niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2012-2-17 13:48:07

مەھمۇت سىجاڭنىڭ چەتكە چىقىپ كېتىشى،ئابدۇنىياز كامالنىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرى

مەھمۇت سىجاڭنىڭ چەتكە چىقىپ كېتىشى،ئابدۇنىياز كامالنىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرى




  


ئابلەت ئابباس   (قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىلىك تەزكىرە ئىشخانىسىدىن)



    مەن قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى توغرىسىدا بىر نەرسە يېزىش مۇددىئاسى بىلەن ئىزدىنىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ۋەقەشۇناس پېشقەدەملەر ئاغزىدىن يېڭىشەھەر ناھىيە بازىرى كونا بازار كۆۋرۈك بېشىدا ئولتۇرۇشلۇق مۇھەممەت سەلەينىڭ يۇرتىمىز تارىخىدا تىللاردا داستان بولۇپ كېلىۋاتقان قۇمۇل ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىدە قەشقەردە كۆتۈرۈلگەن ئىنقىلابلارغا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ماڭا تونۇش ھەم ناتونۇش بولغان بۇ مويسىپىت بىلەن كۆرۈشۈپ ئوڭايلا چىقىشىپ كەتتۇق. مېنى ئۇنىڭ خاتىرىسىنىڭ ساپلىقى، نۇرغۇن ئىشلارنى بىلىدىغانلىقى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ بەزى مۇھىم ئىشلارنىڭ شاھىدى ئىكەنلىكى تولىمۇ خۇش قىلدى. شۇنىڭ بىلەن مەن «يەتمىش كەتمىش، سەكسەن يوقسەن» دېگەندەك كۈنسايىن ئازلاپ كېتىۋاتقان ۋەقەشۇناس تىرىك شاھىدلارنىڭ بىرى بولغان بۇ مويسىپىتنىڭ پېشىگە چىڭ ئېسىلدىم ۋە نەچچە قېتىملاپ سۆھبەت قۇردۇم. سىلەرگە تەقدىم قىلىنىۋاتقان بۇ ئەسلىمە ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرى ۋە كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرى ئىچىدىكى مەھمۇت مۇھىتى ۋە ئابدۇنىياز كاماللارغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىشلاردىن رەتلىنىپ، 1989 - يىل 12 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئەسلىمىنىڭ ئىگىسى مۇھەممەت سەلەي ئۆز قەلىمى بىلەن ئىمزا قويغان ماتېرىيالدۇر.


ئەسكەر بولۇش


مەن بۇيىل توپتوغرا 76 ياشقا كىردىم، دادام كۇچالىق، ئانام يېڭىشەھەر خانئېرىقلىق ئىدى. مەن يېڭىشەھەر بازار ئىچىدە تۇغۇلغانىكەنمەن. دادام شەنيامۇلدا يايى ئىدى. مەن يېڭىشەھەردە دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ يۈرگەن چاغلىرىمدا قىرغىز ئوسمان تۇڭلىڭ قەشقەر كونا شەھەرنى ئىشغال قىلدى. ئارقىدىنلا تۆمۈر سىجاڭ پەيزاۋاتتىن كېلىپ، يېڭىشەھەر بارىن يولى ئارقىلىق غەجەكتىن ئۆتۈپ قەشقەر كونا شەھەرگە كىرىپ كەتتى.


تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئەسكەرلىرى ئاتلىق ئىككىدىن قاتار بولۇپ، بارىن يولىدىن ئۆتكەندە مەنمۇ يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدا سانجاق - سانجاق تۇرۇپ كەتكەن كىشىلەر قاتارىدا قىستىلىپ يۈرۈپ ئۇلارنى كۆرگەنىدىم. تۆمۈر سىجاڭ ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى ئۆتۈپ بولغىچە يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى خەلق «ئامىن، ئامىن» دەپ توۋلاپ دۇئا قىلىپ تۇردى. بۇ خەلق ئاممىسىنىڭ ئۇلارغا نۇسرەت تىلىگەنلىكى، ياشىسۇن دېگەنلىكى ئىدى. شۇ چاغدىكى كەيپىيات شۇنداق تەسىرلىك ئىدىكى، ياشانغانلار ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالالماي بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتكەنىدى. مەندە شۇ چاغدىن باشلاپ ئەسكەر بولۇش ئىستىكى تۇغۇلغانىدى. ئېسىمدە قېلىشىچە، شۇ چاغدا ھاۋا ئىسسىپ قالغان كۈنلەر بولغاچقا يالاڭ ئاياق ئىدىم. كېيىن ئۇقسام، شۇ كۈنى ئوسمان تۇڭلىڭ قەشقەر كاتتىلىرى ۋە نەچچە يۈز ھۈرمەت قاراۋۇلىنىڭ ھەمراھلىقىدا يېڭىشەھەرنىڭ ئاراباغ دېگەن يېرىگە تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئىستىقبالىغا چىققانىكەن. كېيىن تۆمۈر سىجاڭنى تۇڭگان گامازا ئۆلتۈرۈپ، بېشىنى كېسىپ قەشقەر كوناشەھەر ۋە يېڭىشەھەر كوچىلىرىدا سازايى قىلدى. گامازا مەرھۇم تۆمۈر سىجاڭنىڭ كەكە ساقىلىدىن كۆتۈرۈۋېلىپ «تيېمۇردى توۋ گېدياۋلا» دەپ توۋلاپ يېڭىشەھەر كوچىلىرىدا تېرىسىگە سىغماي قالغانىدى.


تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى يېڭىشەھەردە تۇڭگانلارغا قارشى ئوت ئاچتى. شۇ يىلى قىشتا خوجا نىياز ھاجى، مەھمۇت سىجاڭلار قەشقەرگە كەلدى. قۇربان ھېيىت كېلىشتىن ئۈچ كۈن ئىلگىرى دادادم مېنى كەينىگە سېلىپ، قەشقەر قۇمدەرۋازىدىكى بىر سارايغا باشلاپ كىرىپ، كەمچەت تۇماقلىق سۆلەتلىك بىر كىشىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىردى. شۇ كۈنى ئازراق قار ئۇچقۇنداۋاتاتتى. ھېلىقى كىشى مۆيدىن تۇەنجاڭ ئىكەن. بىز ئۇ كىشىگە ئەدەب بىلەن سالام بەردۇق. ئۇ سالىمىمىزنى ئىلىك ئېلىپ دادامدىن «سىز قەيەرلىك» دەپ سورىدى. دادام «مەن كۇچالىق» دەپ جاۋاب بەردى. مۆيدىن تۇەنجاڭمۇ كۇچالىق بولۇپ، ئەسلىدە تۇماقچى ئىكەن. ئۇ كىشى ماڭا بىر قۇر نەزەر تاشلاپ «بۇ بالا ئەسكەرلىككە يارايدىغان بالا ئىكەن، ماڭا بېرەمسىز؟» دېۋىدى، دادام دەرھاللا «مانا بالا، ئۆزلىرىگە تۇتتۇم» دېدى. يۈرەكلىرىم ئويناپ كەتتى. شۇ كۈندىن باشلاپ مەن ئەسكەر بولۇپ قالدىم. شۇ چاغدا مەن 19 ياشلاردا بولۇپ، ناھايىتى ئۇستىخانلىق، بەستلىك يىگىت ئىدىم.


مەن ئەسكەر بولۇپ ئەتىسى مۆيدىن تۇەنجاڭ يۈزدەك ئەسكەر بىلەن يېڭىشەھەر ئۇرۇشىغا چىقماقچى بولدى. مەن يېڭىشەھەرلىك بولغاچقا ئۇلارغا يول باشلىدىم.مەن ئۇلارنى باشلاپ غەجەكتىن ئۆتۈپ، مامۇتخان پاتچىم تەرەپتىن ئايلىنىپ قىچىچى دېگەن يۇرتنىڭ ئويچاڭزا دېگەن يېرىگە باشلاپ كەلدىم. چۈنكى يېڭىشەھەرگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان قىسىملارنىڭ قوماندانلىق شىتابى ئويچاڭزىغا ئورۇنلاشقان ئىكەن. بىز ئويچاڭزىغا يېتىپ كەلگەندە مازىخۇي ئەسكەرلىرىنىڭ يېڭىشەھەر قەلئەسىدىن ئاتقان توپ ئوقلىرى ئۇ يەر بۇ يەرگە چۈشۈۋاتقان، ناھايىتى بەستلىك بىر ئادەم تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ كۆزىگە بىر نەرسە تۇتۇپ شەھەر تەرەپكە قاراپ تۇرغان ئىكەن. مەن قىزىقسىنىپ يېنىمدىكىلەردىن «ئۇ كىم، كۆزىگە تۇتۇپ تۇرغىنى نېمە؟» دەپ سورىدىم. يېنىمدىكى بىرەيلەن «سەن تېخى بىلمەمسەن، مەھمۇت سىجاڭ دېگەن كىشى شۇ، كۆزىگە تۇتۇپ تۇرغىنى دۇربۇن» دېدى. دېمەك، مېنىڭ مەھمۇت سىجاڭ بىلەن دۇربۇن (گەرچە دۇربۇننىڭ نېمىلىكىنى بىلمىگەن بولساممۇ)نى شۇ يەردە تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم ئىدى.


شۇنىڭدىن باشلاپ مەنمۇ يېڭىشەھەر ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ كەتتىم. شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۈن نىسپىدىن ئاشقاندا بىز بۇيرۇق بويىچە سېپىلغا ئېگىز شوتىلارنى قويۇپ، تىۋىش چىقارماي تەرەپ - تەرەپتىن چىقىشقا باشلىدۇق. ئالدىدىكىلەر سېپىلغا چىقىشقا ئاز قالغاندا پەستتىن ئۇشتۇمتۇت «پاڭ» قىلىپ ئوق چىقىپ قالدى. نەتىجىدە دۈشمەننىڭ بىخىرامان ئۇخلاپياتقان قاراۋۇللىرى ئويغىنىپ كېتىپ بىزنى پىلىموتقا تۇتتى. شۇنىڭ بىلەن گازارمىلىرىدا ئۇخلاپ ياتقان دۈشمەنلەر چۇۋۇلۇپ چىقىپ ھەش - پەش دېگۈچە سېپىلغا ئورۇنلىشىپ مۇداپىئەنى كۈچەيتىۋالدى. سېپىلغا چىقىۋاتقان ئەسكەرلەر ئۈجمىدەك تۆكۈلۈپ كەتتى. بىر قىسمىمىز ئامان قالدۇق. كېيىن ئۇقساق، مازىخۇيغا سېتىلغان يېڭىشەھەرنىڭ بازار بېگى ئۆمەربەگنىڭ جاسۇسى ئوق چىقىرىپ دۈشمەنگە شەپە بەرگەن يەرنىڭ نەق ئۆزىدە قولغا چۈشۈپتۇ. بۇ مۇناپىق سوراقتا باشلىقى ئۆمەربەگ، بارىنلىق تۇردى چوڭ دېگەنلەرنى پاش قىپتۇ. ئەگەر شۇ كۈنى ئۆمەربەگنىڭ خائىنلىقى بولمىغىنىدا، يېڭىشەھەر قەلئەسىنى خۇددى تاۋاقتىكى تەييار ئاشتەكلا قولىمىزغا ئالغان بولاتتتۇق. شۇنىڭدىن كېيىن يېڭىشەھەر مۇداپىئەسى ئىلگىرىكىدىن نەچچە ھەسسە چىڭىپ كەتتى. دۈشمەن تاڭ ئاتقىچە ئۇخلىمايدىغان، سېپىل ئۈستىدىن چۈشمەيدىغان بولۇپ كەتتى.


بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، خائىن ئۆمەربەگ، تۇردى چوڭ، مازىخۇينىڭ جاسۇسى ئارا قىچىچىلىق سەپەر دىۋانە(بۇ كەسپىي دىۋانە بولۇپ، مازىخۇينىڭ ئاقسۇدىكى تۇڭگان قىسىملىرىغا يازغان خېتىنى ئېلىپ كېتىۋېتىپ، ئاقسۇ يولىدا بىزنىڭ قىسىملارنىڭ قولىغا چۈشكەن) ئۈچىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ، كونا شەھەر ھېيتگاھ مەيدانىدا دارغا ئېسىلدى. ئۇنىڭ كەينىدىنلا ئۈرۈمچىدە ئۇرۇش قىلىپ رۇس ۋە شېڭ شىسەي قوشۇنلىرىدىن يېڭىلگەن تۇڭگانلار قەشقەرگە باستۇرۇپ كەلدى. خوجا نىياز ھاجى بىلەن مەھمۇت سىجاڭلار شەھەر خەلقىنىڭ ئامانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ كونا شەھەردىن چىقىپ كەتتى. مەن ئۆيگە قايتىپ كەتتىم. تۇڭگانلار ئەسكەرسىز قۇرۇق شەھەرگە بىر پاي ئوق ئاتماي كىردى. مېنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئەسكەرلىك ھاياتىم شۇنىڭ بىلەن تۈگىدى.


  مەھمۇت سىجاڭنى ئۇزىتىش


1934 - يىلى يازدا مەھمۇت سىجاڭ قەشقەرگە كېلىپ 6 - دىۋىزىيىگە سىجاڭ بولۇپ، يۇمىلاق شەھەر قورغانچىسىغا ئورۇنلاشقاندا 2 - قېتىم ئەسكەر بولۇپ، 3 - پولك (33 -پولك) قا تەقسىملەندىم. بۇ پولك يېڭىساردا تۇراتتى، پولك كوماندىرىمىز غوپۇر قارى، مۇئاۋىنى تۇرپانلىق ھەمدۇللا دېگەن كىشىلەر ئىدى. مەن 4 - ليەن، 1 - پەي، 1 - بەندە بىرىنچى دەرىجىلىك ئەسكەر ئىدىم. ليەنجاڭىمىز تۇرپانلىق ئابدۇلئەزىز، پەيجاڭىمىز ئاتۇشلۇق ئابلىز، بەنجاڭىمىز تۇرپانلىق يۈسۈپ دېگەن كىشىلەر ئىدى. بىزنىڭ ليەنىمىز پىلىموتچىلار ليەنى بولۇپ، 200 ئەسكەرنىڭ ھەممىسى پولكتىكى ساۋاتلىق ئەسكەرلەر ئارىسىدىن تاللانغانىدى. بۇ ليەن ئەسلىدە مەھمۇت سىجاڭنىڭ تەلەپ - مۇددىئاسى ۋە يۇقىرىنىڭ چوقۇم ئېغىر - يېنىك پىلىموتلارنى سەپلەپ بېرىمىز دېگەن چىرايلىق ۋەدىلىرى بويىچە تەشكىللەنگەنىدى. لېكىن مەھمۇت سىجاڭ چەتكە چىقىپ كەتكىچە ئارىدىن بىر نەچچە يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن شېڭ شىسەي ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىدى، مەھمۇت سىجاڭنىڭ ترىشچانلىقلىرى بىكارغا كەتتى.


6 - دىۋىزىيە قارىمىقىدا  تۆت پولك ئەسكەر بار بولۇپ، ھەممىسى ئاتلىق ئەسكەرلەر ئىدى. بىر پولكتا تۆت ليەن، بىر ليەندە تۆت پەي، بىر پەيدە تۆت بەن ئەسكەر بولاتتى. ئات باقارلار، ھارۋىكەشلەر، زاپخوزلار، ئاشپەزلەر ۋە باشقىلارنى قوشقاندا، بىر پولكتا 1000 غا يېقىن ئادەم بولاتتى.


1937 - يىلى 4 - ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى خۇپتەن بىلەن مەھمۇت سىجاڭ بىر بۆلۈك ئادەملەر بىلەن 33 - پولكقا يېتىپ كەلدى. ئۇ كىشى كېلىپلا 33 - پولكنى جىددىي ھالەتكە ئۆتكۈزۈپ، ئابدۇنىياز كامالنىڭ 1 - ليەنىنى ياپچانغا مۇداپىئەدە تۇرۇشقا ئەۋەتتى. ئارقىدىنلا يېڭىسار ھاكىمى (ئۇيغۇر)، باجخانا باشلىقى (خەنزۇ)، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى(خەنزۇ) نى چاقىرتىپ كېلىپ، پولك شىتابىدا سوراق قىلدى. نېمە دەپ سوراق قىلغانلىقىنى بىلمىدۇق. ئۇزاق ئۆتمەي ھاكىمنى قويۇۋېتىپ، قالغان ئىككەيلەننى پولك شىتابىنىڭ بېغىدا ئاتتۇرىۋېتىپ، ئادەملىرى بىلەن يولغا چىقتى. بىزنىڭ پەيدىكى 40 ئەسكەر يولبويى مەھمۇت سىجاڭنى قوغداپ ماڭدۇق. مەھمۇت سىجاڭ شۇ ئاخشىمى يېڭىساردىن يولغا چىقىپ، قىزىل، كۆك راۋات، كاچۇڭ، چىپقا، پىچان، كۆكيارلاردا قونالغۇ قىلىپ لاداخ يولىغا چۈشتى. كاچۇڭغا كەلگەندە قەشقەر گارنىزونى (قەشقەر گارنىزونىنىڭ ئورنى بۈگۈنكى يېڭىشەھەردىكى جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ ئورنىدا) قورال - ياراق باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىلياس قولىدا كويزا، ئىشەككە مىندۈرۈلۈپ ئىككى پۇتى ئېشەكنىڭ قورسىقى ئاستىدىن شوينا بىلەن چېتىلغان ھالەتتە كەلتۈرۈلدى. ئۇلار قىسقا يول ئارقىلىق ئۇدۇل مېڭىپ كاچۇڭغا كېلىپ مەھمۇت سىجاڭنى كۈتۈپ تۇرغان بولسا كېرەك. بۇ يەر كاچۇڭ جاڭگال بويىدىكى يول ئۈستى بولۇپ، يول بويىدا بىرەر چارەكچە كېلىدىغان يەرگە سېلىنغان بۇرما شەكىللىك پەشتىقى بار بىر قورغانچە بار ئىدى. مەھمۇت سىجاڭ بۇ يەرنى سورىۋېدى، يەرلىك خەلق بەدۆلەتنىڭ قورغىنى دەپ جاۋاپ بېرىشتى. مەھمۇت سىجاڭ شۇ يەردە توختاپ ئىلياسنى كىشەندىن ئازاد قىلىپ «سەن قەيەرلىك؟» دەپ سورىدى. ئىلياس «مەن تۇرپانلىق تەقسىر»دەپ جاۋاب بەردى. «سەن مۇسۇلمانمۇ» دېگەندە ئىلياس «ئەلھەمدۇلىللاھ مۇسۇلمانمەن» دەپ جاۋاب بەردى. مەھمۇت سىجاڭ دەرغەزەپ بولۇپ، «ياق، يالغان، سەن كاپىر، ئەگەر سەن مۇسۇلمان بولساڭ مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلايتتىڭ، مەن مىللىي قىسىملارغا كۆپرەك قورال - ياراق، ئوق - دورا بېرىپ تۇرغىن دېسەم ئاڭلىمىدىڭ ئەمەسمۇ؟! بەدبەخ مانا ئەمدى لازىم بولدى» دېدى. ئىلياس «ليۇ سىلىڭدىن بۇيرۇق بولمىسا قانداق بېرەلەيمەن» دېۋىدى، مەھمۇت سىجاڭ «مەنچۇ؟ مەن نېمە» دەپ سورىدى. ئىلياس «ئۆزلىرىمۇ سىلىڭ» دېدى. مەھمۇت سىجاڭ تېخىمۇ قاتتىق دەرغەزەپكە كېلىپ «ھەي بەدبەخ، مەن بەر دېگەندىكىن بەرسەڭ بولماسمىدى، جاۋابىنى ئۆزۈم بېرەتتىم ئەمەسمۇ. سەن مەلئۇن گېپىمگە كىرمەي ئورۇس كونسۇلى بىلەن ليۇ سىلىڭغا جاسۇسلۇق قىلدىڭ، ئۆز قېرىنداشلىرىڭنى، مىللەت مەنپەئەتىنى ساتتىڭ، ئەمدى ساڭا ئوق زايا كەتكىدەك، قىلىچ بىلەن چېپىش كېرەك» دېدى ۋە ئارقىدىن «خەير بوپتۇ، ئېتىۋېتىڭلار» دەپ بۇيرۇق قىلدى ۋە يەرلىك كىشىلەرگە ئۇنى كۆمۈپ قويۇشنى تاپىلاپ، يولىنى داۋاملاشتۇردى.


بىز كۆكيارغا يېتىپ بارغاندا مەھمۇت سىجاڭ بىزگە خىتاپ قىلىپ«بىز ھىندىستانغا چىقتۇق، مۇددىئايىمىز چەتئەلدىن قورال سېتىۋېلىپ قايتا ئىنقىلاب قىلىش، مەن بىر يىل ئىچىدە قايتىپ كېلىمەن، شۇنىڭغىچە قورالنى قولۇڭلاردا مەھكەم تۇتۇپ تۇرۇڭلار، ئەگەر مەن كەلمەيدىغان بولسام قىيامەت كۈنى قولۇڭلار ياقامدا بولسۇن! ھۆكۈمەتنىڭ يامان كۆرگەن ئادىمى مەن، سىلەرگە ھېچكەپ كەلمەيدۇ، قايتىپ كېتىڭلار» دېدى ۋە سۆزلەپ بولۇپ ھەممىمىزگە پۇل تارقىتىپ بەردى. ئاندىن مەندىن «سەن نەلىك» دەپ سورىۋېدى «مەن قەشقەرلىك» دەپ جاۋاب بەردىم. سىجاڭ يەنە «بىز بىلەن تىبەت چېگرىسىغىچە بىللە بارامسەن؟» دېۋىدى مەن «سىجاڭ ئاتا، دادام ئۆلۈپ كەتكىلى ئىككى ئاي بولدى، دادام جان ئۈزىدىغان چاغدا ئۈچ ئۇكامنى ماڭا تاپشۇرغان» دېيىشىمگە سىجاڭ «ھوي، مەن بۇنى بىلمەپتىمەن، ئۇنداقتا سەن قايتىپ ئۇكىلىرىڭنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئال، ئېتىڭنى بىزگە ئالماشتۇرۇپ بەرگىن» دېدى. مەن دەرھال «ئات ئۆزلىرىنىڭ ئاتا» دەپ ئېتىمنى تۇتتۇم. مېنىڭ ئېتىم پولك بويىچە ناھايىتى زور، كۈچلۈك ئات ئىدى. يەنە بىر ئاتقا ئارتىلغان يۈكلەرنى ئۇنىڭغا ئارتىپ بوشىغان ئاتنى ماڭا بەردى. بىز شۇنداق قىلىپ كۆكياردا مەھمۇت سىجاڭنى ئۇزىتىپ قالدۇق. مەھمۇت سىجاڭ ئاكىسى مۇسۇل ھاجى، تۇرپانلىق باي ئاخۇن ئەزىزى، قەشقەر قىزىلدۆۋىلىك توختى ھاجى، تۇرپانلىق ھەمدۇللا (بۇ ئادەم لاداق يولىنى ئوبدان بىلەتتى) قاتارلىق 30 نەچچە ئادەم بىلەن لاداخ يولىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.


ئابدۇنىياز كامالنىڭ يۈرۈشلىرىگە قاتنىشىش


بىز مەھمۇت سىجاڭدىن ئايرىلىپ كاچۇڭغا كەلسەك، بىزنىڭ 33 - پولك، يەكەندىكى 34 -پولك ۋە قەشقەردىكى 31 -، 32 - پولكلاردىن قېچىپ چىققان بىر قىسىم ئەسكەرلەر ئۇ يەرگە توپلانغان ئىكەن. مويدىن تۇەنجاڭمۇ تۈرمىدىن چىقىرىلىپ، شۇ يەرگە كەلتۈرۈلۈپتۇ. بۇ كىشى شۇ چاغلاردا بىزنىڭ پولكنىڭ تۈرمىسىدە قاماقلىق ئىدى. ئاڭلىشىمىزچە ئۇ كىشى قەشقەردە ئەپيۈن چېكىشنى ئۆگىنىپ قالغاچقا باشتا شىتاب تۈرمىسىگە، كېيىن يېڭىساردىكى 33 - پولك تۈرمىسىگە يۆتكەلگەن ئىكەن.


كاچۇڭدا ئوپىتسېرلار كېڭىشى ئارقىلىق ئابدۇنىياز كامال سىجاڭلىققا، مۆيدىن تۇەنجاڭ مۇئاۋىن سىجاڭ ھەم شىتاب باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى. قوشۇنىمىز كەلپىننىڭ سايۋاغ دېگەن يېرىدە شېڭ شىسەينىڭ ئىككى كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا، تۆت - بەش ئەسكەر تېرەكنىڭ بېشىغا چىقىۋېلىپ بىرىنى سوقۇۋالغان، ئايروپىلاندىكى ئىككى رۇس، ئىككى خەنزۇ ئەسىرگە چۈشكەن. كېيىن مۆيدىن تۇەنجاڭ مۇشۇ ئەسىرلەرنى قويۇۋەتكەن، ھەم سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى شېڭ سىسەيگە ياردەمگە كەلگەندە ئىنقىلابتىن ئۈمىدسىزلىنىپ، مەخپىيەتلىكىمىزنى ئۇلارغا مەلۇم قىلىپ خەت يازغان (بۇ خەت ئابدۇنىياز كامالنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان ئىكەن) دېگەن جىنايەت بىلەن ئاۋات ناھىيىسىنىڭ بەشئېرىق ئۆستەڭ بويىدا ئېتىپ تاشلاندى.


ئابدۇنىياز كامال سىجاڭلىققا كۆتۈرۈلۈپ، ئەسكەرلەرنى 6 - دىۋىزىيىنىڭ شىتاتى بويىچە تۆت پولكقا ئايرىپ تەڭ تەقسىم قىلىپ بولغاندىن كېيىن، دىۋىزىيە بويىچە ھەممەيلەننى يېڭى پولك، ليەنلەر بويىچە كەڭ دالىدا سەپراس قىلىپ، ئۆزى بىر دۆڭنىڭ ئۈستىگە چىقىپ سۆز قىلدى، ئاخىرىدا:«بىز كىم ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىمىز؟» دەپ سورىدى، ھەممىمىز بىردەك «خەلق ئۈچۈن» دەپ جاۋاب بەردۇق. ئۇ يەنە «خەلق بىزنىڭ نېمىمىز؟» دەپ ياندۇرۇپ سورىدى. بىز «خەلق بىزنىڭ ئاتا - ئانىمىز، ئاكا - ئىنىمىز، ھەدە - سىڭلىمىز» دەپ جاۋاب بەردۇق. ئۇ «توغرا، خەلق بىزنىڭ ئاتا - ئانىمىز، ئاكا - ئىنىمىز، ئاچا - سىڭىللىرىمىز، بىز خەلق پەرزەنتى، شۇڭا ئۇرۇشتا خەلقىمىزنىڭ بىر تال يىپ چاغلىق نەرسىسىگىمۇ تېگىشكە، خوتۇن - قىزلارغا چېقىلىشقا بولمايدۇ، كىمدەكىم خىلاپلىق قىلىدىكەن، ھەربىي قانۇن بويىچە ئېتىپ تاشلىنىدۇ» دەپ خىتاپ قىلدى. ئاندىن يېڭى 1 - پولكقا كېچىلەپ يەكەنگە يۈرۈش قىلىپ يەكەننى ئىشغال قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈردى. شۇ چاغدا يەكەندە بىر ليەن خەنزۇ ئەسكەر تۇراتتى، ئۇلار يەكەننى ئۇرۇشمايلا ئۆتكۈزۈپ بەردى.


شۇنىڭدىن كېيىن ئابدۇنىياز كامال يەكەندە شىتاب قۇرۇپ، ماخۇسەن بىلەن بىرلىشىپ شېڭشىسەي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئوت ئاچتى. ماخۇسەننىڭ 36 - دىۋىزىيىسى بىلەن بىزنىڭ 6 - دىۋىزىيە ئۇرۇشقا ئاتلىنىشتىن ئىلگىرى بېشىمىزدىكى فۇراژكىلارنى چۆرۈۋېتىپ، ئاق دوپپا كىيدۇق، بىلەكلىرىمىزگە «فى سەبىلىللا» دەپ خەت يېزىلغان ئاق لاتا باغلىدۇق. 4 - ئايدىن 10 - ئايغىچە شېڭ شىسەي ۋە بىزنى باستۇرۇشقا ياردەمگە كەلگەن سوۋېت ئارمىيىسى بىلەن مەكىت، مارالبېشى، ئاقسۇ، قەشقەرلەردە قانلىق جەڭ قىلدۇق. ماخۇسەن بىلەن بىزنىڭ بىرلەشمە قوشۇننىڭ ھەممىسى ئاق دوپپا كىيگەچكە بۇ ئۇرۇشلار خەلق ئىچىدە «ئاق دوپپىلىقنىڭ يېغىلىقى» دېگەن نام بىلەن تونۇلدى.


بىز يەكەندىن چىقىپ يېڭىسارنىڭ سېدە دېگەن يېرىگە كەلگەندە شېڭ شىسەي ئارمىيىسىنىڭ بىر ئايروپىلانىنى سوقۇۋەتتۇق. شۇ ئايروپىلان يېڭىشەھەرنىڭ تازغۇن يېزىسىدىكى يالغۇز ئۈجمە دېگەن جاڭگالغا چۈشۈپتۇ. كىشىلەرنىڭ ئېيىتىشىچە بۇ ئايروپىلاننى كۆرۈش ئۈچۈن يىراق - يېقىندىن كېلىدىغان ئادەملەرنىڭ ھەپتە كۈنگىچە ئايىقى ئۈزۈلمەي قىزىق بازارغا ئايلانغان ئىكەن.


بىز كۈزگىچە ئاقسۇدا شېڭ شىسەي ئارمىيىسى بىلەن قاتتىق ئۇرۇش قىلىپ شېڭ شىسەي ئارمىيىسىنى خېلى زىيانغا ئۇچراتتۇق، كۈچى يەتمىگەن شېڭ شىسەي ئاخىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ياردەم سورىدى. تانكا، ئايروپىلانلارنىڭ ھىمايىسىدە كەلگەن سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى بىلەن ئاقسۇنىڭ قۇمباش دېگەن يېرىدە قاتتىق سوقۇشتۇق. ئاخىرى ئوقىمىز تۈگەپ كەتتى. بىز يەكەندىن چىقىدىغان چاغدا ھەر بىرىمىزگە 200 تالدىن ئوق بېرىلگەنىدى. بىز كۆپ غەلىبىلىك ئۇرۇشلارنى قىلغان ئىدۇق، بارغانلىكى يەردە پىدائىيلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن سېپىمىزگە ئۈزلۈكسىز قوشۇلۇپ تۇردى. ئاقسۇغا بارغاندا بىزنىڭ پولكنىڭ ئەسكىرى 1500 گە يەتكەنىدى. بىزنىڭ قىزىل ئارمىيە بىلەن تۇتۇشقان ۋاقتىمىز 9 - ئاي مەزگىلى بولۇپ، بىزنىڭ پولكتىلا ئەمەس باشقا پولكلاردىمۇ ئوق - دورا ئۆكسۈپ قالغانىدى. شۇڭا بىز بۇيرۇققا بىنائەن يەكەنگە چېكىنىدىغان بولدۇق. مەكىتكە كەلگەندە بەزى ئەسكەرلەر قېچىپ كەتتى. مەنمۇ مەكىتتىن قېچىپ شېڭ شىسەينىڭ ئەسكەرلىرىگە تۇتۇلۇپ قالدىم. ئۇلار مېنى قورالسىزلاندۇرۇپ سوراق قىلىپ مېنىڭ بىر ئاددىي ئەسكەرلىكىمنى بىلگەندىن كېيىن پەيزاۋات ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى، ئۇ يەردە بىر مەزگىل تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىم ئارىغا نامدار ئادەملەرنى قويۇپ كېپىل بولۇپ تۈرمىدىن چىقىرىۋالدى. كېيىن ئاڭلىسام ئابدۇنىياز كامال ئاخىرىغىچە تىركىشىپ، پەقەت ئامال قالمىغاندا ئەسكەرلىرىنى تارقىۋېتىپ ئۆزى شېڭ شىسەينىڭ قولىغا چۈشۈپ قاپتۇ. بىزنىڭ پولك كوماندىرىمىز ئامىر قوشۇنىمىز مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، تۇتۇق بەرمەي قېچىپ يۈرۈپ، ئاخىرى يېڭىشەھەرنىڭ تازغۇن يېزىسىغا كەلگەندە، تازغۇن كېرەملىلىك ئابدۇرېھىم مەخسۇم دېگەن كىشى ئۇنى ئون نەچچە ئادەم بىلەن قورشىۋاپتۇ، پولك كوماندىرى ئامىرنىڭ پىلىموتىدا ئوق بولسىمۇ لېكىن ئۇلارغا ئوق چىقىرىشنى راۋا كۆرمەپتۇ، ئابدۇرېھىم مەخسۇم ئۇنى يېڭىشەھەر ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىپ مۇكاپات ئاپتۇ.


مېنىڭ ئىككى قېتىم ئەسكەرلىككە ئېلىنىپ سەپتىن چېكىنگەنگە قەدەر كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىم مانا مۇشۇلاردىن ئىبارەت.


خاتىمە ئورنىدا


  مەن بۇ يەردە ئابدۇنىياز كامالنى شېڭ شىسەيگە تۇتۇپ بەرگۈچىلەرنىڭ بىرى بولغان يەنە بىر شاھىتنىڭ ئەسلىمىسىنى مۇھەممەت سەلەينىڭ ئەسلىمىلىرىگە تولۇقلىما قىلىشنى لايىق تاپتىم.


مەزكۇر ئەسلىمىنىڭ ئىگىسى تۇردىيوف سۇلتان ناسىر 1936 - يىلى مەھمۇت سىجاڭ قوماندانلىقىدىكى 6 - دىۋىزىيىنىڭ 31 - پولكىدا ئەسكەر بولغان، مەھمۇت سىجاڭ چەتكە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، قەشقەردە قېلىپ، كېيىن شېڭ شىسەي بىلەن سوۋېتنىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسى  تەركىۋىدىكى ئەخمەت مەخسۇم پولكىنىڭ يۈسۈپ ليەنجاڭ ليەنىدە جەڭچى بولغان ھەمدە شېڭ شىسەي ئۈچۈن قان كېچىپ جانپىدالىق بىلەن ئۇرۇش قىلغان. شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىدىن يۈز ئۆرۈگەندە سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كېتىپ، گېئولوگىيە ئىنژېنېرى بولغان. 50 - يىللاردا ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ ئۈرۈمچى كان ئىدارىسىدە ئىشلىگەن. 60 - يىللاردا ئەكسىلئىنقىلابچى دېگەن قالپاق بىلەن قولغا ئېلىنىپ 18 يىل تۈرمىدە ياتقان.


ئۇنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، 1937 - يىلى 2 - ئاپرىل كۈنى مەھمۇت سىجاڭ قەشقەردىن چىقىپ كېتىشتىن ئىلگىرى شايارلىق مۇئاۋىن پولك كوماندىرى ياقۇپقا قۇرباننىيازنى ئېتىۋېتىپ، 31 -، 32 - پولكلارنى باشلاپ يېڭىسارغا بېرىشنى ئورۇنلاشتۇرغان. مەھمۇت سىجاڭ قەشقەردىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ياقۇپ قۇرباننىيازنى ئاتقان، بىراق ئوق ئۇنىڭ پۇتىغا تېگىپ ئۆلمەي قالغان، قۇرباننىيازمۇ ئۇنى ئېتىپ يارىدار قىلغان. نەتىجىدە ئىككى پولكتىكى ئازغىنە ئەسكەر مەھمۇت سىجاڭنىڭ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرغان پىلانى بويىچە شەھەردىن چىقىپ، يېڭىساردىكى قىسىملارغا قوشۇلغان. قالغانلىرى ئامالسىز قالغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشنىڭ تەكتىنى بىلمىگەچكە قەشقەردە تۇرۇپ قالغان.


1937 - يىل 5 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ئابدۇنىياز كامال قەشقەر كوناشەھەر ئەتراپىغا يېتىپ كېلىپ، ئەتىسى تاڭ سەھەردە يۇمىلاق شەھەر قەلئەسىنى قورشاۋغا ئالغان. شەھەردە قالغان 31 -، 32 - پولكلارغا شېڭ شىسەي تەرىپىدىن مۇۋەققەت سىجاڭلىققا تەيىنلەنگەن قۇرباننىياز ئەسكەرلەرنى سېپىل ئۈستىگە چىقىپ ئابدۇنىياز كامال قىسىملىرىغا زەربە بېرىشكە بۇيرۇغان. ئەسكەرلەر پەستىكىلەرنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئوق چىقارمىغان. بەزىلىرى سېپىلدىن سېرىلىپ چۈشۈپ قارشى تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن. بۇ دەل شېڭ شىسەينىڭ سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ ياردىمىدە ئابدۇنىياز كامال قوشۇنىغا قارشى جازا يۈرۈشى تەشكىللەۋاتقان ۋاقتى بولغاچقا، تەييارلىق پۈتكىچە ئابدۇنىياز كامال، ماخۇسەنلەرنى بىخۇتلاشتۇرۇپ ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرۈش، 31 -، 32 - پولكتىكى ئەسكەرلەرنىڭ قارشى تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن،قەشقەردە تۇرۇشلۇق سوۋېت كونسۇلى ئارىغا كىرىپ قۇرباننىياز باشچىلىقىدىكى 31 -، 32 - پولكنى كوناشەھەرنى بىكارلاپ يېڭىشەھەرگە چىقىپ كېتىش ئارقىلىق ئابدۇنىياز قوشۇنلىرىنىڭ شەھەرگە كىرىپ ئورۇنلىشىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىش توغرىسىدا ماداراچىلىق قىلغان. نەتىجىدە تۇردىيوف سۇلتان ناسىرمۇ يۇقىرىقى ئىككى پولك تەركىۋىدە يېڭىشەھەرگە چىقىپ ئورۇنلاشقان. شۇ يىلى 9 - ئايدا سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ماشىنىلاشقان قىسىملىرى ئەركەشتام، سىمخانا قاتارلىق ئېغىزلاردىن كىرىپ ئابدۇنىياز كامال بىلەن ماخۇسەننىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسىگە ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن شىددەتلىك ھۇجۇم قىلغان. ئاقسۇدا ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئابدۇنىياز دىۋىزىيىسىنىڭ ئوق - دورىلىرى تۈگەپ چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان، قەشقەر فرونتىدىكى ماخۇسەننىڭ بىرىگادا كوماندىرى ما شىڭكۈي 2000 ئەسكەر بىلەن قارشى تەرەپكە تەسلىم بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرلەشمە ئارمىيە پۈتۈن سەپ بويىچە يىمىرىلگەن. سوۋېت - شېڭ شىسەي بىرلەشمە ئارمىيىسى 31- ۋە 32 - پولكتىكى ئۇيغۇر ئەسكەرلەر بىلەن ماشىڭكۈي قىسىملىرىنى ئاۋانگارت قىسىم قىلىپ ئالدىغا سېلىپ ماخۇسەن قىسىملىرىغا قوغلاپ زەربە بەرگەن.


شۇ يىلى 10 - ئايدا تۇردىيوف ناسىرلار يەكەن يېڭىشەھەردە دەم ئېلىپ تۇرغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە يۇقىرىدىن ئابدۇنىياز كامالنى قوغلاپ تۇتۇش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالغان. ئەسلىدە ئابدۇنىياز كامال ئەسكەرلەرنى تارقىتىۋەتكەندىن كېيىن، بىر قانچە ئادىمى بىلەن چەتكە چىقىپ كەتمەكچى بولۇپ چېگرىغا ماڭغاندا، سوۋېتنىڭ رازۋېدكا ئايروپىلانلىرى بايقىۋالغان ئىكەن. بۇيرۇق بويىچە ئاتلانغان يۈسۈپ ليەنجاڭ ليەنى ئاتلىق يولغا چىقىپ كوسراپتىكى بىر جىرا ئىچىدە چۈشكۈن قىلغان ئابدۇنىياز كامالنى قورشاۋغا ئالغان. ئابدۇنىياز كامالنىڭ ھەمرالىرى پىلىموت بىلەن ئۇلارغا ئوت ئاچماقچى بولغاندا ئابدۇنىياز كامال ئۇلارنى توسۇپ، يۈسۈپ ليەنجاڭغا« ئەمدى ئۆزئارا قان تۆكۈشمەيلى، ھېلىمۇ بىزدىن نۇرغۇن قانلار بىھۇدە ئاقتى، ئەگەر سىز بىزگە قوشۇلسىڭىز، بىرلىكتە كەشمىرگە چىقىپ كېتەيلى، ئەسكەرلىرىڭىزدىن خالىغانلار بىز بىلەن بىللە ماڭسۇن» دېگەندە يۈسۈپ ليەنجاڭ«مەن بۇيرۇق بويىچە چىقتىم، مەن سىلەرنى تۇتۇپ يەكەنگە قايتىمەن» دېگەن. قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن ئابدۇنىياز كامال ھەسرەت چېكىپ «توغرا، بۇيرۇق بويىچە چىقتىڭىز، سىز بۈگۈن بۇيرۇق بويىچە مېنى تۇتۇپ بېرىسىز، ئەتە باشقا بىرسى بۇيرۇق بويىچە سىزنى تۇتۇپ بېرىدۇ، بىز قاچانغىچە بىربىرىمىزنى تۇتۇپ بېرەرمىز! ھەي بىزنى خاراپ قىلغان پەيلىمىز، مانا، ئېلىڭ» دەپ قورالىنى يۈسۈپ ليەنجاڭغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. ئۇلار يەكەنگە ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن بىر ئايروپىلان ئۇلارنى ئېلىپ كەتكەن.


دەرۋەقە، ئابدۇنىياز كامالنىڭ ئالدىن بىشارەت بەرگىنىدەك، 1940 - يىلىغا كەلگەندە شېڭ شىسەي قۇرباننىياز، ئەخمەت مەخسۇم، يۈسۈپ ليەنجاڭلارنى ئۈرۈمچىدە قولغا ئېلىپ تۈرمىدە مەخپىي ئۆلتۈرگەن.


مەنبە: "شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى" ژۇرنىلى 2001-يىللىق 4-سان

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-2-19 16:45:03

26- قەۋەتتىكى izdinishezasiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يەنە ئاقسۇ ئەدەبىياتىنىڭ 1986 - يىللىرىدىكى سانلىرىدا ئېزىز ساۋۇت يازغان: مويدىن تۈەنجاڭ، ناملىق پوۋېست شۇ چاغدا ماڭا ياخشى تەسىر بەرگەن. ساقلاپ قويغانلار بار بولسا مۇنبەرگە چىقىرىپ قويساڭلار.

ماۋۇ پوۋىستنىڭ نامىنى مانا ھازىر كۆرۈپتىمەن، تىراژى ئاز بولغىيمىتى؟

zimin00 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-17 15:18:33

30-يىللاردا ئىچكىردە ماۋزىدۇڭ رەھبەرلىكىدىكى قىزىل ئارمىيە گۇمىنداڭ ئەكسىيەتچلىرنىڭ قايتا -قايتا قۇزغىىغان قۇرشاپ يۇقۇتۇشلىرىغا قارشى جاپالىق ئۇرۇش قىلىۋاتقان ۋاقىتلارغا تۇغرا كىلىدىكەن بۇ ۋەقەلەر...~  {:106:}

yigana0998 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-17 16:18:27

ئۆز ۋاقتىدىكى ھەقىقى ئەزىمەتلەر ، ئۆلۈم ئۇلار ئۈچۈن قورقۇنۇچلۇق ئەمەس ، قورقۇنۇچلۇقى قورقۇنچاقلىق بولسا كىرەك

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2012-2-17 16:47:28

مەن ئابدۇنىيازنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سۆرتىنى ساقلىۋالغان.


\"\"

ALFA07 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-17 17:29:58

مۇشۇنداق تىمىلارنى قانچە ئوقۇساممۇ زىرىكمەيمەندە. ئەلا  باھالىۋەتتىم

azhar007 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-17 18:17:00

ئەۋلاتلارنىڭ بەختى ئۈچۈن ماگمىدەك ئېتىلىپ چىقىپ باشقىلارنىڭ قۇربانلىقىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئوت يۈرەك كىشلىرىرىمىزنىڭ ھىكايىسىنى ئاڭلىساملا باشقىچە بۇپ قالىمەن.

ئابدىرىم ئۆتكۈرنىڭ ئىز ناملىق شىئېرى .............................

Algha يوللانغان ۋاقتى 2012-2-17 18:53:42

3- قەۋەتتىكى hx1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن ئابدۇنىيازنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سۆرتىنى ساقلىۋالغان.


\"\"


مەن ھازىرغىچە ئۇنىڭ رەسىمىنىڭ تېپىلمىغانلىقى توغۇرلۇق گەپلەرنى ئاڭلاپ كەلگەن. سىز بۇ رەسىمنىڭ شۇنىڭ ئىكەنلىكىنى جەزىم قىلالامسىز؟


Marshal يوللانغان ۋاقتى 2012-2-17 18:56:19

نادىر تېما دەپ باھا بەردىم،ئەلا دەپ باھالىدىم. \"\"

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2012-2-17 19:05:34

ئۇ رەسىمنى تور تاقالماس ۋاقىتتا بىر مۇنبەرگە ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرى بىلەن قېتىپ يوللاپتىكەن، شۇ ۋاقىتتا بەزى تورداشلارمۇ ئۇ رەسىمنىڭ ئابدۇنىياز كامالنىڭ ئىكەنلىكىنى ئىشەنچىلىك تارىخى ئەسلىمىلەردىن كۆرگەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈپ ئىنكاس يوللاپتىكەن، شۇڭا ساقلىۋالغان ئىدىم.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-2-17 20:17:09

ماۋۇ تىما بىلەن بىۋاستە مۇناسىبەتسىز بىر سۇئالنى سورىغىم كىلىپ قالدى، كەچۈرۈڭلار.

بىر جاپاكەش توردىشىمىز ئاتايەن نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، مۇنبەر ژۆرنىلىنىڭ 2011- يىللىق 2- سانىدىن ئېلىنىپ يوللانغان مەسئۇد سابىرى توغرىسىدىكى تىما ئىزدىنىشتىن ئۆچۈرلىپ كىتىپتۇ، بۇ تىمانىڭ ئۆچۈرلىشىگە سەۋەپ بولغان ئامىلنى بىلىشكە بولامدۇ؟ مەن بۇ يازمىنى تېخى ئوقۇپ باقمىغان ئىدىم، مەزمۇنىدا مەسىلە بارمىكىن دېسەم، مۇنبەر ژورنىلى باسماستى، نەشىر ھوقۇقى مەسىلىسى(مۇنبەر ژورنىلى توردا ئېلان قىلىشقا قوشۇلمىغان ئەھۋال) بولغان بولسا بۇنداق تىز ئۆچۈرۈلۈپ كەتمەستى دەپمۇ ئويلۇدۇم، ئىنكاسلاردا مەسىلە كۆرۈلگەن بولسا ئۆچۈرگەندىمۇ دەپمۇ ئويلاپ، ئىزدىنىش قايتا ئېچىلغاننىڭ ياقى پىتنىڭ ئاچچىغىدا كۆڭلەكنى ئوتقا سېلىشتەك بۇنداق تەنتەكلىكنى قىلغىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم، ئىزدىنىش خىلى چوڭ بولدى دەپ ئويلاپ، قايسى بىر سەۋەپلىكىنى ئەقلىمگە سىغدۇرالمىدىم، مەن بۇ ماقالىدىن يانفۇن كىتابىي ئىشلەپ چىقماقچىمۇ بولغان ئىدىم، ئۆچۈرىلىشىگە قاراپ ئىككىلىنىپ قىلىپ، بۇ سۇئالنى سورىشىم. ئوچۇق جاۋاپ بېرىش قولايسىز بولسا، ئىچكى ئۇچۇر بىلەن بولسىمۇ جاۋاپ بېرىلگەن بولسا مىننەتدار بولاتتىم.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2012-2-17 20:37:10

ئابدۇنىياز كامالنىڭ مۇشۇ رەسىم بىلەن يەنە بىر رەسىمى بارتى يوللىيالايدىغانلارغا ئەۋەتەي يوللاپ قويغان بولساڭلار. ياكى بوشلۇقتىن بىرەنى دەپ بەرسەڭلار.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-2-17 21:09:11

ۋەقەلىكتىكى لىيەن، پولىك دېگەندەك ھەربىي ئاتالغۇلار ئەينى چاغدىمۇ شۇنداق ئاتىلار بولغىيمىتى ياكى ماۋۇ ئەسلىمى بۈگۈنكى كىشىلەرگى چۈشۈنۈشلۈك بولسۇن ئۈچۈن شۇنداق ئېلىنغانمىدۇ؟

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-2-17 21:10:44

قىممەتلىك يازمىڭىزغا رەھمەت.

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2012-2-18 01:00:37

مەسئۇد سابىرى: پۈتۈن ئۆمرىنى نابۇت قىلغان خاتا تاللاش



لىيۇ شاڭخۇي

چېن ۋۇگۇۋ





مەسئۇد مىنگو دەۋرىدە شىنجاڭدا ئۆتكەن ئالاھىدە شەخس. ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدا ئۇ ناھايىتى زېرەك بولۇپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەنگەن بولسىمۇ، ئەمما قابىلىيىتىنى ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن ئىشلەتمەي، سىرتتىن كىرگەن «پانتۈركىزم» گە شەيدا بولۇپ قېلىپ، «شەرقى تۈركىستان» قۇرۇش نىيىتىدىن بىر ئۆمۈر يېنىپ باقمىغان. مۇشۇنداق بىر ئۆمۈر شىنجاڭنى مۇستەقىل قىلىش كويىدا يۈرگەن ئادەم گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا ھوقۇق تۇتۇپ گومىنداڭ پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولدى. مەسئۇد شىنجاڭدا ئەزەلدىن زادىلا ۋەزىپە ئۆتەپ باقمىغان بولسىمۇ بىراقلا مەرتىۋىگە ئېرىشىپ، شىنجاڭنىڭ مەمۇرىي تەپتىشلىكىگە تەيىنلىنىپ، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىك ئورنىغا چىقىپ، مىنگو دەۋرىدىكى شىنجاڭدا ئەڭ ئالىي ۋەزىپە ئۆتىگەن ئۇيغۇر بولۇپ قالدى. ئەمما ئالىي ۋەزىپە ئۆتىگەن بىلەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە بەخت ئېلىپ كەلمەي، ئەكسىچە كۆپ ساندىكى قېرىنداشلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچراپ، شىنجاڭدا تېخىمۇ چوڭقۇر سىياسىي كرىزىس پەيدا قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا گومىنداڭ پارتىيىسى بەرگەن ھوقۇقتىنمۇ ۋاز كەچتى…

مەسئۇد ئەسلىدە ئاتاقلىق دوختۇر ياكى يېتۈك ئالىم، مائارىپچى بولالايتتى. شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى بولغاندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىدىكى تەسىرىدىن پايدىلىنىپ شىنجاڭنى قۇرۇش، تەرەققىي قىلدۇرۇش داۋامىدا ھەر مىللەت ئاممىسىغا زور بەخت ئاتا قىلالايتتى. ئەمما ئۇ پۈتۈن ئۆمرىدە كىشىنى خۇشال قىلغۇدەك ھېچقانداق ئىش قىلالمىدى. ئۇنىڭ تراگېدىيىلىك ھاياتىغا دەل ئۇنىڭ خاتا تاللىشى سەۋەب بولدى.



ئۇ تۇيۇق يولغا كىرىپ قالدى



ئائىلە ۋە تەربىيىلىنىش مۇھىتى سەۋەبىدىن ئۇ تۇيۇق يولغا كىرىپ قالدى

ئۆزگىچە ئائىلە ۋە تەربىيىلىنىش مۇھىتى مەسئۇددا پانتۈركىزم ئىدىيىسىنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولدى. مەسئۇد سابىر — ئۇيغۇر، 1886-يىلى تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى—باھايىدىن ھۈسەن باي ھاجىنىڭ كىچىك ئوغلى ئىدى. ھۈسەن باي(又译作胡赛音.拜.巴合察) شىنجاڭدىكى ئاتاقلىق باي سودىگەر ۋە پومېشچىك بولۇپ ئەسلى ئاتۇشلۇق كاتتا باي ئىدى. ئۇنىڭ غۇلجىدىمۇ نۇرغۇن مال-مۈلۈكى بولۇپ، بىر چوڭ دۇكان ۋە «زامانىۋى» خۇرۇم ئىشلەش زاۋۇتى قۇرغان ئىدى. 1908-يىلدىن بۇرۇن ئۇنىڭ پائالىيەت مەركىزى ئاتۇشتا بولۇپ، كىيىن گۈزەل شەھەر غۇلجىغا كەلدى، مال-مۈلۈكى ۋە جەمەتىنىمۇ ئاستا-ئاستا غۇلجىغا يۆتكەپ، ئائىلە ئەزالىرى ئىككى جاي ئارىسىدا قاتراپ يۈرۈشكە باشلىدى.

ھۈسەن باي تىجارەت بىلەن ياۋروپاغا كۆپ قېتىم بېرىپ پارىژ، بېرلىن، موسكۋا، ئىستانبۇل قاتارلىق جايلارنى ئايلانغان. دىننىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن ئىستانبۇلغا نىسبەتەن چوڭقۇر مۇھەببەت قوزغالغان. ئەينى ۋاقىتتىكى ئوسمان ئىمپېرىيىسىنى مەنبە قىلىپ تارقالغان پانتۈركىزم، پانئىسلامىزم ئەۋج ئالغان مەزگىلدە ھۈسەن باي كۈچلۈك تەسىرگە ئۇچرىغان ھەمدە پانتۈركىزم سىرتقا تەشۋىق قىلىشنى پائال قۇۋۋەتلىگۈچى تەشكىلات—«بىرلىككە كېلىش ۋە ئالغا بېسىش پارتىيىسى» (ياۋروپادا ياش تۈركلەر پارتىيىسى دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن) نىڭ مۇھىم خادىمى مەھەممەت تالات (穆罕默德•塔拉特) بىلەن تونۇشقان. بۇ ۋاقىتتا تالات مەخسۇس «قوش پان ئىزىم» ئىدىيىسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن سىرتقا تەشۋىق قىلىدىغان بىر مەخپىي تەشكىلاتقا رەھبەرلىك قىلىۋاتقان بولۇپ، تەبىئىيكى ئالدىغا كەلگەن ئادەمنى كۆرگەندە پۇرسەتنى قولدىن بەرمەيتتى. نەتىجىدە ھۈسەن باي ناھايىتى تېزلا تالاتقا ئالدىنىپ، ئۆزى تالاتنىڭ قەلب قەسىرىنىڭ مالىيى بولۇپلا قالماستىن، يەنە بۇ ئىدىيىنى دۆلەت ئىچىگە تارقاتقان ھەمدە ئۆزىنىڭ باي سودىگەر ئاغىنىلىرىگە پائال تونۇشتۇرۇپ، ئۇلارنى ئىستانبۇلغا باشلاپ كېلىپ تالات بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ، بۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى قويۇقلاشقان. 1913-يىلنىڭ ئاخىرىدا بەزى قەشقەرلىك ھاجىلار ۋە جەمەتىدىن ئوبۇل ھەسەن قاتارلىقلار ھۈسەن باينىڭ يېتەكچىلىكىدە تالات بىلەن ئايرىم-ئايرىم تونۇشقان. ئەينى ۋاقىتتا تالات رەھبەرلىكىدىكى مەخپىي تەشكىلات «قوش پان ئىزىم» ئىدىيىسى ئۈچۈن خېرىدار ئىزلىۋاتقاچقا جۇڭگو شىنجاڭدىن كەلگەن بۇ زىيارەتچىلەرگە قىزغىن مۇئامىلىدە بولغان ئىدى.

تالات بۇلارنى ئۆزى قوبۇل قىلىپلا قالماستىن يەنە ئۇلارنى ئىستانبۇلدا ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆرۈشۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، بالقان ئۇرۇشىدا ئاتالمىش «تۈركلەرنى قەستەن ھالاك قىلغان دۈشمەنلەرنىڭ ياۋۇزلۇقى» نى ئەكس ئەتتۈرىدىغان خارابلىقلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا باشلاپ بارغان ھەمدە بۇ خارابىلىكلەرگە بىرلەشتۈرۈپ تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىپ، بارلىق تۈرك تىلىدىكى مىللەتلەرنىڭ بىرلىشىشنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، مىللىي ئىتتىپاقداش تەشكىللەپ، ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىلگىرىكى زورايغان ۋە گۈللەنگەن ھالىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتەك «قوش پان ئىزىم» ئىدىيىسىنى تەشەببۇس قىلغان. نەتىجىدە بۇلار ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرىغان. بولۇپمۇ ھۈسەن باينىڭ ئىنىسى ھەسەن شۇ مەيداندىلا تالاتنىڭ تەشۋىقاتىنى ماختاپ قالماستىن يەنە تالاتتىن تەشكىلاتىدىن مەخسۇس خادىم ئاجرىتىپ يىراق جۇڭگو شىنجاڭدا مەكتەپ ئېچىش، دەرس ئۆتۈش تەلىپى ۋە ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

تالات تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئۈنۈم بەرگەنلىكىدىن خۇشال بولۇپ، نەق مەيداندا ئىپادە بىلدۈرۈپ، «ياش تۈركلەر پارتىيىسى»دە خىزمەت قىلىۋاتقان «قوش پان ئىزىم» تەرغىباتچىلىرىدىن ئەخمەت كامالنى جۇڭگو شىنجاڭدا خىزمەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان.

كامال شىنجاڭغا كەلگەندە مەسئۇدنىڭ دادىسى، ھۈسەن باينىڭ ئىنىسى باھايىدىننىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا سازاۋەر بولغان. ئۇ ئاتۇش، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى باي سودىگەرلەر بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، پۇل ۋە نەرسە-كېرەك چىقىرىپ، قەشقەردە مەكتەپ قۇرۇشنى باشلىغان. كامال ئوقۇتۇش داۋامىدا يەرلىك مۇسۇلمان بالىلارغا ئوسمان تۈركلىرى خەلىپەسىنى مەنىۋى ئاتا قىلىش بويىچە تەربىيە بەرگەن. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھۈسەن باي جەمەتى «قوش پان ئىزىم» ئىدىيىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلغان ھەم شىنجاڭغا ئەكىرگەن. مەسئۇد مۇشۇنداق بىر جەمەت ئىچىدە چوڭ بولغان ئىدى.

ئائىلىسى باي بولغاچقا، جەمەتىدىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى چەتئەلدە ئوقۇغان ۋە تىجارەت قىلغان، ياۋروپا، ئاسىيالارغا بارغان. بۇنىڭ بىلەن تەبىئىيلا مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىشتەك ئەنئەنە شەكىللەنگەن. 1904-يىلى 18 ياشقا كىرگەن مەسئۇدنى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان شىنجاڭنىڭ دىنى ۋە سودا ساھەسىدىكى يۇقىرى قاتلاملىق زاتلار ئىنتىلىدىغان ئوسمان تۈركلىرىنىڭ پايتەختى ئىستانبۇلغا ئوقۇشقا ئاپىرىپ بەردى.

مەسئۇد ئاۋۋال ئىستانبۇلدىكى مەيدىئەي (迈底埃) ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇدى. بىر يىلدىن كىيىن بىر ئوفىتسېرلار مەكتىپىنىڭ مەخسۇس سىنىپىغا ئوقۇشقا كىردى. ئۈچ يىلدىن كىيىن ئالىي دەرىجىلىك ئوتتۇرا مەكتەپ دىپلومى بىلەن ئىمتىھان ئارقىلىق ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەبىئىي پەنلەر فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىردى. 2-مەۋسۇملۇق ئوقۇش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، ئۇ يەنە ھەيدەر پاشا ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنستىتۇتىنىڭ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىپ، بىرلا ۋاقىتتا ئىككى خىل ئىلىم بويىچە ئوقۇشنى داۋاملاشتۇردى.

بىر يىل ئۆتكەندىن كىيىن، مەسئۇد ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تەبىئىي پەنلەر فاكۇلتېتىنىڭ دىپلومىنى ئالدى. كىيىن تۆت يېرىم يىل تىرىشىپ ئوقۇش ئارقىلىق ھەيدەر پاشا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، تېببىي پەنلەر بويىچە دىپلوم ئالدى. تۈركىيىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە مەسئۇد ئىنتايىن تىرىشىپ ئوقۇدى، يەنە كېلىپ زېھنى بەك ئۆتكۈر بولغاچقا، بىرلا ۋاقىتتا ناھايىتى ئوڭايلا ئىككى خىل پەندە ئوقۇپ، مەكتەپ تەرىپىدىن «ئەخلاق ۋە ئۆگىنىشتە مۇنەۋۋەر» دەپ نام بېرىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا مەسئۇد 29 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ تۈركىيىدە تۇرۇۋاتقىنىغا توپ-توغرا 11 يىل بولغان ئىدى.

مەسئۇد ئىستانبۇلدا ئوقۇغان مەزگىل دەل ياۋروپالىقلار «قانخور سۇلتان» دەپ نام بەرگەن ئابدۇللا ھەمىدى‹2›① (ئىزاھات: ئوسمان تۈركلىرىنىڭ دىن بىلەن سىياسىينى بىرلەشتۈرگەن باشلىقى، ھۆكۈمەت باشلىقى «سۇلتان» دەپ ئاتالغان، دىنىي داھىي «خەلىپە» دەپ ئاتالغان، 1876-يىلىدىن 1909-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن دەۋر ئىدى. ھەمىدىⅡ زاۋاللىقتىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ پانئىسلامىزمنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۆزى قوشۇمچە ئۆتۈۋاتقان دىنى ۋەزىپە—خەلىپىلىكنى پۈتۈن دۇنياغا كېڭەيتىپ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ «ھۆكۈمرانلىق بوشلۇقى»نى تولدۇرۇش خىيالىدا ئىدى. ئىسلام دىنىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۇ دۆلەت ئىچىدە دۇنيا ئىسلام دىنى ئىتتىپاقى تەشكىللەپ، ھەدەپ «پانئىسلامىزم»نى كېڭەيتىپ، غەيرىي ئىسلام مىللەتلىرىنى ۋەھشىيلەرچە قىرغان. پەقەت 1894-يىلىلا 60 مىڭدىن ئارتۇق خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئەرمېنىيەلىك ئۆلتۈرۈلۈپ، 3000دىن ئارتۇق كەنت كۆيدۈرۈلۈپ دۆلەت ئىچىدە بىر قورقۇنچلۇق ۋەھىمە پەيدا قىلغان ئىدى.

1909-يىلى «ياش تۈركلەر پارتىيىسى» ھاكىمىيەت ئورنىغا چىقىپ، مەزكۇر تەشكىلاتتىكى تەدبىرچى ئېنۋىل(恩维尔) «پانتۈركىزم»نى دۆلەت سىياسىتى قىلىپ، ھەدەپ كېڭەيتىپ، ئاسىيانى تۈركى تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان دۆلەت قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئورۇنىدۇ. بىر مەزگىل ئىمپېرىيە ئىچىدە پانتۈركىزمنى تەرغىب قىلىدىغان گېزىت، ژۇرنال، كىتابلار يامراپ، كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىنى ئالىچەكمەن قىلىۋەتتى. بۇ تەشۋىقات بۇيۇملىرىدا شىنجاڭنىمۇ ئۆزلىرىنىڭ خىيالىدىكى تەسىر دائىرىگە كىرگۈزىدۇ. بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئۇلار 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيە بىلەن ئىتتىپاقداش بولۇپ، گېرمانىيىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ پانتۈركىزمنى كېڭەيتىدۇ. ئۇرۇش مەزگىلىدە ئوسمان ئىمپېرىيىسى رۇسىيە بىلەن ئۇرۇشۇشتىن ساقلىنالمايدۇ. «ياش تۈركلەر پارتىيىسى» نىڭ پانتۈركىزمنى تەشۋىق قىلىش ھەرىكىتىمۇ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلىدۇ. 1915-يىلى ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىچىدە 1 مىليوندىن ئارتۇق خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئەرمېنىيەلىك ئارمىيە ۋە ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، ۋەيران قىلىنىپ ياكى قېچىشقا مەجبۇر بولۇپ، دۇنيا تارىخىدا مەشھۇر بولغان «ئەرمىنىيە قانلىق ۋەقەسى» كېلىپ چىقىدۇ.

مەسئۇد ئىستانبۇلدا 11 يىل ئوقۇش داۋامىدا، ئاۋۋال پانئىسلامىزم تەربىيىسى ئالدى، كىيىن پانتۈركىزمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. ئەمما مەيلى پانئىسلامىزم بولسۇن ياكى پانتۈركىزم بولسۇن، ئۇلارنىڭ مەقسىتى تۈركلەردىن تەشكىللەنگەن ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش ئىدى. ئائىلە تەسىرى تۈپەيلىدىن ئەينى ۋاقىتتىكى كۈچلۈك ئېقىم پانتۈركىزمنى ئاسانلا قوبۇل قىلدى. كەسپى ئۆگىنىشىدىن باشقا ۋاقىتلاردا پۈتۈن زېھنىنى بۇ ئېقىمنى قوبۇل قىلىش ۋە ھەزىم قىلىشقا قاراتتى. «ياش تۈركلەر پارتىيىسى»نىڭ پانتۈركىزمنى تەشۋىق قىلىدىغان گېزىت-ژۇرناللىرى ۋە كىتابچىلىرىنى تەشنالىق بىلەن ئوقۇپ، جانلىنىۋاتقان پانتۈركىزم تەشكىلاتى—«تۈرك يۈرىكى» (突厥之心)نىڭ ئەزاسى بولۇپ، پانتۈركىزمچىلار تەشكىللىگەن تۈرلۈك نۇتۇق ۋە پائالىيەتلەرگە پائال قاتناشتى، بولۇپمۇ «تۈرك يۈرىكى» (突厥之心) ئورگىنىنىڭ نەشر ئەپكارى— «تۈرك يۇرتى»(突厥故乡)غا چەكسىز مۇھەببەت باغلاپ، ھەر بىر ساندىكى بىر خەتنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماي تەپسىلىي ئوقۇپ چىقتى.

1913-يىلنىڭ ئاخىرىدا «ياش تۈركلەر پارتىيىسى»نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە تالات جۇڭگو شىنجاڭنىڭ سودا ساھەسىدىكى زاتلار ۋە دىنى زاتلاردىن ئوبۇل ھەسەن قاتارلىقلار ھەم ئىستانبۇلدا ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ، ئېدىرنى(埃迪尔)نى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ دىنى ۋە مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقاندا، مەسئۇدمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ «پانتۈركىزم» ئېقىمىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىدە ئۆزىنى يوقىتىپ قويدى. ئۇ ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ قانلىق ھۆكۈمرانلىقى ۋە ئاقىۋىتىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ كۆرمەسكە سېلىپ، بۇ ئىمپېرىيىنىڭ ئىلگىرىكى گۈللەنگەن ھالىتىگە مەپتۇن بولۇپ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە يەنە گۈللىنىپ، تۈركى تىلىدىكى مىللەتلەرنىڭ بىرلىشىپ، يوقالغان جەننىتىنىڭ قايتىدىن كېلىشىنى خام خىيال قىلدى. ئوسمان تۈركلىرى بىلەن رۇسىيە ئۇرۇش قىلغان ۋاقىتتا «ياش تۈركلەر پارتىيىسى» ئۇرۇشۇش تەرەپدارلىرىدىن بولۇپ، ئۇرۇش ئېلان قىلىش ئۆز مىللىتىنىڭ غايىسىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى، رۇسىيىدەك دۈشمىنىنى يوقىتىش لازىملىقىنى، ئىمپېرىيە ئۈچۈن بىر مۇۋاپىق چېگرىغا ئېرىشىپ، چېگرا ئىچىگە ئۇلارنىڭ ئىرقىدىكى بارلىق مىللەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش لازىملىقىنى جاكارلىغاندا مەسئۇد بۇ داۋراڭلارنى ئالقىشلاپ قۇۋۋەتلىدى. ئىلگىرى ئۇ پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ «خەلىپىسى» دەۋالغان نەيرەڭۋاز — ھەمىدىⅡ گە چوقۇنسا، بۇ ۋاقىتتا يەنە «ياش تۈركلەر پارتىيىسى»نىڭ تەدبىرچىسى ئېنۋىل(恩维尔)غا باش قويۇپ، ئۆز ۋەتىنىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك ئوسمان ئىمپېرىيىسىگە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ، بۈيۈك تۈرك ئىمپېرىيىسى قۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىدى. ئۇنىڭ رۇسىيىگە بولغان ئۆچمەنلىكىمۇ مۇشۇ ۋاقىتتا بىخلانغان بولۇپ، كىيىن سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە كوممۇنىستىك پارتىيىگە ئۆچ بولۇشقا ئۆزگەردى.



«قوش پان ئىزم»نى بازارغا سېلىش



يۇرتىغا قىلغان سوۋغا: «پانتۈركىزم بىلەن پانئىسلامىزم»نى بازارغا سېلىش

1915-يىلى ئىككى خىل دىپلومغا ئېرىشكەن مەسئۇد يۇرتىغا قايتىشقا تەييارلىق قىلدى. 18 ياشتىن 29 ياشقىچە بولۇپ 11 يىل ئوسمان تۈركلىرىنىڭ ئارىسىدا تۇرمۇش كەچۈرگەن ۋە ئوقۇغان مەسئۇدنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگىلا ئەمەس بەلكى ئىدىيىسىنىڭ شەكىللىنىشىگىمۇ غايەت زور تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇنىڭغا ئۆچۈرگىلى بولمايدىغان بىر ئەن تامغا بېسىلىپ، ھوقۇققا ئىنتىلىش ۋە سىياسىي قارا نىيىتى يېتىلگەن ئىدى. ئۇ ئوقۇغانلىرى بويىچە تۈركىيىدە قېلىپ بىر ياخشى خىزمەتكە تامامەن ئېرىشەلەيتتى. ھېسسىيات جەھەتتىن ئالغاندىمۇ ئۇ بۇ دۆلەت، بۇ تۇپراققا چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان ئىدى، ئەمما ئۇ يەنىلا يۇرتىغا قايتىشنى قارار قىلدى. ئۇ شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ پاك زېمىنغا «قوش پان ئىزىم» ئۇرۇقىنى چېچىپ، چوڭ-چوڭ ئىشلارنى قىلىش، «ياش تۈركلەر پارتىيىسى»دىكى داڭلىق شەخسلەردەك ئۆزىنىڭ سىياسىي غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈكتى.

مەسئۇد ئەسلىدە تەبىئىي پەن بولۇپمۇ تېببىي ئىلىم بويىچە ئوقۇغان، بۇنىڭغا نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھنىنى سەرپ قىلغان بولسىمۇ ئەمما پانتۈركىزم ۋە پانئىسلامىزم ئائىت كىتاب-ماتېرىياللارنىمۇ كۆپ يىغقان بولۇپ، بىرنىمۇ قالدۇرماي ئېلىپ كەلدى. بۇ ۋاقىتتا ھۈسەنباي جەمەتى ئىشلىرىنىڭ مەركىزى ئىلىغا يۆتكەلگەن بولۇپ، مەسئۇدمۇ ئىلىدىكى ئۆيىگە كەلدى.

ئەينى ۋاقىتتا مەسئۇدقا ئوخشاش چەتئەلدە ئۇزاق يىل ئوقۇغان بىلىملىك كىشىلەر ئىلىدا ھەقىقەتەن ئاز ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكى غايەت زور داغدۇغا پەيدا قىلدى، يۇرتداشلىرى ئۇنىڭدىن دوختۇرخانا ئېچىپ زامانىۋى تېببىي تېخنىكىلار بىلەن مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلاتتى. ئىستانبۇلغا ئەمدىلا بېرىپ تېببىي ئىلىملەرنى ئۆگەنگەن ۋاقىتتا مەسئۇددىمۇ ياخشى ئوقۇپ يۇرتىغا قايتىپ بىمارلارنى قۇتقۇزۇش ئارزۇسى بار ئىدى، ئەمما «قوش پان ئىزىم» ئىدىيىسىنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن ئۇنىڭ بۇ ئىدىيىسى ۋە چەتئەلگە چىققان ۋاقىتتىكى دەسلەپكى ئۈمىدى ئاستا-ئاستا ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ، ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى «قوش پان ئىزىم»نى تارقىتىش ئارقىلىق تارىختا غايەت زور دەرىجىدە گۈللەنگەن ئوسمان ئىمپېرىيىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خام خىيالى چىرمىۋالغان بولۇپ، يۇرتىغا قايتقاندىن كىيىن دوختۇرخانا ئېچىشقا كۆڭۈل بۆلمەي پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مەكتەپ ئېچىشقا ئورۇندى. ئۇ «ياش تۈركلەر پارتىيىسى»نىڭ سىياسىي پروگراممىسىغا ئوخشاش مائارىپ ئارقىلىق پانتۈركىزم، پانئىسلامىزمنى تارقىتىپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بەل باغلىدى.

1915-يىلى شىنجاڭدىكى قالايمىقانچىلىق بېسىققان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تۇتۇق بولۇپ تۇرۇۋاتقان ياڭ زىڭشىڭ پۈتۈن جۇڭگو ۋەزىيىتىنىڭ تەسىرىدە، شىنجاڭدا مائارىپنى تەرتىپكە سېلىشنى ئويلىشىۋاتاتتى. شۇڭا مەسئۇدنىڭ مەكتەپ ئېچىش ئىلتىماسىنى يەرلىك ھۆكۈمەت ناھايىتى تېزلا تەستىقلىدى. بۇ ۋاقىتتا ئىلىدا نۇرغۇن تۈركىيىلىك مۇھاجىرلار ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ مالىيە جەھەتتىن قوللىشى بىلەن مەسئۇد بەزى تۈركىيىلىكلەرنى ئوقۇتقۇچىلىققا تولۇقلاپ بىرلىكتە «تۇران مەكتىپى»①نى (ئىزاھات: ئاتالمىش تۇران تۈركىيىلىك پان تۈركىسىت زىيا خوجا ئالىپ ئېيتىغان «تۇران بارلىق تۈركلەرنىڭ بۈيۈك ۋەتىنى» دېگەننى كۆرسىتىدۇ ) ئاچتى. مەكتەپنىڭ ئىسمىدىنلا مەسئۇدنىڭ نېمىگە تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولاتتى، ئەمما ئۇ بۇنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مەكتەپ ئېچىشتىكى مەقسىتىنىڭ زامانىۋى مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يۇرتداشلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، مىللەتنى روناق تاپقۇزۇش ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلدى. «مىللىي مائارىپنى گۈللەندۈرۈش» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، پانتۈركىزم ۋە پانئىسلامىزمنى تەرغىب قىلىش ھەم بازارغا سېلىش مەسئۇدنىڭ ئانا يۇرتىغا قىلغان «سوۋغىسى» بولدى.

«تۇران مەكتىپى» گەرچە ئۆزىنى زامانىۋى مائارىپ دەپ پەش قىلغان بولسىمۇ، ئەمما تەسىس قىلغان دەرسلىكلىرىنىڭ ھەممىسىدە زامانىۋى ئىلىم-پەنگە ئائىت مەزمۇنلار كۆپ بولماستىن، پانئىسلامىزم، پانتۈركىزم تەشۋىقاتى ئاساسلىق دەرس مەزمۇنى قىلىنىپ، بۇ مەكتەپ «قوش پان ئىزىم» ئىدىيىسىنى ھەدەپ تەشۋىق قىلىدىغان ۋە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدىغان مۇنبەر ھەم بازا بولۇپ قالدى. ئوسمان تۈركلىرى ھاكىمىيىتى مەزگىلىدىكى مەيلى ھەمىدىⅡ بولسۇن ياكى «ياش تۈركلەر پارتىيىسى» بولسۇن ھەممىسىدە تۈرك تىلىنى ئىگىلەشنىڭ مۇھىملىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھاكىمىيىتىدىكى قانۇن-نىزاملارنىڭ ھەممىسىدە دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت تىلى—تۈرك تىلىنى بىلىش ھۆكۈمەت ۋەزىپىسىنى ئۆتەشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىنغان؛ ئاۋام پالاتاسىدا مۇزاكىرىلەشكەندە چوقۇم تۈركى تىلىنى ئىشلىتىش، بارلىق باشلانغۇچ مەكتەپلەردە تۈرك تىلىنى زۆرۈر ئوقۇشلۇق قىلىش بەلگىلەنگەن ئىدى. مەسئۇد بۇ ماددىلارنى پىششىق بېلەتتى. پانتۈركىزمنى تەشۋىق قىلىش ئىدىيىسىگە ماسلىشىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مەكتىپىدىمۇ تۈرك تىلىنى زۆرۈر ئوقۇشلۇق قىلىپ بېكىتتى. مەسئۇدنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتراتقۇلۇق قىلىشى ئارقىسىدا ئىلىدا ناھايىتى تېزلا مەسئۇدنى مەركەز قىلغان پانتۈركىزم تەشكىلاتى شەكىللەندى. مەسئۇد بۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلماي يەنە ئائىلىسىنىڭ تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ، جەنۇبى شىنجاڭدىكى تۈركىيىلىك ئەخمەت كامال بىلەن بىرلىشىپ، يىراقتا تۇرۇپ ماسلىشىپ، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا «ئەجدادىمىز— تۈرك، ۋەتىنىمىز—تۈركىيە» دەپ ئاشكارا تەشۋىق قىلدى. قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا «قوش پان ئىزىم» ئىدىيىسى شىنجاڭنىڭ جەنۇبى، شىماللىرىدا يامراپ كەتتى. بۇ مەزگىلدە ئەخمەت كامال ئۆزى كۈچ چىقىرىپ ئىستانبۇلدىن ئالايىتەن بىر يۈرۈش باسما زاۋۇتى ئۈسكۈنىلىرىنى كىرگۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشلۇق ماتېرىياللىرى ۋە «بۈيۈك دىن» (伟大的宗教) قاتارلىق ژۇرناللارنى باستۇردى. ئوقۇ-ئوقۇتۇش داۋامىدا سۇلتان ئوسماننى داھىي قىلىش ئىدىيىسىنى قايتا-قايتا سىڭدۈرۈپ، تۈركىيە ناخشىسىنى ئۆگەتتى.

كامال، مەسئۇدلار تارقاتقان بىر يۈرۈش سىياسىي ئىدىيىلەر دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، شىنجاڭدىكى ياشلارنى ئۆز دۆلىتى، ئۆز مىللىتىگە ئاسىيلىق قىلىشقا قۇتراتتى. مىللىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قالپاق قىلسىمۇ ئەمەلىيەتتە مەكتەپ ئېچىشنى پانتۈركىزم، پانئىسلامىزمنى تارقىتىدىغان ۋاسىتە قىلدى.

يېڭىچە مەكتەپ ئېچىش شەكلىنى قوللىنىش ئارقىلىق پانتۈركىزم، پانئىسلامىزم ئىدىيىسىنى تارقىتىش ئالدى بىلەن مۇتەئەسسىپ ئىدىيە ئەنئەنىسىگە ئىگە ئۇيغۇر مۆتىۋەرلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. ئۇلار مەكتەپتە تەسىس قىلىنغان تارىخ، جۇغراپىيە، تۈرك تىلى دەرسلىكلىرىگە، تۈرك ناخشىلىرىنى ئېيتىشقا ۋە غەربچە كىيىنىشكە قارشى تۇرۇپ، مەكتەپنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قارىدى. شۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ مەكتەپكە بېسىم چۈشۈرۈپ، ئۆلكە تۇتىقى ياڭ زېڭشىنغا ئەھۋالنى دوكلات قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە رۇسىيىنىڭ باش كونسۇلى ئارقىلىق بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە مەلۇمات يوللىدى.

ياڭ زېڭشىن بۇ مەسىلىنى دەسلەپتە رۇسىيە كونسۇلنىڭ بېيجىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار بۆلۈمىگە ئەۋەتكەن مەلۇماتى ئايلىنىپ قولىغا تەگكەندە چۈشەندى. كىيىن جەنۇبى، شىمالى شىنجاڭدىكى يەرلىك خەلقنىڭ مەلۇماتلىرىنىمۇ ئارقا-ئارقىدىن تاپشۇرۇۋالدى. ياڭ زېڭشىن تەكشۈرۈپ سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق: ھازىر ياۋروپادا ئۇرۇش بولۇۋاتقان ۋاقىت، بۇ تۈركىيىلىكلەرمۇ ئۇرۇشقا باغلىنىپ قالغانلار، ئەگەر قاتتىق ئالدى ئېلىنمىسا، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى دىن ئارقىلىق بىخوتلاشتۇرمىسا تۇتۇپ تۇرماق قىيىن. تاشقى ئىشلار توسقۇنلۇققا ئۇچراپلا قالماستىن جۇڭگو ئىچىدىمۇ يوشۇرۇن خەۋپلەردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، دەپ قارىدى. شۇنىڭ بىلەن مەكتەپنى تاقاپ ئالاقىدار خادىملارنى قاتتىق جازالىدى. ھەتتا بەزىلىرىگە پالاق بىلەن ئۇرۇش جازاسى بېرىلدى. كامال قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر قاماققا ئېلىنىپ بىر نەچچە يىلدىن كىيىن يۇرتىغا قايتۇرۇلدى. مەسئۇدقا نىسبەتەن ياڭ زېڭشىن «تۇران مەكتىپى»نىڭ تەربىيە مەزمۇنلىرى پۇقرالارغا زىيان يەتكۈزىدۇ دەپ قاراپ، تاقىۋېتىشكە بۇيرۇق قىلدى. 1917-يىلى مەسئۇدنىڭ مەكتىپى پېچەتلەندى ئەمما مەسئۇد جازالانمىدى. كىيىن شىنجاڭدىكى يۇقىرى قاتلاملىق كىشىلەر ئارقا-ئارقىدىن ياڭ زېڭشىنغا خەت يېزىپ مەكتەپنى تاقىۋېتىش پاراكەندىچىلىك ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. كرىزىسنى پەسەيتىش ئۈچۈن شەخسى مەكتەپلەرنى تاقاش بۇيرۇقىنى ئاستا-ئاستا بىكار قىلىندى. ئەمما مەكتەپلەردە تۈركىيىگە سادىق بولۇش خاراكتېرىدىكى ھەر قانداق ئىش-ھەرىكەتلەر كۆرۈلمەسلىك، چوقۇم خەنزۇ تىلى دەرسى تەسىس قىلىشنى ئېنىق بەلگىلەندى.

ئەسلىدە مەسئۇد ئاچقان مەكتىپىگە زور ئىشەنچ باغلاپ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە مۆجىزە يارىتىشنى ئۈمىد قىلغان ئىدى. ئەمما ئىككى يىلدىن ئارتۇق تىرىشسىمۇ مۆجىزە يارىتىلمايلا قالماي ئەكسىچە مەكتەپ تاقالدى. ئۆزىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ تەنبىھىگە ئۇچرىدى. روھى چۈشكۈن ھالدا ئىختىيارسىز دوختۇرخانا ئېچىش نىيىتىگە كېلىپ، نەچچە يىل قېتىرقىنىپ تېبابەت ئىلمىنى تەتقىق قىلغانلىقىنى، بۇ ساھەدە بىلىمىنىڭ موللىقىنى، مەكتەپ ئاچىمەن دەپ ئىگىلىگەن تېبابەت بىلىملىرىنى ئىشلەتمىگەنلىكىنى ئويلاپ، مەكتەپ تاقالسا نېمىشقا كونا كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللانماي، ئاسان ئىش بولسىمۇ ئىچ پۇشۇغۇمنى چىقىرىدۇ ئەمەسمۇ، دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى ھەمدە بۇ نىيەت بىلەن تېز ھەرىكەتلەندى. ئۇنىڭ مال-مۈلۈكى كۆپ بولغاچقا مەبلەغتىن ئەنسىرىمەيتتى. شۇڭا تېزلا تۈركىيىدىن داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە دورا كىرگۈزۈپ، زېرەك ياشلارنى ياردەمچىلىككە تەربىيىلىدى. دوختۇرخانىنى تېزدىن ئىشقا كىرگۈزۈپ، «ئالتاي دوختۇرخانىسى» دەپ نام قويدى. بۇ غۇلجا شەھىرى بويىچە تۇنجى قېتىم غەربنىڭ تېخنىكىسىنى كىرگۈزگەن مۇنتىزىم دوختۇرخانا ئىدى. تىجارەت باشلىغاندىن كىيىن چەت رايونلاردىكى كىشىلەر پىچاق، قايچا، يىڭنە، ئامبۇر ۋە تىڭشىغۇچ، شپىرىس قاتارلىق بىر مۇنچە ئەسۋابلارنى كۆرۈپ بەدىنىنى زەخىملەندۈرۈپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ كۆپىنچىسى ئەيمىنىپ يۈردى. مەسئۇد بىر نەچچە بىمارنى ئالاھىدە داۋالاپ داۋالاش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغاندا ئاندىن كىشىلەر بۇ دوختۇرخانىغا ئىشىنىشكە باشلىدى. دوختۇرخانىنىڭ ئاجايىپ مۆجىزىسى ئاۋۋال داۋالانغان بىمارلارنىڭ ئاغزىدىن تارقىلىپ ھەممىگە پۇر كەتتى. شۇنىڭ بىلەن دوختۇرخانىغا كېلىپ داۋالىنىدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىپ مەسئۇد كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر شەخسكە ئايلىنىپ قالدى.

بۇ يەردىكى خەنزۇلار ئەسلىدە پەقەت جۇڭگو تېبابىتى ئورۇنلىرىغا كېسەل كۆرسىتەتتى. بىر تەرەققىيپەرۋەر مۆتىۋەر ئۇيغۇر يۇرتداشلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالتاي دوختۇرخانىسىغا كېسەل كۆرسەتكىلى بارغانلىقىنى كۆرۈپ سىناپ بېقىش پوزىتسىيىسى بىلەن داۋالانغىلى باردى. ئويلىمىغان يەردىن بىر نەچچە تال دورا يەپ، بىر نەچچە كۈن ئوكۇل ئېلىپلا ياخشى بولۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە مۆتىۋەرگە تونۇشتۇرغاندىن كىيىن ئاجايىپ ياخشى ئۈنۈم كۆرۈلدى. ئىلگىرى جۇڭگوچە تېبابەت دورىلىرىنى يېگەندە ئون كۈن ھەتتا يېرىم ئايغىچە دورىنىڭ مەنپەئەت قىلغان ياكى زىيان قىلغانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى، ئەمما بېشى ئاغرىغان بەدىنى قىزىغان ياكى قارىماققا ئىنتايىن ئېغىر كۆرۈنگەن كېسەللەر دورا يەپ ئوكۇل ئۇرۇلسىلا ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش ھەقىقەتەن مۆجىزە ئىدى. يەنە كېلىپ مەسئۇد غەربچە تېبابەتتە مەخسۇس تەربىيىلەنگەن بولغاچقا ئۇ داۋالاش تېخنىكىسىدا كامالەتكە يەتكەن بولۇپ، يەنە كەسىپنى قەدىرلەش روھى بىلەن سەۋرچان، سەمىمىي پوزىتسىيىدە ئىللىق مۇئامىلە قىلغاچقا بىمارلار يېقىن دوستلىرىغا ئۇنى تونۇشتۇردى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا دوختۇرخانىنىڭ نامى تارقىلىپ، خەلقنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. دوختۇرخانىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن بىر نەچچە بىمارنىڭ ئائىلە تاۋاپاتلىرى بىرلىكتە دوختۇرخانىغا لەۋھە تەقدىم قىلىپ، ئۈستىگە «خەيرى ساخاۋەت قىلغۇچى» دېگەن خەتلەرنى يازدى. ئەينى ۋاقىتتا مەسئۇد خەنزۇچە خەت تونۇمىغاچقا لەۋھە بىلەن «ئالتاي دوختۇرخانىسى» دېگەن ۋىۋىسكىنى بىرگە ئاستى. شۇنىڭ بىلەن خەنزۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ دوختۇرخانىنى «خەيرى ساخاۋەت» دوختۇرخانىسى دەپ ئاتاپ قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن غۇلجا شەھىرىگە پۇر كەتتى. قەدىمكىلەرنىڭ ئەجىر قىلىپ تىكىلگەن گۈل ئېچىلماس، مەقسەتسىز تىكىلگەن سۆگەت سايىۋەن بولار دېگىنىدەك مەسئۇد پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مائارىپ ئىشلىرىغا ئاتلىنىپ مائارىپ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سىياسىي غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان بولسىمۇ ئويلىمىغان يەردىن ھەممىسى يوققا چىقتى. ئەمما ئەسلىدە ئىچى پۇشۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن ئاچقان دوختۇرخانا ناھايىتى زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشىپ كەڭ خەلقنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ قالدى.

مەسئۇد يەنىلا تاقەتسىزلىك بىلەن مەكتەپ ئىشلىرىنى كۆڭلىدىن چىقىرالماي يۈرىدى. 1917-يىلى ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلىبىگە ئېرىشتى. سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ قايتا-قايتا غەلىبىگە ئېرىشىشىگە ئەگىشىپ «قوش پان ئىزىم» ئىدىيىسى بىلەن چىقىشالمايدىغان بىر خىل ئىنقىلاب ئىدىيە ئېقىمى شىنجاڭدا تەدرىجىي تارقىلىشقا باشلاپ، چېگرىغا جايلاشقان غۇلجىغا بارغانسېرى تەسىر كۆرسەتتى ۋە غىدىقلىدى. مەسئۇد تۈركىيىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا ئوسمان تۈركلىرىنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى بولغان رۇسىيىگە ئىنتايىن ئۆچ ئىدى. بولشېۋىكلار ھاكىمىيەت ئورنىغا چىققاندىن كىيىن ئۇ رۇسىيىنىڭ كوممۇنىزم نەزەرىيىسى ۋە ئىنقىلابىغا چىش تىرنىقىغىچە ئۆچ بولدى. بولۇپمۇ ئۇنى تېخىمۇ بىئارام قىلغىنى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ كوممۇنىزم پرىنسىپى بويىچە «يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابى» ① (ئىزاھات: يەرلەرنى تەڭ مىقداردا كىچىك بۆلەكلەرگە ئايرىپ شۇ جايدىكى دېھقانلارغا تەقسىملەپ بېرىش)نى يولغا قويۇش ئىدى. بۇ خىل يېڭى ئىدىيىنىڭ شىنجاڭدىكى يەرلىك مۇسۇلمانلارغا تەسىر كۆرسىتىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن مەسئۇد يەنە مەبلەغ چىقىرىپ 4 ئورۇندا «دەرنەك»② (ئىزاھات: كۇرس تۈرىدىكى غەيرىي رەسمىي مەكتەپ) قۇرۇپ، پانتۈركىزم ۋە پانئىسلامىزم ئىدىيىسىنى تارقىتىپ، «قوش پان ئىزىم» ئىدىيىسىنى تارقىتىش ئارقىلىق سوۋېتنىڭ ئىنقىلاب دولقۇنىنىڭ تەسىرىنى توسۇشنى سىناپ باقماقچى بولدى.

ياڭ زېڭشىن ھەممە ھوقۇقنى قولىغا ئېلىۋالغان مۇستەبىت يەنە كېلىپ خۇسۇسى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن گىجىڭ ئادەم بولۇپ، شىنجاڭنى ئالىقىنىغا ئېلىۋالغىنىغا شۈكرى قىلاتتى. ئىدىيىسى ئىنتايىن مۇتەئەسسىپ بولغاچقا بارلىق يېڭى ئىدىيىلەرنى چەتكە قاقاتتى. شۇڭا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىنقىلاب دولقۇنىغا باشتىن-ئاخىر ئۆچمەنلىك قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن موداپىئەلىنىش پوزىتسىيىسىدە تۇرۇپ كەلدى. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا مەسئۇد بىلەن بىرلىككە كېلەلەيتتى ئەمما دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنى نۇقتىسىدىن ئالغاندا ئۇ يەنىلا «قوش پان ئىزىم» ئىدىيىسىگە سەگەكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى. ئۇ پانئىسلامىزمنىڭ ئىتتىپاق دۆلەت قۇرۇش سەپسەتىسىدە باشقا مەقسەت بار. بۇنىڭ ئىچىدىكى «چوڭ بىرلىككە كەلتۈرۈش» ئارقىلىق ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن ياۋروپا، ئاسىيادىكى ئىسلام ئەللىرىنى بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت «چوڭ ئىتتىپاقداش قۇرۇش» تەشەببۇسى يەرلىكنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە شىنجاڭنى بىرلىككە چوڭ تەھدىت. شۇڭا مەسئۇد ئاچقان مەكتەپنى قەتئىي تاقىۋېتىش كېرەك، دەپ قارىدى.

مەسئۇد ئىنتايىن جاھىللىق بىلەن ئىككى قېتىم مەكتەپ ئېچىپ ھەر ئىككىلىسى تاقىۋېتىلگەن ھالەتتىمۇ يەنە نىيىتىدىن ۋاز كەچمەي دوختۇرخانا ئېچىش بىلەن بىر ۋاقىتتا سەۋرچانلىق بىلەن مەكتەپ ئېچىش پۇرسىتىنى ئىزلىدى. ئۇ دوختۇرخانا ئېچىش داۋامىدا «قوش پان ئىزىم» ئىدىيىسى تەشۋىقاتىنى ئۇنتۇپ قالمىدى. 1924-يىلى شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى ئاستا-ئاستا مۇقىملاشتى. مەسئۇد دولقۇنلار ئۆتۈپ كەتتى دەپ قاراپ غۇلجىدا يەنە قايتىدىن مەكتەپ ئېچىپ، ئوخشاش يولدىكىلەرنى تەكلىپ قىلىپ پانتۈركىزم، پانئىسلامىزم ئىدىيىسىنى جېنىنىڭ بارىچە تارقاتتى. ئۇلار «قوش پان ئىزىم» ئىدىيىۋى ئېقىمىنىڭ ۋۇجۇدقا كەلگەن دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ياۋروپا مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى تۇرۇپ مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرگەن دۆلەتلەرنىڭ ئىبارىلىرىگە سېلىشتۇرۇپ، مەركىزى ھۆكۈمەت ۋە شىنجاڭدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھاكىمىيىتىنى مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىق دەپ قاراپ، جۇڭگو مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش، مىللىي مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش باياناتىنى ئېلان قىلىپ، شىنجاڭنى ۋەتىنىمىزنىڭ تېررىتورىيىسىدىن ئايرىپ چىقىشقا ئۇرۇنۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سىياسىي قارا نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولدى.

ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ئەھۋاللار ئۆلكىگە يەتكۈزۈلۈپ، ياڭ زېڭشىن قۇلاقلار ئارقىلىق خەۋەر تاپقاندىن كىيىن قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، بېشىغا سەللە ئورىغان، ئۇزۇن چاپان كىيگەن بۇ ئادەم ئارقا-ئارقىدىن چەكلەش بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىشقا جۈرئەت قىلدى، ئۇنىڭ مەقسىتى نېمىدۇ؟ دېگەنلەرنى ئويلىدى. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا كۇچادىكى مەمەتئېلىخاننىڭ دىن ۋە مىللەت ئۇقۇمىدىن پايدىلىنىپ، شوئار توۋلاپ توپىلاڭغا قۇترىتىش ھەرىكىتى ياڭ زېڭشىن تەرىپىدىن باستۇرۇلغان ئىدى. سەزگۈر مەزگىلدە تۇرۇۋاتقان ياڭ زېڭشىن مەسئۇدنىڭمۇ مەكتەپتە مۇنبەردىن پايدىلىنىپ، قانۇنسىز ئىشلارنى قىلىشقا ئورۇنىشىنى ئويلاپ، دەرھال قولغا ئېلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرۈپ، ئۆلكىگە يالاپ ئاپاردى.

مەسئۇد ئۈرۈمچىگە يالاپ ئاپرېلىپ 10 ئايدىن ئارتۇق سولاپ قويۇلدى. بۇ مەزگىلدە ياڭ زېڭشىن ئۈچ قېتىم ئۆزى سوراق قىلدى. ئۇ مەسئۇدنى كۆرگەندىن كىيىن مەسئۇدنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى خۇشامەتچىلەردىن بولماستىن، بەلكى بىلىملىك ۋە ئەدەپ-قائىدىلىك ئىكەنلىكىنى، تۇرقىدىن يېتىلگەن ئىلىم ئەھلىدەك تەسىر بېرىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۆزى سوراق قىلىش ۋە ئادەم ئەۋەتىپ كۆپ جەھەتتىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەسئۇدنى ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرىدىغان، ئۆز مەيلىچە كونىچە مەكتەپ ئاچقان، گەرچە چەكلەش بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغان بولسىمۇ، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارمىغان بولغاچقا، ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەندىن كىيىن قويۇپ بېرىش كېرەك، دەپ قارىدى.

مەسئۇد قويۇپ بېرىلگەندىن كىيىن ئۆز قىلمىش-ئەتمىشلىرى ئۈستىدە قايتا ئويلانمايلا قالماستىن ئەكسىچە ياڭ زېڭشىن قەستەن مەن بىلەن چىقىشالمايۋاتىدۇ دەپ قارىدى. ئەمما ئۇنىڭغا بىر نۇقتا ئېنىق ئىدى: ئەگەر ئۇ يەنە چەكلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، شەخسى مەكتەپ ئاچسا ياڭ زېڭشىن ئۇنى بۇنداق ئاسان ئۆيىگە قايتۇرمايتتى.

قاتتىقلىق ئەپلەشمىسە يۇمشاقلىق قىلىشنى چۈشىنىپ يەتكەن مەسئۇد ئازراق ۋاقىت ئارام ئېلىۋېلىپ، كونا كەسپىنى يەنە باشلاپ دوختۇرخانا ئېچىش ئارقىلىق ئابرۇيىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئاندىن يەنە مەقسىتى ئۈچۈن تېرىشىشنى ئويلىدى. شۇنىڭ بىلەن دوختۇرخانىسىنىڭ يېنىغا ئۆي سېلىپ، دوختۇرخانىسىنى كېڭەيتمەكچى بولدى. مەسئۇدنىڭ كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش قىلىشى كۆپلىگەن كىشىلەردە ھەسەت ۋە بىزارلىق تۇيغۇسىنى قوزغاپ، ئۇلار غۇلجىنىڭ يەرلىك ئەمەلدارى چاڭ يوڭچىڭغا خەت يېزىپ مەخپىي مەلۇمات بېرىپ مەسئۇدنىڭ غەيرىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى. بۇ ۋاقىتتا چاڭ يوڭچىڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە مەسئۇدنى نازارەت ئاستىغا ئېلىشقا مەسئۇل بولغان بولۇپ، ئۇ تاپشۇرۇۋالغان شىكايەتنىڭ راست-يالغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلىپ ئولتۇرماستىنلا قاماقخانىغا ئاپىرىپ سولاپ قويدى. مەسئۇد تۈرمىدە بىر نەچچە ئاي تۇرغاندىن كىيىن ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ كېپىللىكى بىلەن تۈرمىدىن چىقتى.

بۇ قېتىم تۈرمىدىن چىققاندىن كىيىن مەسئۇد ھۆكۈمەت بىلەن تەڭمۇ-تەڭ قارشىلاشقىلى بولمايدىغانلىقىنى، چوقۇم ئەپلەپ-سەپلەپ ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاش لازىملىقىنى تونۇپ يەتتى. شۇڭا تۈرمىدىن چىققاندىن كىيىن ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋارىچىلىكتىن قورقۇش پسىخىكىسىنى چۈشىنىپ، ئۆزلۈكىدىن دوختۇرخانىنىڭ كۆلىمىنى قىسقارتتى. ھەمدە بىر تۈركۈم مەدەنىيەتلىك، زېرەك ياشلارنى تاللاپ تېبابەت ئىشلىرى بويىچە تەربىيىلەپ، ئۆزى ئۇلارغا دەرس ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ پراكتىكا قىلىش، كۆز پىشۇرۇشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيىلىشى نەتىجىسىدە بەزى شاگىرتلىرىنىڭ بىر مەزگىل داڭقى چىقىپ، غۇلجا شەھىرى بويىچە داڭلىق دوختۇرلارغا ئايلاندى. ئۇلار ئىلى ۋىلايىتى ئىچىدە كېسەل داۋالاپ، ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، يەرلىك خەلققە نۇرغۇن قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. ھۆكۈمەت مەسئۇدنىڭ بىر قېلىپقا چۈشكەنلىكىنى، داۋالاش ئىشلىرىغا بېرىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، قايتا سۈرۈشتە قىلمىدى.

گەرچە داۋالاش ئىشلىرىدا ئازراق نەتىجە قازىنىپ، يەرلىكلەر ئارىسىدا ھۆرمەتكە ئېرىشكەن بولسىمۇ دوختۇرلار بولۇپلا ياشاشنى خالىمىغاچقا، سىياسىي غەرىزى ئۇنىڭ ئىچىنى ئېچىتىپ ئۇنى جىم تۇرغۇزمىدى. ئىككىنچى يىلى ئۇ چىدىيالماي يەنە ھەرىكەتلەندى. ئەمما ئىلگىرىكى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، پىشىشىپ يېتىلگەچكە ئۆزى ئالدىغا چىقماي ھۆكۈمەتتىكى ئالاقىسى قويۇق خادىملارنى مەكتەپ مۇدىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىپ، مۇناسىۋەتنى راۋانلاشتۇرۇش ئارقىلىق «دوڭ مەي خەي لەي» 东迈亥来مەكتىپى ۋە تولۇقسىز مەكتىپىنى ئاچتى. يەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن داۋاملىق مۇناسىۋەت باغلاپ تۇرغانلىقتىن، مەكتەپ ئاخىرى ئېتىراپقا ئېرىشتى. بۇ ۋاقىتتا مەسئۇد ئۆزى بىۋاسىتە دەرس ئۆتمىگەن بولسىمۇ، ئۇ تەكلىپ قىلغان خادىملار ئوقۇغۇچىلارغا ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن ھالدا «قوش پان ئىزىم» ئىدىيىسىنى تەرغىب قىلدى.

مەسئۇد ھەمىشە يەرلىك خەلقنىڭ ئىدىيىسىنىڭ قاتمال ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ كاللىسىنى ئېچىشقا ئۇزاق ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ، ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاش تاشقى دۇنيانى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. ئۇنداق بولغاندا ئۇنىڭ تەشۋىقاتلىرىنى ئاسانلا قوبۇل قىلالايتتى. كۈتۈلمىگەندە، بۇ ۋاقىتتا رۇسىيە كونسۇلخانىسى ئارتۇق كىنو قويۇش ئاپپاراتلىرىنى ساتماقچى بولدى. مەسئۇد خۇشاللىق بىلەن ئۇنى سېتىۋېلىپ، كىنو قويۇش ئارقىلىق «خەلقنى ئويغىتىش» خىيالىدا بولدى. يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خۈدۇكسىنىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇ ئىلى داۋيىنى 道尹چاڭ يوڭچىڭنىڭ كونا تۇرالغۇسىنى يۇقىرى باھادا ئىجارىگە ئېلىپ، كىنوخانا قىلدى ھەمدە 10 يىللىق ئىجارە ھەققىنى ئالدىدىن تۆلىۋەتتى. ئەينى ۋاقىتتا چاڭ يوڭچىڭ كىنونىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەچكە ئويلىنىپ كەتمەيلا ماقۇل بولدى. كىنو قويۇش باشلانغاندىن كىيىن ئاندىن كىنونىڭ ياخشى نەرسە ئەمەسلىكىنى، ھامان ئاپەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، ئاۋام ئارىسىغا پاراكەندىچىلىك سالىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، كىنو قويۇشنى توختىتىشقا بۇيرۇق قىلدى ھەمدە ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسىنى مۇسادىرە قىلىپ پېچەتلىدى. مەسئۇد قاتتىق ئاچچىقلانغان بولسىمۇ ئامالى بولمىغاچقا بۇيرۇققا ئىلاجسىز بويسۇنۇپ، دوختۇرخانا ئېچىش، تەربىيىلەش ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋەردى.





رېئاللىق تەرىپىدىن غىدىقلانغان ۋە كۈچىيىۋاتقان رەزىل نىيەت



رېئاللىق تەرىپىدىن غىدىقلانغان ۋە كۈچىيىۋاتقان رەزىل نىيەت: زوراۋانلىق بىلەن ھوقۇق تارتىۋېلىش

1928-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى، ياڭ زېڭشىن ئىچكى قىسمىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۆرۈشىدە يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلدى. بۇ ۋاقىتتا خەلق ئىشلىرى نازىرى— گەنسۇ خېجۇلۇق جىن شۇرېن ناھايىتى تېزلا ھاكىمىيەت ئورنىغا چىقتى. جىن شۇرېن ئىرادىسى ئۇلۇغ، قابىلىيىتى ئاجىز، ئاچكۆز ئادەم ئىدى. ئۇ ئەمدىلا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندا بار كۈچى بىلەن ياڭ زېڭشىننىڭ سىياسەتلىرىنى دوراپ، ئۆز ئەينى قوللىنىپ، شىنجاڭدا ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىجتىمائىي فورماتسىيىسىدەك بۇرۇقتۇرمىلىقنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. ئەمما ئۇنىڭدا ياڭ زېڭشىندەك تالانتلىق ئەمەس ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ۋەزىيەت ئۆزگىرىۋاتقان، جەمئىيەت تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋاقىتتا ئۇنداق كونا تۈزۈمنى ساقلاپ قېلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۆزىنىڭ ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئۇ ئاۋۋال مەخپىي ساقچى كۈچىنى كۈچەيتىپ، ئارقىدىنلا ئارمىيىنى كۆپەيتتى. ئادەم ئىشلىتىش جەھەتتە، ئۆز يېقىنلىرىنىلا ۋەزىپىگە قويۇپ، ئۆزىنىڭ تۇغقانلىرى ۋە گەنسۇ خېجۇلۇقلارنى زور ھەجىمدە ئۆستۈرۈپ مۇھىم ئورۇنلارغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن پەمسىز ۋە ئاچكۆز جىن شۇرېننىڭ بايلىق توپلىشى باشلاندى.

جىن شۇرېننىڭ ۋەزىيەتكە ماس كەلمەيدىغان نادانلارچە ھۆكۈمرانلىقى ۋە ئۆزى بىلگەنچە زورلۇق بىلەن ئالۋان-ياساق سېلىشى جەمئىيەتتە ئومۇميۈزلۈك تەسىر قوزغاپ قارشىلىق كەلتۈرۈپ چىقاردى. 1929-يىلدىن باشلاپ بۇنداق قارشىلىقلار ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىپ، 1931-يىلغا كەلگەندە ئاخىرى قۇمۇل قوزغىلىڭى پارتلاپ، ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ناھايىتى تېزلا پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلىدى.

ۋاقىت سۇدەك ناھايىتى تېزلا ئۆتۈپ كەتتى. مەسئۇد بۇ ۋاقىتتا ئەمدىلا جۇڭگوغا قايتىپ كەلگەن ۋاقىتتىكى تەجرىبىسىز ياشتىن ئوتتۇرا ياشقا قەدەم قويغان ئىدى. ئۇ نەچچە 10 يىلدىن بۇيان ھېچ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغان ھاياتىنى خىيال قىلىپ قالاتتى، ئۆزىنىڭ ئارزۇ-ئارمان، غايىلىرىنى ئەمەلگە ئاشمايلا قالماستىن ھەتتا مەكتەپ ئېچىش ئىشىمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى. گەرچە دوختۇرخانا ئېچىپ خېلى يۇقىرى نامغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، بۇ ئۇنىڭ دەسلەپكى ئارزۇسى ئەمەس ئىدى. پۈتۈن ئۆمرىنى بۇ ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزۈۋېتىشنى خالىمايتتى. مەكتەپنى داۋاملىق ئېچىۋاتقان بولسىمۇ، ئوقۇتۇش مەزمۇنلىرىنى خىيالىغا كەلگىنىچە كەڭ-كۇشادە سۆزلىيەلمەيتتى. تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولمىسا بولمايتتى. مەكتەپ ئېچىش ئۈچۈن ئۇ ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ دايىت① (ئىزاھات: ئىلى دائىرىلىرى باستۇرغان پەقەت ئىلى دائىرىسىدىلا ئوبرۇت قىلىش بىلەنلا چەكلىنىدىغان يەرلىك پۇل)پۇلىدىن نەچچە ئونمىڭ سەر مەبلەغ سالغان بولسىمۇ، ھېچقانداق كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمىنى كۆرمىگەن ئىدى. مۇشۇ ھالەتتە كېتىۋېرىدىغان بولسا ئۇنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى ئىشقا ئاشمىغان بولاتتى. ئۇ ياڭ زېڭشىننىڭ ھەيۋە بىلەن ئىسكەنجىسىگە ئېلىشىغا ئۆچ بولسا، جىن شۇرېننىڭ گەپتىن-گەپ چىقىرىپ قاقتى-سوقتى قىلىشىدىن بىزار بولغان ئىدى.

مەسئۇد چىداپ تۇرالمىدى. ئۇنىڭچە بۇنداق تەدرىجىي ئىلگىرىلەش تىپىدىكى تەشۋىقات بىلەن شۇغۇللانغاندا ئۇزاق ۋاقىت كېتەتتى. ئۇ غايىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر سەھنىگە ئېھتىياجلىق ئىدى. غىدىقلىنىۋاتقان ۋە كۈچىيىۋاتقان سىياسىي ياۋۇز نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇ زوراۋانلىق بىلەن ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئويلاشقا باشلىدى. جىن شۇرېننىڭ نادانلارچە يۈرگۈزگەن ھاكىمىيىتى ئۇنى بۇ خىل پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. 1929-يىلدىن باشلاپ ئۇ شىنجاڭنىڭ ھەرىكەت ھالىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى. 1931-يىلدىكى قۇمۇل قوزغىلىڭىدىن كىيىن، ئۇ زېھنىنى جەنۇبى شىنجاڭدىكى بىر نەچچە ئۇيغۇر دېھقانلىرى قوزغىلىڭىنىڭ داھىيسى بولۇشقا مەركەزلەشتۈردى.

قوزغىلاڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان قالايمىقان ئۇرۇشلار ناھايىتى تېزلا پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلىدى. قۇمۇل قوزغىلىڭىنىڭ يولباشچىسى خوجىنىياز ھاجى قالايمىقان ئۇرۇشلار ئىچىدە تېزدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، جەنۇبى-شىمالى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلىرى ئىچىدە ھۆرمەتلىنىپ، مەنىۋى داھىيغا ئايلاندى. ئەمما مەسئۇد كۆزىتىش ئارقىلىق: خوجىنىياز ھاجى گەرچە ھەج تاۋاپ قىلىپ كەلگەن، دىنى سەرگۈزەشتىگە ئىگە ئادەم بولسىمۇ ئەمما ئۇنى سىياسىي كۆز قارىشى يوق سۈيىئىستىمالچى دېيىشكە بولىدۇ، چۈنكى قالايمىقان ئۇرۇشلار داۋامىدا ئۇ ئۆزىنىڭ سىياسىي تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقمىدى. ئەمما ئۇنىڭ قول ئاستىدا شتاب باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتۈۋاتقان دېۋىزىيە كوماندىرى مامۇت(سىجاڭ)نىڭ ئەمىلى كۈچى بار ئادەم، ئۇ تەقۋادار مۇسۇلمان بولۇپلا قالماستىن يەنە پۇللۇق باي. ئۇ ماڭا ئوخشاشلا سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەزەلدىن ئۆچ، چۈنكى سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىزمنى تەشەببۇس قىلىدۇ. كوممۇنىزم بولسا دىنغا قارشى تۇرىدۇ. ئەكسىچە ئويلىغاندا، پانتۈركىزم، پانئىسلامىزمنى ئەسلىدىنلا ياقتۇرىدۇ. ھازىرقى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا ئەگەر مامۇتنىڭ تەرەققىياتى ئوڭۇشلۇق بولسا تەستە تاپقىلى بولىدىغان جارچىم بولۇپ قالىدۇ، دەپ قارىدى. مەسئۇد نىشاننى توغرىلاپ بولغاندىن كىيىن، دوختۇرخانا ۋە مەكتەپ ئىشلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، مامۇتنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتتى. مەسئۇد گەرچە تېببىي ئۇنۋانغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيىدە دەسلەپتە ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇپ، ھەربىي مەشىق قوبۇل قىلىپ، چېنىققان ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ھەربىي ئىشلاردىكى بىلىملىرى ۋە پانتۈركىزم، پانئىسلامىزم نەزەرىيىلىرى بىلەن مامۇتقا خىزمەت قىلسىلا، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ سىياسىي نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايتتى.

مەسئۇدنىڭ كەلگىنىگە مامۇت سىجاڭ ناھايىتى قىزغىن ئىپادە بىلدۈردى. بۇ ئىككىيلەننىڭ سىياسىي غەرىزى ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاش بولغاچقا، مەسئۇد ناھايىتى تېزلا مامۇتنىڭ ھەربىي ۋە سىياسىي ئىشلاردىكى مەسلىھەتچىسى بولدى. شۇنىڭدىن باشلاپ مەسئۇد مامۇتقا چىقىش يولى تېپىش ئۈچۈن باش قاتۇردى. ئويلىمىغان يەردىن شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىدە داۋالغۇش بولۇپ، 1933-يىلى 4-ئايدا «12-ئاپرېل» سىياسىي ئۆزگىرىشى يۈز بېرىپ، جىن شۇرېن ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلۇپ، شېڭ شىسەينىڭ ئامىتى كېلىپ، ئۆلكە باشلىقلىق ئورنىغا ئولتۇردى؛ تېخىمۇ يامان بولغىنى سوۋېت ئىتتىپاقى شېڭ شىسەيگە ياردەم بېرىپ گەنسۇ مىلىتارىستى ما جوڭيىڭ بىلەن يەرلىك قوزغىلاڭچىلارنىڭ رەھبەرلىرىگە بىرلىكتە ئىختىلاپ سالدى، ما جوڭيىڭ جەنۇبى شىنجاڭغا بىر قەدەم چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. ئەمما خوجىنىياز بۇ ۋاقىتتا شېڭ شىسەينى تەبىئىيلا ئېتىراپ قىلىپ بولغان ئىدى.

بۇ ۋاقىتتا كېرىيە، قاراقاش ئالتۇن كېنى قوزغىلىڭىدىكى مەھەممەت ئىمىن، سابىت داموللا قاتارلىق پانئىسلامىزم، پانتۈركىزمچىلار جۇڭگونى پارچىلاش ھەرىكەتلىرىگە جىددىي كىرىشىپ كەتكەن ئىدى. ئۇلار بەزى قارا نىيەتلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى «شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، خوجىنىياز ھاجىنى زۇڭتۇڭلۇققا تەكلىپ قىلدى. مەسئۇد بىلەن مامۇت خوجىنىيازنىڭ سوۋېتلىكلەرنىڭ مۇرەسسەسىنى قوبۇل قىلىپ شېڭ شىسەي ھاكىمىيىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىدىن ھەمدە جەنۇبى شىنجاڭ گارنىزون شتابىغا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى قوبۇل قىلغانلىقىدىن ئوخشاشلا رازى بولمىدى. بىراق بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن سابىت داموللىنىڭ يېنىغا تارتىشى ۋە نەسىھىتى بىلەن ئاتالمىش «شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى» ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە قوشۇلۇپ، قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئارقىدىنلا يەنە مامۇت بىلەن بىرلىكتە 3000 دىن ئارتۇق قوشۇننى باشلاپ، ئاقسۇدىن قەشقەرگە بېرىپ ما جەنساڭ (马占仓) غا ھۇجۇم قىلىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلدى.

ئەسلىدە بۇ نىڭدىن ئىلگىرى جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىدە زور ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن بولۇپ، (倒盛军) ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىچكى توقۇنۇش يۈز بەردى: ئەسلىدە (倒盛军) ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسى كۈچى بولغان ما جەنساڭ (马占仓) ما جوڭيىڭنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن قەشقەرگە كەلگەندىن كىيىن قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ ئىككى كۈچلۈك قىسمى تۆمۈر بىلەن ئوسمانمۇ قەشقەرگە كىرگەن ئىدى. بۇ ئىككى قوشۇن خوتەن تەرەپتىن كىرگەن بۆلگۈنچىلەر سابىت داموللا، ئىمىنلارنىڭ ئۆزىگە تارتىش ئوبيېكتى ئىدى. ما جەنساڭ قىسمى قەشقەردىكى شىڭ شىسەينىڭ ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ پانتۈركىسلارنىڭ چەتكە قېقىشىغا ئۇچرىغاچقا ئۆلكىدىن ئەۋەتىلگەن يەرلىك ئوفىتسېر ما شىياۋۋۇ بىلەن ماسلىشىشنى خالايتتى. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان سابىت داموللا، ئىمىن، تۆمۈر، ئوسمان قاتارلىقلارنىڭ بۇ يەردە پۇت تىرەپ تۇرۇشىغا يول قويمايتتى، شۇڭا بۇ بىر نەچچە قېتىم ئەۋەتىلگەن كۈچلەرنىڭ بىرلەشمە ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. مامۇت يېتەكچىلىكىدىكى قىسىم قەشقەرگە كەلگەندىن كىيىن «شەرقى تۈركىستان مۇستەقىل دۆلىتى»نىڭ بىر ئۇچۇم بۆلگۈنچىلىرى «دۆلەت قۇرۇش» قوراللىق قىسمىدىكى مۇھىم قىسمىغا ئايلاندى.

«شەرقى تۈركىستان مۇستەقىل دۆلىتى»نى تېزدىن قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن مامۇت سابىت داموللىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ئۆزىنى قەشقەرنىڭ باش قوماندانى قوشۇمچە شتاب باشلىقى دەپ ئاتىۋالغان ئوسمان بىلەن بىرلىشىپ يېڭىشەھەر قورغىنىدا تۇرۇۋاتقان ما جەنساڭغا ھۇجۇم قىلدى. گەرچە ئۇلارنىڭ ئادەم كۈچى كۆپ بولسىمۇ (ئىككىسىنىڭ بىرلەشكەن ئەسكىرى 6-7 مىڭغا باراتتى) ئۇدا بىر نەچچە ئاي ئۇرۇشۇپ يېڭىشەھەرنى ئالالمىدى. مامۇت ئۆزى ئاقسۇغا كېلىپ خوجىنىياز قىسمىنىڭ يېڭىشەھەرگە قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ ئاندىن قورچاق زۇڭتۇڭ بولۇشقا نەسىھەت قىلدى.

1934-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى خوجىنىياز مامۇتنىڭ قوغدىشى ئاستىدا قەشقەرگە كېلىپ، ما جەنساڭ (马占仓) نى قورشاش كۆرۈشىگە ئاتلاندى. ئەمما يەنىلا مەغلۇپ بولدى. مەسئۇد گەرچە پىلانىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ ئۆز تەكلىپىنى پائال قوللىنىشقا ھامان ئامالسىز ئىدى. ئۇ ئامالسىزلىق ئىچىدە: بۇ شەھەرنى قورشاش قوماندانىنىڭ ساپاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىش، دېدى. ئالدى بىلەن مامۇت بىر ئەسەبىي دىنى مۇرت بولۇپ گەرچە نىسبەتەن كۈچلۈك تەشكىللەش ئىقتىدارى بولسىمۇ ئەمما ناھايىتى قوپال ئىدى. ئاسان ئىككىلىنىپ، ھالقىلىق ئىشلاردا ھەمىشە مەسلىھەتچىلەرنىڭ پىكرىنى رەت قىلاتتى. مىسالەن يېڭىشەھەرنى قورشاپ يوقىتىش ۋاقتىدا ئۇ بەزى مۇھىم ئورۇنلارنى ئىگىلىۋالغان ۋاقىتتا قۇربان ھېيت كېلىپ قالدى، ئاقىللارنىڭ پىكرى بويىچە ئۇرۇش قىلىپ غەلىبە قازىنىشى كېرەك ئىدى، ئەمما مامۇت نەسىھەتنى ئاڭلىماي قىسىمنى توپلىشىپ ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇق قىلدى. نەتىجىدە ئىستىلاھ قىلىنىپ بولغان بازىلارمۇ قايتىدىن دۈشمەننىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى؛ ئىككىنچىدىن مامۇتنىڭ ھۇجۇمچىلار بىلەن بىرلىشىش روھى كەمچىل بولۇپ، ئۇ ھەمىشە چەتكە قاقاتتى، ئايرىم ئۇرۇشۇشنى خالايتتى. ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئويلاپ ئاز كۈچ چىقىرىپلا ئەمەلدار بولۇشنى خالاپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ھۇجۇم قىلىشنى ئويلىشىپ باقمىغان ئىدى. خۇددى ئەنگلىيىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلى فىتسمولىس (菲茨莫里斯) نىڭ بايانىغا ئوخشاش «ماجەنساڭ، تۆمۈر، ئوسمانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئوخشاشلا ئەسكىلىك قىلىش يەنى بايلىق توپلاش، خوتۇن توپلاش پىلانى بار ئىدى» يەنە كېلىپ ئەسكەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى دېھقانلار بولۇپ، ئاتالمىش «دىننى قوغداش» بايرىقى ئاستىدىكى بۇ جەڭلەردە ئۆزىنىڭ جېنىنى سېلىپ بېرىشنى خالىمايتتى؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇنتىزىم مەشىقلەنمىگەن بولغاچقا ئاساسى جەھەتتىن قالايمىقان ھەرىكەتلەرنى قىلاتتى. ئادەم سانى كۆپ بولسىمۇ جەڭگىۋارلىق كۈچى ئاجىز ئىدى.

مەسئۇد گەرچە ئەسكەرلەرنى باشلاپ ئۇرۇش قىلمىغان بولسىمۇ ھەربىي ئىشلاردىن ساۋاتى بولغاچقا ئۈمىدلىك يۈردى. مۇشۇ قېتىمقى قوزغىلاڭدا زور غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، كۈچلۈك قوراللىنىش ئارزۇسى بار ئىدى. ئەمما بىر نەچچە قېتىملىق ئۇرۇشتىن كىيىن ئۇ ئارقا-ئارقىدىن ئۈمىدسىزلەندى. پەقەت بۇ ئادەملەرگە تايىنىپ قان كېچىپ ئۇرۇش قىلغان بىلەن زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولمايتتى. شۇڭا ئۇ مامۇتقا نەنجىڭدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش، غەلىبە قىلىپ رەسىمى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ سىياسىي مۇددىئاسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئويلاش تەكلىپىنى بەردى. مامۇت قارشى تۇرمىغان بولسىمۇ ئەمما ھەرىكەتنى ئارقىغا سوزدى. مەسئۇد خاتىرجەمسىزلىنىپ «شەرقى تۈركىستان مۇستەقىل دۆلىتى» ئەمدىلا باش كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقاندىن كىيىن ئىچكى قىسمىدىكى كۈچلەر ھوقۇققا ئانچە قىزىقىپ كەتمەيدۇ. شۇلارغا تايىنىپ «شەرقى تۈركىستان چۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىھۇدە ئەمگەك قىلىش بىلەن ئوخشاش ئەمەسمۇ» دەپ ئويلىدى.

ئەلۋەتتە خوجىنىياز قەشقەرگە بېرىپ 10 كۈن بولمايلا ما جوڭيىڭنىڭ ئاساسلىق قىسمى يېتىپ كەلدى. ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقى قوللاۋاتقان شىڭ شىسەي قوشۇنىنىڭ ھەيدىشى بىلەن، جەنۇبى شىنجاڭغا كەلگەن بولۇپ، گەرچە سوۋېت ئىتتىپاقى قوللاۋاتقان شىڭ شىسەيگە تاقابىل تۇرالمىسىمۇ ئەمما قەشقەرگە كەلگەن ئالدىنقى مەزگىلدە ئارقا-ئارقىدىن غەلىبە قىلدى. ئۇلار قەشقەر چېگرىسىغا كەلگەندە قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ ئاتۇشتا قانلىق جەڭ قىلدى. خوجىنىياز قىسمى بىلەن ئالدىنقى قېتىم ھۇجۇم قىلىنغان ما جەنساڭ بىرلەشمە ئارمىيىسى بىرلىكتە قارشى تۇرغان بولسىمۇ ما جوڭيىڭنىڭ كۈچلۈك قوشۇنىغا تەڭ كېلەلمەي قېلىپ، ئاخىرىدا ئۈزۈل-كېسىل يېڭىلىپ، قەشقەردىن شەرمەندىلەرچە قېچىپ كەتتى. 1934-يىلى 2-ئايدا قۇرۇلغىنىغا 3 ئاي بولغان ئاتالمىش «شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» ما جوڭيىڭ تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلۇپ، ۋەيران بولغانلىقى جاكارلاندى. ئاتالمىش زۇڭلى سابىت داموللا قاتارلىق تايانچ ئەزالىرى شىڭ شىسەي بىلەن كېلىشكىنى بويىچە خوجىنىياز ھاجى تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى. خوجىنىياز بىلەن مامۇت شىڭ شىسەينىڭ بەرگەن ۋەزىپىسىنى قوبۇل قىلىپ، بىرى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يەنە بىرى 6-دېۋىزىيىنىڭ قوماندانى بولدى. مۇشۇنداق ۋەزىيەت ئالدىدا مەسئۇد ئۈمىدسىزلىنىپ ھېچ ئىش قىلىشنى خالىمىدى. ئەمما ئەتراپىدىكى ۋەزىيەت ئالدىدا ئامالسىز قېلىپ، نائىلاجلىقتىن ئۇھسىنىشقا مەجبۇر بولدى.

شىڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ، ئۆزىگە قارشى بىرلەشمە ئارمىيىنى مەغلۇپ قىلىپ شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈردى. 1934-يىلى يازدا خوجىنىياز ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغاندىن كىيىن شىڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نۇرغۇن ھەربىي ئىشلىرى مەسلىھەتچىلىرىنى قەشقەرگە بېرىشقا تەكلىپ قىلىپ، مامۇتنىڭ 6-دېۋىزىيىسىدە مەشىق ئېلىپ باردى. مەسئۇد بىر تەرەپتىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا يەنە بىر تەرەپتىن كومپارتىيىگە قارشى تۇرغاچقا سوۋېت ئىتتىپاقى كۈچلىرىگە تايىنىشتىن شىڭ شىسەيگە ھېچقانداق ياخشىلىق كەلمەيدىغانلىقىنى بېلەتتى. سوۋېت ئىتتىپاقى تەسىرىنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، يەنە كېلىپ سوۋېت ئىتتىپاقى مەسلىھەتچىلىرىنىڭ ھەممە جايدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ باش پاناھ بولىدىغان جاي تاپالمىدى. شۇنداق قىلىپ 1934-يىلى باش كۈزدە مامۇتقا ئىستېپا بېرىپ، ھىندىستان ئارقىلىق نەنجىڭگە كەلدى. يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئۇ يەنە مامۇتقا ياردەم قىلىشنى ئويلاپ، ئۇنىڭغا چارە تېپىپ نەنجىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش تەكلىپنى بەردى. مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئەسلىدىكى ئورنىنى ساقلاپ كىيىن يەنە پۇرسەت كۈتۈپ تۇرۇپ، تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرگىلى بولاتتى. مامۇت گەرچە نەنجىڭگە ئادەم ئەۋەتكەن بولسىمۇ نەتىجىسى ئويلىغاندەك بولمىدى. ئارقىدىن قىسىمدىن چېكىنىپ ۋەتەننى پارچىلاش پاتقىقىغا تېخىمۇ چوڭقۇر پېتىپ كەتتى.



ئۆزىگە گۇپپاڭچى ئىزدەش



شىنجاڭدىن قېچىپ چىقىپ، شىڭ شىسەينىڭ قىياپىتىنى ئاشكارىلاپ ئۆزىگە گۇپپاڭچى ئىزدەش

ھىندىستانغا تۇتىشىدىغان يول قەدىمكى يىپەك يولى بولۇپ يىراق ھەم ئېگىز-پەس ئىدى. مەسئۇد جەنۇبى شىنجاڭدىن ئايرىلغاندىن كىيىن بۇ قەدىمى يولنى بويلاپ، قۇملۇقلاردىن ئۆتۈپ، ساھىللارنى بېسىپ (ناھايىتى نۇرغۇن يوللارنى بېسىپ)، تاغ-داۋانلاردىن ئېشىپ، بىر نەچچە ئايلىق جاپالىق سەپەردىن كىيىن 1934-يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا ھىندىستاننىڭ كالكۇتتاغا يېتىپ باردى. بۇ يەردە بىر مەزگىل ئارام ئېلىۋالغاندىن كىيىن، پىكىر يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نەنجىڭگە بولغان سەپەرنى باشلىدى.

ئۇ ئاۋۋال ھىندى ئوكياندىن پاراخوتقا ئولتۇرۇپ، مالاككا بوغۇزىدىن ئۆتۈپ، سىنگاپور ئارقىلىق يەنە غەربنى بويلاپ تىنچ ئوكياننىڭ شىمالىغا بېرىپ، ئاخىرى 1934-يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا تىيەنجىنغا كەلدى. نەنجىڭدە تۇرۇۋاتقان شىنجاڭلىق يۇرتداشلىرى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن دەرھال نەنجىڭگە باشلاپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى ھەمدە ئۇنى نەنجىڭ ھۆكۈمىتىگە تونۇشتۇرۇپ، ناھايىتى يۇقىرى ھۆرمەتكە ئېرىشتۈردى. بۇ ئەھۋال سەرسان-سەرگەردانلىقتا يۈرگەن مەسئۇدنى پەۋقۇلئاددە تەسىرلەندۈرۈپ، سەپىرىنىڭ بىھۇدە بولمىغانلىقىنى، ياخشى باشلانغانلىقىنى ھېس قىلدى.

مەسئۇدنىڭ نەچچە مىڭ چاقىرىم يولغا قارىماي نەنجىڭگە كېلىشى مۇنداقلا ھاياجانلانغانلىقىنى بولماستىن بەلكى چوڭقۇر ئويلانغاندىن كىيىن چىقارغان قارارى بولۇپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈزگەن سىستېمىلىق پىلانلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىدى. 20 يىلغا يېقىن ئۇرۇلۇپ-سوقۇلۇپ يۈرگەن رىيال تۇرمۇشىدا ئۇنىڭ ئىدىيىسى كۈندىن-كۈنگە پىشىشىپ يېتىلىپ، رېئاللىققا ئايلىنىدىغاندەك تۇراتتى. ياش ۋاقىتلىرىدا «ياش تۈركلەر پارتىيىسى»نىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، شىنجاڭدىكى تۈركى تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ تۈركىيە خەلقىگە ئوخشاشلا پانتۈركىزم ئىدىيىسىنى قوبۇل قىلىشنى، بىر نەچچە مەكتەپ ئېچىپ، تولۇپ-تاشقان قىزغىنلىق بىلەن دەرس سۆزلەپ، ئەل-جامائەتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ھالدا ئۇلارنى ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇپ، بىر چاقىرىق بىلەن ھەممىنى تەڭ ھازىر قىلىپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي غايىسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن ئىدى.

ئەمەلىيەتتە، ئۇ جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ، نەچچە تۈمەن سەر كۈمۈش سەرپ قىلىپ، ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ بىر نەچچە مەكتەپ ئاچقان بولسىمۇ، كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىدى. ئەكسىچە، ئۇيغۇر قېرىنداشلار بىلەنمۇ چىقىشالماي، ھامان ھەر خىل شەكىلدىكى چەكلىمە ۋە قارشى تۇرۇشقا دۇچ كەلدى.

1931-يىلى جىن شۇرېنغا قارشى قوزغىلاڭلار تېز ئۇلغىيىپ، قەھرىمانلار ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا چىقىپ، خوجىنىياز، ئوسمان، تۆمۈر، مامۇت، سابىت داموللا، مەھەممەت ئىمىن… لار ئۆز كارامەتلىرىنى كۆرسىتىپ، كۆزنى قاماشتۇردى. جىن شۇرېن ھۆكۈمىتىنىڭ تەۋرىنىپ قالغانلىقى ئۇنى ئىنتايىن خۇشال قىلىپ، غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان پۇرسەت كەلدى دەپ قارىدى. ئۇ ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ نەنجىڭگە كەلگەندىن كىيىن بۇ «قەھرىمان»لار بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ئۇچراشقان ۋاقىتتىلا ئاندىن بۇلارغا ئىشىنىشكە بولمايدىغانلىقىنى، گەرچە ئۇلار سىرتقى جەھەتتىن ئىسلام بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئېغىزىدا «شەرقى تۈركىستان» قۇرۇشنى ئېيتىپ يۈرسىمۇ ئەمەلىيەتتە نام-مەنپەئەتكە مەپتۇن بولغان ئەقلىدىن ئازغانلار ئىكەنلىكىنى، ئۇلاردا ئېتىقادنىڭ يوقلۇقىنى، پەقەت قالايمىقانچىلىق ئىچىدىن توقاچ ئوغرىلاشنى نىيەت قىلغانلىقىنى، ھەمىشە كىچىككىنە مەنپەئەت ئۈچۈن ئۆز ئىچىدە ئۇرۇشىدىغانلىقى ھەتتا بىر بىرسىنى سېتىشتىن يانمايدىغانلىقىنى بايقىدى. ئۇ ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە نەنجىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىگە نەزىرىنى ئاغدۇردى.

ئەينى ۋاقىتتىكى مىللىي ھۆكۈمەت ئۆزىنى سۈن جۇڭشەننىڭ ئۈچ مەسلىكىنى ئىجرا قىلغۇچى ھېسابلاپ، ھەممە مىللەت باپباراۋەر، ئاجىز مىللەتلەرگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى خەلقئارادىكى باراۋەر ئورۇنغا چىقىرىش كېرەك دېگەننى تەشۋىق قىلىۋاتاتتى. ئەگەر شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى «ئۈچ مەسلەك»نىڭ قانات ئاستىغا ئالدۇرۇش ئىمكانىيىتى بولسا كۈچلۈك شىڭ شىسەينىڭ «ئاشكارا» ھالدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ئەمدىزىسى ئاستا-ئاستا ئىنقىلابقا سۆرەپ كىرىش ئېھتىمالى بار ئىدى. مۇشۇنداق تونۇش ئاستىدا ئۇ شىنجاڭدىن ئايرىلىش ھارپىسىدا ئۆزىنىڭ تۈركىيىدە ئوقۇۋاتقان ئوغلىنى نەنجىڭ مەركىزى ئۇنىۋېرسىتېتىغا يۆتكىگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئىككى جىيەن ئوغلىنىڭ بىرسىنى نەنجىڭ مەركىزى ئوفىتسېرلار مەكتىپىگە، يەنە بىرسىنى مەركىزى ئۇنۋىرستىتىنىڭ خەنزۇ تىلىنى كۈچەيتىش بويىچە شىنجاڭ سىنىپىغا ئوقۇشقا ئەۋەتتى. ئۇنىڭ بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشى ئۇلار ئارقىلىق گومىنداڭنىڭ ھەرىكەت ھالىتىنى ئىگىلەش بىلەن بىرگە مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ قوينىغا يوشۇرۇنۇش ئىدى.

ياڭ زېڭشىن يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەندىن كىيىن، مىللىي ھۆكۈمەت شىنجاڭنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى مەركەزگە قايتۇرۇپ كېلىشنى پىلانلىغان ئىدى. كۈتۈلمىگەندە جىن شۇرېن فەن ياۋنەن (樊耀南) نى يوقىتىش داۋامىدا پۇرسەتنى ئىگىلىدى. جىن شۇرېن ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كىيىن، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا ھەربىي بۇيرۇق، مەمۇرىي بۇيرۇقنى بىرلىككە كەلتۈرۈش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مەمۇرىي مەھكىمە( 行政院 ) خۇاڭ مۇسوڭ (黄慕松) نى شىنجاڭغا ئەۋەتىپ، سىرتقى جەھەتتىن شىنجاڭدا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش ۋە ھال سوراش، شېڭ شىسەي ۋە ما جوڭيىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشەش، ئەمەلىيەتتە پۇرسەت ئىزدەپ شىنجاڭنى كونترول قىلىشنى مەقسەت قىلدى. ئەينى ۋاقىتتا شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشى ئاستىدا خۇاڭ مۇسوڭنى نازارەت ئاستىغا ئېلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلاشنى خالىمىغان ماجوڭيىڭنى جەنۇبى شىنجاڭدىن قوغلاپ چىقىرىپ شىنجاڭنى ئۆزىنىڭ چاڭگىلىغا ئېلىش نەيرەڭلىرىنى ئىشلىتىۋاتاتتى. مەركىزى نەنجىڭ ھۆكۈمىتى بۇ ۋەزىيەت ئالدىدا خۇددى كېكىرتىكىدە سۆڭەك تۇرۇپ قالغاندەك خاتىرجەمسىزلىنىۋاتاتتى.

خۇاڭ مۇسوڭ شېڭ شىسەينىڭ نەزەربەند قىلىشىغا ئىنتايىن ئاچچىقلاندى. ئۇ نەنجىڭگە قايتىپ مەركىزى موڭغۇل -زاڭزۇ كومىتېتىنىڭ خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغاندا ھەمىشە مەمۇرىي مەھكىمىگە دوكلات بېرىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ تەدبىرچىلەرگە شىنجاڭنىڭ يېرىم مۇستەقىللىق ھالىتىگە بولغان ئەمدىشىسىنى بىلدۈرۈپ تۇردى. خۇاڭ مۇسۇڭمو ۋە ۋاڭ جىڭۋېي قاتارلىقلار شىنجاڭنى مەركەزگە بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم يەرلىك مىللەتلەردىن پايدىلىنىش كېرەك دەپ قارايتتى. شۇنىڭ بىلەن مەركەز تەسىس قىلغان نەنجىڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە شىنجاڭدىن ئەۋەتىلگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىگە تارتىشقا دىققەت قىلدى. بۇ مەزگىلدە مەركىزى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان، جىن شۇرېن مەزگىلىدە جۇڭگونىڭ تاشكەنتتە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا تەرجىمان بولغان ئەيسا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا باغلىغان مۇناسىۋەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، مەمۇرىي مەھكىمە باشلىقى ۋاڭ جۇڭۋېي ۋە باش كاتىپ چۇ مىنيىنىڭ ئىلتىپاتى ۋە قەدىرلىشى بىلەن خۇاڭ مۇسۇڭغا ھەمراھ بولۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ، بىرلىكتە شىنجاڭغا تەشۋىقات ۋە ھال سورىغىلى كېلىپ، نەنجىڭگە قايتقاندا ئۆز شتابىنىڭ چېگرا ئىشلىرى گۇرۇپپىسىغا مەسئۇل بولۇپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى كونترول قىلىش تاكتىكىچىلىرىنىڭ بىرسى بولۇپ قالدى.

ئەيسا خۇاڭ مۇسوڭنىڭ يېنىدا مەركەزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش مەقسىتىنى بىلگەندىن كىيىن، نەنجىڭدىكى شىنجاڭلىق يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسىدا ۋائىزخانلىق قىلىپ، يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ نامىدا ئالايىتەن تىيەنجىنغا بېرىپ، مەسئۇدنى نەنجىڭگە ئېلىپ كەلدى. بۇ ۋاقىتتا مەسئۇدنىڭ كېلىشىنى ئۇنىڭ ئامىتى كەلگەنلىك دېسىمۇ بولاتتى. نەنجىڭ تەرەپ مەسئۇدنىڭ ئوقۇش تارىخى يۇقىرى بولۇپلا قالماي شىنجاڭدا مەكتەپ ئاچقان، دوختۇرخانا ئاچقان نامىنىڭمۇ بارلىقىنى، بولۇپمۇ سوۋېتقا، كومپارتىيىگە قەتئىي قارشى پوزىتسىيىسىنى بىلگەندىن كىيىن گۆھەر تېپىۋالغاندەك بولدى. مەسئۇد سىياسىي غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان يول تېپىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ پانتۈركىزم، پانئىسلامىزم نەزەرىيىسىنى ۋاقتىنچە يىغىشتۇرۇپ قويۇپ، ئۆزىنى شىنجاڭ خەلقىنىڭ ۋەكىلى ھېسابلاپ، نەنجىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىگە ئۆزىنىڭ ياڭ زېڭشىن، جىن شۇرېن مەزگىلىدىكى مەكتەپ ئاچقان نەتىجىلىرى ۋە مۈشكۈلاتلىرىنى يىغلامسىراپ ئېيتىپ، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنىڭ مائارىپ ئىستىكاھمىدىن پايدىلىنىپ «قوش پان ئىزىم» ئىدىيىسىنى تارقىتىش قىلمىشىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى مائارىپقا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق، دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە شېڭ شىسەينىڭ سوۋېتقا تەسلىم بولۇپ ۋەتەننى سېتىپ، ھەر مىللەت خەلقىنى خارلىغانلىقىنى شىكايەت قىلىپ، ئەسكەر ئەۋەتىپ زەربە بېرىپ شېڭ شىسەينى جازالاپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. مەسئۇدنىڭ بۇنداق ئەستايىدىل نىقابلىنىش قىلمىشى نەنجىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى سىياسىي ئېھتىياجىغا ماس كېلەتتى. بولۇپمۇ سىياسىي ئېھتىياجى قانائەتلىنەتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇنى دەسمايە قىلىپ، كۈتۈلمىگەن ئېھتىياجلار ئۈچۈن تەييارلىق قىلدى. ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شەپقەتسىز ھاكىمىيىتىنى ئاشكارىلاش مەسئۇدنىڭ ئورنىنى ئۆستۈرىدىغان سەۋەب بولدى. ئۇزۇن ئۆتمەي مەسئۇد خۇاڭ مۇسوڭ پىلانلىغان تەشكىلى قۇرۇلۇش، ئارمىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئۆز شتابىغا تەۋە چېگرا ئىشلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خۇيزۇ تىل يېزىق بۆلۈمىنىڭ (ھەربىي) ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئەرەب تىلى ۋە ئۇيغۇر تىلى دەرسىنى ئۆتتى، ھەمدە شىنجاڭنىڭ ئىشلىرىنى تونۇشتۇرۇشقا، دوكلات قىلىشقا مەسئۇل بولدى. خۇاڭ مۇسوڭ شىنجاڭدا شېڭ شىسەينىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان، مەسئۇد شېڭ شىسەيگە قارشى ئاۋانگارت سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان بولغاچقا ئىككىيلەن تېز ۋە ئاسانلا كېلىشىپ، بۇ قاتلاملىق مۇناسىۋەت مەسئۇد ئورنىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ۋە مەردىۋىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىدە مۇھىم رول ئوينىدى. مەسئۇدنىڭ نەنجىڭدە ئۆزىنى نامايان قىلىشى ۋە ئىش باشلىشى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.

مەسئۇد نەنجىڭگە ئورۇنلىشىۋالغاندىن كىيىن، ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، «نەنجىڭدىكى شىنجاڭلىق يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسى»نىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرىگە پائال قاتنىشىپ، شىنجاڭدىن نەنجىڭگە كەلگەن ھەر قىماپتىكى كىشىلەر بىلەن ئارىلاشتى ھەمدە «نەنجىڭدىكى شىنجاڭلىق يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسى» ئارقىلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئىسلام تەشكىلاتلىرى بىلەن كەڭ-كۆلەمدە ئۇچرىشىپ، ئۆز تەسىرىنى زورايتىپ، ئابرۇيىنى يۇقىرى كۆتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ سوۋېتقا، كومپارتىيىگە قارشى تۇرۇشنى ۋەزىپە قىلىپ، شېڭ شىسەينىڭ سوۋېتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى مۇبالىغىلەشتۈرۈپ، دۆلەتنى سېتىش قىلمىشى قىلىپ كۆرسىتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭغا تاجاۋۇز قىلىشى ۋە سىڭىپ كىرىشىنى ھەدەپ داۋراڭ سېلىپ، شىنجاڭنىڭ نامراتلىشىپ كېتىۋاتقانلىقى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قاتتىق ئازاب -ئوقۇبەت ئىچىدە قالغانلىقى، خەلقنىڭ مەركىزى ھۆكۈمەتتىن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى تەخىرسىزلىك بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقى ئۈستىدە جار سالدى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتىدىكى بەزى ئەمەلدارلار بۇ ئىشتىن خۇشال بولدى. ھۆكۈمەت مەھكىمىسىنىڭ ئەزاسى، ئىمتىھان ئاكادېمىيىسىنىڭ باشلىقى گومىنداڭ نەزەرىيىچىسى دەي لىتاۋ ئۇنى تېخىمۇ مۇكاپاتلاپ، كۆپ خىل شەكىللەر بىلەن رىغبەتلەندۈردى. شۇڭا ھۆكۈمەت ئۇيۇشتۇرغان شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىدە دەي لىتاۋ ئۇنى نۇتۇق سۆزلەشكە تەكلىپ قىلدى.

مەسئۇد بۇ ئىشلارنى تولۇق چۈشىنىپ پائال ماسلاشتى. ئاممىۋى سورۇنلاردا ھەمىشە ئوغلى ۋە جىيەنىنى نەنجىڭدە ئوقۇتىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەركىزى ھۆكۈمەتكە بولغان سادىقلىقىنى بىلدۈردى. ئۆزىنىڭ خەنزۇ مەدەنىيىتىگە بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇ يەنە دەي لىتاۋنى مەركىزى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئوغلىغا خەنزۇچە ئىسىم قويۇپ بېرىشكە ئالاھىدە تەكلىپ قىلدى. دەي لىتاۋ شۇ ھامان ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئوغلىغا «مەي خۇەنشىن» دېگەن خەنزۇچە ئىسىمنى قويۇپ بېرىپ يەنە داغدۇغا بىلەن ئىسىم قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، شەپقىتىنى بىلدۈردى. مەسئۇد دوستانە بېرىش-كېلىش قىلىشىش داۋامىدا ئوخشاش يولدىكىلەرنى تەكلىپ قىلىپ «تەڭرىتاغ ئايلىق ژۇرنىلى»نى تەسىس قىلىپ، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ئىككى تىلدا چىقىرىپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنى نومۇسسىزلارچە كۆككە كۆتۈرۈپ، ئۈچ مەسلەكنى ماختاش بىلەن بىرگە، سوۋېت ئىتتىپاقىنى زەھەرخەندىلىك بىلەن تىللاپ، ئاتالمىش مىللىي ئاپتونومىيىنى يوشۇرۇن تەكىتلىدى.

بۇ ۋاقىتتا مەسئۇد سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە كومپارتىيىگە بولغان قەتئىي قارشى پوزىتسىيىسى، شېڭ شىسەيگە بولغان ئۆچمەنلىكى بىلەن گومىنداڭ نەنجىڭ ھۆكۈمىتىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن يېقىنلىشىپ، ئۆزىنىڭ خەنزۇلارغا قارشى تۇرۇش، خەنزۇلارنى چەتكە قېقىش تەشەببۇسى ۋە پانتۈركىزم، پانئىسلامىزم ئىدىيىسىنى جېنىنىڭ بارىچە يوشۇرۇپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن «مەركەزنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدىكى ئاپتونومىيە»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سۆز ۋە ھەرىكەتكە تەڭلا ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن ناھايىتى تېزلا ئىلتىپاتقا ئېرىشىپ، مەردىۋىسى قەدەممۇ-قەدەم ئۆرلەپ، ھۆكۈمەت مەھكىمىسىنىڭ ئەزاسى بولدى. 1935-يىلى 11-ئايدا گومىنداڭنىڭ 5-قۇرۇلتىيى ئېچىلىپ، مەسئۇد يەنە مەركىزى مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى. ئىككى يىلغا يەتمىگەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مەسئۇدنىڭ مۇشۇنداق يۇقىرى مەرتىۋىگە ئېرىشىشى مۆجىزە ئىدى. بۇ ۋاقىتلارنى مەسئۇدنىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلاشقان ئەڭ ياخشى مەزگىلى دېيىشكە بولىدۇ. 1936-يىلى ئۆلىما زېڭ ۋېنۋۇ ئۆزىنىڭ «غەربنىڭ ئىگىلىك تارىخى» دېگەن كىتابىدا«مەسئۇد شىنجاڭدىكى غۇلجىلىق باينىڭ ئوغلى بولۇپ، تۈركىيىدە ئوقۇغان. ئەخلاق ۋە ئىلىمدە كامالەتكە يەتكەن شىنجاڭلىق ئالىملارنىڭ بىرى. ھازىر جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيىسى 5-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، 5-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى» دەپ باھا بەرگەن.بۇنىڭدىن مەسئۇدنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تەسىرىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

بۇ ۋاقىتتا مەسئۇد يەنە ئۆزىنىڭ سابىق باشلىقى—دېۋىزىيە كوماندىرى مامۇتنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن باش قاتۇردى. مەسئۇدنىڭ قوشۇنىدا مەسلىھەتچى بولغان ۋاقىتتا مەركەز بىلەن مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەن ئىدى. ئەمما مامۇت ئەسەبىي پانتۈركىزم ۋە پانئىسلامىزم ئۇنسۇرى بولسىمۇ، ئاقكۆڭۈل، جاھىل، نەزەر دائىرىسى تار كىشى بولغاچقا مەسئۇدنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىغان. بۇ مەزگىلگە كەلگەندە شېڭ شىسەينىڭ قوشۇنى كۈندىن-كۈنگە زورايغاندا مامۇت ئاندىن مەسئۇدنىڭ تەكلىپلىرىنى ئويلاپ، ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ ئىككى قېتىم ئىشەنچلىك ئادىمى مۆمىن ئاخۇن بىلەن ئىمىن داموللىنى نەنجىڭدىكى پائالىيەتلەرگە ئەۋەتىپ، مەركەزنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، شېڭ شىسەينىڭ يوقىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشتى.

سىياسىي پوزىتسىيىسى يېقىنلاشقانلىقى ئۈچۈن مەسئۇد مامۇتقا باشتىن-ئاخىر دوستانە پوزىتسىيىدە بولۇپ كەلدى. يەنە كېلىپ سىياسىيدا ئوخشاش يولدا مېڭىۋاتقان، كەلگۈسىدىكى ھەمكارلاشقۇچىسىنىڭ شىنجاڭدىن سىقىپ چىقىرىلىشنى خالىمايتتى. شۇڭا مامۇتنىڭ ئەلچىلىرىنى ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن كۈتۈۋالدى، ھەمدە تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۆزىنىڭ مۇناسىۋەت تورى ئارقىلىق مامۇتنىڭ ۋەكىللىرىنى گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرىگە تونۇشتۇرۇپ، ئەقىل كۆرسىتىپ، مامۇت ۋە ئۇنىڭ قىسمىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشىغا ياردەم قىلىشنى ئۆتۈندى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى مەركىزى كومىتېتى مەخسۇس خادىمنى كۈتۈۋېلىشقا ئەۋەتىپ، يۈزمۇ-يۈز تۇرۇپ يول-يورۇق بەردى. بۇنىڭدا شىنجاڭدا كۆپرەك ھامىلىرىنى قالدۇرۇش مەقسەت قىلىنغان ئىدى. ئەپسۇس بۇ ۋاقىتتا شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ تايانچى تاپقاچقا تەبىئىيلا بۇيرۇقنى ئاڭلاشنى خالىمايتتى. يەنە كېلىپ شىنجاڭنىڭ جايلىشىش ئورنى چەت بولغاچقا قاتناش، ئۇچۇر-ئالاقە قىيىنچىلىقى ئېغىر بولۇپ، قامچىسى ئۇزۇن بولسىمۇ ئاتقا تەگمەي مامۇت ئاخىرى ئامالسىز دۆلەتتىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، شېڭ شىسەي ئاخىرى ھەممىنى بىر تۇتاش باشقۇردى.

بۇ پىلانلار مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن، توساتتىنلا مەسئۇدنىڭ شېڭ شىسەيگە بولغان ئۆچمەنلىكى زور دەرىجىدە كۈچەيدى. 1936-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە گومىنداڭنىڭ 5-نۆۋەتلىك 2-ئومۇمىي يىغىنى نەنجىڭدە ئېچىلدى. يىغىندا مەسئۇد شېڭ شىسەينى قاتتىق سۆكۈپ، شېڭ شىسەينىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا تايىنىپ، دۆلەت مەنپەئەتىنى سېتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى قىرغىن قىلغان جىنايى قىلمىشلىرىنى سىستېمىلىق ئاشكارىلىدى. شېڭ شىسەي نۇرغۇن ئادەم ئۆلتۈرگەنلىكتىن زور مىقداردىكى ئۇۋال قىلىنغان دېلولار شەكىللىنىپ، نەنجىڭگە كېلىپ ئەرز-شىكايەت قىلغۇچىلار كۆپەيدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر بولسىمۇ، كۆپىنچىسى يەنىلا خەنزۇلار ئىدى. مەسئۇدنىڭ سىستېمىلىق شىكايىتى بۇ تۈركۈمدىكى كىشىلەرنىڭ كەڭ-كۆلەمدە قوللىشى ۋە ياخشى باھاسىغا، بىر تۈركۈم ئەمەلدارلار ۋە ئۆلىمالار شۇنىڭدەك جەمئىيەتتىكى زاتلارنىڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشتى. بۇ ئىش بىلەن مەسئۇد شىنجاڭ خەلقىنىڭ تېخىمۇ ياخشى باھاسىغا سازاۋەر بولدى.

1936-يىلى 8-ئايدا، موڭغۇل -زاڭزۇ كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئالمىشىپ، ۋۇ جوڭشىن تەيىنلەندى. كومىتېت باشلىقى ئالماشقاندىن كىيىن نەنجىڭدە «چېگرا يېرىم ئايلىق ژۇرنىلى» تەسىس قىلىنىپ، ھەر ساندا مەخسۇس ئۇيغۇر تىلىدا سەھىپە بېرىلدى. مەسئۇد ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئورنىدىن پايدىلىنىپ، ھەمىشە بۇ سەھىپىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ھەم نام ھەم مەنپەئەتكە ئېرىشتى. 1937-يىلى ياپونغا قارشى ئۇرۇش ئومۇميۈزلۈك پارتلاپ، نەنجىڭ خېيىم-خەتەر ئىچىدە قالدى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى پايتەختىنى كۆچۈرۈشنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن، بەزى ئاپپاراتلارنى چوڭچىڭغا يۆتكەپ بولغان ئىدى. مەسئۇد ۋە ئۇ باشچىلىقىدىكى «نەنجىڭدىكى شىنجاڭلىق يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسى» ئالدىنقى قاراردا چوڭچىڭغا بارغان تەشكىلاتلارنىڭ بىرى ھېسابلىناتتى. چوڭچىڭغا بارغاندىن كىيىن ئۇ ئاۋۋال يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ نامىدا «ئانا يۇرت» ئايلىق ژۇرنىلىنى چىقاردى. ژۇرنالنىڭ نامىنى مەسئۇد ئۆزى بېكىتكەن بولۇپ، تۈركىيىدىكى «تۈركىيىلىكلەرنىڭ ئانا يۇرتى» ژۇرنىلىدىن ئۆرنەك ئالغان ئىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، «تۈركىيىلىكلەرنىڭ ئانا يۇرتى» ژۇرنىلىدا تەشۋىق قىلىنىدىغان يادرولۇق ئىدىيە «ئانا يۇرتىمىز تۈركىستان»—ئۇلار تەشۋىق قىلىدىغان نۇتۇقلاردىكى مەركىزى سىياسىي شوئار بولۇپ قالدى.

مەسئۇدنىڭ بۇنداق ئۆزگىرىشى ئاۋۋال ۋۇ جوڭشىننىڭ دىققىتىنى تارتتى. ۋۇ جوڭشىن چېگرانىڭ مەمۇرىيەت ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندىن كىيىن، چېگرا ئىشلىرى ۋە دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا چېتىلىدىغان ۋەقەلەردە ئىنتايىن سەزگۈر بولدى. مەسئۇدنىڭ «چېگرا يېرىم ئايلىق ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرى بۇرۇنلا ۋۇ جوڭشىننىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا ۋۇ جوڭشىن ھەر مىللەت زاتلىرى جۈملىدىن شىنجاڭلىق زاتلارنىمۇ موڭغۇل -زاڭزۇ كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا كەڭ-كۆلەمدە كىرگۈزگەن بولۇپ، ۋۇ جوڭشىن بۇ ئەزالار ئارقىلىق مەسئۇدنى ئازراق چۈشەنگەن ئىدى. بەختكە يارىشا ئەينى ۋاقىتتا مەسئۇدنىڭ كۆڭلى ئارامىدا بولمىغاچقا، قەلب سىرلىرىنى ئاشكارىلاشقا جۈرئەت قىلالمىغان. چوڭچىڭغا كەلگەندىن كىيىن دارىتمىلاشقا باشلاپ، قىلماقچى بولغانلىرىغا تەييارلىق قىلدى. ھەمدە تىلدا دىققەت قىلغانلىقى، يەنە كېلىپ ئۇيغۇر تىلىنى كۆپ ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن چېنىشمىدى. بىر قېتىم زاڭزۇ-موڭغۇل كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر تىلىدىكى سىياسىي تەربىيە كۇرسىدا، شىنجاڭلىق ئەزالارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن مەسئۇد ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىلىقىغا تەكلىپ قىلىندى. ئۇ ئۇيغۇر تىلى دەرسىنى ئۆتكەن ۋاقىتتا قەستەن تۈرك تىلى تەلەپپۇزىنى كۆپرەك ئىشلىتىپ، تۈرك تىلى گرامماتىكىسىنى سۆزلىدى. بۇ ئەھۋال ۋۇ جوڭشىننىڭ گۇمانىنى قوزغىدى. موڭغۇل -زاڭزۇ كومىتېتى ئاچقان بىر قېتىملىق يىغىندا كۆپ ساندىكى ئەزالارنىڭ ئالدىدا ۋۇ جوڭشىنمۇ قاتناشقان ئەھۋال ئاستىدا، ئۆزىنىڭ بىر يۈرۈش پانئىسلامىزم نەزەرىيىلىرىنى تەپتارتماي بازارغا سېلىپ، يېنىدا ئادەم يوقتەك سۆزلىگەنچە ھاياجانلىنىپ ۋاتىلداشقا باشلىدى. ئەتراپىدىكىلەر بىر-بىرىگە قارىشىپ، نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالدى. ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلى دەرس ئۆتىشىگىلا باشقىچە ھېسسىياتتا بولۇپ كەلگەن ۋۇ جوڭشىن ئۇنىڭ كەينى-كەينىدىن بېشارەت بېرىپ يەنە ھېچنېمىنى بىلمىگەن بولۇۋالغانلىقىنى كۆرۈپ سۆزىنى ئۈزۈۋېتىشكە مەجبۇر بولدى ھەمدە ئۇنىڭ سۆزىدىكى ئەقىلگە سىغمايدىغان تەرەپلىرىنى كۆرسەتتى. ئىككىيلەن شۇ ھامان توقۇنۇشۇپ، يىغىن كۆڭۈلسىزلىك ئىچىدە ئاخىرلاشتى. شۇنىڭدىن باشلاپ ۋۇ جوڭشىننىڭ مەسئۇدقا بولغان قارىشى تۈپتىن ئۆزگەردى.

1939-يىلى 1-ئايدا گومىنداڭنىڭ 5-نۆۋەتلىك 5-ئومۇمىي يىغىنى چوڭچىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا كومپارتىيىگە قارشى فاڭجېن بېكىتىلىپ، كومپارتىيىگە قارشى كومىتېت قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىندى. يىغىندا مەسئۇد كومپارتىيىگە قارشى نۇتۇق سۆزلەپ، شېڭ شىسەينى كوممۇنىست ئۇنسۇر دەپ ئەيىبلەپ، شىددەت بىلەن سۆكتى. ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئالغاندا، مەسئۇدنىڭ نۇتىقىدىكى بەزى سۆزلەر يۈرىكىدىن چىققان ھېقىقى سۆزلەر بولسىمۇ، يەنە نىقابلانغان سۆزلەرمۇ بار ئىدى. 1942-يىلى 11-ئايدا گومىنداڭنىڭ 5-نۆۋەتلىك 10-ئومۇمىي يىغىنى چاقىرىلدى. بۇ ۋاقىتتا سۇنىڭ ئېقىشىغا، تۈكنىڭ يېتىشىغا ئىش كۆرىدىغان شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ، جياڭ جيېشىغا «نازلىنىش»قا باشلىدى. يىغىندا مەسئۇد يەنە بىر قېتىم كومپارتىيىگە قارشى نۇتۇق سۆزلەپ، تىغ ئۇچىنى بىۋاسىتە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قاراتتى.

1943-يىلى 11-ئايدا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەت باشلىقلىرى مىسىردا قاھىرە يىغىنى ئېچىپ، ياپونىيىگە بىرلىكتە ئۇرۇش قىلىش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلدى. بۇنىڭ بىلەن خەلقئارا ۋەزىيەت جۇڭگوغا پايدىلىق يۆنىلىشتە تەرەققىي قىلدى. 1944-يىلى 1-ئايدا جياڭ جيېشى رادىئو نۇتقى سۆزلەپ، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسىگە بولغان ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئارقىدىن گومىنداڭ سىياسىي ئىشلار كېڭىشى ئاساسى قانۇنلۇق سىياسەتنى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى «مەملىكەت پۇقرالىرىغا مەكتۇپ»نى ئېلان قىلىپ، كۆپچىلىكتىن ئاساسى قانۇن لايىھىسىنى مۇزاكىرە قىلىپ، پىكىر بېرىشنى تەلەپ قىلدى. دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتى بوشاپ، ئۇزۇن يىل كۆڭلىدىكىنى ئاشكارىيالمىغان مەسئۇد تايانچ تاپقاندەك بولدى. يەنە كېلىپ گومىنداڭغا تۆھپە قوشقان بولغاچقا بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭ مەسىلىسىنى ئويلاپ، پانتۈركىزم مۇقامىنى چېلىشقا باشلىدى. ئۇ ئەسلى تەبىئىي پەن بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ، بۇ ۋاقىتتا زورمۇ-زورلا شىنجاڭ مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىدى. 1944-يىلنىڭ بېشىدا چوڭچىڭدا سۆزلىگەن «شىنجاڭ تارىخى ۋە شىنجاڭ مەدەنىيىتىدىن ئىزلار» تېمىسىدىكى نۇتقى، ئەيسا تەرجىمە قىلغاندىن كىيىن «ياشلار ژۇرنىلى» ۋە ئارقىدىن «ئالتاي» ژۇرنىلىنىڭ خەنزۇچە تۇنجى سانىدا ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنى تونۇشتۇرۇش» سەرلەۋھىسىدىكى ماقالىسى مۇشۇ تۈرگە تەۋە ئىدى.

«ئالتاي ژۇرنىلى» ئەسلىدە مەسئۇد ۋە ئىمىن، ئەيسا قاتارلىقلار بىرلىشىپ چىقارغان ژۇرنال بولۇپ، ئەيسا مەسئۇل مۇھەررىر بولغان. ئۇلار بۇ ژۇرنالدا يوشۇرۇن شەكىللەر ئارقىلىق ھەمىشە پانتۈركىزم، پانئىسلامىزمنى تەرغىب قىلىدىغان ئەتكەس ماللىرىنى بازارغا سالدى. ئۇيغۇر تىلىدا 5 سان چىقىپ بولغان بولۇپ، خەنزۇ تىلى سانىنىڭ تۇنجىسىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىسىنى شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنى تونۇشتۇرۇش دېگەندىن كۆرە پانتۈركىزمنى ئاشكارا تەرغىب قىلغان ماقالە دېگەن تۈزۈك ئىدى. مەسئۇد ماقالىسىدە: نۆۋەتتە شىنجاڭدىكى مىللەتلەر 14 مىللەتكە ئايرىلدى. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تارانچى، ئۆزبېك، تاتارلار پەقەت «ئالتە قەبىلە» بولۇپ، تىل، ئۆرۈپ-ئادەت، دىن، كىيىنىش جەھەتتە ئوخشاش. ئىرق ئوخشاشلىقى ۋە ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ تۇتىشىشىغا ئاساسەن «ئۇلارنىڭ بىر مىللەت يەنى تۈرك مىللىتى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش كېرەك». تاجىك مىللىتىنىڭ تىلىدىن باشقا تەرەپلىرى بۇ ئۇيغۇر قاتارلىق 6 قەبىلە بىلەن ئوخشاش، شۇڭا ئۇلارنىمۇ «تۈرك مىللىتى» دېيىشكە بولىدۇ، دېگەننى ئوتتۇرىغا قويدى. مەسئۇد خۇيزۇلارنى ئېتىراپ قىلماي، ئۇلار «تاماقنى چوكىدا يەيدۇ»، دىنى ئېتىقادىدىن باشقىسىنىڭ ھەممىسى خەنزۇلار بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش. پەقەت موڭغۇللارلا مۇستەقىل مىللەت دېدى. شىنجاڭدىكى رۇس مىللىتىغا كەلگەندە، ئۆزىنىڭ رۇسىيىگە، كومپارتىيىگە قارشى خاراكتېرىنى ئىپادىلەپ، ھەتتا ئۇلارنى جۇڭگولۇق ئەمەس، شىنجاڭدىكى مۇھاجىرلار دەپ قارىدى.

ماقالە ئېلان قىلىنغاندا ھېچكىمنىڭ دىققىتىنى تارتالمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىمىن، ئەيسا قاتارلىقلار ئاساسى قانۇن لايىھىسىنى مۇزاكىرە قىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، بۇ كۆز قارىشىنى «چۇڭچىڭدىكى شىنجاڭلىق يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسى»نىڭ نامىدا ماقالىنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، «چۇڭچىڭدىكى شىنجاڭلىق يۇرتداشلارنىڭ ئاساسى قانۇن لايىھىسىگە قارىتا پىكرى» دېگەن توننى كەيدۈرۈپ، 1944-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى «ئاخبارات» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلدى. بۇ ماقالىدە نۇرغۇن مەزمۇن سۆزلەنگەن بولسىمۇ ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك ئىككى يادرولۇق نۇقتا بار ئىدى:



«ئالتاي ژۇرنىلى» ئەسلىدە مەسئۇد ۋە ئىمىن، ئەيسا قاتارلىقلار بىرلىشىپ چىقارغان ژۇرنال بولۇپ، ئەيسا مەسئۇل مۇھەررىر بولغان. ئۇلار بۇ ژۇرنالدا يوشۇرۇن شەكىللەر ئارقىلىق ھەمىشە پانتۈركىزم، پانئىسلامىزمنى تەرغىب قىلىدىغان ئەتكەس ماللىرىنى بازارغا سالدى. ئۇيغۇر تىلىدا 5 سان چىقىپ بولغان بولۇپ، خەنزۇ تىلى سانىنىڭ تۇنجىسىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىسىنى شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنى تونۇشتۇرۇش دېگەندىن كۆرە پانتۈركىزمنى ئاشكارا تەرغىب قىلغان ماقالە دېگەن تۈزۈك ئىدى. مەسئۇد ماقالىسىدە: نۆۋەتتە شىنجاڭدىكى مىللەتلەر 14 مىللەتكە ئايرىلدى. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تارانچى، ئۆزبېك، تاتارلار پەقەت «ئالتە قەبىلە» بولۇپ، تىل، ئۆرۈپ-ئادەت، دىن، كىيىنىش جەھەتتە ئوخشاش. ئىرق ئوخشاشلىقى ۋە ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ تۇتىشىشىغا ئاساسەن «ئۇلارنىڭ بىر مىللەت يەنى تۈرك مىللىتى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش كېرەك». تاجىك مىللىتىنىڭ تىلىدىن باشقا تەرەپلىرى بۇ ئۇيغۇر قاتارلىق 6 قەبىلە بىلەن ئوخشاش، شۇڭا ئۇلارنىمۇ «تۈرك مىللىتى» دېيىشكە بولىدۇ، دېگەننى ئوتتۇرىغا قويدى. مەسئۇد خۇيزۇلارنى ئېتىراپ قىلماي، ئۇلار «تاماقنى چوكىدا يەيدۇ»، دىنى ئېتىقادىدىن باشقىسىنىڭ ھەممىسى خەنزۇلار بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش. پەقەت موڭغۇللارلا مۇستەقىل مىللەت دېدى. شىنجاڭدىكى رۇس مىللىتىغا كەلگەندە، ئۆزىنىڭ رۇسىيىگە، كومپارتىيىگە قارشى خاراكتېرىنى ئىپادىلەپ، ھەتتا ئۇلارنى جۇڭگولۇق ئەمەس، شىنجاڭدىكى مۇھاجىرلار دەپ قارىدى.

ماقالە ئېلان قىلىنغاندا ھېچكىمنىڭ دىققىتىنى تارتالمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىمىن، ئەيسا قاتارلىقلار ئاساسى قانۇن لايىھىسىنى مۇزاكىرە قىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، بۇ كۆز قارىشىنى «چۇڭچىڭدىكى شىنجاڭلىق يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسى»نىڭ نامىدا ماقالىنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، «چۇڭچىڭدىكى شىنجاڭلىق يۇرتداشلارنىڭ ئاساسى قانۇن لايىھىسىگە قارىتا پىكرى» دېگەن توننى كەيدۈرۈپ، 1944-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى «ئاخبارات» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلدى. بۇ ماقالىدە نۇرغۇن مەزمۇن سۆزلەنگەن بولسىمۇ ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك ئىككى يادرولۇق نۇقتا بار ئىدى:

بىرىنچىدىن، شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرنى تۈرك مىللىتى دەپ ئاتاش؛

ئىككىنچىدىن، «شىنجاڭ» دېگەن نامنى «تۈركىستان»غا ئۆزگەرتىش.

مەسئۇدنىڭ دەسلەپكى ئويى شۇنىڭدەك بۇ ئىككىيلەننىڭ بايانىدىكى مەقسەت ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، ئاخبارات ۋاسىتىسى ئارقىلىق گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە سىياسىي تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگونى پارچىلاشتىن ئىبارەت ئەڭ ئاخىرقى نىشانغا يېتىش ئۈچۈن يول ھازىرلاش مەقسەت قىلىنغان ئىدى.

ئۇلارنىڭ بىمەنە لوگىكىسى شۇ ھامان كۈچلۈك ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. فرانسىيە پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن دوكتور، شۇنداقلا شىنجاڭدا بىر مەزگىل خىزمەت قىلغان ئۆلىما لى دوڭفاڭ «مەركەز كۈندىلىك گېزىتى»دە ماقالە ئېلان قىلىپ، «چۇڭچىڭدىكى بىر نەچچە يۇرتداشنىڭ پىكرىگە ئاساسلىنىپ، نەچچە مىليون قېرىنداشنى ئۆزىمۇ قوبۇل قىلىشنى خالىمايدىغان، يەنە كېلىپ ھېقىقى شەكىللىنىش ئىمكانىيىتى بولمىغان نام بىلەن ئاتاشقا بولمايدۇ» دەپ كۆرسەتتى. لى دوڭفاڭ ماقالىسىدە ئۇلارنىڭ ئۇ يەردىن-بۇيەردىن قۇراشتۇرغان نۇقتىنەزەرلىرىگە بىر-بىرلەپ رەددىيە بېرىپ، نۇقسانلىرى كۆپ ئىسپاتلىرىنى مەسخىرە قىلىپ، توغرا تارىخى ئىسپاتلار بىلەن مۇنداق كۆرسەتتى: ئۇيغۇر مىللىتى تارىختىكى乌护،回纥 ۋە回鹘 لار بولۇپ، ئۇلار بىلەن تۈركلەر سۈي، تاڭ سۇلالىرى مەزگىلىدە بىر مەھەل گۈللىنىپ كىيىن زاۋاللىققا يۈزلەنگەن. تۈركلەر تاڭ سۇلالىسىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرگەندە ئۇيغۇر (回鹘) لار ئەسكەر چىقىرىپ تاڭ سۇلالىسىگە ياردەملىشىپ توپىلاڭنى تىنجىتقان. ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەر ئايرىم-ئايرىم ئىككى قەبىلە تۇرسا ئۇلارنى قانداقمۇ بىرلەشتۈرۈپ بىر مىللەت دېگىلى بولسۇن؟ قىرغىزلار قەدىمكى تارىخلاردىكى 吉戛斯لار بولۇپ، ئۇيغۇر (回鹘)، تۈركلەر بىلەن قوشنا ياشاپ كەلگەن بولسىمۇ بىر مىللەت ئەمەس؛ تاتارلار موڭغۇل قان سىستېمىسىغا تەۋە بولۇپ، چىڭگىزخاننىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىشى بىلەن كۆچۈپ كەلگەن. تاجىكلار پامىر ئېگىزلىكىدە ياشاپ كەلگەن ئىران تىلى سىستېمىسىغا تەۋە مىللەت بولۇپ، تۈركلەر بىلەن تېخىمۇ مۇناسىۋىتى يوق؛ قازاق، ئۆزبېكلەرنىڭ شەكىللىنىشى نىسبەتەن كىيىن بولۇپ، تۈركلەر بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. ئۇيغۇر (回鹘) لارنىڭ تارىختا تۈرك يېزىقىنى قوللانغىنىغا قاراپلا تۈرك مىللىتى دېيىشكە بولمايدۇ. بۇ خۇددى ياپونىيىلىكلەر چاسا خەتنى قوللانسىمۇ، ئۇلارنى جۇڭگولۇق دېگىلى بولمىغاندەك ئىش. لى دوڭفاڭ قاتارلىقلارنىڭ ماقالىسىدە تەتقىقاتچى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلمى پوزىتسىيىسى ۋە ئۆلىمالارنىڭ سەزگۈرلۈكى ئەكس ئەتكەن بولۇپ، گومىنداڭنىڭ پارتىيە گېزىتىدا ئېلان قىلىنىپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ نۇقتىنەزەرگە بولغان پوزىتسىيىسىنى ئەكس ئەتتۈردى.

1945-يىلى 4-ئايدا «ئالتاي گېزىتى»دا يەنە مەسئۇد «غەربى شىمالنىڭ سىياسىي توغرىسىدا سۆز» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىپ، بېشىدىلا «ھازىر سۆزلەيدىغان پۇرسەت كەلدى» دەپ، تاقەتسىزلىك ئىلىكىدە ئۆزىنى باسالماسلىق پسىخىكىسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇ شۇنچە ئالدىراپ نېمىنى بايان قىلىدۇ؟ ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى غەربنى ئېچىش مەزمۇنىدىكى جامائەت پىكرى تەشۋىقاتىنىڭ تارقىلىشىغا چىدىيالماي، تاقەتسىزلىك ئىچىدە پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرۈپ شىنجاڭغا ئاھالە كۆچۈرۈشكە، شىنجاڭنى ئېچىشقا، شىنجاڭنى قۇرۇشقا، شىنجاڭغا ئەسكەر ئەۋەتىشكە قارشى تۇرىمەن، شىنجاڭدىكى تىنچسىزلىقنى يۆتكەلگەن ئاھالە ۋە ئارمىيە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دېدى. ئۇنىڭ بۇ ماقالىسى بىلەن ئالدىنقى قېتىم جەڭ ئېلان قىلغان ماقالىسىنىڭ مەقسىتى ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاش بولۇپ، بىرسىدە شىنجاڭدىكى يەرلىك مىللەتلەرنى «تۈرك مىللىتى» دەپ ئاتاشنى چاقىرىق قىلسا يەنە بىرسىدە خەنزۇ ئارمىيىسى بىلەن خەنزۇ خەلقىنى شىنجاڭغا كىرگۈزمەسلىك چوقانىنى سالدى. بۇنىڭدىن چىقىدىغان يەكۈن ئىنتايىن چۈشىنىشلىك بولۇپ، پەقەت مۇھىت چەكلىمىسى يەنە كېلىپ گومىنداڭنىڭ قوللىشىغا ئېھتىياجلىق بولغاچقا شىنجاڭنى مۇستەقىل قىلىش سۆزىنى دېيەلمىگەن خالاس. بۇ ۋاقىتتا مەسئۇد ۋە ئەيسا داۋاملىق ئالاقە قىلغان بېرەيلەن بىر ماقالە ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ ماقالىسىدە مەسئۇدنىڭ ھېقىقى پسىخىكىسى ئاشكارىلاندى. ماقالىدىكى تونۇشتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا «مەسئۇد— سوۋېتقا قارشى مۇتەخەسسىس، سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيىنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ھاياجانلانغان. سوۋېتنىڭ ھۇجۇمغا ئۆتكەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئاچچىقلىنىپ زادىلا چىقىشالمايدىغان ھېسسىياتتا بولغان». مەسئۇد «يەنە خەنزۇلار مەخسۇس باشقا مىللەتلەرنى يەيدىغان مىللەت دېگەن». ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە ھەمراھلىرى ئىمىن، ئەيسالار بىلەن بىرلىكتە جياڭ جيېشىغا مەكتۇپ يوللاپ، «شىنجاڭدا يۈكسەك ئاپتونومىيە بولۇش تەلىپىنى ئىزھار قىلغان. بۇنىڭغا دائىرلارنىڭ قاتتىق غەزىپى كەلگەن»، «بىر مەزگىل لەنجۇ، چوڭچىڭلاردا چەكلىمىگە ئۇچرىغان». بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ئاساسى قانۇن لايىھىسىنى مۇزاكىرە قىلىش قوزغىغان بىر مەزگىللىك «پانتۈركىزم» ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرى كىلىمات شەكىللەندۈرەلمەيلا قالماستىن بەلكى ئۇلارنىڭ ئەپتى-بەشىرىسى خەلق ئالدىدا ئاشكارىلىنىپ، ئوڭايسىز ھالەتكە چۈشۈپ قالغان. ئەمما ئۇزاق ئۆتمەيلا شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى مەسئۇد قاتارلىقلارنىڭ يۈرەكنى كۈچەيتىش دورىسى بولۇپ، قايتىدىن روھلانغان.



شىنجاڭغا يەنە قايتىشنى پىلانلاش



ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن شىنجاڭغا يەنە قايتىشنى پائال پىلانلاش

شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى، مەسئۇدنىڭ ھوقۇقنىڭ پەللىسىگە چىقىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بەردى. 1944-يىلى 9-ئايدا شېڭ شىسەي شىنجاڭ خەلقىنىڭ ھاقارەتلىرى ئىچىدە 11 يىل 5 ئايلىق ھاكىمىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭدىن ئايرىلدى. ئەمما ئۇنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتى تۈپەيلىدىن قوزغالغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى بېسىقمىدى. موڭغۇل -زاڭزۇ كومىتېتىنىڭ سابىق باشلىقى ۋۇ جوڭشىن ۋەقە كۈچىيىۋاتقان پەيتتە شىنجاڭغا كېلىپ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى.

يېڭى ھۆكۈمەتنى تەشكىللەشتە تەبىئىيلا بىر تۈركۈم بىللە بارىدىغان خادىملارنى تاللاشقا توغرا كېلەتتى. مەسئۇد بۇ مىسلىسىز تەستە كېلىدىغان پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش كېرەك، دەپ قارىدى. بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇ ژۇرنال ۋە مۇنبەرلەردىن پايدىلىنىپ پانتۈركىزم ۋە پانئىسلامىزم تەشۋىقاتىنى تارقاتقان بولسىمۇ، چۇڭچىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ ئارىلىقى بەك يىراق بولغاچقا ئۇنىڭ چوقانلىرىنىڭ شىنجاڭ خەلقىگە بولغان تەسىرىنى يوق دېيىشكە بولاتتى. ئۇ پەقەت شىنجاڭغا قايتىش ئارقىلىقلا «قوش پان ئىزىم» نەزەرىيىسىنى شىنجاڭنى بۆلىۋېلىشتەك كونكرېتنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ئىدى. مەسئۇد ۋۇ جوڭشىننىڭ موڭغۇل-زاڭزۇ كومىتېتىدىكى نۇرغۇن خادىملارنى ئىشلەتكەنلىكىنى، رويخەتتە ئىسمىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرگەندىن كىيىن، ۋۇ جوڭشىن بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىدىن مۇشۇنداق بولغانلىقىنى ھېس قىلىپ، جياڭ جيېشى ئارقىلىق شىنجاڭغا بېرىش مەقسىتىگە يېتىشنى پىلانلىدى. شۇنىڭ بىلەن مەسئۇد جاڭ جيېشى نەۋكەرلەر ئىشخانىسى ئىككىنچى باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى چېن بۇلېيدىن «يۇرتىغا قايتىش ئارزۇسى»نى جياڭ جيېشىغا يەتكۈزۈشنى ئىككى قېتىم ئۆتۈندى. ئەمما چېن بۇلېي پۇرسەت كەلمىدى دەپ قاراپ جياڭ جيېشىغا ئىككىلىسىنى يەتكۈزمىدى. مەسئۇد پۇرسەتنىڭ كېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ چېن بۇلېينى يەنە بىر قېتىم سۈيلىگەندە، چېن بۇلېي ئامالسىز 10-ئاينىڭ 25-كۈنى تېلېگرامما يوللاپ، مەسئۇدنىڭ شىنجاڭغا قايتىش تەلىپىگە قارىتا ۋۇ جوڭشىندىن پىكىر ئالدى. ۋۇ جوڭشىن مەسئۇدنىڭ پانتۈركىزم تەشۋىقاتىنى داۋاملىق تارقاتقانلىقىنى بالدۇرلا بىلگەچكە، تەبىئىيلا بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ شىنجاڭغا كېلىشىگە قوشۇلمايتتى. ۋۇ جوڭشىن مەسئۇدنىڭ مۇناسىۋەتتىن پايدىلىنىپ شىنجاڭغا كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق 8-ئۇرۇش رايونىنىڭ قوماندانى جۇ شاۋلىياڭ بىلەن بىرلىكتە تېلېگرامما يوللاپ، مەسئۇدنىڭ شىنجاڭغا كېلىشىنى قەتئىي رەت قىلدى. ئۇلار تېلېگراممىسىدا ئۈچ تۈرلۈك قارشى تۇرۇش سەۋەبىنى بايان قىلدى:

1. ئۇلار مىنگونىڭ 31-يىلى① (ئىزاھات:1942-يىلىنى كۆرسىتىدۇ)مەركەزگە مەكتۇپ يوللاپ، شىنجاڭغا ئاھالە كۆچۈرمەسلىكنى، ئارمىيە كىرگۈزمەسلىكنى، شىنجاڭنى شىنجاڭلىقلار باشقۇرۇشنى، شىنجاڭنىڭ نامىنى «شەرقى تۈركىستان»غا ئۆزگەرتىشنى تەشەببۇس قىلغان. تار مىللەتچىلىك كۆز قارىشى ئېغىر.

2. شېڭ شىسەي ئۇنىڭدىن پەقەت رازى ئەمەس، ھازىر شېڭ شىسەينىڭ شىنجاڭدىكى قىسمىدا ئادەم بەك كۆپ، ئۇنىڭغا پايدىسىز بولۇشى مۇمكىن.

3. ئۇنىڭ خانىمى ھازىر شىنجاڭدا، داۋراڭ سېلىپ يۈرگەن ئەھۋال بار. ئۇ شىنجاڭغا كەلسە تىنچلىق بولۇشى ناتايىن. ئىنىلىرى مەسئۇدنىڭ كېچىكىپرەك كېلىشىنى مۇۋاپىق دەپ قارايدۇ. توغرا چۈشىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن.



شىنجاڭغا كېلىش چۈشى ئەمەلگە ئاشمىدى



ۋۇ جوڭشىننىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن مەسئۇدنىڭ شىنجاڭغا كېلىش چۈشى ئەمەلگە ئاشمىدى.

جياڭ جيېشى ئارقىلىق شىنجاڭغا قايتىش ئۈمىدى يوققا چىققاندىن كىيىن مەسئۇد ئۆزى ئوتتۇرىغا چىقىپ جامائەت پىكرى بېسىمى ئارقىلىق مەركىزى ھۆكۈمەتنى يول قويۇشقا قىستىماقچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئىمىن، ئەيسالار قول تىقىپ، «شىنجاڭ خەلقى شىنجاڭنى باشقۇرۇش» بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، يۇقىرى -تۆۋەن قاتراپ، لەنجۇدا جامائەت پىكرى شەكىللەندۈردى. جياڭ جيېشى گەنسۇ تەرەپنىڭ مەخپىي تېلېگراممىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كىيىن، دەرھال ۋۇجوڭشىنغا تېلېگرامما يوللاپ، مەسئۇد قاتارلىقلارنىڭ شىنجاڭ بىلەن مۇناسىۋىتى بار-يوقلۇقىنى سورىدى. ۋۇ جوڭشىن «مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، مەسئۇد، ئەيسا قاتارلىقلار شىنجاڭغا مەخپىي ئادەم ئەۋەتىپ، پائالىيەت ئېلىپ بارغان. بۇنى ئىسپاتلاشقا بولمىدى. مەركىزى كومىتېت ئامال ئىزدەپ ئۇلارنى چوڭچىڭغا قايتۇرۇپ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرسا» دېگەن مەزمۇندا تېلېگرامما قايتۇردى. جياڭ جيېشى ۋۇ جوڭشىننىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلىپ، مەسئۇدنى چوڭچىڭغا تەڭشەپ، مۇۋاپىق دەرىجىدە تىزگىنلىدى. ئەمما جازالىمىدى. بۇ ئىش تۈپەيلى ۋۇجوڭشىن مەسئۇد قاتارلىقلارنىڭ قىلمىشىغا تېخىمۇ ئاچچىقلاپ، ئۇلار لەنجۇدا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بىمەنە چاقىرىقلارنى قىلدى، مەقسىتىنى چۈشىنىپ بولغىلى بولمايدۇ، مەيلى يەرلىك، مەيلى مەركەز بولسۇن ھەممىسىگە پايدىسىز دەپ قارىدى. ۋۇ جوڭشىن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئاغرىنىش مەنىسىدە جياڭ جيېشىغا: «ئىلگىرى مەركەزدىكى ھېقىقى ئەھۋالنى بىلمەيدىغان زاتلار مەسئۇد، ئەيسالارنىڭ داۋراڭلىرىغا ھەدەپ يول قويدى، ئۇنداق قىلماسلىقى كېرەك ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنىڭ يۈز بېرىشى مەركەزدىكى بەزى ‹ئىشنىڭ يولىنى بىلمەيدىغان› لارنىڭ مەسئۇد، ئەيسا قاتارلىق قارا نىيەتلەرنى سىغدۇرغانلىق بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، چوقۇم مۇناسىۋەتلىك جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىش كېرەك» دېگەن مەلۇماتنى يوللىدى.

مەسئۇد قاتارلىقلار لەنجۇدىكى پائالىيەتلىرىدە ئۈنۈم كۆرمەي قايتقاندىن كىيىن، تەبىئىيلا ئۆچلۈكى قوزغالدى. ئەمما ھوقۇقنى ئىگىلىۋالغان ۋۇ جوڭشىنغا ئامالى بولمىغاچقا، تىغ ئۇچىنى شېڭ شىسەيگە قاراتتى.

1945-يىلى 5-ئايدا، گومىنداڭنىڭ مەملىكەتلىك 6-قۇرۇلتىيى چاقىرىلدى. قۇرۇلتاي مەزگىلىدە مەسئۇد قاتارلىقلار شېڭ شىسەينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان شىنجاڭلىقلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، شېڭ شىسەيدىن ھېساب ئالماقچى بولدى. يىغىندا، مەسئۇد ئاچچىقلانغان ھالدا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن شېڭ شىسەي ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ: «سەن شىنجاڭدا تۇرغان 10 يىل ئىچىدە 200 مىڭ ئادەمنى قولغا ئالدىڭ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھېسابلىغاندا شىنجاڭدىكى ھەر بىر ئائىلىدىن بىردىن ئادەم قامالدى. قولغا ئېلىپ قويۇپ بېرىلگەنلەر پەقەت 80 مىڭ ئادەم بولدى. قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆلتۈرۈلدى… مۇشۇنداق پاجىئەنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىڭ ئۈچۈن، شېڭ شىسەي ئەپەندى، بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈڭگە ئېلىشىڭ كېرەك» دېدى. مەسئۇدنىڭ سۆزى ھەممەيلەننى جىددىيلەشتۈرۈپ، يىغىنخانا ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولدى. ھەممەيلەن شېڭ شىسەينى «قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك» دەپ ۋارقىراشتى. يىغىنخانىدا ئولتۇرغان شېڭ شىسەي ئۆزىنى ئاقلاشقا باشلىدى. ئەمما يىغىن تەرتىپى تېخىمۇ قالايمىقانلىشىپ، چاتاق چىققىلى تاس قالدى. بەختكە يارىشا يىغىن رىياسەتچىسى سالماق بولۇپ ئەپچىللىك بىلەن بۇ ئىشنى بېسىقتۇردى.

ئارقىدىنلا مەسئۇد يەنە شىنجاڭدىن كەلگەن كېڭەش ئەزالىرى ليۇ ۋېنلوڭ، قادىر ئەپەندى، مەنسۇر داموللا قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە 7-ئايدا چاقىرىلغان 4-نۆۋەتلىك گومىنداڭ سىياسىي ئىشلار يىغىنىغا «ھۆكۈمەتنىڭ نۇرغۇن ھەر مىللەت بىگۇناھ ئاممىنى ئۆلتۈرگەن جاللات شېڭ شىسەينى جازالاپ بېرىش» توغرىسىدىكى تەكلىپنامىسىنى سۇنۇپ، شېڭ شىسەينىڭ قانلىق جىنايىتى ئۈستىدىن رەھىمسىزلەرچە شىكايەت قىلدى. يىغىندىن كىيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا شېڭ شىسەينىڭ دېھقانچىلىق-ئورمانچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرىلىك ۋەزىپىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بۇيرۇقى چىقىرىلدى. بۇ قېتىمقى ئېلىشىشتا مەسئۇد كۈچىمەيلا غەلىبە قىلغان بولدى. بۇنىڭ بىلەن مەسئۇد روھلىنىپ نىشانىنى شىنجاڭغا قاراتتى.

بۇ ۋاقىتتىكى شىنجاڭدا شېڭ شىسەينىڭ قانلىق ھاكىمىيىتى تۈپەيلى يىغىلىپ قالغان غەزەپ-نەپرەت كەيپىياتى كۈچەيگەن بولۇپ، يەنە كېلىپ مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى خەلقنى نامراتلاشتۇرۇش، ئىنقىلابنىڭ پىلتىسى ئوت ئېلىش باسقۇچىغا كىرگەن ئىدى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى مال باھاسىنى تۇراقلاشتۇرۇش، قالايمىقانچىلىقتا قالغان شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى تۇراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەركىزى بانكا شىنجاڭدا شىنجاڭ ئوبوروت بانكنوتى تارقىتىشنى قارار قىلىپ، چۇڭچىڭ مەركەز كۈمۈش پۇل باسما زاۋۇتىدا باستۇردى. ئوبوروت بانكنوتىنىڭ ئوڭ يۈزىدە خەنزۇ يېزىقى، تەتۈر يۈزىدە ئۇيغۇر يېزىقى قوللىنىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرچىسىنى مەسئۇد تەرجىمە قىلىپ يازدۇرغان ئىدى. تەرجىمىدە مەسئۇد قەستەن شىنجاڭ ئوبوروت بانكنوتى دېگەن سۆزنى «چىنا تۈركىستان ئوبوروت بانكنوتى» دەپ تەرجىمە قىلدى. بۇ پۇل 8-ئاينىڭ 14-كۈنى تارقىتىلغان ۋاقىتتا تەرجىمىسىدە مەسىلە بارلىقى بايقىلىپ قالدى، مۇبادا تارقىلىپلا كەتكەن بولسا، سىياسىي خاتا چۈشەنچە كېلىپ چىقاتتى. پۇل تارقالغىلى تۆت سائەت بولغان ۋاقىت ئىچىدە ۋۇ جوڭشىن دەرھال يىغىۋېلىپ ھەممىسىنى بىكار قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چىقاردى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مەسئۇد پانتۈركىزم تەشۋىقاتى قىلىشتا پۇرسەت بولسىلا ھېچ يەرنى بوش قويمىغان. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ ھۆكۈمەت ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ جازالىمىغان. جياڭ جيېشى ھۆكۈمىتى ئۇلارغا شۇ دەرىجىدە كەڭچىلىك قىلغان.

شىنجاڭدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كىيىن ئۈچ ۋىلايەت كۈچلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى ئاستىدا شىددەت بىلەن تەرەققىي قىلىپ، گومىنداڭنىڭ ھەربىي كۈچىدە ناھايىتى تېزلا ئىلىدىن سىقىپ چىقىرىلىش ئېھتىمالى تۇغۇلدى. ئىككىنچى يىلى 8-، 9-ئايلاردا يەنە ئالتاي، چۆچەكلەرنى بېسىۋېلىپ مىللىي قوشۇننىڭ ئاساسى كۈچى ماناس دەرياسىنىڭ غەربى قىرغىقى بويلىرىدا مۇقىملىشىپ، گومىنداڭنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيىتىنىڭ مەركىزى بولغان ئۈرۈمچىگە بىۋاسىتە تەھدىت ئېلىپ كەلدى.

ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ئەمدىلا قوزغالغان ۋاقىتتا گومىنداڭ ھۆكۈمىتى شېڭ شىسەي شىنجاڭدىن ئايرىلسىلا قوراللىق قارشى تۇرۇش تۈگەيدۇ دېگەن خاتا قاراشتا بولدى. ئەمما 11-ئاينىڭ 7-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ غۇلجا قوزغىلىڭىغا تولۇق قاتناشقانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن، شۇ قېتىملىق ۋەقەنىڭ مۇرەككەپ ئارقا كۆرۈنۈشىنى چۈشەندى. ۋۇ جوڭشىن تاشقى ئىشلار جەھەتتە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئالاقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن جايلارنى قوراللىق قورشاش، ئەمما ئىچكى جەھەتتىكى سىياسىي ئىشلار بويىچە بىر تەرەپ قىلىش، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە سوۋېت ئىتتىپاقىغا چېقىلماسلىقىنى تەشەببۇس قىلدى.

جياڭ جيېشى ئەينى ۋاقىتتىكى خەلقئارا، دۆلەت ئىچىدىكى ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، چەتئەل دۈشمەنلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن شىنجاڭ مەسىلىسىنى تىنچلىق سۆھبىتى ئارقىلىق ھەل قىلىشنى قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئەزەلدىن «تىنچلىق گېنېرالى» دەپ نام ئالغان ئارمىيە-ھۆكۈمەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاڭ جىجوڭنى مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئۈچۈن شىنجاڭغا ئەۋەتتى. مەسئۇد بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، ئاۋۋال جياڭ جيېشىغا خەت يېزىپ، مەركەزنىڭ قارارىنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە شىنجاڭنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش، شىنجاڭ خەلقىنىڭ باج سېلىقلىرىنى يېنىكلىتىش، قامالغان بىگۇناھ ئاممىنى قويۇپ بېرىش قاتارلىق 15 تۈرلۈك شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئارقىدىنلا جاڭ جىجوڭغا خەت يېزىپ، يەنە بىر قېتىم ئۆزىنىڭ مەركەزنىڭ قارارلىرىنى ھىمايە قىلىش كۆز قاراشلىرىنى ئېيتىپ، ئۆزىنىڭ شىنجاڭغا قايتىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى، شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇش ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. جاڭ جىجوڭ بۇ ئىشتىن ئىلگىرى مەسئۇد بىلەن كۆپ باردى-كەلدى قىلمىغان بولۇپ، ئۇنىڭ جياڭ جيېشىغا تەكلىپ بەرگەنلىكى ۋە ئۆزىگە خەت يازغانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى قىزىقتى. يەنە كېلىپ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدىكى بىر رەھبەرنىڭ مەسئۇد بىلەن جىيەنلىك مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، باشقا مۇناسىۋەتلەر بىلەن پايدىلانغىلى بولىدىغانلىقىنى پەملىدى. شۇنىڭ بىلەن چوڭچىڭدىن ئۈرۈمچىگە ئۇچۇشتىن بىر كۈن بۇرۇن يەنى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى ۋۇ جوڭشىنغا تېلېگرامما يوللاپ، مەسئۇد، ئىمىن، ئەيسا قاتارلىقلارنى ئۈرۈمچىگە مۇناسىۋەتنى راۋانلاشتۇرغىلى ئېلىپ كەلمەكچى بولغانلىقىنى، ۋۇ جوڭشىندىن قوشۇلىدىغان-قوشۇلمايدىغانلىقىنى سورىدى.

ئۈچ ئاي ئىلگىرى جياڭ جيېشى ۋۇ جوڭشىندىن مەسئۇدنىڭ شىنجاڭغا قايتىشى توغرىسىدا پىكىر ئالغاندا، ۋۇ جوڭشىن مەسئۇد، ئەيسا قاتارلىقلارنى شەرقى تۈركىستان ئىدىيىسىدىن ۋاز كەچكەندىلا ئاندىن شىنجاڭغا قايتۇرۇش پىكرىدە چىڭ تۇرغان. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ۋۇ جوڭشىننىڭ شىنجاڭنى تەرتىپكە سېلىش ئىشەنچى زور ئىدى. ئەمما كېيىنكى ۋەزىيەتتە ئۈرۈمچى ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيىسىنىڭ بىۋاسىتە تەھدىتىگە ئۇچراپ، ۋۇ جوڭشىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئامالسىز قالدى. بۇ ۋاقىتتا شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا بەل باغلىغان جاڭ جىجوڭنىڭ مەسئۇدنى ئېلىپ كېلىش تەلىپىنى تەبىئىيلا رەت قىلالمايتتى. ئۇنىڭ بىلەن جو شىياۋلىياڭ بىرلەشمە تېلېگرامما يوللاپ، مەسئۇدلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىشى ۋەزىيەتكە پايدىلىق بولىدىغانلا بولسا قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جاڭ جىجوڭ ۋۇ جوڭشىنغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بىرىنچى قېتىم شىنجاڭغا كەلگەندە مەسئۇدلارنى ئېلىپ كەلمەي ۋۇ جوڭشىننىڭ تېلېگراممىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ھەمدە ۋۇ جوڭشىن يۈز تۇرانە قوشۇلغاندىن كىيىن، 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شىنجاڭغا ئىككىنچى قېتىم تىنچلىق سۆھبىتىگە كەلگەن ۋاقىتتا ئۇلارنى ئاندىن بىللە ئېلىپ كەلدى.



شىنجاڭغا قايتىش ئۈمىدى ئەمەلگە ئېشىش



جاڭ جىجۇڭنىڭ سىياسىي فاڭجېنى مەسئۇدنىڭ شىنجاڭغا قايتىش ئۈمىدىنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى.

1945-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى مەسئۇد ۋە ئىمىن، ئەيسالار جاڭ جىجوڭنىڭ چاقىرىقى بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭغا قاراپ ئۇچتى. ۋۇ جوڭشىننىڭ مەسئۇد قاتارلىقلارغا بولغان تونۇشى ياخشى بولمىغاچقا، ئۇلارنى قارشى ئېلىشقا پەقەت ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىپى زېڭ شىياۋلۇ ۋە ھەر قايسى نازارەتلەرنىڭ باشلىقلىرىنى ئايرودرومغا ئەۋەتتى. ۋۇ جوڭشىن جاڭ جىجوڭ بىلەن كۆرۈشكەن ۋاقىتتا سەمىمىيلىك بىلەن: «مەسئۇد قاتارلىقلارنىڭ ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەشەببۇس قىلمايمەن، سۆھبەتكە قاتنىشىشىنى تېخىمۇ تەشەببۇس قىلمايمەن. مۇبادا سۆھبەتتە قىيىنچىلىق تۇغۇلسا، ۋەزىيەتنى قايتا پەملەپ، مەسئۇدلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ سالا قىلىش-قىلماسلىقىنى قارار قىلساق» دېدى. چۈنكى سۆھبەتنى قارار قىلىش ھوقۇقى جاڭ جىجوڭنىڭ قولىدا بولۇپ، ۋۇ جوڭشىن ئۆزىنىڭ تەكلىپىنى پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

مەسئۇد ئۆزى قاتارلىقلارنىڭ شىنجاڭغا قايتىش چۈشىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا پۈتۈنلەي جاڭ جىجوڭغا تايانغانلىقىنى بېلەتتى. ئەمما بۇ ۋاقىتتا شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ۋۇ جوڭشىنغا كۆڭلىدە ئىنتايىن ئۆچ بولۇپ، سىرتقى جەھەتتىن ئىنتايىن ھۆرمەتلىگەن قىياپەتكە كىرىۋالاتتى. ھەر قېتىم ۋۇ جوڭشىن بىلەن كۆرۈشكەن ۋاقىتتا، ھەمىشە «كەمتەر پوزىتسىيە» دە بولۇپ، ھەدەپ خۇشامەت قىلىپ، «ھازىرغا قەدەر مەركەزدىن كەلگەنلەر ئىچىدىكى تەڭداشسىز شەخس»، «بىز شىنجاڭلىق تۇرۇپ شىنجاڭ تارىخىنى ۋۇ جۇشىدەك بىلمەيدىكەنمىز، ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم» دەپ ماختايتتى. ۋۇ جوڭشىن ئۇلارغا بىر يىللىق سىياسىي ئىشلارنى يولغا قويۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغان ۋاقىتتا مەسئۇد قاتارلىقلار «ئىنتايىن قايىل» بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپلا قالماستىن بەلكى «چىن كۆڭلىدىن ئاپىرىن ئوقۇش ھېسسىياتى» دا بولدى. سۆھبەت مەزگىلىدە ۋۇ جوڭشىن ئۆزىنىڭ خەنزۇ ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش توغرىسىدىكى كۆز قارىشىنى سۆزلىگەندە مەسئۇد دەرھال ۋۇ جوڭشىننىڭ سۆزىنى ئىسلام دىنى كىتابلىرىغا سېلىشتۇرۇپ، «ئىسلام دىنىنىڭ قۇرئاندىمۇ ‹ئومۇمەن مەدەنىيىتى قالاق مىللەتلەر چوقۇم مەدەنىيىتى تەرەققىي قىلغان مىللەتلەردىن ئۆگىنىشى كېرەك، بولمىسا مۇھەممەد پەيغەمبەر رۇخسەت قىلمايدۇ› دېگەن. بۇنىڭ مەنىسى ۋۇ جۇشىنىڭ پىكرى بىلەن ئوخشاش» دېدى. ۋۇ جوڭشىن بۇ ھالەتنى كۆرگەندىن كىيىن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شىنجاڭنىڭ «يۈكسەك ئاپتونومىيىسى» نى تەشەببۇس قىلىدىغان مەسئۇد قاتارلىقلارغا نەسىھەت قىلىپ: «ئاتالمىش ئاپتونومىيە ئاسانلا ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ، چوقۇم مۇناسىپ قەدەملەرنى بېسىش ھەمدە زۆرۈر بولغان شارائىتلارنى ھازىرلاش كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا پەقەت قۇرۇق نامىلا بولۇپ ئەمەلىيىتى بولمايدۇ.» دېدى. ئۇلار بېشىنى لىڭشىتىپ قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

ۋۇ جوڭشىن ئۇلارنى ئۆزىگە قارىتىشنى ئويلاپ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە «ھالىدىن خەۋەر» ئېلىپ، ئۇلارغا خۇرۇم چاپان، سوكنا قاتارلىق نەرسىلەرنى ھەدىيە قىلدى. قۇربان ھېيت ۋاقتىدا ئۇلارنى جاڭ جىجوڭ بىلەن بىرلىكتە زىياپەتكە چاقىرىپ «تەبرىكلەيدىغانلىقىنى» بىلدۈردى. 1945-يىلنىڭ ئاخىرىدا يەنە مەسئۇد، ئىمىن، ئەيسالارنىڭ ھەربىرىگە 200 مىڭ يۈەندىن فابى (法币) (1935-يىلىدىن كېيىن گومىنداڭ تارقاتقان قەغەز پۇل) ھەدىيە قىلدى. ئۈچەيلەن رەھمەت ئېيتىپ تاپشۇرۇۋالدى.

ۋۇ جوڭشىن مۇشۇنداق ھېسسىيات ئالاقە شەكلى ئارقىلىق ئۇلارنى تەسىرلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ سۆز ھەرىكىتىنى تىزگىنلەشنى ئۈمىد قىلاتتى. ئەمما بۇنىڭ ئەكسىچە، مەسئۇد ھەرىكىتىنى تىزگىنلىمەيلا قالماستىن، مەركەز رەھبىرى سالاھىيىتى بىلەن ھەممە يەردە ئالدامچىلىق قىلىپ، دۆلەتنى پارچىلاشقا ئورۇندى. 1945-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى مەسئۇد قاتارلىقلار تۇرالغۇسىدا يىغىن ئېچىپ، شەرقى تۈركىستان تەشۋىقاتى ئارقىلىق بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتتى. ئىككىنچى كۈنى يەنە ئوخشاش يىغىن چاقىرغان بولۇپ، 50 ئادەم قاتناشتى. يىغىن ئارقىلىق ئۇلار ئاتالمىش «يۈكسەك ئاپتونومىيە» تەشەببۇسىنى تەرغىب قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئۈرۈمچى نەنگۇەندىكى(جەنۇبىي قوۋۇقتىكى) مەسچىتلەر ۋە ئامما بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئاممىنى ئازدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ «يۈكسەك ئاپتونومىيىسى»نى ھەل قىلىپ بېرىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاتالمىش «تۈرك مىللىتى»نى تارتىۋاتقان ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ئۇلار يەنە مەسچىتلەرنىڭ چوڭ ئاخۇنلىرى ۋە ئىماملىرىدىن ئېتىقادچى ئامما يىغىلىش ۋاقىتلىرىدا ئۇلارغا دادىللىق بىلەن چۈشەندۈرۈشنى، ئالدىنقىلارنىڭ سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالماسلىقىدەك كەيپىياتىنى دورىماسلىقىنى تەلەپ قىلدى. ئۇلارنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا ئۇچرىغان ئامما تەپتارتماستىن: «خەنزۇلارنىڭ كۈچى قالمىدى. ھاكىمىيەتنى تېزدىن بىزگە ئۆتۈنۈپ بېرىشى كېرەك. بولمىسا ئۇلارنى يوقاتقىلى پىچاق، پالتا، كالتەك تەييارلاپ قويدۇق» دەپ تەشۋىق قىلدى. ئۇلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئاممىنى، ھەتتا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان خۇيزۇ ئاممىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئازغۇن تەشۋىقاتلىرىغا ئىشەنمىگەن ئۇيغۇر ئاممىسىنى بىردەك چەتكە قېقىپ، بوھتان چاپلاپ زەربە بەردى.

ۋۇ جوڭشىن ئېرىشكەن ئاخباراتلار مەسئۇد قاتارلىقلارنىڭ شىنجاڭغا كەلگەندىن كىيىن مەخپىي تۈردىكى ئۈرۈمچىدىكى خەنزۇلارغا قارشى بۆلگۈنچى تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىلەشكەنلىكى، ئەيسانىڭ ئۇلارغا بىۋاسىتە مەدەت بېرىپ، يول-يورۇق بېرىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىدى. بۇ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاممىنى پائال مايىل قىلىپ، تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتتى. ئىگىلىگەن بىرىنچى قول ئىسپاتلاردىن ۋۇ جوڭشىن مەسئۇد قاتارلىقلارنىڭ پائالىيەتلىرىدىن قاتتىق نارازى بولۇپ ئاغرىنغان ھالدا، ئۇلار ئەدەپ يوسۇنلۇق بولۇۋېلىپ مەركەزنى بىر نەچچە يىل ئالدىدى. بۇ قېتىم شىنجاڭغا قايتىپ چىققاننىڭ نەتىجىسى يەنىلا جېدەلگە قۇترىتىش بولدى…نۇرغۇن ئاۋارىچىلىكلەرنى تېپىپ بەردى. ھەقىقەتەن كىشىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدۇ، دېدى. ئۇ يەنە ھەسرەتلىنىپ تۇرۇپ: مەسئۇد، ئىمىن، ئەيسا قاتارلىقلارنىڭ بىلىمى، تالانتى، ئابرۇيىغا گەپ كەتمەيدۇ. ئەمما تار مىللەتچىلىكى ئىنتايىن ئېغىر. مەركەزدىكى ئاز سانلىق زاتلار ئۇلار تەرەپكە ئېغىپ، ئۇلارغا ئالدىنىپ، ئۇلارنى ئىككى قوللاپ كۆتۈرۈپ، ئۇلارغا خۇشامەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھاكاۋۇرلۇق پسىخىكىسى ۋە ئاساسسىز سەپسەتىلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، «ئىلگىرى شىنجاڭنىڭ نامىنى كۆتۈرۈۋېلىپ مەركەزنى، ئەمدى مەركەزنىڭ نامىنى كۆتۈرۈۋېلىپ شىنجاڭنى قالايمىقان قىلغىلى تۇردى. ھەممىسىنىڭ مەقسىتى نام-شۆھرەت قازىنىشقا قورۇنۇش، ئوتتۇرىدىن مەنپەئەت ئېلىش» دېدى.

ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، ۋۇ جوڭشىن مەسئۇد قاتارلىقلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە بولغان غەزىپىنى باسالماي، جاڭ جىجوڭغا بىۋاسىتە تەكلىپ بېرىپ، «مەسئۇدلارنى بالدۇرراق ئىچكىرىگە كىرگۈزۈۋېتىش» نى تەلەپ قىلدى. چوڭچىڭدا تۇرۇۋاتقان جياڭ جيېشىمۇ مەسئۇد قاتارلىقلارنىڭ پەردە ئارقىسىدا باشقا ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى دوكلاتلارنى تاپشۇرۇۋېلىپ، جاڭ جىجوڭ، ۋۇ جوڭشىنلارغا كۆپرەك دىققەت قىلىشىنى تەكىتلىدى. مەسئۇدنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى نۇرغۇن يەرلىك ئۇيغۇر زاتلىرىنىڭمۇ نارازىلىقىنى قوزغىدى. يەرلىكلەرنىڭ قارىشىچە، مەسئۇدنىڭ «شىنجاڭدا يۈكسەك ئاپتونومىيە بولۇش چۇقانىنى سېلىشى» ماھىيەت جەھەتتە يەرلىك خەلق ئويلىغاندەك بولماستىن بەلكى پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ ئورنى ۋە ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بولۇپ، ئۇنىڭدىن «خەلق ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىش، شىنجاڭنى بۆلىۋېتىش»، شىنجاڭنى «مەڭگۈ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان پاجىئەگە پاتقۇزۇش»تەك ئاقىۋەت كېلىپ چىقاتتى.

ئەمما جياڭ جيېشىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى، ۋۇ جوڭشىننىڭ غەزەپلىنىشى ۋە ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ قارشى تۇرۇشى جاڭ جىجوڭ قاتارلىقلارنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا بېكىتكەن فاڭجېنى : مەسئۇدنى ھۆرمەتلەپ، سۆھبەت تارازا تېشىنى ئېغىرلىتىش، بۇ ئارقىلىق يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشەنچى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش فاڭجېنىنى ئۆزگەرتەلمىدى. 1946-يىلى 2-ئايدا، ۋۇ جوڭشىن مەسئۇدنىڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرى تەپتىشلىكىگە تەيىنلەنگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپ، قارشى تۇرىدىغانلىقىنى مەركەزگە قايتا-قايتا بىلدۈردى. ئەمما مەركەز تىڭشىمىغاچقا جاڭ جىجوڭدىن قاتتىق نارازى بولدى. ئۇ ئىستېپا بېرىپ شىنجاڭدىن ئايرىلغان ۋاقىتتىمۇ جاڭ جىجوڭغا كۆيۈنگەن ھالدا نەسىھەت قىلىپ: مەسئۇد قاتارلىقلار بۇ قېتىم شىنجاڭدا تۇرۇش داۋامىدا، گەرچە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇشتا قەتئىي چىڭ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما شەرقى تۈركىستان ئىدىيىسىدىن ۋاز كېچەلمىدى. مۇقەررەركى، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئەل رايىنى قولغا كەلتۈرۈپ، تەشكىلاتنى ئۆزىگە تارتىپ، كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا شىنجاڭنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا جېدەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مەسئۇد قاتارلىقلارنى ھەددىدىن زىيادە ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتمەسلىك لازىم، دېدى. ئەمما جاڭ جىجوڭ بۇنىڭغا پەرۋا قىلماي، مەسئۇدنىڭ سوۋېتقا قارشى قەتئىي پوزىتسىيىسىدىن پايدىلانماقچى بولدى. ئۇ ۋۇ جوڭشىنغا ئېنىق چۈشەندۈرۈپ: ئىككىمىزنىڭ شىنجاڭنى تۈزەش پىكرىمىزنىڭ %80 ئى ئوخشاش، پەقەت مەسئۇدقا بولغان پوزىتسىيىمىز ئوخشىمايدۇ. مەن يەنىلا مەسئۇد قاتارلاردىن پايدىلىنىپ ۋەزىيەتنى تىزگىنلەيمەن، دېدى. ۋۇ جوڭشىن شىنجاڭدىن ئايرىلغاندىن كىيىن، مەسئۇد 1946-يىلى ئاخىرى ئىشقا چۈشۈپ، شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ مەمۇرىي تەپتىشى ئورنىغا چىقتى.



شىنجاڭدىكى ئەڭ ئالىي ھوقۇق ئورنىغا چىقىش



قەدەممۇقەدەم ئۆسۈپ، شىنجاڭدىكى ئەڭ ئالىي ھوقۇق ئورنىغا چىقىش

مەسئۇد قاتارلىقلار ياپونغا قارشى ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىلا، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىدىن ژۇرنال چىقىرىش ھوقۇقىنى ئالغان ئىدى. ئەمما ئۇ ۋاقىتتا، ئېلىمىزنىڭ غەربىي جەنۇبى بولغان چوڭچىڭدا تۇرغاچقا، بۇ ژۇرنالنىڭ غەربى شىمالدىكى شىنجاڭغا بولغان تەسىرى يوق دېيەرلىك ئىدى. بۇ قېتىمقى شىنجاڭغا قايتىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش پۇرسىتىنى بەرگەن ئىدى. شۇڭا مەسئۇد ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن باشلاپ، «ئالتاي» ژۇرنىلىنىڭ نامىنى ئالتاي نەشرىياتىغا ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، قوشۇن تەركىبىنى كېڭەيتتى. داغدۇغا قوزغاپ تەسىرنى زورايتىش ئۈچۈن ئۆزگەرتىپ تەشكىللەشنى قارار قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەڭ-كۆلەمدە ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قول تىقىپ، ئەزالارنى تىزىملاش جەدۋىلىنى كەڭ-كۆلەمدە تارقاتتى. ئۇلارنىڭ سەپەرۋەر قىلىشى بىلەن ئۇزۇن ئۆتمەيلا قوبۇل قېلىنغان ئەزالارنىڭ سانى 1000 نەپەردىن ئاشتى. 80 كىشىنى تاللاپ پەخرى كومىتېت قۇرۇپ، مەسئۇد مۇدىر ھەيئەتلىكنى ئۈستىگە ئالدى. بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭدىكى ئاممىنىڭ ئىشەنچى ۋە ھىمايىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزىنى ئاممىنىڭ ۋەكىلى ھېسابلاپ، بارلىق كۈچى بىلەن شېڭ شىسەينىڭ جىنايەتلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، «دۆلەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلمىدى، خەلققە ئۇۋال قىلدى» دەپ جار سالدى. بۇ ئىشنى ئۇ ئاممىنىڭ رايىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قىلغان ئىدى.

1946-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى ئالتاي نەشرىياتىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. مەسئۇد نەشرىياتىنىڭ پەخرى باشلىقلىقىنى، ئىمىن باش مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئالدى. كۈندىلىك خىزمەتلەرگە ئەيسا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 نەپەر دائىمىي ھەيئەت رىياسەتچىلىك قىلدى. بۇ مەسئۇد باش بولغان مەتبۇئات تەشكىلاتىنىڭ نامى نەشرىيات بولغان بىلەن ئەمەلىيەتتە مەسئۇد قاتارلىقلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى بىر پانتۈركىزم تەشكىلاتى بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىنى تورغا چۈشۈرۈش ۋە ئالداش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ شىنجاڭنى پارچىلاشتىن ئىبارەت ئەكسىيەتچىل نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كىلىمات شەكىللەندۈرۈش، ئاساس سېلىشنى مەقسەت قىلغان ئىدى. 1947-يىلى 11-ئايدا، نەشرىياتتا يەنە ئىلمى جەمئىيەت قۇرۇلۇپ، قارمىقىدا تارىخ-جۇغراپىيە بۆلۈمچىسى، يېزىق بۆلۈمچىسى ۋە قىرائەتخانا تەسىس قىلىندى. بۇ ئاپپاراتلار قارىماققا ئىلىم-پەن ئىشلىرى بۆلۈمىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ماھىيىتى پانتۈركىزم، پانئىسلامىزمنى تارقىتىش ئۈچۈن تارىخ ۋە نەزەرىيىۋى ئاساسلارنى تۈزۈش ئىدى. قىرائەتخانىنىڭ كىتابلىرى تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق چەتئەلدىن سېتىۋېلىنغان ياكى چەتئەلدىن ئىئانە قىلىنغان بولۇپ، كۆپىنچىسى پانئىسلامىزم، پانتۈركىزمنى تەشۋىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ شىنجاڭ تارىخىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىشى، «قوش پان ئىزىم» ئىدىيىسىنى تارقىتىشى ئۈچۈن «ئىلھام» ئاتا قىلاتتى. ئىلمى جەمئىيەت ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم قەرەللىك يىغىن ئېچىپ، ئاساسلىقى مەسئۇد، ئىمىن، ئەيسا قاتارلىقلار خىيالىدىكى «شىنجاڭ تارىخى» ۋە پانتۈركىزم، پانئىسلامىزم ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلاتتى. نەشرىيات ئۇيغۇر، قازاق تىلىدىكى قەرەللىك ژۇرنال «ئالتاي ئايلىق ژۇرنىلى»، «ئەركىنلىك گېزىتى»نى چىقارغاندىن سىرت، يەنە بەزى كىتابلارنى نەشر قىلدى. مىسالەن، پەرھاد قادىرنىڭ «شىنجاڭ تارىخى» مۇشۇ مەزگىلدە نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئىمىننىڭ «شەرقى تۈركىستان تارىخى» دىن كىيىن چىققان پانتۈركىزمنى تەشۋىق قىلىپ تارىخنى بۇرمىلايدىغان يەنە بىر كىتاب ئىدى.

بۇ مەزگىلدە مەسئۇد ئالتاي نەشرىياتىنى تايانچ قىلىپ، ئۆزىنىڭ تەشكىلى سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقتى، ئۇيغۇر تىلىدىكى جامائەت پىكرى تەشۋىقاتىدا، «شىنجاڭ» دېگەن سۆزنى تەپتارتماي ئوغرىلۇقچە «جۇڭگو تۈركىستان» دەپ ئۆزگەرتىپ، شىنجاڭدىكى تۈرك تىلىنى قوللىنىدىغان مىللەتلەرنى بىردەك «تۈرك مىللىتى» دەپ ئاتىدى. خەنزۇ تىلىدىكى نامى ئۆزگەرمەي، پەقەت ئۇيغۇر تىلدىلا «جۇڭگو تۈركىستان» ۋە «تۈرك مىللىتى» دېگەن ئىبارە كېڭەيگەچكە خېلى ئۇزاق ۋاقىتقىچە كىشىلەر دىققەت قىلمىدى.

مەسئۇدنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى سالاھىيىتى—شىنجاڭنىڭ تەپتىشى ئىدى. نەزەرىيە جەھەتتىن ئالغاندا، ئۇ مەركىزى ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن يەرلىكنى مەمۇرىي تەپتىش قىلاتتى. ئۇنىڭ ئورنى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسىدىنمۇ يۇقىرى ئىدى، ئەمما بۇ ئورۇننى ھېچكىم ئالاھىدە ھۆرمەتلىمەيتتى. ھەتتا مەسئۇدمۇ شۇنداق قارايتتى. بۇ ۋاقىتتا ئۇ داۋاملىق شېڭ شىسەي ئۈستىدىن شىكايەت قىلىش ئارقىلىق ئابرۇيىنى ئۆستۈرگەندىن باشقا، ئاساسلىق زېھنىنى پانتۈركىزم ۋە پانئىسلامىزمنى تارقىتىشقا قاراتقان ئىدى. 1947-يىلى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ كېڭەشمە يىغىنى ئېچىلىش ھارپىسىدا، مەسئۇد مەمۇرىي تەپتىش سالاھىيىتى بىلەن ئاشكارا ھالدا: «شىنجاڭ تۈركلەرنىڭ يۇرتى، بىز چوقۇم مەيدانىمىزنى مۇستەھكەملىشىمىز، جۇڭگو تۈركىستان قۇرۇش غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز لازىم»، دېدى. ئۇ بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ئالتاي نەشرىياتى كىتاب، ژۇرنال، گېزىت قاتارلىقلارنى ۋاسىتە قىلىپ، ئارقا-ئارقىدىن شىنجاڭدىكى بىر نەچچە ئاز سانلىق مىللەتنى «تۈرك» مىللىتى، شىنجاڭنى «تۈركىستان» دەپ ئاتاپ، بۇ ۋاسىتىلەرنى تەكرار قوللىنىش ئارقىلىق كىشىلەرنى ئادەتلەندۈرۈشنى پىلانلىدى. بۇ خىل ئۇسۇل راستتىنلا ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، ئەينى ۋاقىتتا نۇرغۇن ئۇيغۇرلارلا بولۇپ قالماي، ھەتتا قازاقلار، قىرغىزلارمۇ خاتا چۈشەنچە بىلەن ئۆزلىرىنى تۈرك مىللىتى دەپ قارىدى. بەزى خەنزۇلارمۇ بۇ مىللەتلەرنى تومتاقلا «تۈرك مىللىتى» ھەتتا «تۈركىيە مىللىتى» دەپ ئاتىدى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولدىكى، ئەينى ۋاقىتتىكى پانتۈركىزم، پانئىسلامىزم تەشۋىقاتىنىڭ داغدۇغىسىنىڭ زور بولغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

ئەمما «تۈرك» مىللىتىنى يارىتىش ئاسان ئەمەس ئىدى. گەرچە، ئۇيغۇر، قازاق يېزىقلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئەرەبچە ھەرپ قوشۇلۇپ يېزىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا تىلى بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەتلەشمىكى قىيىن ئىدى، ھەتتا تەرجىمان كېتەتتى. مەسئۇدلار سىياسىي زۆرۈرىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، بىر ئورتاق تىل يارىتىشقا تەييارلىق قىلدى. شۇڭا مەسئۇد مەخسۇس «ياش تىل خىزمەتچىلىرىنىڭ تۈرك تىلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش بويىچە سۆھبەت يىغىنى»نى چاقىرىپ، يىغىندا: «بىزنىڭ سۆھبەت يىغىنى ئېچىشىمىزدىكى مەقسەت— ‹تۈرك تىلى› گۇرۇپپىسىنى قوللىنىدىغان مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقى بىر تۇتاش بولمايۋاتىدۇ، بۈگۈنكى كۈندە بىر قىسىملىرى سوۋېتلىشىپ كەتتى. ئەسلىدىكى سۆزلۈك ۋە گرامماتكىمىزنىڭ كۆپ قىسمى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. شۇڭا نۆۋەتتە سىرتتىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى چىقىرىۋېتىشىمىز، ئەسلىدىكى سۆزلۈك ۋە گرامماتىكىنى قوللىنىپ، يېزىقىمىزنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىمىز لازىم» دەپ جاۋىلدىدى.

مەسئۇد قاتارلىقلار تىل-يېزىقنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىمىز دەپ داۋراڭ سالغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ماقالە ۋە نۇتۇقلىرىدا تۈرك تىلى سۆزلۈكى، گرامماتىكىسىنى كۆپلەپ ئىشلەتتى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولدىكى، ئاتالمىش تىل-يېزىقنى بىرلىككە كەلتۈرۈش—ئۇچۇق قىلىپ ئېيتقاندا، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇش، «ئۈچ ۋىلايەت» ئىنقىلابىغا تاقابىل تۇرۇش، ھەممىنى «تۈركلەشتۈرۈپ»، بۇ ئارقىلىق بىر ئورتاق تىل—تۈركلەشكەن ئۇيغۇر تىلىنى شىنجاڭدىكى باشقا «تۈرك مىللىتى» تىلىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئىدى.

1944-يىلدىن 1947-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، مەسئۇد جاڭ جىجوڭنىڭ شىنجاڭنى تۈزەش سىياسىتىدىكى «ئۈچ ۋىلايەت»نى ئىسكەنجىگە ئېلىشتىكى مۇھىم شەخس بولۇش سۈپىتى بىلەن جەنۇبى-شىمالى شىنجاڭدا پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، كىشىلەرنى ئۆزىگە مايىل قىلدى. بولۇپمۇ جەنۇبى شىنجاڭ رايونلىرىدا، ئۇ شېڭ شىسەيگە قەتئىي قارشى تۇرغانلىقتىن ئۈچ ۋىلايەت ۋە قەشقەردىن باشقا كۆپ قىسىم رايونلاردىكى ئاممىنىڭ ئىشەنچى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى. سىياسىي ئېھتىياجنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي ئىدىيىسىدە ئېھتىياتچان بولدى. جاڭ جىجوڭ دېموكراتىيە—سىياسىينىڭ ئاساسى مەزمۇنى، ئۇ پارتىيىگە قارشى تۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالالىشى، غەيرىي ئىشلارغا بەرداشلىق بېرەلىشى كېرەك دەپ قارايتتى. شۇڭا مەسئۇدقا قارىتا سەۋرچانلىق پوزىتسىيىسىنى قوللاندى. مۇشۇنداق قىلغان تەقدىردىمۇ، جاڭ جىجوڭ «تىنچلىق سىياسىتى»نى نىسبەتەن سىلىق يولغا قويغان تۇرۇقلۇق يەنە زور دەرىجىدىكى قارشىلىققا ئۇچرىدى. قەشقەرگە بارغان ۋاقىتتا ئاممىنىڭ قورشاپ ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچراپ، شۇنىڭ بىلەن «ئۈچ ۋىلايەت»كە مەجبۇرلاش، قاتتىق قول بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇش قارارىنى تېزلەتتى، ھەمدە مەسئۇدنى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىكىگە كۆرسەتمەكچى بولدى. مەسئۇدنىڭ ئورنى پەيدىن پەي يۇقىرى ئۆرلەپ، شۇنىڭدىن باشلاپ ھوقۇقى يۇقىرى پەللىگە چىقتى.

1947-يىلى 5-ئايدا، مەسئۇد شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى. مەسئۇد جاڭ جىجوڭنىڭ پىكرى بىلەنلا رەئىس بولۇپ قالماستىن بەلكى، جياڭ جيېشىمۇ بالدۇرلا ئويلاشقان ئىدى. شۇ يىلى 3-ئايدا جاڭ جىجوڭ جياڭ جيېشىغا خىزمەت دوكلاتى يوللىغان ۋاقىتتا، جياڭ جيېشى مەسئۇدنى رەئىسلىككە تەيىنلەش توغرىسىدا جاڭ جىجوڭدىن پىكىر ئالغان، ھەمدە «مۇشۇنىڭغا باغلاپ ئۇنى تىزگىنلەش» ئىستراتېگىيىسى ئارقىلىق شىنجاڭنى كونترول قىلىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان. جياڭ جيېشى مەسئۇد تەشەببۇس قىلىۋاتقان «شەرقى تۈركىستان مىللىي تېررىتورىيىسى» نەزەرىيىسىنى چۈشىنەتتى. ئۇنىڭ مەقسىتى، مەسئۇد قاتارلىقلار بىلەن بەلگىلىك سىياسىي رامكا ئىچىدە ھەمكارلىشىپ، «ئۇلارنىڭ قۇرۇق گەپ سېتىپ ئىشلارغا دەخلى قىلىشىغا يول قويماسلىق» ئىدى. جاڭ جىجوڭمۇ مەسئۇدنىڭ دېموكراتىيە توغرىسىدىكى پولىرى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىغا بولغان سىياسىي ئۆچمەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، «ئۈچ ۋىلايەت»نى تىزگىنلىمەكچى بولغان ئىدى.

مەسئۇد مەمۇرىي تەپتىش ۋەزىپىسىنى ئۆتۈۋاتقان ۋاقىتتا، «يۈكسەك ئاپتونومىيە»نى تەرغىب قىلغان بولسىمۇ، قولىدا ئەمىلى ھوقۇق بولمىغاچقا ھوقۇقدارلارغا يول قويۇپ، ئۆزىنى دالدىغا ئېلىشقا، سىلىق بولۇشقا مەجبۇر بولغان. ئەمما شىنجاڭنىڭ رەئىسىدىن ئىبارەت گۆھەر ئورۇنغا چىققاندىن كىيىن ئەيمىنىش ئازلاپ كۈندىن كۈنگە ئۇچۇق ئاشكارا بولدى. ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كىيىن ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئوخشاش يولدىكىلەر تەسىس قىلدۇرغان «ئەركىنلىك گېزىتى»، «تاڭ نۇرى گېزىتى»، «شىنجاڭ سەنئىتى»، «جۇڭگو شەرقى تۈركىستانى» قاتارلىق گېزىت ژۇرناللارنى دەرھال قوللاپ، دېموكراتىيە توغرىسىدا ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي پو ئاتقاندىن سىرت، پانتۈركىزم ۋە ئاتالمىش «يۈكسەك ئاپتونومىيە» تەشۋىقاتىنى ئاساسى مېلودىيە قىلدى. ئۇ ھەتتا ئۆزى بىر سىياسىي ئوبزورلار توپلىمى «تۈركىيەلانى» نەشر قىلدۇرۇپ، كىتابىدا قىلچە يوشۇرماي : بىز تۈركلەر ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ۋەتىنىمىز پەقەت تۈركىيە، تۈركىستانلارلا ئەمەس، بەلكى بىرلىككە كەلگەن بۈيۈك «تۇران» دېدى. ئاتالمىش «تۇران» بارلىق تۈرك تىلى سىستېمىسىدىكى مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان جايلارنىڭ بىرىكمىسىنى كۆرسىتەتتى.

مەسئۇد ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كىيىن ئۈچ ۋىلايەت تەرەپنىڭ قەتئىي قارشىلىقى ۋە توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىدى. كۈچىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان يىلىدىكى روزا ھېيت مەزگىلىدە باشقىدىن تەشكىل قىلىنغان ئاتلىق ئەسكەرلەر 1-دېۋىزىيىسىنىڭ كوماندىرى ما چېڭشىياڭ قاتارلىقلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ، مىللەت دىن ئەسەبىي ئۇنسۇرلىرىنى قۇترىتىپ، شىنجاڭ گارنىزون باش شتابى ئالدىدىكى خەلق مەيدانىدا زور كۆلەمدىكى ناماز ئوقۇش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇردى. ما چېڭشىياڭلار ئورىۋالغان مەسئۇد ئۇچىسىغا ئاچ رەڭلىك مىللىي كىيىم كىيىپ بېشىغا سەللە ئورىغان ھالدا خەلق مەيدانىغا كېلىپ، ھىمايىچىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە قولىدىكى ھوقۇق ۋە تەشۋىقات قوراللىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ كۈچىنى تولۇقلاپ، ئۇلارغا بېسىم چۈشۈرۈپ، «قىزىل پاچاق» لار دەپ تىللىدى ۋە ھەممە يەردە ئۈچ ۋىلايەت بىلەن قارشىلاشتى.

ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ مەسئۇد بىلەن تىركىشىش ئۈچۈن ئۇنى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇرلاپ، ئۇنى پاش قىلىش، توسۇشتىن سىرت يەنە بەزى رايونلار قوللاش ياكى قوراللىق قوزغىلاڭغا تەشكىللەش ئارقىلىق گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنى مەسئۇدنى ۋەزىپىگە قويۇش مەسىلىسىدە يول قويۇشقا مەجبۇرلىدى. ئەمما مەسئۇد ئۆزىنى ئالىي ھوقۇقلۇق دەپ قاراپ ئۆز-ئارا يول قويمىدى. ئۇ باشقۇرۇۋاتقان گېزىتتا ھەتتا «قالايمىقانچىلىقنى قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇش» سەرلەۋھىلىك باش ماقالە ئېلان قىلىنىپ، قورال كۈچى ئارقىلىق خەلقنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىنىپ قانخورلۇق قىياپەت ئەكس ئەتتى. ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، مەسئۇد گومىنداڭ ۋەكىلى رولىنى ئېلىشقا رازى بولماي، ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ بىلەن قەتئىي دۈشمەنلىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇزۇندىن بۇيان بېسىپ كېلىۋاتقان خەنزۇلارغا قارشى تۇرۇش، خەنزۇلارغا ئۆچ بولۇش كەيپىياتىنى تەدرىجىي ئاشكارىلاپ، ھەر خىل ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، تار مىللەتچىلىك ئېڭىنى خالىغانچە كۈچەيتىپ، ۋەتەن كۆز قارىشى ئاجىزلاپ، مىللىي زىددىيەت كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، خەنزۇلارغا قارشى تۇرۇپ خەنزۇلارنى چەتكە قېقىشقا قۇتراتتى. ھەتتا ئاشكارا سەكرەپ ئوتتۇرىغا چىقىپ گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ شىنجاڭدىن چېكىنىپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى. نەنجىڭ ھۆكۈمىتىگە قارىتا تۇتقان ئېھتىياتچانلىق پوزىتسىيىسىنى يىغىشتۇرۇپ، گومىنداڭدىن كۈنسايىن يىراقلىشىپ، دېموكراتىيە دەپ بېسىم ئىشلىتىپ، «يۈكسەك ئاپتونومىيە»نى تەلەپ قىلدى. ئۇ تىلغا ئالغان «يۈكسەك ئاپتونومىيە» مۇستەقىللىقنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتى كۈنلەرنىڭ بىرىدە شىنجاڭنى جۇڭگودىن ئايرىپ چىقىپ، جاھانگىرلارنىڭ بېقىندى دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئىدى. ئۇنىڭ ئوغلى مەي خۇئەنشىن (ئەلتوغرۇل) 1948-يىلى تەشۋىقات ۋە ھال سوراش ئۈچۈن جەنۇبى شىنجاڭغا بارغاندا قىلچە ھېيىقماستىن: «مېنى جياڭ جيېشى، جاڭ جىجوڭ ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ رەئىس (مەسئۇدنى دېمەكچى ) ئۆزى ئەۋەتتى. بۇنىڭدىن كىيىن سۆزگە دىققەت قىلىڭلار، مەركەز، مۇدىر جاڭ جىجوڭ دېگەنلەرنى تىلغا ئالماڭلار؛ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان مىللەت ئۈچۈن خەنزۇلار بىلەن قىلغان كۈرەشلىرىمىزنىڭ نەتىجىسى چىقمىدى. بۇنىڭدىن كىيىن مىللەت ئۈچۈن تېخىمۇ كۈرەش قىلغاندا ئاندىن ئىستىقبالىمىز بولىدۇ. ھازىر ھاكىمىيەت قولىمىزدا. مېنىڭ بۇ يەردە سۆز قىلىشىمدىكى مەقسەت ئاممىنى مىللىي ئاڭ بىلەن سۇغۇرۇش، ئۆز مىللىتىمىزدىن بولغان رەئىسنىڭ ئارزۇسىنى ئاممىغا بىلدۈرۈش، خەلقنى ئۆز مىللىتى، ئوخشاش دىندىكى رەئىسىگە بەيئەت قىلدۇرۇپ ئۇلاردا مىللەت كۆز قارىشىنى ئويغىتىش. مۇشۇنداق بولغاندا خەنزۇلار تۈرك مىللىتىگە مۇتلەق ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدۇ» دېگەن.

بۇ قىسقىغىنا سۆزدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولدىكى، ئۇلار—ئاتا-بالىنىڭ مەركىزى ھۆكۈمەتتىن ئايرىلىپ چىقىش، شىنجاڭنى مۇستەقىل قىلىش ئارزۇسى نەقەدەر كۈچلۈك ھە!

بۇ سىياسىي ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەسئۇد قاتارلىقلار توختىماي ھەرىكەتلىنىپ، گېزىت-ژۇرناللاردا پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ جېدەل چىقىرىش، خەلق ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى سۇسلاشتۇرۇش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەنلا بولماي يەنە گۇرۇھ شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق باشقىلارنى تازىلاش بىلەن بولدى. ھەر ۋاقىت ئۆز گۇرۇھىدىكىلەرنىڭ ۋەزىپىگە قويۇپ كۈچىنى زورايتتى. مىسالەن، مەسئۇد ئىمىن، ئەيسالارنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپلا قالماستىن يەنە بىر تۈركۈم پانتۈركىزم ئۇنسۇرلىرىنى ۋالىي، ھاكىم، ئۇيۇشما (ئۇيغۇرلار ئۇيۇشمىسى) مەكتەپلىرى ۋە نۇقتىلىق مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلىدى. ئۇنىڭ ئوغلى مەي خۇەنشىنمۇ يالغاندىن ئاتىسىنىڭ نامى بىلەن يەرلىك ئەمەلدارلارنى ئالماشتۇرۇپ، ئەدلىيە، مەمۇرىيەتكە ئارىلىشىپ، «ھاكىمىيەتنىڭ ھەيۋىسى بىلەن باشقىلارنى چەتكە قاقتى». ئۇنىڭ بىلەن تىلىنى بىر قىلىۋالغان ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىپى ئەيسا ھەتتا ئۆز مىللىتىدىن بولغان خىيانەتچى ئەمەلدارلاردىن ئۈستىدىن ئەرز قىلىشقا ئاشكارا قارشى تۇردى. بىر ئۇيغۇر ياش كورلىنىڭ ھاكىمى قادېرىننىڭ زۇلۇمى ئۈستىدە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە ئەرز سۇنغاندا باش كاتىپ ئەيسا ئاق-قارىنى سۈرۈشتە قىلمايلا: «سىلەر مېنىڭ مەقسىتىمنىڭ ئۆز مىللىتىمىزدىن ھاكىم تولۇقلاش ئىكەنلىكىنى كۆرمىدىڭلارمۇ؟ ئەگەر ئۇيغۇر ھاكىملارنى ۋەزىپىدىن قالدۇرۇپ خەنزۇلارنى ھاكىملىق ۋەزىپىسىگە قويساق رازى بولامسىلەر؟ بۇنداق قىلغاندا ئۇيغۇرلار قاچان قۇللۇق كىشەنلىرىدىن ئازاد بولىدۇ؟ سىلەر چوقۇم سەمىمىيەت بىلەن ئىتتىپاقلىشىشىڭلار، ئۆز مىللىتىمىزنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىشىڭلار، نەزىرىڭلارنى يىراققا تاشلىشىڭلار، خەنزۇلارغا ئېغىپ كەتمەسلىكىڭلار … كېرەك» دەپ ئەيىبلىدى. مەسئۇدلارنىڭ قەلبىدە خەنزۇلارغا قارشى تۇرۇپ خەنزۇلارنى چەتكە قېقىش ھەق-ناھەقنى ئۆلچەيدىغان بىردىن-بىر ئۆلچەم ئىدى.

مەسئۇد سالاھىيىتى بىلەن كارى بولمىدى. ئۇنىڭ سۆز ھەرىكىتى شىنجاڭغا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ، پۈتۈنلەي خەۋپ -خەتەر ئىچىدە قالغان شىنجاڭ جەمئىيىتىگە تېخىمۇ زور داۋالغۇش ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەسئۇد باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەت ئۆزى ئوينىغاندەك بېكىتكەن پرىنسىپلارغا پەرۋا قىلماي، ھۆكۈمەت تارقاتقان «دېموكراتىك سىياسىي» ئۆلچىمىنى باشلامچىلىق بىلەن بۇزۇپ، شىنجاڭ جەمئىيىتىنى تېخىمۇ تەرتىپسىزلىك ۋە قاراڭغۇلۇققا مەھكۇم قىلىپ، سىنىپى زىددىيەتلەرنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋەتتى. بۇ خىل ھالەتكە مەسئۇدنى تەۋسىيە قىلىپ كەڭ قورساقلىق قىلغان جاڭ جىجوڭمۇ بەرداشلىق بېرەلمىدى. 1948-يىلى 10-ئايدا شەخسى سالاھىيىتى بىلەن مەسئۇد ۋە ئەيساغا بىر پارچە خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ ئىغۋا تارقىتىپ ئىش تېرىش، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشىغا قاتتىق غەزەپلىنىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى.

مۇشۇ ھالەتلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن جاڭ جىجوڭ ئۆزىنىڭ تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، نەنجىڭ ھۆكۈمىتىگە قاتتىق چۈشەندۈرۈپ، مەركەزدىكى مەسئۇدنى قوللايدىغانلارنى قايىل قىلىپ، 1948-يىلىنىڭ ئاخىرىدا مەسئۇدنى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىكىدىن قالدۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر ساھە قوبۇل قىلالايدىغان ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرى بۇرھاننى رەئىسلىككە تەيىنلەشنى تەۋسىيە قىلدى. شۇڭا جاڭ جىجوڭ يەنە مەسئۇدقا مەخسۇس تېلېگرامما يوللاپ، «ئارا يولدا ئۆزگىرىش بولغاچقا قاتتىق ھەسرەتلىنىدىغانلىقى»نى، «مەركەزنىڭ ئەمىلى ئېھتىياجنى كۆزدە تۇتۇپ، زۆرۈر تەدبىر قوللانمىسا بولمايدىغانلىقى»نى بىلدۈردى. جاڭ جىجوڭ بۇ يەردە تىلغا ئالغان «ئەمىلى ئېھتىياج» ئۈچ ۋىلايەت بىلەن شۇ ۋاقىتتىكى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۆلۈنۈش ۋەزىيىتىنى تۈگىتىش دېگەنلىك ئىدى. بۇرھاننىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشىگە ئەگىشىپ بىر تۈركۈم پانتۈركىزم ئۇنسۇرلىرى ئارقا-ئارقىدىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى. ئۇلار تەسىس قىلغان گېزىت-ژۇرناللارمۇ ئارقا-ئارقىدىن توختىتىلدى. مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەتلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جاڭ جىجوڭنىڭ بۇ قېتىمقى ئورۇنلاشتۇرۇشى يىراقنى كۆرگەنلىك بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولۇشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىنغان ئىدى.



تۇيۇق يولدىكى ئېچىنىشلىق ئاقىۋەت



ئاخىرقى ئۆمرىنى ئېچىنىشلىق ئۆتكۈزۈپ، تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىش

ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىكىدىن قالدۇرۇلغان مەسئۇد جاڭ جىجوڭنىڭ تەسەللىسىگە قايىل بولماي قاتتىق غەزەپلىنىپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق كۇنسۇلخانىسىنىڭ باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى رەت قىلدى. مەسئۇد داۋاملىق شىنجاڭدا قېلىپ تۇيۇق يولدا مېڭىشنى قارار قىلىپ ئۆزىنىڭ «شەرقى تۈركىستان چۈشى» ئۈچۈن ھالاكەت ئىچىدە تىركەشتى.

مەسئۇد تەختتىن چۈشكەن ۋاقىتتا، جۇڭگو خەلقى ئازادلىق ئىشلىرىنىڭ مەنزىلى ئېنىق كۆرۈنگەن ئىدى. ئەمما مەسئۇد بۇنىڭغا قەتئىي تەن بەرمەي، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى قوماندانلىقىدىكى قوشۇن غەربكە يۈرۈش قىلىپ، شىنجاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولۇش يولىغا تەدرىجىي ماڭغان ۋاقىتتا بەزى شەرقى تۈركىستان جاھىل ئۇنسۇرلىرى بىلەن بىرلىشىپ، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشىغا غالجىرانە قارشى تۇردى.

مەسئۇد شىنجاڭغا قايتىپ كېلىش ھارپىسىدا ئوتتۇرا شەرق خەلقئارا پانتۈركىزم كۈچلىرى بىلەن يوشۇرۇن ئالاقە قىلاتتى. شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسى بولغاندىن كىيىن، ئۇ يەنە ئامېرىكىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلى باۋماۋشۈننى مۇھاپىزەت كۈنلۈكى قىلىپ ئامېرىكىنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ شىنجاڭنىڭ مۇستەقىل بولۇش قەدىمىنى تېزلىتىشكە ئورۇندى.

1948-يىلى 10-ئايدا نەنجىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش خەۋىرىنى تارقاتتى. مەسئۇد، ئىمىنلار باۋماۋشۇن بىلەن مەسلىھەتلىشىپ قارشى تەدبىر تۈزۈپ، گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىگە: «شىنجاڭنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭنىڭ ‹مۇستەقىللىقتىن تۆۋەن، ئاپتونومىيىدىن يۇقىرى › بولۇشتەك ئالاھىدە ئورنىنى تېزدىن ئېتىراپ قىلىش، ھەمدە قانۇنى شەكىللەر ئارقىلىق شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقىنى كېڭەيتىش، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت رەئىسىنىڭ گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن دىپلوماتىيە، ھەربىي ھوقۇق يۈرگۈزۈشكە ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش» تەكلىپىنى بەردى. ئۇزاق ئۆتمەي جياڭ جيېشى تەختتىن چۈشتى. مەسئۇد باۋماۋشۇننىڭ تەلىپى بويىچە لى زوڭرېنغا يېقىنلاشتى. لى زوڭرېن مۇۋەققەت زوڭتوڭ بولغاندىن كىيىن، مەسئۇد دەرھال لى زوڭرېنغا ئالاقە ئەۋەتىپ، سادىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق كۇنسۇلخانىسىنى كېڭەيتىش تەكلىپىنى بېرىپ، لى زوڭرېننىڭ رىغبەتلەندۈرۈش تېلېگراممىسىغا ئېرىشتى. كەينىدىن ئالاھىدە ئىشپىيون، باش بوغالتىر ۋېي شىشىغا كۆرسەتمە بېرىپ، ئۇنىڭ نەنجىڭ گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىگە كاماندىروپكىغا چىقىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ لى زوڭرېن، خې يىڭچىنگە خەت ئەۋەتتى؛ باۋماۋشۈن سىتۇلېيدېڭ ئارقىلىق لى زوڭرېن، خې يىڭچىنگە ئىككى تەرەپتىن بىردەك قول سېلىپ مەسئۇدنى يۆلەپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىرىش توغرىسىدا مەخپىي كۆرسەتمە بەردى. لى زوڭرېن، خې يىڭچىنلار مەسئۇدنى ئەتىۋارلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، پەقەت ھازىرقى ھالەتنى ساقلاپ تۇرىدىغانلىقىنى، كىيىن ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرىدىغانلىقىمنى بىلدۈرۈشۈپ، ۋېي شىشى نەتىجىسىز قايتىپ كەلدى.

مەسئۇد پىلانلىرى ئىشقا ئاشمىغاندىن كىيىن، غەربى شىمال ئارمىيە ھۆكۈمەتنىڭ قوماندانى مابۇفاڭغا باغلىدى. مەسئۇد ئەزەلدىنلا خۇيزۇلارنى مۇسۇلمان ھېسابىدا كۆرۈپ باقمىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ما بۇفاڭ بىلەن بىرلىشىشكە ئالدىراپ، ما بۇفاڭنىڭ ھەربىي ئىشلاردا قوللىشى بىلەن شىنجاڭنى جۇڭگودىن ئايرىپ چىقىشقا ئورۇندى. ئاۋۋال ئامېرىكىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇپ، ئاندىن ئامېرىكىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەر ئارىسىدا ۋائىزخانلىق قىلدۇرۇپ، تېزدىن دىپلوماتىيە مۇناسىۋەت ئورناتماقچى بولدى. بۇنداق قىلغاندا دۆلەت ئىچىدىكى ھاكىمىيەت ئالماشقان تەقدىردىمۇ ئاتالمىش شىنجاڭنىڭ «مۇستەقىل دۆلەت» ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بېكىتىلگەن پاكىتنى ئۆزگەرتمەك قىيىن ئىدى. شۇڭا مەسئۇد، ئىمىن، ئەيسالار باۋماۋشۈن بىلەن يەنە ئۇچرىشىپ، كونكرېت لايىھىنى مەسلىھەتلىشىپ، ئىمىننى خوتەنگە قايتۇرۇپ مۇستەقىل شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تەشكىللەش، ئاندىن ئەيسانى لەنجۇغا ئەۋەتىپ، مابۇفاڭغا بايراق تەقدىم قىلىپ سەمىمىيىتىنى بىلدۈرۈپ، مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنى قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە تاۋ سىيۆنىڭ ئورنىغا يې چېڭنى چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ ھەربىي ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىش، مەسئۇد، ئىمىن، ئەيسالار ھۆكۈمەتنى قولىغا ئېلىش، ئوسمان «ئۈچ ۋىلايەت»كە تاقابىل تۇرۇشنى پىلانلاپ شىنجاڭنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈستىدە ئىزدەندى.

ما بۇفاڭ بالدۇرلا غەربى شىمالدىكى چېگرا رايون-شىنجاڭغا چىشىنى بىلەپ تۇراتتى. 1945-يىلى ئاتلىق ئەسكەرلەر 5-كورپۇسىنى شىنجاڭغا يۆتكەشكە قوشۇلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىدىكى شاھمات تاختىسىنىڭ بىر تال ئۇرۇقى بولۇپ قالدى. 1949-يىلى غەربى شىمالنىڭ ئارمىيە مەمۇرىي ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كىيىن شىنجاڭنى باشقۇرۇش قارا نىيىتى يەنىمۇ كۈچەيدى. مەسئۇد ھەربىي ئىشلاردا ما بۇفاڭنى ھۆرمەتلەپ، قەلبلىرىنى مۇستەھكەم تۇتاشتۇرۇپ، تېزدىن بىرلىشىشنى ئۈمىد قىلاتتى. ما بۇفاڭ چەتئەلدىن ئامېرىكا قوللىسا، دۆلەت ئىچىدە غەربى شىمال مۇسۇلمانلىرى تۇرسا، يەنە كېلىپ ئۆزىنىڭ ئارمىيىسى بولغاچقا ئارزۇسىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىدا زور ئۈمىد بار دەپ قارايتتى. شۇڭا ئۇ مەسئۇدلارنىڭ ھۆرمىتىنى قوبۇل قىلىپلا قالماستىن يەنە شىنجاڭدىكى ئاتلىق ئەسكەرلەر 5-كورپۇسىغا مەسئۇدلار ئۈچۈن «ئۇيغۇر ياشلارنى مەشىقلەندۈرۈش كۇرسى» تەشكىللەپ، ئاتلىق ئەسكەرلەر 5-كورپۇس ئىشچى-ئەسكەرلەر ليەنى دەپ نام بېرىپ، مەخپىي مەشىقلەندۈرۈش توغرىسىدا يول-يورۇق بەردى. بۇنىڭ بىلەن ما بۇفاڭ ماختىنىپ: «شىنجاڭ قولۇمدا، شىنجاڭدا ئارمىيەم بار، شىنجاڭلىقلار مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمانلار» دەپ پو ئاتتى.

بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مەسئۇد قاتارلىق بىر تۈركۈمدىكىلەر گومىنداڭنىڭ ئېغىر مەغلۇپ بولغانلىقىدەك پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، جاھانگىرلارنىڭ بىۋاسىتە قوللىشى ئاستىدا شىنجاڭنىڭ تىنچ ئازاد بولۇشىغا قارشىلىق كۆرسىتىپ، ۋەتەننى پارچىلاش، مۇستەقىللىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئورۇندى. ئەمما بۇ ۋاقىتتا پۈتۈن جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب ۋەزىيىتى ئۇلارنىڭ شېرىن چۈشىگە يول قويمايتتى. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى زور قوشۇنىنىڭ بېسىمى ئاستىدا، گومىنداڭنىڭ شىنجاڭدىكى ئارمىيە مەمۇرىيىتى ئىچكى قىسىمدا ئىككى لاگېرغا بۆلۈنۈپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى تارىخ ئېقىمىغا بويسۇنۇش، تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى. چۈشىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىغا كۆزى يەتمىگەن ئىمىن، ئەيسا قاتارلىقلار شىنجاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولۇش ھارپىسىدا گومىنداڭ ئارمىيىسى مەمۇرىيىتىدىكى جاھىل ئۇنسۇرلارغا ئەگىشىپ، جەنۇبى شىنجاڭ ئارقىلىق چېگرىدىن قاچتى. ئارمىيە مەمۇرىيىتىدىكىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىسى تەيۋەنگە بېرىۋالدى. ئىمىن، ئەيسا قاتارلىقلار چەتئەلگە قېچىپ، بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇردى.

مەسئۇد قېچىشقا تەييارلىق قىلغان بولسىمۇ، يېشىنىڭ چوڭىيىپ قالغانلىقى ۋە كېسەل سەۋەبىدىن ئەمەلگە ئاشمىدى. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى شىنجاڭغا كىرگەندىن كىيىن ئىزچىل ئۆيىدە ئارام ئېلىپ، بىر مەزگىل تىنچ-خاتىرجەم ياشىدى. سالامەتلىكى ياخشىلانغاندىن كىيىن كوممۇنىستىك پارتىيىدىكىلەرنى چېكىپ باقماقچى بولۇپ، قايتا-قايتا ئويلانغاندىن كىيىن ئۇ ئۆزى باشلامچى بولۇپ، خەلق مەيدانىنىڭ شىمالى تەرىپىگە جايلاشقان غەربى چوڭ بىنا (ھازىرقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تۇرۇشلۇق جاي) غا بېرىپ قوماندان ۋاڭ جېنغا ئۆزى بۇيرۇتۇپ ياساتقان بىر جۈپ تۇزلانغان غازنى سوۋغا قىلدى. ئەينى ۋاقىتتىكى غەربى چوڭ بىنا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ ئىش بېجىرىش ئورنى بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئەڭ ئالىي ھەربىي مەمۇرىيىتى قوماندانلىق ئورگىنى ئىدى. پوست تەسىس قىلىنغان بولسىمۇ تۈزۈم قاتتىق ئەمەس ئىدى. مەسئۇدنىڭ كېلىش مەقسىتىنى سورىغاندىن كىيىن ئۇنى كىرگۈزدى. كىيىن ئۇنىڭ ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ۋە گومىنداڭ جۈنتوڭ ئالاھىدە ئىشپىيونلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تىنچ ئازاد قىلىنىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى ئاشكارىلانغانلىقى ئۈچۈن 1951-يىلى 4-ئايدا قولغا ئېلىنىپ، 1952-يىلى تۈرمىدە كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ئۆلۈپ، ئۇنىڭ «شەرقى تۈركىستان چۈشى» ئۈزۈل-كېسىل بەربات بولدى.

مەسئۇد كىچىك ۋاقتىدا ناھايىتى ئەقىللىق بولۇپ ئوقۇش نەتىجىسىمۇ ياخشى ئىدى. ئىلىم يولىدا داۋاملىق ئىزدەنگەن بولسا بىر ئەۋلاد داڭلىق دوختۇر ياكى خەلققە بەخت يارىتىدىغان مەشھۇر ئالىم بولالايتتى. ئەمما ئۆگەنگەنلىرىنىڭ ھەممىسىدىن ۋاز كېچىپ، خەلققە قالايمىقانچىلىق، مۈشكۈلات ئېلىپ كېلىدىغان، ئايىغى چىقمايدىغان يولدا ماڭدى. ۋەتەن ۋە خەلق ئۇنىڭغا پۇرسەت بەرگەن بولسىمۇ ئەمما ئۇ باشتىن ئاخىر توغرا يولغا قايتماي، بۇ تۇيۇق يولدا جاھىللىق بىلەن ئىزچىل مېڭىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ لەنىتىگە قالدى.

مەسئۇدنىڭ كىشىلىك ھايات يولى ۋە ئاخىرقى ئېچىنىشلىق ئاقىۋەت ئۆزى تاللىغان يولنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان سوۋغىسى بولدى، خالاس.



(تامام بولدى)



تەرجىمە قىلغۇچىلار: ئابدۇجاپپار ھامىدىن بىلەن قاھار زەيدىن



خەنزۇچە مەنبەسى:

搞自新疆美术摄影出版社2007年7月出版的»隐没戈壁的历史碎片«一书的第176页至219页



ئۇيغۇرچە مەنبەسى: «مۇنبەر» ژۇرنىلى 2011-يىللىق 2-سان



تور بېكەت مەنبەسى



:http://ketmenbay.blogbus.com/logs/192442723.html



http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=8731



تەرجىمە قىلغۇچىلار: ئابدۇجاپپار ھامىدىن بىلەن قاھار زەيدىن



خەنزۇچە مەنبەسى:

搞自新疆美术摄影出版社2007年7月出版的»隐没戈壁的历史碎片«一书的第176页至219页

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2012-2-18 01:06:18

بۇنى كۆرمىگەنلەر تىزراق ساقلىۋېلىڭلار،  بەلكىم يەنە ئۆچۈپ كېتىشى مومكىن ،   

مەنبەسىگە قارىسام  ئۇيغۇرچە مەنبەسى: «مۇنبەر» ژۇرنىلى 2011-يىللىق 2-سان دەپ باركەن ،  قانۇنلۇق ژورنالدا ئاشكارا ئېلان قىلىنغان ماقالە ئىكەن ، شۇڭا ساقلىۋالغان مەزمۇننى قايتىدىن چاپلاپ قويدۇم ... ،    كېرەك بولغانلار ساقلىۋالغاي ،

باشقۇرغۇچىلار زادى ئۆچۈرۈشكە تېگىشلىك دەپ قارىسا ئۆچۈرىۋەتسە بولىدۇ .



@ Bidar-Qutlan              Bidar-Qutlan@

@yolyar                 yolyar@

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-18 02:14:23

مۇشۇ مۇنبەردىن ساقلىۋالغان ماتىرىياللار پەقەت نورمال كۈرۈنمىدى، مەزكۇر تېمىنى ساقلىۋالغان بولساممۇ كۆرۈش مۇمكىن بولمىدى، خەتلەر ئىمىر-چىمىر،

ئامالى بارمىدۇ ؟

izdinishezasi يوللانغان ۋاقتى 2012-2-18 02:52:23

رەھمەت، نىياز قارىي!

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-2-18 11:50:26

ساقلىۋىلىشقۇ بىر گەپ، قانۇنلۇق، نوپۇزلۇق ژورنالدا ئېلان قىلىنغان، بىزنىڭ يەرلىك تارىخچىلىرىمىزنىڭ ئەمەس، بەلكى نوپۇزى چوڭ ئاپتۇرلار يازغان تەرجىمە ماقالىنىڭ ئۆچۈرىلىشى مېنى ئويغا سېلىپ قويدى، بۇنىڭ ئېنىق سەۋەبىنى بىلسەك، چۈشەنسەك دەيمەن، بىرەر مۇھىم سەۋەپ بولمىسا، ئاندىن ئۇنى ساقلىساقمۇ، تۇرالىرىمىزدا قويساقمۇ، ئېلكىتاپ ئىشلىسەكمۇ خاتىرجەم بولىغىلى بولىدۇ، ھىچ بولمىغاندا مەن قايسى نۇقتا(كىلىمات، نەشىر ھوقۇقى، ئىنكاسلار)دىن ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى بىلسەم دەيمەن.

@mohsin@سىز قويغان بەلگۈ خاتامۇ قانداق، ماڭا ئۇچۇر كەلمەپتۇ.

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2012-2-18 12:13:38

@Bidar-Qutlan ئاكا كۆپىنچە يازمىلار قاملاشمىغان بىر قىسىم ئىنكاسلارنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. بۇنىڭمۇ چارىسىنى ئويلىشىۋاتىمىز...
بەت: [1] 2
: مەھمۇت سىجاڭنىڭ چەتكە چىقىپ كېتىشى،ئابدۇنىياز كامالنىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرى