paltahun يوللانغان ۋاقتى 2012-2-19 17:56:29

ئەمەت تۇەنجاڭ (ئەمەت مەخسۇم)

ئەمەت مەخسۇم 1903 - يىلى 10 - ئايدا توخسۇندا دىنى ئۆلىما مەخسۇم ئاخۇنۇم ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كونا مەكتەپتە ئوقۇپ خەت - ساۋاتلىق بولغان.

1933 - يىلى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى شەرقىي شىنجاڭدىن شىمالىي ۋە جەنۇبىي شىنجاڭغا كېڭەيگەن جىدىي پەيتتە، شېڭ شىسەينىڭ قوماندانلىرىدىن ياڭ فامىلىلىك شىۋە قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنىقى يوق 1100 ئەر كىشىنى ئائىلىسىدىن ئالداپ ئېلىپ چىقىپ توخسۇندىكى بىر قوروغا سولاپ، قىلىچ بىلەن چاناپ ئۆلتۈرۋېتىدۇ. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەمەتخان مەخسۇمنىڭ دادىسىمۇ بار ئىكەن. ئۇ بىگۇناھ ئۆلتۈرۈلگەن دادىسىنىڭ قىساسىنى ئېلىش مەقسىتىدە، قولىغا پالتا ئېلىپ ئىنقىلابقا قاتناشقان. ئىنقىلاب جەريانىدا قەدەممۇ قەدەم ئۆسۈپ تۇەنجاڭ بولغان. 1934 - 1935 - شېڭ شىسەينىڭ بۇيرۇقى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى - ئوتتۇرا ئاسىيا ھەربىي ئوفىتسېرلار ئىنىستىتوتىدا ئوقۇغان. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قەشقەردىكى 52 - پولىكىنىڭ تۇەنجاڭى بولغان. ئەمەت تۇەنجاڭ ئەسلىدە مەھمۇت مۇھىتىنىڭ قېشىدا كۆز - قۇلاق بولۇپ تۇرغان. 1940 - يىلى، ئۇ قەشقەردىكى ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ ئەنگىلىيىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلى ئارقىلىق جاڭ جېيشى بىلەن بىرلىشىش تۇغرىسىدا مەركەزگە يوللىغان مەخسۇس تېلېگراممىنى قولغا چۈشۈرۈپ، شېڭ شىسەيگە مەلۇم قىلغان.

شېڭ شىسەي ئەمەت تۇەنجاڭغا ئۇلارنى قولغا ئېلىپ، ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇغان. ئۇ بۇيرۇققا بىنائەن يولغا چىقىپ، مارالبېشىغا كەلگەندە، ئۇنىڭ ئاتىلىق پولكىنى ئۆزگەرتىپ پىيادە پولكىگە تەشكىللەش ھەققىدىكى بۇيرۇقنى تاپشۇرۇپ ئالغان ۋە دەرھال چىڭخەي - شىنجاڭ تاش يولىنى ياساشقا ئەۋەتىلگەن. ئەمەت تۇەنجاڭ قارا شەھەرگە كەلگەندە، دەرھال قورالسىزلاندۇرۇلۇپ، پۇتىغا كىشەن، قولىغا كويزا سېلىپ ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىپ تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلگەن.

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-19 22:23:56

بۇ كىشى توغرۇلۇق سوپاخۇن گېنرالنىڭ ئەسلىمىسى بولغان«مەن كەچكەن كېچىكلەر» ناملىق كىتاپتىمۇ بايانلار بار.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-2-19 23:51:26

شىڭشىسەي ھەقىقەتەن ئەقىللىق قانخوركەن، «ئۆزىگە ۋاپا قىلمىغانلارنىڭ ئۆزگىگىمۇ ۋاپا قىلمايدىغانلىقى»نى بىلىپ، خەلقىغە خائىنلىق قىلىپ ئۆزىگە سېتىلغانلارنىڭ ھەممىنى ئاخىرىدا جايلاپتىكەن.

convert يوللانغان ۋاقتى 2012-2-20 13:17:30

قىزىق گەپكەن ، دادىسىنى شىڭسىسەينىڭ قول ئاستىدىكى ئادەملەر ئۆلتۈرۈپتۇ ، دادىسىنىڭ قىساسىنى ئىلىش ئۈچۈن ئىنقىلاپقا قاتنىشىپتۇ ، ئاخىرىدا يەنىلا شىڭسىسەيگە ئىشلەپتۇ ، قاياققا باشلىسا ماڭىۋىرىدىغان كالىنىڭ خۇيى بار ئىكەن.

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-20 18:47:09

ئاخشام بۇ تىمىنى ئوقۇپ بولۇپ ،،ئىنكاس يىزىشقا كەلگەندە ئىككىلنىپ قالدىم ،تۇيۇق سىز لا يەنە تىمىنى بىر قانچە قىتىم ئوقۇۋەتتىم ،،،مەنتىخى تىمىنى ئوقۇپ چۈشىنەلمىگەن ئوخشايمەن دەپتىمەن ئۆزۈمنى ،،،توۋا بۇ قانداق ئادەم ئەمدى . دادىسىنى ئۆلتۈرۋەتكەن ئاداەم ئۈچۈن ئىشلەيدىغان . \"\"

bahwan0998 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-22 09:19:19

تارىخنى كۈچلۈكلەرنىڭ دۈمبىسىگە يازدىغىنى راسىت، ئەمما راسىت يازمايدىغانلىقىمۇ راسىت. ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلمىغان تارىخنى ئۆزگەرتىش دېگەن قانچىلىك ئىش ئۇ.
بەت: [1]
: ئەمەت تۇەنجاڭ (ئەمەت مەخسۇم)