motiwarlar يوللانغان ۋاقتى 2012-2-20 21:38:12

[كۆچۈرۈلمە]تىنىش بەلگىلىرىنى قويۇش يوسۇنى

2- ئاينىڭ 21- كۈنىدىكى
«دۇنيا ئانا تىل» كۈنى شەنىگە



ئەتە
2012-يىل 2-ئاينىڭ 21-كۈنى «دۇنيا ئۇيغۇر تىلى » كۈنىدۇر. پېقىرنىڭ ئۇشبۇ كۈننى
خاتىرىلىشى تۇنجى قېتىم، شۇنداقلا باشلىنىش
قېتىمى بولۇپ قالغۇسى .پېقىر گەرچە ئانا تىلىمنى ئېغىزچە ھەم يېزىقچە قوللىنىىپ
كېلىۋاتقان بولساممۇ،لېكىن يېزىقتا بۇ
تىلغا خېلىلا چالا ئىكەنمەن. مەن بۇ چالىلىقىمنى قىزىمنىڭ باشلانغۇچ 2-يىللىققا
چىقىپ ، ئۇيغۇرچە تىل- ئەدەبىيات دەرىسى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، قىزىمنىڭ ئۇيغۇر
تىلى دەرىسىگە يېتەكچىلىك قىلىش جەريانىدا ھېس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن مەندە ئانا
تىلىمنى پىششىقلاپ قايتا ئۆگىنىش ئىستىكى توغۇلدى.


بۇنىڭدىن 15 يىل بۇرۇن نەشىر
قىلىنغان، ئابدۇسالام ئابباس ئەپەندى تۈزگەن «تىنىش بەلگىلىرىنى قويۇش يوسۇنى» دېگەن
كىتابچىنى قەلەمكەشلىككە ھەۋەس قىلىپ يۈرگەن زامانلاردا سېتىۋالغان ئىدىم. كېيىن
بۇ ھەۋەسمۇ ئەمەلگە ئاشماي، بۇ كىتابمۇ نەلەردىدۇ قالغان ئىكەن. بۇ يىل كونا- يېڭى
كىتابلارنى ئاختۇرىۋاتسام بۇ كىتاپچە قولۇمغا چىقىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن «بۇ كىتابنى تورغا
يوللىسام ،بىرىنچىدىن ئۆزۈمنىڭ ئېسىدە قالغۇدەك، ئىككىنچىدىن باشقا دوسىتلارنىڭ
ئانا تىلىنى يېزىقتا ئىپادىلەشتە خاتا كەتكەن يەرلىرىنى تۈزەشتە پايدىسى بولغۇدەك» دەپ
ئويلىدىم- ،يۇ لېكىن تورغا يوللاپ بولالمىغان ئىدىم. بۈگۈن، ئەتىكى «دۇنيا ئۇيغۇر تىلى»
كۈنى شەنى ئۈچۈن بۇ كىتابچىنى قەتئي يوللاشنى قارار قىلدىم. كىتابچە بۆلەكلەرگە
بۆلۈپ يوللىنىدۇ. بۈگۈن تۇنجى بۆلىكى يوللىنىدۇ. بۇ كىتابچىنى تۈزگۈچى ئابدۇسالام
ئابباس ئەپەندىمگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن ۋە تورغا يوللاشتا رۇخسەت ئالالمىغىنىم ئۈچۈن ئۆزرە سورايمەن.
ئەگەر ئابدۇسالام ئابباس ئەپەندىم بۇ كىتاپچىنى تورغا يوللاشنى راۋا كۆرمىسە،
ماڭا ئەسكەرتىپ قويۇشنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.


تىنىش بەلگىلىرىنى قويۇش يوسۇنى


                                                         مۇندەرىجە


1.    تىنىش بەلگىلىرى توغرىسىدا


2.    جۈملە تۈرلىرى


3.    تىنىش بەلگىلىرىنى قويۇش
يوسۇنى


1)       چېكىت (.)


2)       سوئال بەلگىسى (؟)


3)       ئۈندەش بەلگىسى (!)


4)       پەش (،)


5)       چېكىتلىك پەش (؛)


6)       تىرناق (    ( )   )


7)       قوش تىرناق (« » )


8)       يالاڭ تىرناق ( ‹)


9)       سىزىق (   ـــ)


10)   سىزىقچە (   ـ   )


11)   قوش چېكىت (   :   )


12)   كۆپ چېكىت (...)


13)   باشقا بەلگىلەر


14)   


1.تىنىش بەلگىلىرى توغرىسىدا



   تىل-
ئىنسانلارنىڭ مۇھىم ئالاقە قورالى.


   تىل
ئېغىز تىلى ۋە يېزىق تىلى دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.


   يېزىقتا
تىنىش بەلگىلىرى بولىدۇ. تىنىش بەلگىلىرى يېزىقنىڭ ئورگانىك تەشكىلى قىسىمىدۇر.


    ئوي – پىكىرنى
ۋە ئۇنىڭ قىسىم، بۆلەكلەرگە بۆلۈنۈشى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەر خىل
مۇناسىۋەتلەرنى دۇرۇس كۆرسىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بەلگىلەر سېستىمىسى تىنىش
بەلگىلىرىدەپ ئاتىلىدۇ.


كىشلەر سۆزلىگەندە، ئۆز مەقسىتىنى تۈرلۈك تىنىش،
ئىنتۇناتسىيە، ئىما –ئىشارەتلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇقتۇرىدۇ. يازغاندا تىنىش
بەلگىلىرىگە تايىنىدۇ. ئېغىز تىلىدىكى ئۇرغۇ، تون، ئىنتۇناتسىيە (سۆز ئورامى)، پائۇزا (تىنىش)، ئاھاڭ
ۋە باشقىلارنى يېزىق تىلىدا كۆرسىتىش – تىنىش بەلگىلىرىنىڭ خىزمىتى. تىنىش
بەلگىلىرى بولمىسا ياكى تىنىش بەلگىلىرى توغرا قويۇلمىسا، يېزىق تىلىدا بىر مۇنچە
قالايمىقانچىلىق، ئۇقۇشماسلىقلار كېلىپ چىققان بولار ئىدى.


تىنىش بەلگىلىرى كىشىنىڭ سۆزىنىڭ مەنىسىنى
ئېنىقلايدۇ؛ سۆز- جۈملىلەرنىڭ ئورامى ۋە تۇيغۇسىنى بىلدۈرىدۇ؛ سۆز- جۈملىلەرنىڭ
خاراكتىرى ۋە رولىنى كۆرسىتىدۇ؛ سۆز- جۈملىنى قىسقارتىدۇ؛ ئوقۇغۇچى ئۈچۈن ئاسان
چۈشىنىش ئىمكانىيىتى تۇغدۇرىدۇ.


بىزنىڭ بۇرۇنقى يېزىقلىرىمىزدا تىنىش بەلگىلىرى يوق
ئىدى. مۇشۇ ئەسىرنىڭ 20- يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا مەتبۇئات ۋە نەشىرىياتتا خەلقئارالىق ئاساسى تىنىش بەلگىلىرىنى قوللىنىشقا
باشلىدۇق. تىنىش بەلگىلىرىنى مەكتەپلەرنىڭ تىل دەرىسلىكلىرىگە كىرگۈزدۇق. لېكىن، ئۇلارنىڭ
قوللىنىشىنى كۆرسىتىدىغان تولۇقراق قائىدە- يوسۇنلار تازا ئېنىق بولمىدى. تىنىش
بەلگىلىرىنى قوللىنىشقا ئاتالغان بەزى قوللانمىلاردا يا ئۇنداق، يا مۇنداق
خاتالىقلار كۆرۈلدى. شۇڭا تىنىش بەلگىلىرىنى قويۇشتا ھازىرغىچە ھەر خىل قالايمىقانچىلىقلار، مەسلىلەر چىقىپ
تۇرىۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋالنى تۈزىتىش ئەلۋەتتە زۆرۈر.


تىنىش بەلگىلىرى ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار بار.


فىرانسىيىلىك مەشھۇر يازغۇچى تېئودور فونتانى
بېرلىندا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەپ تۇرغان چاغلاردا، بىر ياشنىڭ ژۇرنالغا ئەۋەتكەن
بىر نەچچە كۇبلىت شېئىرىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ. شېئىر تولىمۇ ناچار يېزىلغان، ئۇنىڭ
ئۈستىگە تىنىش بەلگىلىرىمۇ قويۇلمىغانىكەن. بۇ ياش ئۆز خېتىدە: «مېنىڭ تىنىش
بەلگىلىرى بىلەن ئەزەلدىنخوشۇم يوق ئىدى،
تىنىش بەلگىلىرىنى ئۆزىڭىز قويۇپ قويارسىز»- دەپ يازىدۇ. تېئودور فونتانى ھېلىقى
ياشقا شېئىرنى دەرھال قايتۇرۋېتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا يازغان جاۋاپ خېتىدە: «سىز بۇنىڭدىن
كىيىن تىنىش بەلگىلىرىنىلا ئەۋەتىپ بېرىڭ، شېئىرنى مەن يېزىپ قوياي»
دەيدۇ. بۇنىڭدىن بىز شېئىر بىلەن تىنىش بەلگىلىرىنىڭ ئوخشاشلازۆرۈرلىكىنى، تىنىش بەلگىلىرىنىڭ تېخىمۇ مۇھىم
ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋالالايمىز.


بىز كىنو - تېئ‍اتىرلاردا ئۇلۇغ زاتلارنىڭ رادىسىتقا
تىلگىرامما تېكىستلىرىنى ئاغزاكى ئېيتىپ بەرگەندە، سۆز –جۈملىلەر بىلەن تىنىش
بەلگىلىرىنى بىللە ئېيتىپ بەرگەنلىكىنى كۆرىمىز ۋە ئاڭلايمىز.


تىنىش بەلگىلىرى بىلەن ئۇچۇر ئېلىشقان ئەھۋاللارمۇ
بار. ئاتاقىلىق فىرانسۇز يازغۇچىسى گيوگو مەشھۇر ئەسىرى «پاجىئەلىك دۇنيا» نى باشقا
بىر شەھەردىكى نەشىرىياتچىغا نەشىر قىلىشقا بەرگەندە، ئۇنىڭدىن ئۇزاققىچە ئۇچۇر كەلمەيدۇ. شۇڭا ئۇ بۇ نەشىرىياتقا پەقەت
سوئال بەلگىسى (؟) يېزىلغان تېلېگرامما ئەۋەتىدۇ. ئېنىقكى ئۇ بۇ نەشىرىياتتىن
«ئەسىرىم قانداق بولدى؟» دەپ سورىغان. نەشىرىياتتىن پەقەت ئۈندەش بەلگىسى (!) يېزىلغان
جاۋاب تاپشۇرۇۋالىدۇ. بۇمۇ ئېنىق. ئۇ نەشىرىيات «نەشىر قىلىنىدۇ» دېگەن.


سۆز تاللاپ جۈملە تۈزگەندە، چوقۇم تىنىش
بەلگىلىرىنى ئويلىشىش كېرەك. تىنىش بەلگىلىرى قويۇلمىغاندا خاتادىن ساقلىنىشقا
بولمايدۇ، ئوقۇرمەنلەر قايمۇقىدۇ، كۈتكەن مەقسەت ھاسىل بولمايدۇ.


ماۋزىدۇڭ ئۆز ئەسەرلىرىدە تىنىش بەلگىلىرىگە بەكمۇ
دىققەت قىلىدىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ «ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەمەسلىسى» دىگەن ئەسىرىنىڭ بىرىنچى بابىنى
ئاخىرقى قېتىم تۈزەتكەندىن كېيىن، يەنئەندە چىقىدىغان « ئازادلىق » ژۇرنىلىنىڭ 40-
سانىدا ئېلان قىلىشقا تاپشۇرۇپ، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەركىزى ھەربىي كومىتېت
تەھرىر-تەرجىمە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى گوخۇادۇغا يازغان خېتىدە ئەسەرنىڭ كوررىقتۇرلىقىغا
دائىر تەلەپلىرىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن، يەنە «تىنىش بەلگىلىرىگە دىققەت قىلىڭلار،
بىرەرسىمۇ خاتا بولۇپ قالمىسۇن»دەپ
ئىلاۋە قىلغان.


يۇقىرىقىلاردىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، يېزىقتا تىنىش
بەلگىلىرىنى توغرا قوللىنىش ناھايىتى زۆرۈر. تىنىش بەلگىلىرى سىنتاكسىسنىڭ
تەتقىقات ئوبىكتى. ئۇ يەنە ئىستىلىستىكا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتلىك. تىنىش بەلگىلىرىنى
توغرا قوللىنىش ئۈچۈن، گىرامماتىكا ۋە ئىستىلىستىكا ئۆگىنىش لازىم.


داۋامى
بار.


YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2012-2-21 03:11:17

ئاتاقلىق فرانسۇز يازغۇچىسى «گىيوگو» ئەمەس، - «ھىيۇگو».

ئۇنىڭ داڭلىق رومانىنىڭ ئىسمى - «پاجىئەلىك دۇنيا» ئەمەس، «خارلانغانلار».

motiwarlar يوللانغان ۋاقتى 2012-2-21 04:41:09

1- قەۋەتتىكى YELKENنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاتاقلىق فرانسۇز يازغۇچىسى «گىيوگو» ئەمەس، - «ھىيۇگو».

ئۇنىڭ داڭلىق رومانىنىڭ ئىسمى - «پاجىئەلىك دۇنيا» ئەمەس، «خارلانغانلار».



ئەسلى كىتاپچىداشۇنداق ئىكەن. ھەم مەن بۇ يازغۇچىنىڭ بىرەر ئەسىرىنى ئوقۇپباققانلىقىمنى ئەسلىيەلمىدىم .شۇڭا ئەينەنلىكىگە ھۆرمەت قىلدىم.لىكىن ، \" ۋېكتۇر ھىيوگۇ\" ، \" خارلانغانلار \" دىگەن گەپلەرنى ئاڭلىغان.

jaziyra يوللانغان ۋاقتى 2012-2-21 10:13:43

رەھمەت motiwarlarئەپەندى ، بۈگۈنكى‹ دۇنيا ئانا تىل كۈنى ›گەخويمۇ ياراشقان ئېسىل سوۋغات بوپتۇ .\"\"

داۋامىنىڭ ئىملاغا دىققەت قىلغان ئاساستا ، تېزرەك يوللىنىشىغا تەقەززاھمەن .

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-2-21 10:36:59

داۋامى بار.............................................

_________

تىنىش بەلگىلىرى توغرىسىدا سۆزلىگەندەك بولسىمۇ،تىنىش بەلگىلىرىنى توغرا ئىشلىتەيلى \"\"

كۆپ چىكىتنى بىكارغا بەرگەندەك ئۇرىۋاپسىلەر \"\"

halik_puli يوللانغان ۋاقتى 2012-2-21 11:20:54

مۇشۇ يالاڭ تىرناقنى كۇنۇپكا تاختىسىدا قانداق بېسىپ چىقىرىدۇ؟

پەقەت تاپالمايۋاتىمەن. ياردەم قىلىڭلارچۇ\"\"\"\"\"\"

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-2-21 11:23:26

مۇشۇ «پەش(،)» بىلەن «بوش ئورۇن( )»نىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ قويىدىغان ئىش، بىزنىڭ نوپۇزلۇق مەبۇئاتلىرىمىزدىمۇ ئۇچراپ قالىدۇ، ئىدارە-ئورگانلارنىڭ قىزىل باشلىق ھۆججەتلەردىمۇ، ئاۋات كوچىلارغا يوغان قىلىپ ئورنۇتۇپ قويۇلغان تەشۋىقات دوسكىلىرىدىمۇ ئۇچراپ قالىدۇ، بۇ ئىشتىن كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم.

مەسىلەن: «ھەرقايسى كەنت ، يېزا ،ناھىيە ، شەھەر ، ۋىلايەت ،ئوبلاستلار نىڭ مەسئۇللىرى ئۆزخىزمىتىنى ئەل رازى بولغىدەك ئىشلىشى لازىم.» دېگەن جۈملىگە قارىسىڭىز، پەش كىينكى سۆزنىڭ بېشىغا چاپلىشىپ كەلگەن، بوش ئورۇن ئالدىنقى سۆزگە ئۇلۇنۇپ كەلگەن بولۇپ، پەش بىلەن بوش ئورۇننىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالغان.

farida يوللانغان ۋاقتى 2012-2-21 12:16:10

6- قەۋەتتىكى Bidar-Qutlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇشۇ «پەش(،)» بىلەن «بوش ئورۇن( )»نىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ قويىدىغان ئىش، بىزنىڭ نوپۇزلۇق مەبۇئاتلىرىمىزدىمۇ ئۇچراپ قالىدۇ، ئىدارە-ئورگانلارنىڭ قىزىل باشلىق ھۆججەتلەردىمۇ، ئاۋات كوچىلارغا يوغان قىلىپ ئورنۇتۇپ قويۇلغان تەشۋىقات دوسكىلىرىدىمۇ ئۇچراپ قالىدۇ، بۇ ئىشتىن كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم.

مەسىلەن: «ھەرقايسى كەنت ، يېزا ،ناھىيە ، شەھەر ، ۋىلايەت ،ئوبلاستلار نىڭ مەسئۇللىرى ئۆزخىزمىتىنى ئەل رازى بولغىدەك ئىشلىشى لازىم.» دېگەن جۈملىگە قارىسىڭىز، پەش كىينكى سۆزنىڭ بېشىغا چاپلىشىپ كەلگەن، بوش ئورۇن ئالدىنقى سۆزگە ئۇلۇنۇپ كەلگەن بولۇپ، پەش بىلەن بوش ئورۇننىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالغان.

ئەسلى بىزنىڭ تىلىمىزدىمۇ پەشتىن كېيىن بىر بوش ئورۇن بارمىتى ؟! بۈگۈن بىلىۋالدىم.ئىلمىي ماقاللىلەردە مۇشۇنداق كىچىككىنە يەرلەرگىمۇ دىققەت قىلمىسا بولمايدۇ دەپ ئويلايدىكەنمەن.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-2-21 18:37:00

ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچىلار مېنىڭ «سۈرىيەدە بۈگۈن ئۇرۇش پارتلاپ» دېگەن تىمىدا يازغان بىر چاقىرىقىمغا ئەڭ ئاخرقى بىر ئىنكاس(سائەت 2012-2-21 16:29:59 دە temur تورداش يوللىغان ئىكەن)غىچە ئۆمۈر كۆرۈپ ئۆچۈرلۈپتۇ، 20مىگە يىقىن ئىنكاسلار چۈشۈپ بولغان ئىكەن، ئاخىرقى 6، 7 ئىنكاسنى كۆرۈشكە نىسىپ بولماپتۇ، چۈشتىن بۇرۇنقى ئىنكاسلار ناھايىتى ياخشى كىتىۋاتقان ئىدى، كېيىنكى ئىنكاسلاردا مەسىلە بايقالدىمۇ ياكى باشقا سەۋەپمۇ بىلمىدىم، مۇمكىن بولسا مېنىڭ سەھۋەنلىكىم بىلەنمۇ، ئىنكاسلاردىكى لاي قۇرۇتلىرىنىڭ سەۋەبىدىنمۇ، ياكى باشقا بىر سەۋەپ بىلەنمۇ ئېنىقىنى بىلسەمكەن دەيمەن. شۇنداق بىر ھوقۇقۇم بولسىكەن دەپ ئۈمىت قىلىمەن. تىمامنىڭ ئۆچۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە ماڭا كەلگەن ئاپتوماتىك ئۇچۇردا مۇنداق دېيىلىپتۇ:

ۋاقتى: 2012-2-21 18:19:17

ماۋزۇسى: تېمىڭىز ئۆچۈرۈلدى.

ھۆرمەتلىك Bidar-Qutlan سىزنىڭ «سۈرىيەدە بۈگۈن ئۇرۇش پارتلاپتۇ» ناملىق تېمىڭىز تېما مەزمۇنى ماس كەلمىگەن , مۇنبىرىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن بۇ خىلدىكى تېمىلارنى يوللىمىغان بولسىڭىز. بىزنى چۇشەنگەنلىكىڭىزگە، قوللىغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۇر . بۇ ئۇچۇرنى سىستېما ئاپتۇماتىك ئەۋەتكەن ،جاۋاب قايتۇرماڭ. ئىزدىنىش تورى .



تىمىلارنىڭ ئۆچۈرىلىشى ھەققىدە ھەممە تىمىغا يۇقۇرىقىدەك ئوخشاش سۆزنى تەكرارلىماي، ئۆچۈرىلىشى ئوخشاش بولمىغان سەۋەپكە ئوخشاش بولمىغان ئېنىق بىر ئۇچۇر يوللانغان بولسا.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-2-21 21:39:05

6- قەۋەتتىكى Bidar-Qutlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇشۇ «پەش(،)» بىلەن «بوش ئورۇن( )»نىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ قويىدىغان ئىش، بىزنىڭ نوپۇزلۇق مەبۇئاتلىرىمىزدىمۇ ئۇچراپ قالىدۇ، ئىدارە-ئورگانلارنىڭ قىزىل باشلىق ھۆججەتلەردىمۇ، ئاۋات كوچىلارغا يوغان قىلىپ ئورنۇتۇپ قويۇلغان تەشۋىقات دوسكىلىرىدىمۇ ئۇچراپ قالىدۇ، بۇ ئىشتىن كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم.

مەسىلەن: «ھەرقايسى كەنت ، يېزا ،ناھىيە ، شەھەر ، ۋىلايەت ،ئوبلاستلار نىڭ مەسئۇللىرى ئۆزخىزمىتىنى ئەل رازى بولغىدەك ئىشلىشى لازىم.» دېگەن جۈملىگە قارىسىڭىز، پەش كىينكى سۆزنىڭ بېشىغا چاپلىشىپ كەلگەن، بوش ئورۇن ئالدىنقى سۆزگە ئۇلۇنۇپ كەلگەن بولۇپ، پەش بىلەن بوش ئورۇننىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالغان.

بۇ ئىنكاس تېمىغا گۈلدەك يارىشىپتۇ.


تېمىغا ئەلا باھا كەتتى.

motiwarlar يوللانغان ۋاقتى 2012-2-22 11:35:10

باشقۇرغۇچىلاردىن ئۆتۈنۈش: تېمىدىكى «چىكىت » دىگەن خەتنى « چېكىت» دىگەن خەتكە ئۆزگەرتىپ قويسڭلار ! ئېھتىياتسىزلىقىم تۈپەيلىدىن خاتا يېزىپ قويۇپتىمەن.

motiwarlar يوللانغان ۋاقتى 2012-2-22 11:39:48

5- قەۋەتتىكى halik_puliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇشۇ يالاڭ تىرناقنى كۇنۇپكا تاختىسىدا قانداق بېسىپ چىقىرىدۇ؟

پەقەت تاپالمايۋاتىمەن. ياردەم قىلىڭلارچۇ\"\"\"\"\"\"



شىفت كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ،ئاندىن يالاڭ تىرناق بەلگىسىنى باسسىڭىز چىقىدۇ.>< ياكى < >

halik_puli يوللانغان ۋاقتى 2012-2-22 16:21:37

11- قەۋەتتىكى motiwarlarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

5- قەۋەتتىكى halik_puliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇشۇ يالاڭ تىرناقنى كۇنۇپكا تاختىسىدا قانداق بېسىپ چىقىرىدۇ؟

پەقەت تاپالمايۋاتىمەن. ياردەم قىلىڭلارچۇ\"\"\"\"\"\"



شىفت كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ،ئاندىن يالاڭ تىرناق بەلگىسىنى باسسىڭىز چىقىدۇ.>< ياكى < >


بۇنى سىناپ باقتىم. قوش تىرناق ئىچىدىكى جۈملىدە قايتا تىرناق بەلگىسى ئىشلىتىشكە توغرا كەلگەندە يالاڭ تىرناق بەلگىسى ئىشلىتەي دەپ، سىز دېگەندەك ئۇسۇلدا يازسام بەك كېلەڭسىز بىر يالاڭ تىرناق چىقىپ قالدى. بۇ سېلىشتۇرمىسى: <> vs

motiwarlar يوللانغان ۋاقتى 2012-3-2 12:36:49

تىنىش بەلگىلىرىنى قويۇش يوسۇنى



(ئىككىنچى بۆلەك)



      


2. جۈملە تۈرلىرى


تىلنىڭ
ئالاقە قورالىلىق فونكسىيىسى جۈملىلەر ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. جۈملە كىشىلەرنىڭ
ئىجتىمائىي ئالاقىدە ئۆز- ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى تەمىن ئېتىدىغان تىل
ماتېرىيالىنىڭ تۇتاش بىر بۆلىكىدۇر. جۈملە تولۇق ئاياقلاشقان بىر پۈتۈن ئوي- پىكىرنى
بىلدۈرىدۇ.


تىنىش بەلگىلىرىنى قويۇشتا جۈملىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە
مەنىسى ئاساس قىلىنىدۇ. ئىنتوناتسىيە بىلەن پائۇزا مۇھىم رول ئوينايدۇ.


تۆۋەندە ئۇيغۇر تىلىدىكى جۈملە تۈرلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرىمىز:


ھازىرغىچە ھەممە ئېتىراپ قىلغان جۈملە تۈرلىرى
تۈۋەندىكىچە:


جۈملىلەر مەنىسى ۋە قانداق مەقسەتتە ئېيتىلىشى، خەۋەرنىڭ
خاراكتىرى، جۈملىنىڭ قۇرۇلمىسى بويىچە ئۈچكە بۆلۈنىدۇ.


جۈملىلەر جۈملىنىڭ مەنىسى ۋە قانداق مەقسەتبىلەن ئېيتىلىشى بويىچە، بايان جۈملە، سوئال جۈملە، بۇيرۇق جۈملە ۋە
ئۈندەش جۈملە دەپ تۆتكە بۆلۈنىدۇ.


جۈملىلەر جۈملە خەۋىرىنىڭ خاراكتېرى بويىچە
ئىسىم (ئىسىمداش) خەۋەرلىك جۈملە، سان خەۋەرلىك جۈملە، پېئىل خەۋەرلىك جۈملە،
ئالماش خەۋەرلىك جۈملە، سۈپەت (سۈپەتداش) خەۋەرلىك جۈملە دەپ بەش خىلغاياكى خەۋەرنىڭ رولى بويىچە ،كېسىم جۈملە ،
ئىزاھ جۈملە، بايان جۈملە ۋە تەسۋىرىي جۈملە دەپ تۆتكە بۆلۈنىدۇ.


جۈملىلەر جۈملىنىڭ قورۇلمىسى بويىچەئاددى جۈملە ۋە قوشما جۈملە دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. ئاددى
جۈملىلەر يەنە يىغىق جۈملە ۋە يېيىق جۈملە دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. قوشما جۈملىلەر باغلىنىشلىق قوشما جۈملە ۋە بېقىندىلىق قوشما جۈملە دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.


باغلىنىشلىق قوشما جۈملىلەر تەڭداش قوشما جۈملە، تاللاش قوشما جۈملە، ئىلگىرىلەش قوشما جۈملە، تۇتاش قوشما جۈملە، قوشۇلۇش –ئايرىلىش
قوشما جۈملە دىگەن تارماق جۈملىلەرگە بۆلۈنىدۇ.


بېقىندىلىق قوشما جۈملىلەرئىگە بېقىندى جۈملە ، خەۋەر بېقىندى جۈملە ،
تولدۇرغۇچى بېقىندى جۈملە، ۋاقىت- پەيت بېقىندى جۈملە، ئورۇن بېقىندى جۈملە، بۇرۇلۇش
بېقىندى جۈملە، سەۋەپ-نەتىجە بېقىندى جۈملە، شەرت –قىياس بېقىندى جۈملە، ئوخشىتىش –سېلىشتۇرۇش
بېقىندى جۈملە، مەقسەت بېقىندى جۈملە، ئۇلاش بېقىندى جۈملە دىگەنلەرگە بۆلۈنىدۇ.
بۇلاردىن باشقا يەنە تولۇق جۈملە، تولۇقسىز جۈملە، ئىگىلىك جۈملە، ئىگىسىز جۈملە، ئاتاش
جۈملە، بىر سۆزلۈك جۈملىلەر بار. بۇ كىيىنكى جۈملىلەر كونكىرىت نوتۇق شارائىتىدا ۋە
كونتېكىستتا ئۆز مەنىسىنى تاپىدۇ.


يەنە جۈملە بىرىكمىسى بار «جۈملە بىرىكمىسى
لوگىكىلىق باغلىنىشى كۈچلۈك بولغان جۈملىلەردىن ھاسىل بولغان بىر مەنىلىك مەركەزگە ئىگە ئەڭ چوڭ تىل بەلگىسىدۇر».



3.تىنىش
بەلگىلىرىنى قويۇش يوسۇنى


ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا قولىنىلىۋاتقان تىنىش بەلگىلىرى تۈۋەندىكىچە:


.                                                                 چېكىت


؟                                                            سوئال بەلگىسى


!                                                                ئۈندەش بەلگىسى


،                                                            پەش


؛                                                            چېكىتلىك پەش


( )                                                        تىرناق


«»                                                       قوش تىرناق


                                                        يالاڭ تىرناق


ــــ                                                       سىزىق


-                                                         سىزىقچە


:                                                           قوش چېكىت


...                                                    كۆپ چېكىت



ئەمدى ھەر بىر تىنىش بەلگىسىنى قويۇش يوسۇنى ئۈستىدە
ئايرىم توختىلىمىز.


داۋامى بار.



motiwarlar يوللانغان ۋاقتى 2012-3-2 14:25:54

تىنىش بەلگىلىرىنى قويۇش يوسۇنى

چېكىت (   .    )

(ئۈچىنچى بۆلەك)



چېكىت «توچكا» دەپمۇ ئاتالغان. ئۇ تۈۋەندىكى ئورۇنلارغا قويۇلىدۇ:

1.        بايان جۈملە (مەيلى ئاددى جۈملە ياكى قوشما جۈملە بولسۇن، تولۇق جۈملە
ياكى تولۇقسىز جۈملە بولسۇن، ئىگىلىك جۈملە ياكىئىگىسىز جۈملە بولسۇن،
ئاتاش جۈملە ياكى بىر سۆزلۈك جۈملە بولسۇن) تۈگىگەندىكى تىنىش ئورنىغا
قويۇلىدۇ، ئۇ ئوي- پىكىرنىڭ تۈگىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

بايان جۈملە راۋان ئىنتوناتسىيە بىلەن ئېيتىلىدۇ، يەنى بېشىدا كۈچلۈك بولۇپ، ئاخىرىداپەيدىنپەي پەسىيىپبارىدۇ. مەسلەن:

يامغۇر ياغدى.

قارلىغاچ- قۇش.

سەھەر .جىمجىتلىق.

مەن كەتتىم، سەن كېيىن بارارسەن.

ماقۇل.

زامان باشقا ، ئادەت باشقا.

ۋاقىت ئادىل، ئۇ ھېچكىمگە بىر مىنۇتۋاقىتنىمۇ ئارتۇق بەرمەيدۇ.

ئارزۇدا ئەيىپ يوق، ئارزۇدا چەك يوق.

بوۋاينىڭ ئاچچىقى تېز كېلىپ، تېز قايتىدۇ.

بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ زەردىسى قاينىدى.

مىجەزى تۈزنىڭ ئەيىبى كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ.

2.       بۇيرۇق،   ئۈندەش جۈملىلەرئۆز ئىنتوناتسىيىسى بىلەن ئېيتىلماي، بايان
ئىنتوناتسىيىسى بىلەن ئېيتىلسا، بۇلارغىمۇ چېكىت قويۇلىدۇ.

ئوغلۇم، ئالدىڭغا قارا.

پەلسەپە ساتقانغا قورساق تويمايدۇ.

مايماق پۇتقا ياخشى ئاياقنىڭ نېمە كېرىكى.

زەئىپ بولساڭمۇ ،رەزىل بولما.

ئەجەپ ئۇز ئىكەنلا ، ئاي بىكار قالسۇن.

سىنىمىغان ئاتقا يۈك ئاتما.

ماڭا ئىككى كۈنلۈك رۇخسەت بېرىلسە.

3.       يۇقىرى ئاھاڭدا ۋە ساناش تەرزىدە ئېيتىلغان سۆز ، سۆز بىرىكمىلىرىدىن كېيىن قويۇلىدۇ.

سەنئەت كېچىلىكىدە ئېلانچى ماھىنۇر ئېلان قىلدى:

ـــناخشا:« ئازاد زامان»، مۇزىكىسى ھۈسەنجاننىڭ،سۆزى تېيىپجان ئېلىيۇفنىڭ. پاشا قىز ئورۇندايدۇ.

ـــمۇزىكا: « تاشۋاي » .قۇربان ئىبراھىمنىڭ، ناخشا –ئۇسۇل ئۆمىكىمۇزىكا ئەترىتىئورۇندايدۇ.

ـــ ئۇسسۇل: «ئاتۇش سەنىمى»،ھەبىبە ئابدۇللا ئورۇندايدۇ، مۇقام ئانسامبىلى مۇزىكا ئەترىتى تەڭكەشقىلىدۇ.

4.        رەت تەرتىپىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن رەقەملەرنىڭ يېنىغا قويۇلىدۇ.

يىغىن تەرتىپى تۆۋەندىكىچە:

1. يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنىئېلان قىلىش؛

2. ئېچىش نۇتىقى سۆزلەش؛

3. تەبرىك نۇتقى ؛

4. دوكلات؛

5. يېپىش نۇتقى؛

6. يىغىننىڭيېپىلغانلىقىنى ئېلان قىلىش.

ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە، رەت تەرتىپىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن ھەرپلەر يېنىغىمۇ چېكىت قويۇلىدۇ.

a.        A.        ئا .

b.        B.        ئە .

c.        C.        ب .

d.        D.        س .





5.ھەرپبىلەن قىسقارتىلغان كىشى ئىسىم – ئاتلىرى يېنىغا قويۇلىدۇ:

ل . مۇتەللىپ( لۇتپۇللا مۇتەللپ )-ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى.

ئا . س . پوشكىن-   مەشھۇررۇس شائىرى.

ك . ماركس (كارل ماركس) .

6.بىرەر ماۋزۇچاق ئاستىدا ئايرىم بايان قىلىنىدىغان كىچىك« ماۋزۇچاق» لارغا   قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

تىركەلمە.

بۇرژۇئازىيە.

ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدا .

7.چېكىت ئىش –ھەرىكەتنىڭ تۈگىگەنلىكىنىبىلدۈرگەچكە، تۈگىگەنلىك مەنىسىدە ئىشلىتىلىدۇ.

         ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئەمدى چېكىت قويۇلدى.

      بۇ ئىشقا ئەمدى چېكىت قويۇلسا بولاتتى .

   دىققەت:

1.        ماۋزۇلارغا چېكىت قويۇلمايدۇ.

2.        خەنزۇچىدا «ئايرىش بەلگىسى»   دەپ ئاتىلىدىغان بىر بەلگە بار. بىز
بۇ بەلگىنى چېكىت قاتارىدا كۆرۈۋاتىمىز.خەنزۇچىدا بۇ بەلگە ئاي بىلەن
كۈننى قىسقارتىپ يېزىشتا (7.1 )،ماۋزۇلاردا سۆزلەرنى ئايرىم –ئايرىم
ئوقۇشنى لازىم تاپقانداقويۇلىدۇ. يەنە بەزى مىلللەتلەرنىڭ كىشى نامىدا
ئۆز ئېتى بىلەن فامىلىسىنى ئايرىشتا قويۇلىدۇ. بىزدە شۇنىڭغا ئوخشىتىپ
ئىسىم بىلەن فامىلە ئارىسىغاچېكىت قويۇلىۋاتىدۇ، بۇ توغرا ئەمەس. بىزنىڭ
يېزىقىمىزدا سۆزلەر ئايرىپ يېزىلغاچقا ئارىلىشىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا بۇ
ئايرىغۇچ بەلگىنى بىزچە ئېيىتقاندا، چېكىتنىقويماسلىق لازىم. مەسلەن:

   كارل ماركس

ئىسمائىل ئەھمەت

ياسىرئەراپات   

لېكىن كىتاپ نامى، قىسىم، پەسىل نامى، بابلار ئارىسىغا ، شېئىر پەيزىسى
بىلەن شېئىر ماۋزۇسى ئارىسىغا چېكىت قويۇلۇۋاتىدۇ.   بۇ پاكىت ئېتراپ
قىلىنسا.

سىماچىيەن: « تارىخىي خاتىرىلەر .   پەرغانە تەزكىرىسى»

«چىنيۈەنچۈن . قار »

3.        رىم رەقەملىرى رەت تەرتىپىنى بىلدۈرۈشتە قوللىنىلسا، ھىچقانداق بەلگە
قويۇلمايدۇ. بىزدە ھازىر ئاساسەن پەسىل، بابلار، خاندانلىق سەلتەنەتلىرى ۋە
ئەسىرلەرنى بىلدۈرۈشتە قوللىنىلىۋاتىدۇ،بۇنداق يەردىمۇھېچقانداق بەلگە
قويۇلمايدۇ. پەقەت يازما ئورىگىنالىدا ئاستى- ئۈستىدىن توغرا سىزىق تارتىپ
قويۇلىدۇ.

رىم رەقەملىرىدىن 1 دىن 10 غىچە ۋە 20، 30 لار تۈۋەندىكىچە:

‎   

Ⅰ( 1 ),Ⅱ( 2 ), Ⅲ( 3 ),Ⅳ(4 ), Ⅴ( 5 ),Ⅵ( 6 ), Ⅶ( 7 ),Ⅷ( 8 ),Ⅸ( 9 ),Ⅹ( 10 ),ⅩⅩ( 20 ),ⅩⅩⅩ(30 ),



دۇنيا « ⅩⅩⅠئەسىرگە نەزەر مۇنبىرى »يىغىنى يېقىندابېيجىڭدائۆتكۈزۈلدى.

ئىلزابىت Ⅱ

چىنⅡ

«جۇڭخۇا خەلقجۇمھۇرىيىتى مائارىپ قانۇنى»جەمئي 10 باب84 ماددابولۇپ، Ⅸبابىدا «قانۇنى جاۋابكارلىق»بەلگىلەنگەن.

motiwarlar يوللانغان ۋاقتى 2012-3-2 16:40:17

ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە، رەت تەرتىپىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن ھەرپلەر يېنىغىمۇ چېكىت قويۇلىدۇ.

a. A. ئا .

b. B. ئە .

c. C. ب .

d. D. س .

بۇ ئۇرۇندىكى چېكىت ،ھەرپلەرنىڭ ئورنى مۇنبەرگە يوللانغاندىن كېيىنئالمىشىپ كەتكەن. باشقۇرغۇچىلار تۆزىتىپ قويسا.
بەت: [1]
: [كۆچۈرۈلمە]تىنىش بەلگىلىرىنى قويۇش يوسۇنى