ozhal يوللانغان ۋاقتى 2012-2-18 18:01:31

كىم ئىتوت يىزىپ باقىدۇ

يىقىنىدا شىنجاڭ سەنئىتى ژۇرننىلنىڭ ئىتوت مۇسابىقىسى بۇلىدىغانلىغى ھەققىدە بىر ئۇچۇ ئىلان قىلىنىپ مىنى بەكلا خۇشال قىلدى . بىر چاغلاردا جەۋلان قاتارلىق بىر نەچچە تورداشلار ئىتوت يازغان ھەم سەھنىگە ئىلىپ چىقسا بولغىدەك ياخشى تىمىلار ئوتتۇرغا تاشلانغان ئىدى . ئىزدىنىشتە خىلى قەلىمى پىشقان دوسىتلار بار . شۇڭا ئىمكان بولسا يىزىپ باقساڭلار ياكى بىرەر ۋەقەنى ئوتتۇرغا تاشلىساڭلار شۇنى ئىتوت قىلىپ باقمايلىمۇ ؟ ئىزدىنىشنىڭ ئىتوت ۋە سەنئەت ئەسەرلىرىگە بولغان تەلپى خىلى يۇقۇرى دەپپ قارايمەن . مۇكەممەل ئىتوت بولمىغاندىمۇ  بىرەر ۋەقەنى ئىتوت بۇلىدۇ دەپ قارىساڭلار شۇنى تاشلاپ باقساڭلار يا شىنجاڭ سەنئىتىنىڭ ئىتوت مۇسابقىىسىگە تاپشۇرارمىز ياكى بولمىسا بىرەر كېچىلىك بۇلۇپ قالسا شۇنىڭغا ئىشلىتەرمىز قانداق دىمىدىم . ئەگەر ئەسەر ياخشى بولسا پۇلى نەخ . كېچىلىكلەر بەكلا جىق بۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ . ھازىر ئاتالغانلارمۇ يىزىپ ئۈلگۈرەلمەيۋاتىدۇ دىسەكمۇ بۇلىدۇ . بۇ جەھەتتە ئىھتىياج زور شۇڭا ئۆزىنى سىناپ باقماقچى بولغان دوسىتلارغا بىر سەھنە ھازىرلانسۇن دەپ ئويلاپ شۇڭا بۇ تىمىنى يوللىدۇم . مۈمكىن بولسا مۇكەممەل دەپ قارىغان ئىتوت بولسا كېچىلىككە ئىشلىتىشتىن تارتىپ مەن ئىگە بۇلۇپ پۇلۇڭلارنى ئىلىپ بىرىمەن .


uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-18 18:45:36

بەزىلەرنىڭ كاللىسىدا ۋەقەلىك بولسىمۇ ئۇنى قانداق ئۇسۇلدا يېزىشنى بىلمەي بايان شەكلىدە ياكى دىئالوگنىلا يېزىپ قويمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ ،شۇڭا ئىتوت يېزىشنىڭ ئاددى ئۇسۇلىنى بىر تۇنۇشتۇرۋەتمەمسىز...مەسلەن دىئالوگ بىلەن ھەركەت تەسۋىرىنى قانداق بىرلەشتۈرۈش دىگەندەك...

Marshal يوللانغان ۋاقتى 2012-2-18 18:52:54

مېنىڭ بەك يېزىپ باققۇم بار،لېكىن،ۋەقەلىكنى باغلاشتۇرالماي قېلىشتىن بەك ئەنسىرەيمەن! \"\"

fahru23 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-18 19:29:36

uqkun1دىگەندەك قىلىڭلا ... مەندىمۇ بىرقانچە ئىتۇتقا ئەرزىگۈدەك خام ماتىريال بار . لېكىن ئىتوتنى قانداق شەكىلدە يازىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن  \"\"

atella يوللانغان ۋاقتى 2012-2-18 19:32:13

مەنمۇ ئالدىمىزدا كېلدىغان نورۇز بايرىمغا ئاتاپ بىر ئىتوت يېزىىپ ئوقۇغۇچىلارنى ئوينىتىپ باقاي دېگەن...

سىلەر ئۇچىرىغان ۋە ئاڭلىغان «ئوقۇغۇچىلار تۇرمۇشى،ساۋاقداشلىق، ئاتا-ئانا بلەن بالا ئوتتۇرسدىكى مۇھەببەت، ئوقۇغۇچى بىلەن ئوقۇتقۇچى ئوتتۇرسدىكى مۇناسىۋەت تېما قىلنغان ۋەقەلىك بىلەن تەمىن ئەتسەڭلار...

tirixqan يوللانغان ۋاقتى 2012-2-18 20:47:05

نەخ گەپنى دىيشىلى ، سەھنىگە ئىلىپ چىقىش شەرتىگە توشدىغان بىر ئىتوت نىڭ پۇلى نەچچە پۇل ؟  \"\"

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-2-18 20:52:03

5- قەۋەتتىكى tirixqanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نەخ گەپنى دىيشىلى ، سەھنىگە ئىلىپ چىقىش شەرتىگە توشدىغان بىر ئىتوت نىڭ پۇلى نەچچە پۇل ؟  \"\"  

بىلىشىمچە بىر ناخشا تېكىستىنىڭ پۇلۇ 100 يۈەندىن 500 يۈەنگىچە. دەرۋەقە بىر ناخشىنى 50 يىل ئېيتسا يېڭى، لېكىن بىر ئىتوتنى ئىككى قېتىم ئوينىسا كونا بولغاندىكىن...\"\" ئۆزەڭلا ئويلاڭلا جۇما\"\"

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-18 22:05:53

«ئاخۇنۇمنى يىغلاتقان نىكاھ »دېگەن شئېرىمنى ئىتوت قىلىپ ئورۇنلاپ چۈشەپ قاپتىكەنمەن  بىركۈنى مەس يېتىپ قېلىپ . \"\"

kaldi~katti يوللانغان ۋاقتى 2012-2-18 22:11:14

ماۋۇمۇ شۇ ئىتوت مۇسابىقىسىدە ئورۇنلانغان ئىتوت ئوخشايدۇ!


yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-2-18 22:46:15

7- قەۋەتتىكى wapadarim912نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

«ئاخۇنۇمنى يىغلاتقان نىكاھ »دېگەن شئېرىمنى ئىتوت قىلىپ ئورۇنلاپ چۈشەپ قاپتىكەنمەن  بىركۈنى مەس يېتىپ قېلىپ . \"\"  

بۇ بولىدىغان گەپ ئىكەنغۇ؟

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-2-18 22:58:48

8- قەۋەتتىكى kaldi~kattiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ماۋۇمۇ شۇ ئىتوت مۇسابىقىسىدە ئورۇنلانغان ئىتوت ئوخشايدۇ!




خەۋەردەكلا.

zimin00 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-18 23:15:52

ئۇتكەندە دۇكان ئاچىدىغان بىر قىزىقچى تۇنۇشىمىز مۇنداق بىر پاراڭ قىلىپ بەرگەن ئىدى ،،،ئۇنىڭ دۇكان ئاچقان يەردە ئاممىۋى تىلفۇن بەك قىسى ئىكەن ،بەزى كىشىلەر ئۇنىڭ دۇكىندىكى ئاممىۋى تىلفۇندا ئۇزۇندىن ئۇزۇن پاراڭ قىلىپ جىددى ئىشى بارلار تىلفۇن ئۇرۇش ئۇچرىتىنى ساقلاپ جىلى بۇلوپ كىتىدىكەن ،تۇنۇشىمىز تىلفۇندا پاراڭلشىدىغانلار پاراڭلشىدىغان ۋاقتى بەش مىنۇتتىن ئىشىپ كەتسە مەجبۇرى  بىر دانە پىششىق تۇخۇم ئىلىپ يەيدۇ دىگەن تۇزۇمنى قۇللىنپتىكەن ،،بىر ياش بالا قىز دۇستى بىلەن پاراڭلىشىمەن دەپ ئۇن تۇخۇمنى يەۋىتىپتۇ ،تىلفۇن ئۇرۇدىغانلار ئىچىدە ئاجايىپ غارايىپ مىجەزلىك كىشىلەر بۇلوپ ئۇلارنىڭ گەپ سۇز ھەركەتلىرىنى دۇراپ بەرگەن ،،بۇ ئىشلارنى تىلفۇنخانىدا دەپ بىر  ئىپزۇت قىلىپ يازسا بۇلىدىكەن دەپ ئۇيلىغان ئىدىم لىكىن مەن يازالمايمەندە..،،،  {:106:}

Capslock يوللانغان ۋاقتى 2012-2-19 02:57:47

ئوستىدىكى ئىتوت ئەمما ئىتوتتەكلا ئىتوتكەن، كۇلۇپ نەچچە قېتىم ھۇشۇمدىن كەتتىم.

Jeck يوللانغان ۋاقتى 2012-2-19 06:56:18

خوتەننىڭ سەنئەت ئەھلى پارتىيە ياخشى، دەۋر ياخشى دەپ ئىتوت ناخشا ئېيتىشتىن باشقىنى بىلمەمدىكى. ئەقلىمنى تاپسام شۇنداكەن، ھازىرمۇ شۇ.

Jeck يوللانغان ۋاقتى 2012-2-19 06:57:56

ئاخۇنۇمنى يىغلاتقان نىكاھ دىگەننى ئابدۇكېرىم ئابلىز پىششىقلاپ ئىشلەپ چىققان بولسا تۈزۈك ئىتوت بولۇپ قالىتتى.

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-19 14:53:51

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-2-19 15:36:03

13- قەۋەتتىكى jeckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خوتەننىڭ سەنئەت ئەھلى پارتىيە ياخشى، دەۋر ياخشى دەپ ئىتوت ناخشا ئېيتىشتىن باشقىنى بىلمەمدىكى. ئەقلىمنى تاپسام شۇنداكەن، ھازىرمۇ شۇ.



كۆڭلىڭىزنى بۇزماڭ، مۇھەممەتجان بىلەن رۇقىيە يېتىشىپ چىقىۋاتىدىغۇ؟\"\"

Jeck يوللانغان ۋاقتى 2012-2-20 11:32:17

مۇھەممەتجان بىلەن رۇقىيە?

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2012-2-20 11:44:47

ئىتوت بولا مۇشىنچىلىك بولا ھە باللا،قالتىسكەن.

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2012-2-20 14:39:23

ئەمسە ۋەقەنى ئوتتۇرىغا تاشلاڭلار . مەن نەخ مەيداندا بىر تەرەپ قىلاي
بەت: [1]
: كىم ئىتوت يىزىپ باقىدۇ