paltahun يوللانغان ۋاقتى 2012-2-21 20:50:53

ئابدۇنىياز مىراب

ئابدۇنىياز مىراب 1860 - يىلى ئاراتۈرك يېزىسىدا بىر نامرات دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىدۇ. ئۆز ئاتىسىنىڭ ئىسمى تۆمۈر نىياز دېگەن كىشى ئىدى، شۇ مەزگىللەردە ئاراتۈركتە مىراب بولۇپ ئۆتكەن بوسۇق دېگەن كىشى پەرزەنت كۆرمىگەنلىكتىن، دېھقان تۆمۈر نىيازنىڭ ئوغلى ئابدۇنىيازنى بېقىۋېلىپ چوڭ قىلىدۇ ۋە دىنىي مەكتەپتە ئوقۇتىدۇ. 1900 - يىللارغا كەلگەندە بوسۇق مىراب كېسەل سەۋەبى بىەلن ئالەمدىن ئۆتىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئابدۇنىياز ئۇنىڭ ئورنىدا مىراب بولىدۇ. 1920 - يىللىرى قۇمۇلدىكى شامەخسۇت چىڭۋاڭنىڭ دەۋرىگە كەلگەندە ئۇنى ئاراتۈركتە ئۈچ بېگى (دېھقان بېگى، چارۋا بېگى، سۇ بېگى) قىلىپ تەيىنلەپ، توققۇز دورغا ئىدارە قىلىپ كېلىۋاتقان توققۇز يۇرتنى ئۇنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. بۇ توققۇز يۇرت قوراي (ھازىرقى قۇمۇل شەھىرى تيەنسەن رايونى تۇرۇشلۇق جاي)، خوتونتام، شوپۇل (ھازىرقى قۇمۇل شەھىرى تاشۋېلىق رايونىنىڭ خوتۇنتام، شوپۇل يېزىلىرى)، ئاراتۇركنىڭ باي يېزىسى، ئاراتۈرك يېزىسى، ئاداق يېزىسى، نوم يېزىسى، تۈركۆل يېزىسى، نېرىنكىر يېزىسى قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


ئابدۇنىياز مىراب ئۈچ بېگى بولغاندىن كېيىن ۋاڭلىقتىن ئاراتۈركتە 40 نەچچە نەپەر پۈتۈن تەمىناتلىق قوراللىق ئەسكەر تۇرغۇزۇشنى بەلگىلەپ، ئۇنىڭغا يولۋاسنى يىڭجاڭ، ئابۇنىياز ئۈچ بېگىنى ليەنجاڭ قىلىپ بېكىتىدۇ. كېيىن ئابدۇنىياز قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىغا قاتنىشىدۇ ھەم باشچىلىق قىلىدۇ.


ۋاڭلىقنىڭ ئاراتۈكتە تۇرۇشلۇق ئەسكەرلىرىنىڭ يىڭجاڭى يولۋاس ئالدىنقى بەتتە دېيىلگەندەك ئابدۇنىياز ئۈچ بېگىگە قۇمۇل قاراتاللىق يارى دورغا دېگەن كىشىدىن شوپۇللۇق سالى دورغىنى تىرىك تۇتۇپ تاپشۇرۇش توغرىسىدا خەت ئەۋەتىدۇ. ئابدۇنىياز يولۋاسنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلماي، سالى دورغىنى ئەھۋالدىن خەۋەرلەندۈرىدۇ ھەم سالى دورغا بىلەن بىرلىكتە دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باشلايدۇ.


ئابدۇنىياز ئۈچ بېگى ئۆزى باشچىلىق قىلغان قوزغىلاڭچىلارغا جىن شۇرېننىڭ ئابلا درىن باشچىلقىدىكى 100 دىن ئارتۇق ئەسكىرىنى قورشاپ قورال تاپشۇرۇشقا قىستاشنى بۇيرۇيدۇ. ئابلا ئەسكىرىنى قورشاپ قورال تاپشۇرۇشقا قىستاشنى بۇيرۇيدۇ. ئابلا دارىن قورشاۋدا قالغانلىقىنى كۆرۈپ، تەسلىم بولۇپ قورال تاپشۇرىدۇ.


ئابدۇنىياز كېيىن خوجىنىياز ھاجى بىلەن بىرلىشىدۇ ۋە قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، قوزغىلاڭنىڭ باشچىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالىدۇ.


شېڭ شىسەي ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن خوجىنىياز ھاجى شېڭ شىسەي بىلەن بىرلىشىپ، ئىتتىپاقدىشى ماجۇڭيىڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ جەنۇبىي شىنجاڭ تەرەپتە بولىدۇ، قۇمۇل يەنىلا شېڭ شىسەينىڭ كونتىروللىقىدا بولىدۇ. بۇ كۈنلەردە شېڭ شىسەي قۇمۇل قوزغىلاڭچىلىرىنى بىر - بىرلەپ تۇتۇپ ئۆلتۈرۈشكە باشلايدۇ. ئابدۇنىياز مىراب قۇمۇلدا تۇرالماي گەنسۇنىڭ ئەنشى دېگەن يەرگە كېتىدۇ. ئۇ يەردىمۇ خاتىرجەم بولالماي ئاراتۈرككە قايتىپ كېلىدۇ. ئابدۇنىياز مىراب قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇنى شېڭ شىسەي دائىرلىرى قولغا ئېلىپ ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىدۇ. ئۇ 1938 - يىلى قىشتا ئۈرۈمچى 2 - تۈرمىدە ئارغامچا بىلەن بوغۇپ ئۆلتۈرۈلىدۇ.

ALFA07 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-21 23:12:12

ھەي باتۇرلىرىمىز! ئاجايىپ باتۇر ۋە مەرتلەردىن ئىدى ھە!

mux يوللانغان ۋاقتى 2012-2-22 18:55:10




خوتونتام، شوپۇل (ھازىرقى قۇمۇل شەھىرى تاشۋېلىق رايونىنىڭ خوتۇنتام، شوپۇل يېزىلىرى)، ئاراتۇركنىڭ باي يېزىسى، ئاراتۈرك يېزىسى، ئاداق يېزىسى، نوم يېزىسى، تۈركۆل يېزىسى، نېرىنكىر يېزىسى قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


  、ئاجايىپ گۈزەل جايلار .... ەر بارغىنىمدا  كۆزۈمدە ياش


بەت: [1]
: ئابدۇنىياز مىراب