Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىقىدۇ
Windows8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىقىدۇ
ئالىم ئەھەت
ئۇيغۇر تىل- يېزىقى
مىكروسوفت شىركىتى Building Windows8 بىلوگىدا Windows 8 نىڭ كۆپ تىللىق ئىشلەتكۈچى ئارايۈزىنى تونۇشتۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن 14 تىل قوشۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىمۇ بار.
مەن ئالدىنقى يىلى بىلىك كۇلۇبىدا Windows 8 دە ئۇيغۇر تىل يېزىقىغا مۇناسىۋەتلىك كاتتا خۇشخەۋەرنىڭ بارلىقىدىن بىشارەت بەرگەن ئىدىم. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىش ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا بېكىتىلگەن بولۇپ، بۇنىڭ بېشىدىن باشلاپ بارلىق جەريانلىرىدىن تولۇق خەۋەردار بولساممۇ، قائىدە بويىچە ئورگان تەرەپنىڭ رەسمىي ئېلان قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان ئىدىم. كۈتكىنىمدەك مىكروسوفت شىركىتى «دۇنيا ئانا تىل بايرىمى» كۈنى بۇ خەۋەرنى ئاشكارلىدى.
ئەسلىي مەنبەسى http://blogs.msdn.com/b/b8/archi … guage-you-want.aspx
خەنزۇچە مەنبەسى: http://cnbeta.com/articles/173647.htm
ئۇنداقتا مەنمۇ بۇ ئىشنى ئاشكارە دېسەم بولىدۇ، ھەقىقەتەنمۇ Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى بار. جەمئىي 109 تىلدا تارقىتىلىدۇ، ئۇيغۇر تىلى 96-ئورۇندا تەستىقلانغان. لېكىن، تەلەپ بويىچە باشقا تەپسىلاتىنى ھازىرچە ئاشكارلىيالمايمەن.
ئەمما، كېلەر ھەپتە تارقىتىلىدىغان Windows 8 Beta دا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى يوق. پەقەت يېڭىدىن قوشۇلغان سىستېما خەت نۇسخىسى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ يەرلىك ئۇچۇرى ... بار.
دۇنيادىكى %90 دىن ئارتۇق كومپيۇتېردا Windows قاچىلانغان بولۇپ، ناۋادا ئۇيغۇر تىل بولىقى ۋاقتىدا ئېلان قىلىنسا، …؟
مەنبە: ئالىم ئەھەد بىلوگى

ئۇلارنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەتلەش، قوللاش يۈزسىدىن ھالال نەشىرىنى قوللايلى!!! ساقتىسىدىن يىراق تۇرايلى!
ubuntu نىڭ ئۇيغۇرچىسىنىمۇ ھەم تىزرەك كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىمىز! ھارمىغايسىلەر، جاپا چەكتىڭلار مىھنەتكەشلەر!!! بۇ يىل ئىككى سېستىما ئۇيغۇرچە بولدى دىگەن گەپ..ئاللاھ خالىسا ئەمدى ئالما قالدى يالغۇز... بۇ مەن ئۇچۇنمۇ زورخوشخەۋەر،مەنمۇ ھەقلىق نۇسخىسىنى ئىشلىتىمەن،يېزىقىمىزنى قوللايلى. سېستىمىنىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى ئۇيغۇر سوفىتنىڭ ئىشلىگەنلىكى بۇرنۇمغا پۇراپلا تۇرىدۇ ، ئالىم ئەھەدنىڭ بۇ ئىشتىن ئىككى يىل بۇرۇنلا خەۋرى بارلىقى ،يەنە ئالىم ئەھەدنىڭ بۇلتۇر مىكروسوفىتنىڭ بېيجىڭدىكى باش شىتاۋىدا زىيارەتتە بولۇپ زىيارەت مەزمۇنىنى ئاشكارىلىمىغانلىقى قاتارلىقلار ماڭا شۇنداق تۇيغۇ بەردى .
بۇمۇ MS نىڭ ئانا تىل بايرىمى كۈنى ئۇيغۇرلارغا قىلغان كاتتا سوۋغىسى بوپتۇ.
========
ئالىم ئەھەدنىڭ يازمىسىدىن نەقىل:
Windows 8 نى يەنە تاختا كومپيۇتېرىغىمۇ قاچىلاشقا بولىدۇ، Windows Phone نىڭ يادروسىمۇ Windows 8 بىلەن ئوخشاش بولۇپ، كەلگۈسىدە كومپيۇتېر، تاختا كومپيۇتېر، تېلېفون قاتارلىق ئۈسكۈنىلەردە ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى راۋان ئىشلىتەلەيسىز،
مىكروسوفتنىڭ ئازىراق كەتمىنىنى چېپىپ قوياي، ئەمدى Windows 8 نى ئىشلەتمەسلىككە يەنە باھانىڭىز بارمۇ؟ رەسمىي نەشىرىنى سېتىۋېلىپ قوللاپ قويۇڭ.
========
Windows 8 نىڭ باھاسى بىزنىڭ كۆتۈرۈش كۈچىمىزدىن ئېشىپ كەتمىسە مەنمۇ رەسمى نەشىرىنى ئىشلەتكۈم بار. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا Windows 8 ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن Windows 8 نىڭ ئەپ بازىرى ئېچىلىدىكەن ،كېرەكلىك قوراللارنى مەيلى ھەقلىق بولسۇن ياكى ھەقسىز بولسۇن ئاپ بازىرىدىن چۈشۈرۈپ ئىشلىتىدىغان ئوخشايمىز. كاتتا خۇشخەۋەركەن، قوللايمىز! تىلىمىزنىڭ شان- شەرىپىنىڭ بىر بالداق كۆتۈرۈلۈشى دېسەك ئارتۇق كەتمەس. تۆنۈگۈن بىلىكتە كۆرۈپ بەك خوش بولغان.ئالىمكام يارايدۇ. بۇ كارامەت خوش خەۋەركەن ، مەنمۇ خاتىرە ئۈچۈن بولسىمۇ ھەقلىق نۇسقىسىدىن بىرنى ئېلىشنى ئويلاۋاتىمەن ! ئۇيغۇرچە بولىقى تارقىتىلسا نۇرغۇن ئىشلار ھەل بوپ كېتىدۇ دېگەن گەپ ، كىلەر يىلى ئۇبۇنتۇنۇڭمۇ ئۇيغۇرچىسى چىقىدۇ ، بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئالما شىركىتىمۇ قاراپ تۇرماس دەيمەن ، قارلۇق شىركىتى مۇشۇ ئىشلارنى قىلىۋاتامدۇ تېخى! كىلەر يىلى ئانا تىل بايرىمىدا ئالمىنىڭ خوش خەۋىرىنى كۆرەمدۇق تېخى ! تولىمۇ سۆيۈندۈم. ئەقىل كۆزىمىز بىلەن ئەتىراپىمىزغا قارىساق بىزنىڭمۇ تىرىشىمىساق بولمايدىغانلىقىنى چۇڭقۇر ھىس قىلىمىز...
3- قەۋەتتىكى halik_puliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۇ دېگەنلىك، بۇنىڭدىن كىيىن كۆزنەك 8 سېستىمىسىدا ئۇيغۇرچىنى نورمال (يەنى كۆزنەك 7 ۋە ئىلگىرىكى سېستىمىلارغا ئوخشاش ئەگىر-بۈگۈر ئەمەس) ئىشلەتكىلى بولىدۇ دېگەنلىكمۇ؟
ياق ، بۇ خۇددى windows7نىڭ خەنزۇچە ،ئىنگىلىزچە نەشىرلىرى بولغىنىدىەك ئۇيغۇرچە نەشىرىمۇ بولىدۇ دىگەن گەپ ،كۆرۈنمە يۈزى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە بولىدۇ ،سىز دىگەن ئىشلار كىچىك ئىشلارغۇ ئۇ


ماۋۇ خوش خەۋەرنى قۇتلۇقلاپ قويمىساق بولمايدۇ. بۇ تارىخقا يېزىلغۇدەك كاتتا ئىش.
خەلقئارا مەشغۇلات سىستېمىسنىڭ ئۇيغۇرچىسى چىققاندىكىن ئەمدى جۇڭگودىكى بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى يۇمشاق دېتال شىركەتلىرىمۇ چوڭ تىپتىكى يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئۇيغۇرچىسنى قوشۇپ چىقىرىشى كېرەك. ھۆكۈمەت، مەمۇرى ئورگانلارنىڭ تور بېتى ۋە ئىشلىتىدىغان سىستېمىلىرىغا ئۇيغۇرچە قوشۇلۇشى كېرەك.
ئىلگىرى مۇشۇ ھەقتە گەپ بولۇنسا تېخنىكا جەھەتتىن قىيىنچىلىق بار دېگەننى باھانە قىلاتتى. مەشغۇلات سىستېمىسى ئۇيغۇرچە بولۇپ، باشقا قوللىنشچان سىستېمىلارنىڭ ئۇيغۇرچىسى بولمىسا كۆپ ئەھمىيىتى يوق. مىكروسوفتنىڭ office, messenger, mse... قاتارلىق يۇمشاق دېتاللىرىنىڭمۇ ئۇيغۇرچىسى چىقىشقا ئاز قالدى چۈشەنسەك بولىدۇ. كاتتا ئىش بوپتۇ ، بۇ يولدا تېرىشچانلىق كۆرسەتكەن بارلىق ئەزىزلىرىمىزگە تەشەككۈر
