uya_frozen يوللانغان ۋاقتى 2012-2-23 12:33:54

[تەرجىمە] google + دۆلەت ئىچىدە تىزىملىتىش روخسەت قىلىندى

               


خەۋەرلەرگە قارىغاندا، google شىركىتى يولغا قويغان ئالاقە-مۇناسىۋەت خاراكتىرىدىكى google+ يېرىم يىلدىن ئارتۇق چەكلەنگەندىن كېيىن، مۇشۇ ئاينىڭ 20-كۇنىدىن باشلاپ دۆلەت ئىچىدە تىزىملىتىشقا يول قۇيۇلۇپتۇ.Facebook نىڭ يۈز مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى IPO نىڭ خەۋىرى تازا ئەۋجىگە چىقىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، google+ جۇڭگو بازىرىغا كىرىپ كەلدى. ئىنىقكى، google+نىڭ ئېچىۋېتىلىشى بىلەن بۇ ساھەدىكى گىگانت سانىلىدىغان Facebookبۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ قالماستىن، يەنە دۆلەت ئىچىدىكى كىشىلەر(رېن رېن 人人) خۇشاللىق (كەيشىن 開心 ) قاتارلىق تورلارمۇ زور تەدىتكە دۇچار بۇلىدۇ.


      زور ساندىكى ئەزالارغا ئىگە بولغان بىر جەمئىيەت-ئالاقەمۇناسىۋەت تورىغا نىسبەتەن، ئويۇن تۈرى ئېلاندىن باشقا يەنە بىر مۇھىم كىرىم شەكلى بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ. Facebookبىلەن Zyngaنىڭ مۇكەممەل ھەمكارلىقىغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ ساھەدىكى مۇشۇ تۈردە بىرەر زور ئۇتۇققا ئېرىشكەنلىك ئۇچۇرىمۇ يوق بولغان دۆلەت ئىچىدىكى تورمۇلازىمەت شىركەتلىرىنى مەغلۇب بولدى دەپ ئېيتىش مۇمكىن.


      لېكىن ئىشلىتىپ كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، دۆلەت ئىچىدە ئەمدىلا ئېچىۋېتىلگەن google+ نىڭ ئۇيۇن قاتارلىق بىرقىسىم مۇلازىمەت تۈرلىرى تېخى ئېچىۋېتىلمىگەن.


Newhuaدىن ئېلىندى


---------------------------------------------------------------------


      PS : مۇشۇ خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن ئۆزۈم سىناپ باقتىم، ھەقىقەتەن ئېچىلىپتۇ. بەزى تورلاردا Facebook مۇ چەكلەشنى بىكار قىپتۇ دەپ تارقىتىلىپ يۈرۈپتىكەن، سىناپ باقسام ئېچىلماي قويدى، يالغان خەۋەركەن دەپ ئويلۇدۇم.

tuman1 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-23 14:44:15

مەندەئەجەپ ئېچىلمايدا

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2012-2-23 15:33:39

مەنمۇ تىزىملىتىپ قويدۇم.لېكىن بىرەر نەرسە يوللىيالمىدىميا؟ \"\"

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2012-2-23 15:40:56

ئوباماغا ئەگىشىپ قويدۇم. \"\"

sardar يوللانغان ۋاقتى 2012-2-23 15:53:15

تېما يازسام تەستىقلانماپتۇ . مۇشۇ يەرگىلە ئېلان بېرىۋالاي ھە باللا .

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار :

خىزمەتتىن بىكار بولغاندا ئاز-ئازدىن مىدىرلاپ يۈرۈپ، تور بەتتىن بىرسى پۈتۈپ قالدى .توربەت ھەمبەھرلىنىش خاراكتىىرىدە بولغاچ ھەرخىل ئىسىملارنى ئويلىشىپ، تورلاش تورى دەپ ئاتاشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.

تورلاش تورى تور دۇنياسىدىكى سەرخىل مەزمۇنلاردىن تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنى بەھرلەندۈرۈش مەقسىتىدە قۇرۇلغان بولۇپ ، مەيلى كۆرۈرمەن ، توربەت قۇرغۇچى ۋە ياكى بىلوگېر بولۇڭ، سىزنى ئۈنۈملۈك بولغان ھەمبەھرلىنىش سۇپىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. سەرخىل مەزمۇنلارنى تورلاش تورى ئارقىلىق تورداشلار بىلەن ھەمبەھرلىنىڭ.

ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى تور بايلىقلىرىىىدن ھەمبەھرلىنىش، بېلەت تاشلاش، ساقلىۋېلىش، ئىنكاس يېزىش،ئەگىشىش،Gooogle+قا تەۋسىيە قىلىش ۋەھاكازا قاتارلىقلار.نۆۋەتتە تورلاش تورى سىناق تەرىقىسىدە ئېچىۋېتىلدى . تورداشلارنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپ بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز. شۇنداقلا ئىزدىنىشتىكى بلوگېرلار ۋە تور بەت قۇرغۇچىلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئىستەيمىز.



تور بەت ئادرېسى : http://www.torlax.com

ئالاقە QQ نومۇرى : 4267015

uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2012-2-23 16:11:25

ئادىرسىڭلارنى قالدۇرساڭلار ئەگەشمەمدۇق   مىنىڭ

https://plus.google.com/u/0/?tab=XX#108476294265298472592/posts

marjan يوللانغان ۋاقتى 2012-2-23 16:56:05

ئاخشام سىناپ باققانتىم خېلى بولىدىغان نەرسىكەن ، مەن تېخى قانۇنسىز ئوخشايدۇ دەپ يېنىپ چىقىپتىمەن !

tursunn يوللانغان ۋاقتى 2012-2-23 17:09:04

ئۇ گۇگولنىڭ قانداق قىلىدىغان ئىقتىدارى ئەمدى. مەن بىلمەيدىكەنمەن. facebook، 人人 دېگەنلەردەك ئالاقە قىلىدىغان تورمۇ يا؟؟؟

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-2-23 18:25:21

7- قەۋەتتىكى tursunnنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇ گۇگولنىڭ قانداق قىلىدىغان ئىقتىدارى ئەمدى. مەن بىلمەيدىكەنمەن. facebook، 人人 دېگەنلەردەك ئالاقە قىلىدىغان تورمۇ يا؟؟؟

Google+ 的目标是让您在线演绎现实生活中的精彩分享。您不妨试试圈子、碰头和视频群聊,同时期待我们即将推出的更多功能!


Google ھويلىسىئىكەن.

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2012-2-23 20:44:28

توغرا كۆرىنۇش ئۈچۈن ئىسىم دىگەن يەرگە دادىمىزنىڭكىنى،فامىلە دىگەن يەرگە ئۆزىمىزنىڭكىنى يىزىش كىرەكمۇ ئەمدى \"\"

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2012-2-23 21:13:55

بۇندىن كىيىن google+نى I9 دا ئىچىپ ئويناشنى ئويلىدىم.

قىززىق بولدىكەنە人人ئاۋام تورىدا ساۋاقداشلا،مىكرو بىلوگدا مەملىكىتىمىزدىكى داڭدارلار،مانىڭدا ئەمدى چەت ئەللىك سىياسونلا بىلەن،،،،

uya_frozen يوللانغان ۋاقتى 2012-2-23 21:50:40

9- قەۋەتتىكى bughra-oghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

توغرا كۆرىنۇش ئۈچۈن ئىسىم دىگەن يەرگە دادىمىزنىڭكىنى،فامىلە دىگەن يەرگە ئۆزىمىزنىڭكىنى يىزىش كىرەكمۇ ئەمدى \"\"



مەن ئۆزىمىزنىڭ قائىدىسى بويىچە تولدۇرغان ، توغرا چىقىپتۇ ، بەك بولمىسا تىلىنى تەڭشىسىلىمۇ بولىدۇ .

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-2-24 20:04:16

ئاۋۇ ئېچىۋىتىلگەن تورنىڭ ئادىرىسىنى قالدۇرساڭلار بولۇپتىكەن، مەن ئۇنىڭ ئىزدىگۈچىسى بىلەن خەتدانىدىن باشقىسىنى بىلمەيدىكەنمەن.

tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-25 09:07:44

12- قەۋەتتىكى Bidar-Qutlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاۋۇ ئېچىۋىتىلگەن تورنىڭ ئادىرىسىنى قالدۇرساڭلار بولۇپتىكەن، مەن ئۇنىڭ ئىزدىگۈچىسى بىلەن خەتدانىدىن باشقىسىنى بىلمەيدىكەنمەن.

https://plus.google.com/u/0/

uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2012-2-25 10:28:10

ئاخشامدىن باشلاپ يەنە ئىچىلمايۋاتىدۇغۇ، ھەي،قانداق قىلمىز ئەمدى.......................................
بەت: [1]
: [تەرجىمە] google + دۆلەت ئىچىدە تىزىملىتىش روخسەت قىلىندى