lenovo1 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-22 09:39:15

[كۆچۈرۈلمە]رايۇنىمىز شىنجاڭنىڭ قەدىمكى «قۇرىغار» نامى

رايۇنىمىز شىنجاڭنىڭ قەدىمكى نوپۇزلۇق نامى « قۇرىغار»دىگەن ئاتالغۇ  توغىرسىدا


ئەزىز ھېيىت كۈن :ئالپامىش






    رايۇنىمىزنىڭ ھازىرقى «شىنجاڭ »دىگەن نامى 1884-يىلى  چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭ ئۆلكىسىنى تەسىس قىلغاندا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، چىڭ سۇلالىسىگە مەزكۇر رايۇننى شۇ نام بىلەن ئاتاش تەكلىپىنى زوزوڭتاڭ بەرگەن.چىڭ سۇلالىسى 1884-يىلى رەسمى تۈردە شىنجاڭ ئۆلكىسىنى تەسىس قىلغان.شۇ چاغدىن باشلاپ ئانا ماكانىمىز بولغان مەزكۇر رايۇننىڭ « شىنجاڭ» دىگەن خەنزۇچە نام بىلەن ئاتىلىپ كېلىۋاتقىنىغا بۇ يىل دەل 129 يىل بولدى.  مەزكۇر رايۇن 1884-يىلدىن 1955-يىلغىچە «شىنجاڭ ئۆلكىسى»  دەپ ئاتالغان بولۇپ،«ئۆلكە » نامى بىلەن ئاتالغان ۋاقتى 71 يىللىق جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.1955-يىلى «شىنجاڭ ئۇيغۇر    ئاپتۇنۇم رايۇنى » قۇرۇلدى.مەزكۇر رايۇن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇننى » دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقىلى بۇ يىل 58 يىل بولدى.      مەزكۇر رايۇن خەنزۇچە تارىخى مەنبەلەردە مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2-ئەسىردىن باشلاپ ئاساسلىغى «غەربى يۇرت » دەپ ئاتىلىپ كەلگەن.تارىختا « غەربى يۇرت » دىگەن نام كەڭ مەنا ۋە تار مەنانىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتى.كەڭ مەنىدىن ئالغاندا «غەربى يۇرت » ئاتالغۇسى ھازىرقى شىنجاڭ رايۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن سىرت يەنە ئوتۇرا ئاسىيا رايۇنى،ھەم كاسپى دېڭىزى قىرغاقلىرىغىچە بولغان كەڭ رايۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتى.تار مەنىدىن ئالغاندا «غەربى يۇرت» ئاتالغۇسى ھازىرقى شىنجاڭ رايۇنىنى كۆرسىتەتتى.مەزكۇر رايۇن تۈركى تىللىق خەلقلەر تەرپىدىن قەدىمقى زاماندا «تۇران»«تۇرانىيە» «قۇرىغار» دىگەن ناملار بىلەن ئاتالغان.19-20-ئەسىرلەردە بولسا پانتۈركىزىم،پان ئىسلامىزىمچىلاردىن تەشكىل تاپقان ئەكسىيەتچى مىللەت بۆلگۈنچى كۈچلىرى تەرپىدىن «شەرقى تۈركىستان» دەپ ئاتالغان.«تۇران» « تۇرانىيە » دىگەن ناملار مىلادىدىن ئاۋالقى3-ئەسىردىن مىلادىيە 3-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە تارىخ سەھنىسىدە زور تەسىر قوزغىغان تۈركى تىللار سېسىتمىسىدىكى مىللەت-ھونلار نىڭ زىمىنى دائىرسى شۇنداقلا مىلادىيە 552-يىلىدىن 658-لغىچە دەۋىر سۈرگەن كۆك تۈرك خانلىقىنىڭ،مىلادىيە 682-يىلدىن 744-يىلغىچە مەۋجۇت بولغان كىيىنكى تۈرك خانلىقىنىڭ زىمىن تەۋەلىكىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ ،«تۇران» ياكى «تۇرانىيە» نىڭ دائىرسى شەرقتە جەنۇبى سىبىريە،بايقال كۆلى،موڭغۇلىيە ئىگىزلىكى،غەرىپتە بالقاش كۆلى،كاسپى دېڭىزى،سىر-ئامۇ دەرياسى،تالاس دەرياسى ساھىلى، شىمالدا كاپكاز تاغلىرى،ئورال تاغلىرى،يېنسەي دەرياسى ساھىلى،جەنۇپتا سەدىچىن سېپىلى،ئىچكى موڭغۇل تەۋەلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتى.ھازىرقى «شىنجاڭ» رايۇنى « تۇران» نىڭ مەركىزى رايۇنى ئىدى.«تۇران» ئاتالغۇسى ئەڭ ئاۋال ئىران شائىرى ئوبۇلقاسىم فىردەۋىسنىڭ «شاھنامە» ناملىق داستانىدا «ئىران بىلەن تۇران» نىڭ سۆھبىتى » دىگەن ماۋزۇدا بايان قىلنغان بولۇپ،تۇران پادىشاھى ئافارسىياپ (تۈركى تىلدا ئاتالىشى تۇڭا ئالىپ ئەر ياكى ئالىپ ئەرتوڭا بولۇپ،مەنىسى يېڭىلمەس ئەر،قاپلاندەك جەسسۇر ئەر دىگەن  مەنىدە) نىڭ ئىران زىمىنىغا ھۇجۇم قىلىپ،ئىراننى مۇستەملىكە  قىلغانلىقى بايان قىلىنغان.شۇ ۋەقەلەر بۇنىڭدىن 2500 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن بولۇپ،ۋەقە جەريانى «ئاۋىستا» دىمۇ(بۇنىڭدىن 2400 يىل بۇرۇن يېزىلغان كىتاپ) بايان قىلىنغان.ئەمما مەزكۇر رايۇننىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىغا ئەڭ ئۇيغۇن بولغان نام « قۇرىغار» دىگەن نامدۇر  . ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەجدادلىرى يەنى قەدىمكى ئۇيغۇرلار مەزكۇر رايۇنى قەدىمكى زاماندا نىمە دەپ ئاتىغان ؟ دىگەن سۇئالغا  ئورخۇن مەڭگۈ تېشى ئابىدىلىرىنىڭ بىرى بولغان «كۆلتىگىن مەڭگۈ تېشى»(مىلادى 732-يىلى ھازىرقى موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ قوشتۇ-سايدام دىگەن يېرىگە ئورنىتىلغان)2-8-قۇرلار شۇنداقلا مىلادىيە 720-يىلى ھازىرقى موڭغۇلىيەنىڭ بايىن چوقتۇ دىگەن يېرىگە ئورنىتىلغان «تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى» 17-قۇر بولۇپ جەمى 2 مەڭگۈ تاش ئابىدىسىنىڭ 3 يېرىدە خاتىرلەنگەن «قۇرىغار » دىگەن نام ياخشى جاۋاپ بولالايدۇ.

  ئەنۋەربايتۇر،ەيىرنىسا سىدىق «شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخى » ناملىق كىتاپىنىڭ بېتىدە «قۇرىغار» مەنىسى:«غەرپ تەرەپ» دەپ  بايان قىلىش بىلەن بىرگە «قۇرىغار»دىگەن سۆز جۇغراپىيلىك ئۇقۇم بولۇپ،ئۇ تار ۋە كەڭ ئىككى خىل مەنىگە ئىگە.تارمەنىدىن ئېيتقاندا قۇرىغار رايۇنى پەقەت ھازىرقى تارىم ئويمانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا ھازىرقى شىنجاڭ رايۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش بىلەن بىرگە ئەرەب دۆلەتلىرى،ئىران،كاپكاز تاغلىرى،كاسپى دېڭىز ۋە قارا دېڭىزنىڭ شىمالى،جەنۇپتا پاكىستان،ھىندىستان قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.»دەپ يازىدۇ.(يۇقۇرقى كىتاپ  168-202-بەتلەر)                                                   يۇقۇرقى باياندا كۆرۈلۈپ تۇرۇدىكى «قۇرىغار» دىگەن نام بىرىنچىدىن: تەرەپنى (غەرپ تەرەپنى )،ئىككىنچىدىن خاس جاي  نامىنى يەنى ھازىرقى شىنجاڭ رايۇنىنى جۈملىدىن تارىم ئويمانلىقىنى،ئۈچۈنچىدىن كەڭ دائىرنىيەنى رايۇنىمىز شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى يۇقۇردا تىلغا ئېلىنغان جايلارنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى چۈشىنۋېلىشقا بولىدۇ.مېنىڭچە «قۇرىغار» دىگەن نامنىڭ تار مەنىسى يالغۇز تارىم ئويمانلىغىنى كۆرسەتمەستىن تاغ،دەريا،قاتناش،يەر تۈزۈلۈشى جەھەتتە چەمبەرچەس باغلىنىپ بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە كۆرۈنىدىغان بۈگۈنكى شىنجاڭ ( قۇرىغار) رايۇنىنى كۆرسىتىدۇ  دىسەك ھەرگىز خاتا بولمايدۇ.ئەمىليەتتىمۇ مەزكۇر نامنىڭ تار مەنىسىنى سەل كېڭەيتىپ،كەڭ مەنىسىنى ھازىرقى تارىخى شارا ئىتقا ئۇيغۇنلانشتۇرۇپ «قۇرىغار بىلەن شىنجاڭ باراۋەر نام» دەپ چۈشەنسەك مۇۋاپىق بولىدۇ.سۆيۈنۈشكە تېگىشلىك ئەھۋال شۇكى «شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخى » ناملىق كىتاپنىڭ شىنجاڭ رايۇنىغا تەۋە تەرەپلىرىنى تىلغا ئېلىشقا توغرا كەلگەندە «قۇرىغار رايۇنى» دەپ ئېلىنغان.مېنىڭچە يۇقۇرقى كىتاپ شىنجاڭ رايۇنى  دىگەن نامغا باراۋەر بولغان نام «قۇرىغار رايۇنى » دەپ ئاتاش-يېزىشنى باشلاپ بەرگەن چوڭ ھەجىملىك كاتتا تارىخى ئەسەر دىيىشكە بولىدۇ.                                                 «قۇرىغار » ئاتالغۇسىنىڭ يۇقۇرقىلاردىن باشقا يەنە كونكىرت مەنا ئۇقۇممى بار.شۇ ئۇقۇم مەزكۇر رايۇنىمىزنىڭ جۇغراپىيلىك ئالاھىدىلىكى بولۇپمۇ بوستانلىق بەلۋاغلىرىنىڭ جايلىشىشى بىلەن  زىچ باغلىنىشقا ئىگە.

«قۇرىغار» دىگەن نامنىڭ ساپ ئۇيغۇرچە (تۈركى تىللاردىكى سۆز) ئاتالغۇ ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىش بىرىنچى موھىم نوقتا ھېساپلىنىدۇ.«قۇر.قۇررى» دىگەن سۆزلەر تىلىمىزدا ھازىرمۇ «رەت،قاتار » دىگەن مەنىنى بىلدۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ.«رەت-رەت كوچىلار»«قاتار-قاتارمەھەلىلەر»دىگەن سۆزلەرنى زۈرۈربولغاندا ئىشلىتىمىز.«غار»سۆزى«جاي،ماكان،يۇرت،شەھەر،بوستانلىق» دىگەن مەنىلەنى بىلدۈرىدۇ.«قۇرىغار» ئاتالغۇسىنىڭ جۇغراپىيلىك ئالاھىدىلىكنى ئەكس-ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان نام ئىكەنلىكى بىزئەھمىيەت بەرمىسەك بولمايدىغان يادىرۇلۇق مەسىلە  ھېساپلىنىدۇ.بىر رايۇننىڭ جۇغراپىيلىك ئالاھىدىلىكى شۇ رايۇننىڭ ئۆزگىرىپ قالمايدىغان تەبى ئالاھىدىلىكى بولۇپ يەر شەكلىتۈزۈلۈش ھالىتىنى ئۆزئىچىگەئالىدۇ.قۇرىغار(شىنجاڭ)رايۇنى يىراق قەدىمقى زاماندىلا ئىگىزلىك  بىلەن ئويمانلىق،بوستانلىق بىلەن چۆللۈك،تاغلىق بىلەن تۈزلەڭلىك،مۇنبەت تۇپراق بىلەن شۇر تۇپراق تۇتىشىپ كەتكەن قۇرۇقلۇق بەلبىغى بولۇپ شەكىللەنگەن.ئەزەلدىن مەزكۇر قۇرىغار رايۇنىدا «تۇتاش بوستانلىق،تۇتاش مەھەللە،تۇتاش شەھەرلەر،تۇتاش يۇرتلار» بولغان ئەمەس بەلكى ئارلىقتا «ئۈزۈكلۈك» مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن.شۇ «ئۈزۈكلۈك» بوستانلىق بىلەن بوستانلىق،بىر يۇرت بىلەن يەنە بىر يۇرت ئوتتۇرسىدىكى چۆللۈك،قاقاسلىقنى،ياكى تاغ،ئېدىرنى،سايلىقنى كۆرسىتىدۇ.شۇ ھالەت ھازىرمۇ ساقلانماقتا.  گەرچە تەرەققىيات زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلگەن يەنى بىر ناھىيە بوستانلىقى بىلەن يەنە بىر ناھىيە بوستانلىقىنى ئۆز-ئارا تۇتاشتۇرىدىغان مەنزىرلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولسىمۇ چوڭ جەھەتتە «رەت-رەت بوستانلىق» «قاتار-قاتار يۇرتلار»نى «بىر تۇتاش»قىلىۋېتىدىغان ھالەت شەكىللەنگىنى يوق.بىز ئەقىل-پاراسەتلىك ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇنىڭدىن بىرمىڭ نەچچە يۈز يىللار ئىلگىرى مەزكۇر رايۇننى «قۇرىغار» دەپ ئاتىغانلىغىغا ئاپىرىن ئېيتىشىمىز لازىم.چۈنكى مەزكۇر رايۇنىمىزنى قەدىمكى زاماندا «قۇرىغار» دەپ ئاتاش ئەمىليەتكە ئۇيغۇن بولۇپ قالماستىن بۈگۈنكى دەۋىردىمۇ،كەلگۈسىدىمۇ ئەمىليەتكە ئۇيغۇن كېلىدۇ.«قۇرىغار»دىگەن نامنىڭ غەيرىلىكى شۇنداقلا قىلچە ئەكسىيەتچىل مەنىسى يوق.ئوچۇق ئېيتقاندا «قۇرىغار» ئاتالغۇسى سىياسى نام بولماستىن بەلكى بىرمىللى تىلدىكى جۇغراپىيلىك نام.بۇ ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك يەنە بىر موھىم نوقتا ھېساپلىنىدۇ.«شەرقى تۈركىستان » ئاتالغۇسىنى بۆلگۈنچى كۈچلەر مەخسەتلىك ھالدا بارلىققا كەلتۈرگەن.ئەمما «قۇرىغار» دىگەن نام ۋەتەن بىرلىكى،مىللەتلەر ئىتپاقلىقى،مۇقىملىق،تەرەققىياتقا قىلچە زىيانلىق تەسىرى يوق بولغان مىللى تىلدىكى جۇغراپىيلىك نام.«قۇرىغار»ئاتالغۇسىنىڭ ھەجمىنىڭ ئىخچام،مەناسىنىڭ دەلمۇ-دەللىكى ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك يەنە بىر موھىم نوقتا ھېساپلىنىدۇ.يەر-جاي ناملىرىنى تاللاشتا (ئىسىم قويۇشتا) ئاتالغۇنىڭ ھەجمى ئىخچام،مەناسىنىڭ دەل بولىشى مۇلاھىيزە قىلىندىغان موھىم نوقتىلارنىڭ بىرى.بۇ جەھەتتە «قۇرىغار» سۆزى ئەڭ مۇۋاپىق سۆزدۇر.«قۇرىغار»ئاتالغۇسى مىللى تىلدىكى نام بولۇش شۇنداقلا قەدىمكى نام بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن دىققەتكە ئالاھىدە سازاۋەردۇر.چۈنكى مەزكۇر ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ نامىنى ئۇيغۇرچە نام بىلەن ئاتاشنى يولغا قويۇشتا يۇقۇرقى مۇلاھىزىلەرگە ئاساسلانغاندا «قۇرىغار ئۇيغۇرئاپتۇنۇم رايۇنى » دەپ ئاتاشتن باشقا مۇۋاپىق سۆز يوق.گەپنى يەنە «شنجاڭ» ئاتالغۇسنىڭ قويۇلۇپ قېلىشىدىن

باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.1880-يىللاردىكى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ئۆلكىسىنى تەسىس قىلىشى ۋە قۇرىغار رايۇنىنى «شىنجاڭ» دەپ ئاتىشى تامامەن توغرا.چۈنكى ئەينى دەۋىردە 1-ۋە2-قېتىملىق ئەپىيۇن ئۇرىشى ئاخىرلىشىپ چىڭ سۇلاسى تاشقى  جەھەتتە جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ،تەڭ  ھوقۇقسىز شەرتنامىلەرنى ئىمزالىشىشقا باشلىغان،ئىچكى جەھەتتە يېخىتۇەن قوزغىلىڭى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى پۇقرالارنىڭ زور كۆلەمدە بىرلىشىپ قارشىلىق كۆرسىتىشىگە ئۇچرىغان،قىسقىسى ئىچكى –تاشقى جەھەتتە خەۋپكە يولۇقۇپ،دۆلەت زور دەرىجىدە ئاجىزلاپ  كەتكەن شارائىتتا زوزوڭتاڭنىڭ چارروسسىيىدىن ئىلىنى قايتۇرۋېلىپ چېگرا رايۇننى ساقلاپ قېلىشى زور غەلبە ئىدى.مەزكۇر رايۇننى  ئۆلكە قىلىپ تەسىس قىلغاندا چىڭ سۇلالىسىغا بىۋاستە قاراشلىق زىمىن بولاتتى.چارروسىيە،ئەنگىلىيە قاتارلىق جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ قۇرىغار رايۇنىنى بۆلىشىۋېلىشىدىن ساقلانغىلى،دۆلەتنىڭ زىمىن پۈتۈنلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولاتتى.ئەينى دەۋىردىكى شارائىتتا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى يۇقۇرقى قاتلامىدىكىلەر ۋە زوزوڭتاڭ قاتارلىق يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار قەدىمكى زامان جوڭگو تارىخى ۋە قەدىمقى زامان قۇرىغار تارىخىنى كۆرۈپ ئۈلگۈرگەن ئەمەس.شۇڭا ئۇلار قۇرىغارنىڭ قەدىمقى زامان يەنى غەربى خەن سۇلالىسى زاما نىدىن بۇيان ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە قۇرۇلغان سۇلالىلەرگە «يېڭى زىمىن » ئەمەسلىكىنى بىلمەيدۇ.يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا 1955- يىلى مەزكۇر رايۇن ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بولۇپ قۇرۇلغاندىمۇ يەنە «شىنجاڭ» دەپ ئاتىلىشىنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ.چۈنكى  ئەينى ۋاقىتتا دۆلىتىمىز يېڭى ئازات قىلىنغان بولۇپ،شۇ مەزگىلدە يۇقۇرى دەرىجىدىكى ئىلىم-پەن تەتقىقاتى،تارىخ ۋە ئارخىلوگىيە تەتقىقاتىدىن  سۆز ئاچقىلى بولمايتى.ئۇندىن باشقا مەزكۇر قۇرىغار رايۇنىنىڭ تارىختىكى ئىزچىل ساقلىنىپ كەلگەن بىر بوشلىقى تاكى 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە مىللى تىلدا(تۈركى تىللاردا) ئاتىلىدىغان نامىنىڭ بولماي كېلىشىگە سەۋەپ بولغان.                                   ئالىم ئىمىن تۇرسۇن «تارىمدىن تامچە»ناملىق كىتاپىدا بۇنىڭدىن 2250-يىل ئىلگىركى ۋاقىتلاردىن باشلاپ مەزكۇر(قۇرىغار)رايۇنىدا « شەھەر بەگلىكلىرى»نىڭ بارلىققا كېلىشكە باشلىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.«شەھەر بەگلىكلىرى-شەھەر دۆلەتلىرى» ئەمىليەتتە ھەقىقى مەنىدە ئېيتقاندا «مۇستەقىل شەھەرلەر-مۇستەقىل يۇرتلار  ئىدى.«مۇستەقىل شەھەرلەر-مۇستەقىل يۇرتلار» ئەشۇ يىراق   قەدىمكى زاماندا «رەت-رەت بوستانلىقلار» دا قۇرۇلغان.«قۇرىغار» دىگەن نام شۇ مەزگىلدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ «رەت-رەت بوستا   نلىق»«قاتار-قاتار يۇرتلار» دىگەن مەنىنى بىلدۈرگەن.مىلادىدىن  ئاۋالقى 176-يىلى ھونلارنىڭ 2-تەڭرىقۇتى باتۇر تەڭرىقۇت قۇرىغار رايۇننى بېسىۋالغان.ھونلار دەۋرىدىن باشلاپ قۇرىغاردىكى ھەر قايسى يۇرتلار تاشقى زور بىركۈچنىڭ ئۆزلىرىگە رەھبەرلىك قىلىشىغا،  ئۆزلىرىنى ئىتپاقلاشتۇرىغا مۇھتاج بولۇپ كەلگەن.غەربى خەن سۇلاسى زامانىسىدىن باشلاپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ يۇقۇرى  قاتلىمىدىكىلەر قۇرىغار رايۇنىدىكى خەلقلەرنىڭ شۇ خىل مۇھتاجلىغىنى،تەلىپىنى جايىدا ئورۇنلىغان.قۇرىغان رايۇنىدىكىلەر يىراق قەدىمقى زاماندىن باشلاپ ئۆز-ئارا مۇستەھكەم ئىتپاقلىشالىغان،پۈتكۈل قۇرىغار رايۇننى بىر گەۋدە قىلغان بىر پۈتۈن دۆلەتنى قۇرالىغان ئەمەس. ئېلىمىزنىڭ خەنزۇ تارىخچىلىرىلا ئەمەس ئۇيغۇر،قىرغىز، قاتارلىق ئازسانلىق مىللەتلەر تارىخچىلىرى يازغان ئەسەرلەردىمۇ بۇ ئەھۋال ئوتتۇرغا قويۇلغان.ئۈزۈك-ئۈزۈك بوستانلىقلاردا ئايرىم-ئايرىم ئولتۇراقلىشىش خەلق-قەۋمنىڭ تارقاق مەۋجۇت بولۇش پىسخىكىسىنى شەكىللەندۈرگەن.مانا بۈ مەزكۇر رايۇننىڭ مىللى تىلدا تارىختىن بۇيان ئورتاق بىر نامىنىڭ نەچچە مىڭ يىلغىچە   ساقلانماي كېلىشىنىڭ تۈپ سەۋەبىدۇر.مىلادىيە –9ئەسىرگىچە مەزكۇر رايۇننىڭ تۈركى تىللاردىكى«قۇرىغار»دىگەن نامى ساقلانغان بولسىمۇ 9-ئەسىردىن كىيىن ئۇنتۇلۇپ كېتىلگەن. قۇرىغار(مەزكۇر) رايۇننىڭ ھازىرغىچە مىللى تىلىمىزدا ئاتىلىدىغان نامىنىڭ ساقلانمىغانلىقىغا تارىخى ساۋاقلارنى كۆزدە تۇتقاندا ئەجەپلىنىپ كەتكىلى بولمايدۇ.مىللىتىمىزنىڭ ئۇيغۇر دىگەن نامى مىلادىدىن ئاۋالقى 3-ئەسىردىن تاكى 1500-يىللارغىچە جەمى 1800يىل مەۋجۇت  بولغان بولسىمۇ 16-ئەسىردىن باشلاپ «مۇسۇلمان،ئالتە  شەھەرلىك»دىگەن ناملار بىلەن ئۇنتۇلۇپ كېتىلگەن.20-ئەسىرنىڭ بېشىدا (1910-يىللىرى) نەزەر خوجا ئوتتۇرا ئاسىيادا «ئۇيغۇر ئوغلى »تەخەلۇسى بىلەن ماقالىلەرنى يېزىپ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت نامىنىڭ ئەسلىدە «ئۇيغۇر» ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇرغان.1934-يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك فىرقە(ھۆكۈمەت) «ئۇيغۇر مىللىتى» دىگەن نامنى بىكىتكەن.دىمەك ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت نامى 300 يىل يوقاپ(ئۇنتۇلۇپ) كېتىپ،ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ توختىماي پىداكارلىق كۆرسىتىشىدە ئەسلىگە كەلگەن.بىز ھەتتا ئۆزىمىزنىڭ مىللەت نامىنى ئۇنتۇپ كەتكەن خەلق بولۇش تارىخىمىزنى ئەسلىگىنىمىزدە ئۆز دىيارىمىزنىڭ ئۆز تىلىمىزدىكى نامىنىڭ ساقلانماي كەلگەنلىكىدىن ھەيران قالمىساقمۇ بولىدۇ.                                          «شىنجاڭ»ئاتالغۇسى بارلىققا كەلگىلى 129 يىل بولغان،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى قۇرۇلغىلى 58 يىل   بولغان  بۈگۈنكى كۈندە بىر تەرپتىن خەنزۇچە قويۇلغان «شىنجاڭ » ئاتالغۇسىنىڭ مۇۋاپىق بولغانلىقى ياكى مۇۋاپىق بولمىغانلىقىنى ئويلىنىدىغان مەسىلە قاتارىغا قويۇش كېرەك.شۇنداقلا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇننى قۇرۇلغان 58 يىلدىن بۇيان مەزكۇر جاينىڭ مىللى تىلدا يەنى ئۇيغۇر تىلىدا ئاتىلىدىغان نامىنىڭ يوق بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئويلىنىش كېرەك.

     ئالدى بىلەن «شىنجاڭ» دىگەن خەنزۇچە نام ھەققىدە توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ.بۇ نامنىڭ 1884-يىلدىن بۈگۈنگىچە 129 يىلدىن بۇيان شىنجاڭ دەپ ئاتىلىپ كېلىشىنى توغرا  دىيىش مۇۋاپىق بولسىمۇ ئېلىمىزنىڭ ھەم قۇرىغار (شىنجاڭ ) رايۇنىنىڭ 2000 يىلدىن كۆپەرەك تارىخى ئەمىليىتىنى كۆزدە تۇتقاندا توغرا ئەمەس.يەنى «يېڭى زىمىن»(شىنجاڭ ) دىگەن نام مەزكۇر رايۇننىڭ غەربى خەن سۇلا لىسىنىڭ خەن ۋۇدى (مىلادىدىن ئاۋالقى 60-يىلى) زامانىدىلا ئېلىمىز خەرىتىسىگە كىرگۈزۈلگەن تارىخى ئەمىلىيىتى بىلەن زىت بولۇپ قالىدۇ.1884-يىلدىكى تارىخى ۋەزىيەتتە «يېڭى زىمىن»(شىنجاڭ) دىگەن نامنىڭ قويۇلىشى شۇ ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتنىڭ تەققازاسىدىن بولغان.تارىخى ئەمىليەتنى كۆزدە تۇتقاندا 1800 يىللىق ۋاقىتنى يوققا چىقىرۋەتكىلى بولمايدۇ.ئوچۇق ئېيتقاندا بۇنىڭدىن 2070 يىل ئىلگىرى مەزكۇر رايۇننىڭ ئېلىمىزگە تەۋە بولۇشقا باشلىغانلىقىنى يوققا چىقىرۋەتكىلى بولمايدۇ.شۇڭا   ئېلىمىزنىڭ پۈتكۈل ئومۇمى تارىخى نوقتىسىدىن ئېيتقاندا مەزكۇر قۇرىغار رايۇنىنى «يېڭى زىمىن»(شىنجاڭ) دەپ ئاتاش توغرا ئەمەس. يېڭى جوڭگو قۇرۇلغىلى 60 يىل بولدى.قۇرىغار تەتقىقاتى پەنلەر ۋە ساھەلەر بويىچە زور بۆسۈشكە ئېرىشتى.ھازىر « شىنجاڭ» دىگەن نامۇۋاپىق ئىسىمنىڭ ئورنىغا مۇۋاپىق،دەل نام-ئسىم قويۇشنىڭ پەيتى يېتىپ كەلدى.شىنجاڭ دىگەن خەنزۇچە نامنىڭ نامۇۋاپىقلىقىدىن باشقا   يەنە مەزكۇر جاينىڭ ئۇيغۇرچە نامىنىڭ يوق بولۇپ كېلىشىمۇ مەزكۇر جايغا مۇۋاپىق نام-ئىسىم  قويۇشنىڭ زۈرۈرلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

   خەنزۇچە قەدىمقى ناملار ئىچىدە « غەربى يۇرت » دىگەن ئاتالغۇ 1700 يىل داۋاملىشىپ كەلگەن بولسىمۇ ئېنىق،كونكىرت    بولغان  جاي تەۋەلىكىكىگە قارىتىلماستىن شەرققە-ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە نىسبەتەن غەرىپكە سوزۇلۇپ جايلاشقان ناھايىتى كەڭ  زىمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.قىسقىسى غەربى يۇرت دىگەن نام مەزكۇر رايۇننىڭ خاس نامى ئەمەس.

  مەزكۇر رايۇنغا قايسى مىللەت تىلىدىكى نام بولسۇن مەزكۇر رايۇننىڭ تارىخى ۋە جۇغراپىيسىنى ئەكس ئەتتۇرۇپ بېرىدىغان،مەزكۇر رايۇننىڭ خاس نامى بولالاليدىغان نام-ئىسىمنى قويۇشتا يېڭىدىن قويۇش ۋە قەدىمقى نام-ئىسىمنى ئىزدەشتىن ئىبارەت ئىككى ئۇسۇلنى قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ.ئەگەر قەدىمقى نام-ئىسىم بولسا يېڭىدىن نام قويۇشقا قارىغاندا تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولىدۇ. «قۇرىغار» دىگەن نام مېنىڭچە مەزكۇر رايۇننىڭ ئۆزىگە خاس نامى بولۇشقا ئەڭ مۇۋاپىق.بۇ نامنى قوللىنىشتا بىر مەزگىل «قۇرىغار(شىنجاڭ) ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇننى » «قۇرىغار رايۇننى» «قۇرىغار»(شىنجاڭ) شەكلى ئىشلىتىلسە قۇرىغار دىگەن نام مەلۇم مەزگىلگە بارغاندا ئومۇملىشىدۇ.مېنىڭچە «قۇرىغار» ئاتالغۇسىنى  ماقالىلىرىمىزدا،نوتۇقلىرىمىزدا،سۆھبەتلىرىمىزدە بىز ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىمىز ئىشلىتىپ ئادەتلەنگىنىمىز ياخشى.چۈشەندۈرۈش ،ئىزاھلاش توغرا بولسا خەنزۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قېرىنداش مىللەتلەرمۇ «شىنجاڭ »(يېڭى زىمىن) دىگەن نامنىڭ پۈتكۈل جوڭگو تارىخى نوقتىسىدىن مۇۋاپىق بولمىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ. شۇنداقلا «قۇرىغار» دىگەن نامنى ئۆز تىللىرىغا ئاھاڭ تەرجىمىسى قائىدىسى بويىچە تەرجىمە قىلىپ قوللىنىلدىغان بولىدۇ.شۇنداق بولغاندا بۇ مەسىلە تەبى ھەل بولىدۇ.تىل –يېزىق كومىتىتى،يەر-جاي ناملىرى ئىشخانىسى،سىياسى كېڭەش ئەزالىرى،خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان،ئاخىرىدا خەلق ھۆكۈمىتى قارار چىقىردىغان ئىشلار «قۇرىغار» دىگەن نام خەلق ئىچىدە بىر قەدەر ئومۇملاشقاندىن كىيىن ئېلىپ بېرىلسا ياخشى بولىدۇ.

    مەن يۇقۇردا «قۇرىغار» دىگەن نامنىڭ مەزكۇر رايۇنىمىزنىڭ تارىخىغا،جۇغراپىيسيگە،يەرلىك ئالاھىدىلىككە،مىللى خۇسۇسىيەتىگە،سىياسىغا،ئىتپاققلىققا ئۇيغۇن بولغان نام-ئىسمى بولالايدىغانلىقىنى بايان قىلدىم.بۇ تېمىنىڭ ھەممەيلەن تەرپىدىن ئويلىنىپ كۆرۈلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.لىكىن مەن بۇ تېمىنى كۆتۈرۋېلىپ داۋراڭ سالغۇچىلارنىڭ،ھەتتا بۇرمىلاپ ،قۇتراتقۇلۇق قىلىپ مىللى ئۆچمەنلىك پەيدا قىلغۇچىلارنىڭ چىقىشىغا قەتى قارشى.يۇقۇرقى ماقالەمدە گەۋدىلەنگىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك،ئىلمىيلىك،شۇنداقلا مىللى تىرىتورىيىلىك ئاپتۇنۇمىيە قانۇنىغا ئۇيغۇن بولغان مەزمۇنلاردۇر.سوتسىيالىستىك جەمىيىتىمىزدە دىمكىراتىيە يولغا قويۇلغانلىقى ھەققىقى ئەمەلىيەت بولغانلىقتىن مەن بۇ ماقالىنى يازدىم.  

         

       2011-يىل، بۈگۈر


Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-2-22 10:44:31

بەك ئوبدان يېزىلىپتۇ، قىممەتلىك ماتىرىيالكەن. \"\"

ALFA07 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-22 10:57:25

گەپ قىلغۇم  يوق

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2012-2-22 12:02:14

«قۇرىغار» دىگەن نام ماڭا ئانچە يېقىشلىق ئاڭلانمايۋاتىدۇيا؟

ھازىرچە يەنىلا «شىنجاڭ» دىگەن نامنى ئىشلىتىپ تۇرغىنىمىز ياخشىمۇ-نىمە؟

jaziyra يوللانغان ۋاقتى 2012-2-22 12:08:00

‹ قۇرىغار ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ›  دىسە ، غەلىتىلا بولۇپ قالامدۇ نىمە ؟   \"\"

شىنجاڭ دىگەن ئاتالغۇغا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن .  \"\"

urdek يوللانغان ۋاقتى 2012-2-22 12:12:21

قورىغار نىڭ ئىسىم بولۇپ قويۇلىشىنى 2 ياكى3 مىڭ ژىلدىن سوراش تېخى يىتەرلىك ئەمەس، ئەينى زاماندا ئۇتۇكەن گە نىسبەتەن غەربى تامان ھىساپلانسىمۇ سۇ ئاپىتىدىن كىيىن باشقا زىمىنلارغا نىسبەتەن بالدۇر سۇ تارتىلىپ قۇرۇشقا باشلىغانلىغى ئۇچۇن ئەشۇ نام تامغىلانغان،مۇنداقچە ئەيتقاندا ئىشنىڭ بېشى يەنىلا ---مۇ--- قۇرۇقلۇقىغا بىرىپ تاقىشىدۇ،شۇنداقلا مۇشۇ قورىغار ئاتالمىسى شاراپىتىدىن ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ 10 مىڭ ژىلدىن بۇرۇنقى ھالىتى نامايەن بولىدۇ

  ئىنسانلارنى مۇشۇ 6000 ژىلدىلا پەيدا بولۇپ تاكاممۇللاشتى دېيىش ئەنگىلىيە ئېمپىرىيىسىنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل باشلاپ بەرگەن دارۋىننىڭ پېرىخۇنلىقىدىن باشقا ئىش ئەمەس،ئەجەپكى مەدەنىيەتلىك دۇنيايىمىزدا شۇ پېرىخۇنلۇققا جۇر بولىۋاتقانلار ئاز ئەمەس.

matu يوللانغان ۋاقتى 2012-2-22 12:44:24

ھازىرقى ئىسمى بەك ياخشى ،مۇشۇ ئىسىمنى ئىشلەتكەچ تۇرىلى.

akkaniyat يوللانغان ۋاقتى 2012-2-22 15:21:26

بۇ ئويلىنىش، ئىزدىنىش ياخشى بولۇپتۇ. لېكىن، ۋاقىت بەكلا ئۇزاپ كېتىپتۇ. شۇڭا، يەنىلا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمىگىنى مۇۋاپىقمىكىن، دەپ ئويلىدىم.

lenovo1 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-22 15:52:21

3- قەۋەتتىكى ketmenbayنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

«قۇرىغار» دىگەن نام ماڭا ئانچە يېقىشلىق ئاڭلانمايۋاتىدۇيا؟

ھازىرچە يەنىلا «شىنجاڭ» دىگەن نامنى ئىشلىتىپ تۇرغىنىمىز ياخشىمۇ-نىمە؟

ئىزدىنىشتا كەتمەن نېمىش قىلىدۇ دەپ ئويلىغانتىم باشتا. مانا ھازىر كۆنۈپ قالدىمغۇ؟

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2012-2-22 17:04:47

8- قەۋەتتىكى lenovo1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

3- قەۋەتتىكى ketmenbayنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

«قۇرىغار» دىگەن نام ماڭا ئانچە يېقىشلىق ئاڭلانمايۋاتىدۇيا؟

ھازىرچە يەنىلا «شىنجاڭ» دىگەن نامنى ئىشلىتىپ تۇرغىنىمىز ياخشىمۇ-نىمە؟

ئىزدىنىشتا كەتمەن نېمىش قىلىدۇ دەپ ئويلىغانتىم باشتا. مانا ھازىر كۆنۈپ قالدىمغۇ؟  


كەتمەن - ئۇيغۇرنىڭ جانيولداش قورالىدۇر. ئۇيغۇر نەدە بولسا كەتمەن شۇ يەردەدۇر. ئۇيغۇرغا نىسبەتەن كەتمەننىڭ تارىخى «قۇرىغار»نىڭ تارىخىدىنمۇ ئۇزۇندۇر ۋە ئىزچىلدۇر. سىزنىڭ كېچىكىپ بولسىمۇ كۆنگىنىڭىز - سىزنىڭ بەختىڭىزدۇر ۋە شەرىپىڭىزدۇر.


«قۇرىغار» پەقەت بىر تەرەپ نامىدۇر. يەنى «غەرب» دىمەكتۇر. بۇنىڭ «غەربى يۇرت» دىگەن نام بىلەن مەنا جەھەتتىن ھىچ پەرقى يوقتۇر. ئەگەر ئىلمىي ۋە تارىخىي ئاساسىي كۈچلۈك، قەدىمدىن تارتىپ ئىزچىل قوللىنىپ كېلىۋاتقان بىر ئىسىمغا ئىھتىياجىمىز بولسا، ئۇ ئىسىم ھەرگىزمۇ «قۇرىغار» ئەمەستۇر.


«شىنجاڭ» دىگەن بۇ نام، چيەنلوڭخاننىڭ 1759-يىلى دىيارىمىزنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاخىرقى ھىساپتا ھازىرقى جۇڭگو تىرىتورىيەسىنى مۇقىملاشتۇرغانلىقىنىڭ بىر بەلگىسىدۇر. بۇ ناممۇ بىر تارىختۇر.


بىر يۇرتنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىش ياكى قايتا مۇقىملاشتۇرۇش نوقۇل تارىخ مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى سىياسىي مەسىلىدۇر. شۇڭا «شىنجاڭ» دىگەن نامنى ئىشلىتىپ تۇرغىنىمىز ياخشى دەيمەن؟

flashboy يوللانغان ۋاقتى 2012-2-22 18:55:07

شىنجىياڭ دىگەن ‹يېڭى زىمىن ،يېڭى چېگرا ›دىگەن مەنىدە ....ھەقىقىي تارىخنى ئىسپاتلايدىغان قالتىس ئىسىم ،ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، كۆتە ئۇ قۇرىغار دىگەن ئاقماس ئىسمىڭنى ..ئىسىم لازىم بولسا ئۇ سەت ئىسىمدىنمۇ چىرايلىق ئىسىمنى تېپىپ قويغۇچىلىكىمىز بار خەلقمىز ...

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2012-2-22 20:11:38

كەتمەنباي ........ئىسىل ! \"\"

almas333 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-22 20:20:12

مېنىڭچە بۇ ئىلمى ئەمەس.شۇنىڭغا دىققەت قىلىش زۆرۈركى قەدىمقى زامان ئۇيغۇر ئاتالغۇسى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇرئاتالغۇسى ھەرگىز تەڭداش ئەمەس،ئالدىنقىسى بولسا تۈركى قەۋم ئىچىدىكى بىر قەبىلىنىڭ نامى،كېيىنكىسى بولسا بىر مىللەتنىڭ نامى. قەدىمقى زامان ئۇيغۇر قەبىلىسى بولسا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللىتنىڭ كىچىككنە بىر تەركىبى قىسمى.ھەرگىز پۈتۈن قىسمى ئەمەس. ھەممىزگە مەلۇم قەدىمقى زامان ئۇيغۇر قەبىلىسى موڭغۇل دالالىرىدا ياشاپ ئاخىرى غەرپكە كۆچكەن.ئەگەر بىز ئۇيغۇر ئاتالغۇسىغا مەھكەم يېپىشىۋالساق، ئەجدادلىرىمىز باشقا يەردىن رايۇنىمىزغا كۆچۈپ كەلگەن دىگەن يەكۈن چىقىپ قالىدۇ.شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى بىزنىڭ مۇتلەق كۆپ ساننى تەشكىل قىلىدىغان ئەجدادلىرىمىز يىراق قەدىمقى زامانلاردىن تارتىپ رايۇنىمىزدا ياشاپ ئۆتكەن،ھەرگىز باشقا جايدىن كېلىپ قالمىغان. خەلقىمىز ئىسلامغا ئېتىقاد قىلغان مىڭ يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئاتالغۇسى مىللەت نامى سۈپىتىدە قوللىنىلمىغان. بۇ مەزگىللەردىمۇ ئەدىپلىرىمىز ئەرەپ،پارس،تۈركى تىلدا ئىجادىيەت ئېلىپ بارغان،ھەرگىز ئۇيغۇر تىلى دەپ ئاتىمىغان.باھادىرننامە دىگەن كىتاپتا كۆرسىتىلىشچە 14-15 ئەسىرلەردىمۇ جەنۇبى شىنجاڭ رايۇنى\" ماڭلا سۆيە \"دەپ ئاتالغان. پەقەت يېقىنقى زامان سىتالىن دەۋرىگە كەلگەندە ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركى مىللەتلەرنى بۆلۈپ باشقۇرۇش ئۈچۈن.سىتالىننىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينايدىغان بىر قىسىم نانقېپى ئەدىپلەر سوۋىت ھۆكۈمىتىنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن،ئاتالمىش قۇرۇلتاي ئېچىپ ئۇيغۇر دىگەن ئاتالغۇنى ئوتتۇرىغا چىقاردى .شۇنىڭ بىلەن بىچارە خەلقمىزگە ئۆزلىرى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان بىر ئاتالغۇ مىللەت نامى سۈپىتىدە مەجبۇرى تېىڭىلدى. بۇنىڭ بىلەن توقۇناق بالا سۆرىلىپ چىقىپ، ھەرقايسى تۈركى قېرىنداش مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا دە-تالاش ۋە ئورتاق ئېتراپ قىلغان مەدىنى مىراسلارنى يېڭىۋاشتىن تالىشىش جېڭى باشلاندى.

رايۇنىمىزدىن مىڭ كىلومىتىردىن ئارتۇق يىراقلىقتا تېپىلغان مەڭگۇ تاشقا قاراپلا رايۇنىمىزنىڭ نامىنى بېكىتىش ئىلمىلىك ئەمەس. چۈنكى بىز باشقىلارنىڭ رايۇنىمىزنىڭ نامىنى بېكىتىپ بېرىشىگە موھتاج ئەمەس. ئەگەر رايۇنىمىزئىچىدە تېپىلغان دەلىل-ئسپات بولسا بۇ باشقا گەپ. شۇڭا ھازىرقى نامنى ئىشلەتكەن تۈزۈك.

uyghur0996 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-22 21:09:06

بۇ قۇرىغار دىگەن نام ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ نامى بولالمايدۇ.ئەجىبا 1884-يىلى ‹شىنجاڭ› دىگەن نامنى قويغان زۇ زۇڭتاڭ خاننىڭ قاتتىق ئىمتىھانىنىدىن ئۆتۈپ،يوقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بولغاندىكىن نادان ئادەم ئەمەستۇ؟

yorungkax1 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-22 21:33:26

1884-يىلى يۇرتىمىزغا 新疆 دەپ ئىسىم قويۇپ بەرگەنلەرنىڭ ئەۋلاتلىرى ھازىر مۇشۇ ئىسمنى قويۇپ سالغىنىغا مىڭبىر پۇشايمان قىلىپ (سەۋەبى، بۇ يېڭى زېمىن دېگەن سۆز ھازىرقى تارىخ كىتابلىرىدىكى «2000 يىلدىن بۇيان قەتئىي ئايرىلىپ باقمىغان كونا تېرىتورىيىمىز» دېگەن سۆزگە زىت كېلىپ قالىدىكەن ئەمەسمۇ؟! دەپ)  بۇ شىنجاڭ دېگەن سۆزنى ئاستا-ئاستا 西域 بىزنىڭ «غەرپتىكى زېمىنىمىز» دېگەن ئىسىمگە ئۆزگەرتىشنىڭ كويىغا چۈشتى.

بەيدۇغا كىرىپ 西域 دەپ يېزىپ بىر مالتىلاپ بېقىڭلارچۇ؟ 愤青لار يىغىلغان 天涯论坛 مۇنبىرىگە قاراپ بېقىڭلارچۇ؟ ھازىر شىنجاڭ دېگەن ئىسىم ئۇيغۇرلاردىن بەكرەك خەنلەرگە سەت ئاڭلىنىپ كېتىپ بېرىۋاتىدۇ... ئۆزگەرتىش ئاسان بولسا، ئەتىلا ئۆزگەرتكۈسى بار.

ئۇلارنى بەك خوش قىلىۋەتكۈڭلار كەپ كەتكەن بولسا، شىنجاڭ دېگەن ئىسىمنى تېزرەك يۆتكىۋېتىڭلار.

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2012-2-22 21:57:25

بۇنىڭغا بىر تەتقىقات ماقالىسى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلساق بولمىدىمۇ،نىمە كەپتۇ بىزگە تالىشىپ،

تىلىمىزدىكى يات سۆزلەرنى ئۆزگەرتەلمەيۋاتقاندا شىنجاڭ دىگەن ئىسىمنى ئۆزگەرتىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس،بىر بىلىمنى بىلۋالدۇق پۈتتى،ئىش تامان ۋەس سالام.

يازغۇچىنىڭ ئەجىرنىمۇ يوق قىلۋەتتىڭلا،ھادىقى چىققىدەك گەپ قىلماي

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2012-2-22 22:37:58

ئاجايىب بىر جاھاندە بۇ، ھەر قىسما گەپلەر

izdinishezasi يوللانغان ۋاقتى 2012-2-23 07:23:17

تېخى بۇ ئىسىمنى ئۆزگەرتىدىغانغا نۇراخۇننىڭمۇ كۈچى يەتمەيدۇ

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2012-2-23 13:44:34

ئۆردەك بوۋىمىز بۇ توغرىسىدا مۇپەسسەل بايان قىلغان. قۇرىغارنىڭ غەرب دەپ مەنىسى يوقلىقىنى تەكىتلەپ. ماۋو تېمىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاشنى تەۋسىيە قىلىمەن

almas333 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-23 18:16:48


15- قەۋەتتىكى bughra-oghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇنىڭغا بىر تەتقىقات ماقالىسى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلساق بولمىدىمۇ،نىمە كەپتۇ بىزگە تالىشىپ،

تىلىمىزدىكى يات سۆزلەرنى ئۆزگەرتەلمەيۋاتقاندا شىنجاڭ دىگەن ئىسىمنى ئۆزگەرتىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس،بىر بىلىمنى بىلۋالدۇق پۈتتى،ئىش تامان ۋەس سالام.

يازغۇچىنىڭ ئەجىرنىمۇ يوق قىلۋەتتىڭلا،ھادىقى چىققىدەك گەپ قىلماي


=================================================


تەتقىقاتنىڭ ياخشىسىمۇ،يامىنىمۇ بولىدۇ.بۇنداق قاملاشمىغان تەتقىقاتنى قىلمىغان ياخشى.ھېلىمۇ قاملاشمىغان تەتقىقاتنىڭ زىيىنىنى ئاز تارتمىدۇق.بىكار ۋاقتىڭلار بولسا خەلققە ئەمەلى نەپ يەتكۈزىدىغان تەتقىقاتنى قىلساڭلار بولۇپتىكەن.




بەت: [1] 2
: [كۆچۈرۈلمە]رايۇنىمىز شىنجاڭنىڭ قەدىمكى «قۇرىغار» نامى