闪光灯دىگەن ئاتالغۇنى ئويغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش توغرىسىدا
يېقىندا تۇرۇپلا كاللامغا بىر ئوي كىلىپ قالدى ھازىر بىز دائىم ئېغىزىمىزدن چۈشۈرمەيدىغان خەنزۇچە 闪光灯دەپ ئاتايدىغان بىر ئاتالغۇ بار بىز ئەمىلىيەتتە كۆپ قىسىم خەنزۇچە ئاتالغۇلارنى تەرجىمە قىلماي بىۋاستە قوللىنىمىز ،شۇڭا بەزىدە تۇرۇپ ئويلاپ قالىمەن بىز نىمىشقا نۇرغۇن خەنزۇچە ئاتالغۇلارنى تەرجمە قىلمايمىز دەپ كىتىمەن شۇ توغىرلىق يېقىندا تۇيۇقسىزلا خەنزۇچىدكى 闪光灯دىگەن ئاتالغۇنى ئويغۇرچە (پال چىراق )دەپ دەپ ئاتاش ئۇيى كىلىپ قالدى .مەنچە خېلى مۇۋاپىقتەك قىلىدۇ .كۆپچىلىك بۇ تۇغرىسىدا ئۈزىنىڭ پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ بېقىشىنى ئۈمۈت قىلىمەنچاقماق چىراق دېسەكمۇ بولىدۇغۇ.
زورلاپ قىسقارتىپ يۈرمەي...
闪光: چاقناش، چاقنىماق، جىلۋىلەنمەك يالتىرىماق، چاراقلىماق دىگەن مەنىلەرگە ئىگە.
شۇڭا مەنچە بولغاندا پال چىراق دىگەندىن «چاقنىما چىراق» دىسەك بىر قەدەر مۇۋاپىق. چۈنكى بۇ خىل چىراق تېلېفون ياكى ئاپپاراتلارنىڭ بىر قېتىم ياكى بىر نەچچە قېتىم چاقناپ ئاندىن ئۆچىدىغان چىراغلىرىغا قارىتىلغان. شۇڭا مۇشۇنداق ئاتاش مۇۋاپىقراق...
يەنە تورداشلارنىڭ ئوخشىمايدىغان پىكرىنى ئاڭلاپ باقايلۇق...


لۇغەت تاپالمىسڭىز بۇ لۇغەتنى ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ: http://dic.izdinix.com/ ياكى چاقماق لامپا
mankalwaنىڭ تېمىسىدىن نەقىل
يېقىندا تۇرۇپلا كاللامغا بىر ئوي كىلىپ قالدى ھازىر بىز دائىم ئېغىزىمىزدن چۈشۈرمەيدىغان خەنزۇچە 闪光灯دەپ ئاتايدىغان بىر ئاتالغۇ بار بىز ئەمىلىيەتتە كۆپ قىسىم خەنزۇچە ئاتالغۇلارنى تەرجىمە قىلماي بىۋاستە قوللىنىمىز ،شۇڭا بەزىدە تۇرۇپ ئويلاپ قالىمەن بىز نىمىشقا نۇرغۇن خەنزۇچە ئاتالغۇلارنى تەرجمە قىلمايمىز دەپ كىتىمەن...
ئاتالغۇلار تەرجىمە قىلىنمىدى ئەمەس. نۇرغۇن ئاتالغۇلار تەرجىمە قىلىنغان، ھەتتا خېلى مۇۋاپىق ئېلىنغان بولسىمۇ ئومۇملىشالمىدى. بۇنداق بولىشىدا مەسىلە يەنىلا بەزى كىشىلەرنىڭ ئانا تىل غورۇرى، ئانا تىل پۇزۇتسىيەسى يەنە باشقا ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك.
5- قەۋەتتىكى Bayawanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەن ئىسىمنى بىلسەم چاقماق لامپا دەپ ئاتايدىكەن، لۇغەتكە قاراپ باقسام يەنىلا شۇ چاقماق لامپا دەپتۇ.
لۇغەتتە تەييار بولغاندىكىن مەنچە بولغاندىمۇ ئۇ سۆزنى يەنە باشقىچە ئاتاشنىڭ ھاجىتى بولمىسا كېرەك.
نۇر چىراق ، نۇر يېتىشمىگەندە تولۇقلاپ بېرىدۇ
ئادەتتە چاقماق لامپا دەپ ئېلىنىۋاتقان،پال چىراغ دىسەك تەقلىد سۆز +ئىسىم دىن ياسالغان سۆز بولىدىكەن ،بىزدە مۇشۇنداق ئىسىم ياساش ئۇسۇلى بارمۇ يوق؟ |



9- قەۋەتتىكى suzukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
نۇر چىراق ، نۇر يېتىشمىگەندە تولۇقلاپ بېرىدۇ
زىننەت چىرىقىدىن باشقا ھەر قانداق چىراق نۇر يېتىشمىگەندە نۇر تولۇقلايدىغاندۇ؟ (ماشنىنىڭ يۈنىلىش چىرىقى ئۇنداق ئەمەسكەن راست)
لۇغەتكە كىرىپ بولغان سۆز بىلەن ئويناشمايلى.
بۇنچىلا تالىشىپ كەتكۇدەك ئىشئەمەسكۇ بۇ،بۇنچىلىك ئىشلادا تالىشىپ ئولتاساق................................؟ بۇ سۆز «خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە» ئىككى توملۇق لۇغەتتە «چاقماق لامپا» دەپ ئېلىنىپ، شۇ پېتى لۇغەتكە كىرىپ بولغان، ئەمدى ئۇنىڭغا يەنە سۆز ياساشنىڭ ھاجىتى يوق. يالتىراق قوڭغۇز، يالتىراق چىراق .... چاقماقتەك چىراق دېسەكمۇ بۇلىدۇ . مەسىلەن غوۋاراق يەلەردە رەسىمگە چۈشۈپ قالساق مانداق دەيمىز دۇستىمىزغا .. ‹ ئاداش ئاۋۇ يالتىراق چىراقنى بىر ئىچىۋەتكىنە › مىنىڭچە 闪光灯 نى «لاپ-لاپ چىراق» دەپ ئالساقمۇ بولغىدەك.