پروگرامما \ مەن ئۇيغۇر\
دۇنيا ئۇيغۇر تىلى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن "مەن ئۇيغۇر" ناملىق پروگرامما تۈزۈلۈپ ھەقسىز تارقىتىلدى.ئاتى: مەن ئۇيغۇر
ئىجرا بولۇش مۇھىتى: ئۆزىنى ئۇيغۇر دەيدىغان ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭىسى
قاتتىق دېتال تەلىپى: مېڭە باشقا پىروگراممىلارنىڭ يۇيۇشىغا ئۇچىرىمىغان بولۇشى كېرەك.
يۇمشاق دېتال تەلىپى: ئۇيغۇر تىلىدىن ساۋادى بولۇشى كېرەك.
ئالاھىدىلىكى: بۇ پروگرامما قاچىلانغانغاندىن كېيىن ئادەم ئويغانغاندا تەڭ قوزغىلىپ، مېڭىدىكى ئىجرا بولۇۋاتقان باشقا پروگراممىلارنى نازارەت قىلىپ تۇرىدۇ. شۇ كىشى شۇنداق پىروگرامما قاچىلانغان يەنە بىر كىشىگە ياكى زۆرۈرىيتى يوق ئەھۋالدا باشقا تىلدا گەپ قىلسا ئەسكەرتىش بېرىدۇ. مەسلەن:
ياۋ سەن با... دېسە مەزكۇر پروگرامما "گىرامماتكىلىق خاتالىق كۆرۈلدى، تۈزىتىپ قايتا سىناڭ" دەپ ئەسكەرتىش چىقىردۇ. ئەسكەرتىشكە بويسۇنماي داۋاملىق ياۋ سەن با دەۋەرسە ئۈچ قېتىملىق ئەسكەرتىشتىن كېيىن "ئېغىر خاتالىق" ئۇچۇرى چىقىپ، بۇ پىروگرامما مېڭىدىن ئاپتۇماتىك ئۆچۈپ كېتىدۇ. ۋە باش مۇلازىمېتىرغا بۇ كىشىنىڭ پىسخىكا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى ھەم بىر ئۇيغۇرنىڭ ئازايغانلىقىنى مەلۇم قىلىدۇ.
قاچىلاش: بۇ پىروگراممىنى مېڭىڭىزگە قاچىلاش ئۈچۈن يوقارقى قاتتىق، يۇمشاق دېتال مۇھىتى ھازىرلانغان بولسا "مەن ئۇيغۇر، ئانا تىلىم-ئۇيغۇر تىلى" دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم ئىچىڭىزدە، ئۈچ قېتىم ئۈنلۈك تەكرارلىسىڭىزلا قاچىلاش تاماملىندۇ.
ئەسكەرتىش: ئىسپىرىتلىق ئىچىملىكلەر ۋە تاماكا، خىروئىن قاتارلىق چىكىملىكلەر ياكى ئەخلاقسىز قىلمىشلار بۇ پىروگراممىنىڭ نورمال ئىجرا بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەن تۇنجى بولۇپ ئىنكاس يازىدىكەنمەن ...
بۇ پىروگىراممىنىڭ قاچىلىنىشى ئىتتىكەن ، لېكىن ئۈچ قېتىم خاتالىقتىن كېيىن ئۇنچىۋالا تېز ئۆچۈپ كېتەلمەيدىغۇ دەيمەن، ‹مە، مە› دېگەندىن باشلاپ قاچىلانغان پىروگىرامما تۇرسا بۇ ...
خاتالىقىنى تۈزىتىش ۋە ئۆگىتىپ قويۇش مەشغۇلاتى قۇشۇپ قۇيۇشنى تەلەپ قىلىمەن، بولمىسا ئۇيغۇرنىڭ سانى تىك سىزىق ھالەتتە ئازىيىپ كېتەمىكى دەپ ئەنسىرەيمەن. پىروگراممىر ھامىنى پىروگراممنىڭ گېپىنىلا قىلىدۇ ھە...
تېمىغا مۇناسۋەتسىز بىر گەپ قىلىۋالاي راست، بىر سائەتنىڭ پىروگرامما تىلىنى يېزىۋاتقان (تۇنجى يازغان نەرسەم) ھەممىنىغۇ توغرا يېزىپتىكەنمەن، ئازراق بىر مەسىلىلەر كۆرۈلۈپ يېڭىۋاشتىن قىلىشقا توغرا كەلدى. يېزىپ بولۇپ سىزدىن مەسلىھەت سورايدىغان ئىش بار ئىدى، ۋاقتى كەلگەندە سىزنى مالال قىلىمەن. ...
1- قەۋەتتىكى faridaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەن تۇنجى بولۇپ ئىنكاس يازىدىكەنمەن ...
بۇ پىروگىراممىنىڭ قاچىلىنىشى ئىتتىكەن ، لېكىن ئۈچ قېتىم خاتالىقتىن كېيىن ئۇنچىۋالا تېز ئۆچۈپ كېتەلمەيدىغۇ دەيمەن، ‹مە، مە› دېگەندىن باشلاپ قاچىلانغان پىروگىرامما تۇرسا بۇ ...
خاتالىقىنى تۈزىتىش ۋە ئۆگىتىپ قويۇش مەشغۇلاتى قۇشۇپ قۇيۇشنى تەلەپ قىلىمەن، بولمىسا ئۇيغۇرنىڭ سانى تىك سىزىق ھالەتتە ئازىيىپ كېتەمىكى دەپ ئەنسىرەيمەن.
بۇ beta نەشىرى. ھەقىقى نەشىرى تارقىتىلغاندا تەكلىپ-پىكىرلەرگە ئاساسەن تۈزىتىلدۇ. ھازىر قاچىلاپ كۆرۈپ، مۇشۇنىڭدەك پىكىرلەر بولسا بەرگەچ تۇرۇڭلار. تۇنجى نەشىرىنى قاچىلاپ ئىشلىتىپ باقتىم ،ھەقىقەتەن بەك ياخشىكەن . ئېسىل پروگىرامما بوپتىكەن، قاچىلىۋالىدىغانلار ئەجەپ ئاز بولۇپ قاپتۇ دېسە... مەنمۇ قاچىلىۋالدىم.... مەن قاچىلىسام ئىجرا بولمىدى..........
{:90:} {:90:} دوستىلرىم بىلەن بۇ دېتالىنى قاچىلغىلى ئۇزۇن بولغان ، ئەمدى بۇ يەرىدە ئېلان قىپسىزىدە ئاپامنىڭ قورسىقىدىكى چېغىمدىلا ھەقىقىي نۇسخىسى قاچىلىنىپ بوپتىكەن. تەۋەللۇت قىلىنغان ۋاقتىمدىن باشلاپ قاچىلاپ بۇپتىكەنمەن، يىلسىرى يېڭىلىنىپ ھازىرقى نەشىرىگە ئۇلاشتى... بۈگۈن 50 نەچچە مېڭىگە بۇ دىتالنى ھەقسىز قاچىلاپ بەردىم .... {:92:} بۇرادەر يشىل نۇسخسى دۇ ھە...... مەن قاچىلىۋالدىم {:92:} ، پات - پات يېڭىلاپ تۇرۇشقا توغرا كېلەمدۇ قانداق ؟ يېڭىچە ئىقتىدارلار قوشۇلۇپ قالسا ، دەيمىنا
ھە راست ، قاچىلاپ بولۇپ ئىجرا قىلسام ، 360 قوغدىغۇچى ئەسكەر ‹ ۋېرۇس بار › دەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن مەن ؛ - بۇنداق ئېسىل يۇمشاق دېتالدا ، ھېلىغۇ ۋېرۇس باركەن ، باكتېرىيە بولسىمۇ قاچىلايمەن ، قانداق قىلاتتىڭ - دەپلا ئىجرا قىلىۋەتتىمغۇ
شۇنداق قىلىپ ، ھازىرغىچە ناھايىتى نورمال ئىشلەۋاتىدۇ ، رەھمەت ھە . مەن قاچىلىسام نەشىرىنى تۆۋەنلىتىشكە بولمايدۇ دەپ تۇرۇۋالدى. بۇ دېتالنىڭ ئۇيغۇرچە چۈش كۆرۈش نۇسخىسىنىمۇ قوشىۋىتىڭ چۈنكى بۇ باشقا تىلدا چۈش كۆرۈپ تاشلايدىغان بەزىبىر چۈش خۇمارلار ئۈچۈن بەكمۇ زۆرۈر! تاغتۇرا نەشىرىدەك قىلامدۇ نېمە ... قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن كومپىيوتىرىمدىن ئىس -تۈتەك چىكەتتى ، خومادىن چىققاندەك قىلىدۇ !
مەنمۇ قاچىلۋالدىم. يېڭى نۇسخىلىرىنىڭ داۋاملىق تۈزۈلۈپ تۇرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن قاچىلىۋالدىم،تېخى قانۇنسىز ھالدا دېسكىغا كۆچۈرۈپ تارقاتتىم،مىكروبلوگقا چىقىرىۋەتتىم.
7- قەۋەتتىكى matimatikaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەن قاچىلىسام ئىجرا بولمىدى..........
ئەمسە كومپيۇتىرڭىز دىن چوڭ چاتاق چىقىپتۇ،دەرھال ئوڭشىتىۋىلشىڭىزنى تەۋسىيە قىلمىز !بونىڭغا ئالدىرمىسىڭىز كېيىن چوقۇم پۇشايمان قىلىسىز.
بەت:
[1]
2