Birzat يوللانغان ۋاقتى 2012-2-19 10:18:25

قايسى ماركىدىكى چىش پاستىسى ئىشلىتىسىلەر؟(بىرزات)

چوڭلارنىڭ <<كېسەل ئېغىزدىن كىرىدۇ >> دېگەن سۆزى يېمەك-ئىچمەكنىڭ مىزاجغا مۇۋاپىق، ھالال، پاكىز بولىشىنى نەزەردە تۇتقاندىن باشقا چىش پاكىزلىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چىش چوتكىسى بولمىغان ئىلگىركى زامانلاردا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مىسۋاك ئىشلىتىپ ئۈممەتلىرىگە موھىم سۈننەت قىلىپ قالدۇرغان. چىش چوتكىلاش، چىشنى پاكىز تۇتۇش ھەققىدە ئېيتقان نۇرغۇن سۆزلىرىدىن تۆۋەندىكىلىرىنى كۆپچىلىك مۇسۇلمانلار ئاساسەن بىلىدۇ.


1. مىسۋاك ئىشلىتىش ئېغىزنى خۇشپۇراق قىلىدۇ، پەرۋەردىگارنى خۇش قىلىدۇ.


2.ئەگەر ئۇممىتىمگە قىيىنچىلىق پەيدا قىلىشتىن قورقمىغان بولسام، ئۇلارنى ھەر قېتىم تاھارەت ئالغاندا مىسۋاك ئىشلىتىشكە بۇيرۇغان بولاتتىم.



مىسۋاك ـ «سالۋادورا پېرسكا» دەپ ئاتىلىدىغان «ئىراك» دەرىخىنىڭ ياش نوتىسدىن كېسىپ ئېلىنىدىغان ھۆل ياغاچىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ياغاچتىن بىر غېرىچ مىقدارىدا كېسىپ، ئۇنىڭ ئۇچىنى 1 ياكى 2 سانتىمېتىر ئۇچلاپ سۇغا چىلاپ يۇمشىتىش ئارقىلىق قوللىنىلىدۇ. مىسۋاك سۇدا يۇمشىغاندىن كېيىن خۇددى چىش چوتكىسىدەك پۇرشىلىق ھالغا كېلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەۋسىيە قىلغان مىسۋاك دەل بۇ دەرەخنىڭ ئۆزىدۇر. بۇ دەرەخ شەرقىي ئافرىقىدىن، ھىندىستانغىچە بولغان مەملىكەتلەردىن چىقىدۇ. تولۇق ۋە توغرا سۆزلەشنىڭ بىردىنبىر ۋاسىتىسى بولغان چىشلارنى ئاسراش ئىنسان ئۈچۈن بەكمۇ ئەھمىيەتلىكتۇر. ئېغىزدا چىشلار تولۇق بولمىغاندا پسخولوگىيىلىك سەلبىياتلارمۇ كۆرىلىدۇ. چىشلارنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى چىشلارنىڭ ئارىلىقىدا تاماقنىڭ قالدۇقلىرىدىن توپلانغان باكتېرىيەلەردۇر. ئېغىز، چىش ۋە چىشلارنىڭ ئەتراپىدىكى گۆشلەرنى باكتېرىيەلەردىن ساقلاش ئۈچۈن چىش چوتكىسىنى قوللىنىش ئەھمىيەتلىكتۇر. بىراق چىش چوتكىسى بىلەن ئىشلىتىلىدىغان چىش پاستىلىرى (ياگولار) نورمالدىن ئارتۇق تەملىك بولغاچقا، ئۇ، ئېغىز تەمىنى بۇزىدۇ. ئەمما مىسۋاك ئۆزىنىڭ نورمال پۇرىقى ۋە ياخشى تەمى بىلەن ئالاھىدە خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغاچقا، ئېغىزنىڭ تەمىنى بۇزمايدۇ. شۇڭا چىش چوتكىسىدىن مىسۋاكنىڭ ئەھمىيىتى كۆپتۇر دەپتۇ.

ئىلگىرى ئانچە-مۇنچە مىسۋاك ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن ئىدىم، لىكىن سەل ئەپسىز ھېس قىلىپ يەنە چىش چوتكىسىغا ئۆتىۋالدىم، چاتاق بولغىنى مۇسۇلمانلارغا ماس كەلگۈدەك ھەم پاكىز ھەم چىشنى ھەقىقى تۈردە ئاسرىيالىغۇدەك چىش پاستىسى تاپماق سەل تەس بولدى. 2000-يىللىرى تۈركىيەنىڭ چىش پاستىسىلىرىنى ئىشلىتىپ يۈردۈم، بۇ ھەر ھالدا خەنزۇچە ماركىدىكى چىش پاستىسىلىرىدىن كۆپ ياخشى ئىدى. شۇ مەزگىللەردە ئۇيغۇرچە ماركىدىكى چىش پاستىلىرى بىر-بىرلەپ بازارغا كىرىشكە باشلىدى، بىر قانچە ئۇيغۇرچە ماركىلىق چىش پاستىلىرىنى ئىشلىتىپ كۆرۈپ باقتىم، لىكىن مىسۋاك ئىشلەتكەندىكى ياكى تۈركنىڭ پاستىسلىرىنى ئىشلەتكەندىكىدەك ھېس قىلالمىدىم. بىر مەزگىللەردە ئەمۋاينىڭ تىجارەتچلىرى ئارقامغا كىرىۋېلىپ بەكلا ئاۋارە قىلىپ كەتتى، ئىچىم ئاغرىپ بىر تال چىش پاستىسىنى ئىلىپ ئىشلەتكەن بولدۇم. بۇمۇ بەك ياراپ كەتمىدى. ئۇندىن كىيىن بىرسى <<ئىپار>> نىڭ چىش پاستىسىنى تەۋسىيە قىلىپ قالدى. ئىشلىتىپ كۆرىۋىدىم، ئۇنىڭ پۇرىقى، چىشنى پاكىز تازىلىشى ماڭا ياراپ قالدى. مانا 3-4 يىلدىن بىرى <<ئىپار>> شىركىتىنىڭ چىش پاستىسىغا كۆنۈپ قالدىم. ئاڭلىسام بۇلار ئۆزلىرى ياسارمىش. ئۇيغۇرچە ماركىدىكى چىش پاستىلىرىغا بولغان ياراتماسلىق قارىشىم ئۆزگەردى. ئەپسۇسلىنارلىقى <<ئىپار>> شىركىتىنىڭ چىش پاستىسىدا <<ئىپار>> دېگەن ماركىدىن باشقا ھەممە خەتلەر ئۇيغۇرچە ئەمەس. بەلكىم بۇ شىركەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازىرىنى ئۇيغۇر رايۇنىدا ئىچىشنى ئويلىمىغان بولىشى مومكىن.


چىش پاستىسى تاللاشتا نېمىلەرگە دېققەت قىلىش كېرەك، ھازىر قايسى ماركىدىكى چىش پاستىلىرى ياخشى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ماس كىلىدۇ دېگەندەكلەر ھەققىدە تورداشلارنىڭ قاراشلىرىنى بىلىپ باقاي دەپ ئۇيەر-بۇيەردىن سۆز ئىچىپ ئولتۇردۇم. ئېيتىڭلارچۇ تورداشلار، سىلەر ھازىر قايسى ماركىدىكى چىش پاستىسى ئىشلىتىۋاتىسىلەر؟


مەنبە: توردىن ئىزدەپ يۈرۈپ 80خالتا بلوگىدا تەييارلانغان. ttp://www.80halta.com

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-2-19 16:22:11

ئەمۋاي ھەققىدە ئىزدىنىشتىكى شاخلىتىپ سېتىش ھەققىدىكى يازمىنى كۆرسىڭىز بولىدۇ.


شاخلىتىپ سېتىش توغرىسىدا ئۇچۇر بەرسەڭلار

zinnurayin يوللانغان ۋاقتى 2012-2-19 10:36:32

ئىنكاسقا رەسىم قىسستۇرغىلى بولمىدى.ئۇزۇندىن بېرى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقىنىمىز ئەرەپ بىرلەشمە خەلپىلىكىدە ئىشلەپ چىقىرىلغان مىسۋاك چىش پاستىسى،ئۇندىن قالسا چىننۇرىنىڭ چىش پاستىلىرى،ئىشەنچلىك دەپ ئىشلىتىۋاتىمىز.كۆپلىگەن قېرىنداشلارمۇ شۇ دابۇر شىركىتىنىڭ مىسۋاك چىش پاستىسىنى ئىشلىتىدۇ.تەمى ئالاھىدىلا.



مانا مۇشۇ رەسىمدىكىلىرى شۇ:



\"\"\"\"\"\"\"\"


\"\"


\"\"


\"\"






مەھسۇلات ھەققىدە     DABUR MISWAK toothpaste

zinnurayin يوللانغان ۋاقتى 2012-2-19 10:38:11

http://www.dabur.com/About%20Dabur

najib يوللانغان ۋاقتى 2012-2-19 10:38:56

DABUR MISWAK toothpaste





مەنمۇ  مۇشۇنى  ئىشلىتىمەن  ،،

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2012-2-19 10:40:22

مالايسىيا بىلەن تۈركىيىنىڭكىنى، مالايسىيانىڭكىنى كۆپرەك

zinnurayin يوللانغان ۋاقتى 2012-2-19 10:43:09

سۈزۈك ئەمىسە ئاشۇلارنىڭ ماركىسىنى يېزىپ قويمامسىز،ئىشلىتىش ئەمەس ئاڭلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-2-19 10:59:59

بۇ يازمىدا مىسۋاكنىڭ يۇقىرىقى دەرەخنىڭ ياش نوتىسىدىن يۇنۇپ ياسىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپتۇ. بۇنىڭ لاتىنچە ئىلمىي نامى ياكى خەنزۇچە ئاتىلىشى بېرىلمىگەچكە مەن بۇ دەرەخنىڭ تۈرىنى بىلەلمەي قالدىم. ئەمما شەخسەن ئۆزەمنىڭ قارىشىچە ئەجداتلىرىمىز بۇنىڭدىن نۇرغۇن يىللار ئىلگىرىلا ئارچا دەرىخى، چۈچۈكبۇيا قاتارلىقلاردىن دەل يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مىسۋاكنى ياساپ تۇرمۇشىدا قوللانغان. بۇ ھەقتە تۈركى تىللار دىۋانىدا ئىزاھاتلارنى كۆرگەندەك قىلغان. بۇ كىتاپ يېنىمدا بولمىغاچقا ئېنىق نەقىل ئېلىشقا ئەپسىز بولۇپ قالدى.

...بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئاغزى مەيلى قانداق ئېسىل چىش پاستىسى ئىشلەتمىسۇن يەنىلا بىر خىل سېسىق پۇراپ ئۆزلىرىمۇ بىئارام بولىدۇ. بۇ خىلدىكى كىشىلەرگە تەكلىۋىم: بىرسى ھەزىم سېستىمىلىرىدا ياللۇغ ياكى يارا ،ئىششىق ..خاراكتېرلىك كېسەللىك ئەھۋاللىرى ياخشىلانمىغۇچە سىز بۇ ئازابتىن قۇتۇلالمايسىز. شۇڭا بۇ جەھەتتىن تەكشۈرتۈپ كۆرۈڭ. يەنە بىرسى بالىياتقۇدا مەسىلە كۆرۈلگەندە ياكى بىر قىسىم بەزلەردە كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى كۆرۈلگەندە بۇلار ئاجرىتىپ چىقارغان ئاجرالمىلار تەن سىرتىغا نورمال يول بىلەن ئاجرىلىپ چىقالمىغانلىقى ئۈچۈن بەدەن تېمپېرتۇرىسى 36-37.5 سېلسىيە گىرادۇستا چىرىپ، بۇس-بۇخارات، بۇزۇق يەللەر يۇقىرىغا ئۆرلەپ بەدەندىكى تۈشۈكلەردىن جۈملىدىن ئېغىزدىن سېسىق ھىد تارقىتىشقا سەۋەب بوپ قالىدۇ. شۇڭا چىش پاستىسىنىمۇ تاللاپ ئىشلىتىڭ ۋە چىش چوتكىلاش ۋاقتىنى ئۇزارتىش، كۆپەيتىش بىلەن بىللە بۇنىڭ سەۋەبلىرىنىمۇ يىلتىزىدىن ئويلىشىش كېرەك.


يەنە قوشۇمچە قىلىپ دەيدىغىنىم، چىشنىڭ سۈپىتى تۇرۇۋاتقان يەرنىڭ سۈيى، تۇپرىقى، ئۇزۇقلۇنۇش،تەن سالامەتلىك  بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.مەسىلەن، بىر قىسىم يەرنىڭ سۈيىدە فتور تۈرىدىكى كان مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىقدارى جىق بولسا چىشلىرى سارغىيىۋالىدىغان ، قارىدىۋالىدىغان ھەتتا ئارقا-ئارقىدىن قۇرت يەپ چۈشۈپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆپرەك بولىدۇ. (مەسىلەن ئاقسۇنىڭ بىر قىسىم يەرلىرىدىكى ئادەملەردە). يەنە ئۇنىڭدىن باشقا كەمپۈت تۈرىدىكى تاتلىق تۈرۈمنى جىق يېگەن، تېتراسىكلىن(سىخۇەنسۇ)نى جىق يېگەن ياكى چاينى تولا چاينايدىغان(مەسىلەن غۇلجىنىڭ بىر قىسىم يېزىلىرىدىكى ئاز بىر قىسىم كىشىلەردە)، تولا تاماكا چېكىدىغانلار، دورىنىڭ تەسىرى...قاتارلىق ئەھۋاللاردىمۇ چىش سارغىيىۋالىدۇ.شۇڭا ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى چىشنى ياخشىلايدىغان چاي دورىلىرىنى ئىچىپ بېرىش، موزا،  قەلەمپۇر، چۈچۈكبۇيا، ئىگىر، ئۇچقات ...قاتارلىقلارنىڭ خالىغان بىر ياكى بىر قانچە تۈرىنى سۇدا قاينىتىپ ئاغزىنى چايقاپ بېرىش، چىشنى چوتكىلاپ بېرىش لازىم.

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2012-2-19 11:01:38

بىرسى دابۇركەن، يەنە بىرىنىڭ ماركىسى مۆمىن ئىكەن.

halik_puli يوللانغان ۋاقتى 2012-2-19 11:01:57

تۈركىيەنىڭ قايسى ماركىدىكى چىش پاستىسىنى ئىشلىتىسىلەر؟ بىرەر ئوبدانراق ماركا تەۋسىيە قىلىڭلارچۇ

dunyajan يوللانغان ۋاقتى 2012-2-19 11:02:51

ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز.

ئادەتتە سەردارنى ئىشلىتىپ قوياتتىم.قارىغاندا ماۋۇ تېمىدىن خېلى كۆپ نەپكە ئېرىشىدىغاندەك تۇرىمەن.  {:92:}

faith يوللانغان ۋاقتى 2012-2-19 11:03:06

مەن amway نىڭكىنى ئىشلىتىپ خېلە يارىغان، 10 ئايغا يېقىن ئىشلەتتىم. قوللاپ قوياي دە بىرنى ئالغان . ماڭا ياققان ئىدى.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2012-2-19 11:11:57

10- قەۋەتتىكى faithنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن amway نىڭكىنى ئىشلىتىپ خېلە يارىغان، 10 ئايغا يېقىن ئىشلەتتىم. قوللاپ قوياي دە بىرنى ئالغان . ماڭا ياققان ئىدى.



ئەمۋاي شىركىتى بەكلا باي، بىزدەك نامراتلارنىڭ قوللاپ قويىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوقمىكى دەيمەن.\"\"

aziza97 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-19 11:15:29

مەن بۇرۇن تۈركىيەنىڭ ‹سانىينو› دىگەن چىش پاستىسنى ئىشلىتەتتىم ،ھازىر ‹سەردار› ئىشلىتۋاتمەن.

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2012-2-19 11:25:27

Colgate

يەنىلا موشۇنىڭغا يېتىدىغىنى يوقكەن...

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-2-19 11:29:56

خالمۇرات غوپۇر تەتقىق قىلىپ چىققان خابو غەر-غەر سۈيىنىمۇ ئىشلىتىپ بېرىشمۇ بولىدىغاندەك قىلىدۇ. ئەمما مەن ئىشلىتىپ باقمىدىم.

yadikar يوللانغان ۋاقتى 2012-2-19 12:02:09

مەن سەردار چىش پاستىسغا كۆنۈپ قاپتىمەن....

bala_pekir يوللانغان ۋاقتى 2012-2-19 12:17:28

مىنىڭچە يەنىلا سەردار ياخشى مىسۋاك چىش پاستىسىمۇ بوپ قويىدۇ ....

Horma يوللانغان ۋاقتى 2012-2-19 12:23:55

ئائىلە بويىچە 8 يىلدىن بېرى ئاساسەن تۈركىيەنىڭ  SANINO ماركىلىق چىش پاستىسىنىڭ كۆك رەڭلىكىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمىز ،3 ئايدا بىر قېتىم چىش پاستىسىنىڭ تۈرىنى ئۆزگەرتىش كېرەك دەپ ماتېريالدا كۆرۈپ جىق ئۆزگەرتىپ باقتىم ،ئەمما دىيارىمىزدىن تاپقىلى بولىدىغانلاردىن ھېچقايسىسىنى SANINO نىڭ كۆك رەڭلىكىدەك ياقتۇرمۇدۇم .«ئىپار»نىڭكىنى بەكمۇ ئىشلەتكۈم بارتى ،ئۈرۈمچىنىڭ قەيىرىدە ساتىدۇ بىلەلمىدىم .

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-2-19 12:57:17

چىس سوپۇنى(پاستىسى)نىغۇ يۇقۇرىدا دېيىلگەنلەردىن ئىشلەتسەك، ئىشەنچسىز ھىس قىلماسمىز، ئەمدى شۇ نەرسىنى ئىشلىتىدىغان چوتكاغا قاندىقىنى ئىشلىتىمىز؟ ئاڭلىسام، بىرقىسىملىرى چوشقىنىڭ تۈكىدە ياسىلارمىش، بۇ سۆز قانچىلىك راس- يالغان پەقەت بىلمىدىم.
بەت: [1] 2 3
: قايسى ماركىدىكى چىش پاستىسى ئىشلىتىسىلەر؟(بىرزات)