قاتىلغا چاۋاك چېلىش


14 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن بىر قاتىل «خەلق ئۈچۈن ساۋابلىق ئىش قىلىپ، خىيانەتچى ئەمەلدارلارنى يوقاتتىم»، دەپ قارايدىكەن، ئۇ ئۆزىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن تۇرۇپ، سوتتا ھەققانىي، مەغرۇر، مەردانە قىياپەتتە سۆزلەپتۇ:


-تۆت يىلدىن بۇيان كەنتتىكىلەر بىلەن بىر قانچە قېتىم ئالاقىدار ئورۇنلارغا بېرىپ پاش قىلدۇق، لېكىن كۆلگە چۈشكەن تاشتەك ئۈن-تىنسىز يوقىلىپ كەتتى. بەزى ئەمەلدار –غوجاملار بىزگە ئالايدى، ھومايدى. بىزنىڭ گېپىمىز نەدە ئۆتىدۇ؟ بىزگە كىم ئاتىدارچىلىق قىلىدۇ؟ مەن زورلۇققا زورلۇق قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم، پۇقرانىڭ مەنپەئىتىنى ئۆزۈملا قوغداشقا توغرا كەلدى.


ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرغان ئادەملەر گۈلدۈراس چاۋاكلار بىلەن ئالقىشلاپتۇ.


بۇ بىر پاجىئە. ئاۋام-پۇقرا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ، ھەققانىيەتنى قوغداشقا مەجبۇر بولمىسا، بۇنداق پاجىئەلەردىن ساقلىنىش مۇمكىن.






«نەسىرىدىن ئەپەندى لەتىپىلىرى» نى قايتا ئوقۇپ...


«نەسىرىدىن ئەپەندى لەتىپىلىرى» نى قايتا ئوقۇپ شۇنداق بىر خىيالغا كېلىپ

قالدىم:


باي-غوجاملار ھەقىقەتەن ئىنساپى بار دىيانەتلىك زېمىندارلار ئىكەن. نەسىرىدىن ئەپەندى شۇنچە مەسخىرە قىلسىمۇ، ئۇلار «ئۆزۈم كەتتۈرۈپ قويۇپتىمەن» دەپ ياكى ھەيراندا «ھاڭ-تاڭ» بولۇپ ۋە ياكى «غىپپىدە قۇيرۇقىنى تىكىپ»، «كەشىنى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ» كېتىپ قالىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئىش تۈگەيدىكەن.


نېمىشقا ئىتلىرىنى قويۇپ بېرىپ تالىتىۋەتمەيدۇ؟ نېمىشقا ئاشكارا، خۇپىيانە بۇرادەرلىرىنى كۈشكۈرتۈپ ئەدەپلىمەيدۇ؟ نېمىشقا قاتىل ياللاپ ئۆلتۈرگۈزىۋەتمەيدۇ؟ نېمىشقا تىلىنى كېسىۋەتمەيدۇ؟ نېمىشقا كۆۋرۈك ئۈستىگە قىستىلىپ دەرياغا چۈشۈپ كېتىپ ئۆلۈشكە مەجبۇر قىلمايدۇ؟


سەمىڭىزدە بولسۇن، باي-غوجاملارمۇ ئۆز جايلىرىدا يۇرتنى سورايدىغان قىزىل كۆز، نائىنساپ، قارانىيەت، زالىم، سۈتخور، ئۆكتەم ئادەملەر ئىكەنغۇ!


ھازىرقى كۈندىكى باي-غوجاملار ئىچىدە ئۇلاردىن ئېشىپ كېتىدىغانلىرى ئاز ئەمەس...









بۇ ئىشلارغا شۈكۈر


قانۇننى ئىجرا قىلىدىغان خادىملار بىرەر ئادەمنى ئۇرۇپ زەخمىلەندۈرۈپ قويسىمۇ، لېكىن ئۆلتۈرىۋەتمەيدىغان بولدى، شۈكۈر!


دوختۇرخانىغا بارغاندا دوختۇرغا «سوۋغات» بەرسەك، ئوپىراتسىيىنى ئوبدان قىلىدىغان، ئوچۇق چىراي بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بولدى، شۈكۈر!


بالام باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، كەچقۇرۇنلۇق تاپشۇرۇقلارنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت توققۇزدا ئىشلەپ بولالايدىغان بولدى، شۈكۈر!


سېتىۋالغىنىم ساختا مالكەن، يەڭگۈشلەتكىنىممۇ ساختا بولۇپ چىقتى، لېكىن، مال ساتقۇچى يەڭگۈشلىنىپتۇ، مۇئامىلىسىمۇ ياخشى ئىكەن، شۈكۈر!


ھەر كۈنى ئۆيىمىزگە سۈت ئەكىلىپ بېرىدىغان بوۋاينىڭ سۈتكە ئارىلاشتۇرىدىغىنى سۇ ئىكەن، باشقا زىيانلىق نەرسىلەرنى ئارىلاشتۇرمىغانلىقىغا شۈكۈر!











ئىلىم ئال


«ئالىم بولساڭ ئالەم سېنىڭكى!»


ئىلىم-بىلىم يولىدا ئىجتىھات قىلغان ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ بۇ ئالتۇندەك قىممەتلىك سۆزلىرىدىن ئىلىم-بىلىم ئېلىشنىڭ ئىنسان ھاياتىدا سەل قارىغىلى بولمايدىغان ھاياتلىق ئەڭگۈشتەرى ئىكەنلىكى روشەن مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ. ئەپسۇسكى، ھازىر بۇ ھەقىقەتكە ئېتىبار قىلىدىغانلار بارغانسىرى ئازىيىپ كېتىۋاتقاندەك تۇرىدۇ. ئادەتتىكى ئادەملەر پەرزەنتلىرىنى ئوبدانراق ئوقۇتۇش يولىدا باش قاتۇرۇپ يۈرسە، بەزى كادىرلارنىڭ، رەھبەرلەرنىڭ ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن چەتئەللەرگە چىقىش، ھۆكۈمەت ھېسابىغا سەيلە-ساياھەت قىلىش، ھەتتا قورسىقىنىمۇ ھۆكۈمەت ھېسابىغا بېقىش كويىدا يۈرگەنلىكىنى، ئىلىم ئېلىشقا چولىسى تەگمەيۋاتقانلىقىنى، نەيرەڭ ئۈچۈن «بىلىم»گە مۇھتاج بولۇپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ-ئاڭلاپ تۇرۇپتىمىز.


ھەقىقەت بىلىملىرى ئالدىدا نەيرەڭ بىلىملىرى قانچىلىك ئەسقاتار؟!






لەۋھە


ئامېرىكىدا بىر ئادەم قاتىللىق قىلدى دەپ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا تارتىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن 20 يىل قاماقتا ياتقاندىن كېيىن مەلۇم بوپتۇكى، ھۆكۈم خاتا بولۇپ قاپتۇ. ئۇ زادىلا ئادەم ئۆلتۈرمىگەن ئىكەن، شۇڭا گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلىپتۇ. ئۇ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن دەرھال سوتقا ئەرز سۇنۇپ، 20 يىل ناھەق قامالغانلىقىغا تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، يەتتە مىليۇن دوللار تۆلەم ئاپتۇ.


ئېلىمىزنىڭ مەلۇم يېرىدىمۇ شۇنداق بىر ئىش چىقىپتۇ. ياۋاش، مۆمىن بىر دېھقان ئالتە كالىنى ئوغرىلىدى دېگەن گۇناھ بىلەن ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم بوپتۇ. ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئالتە كالىنى باشقا ئادەمنىڭ ئوغرىلىغانلىقى مەلۇم بولۇپ، ھېلىقى دېھقان گۇناھسىز دەپ قاماقتىن قويۇۋېتىلىپتۇ. ئۇ دېھقانمۇ ھېلىقى ئامېرىكىلىققا ئوخشاش سوتقا بېرىپتۇ. لېكىن، سوتقا بېرىپ ئەرز قىلماستىن، بەلكى، «پۇقرانىڭ باشپاناھى» دېگەن سۆزلەر چۈشۈرۈلگەن بىر پارچە تاۋار لەۋھەنى سۇنۇپ، بىر مۇنچە ئادەمنىڭ ئالدىدا تېزلىنىپ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپتۇ.


ئەگەر بازاردا كۆكتات ساتقاندا، باشقىلار 50 تىيىننى كەم بەرسە، بۇ دېھقاننىڭ ئۆلگىدەك جىدەل قىلىشى تۇرغانلا گەپ. لېكىن، ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنغاندا، تېزلىنىپ تۇرۇپ مىننەتدارلىق بىلدۈرگىنىگە نېمە دەيمىز؟ «بوزەكنى بوزەك ئەتمىسەڭ، قىيامەتتە سورىقى بار» دېگەننى بىلىۋالغانلار بۇنداق ئادەملەرنى تېپىۋالسا، كولدۇرلاتماي قالامدۇ؟






(توختى باقى ئارتىشى تەرجىمىسى)

yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-23 23:29:45

‹‹ «نەسىرىدىن ئەپەندى لەتىپىلىرى»نى قايتا ئوقۇپ... ›› مۇ تەرجىمىمۇ؟


noshirwan يوللانغان ۋاقتى 2012-2-24 07:54:36

1- قەۋەتتىكى yarkin92نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

‹‹ «نەسىرىدىن ئەپەندى لەتىپىلىرى»نى قايتا ئوقۇپ... ›› مۇ تەرجىمىمۇ؟




شۇنداقكەن.
بەت: [1]
: ھېكايەتلەر[كۆچۈرۈلمە]