suzuk يوللانغان ۋاقتى 2012-2-18 17:11:32

قان تىپى ۋە سىز[تەرجىمە]

كۆڭۈل ئېچىش خارەكتېرىدىكى تېما، قىززىقارلىق بىلىنىپ تەرجىمە قىلىپ قويدۇم


بىرىنچى،يالغان سۆزلەشكە ئەڭ ئۇستا قان تىپى :


1. ئەلۋەتتە ئو قان تىپىدىكىلەر، ئو قان تىپىدىكىلەرنىڭ يالغان سۆزلىشى تاماق يېيىشىدەكلا تەبىئىي، بىراق قىلغان يالغان سۆزىنى شۇ ھامانبىلىۋالغىلى بولىدۇ


2. ب قان تىپىدىكىلەر. ب قان تىپىدىكىلەر يالغان سۆزلىگىنىنى ھەرگىز ئېتىراپ قىلمايدۇ


3. ئا ب قان تىپىدىكىلەر، ئا ب قان تىپىدىكىلەر بەك ئاز يالغان سۆزلەيدۇ، بىراق يالغان سۆزلەپلا قالسا بىلىۋالماق بەك قىيىن بولىدۇ.


4. ئا قان تىپىدىكلەر.يالغان سۆزلىيەلمەسلىك ئا قان تىپىدىكىلەرنىڭ تەبىئىتىدۇر.



ئىككىنچى، گېپىنىڭ سېسىقلىق دەرىجىسى


1. ئا ب قان تىپىدىكىلەر، ئا ب قان تىپىدىكىلەرنىڭ گېپى سېسىقبولۇپلا قالماستىن، يەنە ئوڭايلىقچە ياخشى گەپ قىلمايدۇ


2. ب قان تىپىدىكىلەرسېسىق گەپ قىلمايدىغان ۋاقتى بەك ئاز.


3. ئا قان تىپىدىكىلەر سېسىق گەپ قىلىشنى بىلمەيدۇ


4. ئو قان تىپىدىكىلەر سېسىق گەپ قىلماسلىق ئۈچۈن بەك تىرىشىدۇ، ئۇلار قىلىپ سالغان سېسىق گېپىدە يامان نىيەت يوق.



ئۈچىنچى، كىتاب ئوقۇشنى ياقتۇرىدىغان قان تىپى


1. ب قان تىپىدىكىلەر، ب قان تىپىدىكىلەرنىڭ تەبىئىي دىققىتىنى يىغىش ئىقتىدارى بار بولۇپ، شۇڭا كىتاب ئوقۇشقا ئامراق


2. ئا قان تىپىدىكىلەر، ئېسىل، پاك سۈپەتكە ئىگە ئا قان تىپىدىكىلەر كىتاب ئوقۇشقا ئامراق كېلىدۇ


3. ئا ب قان تىپىدىكىلەر،چېچىڭلاڭغۇ ئا ب قان تىپىدىكىلەرنىڭ كىتاب ئوقۇش ئارزۇسى يوق


4. ئو قان تىپىدىكىلەر، ئويۇنغا ئامراق ئو قان تىپىدىكىلەرگە نىسبەتەن، كىتاب ئوقۇش كۈلكىلىك ئىش.



تۆتىنچى، كونترول قىلىش ئىستىكىنىڭ كۈچلۈكلىكى


1. ب قان تىپىدىكىلەر، ب قان تىپىدىكىلەرنىڭ كونترول قىلىش ئىستىكىنى ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۆزىمۇ كونترول قىلالمايدۇ


2. ئو قان تىپىدىكىلەر، ئو قان تىپىدىكىلەر ئوڭاي بېرىلىپ كېتىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ كونترول قىلىش ئىستىكى كۈچلۈك


3. ئا قان تىپىدىكىلەر، ئا قان تىپىدىكىلەرنىڭ كونترول قىلىش ئىستىكى يوق دېيەرلىك


4. ئا ب قان تىپىدىكىلەر، ئا ب قان تىپىدىكىلەر باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىشىنى ئۆچ كۆرىدۇ، ئۆزىمۇ باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارىلاشمايدۇ



بەشىنچى،كۆڭۈل قويۇپ ئىش قىلالايدىغانلار


1. ب قان تىپىدىكىلەر، ب قان تىپىدىكىلەرنىڭ تەبىئىي دىققىتىنى يىغىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغاچقا ئىشلارنى بېرىلىپ كۆڭۈل قويۇپ قىلالايدۇ


2. ئو قان تىپىدىكىلەر، ئو قان تىپىدىكىلەر باشقىلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن بولسىمۇ كۆڭۈل قويۇپ ئىش قىلىدۇ


3. ئا قان تىپىدىكىلەر، ئا قان تىپىدىكىلەر مەسىلە چىققاندا ئاندىن كۆڭۈل قويۇپ ئىشلەشنى ئېسىگە ئالىدۇ


4. ئا ب قان تىپىدىكىلەر، ئا ب قان تىپىدىكىلەر ئۆزلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئىش قىلدىم دەپ ئويلايدۇ، بىراق باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئۇلار يەنىلا تەرتىپسىز، چېچىلاڭغۇ.



ئالتىنچى، نۇتۇق ئىقتىدارى


1. ئو قان تىپىدىكىلەر، ئو قان تىپىدىكىلەر ھېكايە سۆزلەشكە ئامراق، ئۇلارنىڭ تەبىئىي نۇتۇق قابىلىيىتى بار


2. ب قان تىپىدىكىلەر، ب قان تىپىدىكىلەر ئېدىتلىق سۆزلەيدۇ


3. ئاب قان تىپىدىكىلەر، دۋراڭ سېلىش ئۈچۈن بولسىمۇ سۆزلەپ باقىدۇ،ئاۋال تېزىس تۈزىۋالىدۇ


4. ئا قان تىپىدىكىلەرداۋراڭ سېلىشنىڭ ھاجىتى يوق، باشقىلار سالغان داۋراڭنىڭ مەن بىلەن ئالاقىسى يوق دەپ ئويلايدۇ



يەتتىنچى، ئوماقلىق دەرىجىسى


1. ئو قان تىپىدىكىلەرنىڭ ئارىسىدا ئوماق، قونچاققا ئوخشايدىغانلار كۆپ چىقىدۇ


2. ئا قان تىپىدىكىلەر، ئۇلارنى ئوماق دېگەندىن، چىرايلىق ياكى كېلىشكەن دېيىش مۇۋاپىقراق


3. ب قان تىپىدىكىلەر، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەخمەقرەك ، قوپالراقلىرى كۆپ


4. ئا ب قان تىپىدىكىلەر، ئۇلار ئوماقمۇ ئەمەس، چىرايلىقمۇ ئەمەس، بىراق ئەرلىك ياكى ئاياللىق پۇرىقى كۈچلۈك.



سەككىزىنچى، يۈزى قېلىنلىق دەرىجىسى


1. ب قان تىپىدىكىلەر


2. ئا ب قان تىپىدىكىلەرنىڭ يۈزى ئازراق قېلىن


3. ئا قان تىپىدىكىلەر يۈز قېلىنلىقتىن خېلى يىراق


4. ئو قان تىپىدىكىلەر يۈزى قېلىن بولاي دەپمۇ بولالمايدىغانلار



توققۇزىنچى، سىر ساقلاش دەرىجىسى


1. ئو قان تىپىدىكىلەر، ئو قان تىپىدىكىلەرنىڭ ئىچىدە گەپ ياتمايدۇ، ئىشىلىرىمنى باشقىلار بىلمەي قالمىسىكەن دەيدۇ


1. ب قان تىپىدىكىلەر (ئو قان تىپى بىلەن تەڭ بىرىنچى رەتتە) بەكلا تۈز، گەپ ياتمايدۇ


2. ئا قان تىپىدىكىلەر، ۋاقىت ئۇزارسا ھەرقانداق سىرىنى دەپ سالىدۇ


3. ئا ب قان تىپىدىكىلەر، سىر بولغۇدەك ئىشىمۇ يوق، دېگۈدەك سىرىمۇ يوق

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-2-18 17:25:43

suzukنىڭ تېمىسىدىن نەقىل

توققۇزىنچى، سىر ساقلاش دەرىجىسى


1. ئو قان تىپىدىكىلەر، ئو قان تىپىدىكىلەرنىڭ ئىچىدە گەپ ياتمايدۇ، ئىشىلىرىمنى باشقىلار بىلمەي قالمىسىكەن دەيدۇ


1. ب قان تىپىدىكىلەر (ئو قان تىپى بىلەن تەڭ بىرىنچى رەتتە) بەكلا تۈز، گەپ ياتمايدۇ


2. ئا قان تىپىدىكىلەر، ۋاقىت ئۇزارسا ھەرقانداق سىرىنى دەپ سالىدۇ


3. ئا ب قان تىپىدىكىلەر، سىر بولغۇدەك ئىشىمۇ يوق، دېگۈدەك سىرىمۇ يوق



دۇنيادا سىر ساقلىيالايدىغان ئادەم يوقمۇ نېمە؟

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-2-18 17:30:06

ئۆزەمگە تەدبىقلاپ باقسام توغرىلىقنى 50% كىمۇ يەتمەيدىغاندەك ھېس قىلدىم.

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2012-2-18 17:31:57

ھېچقىسى يوق، مەن ئۆزەمگە تەدبىقلىسام توغرىلىقى 30% گىمۇ يەتمىدى

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-18 17:43:43

tuman1 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-18 17:50:33

نىسبەتەن توغراچىقىدۇ ...............بىر كىتاپتا ياپونىيەنى دۇنيادىكى ئا قان تىپلىقلارئەڭ كۆپ رايون دەپتىكەن ،جۇخار گۈلى ۋەن شەمشەر دىگەن كىتاپمۇ ئىشقىلىپ،،ياپونلارنىڭ خاراكتىرىنى تەھلىل قىلغانداقان تىپى بىلەن مىجەز خاراكتىرنىڭ مۇناسىۋىتنىمۇ تىلغا ئاپتىكەنمىش.......ئېنىق ئېسىمدە يوق ..



بىر چاغلاردا مۇشۇنداق كىتاپلارنى جىق ئوقۇپ كىتىپتۇنۇشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قان تىپىنى سوراپ تەتقىق قىلدىغان بوپ كىتىپتىكەنمەن \"\"



بىرەرسى بىلەن ئازراق پاراڭلاشساملا قان تىپىىنى بىلىۋالاتتىم ،.سورىسام توغرا چىقاتتى ..

ئا قان تىپلىقلار ىىر ئىشقا ئاسان قارار چىقىرالمايدۇ ،تىپىك ۋەدىسىدە تۇرىدىغانلاردىن بولغاچقا قارار چىقارساخاتا بولسىمۇ يېنىۋالالمايدۇ ،،،سىناقتىن ئۆتكەن كۆز قاراش

tuman1 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-18 17:54:32

@esma0999مەن بىر پەرەز قىلىپ باقاي ھە..،رۇسلانبەينىڭ ئا ب

،،سىزنىڭئو.......مۇنبەردىكى گەپ سۆزۈڭلاردىن شۇنداراق ھېس قىلدىم ،خاتا بوپ قالسا مەن ناماقۇل

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2012-2-18 17:59:50

6- قەۋەتتىكى tuman1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

@esma0999مەن بىر پەرەز قىلىپ باقاي ھە..،رۇسلانبەينىڭ ئا ب

،،سىزنىڭ ئو .......مۇنبەردىكى گەپ سۆزۈڭلاردىن شۇنداراق ھېس قىلدىم ،خاتا بوپ قالسا مەن ناماقۇل

مېنىڭكىنى پەرەز قىلىپ بېقىڭە

matu يوللانغان ۋاقتى 2012-2-18 18:06:22

مەن ئا.{:92:}

ay2147 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-18 18:10:45

مەن ئوزەمنىڭ قان تىپىنىمۇ بىلمەيمەن تىخى.ماۋۇيازمىدىكى گەپ سوزلەرگە قارىسام مىنىڭ قان تىپىمAغىمۇBغىمۇچۈشىدىغاندەك تۇرىدۇ،لىكىنOقەتئى ئەمەسكەن.

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-18 18:13:07

مەن ئاقان تىپلىق مۇنبەردە ئا قان تىپلىقلار خېلى كۆپمۇ نىمە

Poe يوللانغان ۋاقتى 2012-2-18 18:17:53

مەن abتىپلىق.

tuman1 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-18 18:25:13

@suzukئەمىسەچچ رىمغاكىرىڭەجىق ئەمەس 10 مىنۇتتىن كىيىن دەپ بىرىمەن

@matuباي سىلى بەك تىپىك ئا قان تىپلىق .

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2012-2-18 18:27:41

مېنىڭ %100 توغرا چىقتى

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-2-18 18:30:07

مەن غ قان تىپى \"\"

يالغان ئېيىتسا ئاسان بىلىۋالىدۇ دەپ راسمىنىمە \"\"

dunyajan يوللانغان ۋاقتى 2012-2-18 18:30:56

ئۆزىنىڭ قانتىپىنى بىلمەيدىغانلاردىن ئىزدىنىشتا مەنلا بارمىكىن دىسەم قوشنامدىن بىرسى چىقىپتۇدە...

مەن قارىسام ئا قان تىپقا كىرىدىغان ئوخشايمەن.{:92:}

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-2-18 18:40:10

ئەرەبىستاندىكى بىلىگ ئەپەندىنىمۇ ئا قان تىپلىقمىكىن دەيمەن.

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2012-2-18 18:59:19

مەن يۈزدە يۈز توغرا 0 قان تىپلىق ئىكەنمەن، بۈگۈن تېخىمۇ ئىشەندىم.

xjks يوللانغان ۋاقتى 2012-2-18 19:13:55

مەن ب قان تىپلىق بىر بىرگە پەقەت ماس كەلمەپتۇ .بولوپمۇ بۇ

سەككىزىنچى، يۈزى قېلىنلىق دەرىجىسى



1. ب قان تىپىدىكىلەر



2. ئا ب قان تىپىدىكىلەرنىڭ يۈزى ئازراق قېلىن



3. ئا قان تىپىدىكىلەر يۈز قېلىنلىقتىن خېلى يىراق



4. ئو قان تىپىدىكىلەر يۈزى قېلىن بولاي دەپمۇ بولالمايدىغانلار


baturkorxat يوللانغان ۋاقتى 2012-2-18 20:24:21

مېنىڭ قان تىپىم يوقكىنا؟
بەت: [1] 2 3
: قان تىپى ۋە سىز[تەرجىمە]