ئەڭ مۇۋاپىق توي قىلىش يېشىڭىزنى ھېسابلىۋېلىڭ
ئەگەر بىر ئادەمنىڭ ئەڭ دەسلەپ توي قىلىش ئويى (خىيال كىرگەن ۋاقىت) پەيدا بولغان چاغدىكى يېشى (p) ، خىيالىدىكى ئەڭ كىچىككەندىمۇ چوقۇم توي قىلىمەن -دەپ ئويلىغان يېشى (n) بولسا، ئۇ ھالدا (n) دىن (p) نى ئىلىۋىتىپ چىققان نەتىجىگە 0.368 نى كۆپەيتىپ ،ئاندىن بۇ نەتىجىگە (p) نى قوشۇپ بەرسەك ،توي قىلىشقا ئەڭ مۇۋاپىق يېشىڭىز چىقىدۇ. بۇ فورمىلا يىگىتلەرگە بەكرەك مۇۋاپىق كىلىدۇ، بىراق قىزلارمۇ پايدىلانسا بولىدۇ؛ ئىسىڭىزدە بولسۇن : بۇ پەقەت ئەڭ مۇۋاپىق توي قىلىش يېشىڭىزنى بىلىۋىلىشتىكى بىر پايدىلىنىش ماتىرىيالىدۇر !
بۇ ماقالە ماتېماتىكا بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى
30- قەۋەتتىكى uquhuchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
كىچىك ۋاقتىمدا مېھماندارچىلىق ئويناپ يامان جىق قىز بالا بىلەن ‹توي قىلغان›، ئەمدىلىكتە بويتاق قالدىم، مۇشناق يۈرۈپ مەكتەپمۇ پۈتىدىغان ئوخشايدۇ![]()
![]()
![]()
«مېھماندار» چىلىق ئويناش ھەممە يەردە باركەندە؟ ئەگەر بالىلىق بولۇشنى ھېسابقا ئالمىغاندا مۇھەببەتتە مەڭگۈ كېچىكىش بولمايدۇ! مەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ توي قىلىشنى خىيال قىلغان،شۇ ۋاقىتلاردا23ياشتىم،ئەڭ كېچىككەندىمۇ28گىچە توي قىلىمەن دەپ خىيال قىلغان،تېمىدىكى فورمىلا بۇيىچە ھېسابلىغاندا24.84ياش چىقتى.
مە دەل24ياشتا،25كە كىرىدىغانغا بىر نەچچە ئاي قالغاندا توي قىلغان. مەن بىلىشكە بەكرەك قىزقىدىغىنىم، ئەمەلى يېشى ھەرگىزمۇ قۇرۇق فورمۇلا ئەمەس! 22ياشتا توي قىپتىكەنمەن،2يىل بۇرۇن توي قىلىپ ساپتىمەن، ھازىر چوڭ بولغان قىزلارنىڭ چىرايلىقلىقى ھە!!! تېخى تۆۋەن بولسا تۇلۇق كۇرىس دېپلومى بار. ‹‹ نىكاھ-غايىپتۇر ›› دىگەن گەپ بار. توۋا خۇدايىم، مەن بۇ يىل توي قىلامدىكەنمەن... يىل ئاخىرىدىراق دەيدا...


6- قەۋەتتىكى tumarisنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
توۋا خۇدايىم، مەن بۇ يىل توي قىلامدىكەنمەن... يىل ئاخىرىدىراق دەيدا...![]()
قېرىندىشىم توي قىلىشقا قىززىقمامسىز؟
.
8- قەۋەتتىكى alifنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
6- قەۋەتتىكى tumarisنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
توۋا خۇدايىم، مەن بۇ يىل توي قىلامدىكەنمەن... يىل ئاخىرىدىراق دەيدا...![]()
ئاغىنە ئۇنداقتا بىللە بىر ۋاقىتتا قىلامدۇق يا توينى.![]()
ئاغىنە؟ بۇنداق ئاتىسىڭىز ئەجەپ ئاڭلىنىدىكىنا ئادەمگە...



توي دىگەن ئادەتتە فورمىلاغا سېلىپ ، ھىساپلاپ قىلىدىغان نەرسە ئەمەس . بالاغەتكە يەتكەن بولسىڭىزلا ، مۇۋاپىق لايىق بولسا ، يېتەرلىك تەييارلىغىڭىز بولسا قىلىۋەرسىڭىز بولىدۇ .

12- قەۋەتتىكى jaziyraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
فورمىلادىن پايدىلىنىپ پال ئېچىۋاتامسىلەر![]()
توي دىگەن ئادەتتە فورمىلاغا سېلىپ ، ھىساپلاپ قىلىدىغان نەرسە ئەمەس . بالاغەتكە يەتكەن بولسىڭىزلا ، مۇۋاپىق لايىق بولسا ، يېتەرلىك تەييارلىغىڭىز بولسا قىلىۋەرسىڭىز بولىدۇ .![]()
توغرا گەپ !
ياش توشقان بىلەن مۇۋاپىق لايىق ياكى يىتەرلىك تەييارلىق بولمىسا بىكار دە . مۇۋاپىق لايىق ۋە تەييارلىق بولسا فورمىلادا ياش توشمىسىمۇ قىلىۋەتكەن ياخشى . << ئايال كىشىنىڭ تۇللىقىدىن ئەر كىشىنىڭ تۇللىقى يامان >> ئەمەسمۇ !
