ukar-as يوللانغان ۋاقتى 2012-2-23 14:37:56

ياشانغاندىكى دېۋەڭلىك كېسەللىكى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

       ئادەم ئوتتۇرا ياشقا بارغاندىن كىيىن، ئادەم مېڭىسى ئىقتىدار ۋە قۇرۇلما جەھەتتىن قېرىلىشىشقا باشلايدۇ، نېرۋا ھۈجەيرىلىرى كۆپلەپ چېكىنىدۇ، چوڭ مېڭە  قورۇلۇشقا باشلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نېرۋا ھۈجەيرىلىرى ۋە نېرۋا تالالىرىدا چېكىنىش خارەكتىرلىك ئۆزگىرىش بولىدۇ، مېڭە ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىنىڭ دەسلەپكى ئىپادىسى ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىدە ئىپادىلىنىدۇ. گەرچە ياش چوڭايغانسىرى ئادەم مېڭىسىدە يۇقىرىقىدەك ئۆزگىرىشلەر بولسىمۇ، بىراق ئالىملارنىڭ بايقىشىچە، ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى يۈكسەك دەرىجىدىكى ئېلاستىكىلىققا ئېگە بولۇپ، بىر قىسىم مېڭىسىنى داۋاملىق ئاكتىپلىق بىلەن ئىشلىتىپ تۇرىدىغان ياشانغانلارنىڭ مېڭىسىدىكى ئۇچۇرلارنى يەتكۈزىدىغان دەرەخسىمان ئۆسۈكچىلىرىنىڭ سانىدا ئازىيىش بولمايلا قالماي، بەلكى ئەكسىچە كۆپىيىش يۈز بېرىدۇ، ياشنىڭ ئېشىشى، بىلىم ۋە تەجرىبىلەرنىڭ بارغانسىرى موللىشىغا ئەگىشىپ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى، چۈشىنىش ئىقتىدارى ۋە تىل بىلەن ئىپادىلەش ئىقتىدارى بارغانسىرى يۇقىرى كۆتىرىلىدۇ، مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇش، ئەقلى يەكۈن چىقىرىش ۋە ھۆكۈم ئىقتىدارلىرى ياشلارنىڭكىدىنمۇ كۈچلۈك بولىدۇ.


       مۇتەخەسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، تۆۋەندىكى 9 خىل ئەھۋالدا ياشانغاندىكى دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ دەسلەپكى سېگنالى بولۇپ، ياشانغانلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇ خىل ئەھۋاللارنى بايقىغاندا، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا دېققەت قىلىش كېرەك.


      1. ئەستە تۇتۇشى توسالغۇغا ئۇچراش. ئۇنتۇغاق، چېچىلاڭغۇ بولۇپ قېلىش، ھېلى دېگەننى ھېلى ئۇنتۇپ قېلىش، ئوخشاش بىر سوئالنى تەكرار سوراش.


      2. كۆرۈش قۇۋۋىتى توسالغۇغا ئۇچراش. نەرسە- كېرەكلەرنىڭ قويۇلغان جايىغا توغرا ھۆكۈم قىلالماسلىق، ئۆزىنىڭ ئۆيى، كارىۋىتى قاتارلىقلارنى تاپالماسلىق، كىيىم- كېچەكنىڭ ئالدى- كەينى، ئوڭ- سولىنى پەرىقلەندۈرەلمەسلىك.


      3. تىلدا توسالغۇ پەيدا بولۇش. گەرچە ناھايىتى راۋان سۆزلەۋاتقاندەك قىلسىمۇ، ئەمما، ئاڭلىغۇچى نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭقىرالماسلىق، دۇدۇقلاش.


     4. يېزىش- سىزىشتا قىينىلىش. بىر نەرسە يازسا مەنىسىنى توغرا ئىپادىلەپ بېرەلمەسلىك، ئېغىر بولغاندا ئۆز ئىسمىنىمۇ يازالماسلىق.


      5. روھى خارەكتىرلىك ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ۋە تونۇش ئىقتىدارىنى يوقىتىش. ئەسلىدە ناھايىتى پىششىق بولغان ۋېلسىپىت مىنىشكە ئوخشاش ھەرىكەتلەرنى ئۇنتۇپ قېلىش، يېقىن ئادملىرىنى تونىيالماي قېلىش.


      6. ھېسابات قىلالماسلىق. نەرسە- كېرەك سېتىۋالغاندا ھېسابات قىلالماسلىق، ئېغىر بولغاندا ئاددىي قوشۇش- ئېلىش ئەمەللىرىنىمۇ ئىشلىيەلمەسلىك.


      7. ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى ناچار، دېققىتى ئاسان چېچىلىپ كېتىدىغان بولۇپ قېلىش.


      8. روھى جەھەتتىكى ئىقتىدارلىرى توسالغۇغا ئۇچراش. دائىم سەپرالىق قىلىش، ساختا تۇيغۇ پەيدا بولۇش، مىجەزى ئۆزگىرىپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلۈش.


     9. ھەرىكىتى توسالغۇغا ئۇچراش. نىشانسىز، مەقسەتسىز ھالدا ئۇياق- بۇياققا مېڭىش، چوڭ- كىچىك تەرەتنى كونتىرول قىلالماسلىق.


       تۆۋەندە ياشانغانلاردا بولىدىغان دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى كېچىكتۈرۈشنىڭ بىرقانچە پايدىلىق ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن:


      1. دېۋەڭلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تۈرلۈك خەتەرلىك ئامىللاردىن ساقلىنىش، ياخشى بولمىغان تۇرمۇش ئادەتلىرى ۋە يېمەك- ئىچمەك ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىش. بۇ يەردە ئېيتىلغان خەتەرلىك ئامىللار: ھاراق- تاماكىغا بېرىلىش، كەيپىيات ياخشى بولماسلىق، يالغۇز تۇرۇش، مۇھىت بۇلغىنىشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.


      2. دېۋەڭلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىش. يەنى: يۇقىرى قان بېسىم، قاندا ماي ماددىسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى، دىئابىت كېسىلى، جىنسى كېسەل، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشى قاتارلىقلار.


    3. ئارتىيە تومۇرى قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋاملىق يوسۇندا تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىپ بېرىش. مەسىلەن: پىچەكگۈل، چوڭ چىلان، نىلۇفەر ئۇرۇقى مېغىزى قاتارلىقلار.


     4. ئەقلى ئىقتىدار ۋە بەدەن فۇنكىسىيىسىنى چېنىقتۇرۇشقا دېققەت قىلىش، مېڭىنى كۆپ ئىشلىتىش، بارماق بوغۇملىرى قاتارلىق بوغۇملارنى داۋاملىق ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرۇش، بولۇپمۇ ئوڭ مېڭىنى چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، ئوڭ مېڭىنى چېنىقتۇرۇش دېۋەڭلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل بولۇپ، بۇنى قانچە بالدۇر باشلىسا شۇنچە ياخشى.


     5. روھى جەھەتتىكى كۈتۈنۈشكە ئەھمىيەت بېرىش، ھېسياتنى كونتىرول قىلىشقا دېققەت قىلىش، ئۈمۈدۋار ۋە خوشال كەيپىياتنى ساقلاش، مەيۈسلۈك دىلخەستىلىك ئازايتىىش.


     6. تەنھەرىكەت ئارقىلىق چېنىقىشنى كۈچەيتىش، ياشانغانلار ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ۋە كۈچ ماغدۇرى يېتىدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش.


     7. كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە يېمەك- ئىچمەك تەرتىپلىك بولۇش، ۋاقتىدا بولۇش، نورمىلىق بولۇش، سۈپەتلىك بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، يۇقىرى ئاقسىللىق، يۇقىرى تويۇنمىغان ماي كېسلاتالىق، ۋىتامىن مول بولغان، مايسىز، تۇزى كام يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش، ھاراق ۋە تاماكا تاشلاش، بېلىق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش، مۇۋاپىق مىقداردا ۋىتامىن E تولۇقلاش.


     8. يېقىن كىشىلىرىنىڭ غەمخورلۇقىغا ئېرىشىش. ئەلۋەتتە بۇ ھەرقانداق تەدبىردىنمۇ مۇھىم، ياشانغانلارنىڭ يالغۇزلۇقى، غېرىپلىقى ياشانغانلاردا بولىدىغان دېۋەڭلىك كېسلىنى تېزلىتىۋېتىدىغان ئەڭ كۈچلۈك ئامىللارنىڭ بىرى، بولۇپمۇ ھازىرقى جەمئىيەتتىكى ئېگىز بىنالاردا ئولتۇرىدىغان ياشانغانلارنىڭ يالغۇز قېلىشى بۇ خىل ئەھۋالنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پەرزەنتلەر ياشانغانلارنى ئامال بار يالغۇز قالدۇرماسلىق، ياشانغانلار بىلەن دائىم پاراڭلىشىپ، ھال- مۇڭ بولۇشۇپ تۇرۇش، جۆرىسى ئۆلۈپ كەتكەن ياشانغانلارغا ئامال بار بىر ياخشى ھەمراھ تېپىپ بېرىش كېرەك.


     9.  يېمەك- ئىچمەك ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش. بېلىق مېيى ۋە بېلىق جىگىرى مېيىنى ئىستىمال قىلىش، ئاچچىقسۇ ئىچىپ بېرىش، مۇۋاپىق مىقداردا تۇخۇم يېيىش، سۈت، كاپۇسكا، پەمىدۇر، تۇرۇپ، ئاپلىسىن، ئالما، ماندارىن، ئاناناس قاتارلىق مېۋە ۋە كۆكتاتلار چوڭ مېڭىنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتىرىدىغان بولۇپ، يەنە ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رولغا ئېگە.

1974jiwa يوللانغان ۋاقتى 2012-2-23 15:21:29

ئوبدان تولۇقلىما بوپتۇ. يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-23 16:27:31

بوۋاقلارغا قۇيرۇق ياغنى كۆپ بېرىش ياشانغاندا بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئامىلكەن...

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-2-23 18:57:38

2- قەۋەتتىكى uqkun1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بوۋاقلارغا قۇيرۇق ياغنى كۆپ بېرىش ياشانغاندا بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئامىلكەن...



     گەپنىڭ توچكىسى، ئۇغۇللاردا كىچىكىدىن يىلىكنىڭ قۇۋۋىتى ياخشى بولسا مېڭىگە ئۇزۇقلۇقنىڭ يېتىپ بېرىشىمۇ ياخشى ۋە ئۈزلۈكسىز بولىدۇ ، بۇنداق قۇۋۋەتنىڭ مەنبەسى ئادەمگە ئەڭ يېقىن  ھېسابلانغان قوي مېيىدا نىسبەتەن مول بولىدۇ دېگەنلىك. شۇڭا بىزدە بۇرۇندىن  كاۋاپچىنىڭ ياكى مانتا-سامسىپەزنىڭ ئالدىدىن ئۆتسە، بىرىنچى بولۇپ دەيدىغان گېپى گۆش يەيسە ئوغاۋاللا، دېمەستىن بەلكى ياغ يەيسەن، ئەركەك قوينىڭ يېغىنى يەيسەن ياكى ياغ يەپ كەت ئوغاۋاللا...دەپ توۋلىشىنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ يەنە بىرسى بارلىق ئوغۇل بوۋاقلارغا كۆپىنچە شارائىتى يار بەرگەنلا ئائىلە بولسا ئەركەك قوينىڭ ياكى قوينىڭ باڭزىسى(پاقالچىكى)نى ئۇزۇن قاينىتىپ(چۈنكى پاقالچاقنىڭ ئىچىدە يىلىك بار، سۆڭەكتە كالتسىي ماددىسى، سۆڭەك يىلىمى...قاتارلىق ئۇزۇقلۇق ماددىلار نىسبەتەن مول.) شۇنىڭ سۈيىگە چۆپ سېلىپ بېرىدىغان ئەھۋال ھېلىھەم بار !بۇنىڭ يىلتىزى دەل يىلىكنىڭ، بۆرەكنىڭ قۇۋۋىتىنى ياخشىلاشنى تۈپ مەقسەت قىلغان.


     ئەركىشىنىڭ ئايال كىشىگە قارىغاندا يۇقىرىقى كېسەلگە گىرىپتار بولۇشى نىسبىتى مېنىڭ كۆزۈتۈشۈمگە قارىغاندائەرلەردە نىسبەتەن كۆپرەك.چۈنكى ئاياللار خۇشاللىقىنى، خاپىلىقىنى سىرتقا ئاشكارلىيالايدۇ( نۆۋىتى كەلسە ۋاقىراپ-جارقىرىيالايدۇ، كۈلەلەيدۇ، ئۈن سېلىپ يىغلىيالايدۇ، غەيۋەت قىلىپ ئىچ پۇشىقى، پىغانىنى باسالايدۇ، ئەمما ئەرلەر ئىچىگە يۇتىدۇ، يىغلىيالمايدۇ).شۇڭا ئەرلەر بۆرەكنىڭ قۇۋۋىتىنى ئاسرىشى، نېپىز كەيمەسلىكى، ئاچچىق-چۈچۈك، يەللىك .. يېمەكلىكنى ئاز يېيىشى لازىم. قىسقارتساق، ئەرلەرگە نىسبەتەن يىلىكنىڭ توق بولۇشى مېڭىگە يېتىپ بارىدىغان قۇۋۋەتنىڭ تولۇق بولۇشىدىن، بەدەندىكى ئېنىرگىيەنىڭ جىق بولۇشىدىن، كۈچ-قۇۋۋەتتىن..دېرەك بېرىدۇ، دەپ قارايمەن.شۇڭا بۆرەكنىڭ ساپ قۇۋۋىتى تولۇق بولسا تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىمۇ ماس ھالدا ئازىيىدۇ.

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-2-23 19:57:17

قوينىڭ قۇيرۇق يېغىنى يېسە پايدىلىقكەن دەپ ماۋۇ قان بېسىمى يۇقىرى، جىگەرنى ماي قاپلىغان، مېڭە قان-تومۇرلىرى توسۇلغانلار... ئالدىرپ-سالدىراپ، قارىسىغىلا قۇيرۇق ماي يېمەسلىكى كېرەك. بولمىسا قاندىكى ماي تەركىبى ئېشىپ قان بېسىمى تېزلىكتە ئۆرلەش ياكى بۇرنى قاناش...تەك قان جانلىنىپ كېتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا دوختۇرنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىپ ئاندىن يېيىش ، يېمەسلىك ئۈستىدە بىر قارارغا كېلىشى لازىم.يۇقىرىدا دېيىلگىنى بالىلار ئۆسۈپ-يېتىلىش داۋامىدا ئامال بار ياغ ئىلغايدىغان، شورپا ئىچمەيدىغان، ھەتتا بىر قىسىملىرىدا گۆشنى پۇرايدۇ دەپ يېمەيدىغان...ناچار ئادەتنى يۇقتۇرىۋېلىشتىن ساقلىنىشى ھەققىدە تەكلىپ يۇسۇندا دېيىلگەن گەپلەر.
بەت: [1]
: ياشانغاندىكى دېۋەڭلىك كېسەللىكى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش