paltahun يوللانغان ۋاقتى 2012-2-19 17:19:12

ئۇيغۇرچە 50 مىليون سۆزلۈك ئامبىرى (پېئىلنىڭ تۈرلىنىشى)

ئۇيغۇرچە 50 مىليون سۆزلۈك ئامبىرى (پېئىلنىڭ تۈرلىنىشى)


ئالىم ئەھەت


ئالدىنقى يىلى «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»نىڭ يېڭى نەشرىنى ئىشلەش ۋە قائىدە ئامبىرىنى قۇرۇش جەريانىدا، ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسىنى ماتېماتىكىلىق ئۇسۇللار بىلەن تەھلىل قىلىپ، بوغۇمغا ئايرىش، ئاجىزلىشىش، تۈرلەش قائىدىلىرىنى تېخىمۇ ئىخچام قائىدىگە يىغىنچاقلىغان ئىدىم، قائىدىگە چۈشىدىغان پېئىل، ئىسىم، سۈپەتلەرنى ئاپتوماتىك تۈرلەپ غايەت زور ماتېرىيال ئامبىرىنى قۇرۇپ چىققان ئىدىم.


مەسىلەن: تۈپ پېئىل «ياز-»نى مىسال ئالسام،

(1) يېزىل (پېئىلنىڭ ئۆزەك شەكىللىرى، مەجھۇل دەرىجە)

(2) يېزىلغان (پېئىلنىڭ تۇرغۇن سۆز شەكىللىرى، پۈتكەن تۈر)

(3) يېزىلغىنىڭىز (پېئىلنىڭ خەۋەر شەكىللىرى، 2-شەخس سىپايە تۈر)

دەپ تۈرلەشكە بولىدۇ.


ئۇيغۇر تىلىدا بىر تۈپ پېئىلنى يۇقىرىقىدەك پېئىلنىڭ ئۆزەك شەكىللىرى، پېئىلنىڭ تۇرغۇن سۆز شەكىللىرى، پېئىلنىڭ خەۋەر شەكىللىرى (يەنە 3 شەخس بىرلىك ۋە كۆپلۈك) بويىچە قاتمۇقات تۈرلەپ چىققاندا، جەمئىي 5040 خىل تۈرلەشكە بولىدىكەن. ئىلگىرى بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار بۇ نەزەرىيەنى ئوتتۇرغا قويغان ئىدى، مەن مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى 8455 تۈپ پېئىلنى تۈرلەپ، 42613200 (42 مىليوندىن ئارتۇق) سۈنئىي تۈرلەنگەن پېئىل ئامبىرىنى قۇرۇپ باقتىم. ئۆز ئەمەلىيىتىمدىن ئۆتكۈزدۈم. مېنىڭ بۇ ئامبىرىمدا ھەر قانداق بىر پېئىلنى قانداق شەكىلدە يازسىڭىزمۇ، ئۇنىڭ ئەسلىي تۈپ پېئىلىنى %99.99 تېپىپ بېرەلەيدۇ. ھازىر مېنىڭ ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈك ئامبىرىدىكى تەكرارلانمىغان ھەر خىل مۇرەككەپ تۈرلەنگەن سۆز-ئىبارىلەر 50 مىليونغا يېتىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر تىلىنى تەتقىق قىلىدىغانلار ئۈچۈن پايدىلىنىش قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان خام ماتېرىيال ئامبىرى ھېسابلىنىدۇ.



بۇ قورال دېتال ئارقىلىق «ئاپتوماتلاش-» دېگەن تۈپ پېئىلنى كىرگۈزۈپ، بىر كۇنۇپكا چەكسىڭىزلا مۇنداق نەتىجىگە ئېرىشەلەيمىز.

================

(1) ئاپتوماتلاشماق

(2) ئاپتوماتلىشىش

(3) ئاپتوماتلىشىپ

(4) ئاپتوماتلاشقان

(5) ئاپتوماتلىشىدۇ

(6) ئاپتوماتلاشتى

(7) ئاپتوماتلىشىدىغان

(8) ئاپتوماتلىشە

(9) ئاپتوماتلىشىشقا

(10) ئاپتوماتلىشىشى

(11) ئاپتوماتلاشسا

(12) ئاپتوماتلىشاتتى

(13) ئاپتوماتلىشار

(14) ئاپتوماتلاشقاندا

(15) ئاپتوماتلاشماقتا

(16) ئاپتوماتلىشىشنى

(17) ئاپتوماتلاشماي

(18) ئاپتوماتلاشقاندىن

(19) ئاپتوماتلىشىپتۇ

(20) ئاپتوماتلىشىۋاتقان

(21) ئاپتوماتلىشىشتىن

(22) ئاپتوماتلاشتىم

(23) ئاپتوماتلاشما

(24) ئاپتوماتلاشقۇچى

(25) ئاپتوماتلاشمايدۇ

(26) ئاپتوماتلىشىشنىڭ

(27) ئاپتوماتلىشىدىكەن

(28) ئاپتوماتلاشقاندەك

(29) ئاپتوماتلاشقىلى

(30) ئاپتوماتلىشىمەن

(31) ئاپتوماتلاشقانلىقىنى

(32) ئاپتوماتلىشىمىز

(33) ئاپتوماتلاشقانىدى

(34) ئاپتوماتلىشىپلا

(35) ئاپتوماتلاشقانلىقى

(36) ئاپتوماتلاشماسلىق

(37) ئاپتوماتلاشماقچى

(38) ئاپتوماتلاشقىنى

(39) ئاپتوماتلىشىڭ

(40) ئاپتوماتلاشتۇق

(41) ئاپتوماتلىشىشتا

(42) ئاپتوماتلىشىۋاتىدۇ

(43) ئاپتوماتلاشمايدىغان

(44) ئاپتوماتلىشاي

(45) ئاپتوماتلاشسىمۇ

(46) ئاپتوماتلىشىدىغانلىقىنى

(47) ئاپتوماتلاشسۇن

(48) ئاپتوماتلىشىلغان

(49) ئاپتوماتلاشمىسا

(50) ئاپتوماتلاشقۇچ

(51) ئاپتوماتلاشمىدى

(52) ئاپتوماتلاشماس

(53) ئاپتوماتلاشساق

(54) ئاپتوماتلاشسام

(55) ئاپتوماتلاشقانلار

(56) ئاپتوماتلىشىسەن

(57) ئاپتوماتلاشتىڭ

(58) ئاپتوماتلىشايلى

(59) ئاپتوماتلاشساڭ

(60) ئاپتوماتلىشىپمۇ

(61) ئاپتوماتلىشىڭلار

(62) ئاپتوماتلىشالايدۇ

(63) ئاپتوماتلاشقانلىق

(64) ئاپتوماتلاشماستىن

(65) ئاپتوماتلاشسىڭىز

(66) ئاپتوماتلىشىۋاتاتتى

(67) ئاپتوماتلىشىلدى

(68) ئاپتوماتلاشقىن

(69) ئاپتوماتلاشماسلىقى

(70) ئاپتوماتلىشالماي

(71) ئاپتوماتلىشالايدىغان

(72) ئاپتوماتلاشتىكى

(73) ئاپتوماتلاشقۇدەك

(74) ئاپتوماتلاشقۇچىلار

(75) ئاپتوماتلىشىدىغانلىقى

(76) ئاپتوماتلاشقانغا

(77) ئاپتوماتلىشىۋالغان

(78) ئاپتوماتلىشىسىز

(79) ئاپتوماتلىشىشتەك

(80) ئاپتوماتلاشقانلىقتىن

(81) ئاپتوماتلاشتىمۇ

(82) ئاپتوماتلاشقاچ

(83) ئاپتوماتلىشامدۇ

(84) ئاپتوماتلاشماڭ

(85) ئاپتوماتلاشقىنىچە

(86) ئاپتوماتلىشىشمۇ

(87) ئاپتوماتلاشمايمەن

(88) ئاپتوماتلىشىۋېلىپ

(89) ئاپتوماتلاشمايتتى

(90) ئاپتوماتلىشىشلار

(91) ئاپتوماتلىشىدىغانلار

(92) ئاپتوماتلىشىشتىكى

(93) ئاپتوماتلاشقانلىقىدىن

(94) ئاپتوماتلاشقاچقا

(95) ئاپتوماتلاشمايلا

(96) ئاپتوماتلىشىۋاتقاندەك

(97) ئاپتوماتلاشقۇسى

(98) ئاپتوماتلىشىۋېتىپ

(99) ئاپتوماتلاشقاندىلا

(100) ئاپتوماتلاشمايدىكەن

(101) ئاپتوماتلىشىشتى

(102) ئاپتوماتلاشسىلا

(103) ئاپتوماتلاشسىلا

(104) ئاپتوماتلاشقىنىنى

(105) ئاپتوماتلاشمىدىم

(106) ئاپتوماتلىشىۋاتقانلىقى

(107) ئاپتوماتلىشىشقىمۇ

(108) ئاپتوماتلىشىۋالدى

(109) ئاپتوماتلاشقانلىقىقا

(110) ئاپتوماتلاشقانلارنىڭ

(111) ئاپتوماتلىشارمۇ

(112) ئاپتوماتلاشمايمىز

(113) ئاپتوماتلاشقىنىغا

(114) ئاپتوماتلىشىۋېلىش

(115) ئاپتوماتلىشىشىمۇ

(116) ئاپتوماتلاشتىدىدە

(117) ئاپتوماتلاشماپتۇ

(118) ئاپتوماتلاشقانىكەن

(119) ئاپتوماتلىشىۋاتقاندا

(120) ئاپتوماتلاشقۇم

(121) ئاپتوماتلاشقۇچىنىڭ

(122) ئاپتوماتلاشقۇچە

(123) ئاپتوماتلاشقىنىم

(124) ئاپتوماتلىشىشتۇر

(125) ئاپتوماتلاشماڭلار

(126) ئاپتوماتلاشقانمۇ

(127) ئاپتوماتلىشاتتىم

(128) ئاپتوماتلاشقاننى

(129) ئاپتوماتلاشقانلارغا

(130) ئاپتوماتلاشقۇچىلارنىڭ

(131) ئاپتوماتلىشىۋېتىپتۇ

(132) ئاپتوماتلاشتىڭىز

(133) ئاپتوماتلاشقانلىرى

(134) ئاپتوماتلاشمايدىغانلىقىنى

(135) ئاپتوماتلىشالمىدىم

(136) ئاپتوماتلاشقانلارنى

(137) ئاپتوماتلاشمىساق

(138) ئاپتوماتلاشساڭلار

(139) ئاپتوماتلىشالايسىز

(140) ئاپتوماتلىشىۋال

(141) ئاپتوماتلىشالماسلىق

(142) ئاپتوماتلىشىدىغىنى

(143) ئاپتوماتلاشساممۇ

(144) ئاپتوماتلاشقانىدىم

(145) ئاپتوماتلىشىشىڭىز

(146) ئاپتوماتلىشاتتۇق

(147) ئاپتوماتلاشقاي

(148) ئاپتوماتلاشقانچە

(149) ئاپتوماتلىشىسىلەر

(150) ئاپتوماتلاشقاندىمۇ

(151) ئاپتوماتلىشىۋاتىمەن

(152) ئاپتوماتلاشقانلىقىنىڭ

(153) ئاپتوماتلىشامسىز

(154) ئاپتوماتلاشمايلى

(155) ئاپتوماتلاشمىغىن

(156) ئاپتوماتلاشماسلىققا

(157) ئاپتوماتلاشساقمۇ

(158) ئاپتوماتلاشقاندۇ

(159) ئاپتوماتلىشالمىغان

(160) ئاپتوماتلاشقاننىڭ

(161) ئاپتوماتلىشىۋېتىش

(162) ئاپتوماتلاشقانسېرى

(163) ئاپتوماتلاشقىنىڭ

(164) ئاپتوماتلىشىپتىكەن

(165) ئاپتوماتلىشىشنىمۇ

(166) ئاپتوماتلىشىپسىز

(167) ئاپتوماتلىشالىغان

(168) ئاپتوماتلاشقاق

(169) ئاپتوماتلاشقۇچىسى

(170) ئاپتوماتلىشالايمىز

(171) ئاپتوماتلاشقۇچىغا

(172) ئاپتوماتلاشقاندىكى

(173) ئاپتوماتلاشماسلىقنى

(174) ئاپتوماتلاشمامدۇ

(175) ئاپتوماتلىشىشچانلىق

(176) ئاپتوماتلاشمىغانىدى

(177) ئاپتوماتلىشىۋاتىمىز

(178) ئاپتوماتلاشقۇچىنى

(179) ئاپتوماتلاشقۇچىلارنى

(180) ئاپتوماتلاشمىدۇق

(181) ئاپتوماتلاشمايسەن

(182) ئاپتوماتلىشارمەن

(183) ئاپتوماتلىشىدىغاندەك

(184) ئاپتوماتلىشىدىغانلىقىغا

(185) ئاپتوماتلىشىۋالدىم

(186) ئاپتوماتلاشقۇچىلارغا

(187) ئاپتوماتلىشالماس

(188) ئاپتوماتلىشالمىسا

(189) ئاپتوماتلاشقانلاردىن

(190) ئاپتوماتلىشىلمىغان

(191) ئاپتوماتلىشىشلارنى

(192) ئاپتوماتلىشىشىمىزغا

(193) ئاپتوماتلاشساڭمۇ

(194) ئاپتوماتلىشالايمەن

(195) ئاپتوماتلىشىپتىمەن

(196) ئاپتوماتلاشسىڭىزمۇ

(197) ئاپتوماتلىشالمايتتى

(198) ئاپتوماتلىشىشلارغا

(199) ئاپتوماتلىشىۋالسا

(200) ئاپتوماتلاشقانلىرىنى

(201) ئاپتوماتلاشقىنىدا

(202) ئاپتوماتلىشىۋاتقانلار

(203) ئاپتوماتلىشىۋېلىشقا

(204) ئاپتوماتلىشامسەن

(205) ئاپتوماتلاشماسلىقىنى

(206) ئاپتوماتلىشىۋېتىلگەن

(207) ئاپتوماتلاشقىنىدىن

(208) ئاپتوماتلاشسىڭىزلا

(209) ئاپتوماتلىشالىسا

(210) ئاپتوماتلىشىپسەن

(211) ئاپتوماتلىشىشچان

(212) ئاپتوماتلىشىۋاپتۇ

(213) ئاپتوماتلىشىۋالغاندىن

(214) ئاپتوماتلاشمايسىز

(215) ئاپتوماتلاشتىڭلار

(216) ئاپتوماتلىشىشچانلىقى

(217) ئاپتوماتلاشماقچىمۇ

(218) ئاپتوماتلاشمايدىغانلىقى

(219) ئاپتوماتلىشالىشى

(220) ئاپتوماتلاشتىغۇ

(221) ئاپتوماتلاشتىڭمۇ

(222) ئاپتوماتلىشىشىڭىزنى

(223) ئاپتوماتلىشالمىغاچقا

(224) ئاپتوماتلىشىدىغانغا

(225) ئاپتوماتلىشامدۇق

(226) ئاپتوماتلاشقىنىدەك

(227) ئاپتوماتلىشارمىز

(228) ئاپتوماتلاشساقلا

(229) ئاپتوماتلاشقاندۇر

(230) ئاپتوماتلىشىدىغانلارنىڭ

(231) ئاپتوماتلىشىلمىغاچقا

(232) ئاپتوماتلاشقىنىمىز

(233) ئاپتوماتلاشقۇچىلاردىن

(234) ئاپتوماتلىشىدۇدە

(235) ئاپتوماتلىشىشلاردىن

(236) ئاپتوماتلىشىۋات

(237) ئاپتوماتلاشقاندەكلا

(238) ئاپتوماتلاشمايۋاتىدۇ

(239) ئاپتوماتلاشمىدىڭ

(240) ئاپتوماتلىشىۋالاي

(241) ئاپتوماتلىشىشلا

(242) ئاپتوماتلاشقىنىمدا

(243) ئاپتوماتلىشىلمىدى

(244) ئاپتوماتلىشىشىچە

(245) ئاپتوماتلىشىۋېلىشى

(246) ئاپتوماتلاشقىنىڭىز

(247) ئاپتوماتلاشمىدىمۇ

(248) ئاپتوماتلاشقانلىقنى

(249) ئاپتوماتلاشقانلىقىمنى

(250) ئاپتوماتلاشمىقى

(251) ئاپتوماتلىشارسەن

(252) ئاپتوماتلاشقىنىمنى

(253) ئاپتوماتلىشىشىڭىزغا

(254) ئاپتوماتلىشارمىش

(255) ئاپتوماتلاشقانلارمۇ

(256) ئاپتوماتلىشىدۇكى

(257) ئاپتوماتلىشىشلارنىڭ

(258) ئاپتوماتلىشاتتىڭلار

(259) ئاپتوماتلىشالايدىكەن

(260) ئاپتوماتلاشتىڭىزمۇ

(261) ئاپتوماتلاشمىغىنى

(262) ئاپتوماتلىشىدىغاندۇ

(263) ئاپتوماتلىشىشنىلا

(264) ئاپتوماتلىشىشىڭ

(265) ئاپتوماتلىشىۋاتامدۇ

(266) ئاپتوماتلاشمىغۇچە

(267) ئاپتوماتلاشساملا

(268) ئاپتوماتلاشقانلىقىم

(269) ئاپتوماتلاشمامسەن

(270) ئاپتوماتلىشىۋاتسا

(271) ئاپتوماتلىشىۋالاتتى

(272) ئاپتوماتلىشىۋېرىپ

(273) ئاپتوماتلىشىۋېرىدۇ

(274) ئاپتوماتلاشقانتى

(275) ئاپتوماتلىشالايتتى

(276) ئاپتوماتلىشالماسلىقى

(277) ئاپتوماتلىشىدىغانلىقىدىن

(278) ئاپتوماتلىشىۋېلىشنى

(279) ئاپتوماتلىشالماپتۇ

(280) ئاپتوماتلىشالىدى

(281) ئاپتوماتلىشىۋېتىشكە

(282) ئاپتوماتلاشتىلا

(283) ئاپتوماتلاشقۇلۇق

(284) ئاپتوماتلاشقانىدۇق

(285) ئاپتوماتلاشقۇچنى

(286) ئاپتوماتلاشمايمۇ

(287) ئاپتوماتلىشىۋاتاتتىم

(288) ئاپتوماتلىشالامدۇ

(289) ئاپتوماتلىشىشىمىزنى

(290) ئاپتوماتلىشامسىلەر

(291) ئاپتوماتلاشقانتىم

(292) ئاپتوماتلاشقۇچىدۇر

(293) ئاپتوماتلىشىۋالغاندەك

(294) ئاپتوماتلىشامدىكىن

(295) ئاپتوماتلىشىدىكەنمىز

(296) ئاپتوماتلىشىشقىلا

(297) ئاپتوماتلىشىۋەرسە

(298) ئاپتوماتلاشقىنىمىزدا

(299) ئاپتوماتلاشماقتىمەن

(300) ئاپتوماتلىشىشىڭلارنى







(5035) ئاپتوماتلاشتۇرۇلغانلىقلىرىدىن

(5036) ئاپتوماتلاشتۇرۇلغانلىقلىرىغا

(5037) ئاپتوماتلاشتۇرۇلغاننىلا

(5038) ئاپتوماتلاشتۇرۇلغۇچىلارمىز

(5039) ئاپتوماتلاشتۇرۇلغۇچىلىققا

(5040) ئاپتوماتلاشتۇرۇلغۇدەكلا

==============

مېنىڭ بايقىشىمچە ئۇيغۇر تىلى ئاساسىي لۇغەت تەركىبىدە ئىسىم تەخمىنەن %50 نى، پېئىل تەخمىنەن %25 نى، باشقا سۆز تۈركۈمى %25 نى ئېگەللەيدۇ. خالىغان بىر تەبئىي جۈملىدە گەرچە پېئىلنىڭ سانى تېخىمۇ ئاز بولسىمۇ، لېكىن، ئۇنىڭ تۈرلىنىش شەكلى ئەڭ كۆپ ۋە مۇرەككەپ بولىدىكەن. زامان ۋە شەخس قوشۇمچىلىرى تۈپ پېئىلنىڭ كەينىگە ئۇلىنىپ ھەر خىل مەنانى بىلدۈرىدىكەن، مەن بىلىدىغان ئىنگلىز تىلىدا مۇنداق ئالاھىدىلىك يوق، بەلكىم باشقا تىلدىمۇ بۇنداق ياخشى ئالاھىدىلىكنى تېپىش تەس بولۇشى مۇمكىن. ئالدىنقى يىلى مەن بۇنداق چوڭ تىپتىكى ئۇچۇرلارنى ھاسىل قىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش سېھرىي كۈچىگە تېخىمۇ قايىل بولغان ئىدىم ھەمدە مۇشۇنداق بىر تىلنىڭ ئۆز ئانا تىلىم بولۇپ قالغانلىقىدىن چەكسىز ئىپتىخارلانغانىدىم.


2-ئاينىڭ 21-كۈنى «دۇنيا ئانا تىل» بايرىمى، بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!


مەنبە :ئالىم ئەھەد بىلوگى


ئۇيغۇرچە 50 مىليون سۆزلۈك ئامبىرى (پېئىلنىڭ تۈرلىنىشى)

tursunn يوللانغان ۋاقتى 2012-2-19 22:03:53

ناھايىتى ياخشى تېمىكەن(ئەلا باھالىۋەتتىم).دۇنيادا پېئىلنىڭ تۈرلىنىشى ئۇيغۇر (جۈملىدىن تۈركىي تىللار) تىلىنىڭكىدەك كۆپ ۋە قالتىس ھاياتى كۈچكە ئىگە يەنە بىر تىل بولمىسا كېرەك. پېئىلنىڭ تۈرلىنىشىنىڭ موللىقى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى. تەتقىقاتتا بۇ ئالاھىدىلىكتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئېگە.

يوللانغان ۋاقتى 2012-2-19 23:03:27

دۇنيادا نۇرغۇن تىلدا تېپىلمايدىغان ئەڭ كاتتا بايلىققا ئىگە مۇشۇنداق نادىر تىل ھىچقاچان يوقۇلۇپ كەتمىسۇن، ئۇنىڭ ئىگىلىرىنىڭ يۈرەك قېتىغا مىھرىمۇھەببەت ئۇرۇقى چۇڭقۇرئورناپ كەتسۇن.

قىرىندىشىم، سەيشەنبە كۈنى(21- چىسلا) ئانا تىل كۈنىكەن، سىزدىن مۇشۇ ئانا تىلىمىز ئۈچۈن، ئانا تىلىڭىزغا بىر سوغا كۈتمەكچىمەن، بىرەلەرسىزمۇ؟ بۇ سوغا سىزدە چوقۇم بار، قېنى ماۋۇ ساننى 13899012345 دۇدقلىماي بىر يۈز ئوتتۇز سەككىز، توقسان تۇققۇز، نۆل بىر، يىگىرمە ئۈچ، قىرىق بەش، دەپ راۋان ئوقۇپ بېرەلەرسىزمۇ؟ ئانا تىل دەپ سوققان يۈرىكىڭىز بىلەن ھەرقانداق رەقەملىرىمىزنى ھەرقانداق بىر تىلدىشىڭىزغا مۇشۇ، بىر ئىككى كۈن بولسىمۇ ساپ ئۇيغۇرچە دەپ بېرەلەرسىزمۇ؟

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-2-19 23:09:34

دۇنيادا نۇرغۇن تىلدا تېپىلمايدىغان ئەڭ كاتتا بايلىققا ئىگە مۇشۇنداق نادىر تىل ھىچقاچان يوقۇلۇپ كەتمىسۇن، ئۇنىڭ ئىگىلىرىنىڭ يۈرەك قېتىغا مىھرىمۇھەببەت ئۇرۇقى چۇڭقۇرئورناپ كەتسۇن.

قىرىندىشىم، سەيشەنبە كۈنى(21- چىسلا) ئانا تىل كۈنىكەن، سىزدىن مۇشۇ ئانا تىلىمىز ئۈچۈن، ئانا تىلىڭىزغا بىر سوغا كۈتمەكچىمەن، بىرەلەرسىزمۇ؟ بۇ سوغا سىزدە چوقۇم بار، قېنى ماۋۇ ساننى 13899012345 دۇدقلىماي بىر يۈز ئوتتۇز سەككىز، توقسان تۇققۇز، نۆل بىر، يىگىرمە ئۈچ، قىرىق بەش، دەپ راۋان ئوقۇپ بېرەلەرسىزمۇ؟ ئانا تىل دەپ سوققان يۈرىكىڭىز بىلەن ھەرقانداق رەقەملىرىمىزنى ھەرقانداق بىر تىلدىشىڭىزغا مۇشۇ، بىر ئىككى كۈن بولسىمۇ ساپ ئۇيغۇرچە دەپ بېرەلەرسىزمۇ؟

yawayibala يوللانغان ۋاقتى 2012-2-19 23:29:00

2- قەۋەتتىكى Bidar-Qutlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

دۇنيادا نۇرغۇن تىلدا تېپىلمايدىغان ئەڭ كاتتا بايلىققا ئىگە مۇشۇنداق نادىر تىل ھىچقاچان يوقۇلۇپ كەتمىسۇن، ئۇنىڭ ئىگىلىرىنىڭ يۈرەك قېتىغا مىھرىمۇھەببەت ئۇرۇقى چۇڭقۇرئورناپ كەتسۇن.

قىرىندىشىم، سەيشەنبە كۈنى(21- چىسلا) ئانا تىل كۈنىكەن، سىزدىن مۇشۇ ئانا تىلىمىز ئۈچۈن، ئانا تىلىڭىزغا بىر سوغا كۈتمەكچىمەن، بىرەلەرسىزمۇ؟ بۇ سوغا سىزدە چوقۇم بار، قېنى ماۋۇ ساننى 13899012345 دۇدقلىماي بىر يۈز ئوتتۇز سەككىز، توقسان تۇققۇز، نۆل بىر، يىگىرمە ئۈچ، قىرىق بەش، دەپ راۋان ئوقۇپ بېرەلەرسىزمۇ؟ ئانا تىل دەپ سوققان يۈرىكىڭىز بىلەن ھەرقانداق رەقەملىرىمىزنى ھەرقانداق بىر تىلدىشىڭىزغا مۇشۇ، بىر ئىككى كۈن بولسىمۇ ساپ ئۇيغۇرچە دەپ بېرەلەرسىزمۇ؟



مەنماۋۇ ئىكاسنىمۇ ئەلا باھالىۋەتتىم.

halik_puli يوللانغان ۋاقتى 2012-2-20 01:00:48

microsoft word نىڭ ئىملا تەھرىرلىگۈچىسىدەك ئۇيغۇرچە ئىملا تەھرىرلىگۈچ ياساپ چىقالىغان بولساق ھە... توردىن ساقلىۋالغان ماقالىلەرنىڭ ئىملاسى بىلەن ھەپىلىشىپلا كۈنۈم ئۆتىدىغۇ زادى. \"\"

okyanus يوللانغان ۋاقتى 2012-2-20 07:07:22

ناھايىتى ياخشى بىر تېما ۋە ماقالە ئىكەن. ھەممىمىزنىڭ ئانا تىل بايرىمىمىزغا مۇبارەك بولسۇن!

heqteyur يوللانغان ۋاقتى 2012-2-20 08:11:57

بۇ 50 مىليون سۆزلۈكنى چۈشۈرۈشكە تەمىنلىگەن چېغى دەپ بەك خۇش بولغاندىم،ماڭا بەك لازىم ئىدى. \"\"

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2012-2-20 08:25:43

6- قەۋەتتىكى heqteyurنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ 50 مىليون سۆزلۈكنى چۈشۈرۈشكە تەمىنلىگەن چېغى دەپ بەك خۇش بولغاندىم،ماڭا بەك لازىم ئىدى. \"\"



بۇ دېتالنى ساتامسىز؟



يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 19:00

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2012-2-20 08:30:24

بۇ يۇمشاق دېتالغا ئېھتىياجلىق بولغانلارئالىم ئاھەد بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلىپ باقسا قانداق بولاركىن بىلمىدىم . يۇقۇرىدىكى ئىنكاسلارنى ئالىم ئەھەد بىلوگىدىن كۆچۈرۈپ قويدۇم ،تەپسىلى سورايدىغان سوئاللار بولسا ئالىم ئەھەد بىلوگىغا كىرىپ ئىنكاس يېزىپ باقساڭلار بولىدۇ.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-2-20 08:33:32

يۇقۇرىدىكى سۆزلەرنى تەپسىلى كۈزەتكەندە تەكرارلىنىپ قالغانلىرىمۇ باردەك قىلىدۇ، 102- سۆز بىلەن 103 سۆز ئوخشاشتەك قىلىدۇ، ئارىلىقى يىراقراق كەلگەنلىرىدىن ئوخشىشىدىغانلىرىدىن يەنە قانچىلىكى بار بۇنىمۇ تەكشۈرۈپ باقساق.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-20 09:47:55

9- قەۋەتتىكى Bidar-Qutlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يۇقۇرىدىكى سۆزلەرنى تەپسىلى كۈزەتكەندە تەكرارلىنىپ قالغانلىرىمۇ باردەك قىلىدۇ، 102- سۆز بىلەن 103 سۆز ئوخشاشتەك قىلىدۇ، ئارىلىقى يىراقراق كەلگەنلىرىدىن ئوخشىشىدىغانلىرىدىن يەنە قانچىلىكى بار بۇنىمۇ تەكشۈرۈپ باقساق.



بىداركا ،بۇ بەلكىم سۆز تۈرلىنىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان مەنە ئۆزگىرىشنى نەزەرگە ئالغانلىقتىنبولغان بولۇشى مۇمكىن. مەسلەن :



1. سىلى ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن يەنە ئۇرۇشسىلا زىيان تارتىپ قېلىشلىرى مۇمكىن.


2. ئەگەر ئۇ ئىككىسى ئۇرۇشسىلا بىز ئوتتۇرىدىن پايدا ئالىمىز.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-2-20 09:54:40


10- قەۋەتتىكى uqkun1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل


بىداركا ،بۇ بەلكىم سۆز تۈرلىنىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان مەنە ئۆزگىرىشنى نەزەرگە ئالغانلىقتىنبولغان بولۇشى مۇمكىن. مەسلەن :



1. سىلى ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن يەنە ئۇرۇشسىلا زىيان تارتىپ قېلىشلىرى مۇمكىن.


2. ئەگەر ئۇ ئىككىسى ئۇرۇشسىلا بىز ئوتتۇرىدىن پايدا ئالىمىز.



مەنا جەھەتتىكى بۇ تەرەپنى ئويلىماپتىمەن.

function يوللانغان ۋاقتى 2012-2-20 10:28:35

ئىمزا قويغاندا مۇبارەك ئىسمىمىزنى ئۇيغۇرچە يازايلى، تېلېفۇن نومۇرى ۋە باشقا سانلارنى ئۇيغۇرچە دەيلى.

faith يوللانغان ۋاقتى 2012-2-20 11:01:17

ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر ئىش ئىكەن. ئاۋۇ ئاپتوماتلاش دېگەن پېئلنىڭ تۈرلىنىشىنى بىر قېتىم ئوقىۋەتسە تىل بايلىق بىراقلا ئېشىپ كەتكەندەك بىلىندىكەن. بەزىلللىرى بەك قىزىقارلىق تۇيۇلدى.. ئاپتوماتلىشە ، ئاپتوماتلىشەمىز، ئاپتوماتلاشتىڭلار، ئاپتوماتلاشقۇلۇق، ئاپتوماتلىشىۋالاي .....بەك قىزىقارلىق تۇيۇلدىكەن سىلەرگە ئۇنداق بىلىنمىدىما؟ خې،خې،خې.........چەتئەللىكلەر پئېلىنىڭ بۇنداق تۈرلىندىغانلىقنى بىلسە ئۇيغۇرچە ئۆگىنشتىن ۋاز كېچىپمۇ قالغۇدەك. ئېنگلىزچىدا 5000 سۆزنى يادقا ئالسا خېلە بىر ئىش قىلىغىلى بولىدۇ. ماۋۇ بىر پئېلىنىڭ ئۆزىلا 5040 خىل تۈرلىنپتۇ. بولسا بارلىق ئىسىم ۋە پېئل ۋە ھەرقانداق تۈرلىنەلەيدىغان سۆزلەرنى مۇشۇنداق تۈرلەندۈرۈپ غايەت زور بىر سۆزلۈك ئامبىرى تۈزۈپ ئىملا توغىرلاشتا ئىشلەتسە يامان پەيزى ئىش بولغۇدەك.

dilara يوللانغان ۋاقتى 2012-2-20 14:51:39

ئەلا باھالىدىم.

Jeck يوللانغان ۋاقتى 2012-2-20 14:57:50

ئالىمكا ئامبارنى ۋە رەتلەش ئۇسۇلىنى باكاغا بەرمەڭلا. باشقىلار ئەمگەكنىڭ قەدرىنى قىلىشنى ۋە ئۇنىڭ قىممىتى ئۈچۈن ھەق تۆلەشنى ئۈگەنسۇن.

uya_frozen يوللانغان ۋاقتى 2012-2-20 15:13:14

13- قەۋەتتىكى faithنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر ئىش ئىكەن. ئاۋۇ ئاپتوماتلاش دېگەن پېئلنىڭ تۈرلىنىشىنى بىر قېتىم ئوقىۋەتسە تىل بايلىق بىراقلا ئېشىپ كەتكەندەك بىلىندىكەن. بەزىلللىرى بەك قىزىقارلىق تۇيۇلدى.. ئاپتوماتلىشە ، ئاپتوماتلىشەمىز، ئاپتوماتلاشتىڭلار، ئاپتوماتلاشقۇلۇق، ئاپتوماتلىشىۋالاي .....بەك قىزىقارلىق تۇيۇلدىكەن سىلەرگە ئۇنداق بىلىنمىدىما؟ خې،خې،خې..........



ھەقىقەتەن شۇنداق قىزىقارلىق دېسە ، بەك جانلىق دە بۇ تىل .

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2012-2-20 15:17:24

ھەي ئۆكەم، بولە ئاپتوماتلىشە. ھاجېېېېېېېېېېېم، ئاپتوماتلاشسىلا. مانا بىزمۇ ئاپتوماتلىشىۋالدۇق. بەزىلەرنىڭ ۋاقتىدا ئاپتوماتلاشماسلىقى مەڭگۈ ئاپتوماتلاشتۇرۇلمايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بىر كۈنلەردە ئۇلارمۇ مەجبۇرىي ئاپتوماتلاشتۇرۇلىدۇدە، ئۆزلىرىنىڭ ئاپتوماتلاشتۇرۇلغانلىقلىرىدىن ھەيران بولۇشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلارمۇ ئاپتوماتلاشتۇرۇلغۇدەكلا باللا.{:92:}

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-2-20 15:23:32

ئۇيغۇر تىلى نىمانداق ۋەھشىي \"\"
بەت: [1] 2 3
: ئۇيغۇرچە 50 مىليون سۆزلۈك ئامبىرى (پېئىلنىڭ تۈرلىنىشى)