يەنە بىر قىز ئوقۇشقا ماڭدى
ئەسسالام قەدىردانلار ،بىر سوم پىلانى باشلىنىپ مۇشۇ كۈنگە كەلگۈچە قىلغان ياردەملىرىڭلارغا مىڭلارچە تەشەككۈر ئېيىتش بىلەن بىللە يەنە بىر خەۋەرنى سىلەرگە بىلدۈرەپ قويۇشنى لايىق تاپتىم .بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرىستېتىدا ئوقۇغان ،ئوقۇش جەريانىدا ھەر ئايلىقى بىر سوم پىلانى نامىدا 300 سومدىن تۇرمۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەن سىڭلىمىز بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىدىغانلىقى ،ۋە ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان بۇ يىللىق ياردەم پۇلى بېرىلىپ بولغانلىقتىن يېقىندا شىئەن چەت تىللىرى ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا بارغان ،ئائىلە كۆڭۈلسىزلىكى ۋە قىيىنچىلىقى تۈپەيلى ئىككىنچى مەۋسۈملۈك ئوقۇشقا مېڭىشتىن يالتايغان بىر قىزنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار تاپقاندىن كىيىن 7-8دوستۇم بىلەن بۇ قىزغا ھەر ئايدا 500 سومدىن تۇرمۇش پۇلى بېرىپ خۇدايىم بۇيرىسا ئۈچ يېرىم يىل(ئوقۇش پۇلىمۇ بولۇشى مۇمكىن ) ياردەم قىلىدىغان بولۇپ پۈتۈشۈپ ئىككى كۈنلەر ئالدىدا تۇنجى ئايلىقى دەپ 1210 سوم بىلەن يولغا سالدۇق .بۇ قىزغا پۇل يىغىش داۋامىدا كۆپلىگەن دوسىتلار ۋە قېرىنداشلار بۇنداق ساخاۋەت ئىشىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى ،ھەر ئايلىقى 10-20 سومدىن چىقىرىشنى قەتئىي داۋام ئېتىدىغانلىقلىرىنى دەپ كۆڭۈل ئىزھار قىلىشتى .
ئۇ قىز يولغا چىقىشى بىلەن بىزمۇ شۇنچە خوشال بولدۇق ،ئىلاھىم ئوقۇش ھاياتىنى لاياقەتلىك داۋام ئېتىشىگە ساغلام تەن ،ساپ ئەقىل ئاتا قىلسۇن ،ۋە پۇل بېرىشنى خالىغان ۋا ئىزچىل بېرىۋاتقان ساخاۋەتچىلەرگىمۇ ئىزچىل كۆيۈمچانلىق ئاتا قىلسۇن ........
بىر سوم پىلانى شوئارى :بىرىمىزگە كۆپ بىلىنمەيدىغان 1 سوم پۇل نەچچە ئونىمىزنىڭ يانچۇقىدىن تەڭ چىقسا ئوقۇشتا تىرىشچان ،قىيىنچىلىقتا قالغان بىر بالىغا ياردەم قىلالىغان بولاتتۇق .....
خۇدا بۇيرىسا ئىككىنچى سىتۇدىنىتقا يا ردەم بېرىش باشلاندى !
تولىمۇ ئۇبدان ئىش بولۇپتۇ. يىللار ئىلگىرى ئىزدىنىشقا ئەزا بولۇشتىن ئىلگىرىلا مۇشۇ «بىر سوم پىلانى» توغرۇلۇق خەۋەرلەرنى كۆرۈپ تۇراتتىم. بەك ياخشى، ساخاۋەتلىك، ساۋاپلىق ئىشتىن بىرنى باشلاپتىكەنسىز، خۇدايىم ئاخىرغىچە داۋاملاشقىلى نىسىپ قىلغاي. ئەجرىڭىزنى بەرگەي. دىدار غەنىمەت، ھەرنېمە بولسا كۆرۈشۈپتۇق بۈگۈن. تولىمۇ خاسىيەتلىك ئىش قىلىۋاتىسىلەر. ئاللاھ ئەجرىڭلارنى بەرگەي. ۋاپادارىمكا پات-پات ئۇچۇر بېرىپ تۇرۇڭ... «بىر سوم پىلانى » ماڭا بەك جىمىپ كەتكەندەك تۇيۇلدى...( تەشۋىقاتنى دېمەكچى )تىرشچان بىر ئوقۇغۇچىمىز « ئاق قان كېسلى » دەپ دىئاگونۇز قويۇلۇپ ھازىر شىنجاڭ تېببي ئۇنۋرىستتا داۋالىنۋاتىدۇ...
مەكتەپتىكلەر ئىئانە قىلىشنى باشلىدۇق...ئىزدىنشقا مۇناسىۋەتلىك مۇراجىئەتنامىنى يەنە بىر ئىككى كۈندىن چىقىرىلىدۇ....
ھازىرچە بۇ ئاددىرستىن كىرىپ ۋاقىپ بولغايسلەر...
http://www.uzyol.net/?p=227
ياردەم قىلشنى ئويلشىۋاتقانلار تەييارلىق قىلغاچ تۇرۇڭلار...ياكى بولمىسا ماڭا قىسقا ئۇچۇر قىلغايسلەر... پوچتا بانكىسىدىن پۇل سالغىلى بولامدۇ؟يېزا ئامانەت بانكىسىغا بېرىپ پۇل سېلىش ئۈچۈن شەھەرگە بېرىشىمغا توغرا كىلىدىكەن . ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
بەك مەمنۇن بولدۇم.
ئىشلىرىڭلار بەرىكەتلىك بولسۇن،ئاللاھ تېنىڭلارنى سالامەت قىلسۇن ...
مىللەت ئۈچۈن ئۇ - بۇ دەپ ۋارقىرىغاندىن ، مۇشۇنداق ئىشلار مىڭ ئەۋزەل . ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن ئۇ قىزدىن ھازىر قىسقا ئۇچۇر كەلدى .مەكتەپتە ئامان ئېسەن بېرىۋاپتۇ ..بەك خوشال بولدۇم . ياشاپ كىتىڭلا. ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! خاپا بولماي «بىر سوم پىلانى»نىڭ بانكا ھىساباتىنى ئۇلانما قىلىپ قويساڭلار. بۇرۇن ئاڭلىغان بولساممۇ ئەمدىلاتىن ئىنساپقا كەلگەن ئوخشايمەن. {:90:} ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنىڭ بەرىكاتىنى بەرسۇن، ھەممەيلەننىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ ئاتا قىلسۇن! ئوغۇل بالىنىڭ نوچىسى ۋاپادارىم..تەن ساقلىق،ئۇزۇن ئۆمۇر بەرسۇن ئاللاھ..
14- قەۋەتتىكى esma0999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ھە راست سوراپ باقاي. پۇلنى نەگە سالىمىز. مەخسۇس بانكا كارتىسى بارمۇ؟ بولسا مۇنبەرگە چىقىرىپ قويغان بولساڭلار.
يېزا-ئىگىلىك بانكا كارتىسى ؛
9559982980538213019
艾沙江.尼扎木丁
ئاجايىپ ئۇلۇغ ياخشى بىر ئىش بولىۋاتىدۇ ، خۇدايىم ئىشلىرىڭلارنى تېخىمىۇ ئاسان قىلغاي.5- قەۋەتتىكى abdurehim123نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
پوچتا بانكىسىدىن پۇل سالغىلى بولامدۇ؟يېزا ئامانەت بانكىسىغا بېرىپ پۇل سېلىش ئۈچۈن شەھەرگە بېرىشىمغا توغرا كىلىدىكەن .
بىر سوم پىلانىغا يېزا-ئىگلىك بانكىسىنىڭ كارتىسىلا بار ،ئىلگىرى سودا سانائەت بانكىسىدىنمۇ بىر كارتا بېجىرگەن ،لىكىن ئاۋارىچىلىق ۋە ھېساباتنىڭ بىخگتەر يۈرۈشىشى ئۈچۈن ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ باشقا بانكىلاردىن كارتا بېجىرمىگەن ئىدىم ،مۇشۇ توغرىسىدا ماڭا قىسقا ئۇچۇر قىلسىڭىز .13565777257؛رەھمەت
بىر سوم پىلانىنى بىلمىگەن تورداشلار بۇ توغرىسىدىكى تەپسىلاتلارنى مۇشۇ سەھىپىدىن بىلگەي .رەھمەت
يېقىندىكى ئىش ئىزلاردىن ؛
بىر سوم پىلانى 6-يىللىق خۇلاسە ؛
http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=44550
بىر سوم پىلانى شىنجاڭ تېلىۋىزىيەسى 2-قانىلىدا :
http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=41778 بەك ياخشى بوپتۇ ! مەنمۇ قوللايمەن !
مۇشۇ پۇرسەتتە سورىۋالسام ، مۇشۇ ‹ بىر سوم پىلانى › قانۇنى ھەم باشقا جەھەتلەردىن رەسمىيەت -پەسمىيەت دەيدىغان نەرسىلەرنى ئۆتىگەنمۇ ؟ ئۆتىگەن بولسا قايسى ساھەلەردە ئۆتىگەن ؟ مۇنداق سورىسام باشقىچە ئويلاپ قالماڭلار ، مەنمۇ بۇ جەھەتتە بۇرنۇمغا قاتتىق مۇش يىگەنلەردىن . مەنمۇ 98-يىلى ئالى مەكتەپنى پۈتكۈزگەن يىلى مۇشۇنداق ھەر ئايدا 10 يۈەندىن يىغىش قىلىپ ، ئىقتىسادى ناچار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلغان ، ئۈمۈد قۇرلىشىنى قوللىغان ئاساستىكى ‹ ياشلار ئۈمۈد ئۇيۇشمىسى › قۇرىمەن دەپ ، ئاخىرى بەك جىق ئاۋارىچىلىككە قالغان ،(ھازىرغىچە تارتىۋاتىمەن ) ھازىر مۇشۇ بىر سوم پىلانى ، مېھىربان ئانىلار ، ساخاۋەتچى ئاتىلار ، يەنە مۇشۇنۇڭغا ئوخشاش ئىش پائالىيەتلەرنى ئاڭلىسام يا تېلۋوزۇرلاردىن كۆرسەملا ئاشۇ ۋاقىتتىكى ئىشلار يادىمغا كېلىپ ، كاللامنى جىق خىياللار قاپلاپ كېتىدۇ . بولدى بۇ جەھەتتە جىق سۆزلىمەي !
شۇنداق بولسىمۇ ھازىر ئائىلىمىز بويىچە بىر يىتىم ئوقۇغۇچىنى كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە يۈلەۋاتىمىز . ھەمدە يېققىن ئاغىنە بۇرادەرلەرگە بۇ جەھەتتە ئانچە-مۇنچە خىزمەت ئىشلەپ ، شۇنداق يىتىم-يىسىر بالىلارغا يااردەم قىلشنى تەۋسىيە قىلىۋاتىمەن . مانا ئالدىنقى كۈنى بىر دوستىمىز (تۇققان ) بۇلتۇر يازدا ئوغلىنىڭ خەتنە تويىنى قىلغاندا ، كەچلىك ئولتۇرىشىنى قىلمىغان ئىدى ، شۇ تويدا ئاتاپ قويغان 1500 يۈەن پۇلنى ماڭا ئەكەپتۇ . ئچى-ئىچىمدىن خۇرسەن بوپ كەتتىم ! چۈنكى ئۇزى بىر مائاشلىق ، ئايالى ۋاقىتلىق ئىشچى ، بىر بالىسى بار . ئۇلارغا مۇشۇ 1500 يۈەن پۇل ئارتۇق كەلگەنمىدۇ ؟ ئارتۇق كەلگىنى يوق ، مەن تازا ئوبدان بىلىمەن . ئارتۇق كەلگىنى ئاشۇلاردىكى ئىنساپ ،ئاشۇلاردىكى ئىنسانى مېھىر-مۇھاببەتتۇر خالاس! ئۇنىڭ ئالدىدا بىرەيلەنمۇ 1000 يۈەن بەرگەن . ئۇنى بىر نامىرات يېزىدىكى يىتىم قىز بالىغا ياردەم بولسۇن دەپ ، شۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرىغا يەتكۈزۈپ بەرگەن ، ئەمدى خۇدا بۇيرىسا ئاۋۇ 1500 يۈەن پۇلنى يەتكۈزۈپ بېرىمەن ، ئۇنۇڭغىچە ئۇكام ئوغلىنىڭ خەتنە تويىنى قىلماقچى، ئۇنۇڭدىنغۇ ئالمساممۇ 2000 يۈەن ئالىمەن . ئۇلارمۇ كەچلىك ‹ تانسا كېچىلىگى› نى قىلمايدىغان بولدى .
بەزەنلەر بەزى ئىشلارنى توسۇپ قالغىنى بىلەن ، يۈرەكتىكى مېھىر-مۇھاببەتنى توسۇيالمايدۇ ئاخىر !!!
ئاخىرىدا مۇشۇنداق مېھىر-مۇھاببەتلىك كىشىلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ ئاۋۇشىنى ، ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى تىلەيمەن !
يەنە دەيدىغىنىم ،بىزدە دوكتۇر ، پىرافىسور ، مىليونىر -تىرليونېرلار 10000000 لارچە بولسىمۇ بىر- بىرىگە كىچىككىنە مېھرى كىچىككىنە مۇھاببىتى بوممىسا بەرىبىر ! شۇڭا ئىمزايىمغا ‹‹ مېھىر-مۇھاببەت بولمىسا بېكار ›› دەپ يېزىۋالغانمەن !