suzuk يوللانغان ۋاقتى 2012-2-17 12:00:59

رىگرېسسىيە ئانالىزى

نەچچە كۈندىن بېرى غەيۋەت خارەكتېرىدىكى تېمىلاردا جىق ئويناپ كەتتۇق، ئەمدى ما تېمىغا كېلەيلى. نەچچە يىل بۇرۇن ئىزدىنىشتىكى بىرەيلەن رىگرېسسىيە ئانالىزى توغرىسىدا بىر نەرسە يازسىڭىز دېگەن، بۈگۈن نېسىپ بولغان ئوخشايدۇ يېزىش، مۇنبەرگە فورمۇلا ۋە شەكىل كىرگۈزۈشتىكى چەكلىمىلەر تۈپەيلىدىن، ئاددى، ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش خارەكتېرىدە يېزىلىدۇ. چوڭقۇرلاپ پىكىر قىلىشنى خالايدىغانلار بولسا تېخىمۇ ياخشى.



رىگرېسسىيە ئانالىزى سىتاتىستىكىدا ناھايىدا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئۇسۇللارنىڭ بىرى. رىگرىسسىيە ئانالىزى جەمىيەتشۇناسلىق، ئىقتىسادشۇناسلىق، پىسخولوگىيە، ئىشقىلىنىپ ھەرقانداق ساھەدە ئىشلىتىلىدۇ دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ. تۆۋەندە بىر مىسال بىلەن بۇ ئۇسۇلنى ئاددى قىلىپ تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز:



ھورۇن مۈشۈك ئۆي ئايرىپ چىققاندىن كېيىن، ئۆيىدىكى توك سائىتىگە بەك دىققەت قىلىدىغان بولدى. شۇڭائۇ ئۆيىدىكى ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ھەركۈنلۈك ئىشلىتىش ۋاقتىنى (قانچە سائەت ئىشلىتىلدى) خاتىرىلەپ ماڭدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە كۈندۈلۈك ئىشلىتىلگەن ئومۇمى توكنى خاتىرىلىدى، كىيىم كېچەك قۇرۇتقۇچ توكنى بەك كۆپ يەيدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش قېتىم سانىنىمۇ خاتىرىلىدى. ھورۇن مۈشۈك ھاۋا تەڭشىگۈچ ۋە قۇرۇتقۇچنىڭ ئىشلىتىش مىقدارى بىلەن كۈندە كەتكەن توكنىڭ مىقدارى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بىلمەكچى بولدى. يەنى كەتكەن توك بىلەن ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ئىشلىتىلىش ۋاقتى، قۇرۇتقۇچنىڭ ئىشلىتىلگەن قېتىم سانى ئارىسىدىكى تەجرىبىۋى فورمۇلانى يېزىپ چىقماقچى.



بۇ مەسىلىدە بىز تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپلەرنى ئويلىشىشىمىز:


1. كۈندۈلۈك خورىغان توك مىقدارى بىلەنھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ئىشلىتىلىش ۋاقتى، قۇرۇتقۇچنىڭ ئىشلىتىلگەن قېتىم سانى ئارىسىدىكى تەجرىبىۋى فورمۇلانى يېزىپ چىقىش (رىگرېسسىيە تەڭلىمىسىنى)


2. تەجرىبىۋى فورمۇلانىڭ ئىشەنچىلىك دەرىجىسى كۈرۈنەرلىك يۇقىرىمۇ؟


3. ھەر بىر ئۆزگەرگۈچى مىقدارنىڭئەگىشىپ ئۆزگەرگۈچى مىقدارغا بولغان تەسىرى كۆرۈنەرلىكمۇ؟ ( يەنى ھاۋا تەڭشىگۈچ بىلەن قۇرۇتقۇچ راسلا توك خورىتىشتا كۈرۈنەرلىك رول ئوينامدۇ)


4. ئېرىشكەن فورمۇلا ئارقىلىق بۇندىن كېينكى توك تېجىشىمىزگە پىلان لايىھە تۈزىمىز.


5. تېپىپ چىققان فورمۇلارىمىز مۇشۇ سانلىق مەلۇماتلارغا راس ماس كېلەمدۇ كەلمەمدۇ



1- باسقۇچنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مېنىڭ تەۋسىيەرىم ئالدى بىلەن بېرىلگەن مىقدارلار ئارىسىدىكىscatter plot نى سىزىپ چىقىپ، بۇلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت سىزىقلىقمۇ سىزىقسىزمۇ، سىزىقسىز بولسا قايسى خىلدىكىسى يەنى كىۋادراتلىقمۇ، كۇپلۇقلمۇ، لوگارىفمىلىقمۇ شۇنىڭغا دەسلەپكە قەدەمدە ھۆكۈم قىلىمىز. ئەگەر بۇخىلدىكى مەسىلىنى بۇتۇن باشقىلار ھەل قىلىپ باققان بولسا، شۇلارنىڭ فورمۇلاسى بويىچە بېكىتسىڭىزمۇ بولىدۇ.   


ئەگەر مۇناسىۋەت سىزىقسىز مۇناسىۋەت بولسا، ئالاقىدار ماتىماتىكىلىق شەكىل ئۆزگەرتىشلەر ئارقىلىق ئۇنى سىزىقلىق ھالەتكە كەلتۈرىمىز.بۇ مىسالدىكى توكنىڭ خوراش مىقدارىنى ت ، ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ئىشلىتىلگەن مىقدارىنى ھ بىلەن، قۇرۇتقۇچنىڭكىنىق بىلەن ئىپادىلىسەك، ھەمدە ئۇلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى سىزىقلىق دەپ بېكىتسەك، ئۇ ھالدا تۆۋەندىكىدەك تەڭلىمە تۈزەلەيمىز:



ت=ب 0 + ب 1 *ھ +ب 2*ق+ ى



بۇ يەردىكى ب 0 تۇراقلىق سان، ى خاتالىق پەرقى، ب1، ب2 لەر نامەلۇم بولغان رېگرېسسىيە كوئىففىسېنتلىرى .ى كۈتۈلمە قىممىتى نۆل، كىۋادراتلىق پەرقى سىگما كىۋادرات بولغان نورمال تەقسىماتقا بويسۇنىدۇ (بەزى ئوخشىمىغان مودىللاردا پەرەزمۇ ئۆزگىرىش مۈمكىن) .كىلاسسىك رىگرېسسىيىدە تەڭلىمىدىكى نامەلۇم پارامېتىرلارنى مۆلچەرلەش، پەرەزلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش مۇھاكىمە قىلىنىدۇ، يېقىنقى زامان رېگىرىسسىيىدە بولسامىقدارلارنى تاللاش، مۆلچەرنى ئىلغارلاشتۇرۇش ۋە مودىلدىكى بەزى پەرەزلەرنى تەكشۈرۈش مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.



ئەمدىكى مەسىلە ب0، ب1، ب2 لارنى بېكىتىش. ئادەتتە كۆپ قوللىنىدىغان ئۇسۇل ئەڭ كىچىك كىۋادراتلىق ئۇسۇل بولۇپ، مۆلچەر قىممەت بىلەن ئەسلى قىممەتنىڭ كىۋادراتلىق پەرقىنى ئەڭ كىچىك قىلالايدىغان ب0، ب1، ب2 لارنى تېپىپ چىقىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن فۇنىكسىيىنىڭ مىنىموم قىممىتىنى تېپىش ئۇسۇلىنى ئىشلەتسەك بولىدۇ ( ھاسىلىلەپ، ھاسىلىنى نۆلگە تەڭ قىلىپ تەڭلىمە تۈزۈپ، تەڭلىمە يېىشىش) مۇشۇنداق قىلىپ ب0، ب1، ب2لارنى تېپىپ ئورنىغا قويساق، تەجرىبىۋى فورمۇلاغا ئېرىشكەن بولىمىز.1-باسقۇچ شۇنىڭ بىلەن تاماملانغان بولدى.

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2012-2-17 12:05:35

تەجىرىبىۋى فورمۇلانىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسىقانچىلىك ؟ بۇنى بىلىش ئۈچۈن تەڭلىمىنىڭ روشەنلىكىنى سىنايمىز، يەنى بۇ تەڭلىمىنىڭ نۆلگە تەڭ بولۇش مۈمكىنلىكى قانچىلىك دېگەننى پەرەزلىك تەكشۈرۈش قىلىمىز.پەرەزلىك تەكشۈرۈش مۇنداق ئېلىپ بېرىلىدۇ:



ئەسلى پەرەز : رېگرىېسىسىيە كوئىففىسېنتلىرىنىڭ ھەممىسى نۆلگە تەڭ ( ب0=ب1=ب2=0)


قارشى پەرەز: كەم دېگەندە بىرى نۆل ئەمەس



ئالاقىدار سىتاتىستىكىلىق مىقدارنىڭ قىممىـتىگە ئاساسەن ھېساپلاپ چىقىلغان ئېھتىماللىق ئەگەر روشەنلىك سەۋىيەسىدىن (ئالفا بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا 0.05، بەزىدە 0.1 قىلىپمۇ ئېلىنىدۇ، كۆپلىگەن دېتاللارنىڭئاپتوماتىك بېرىلىدىغىنى 0.05)كىچىك بولسا ئەسلى پەرەزنى رەت قىلىمىز، يەنى تەڭلىمە پۈتۈنلەي نۆل بولۇپ قالمايدۇ، بۇ چاغدا بۇ تەڭلىمىزنىڭ ئېشلىتىش قىممىتى بار بولغان بولىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا تەڭلىمىنىڭ نۆلدىن بولغان پەرقى روشەن بولمايدۇ، يەنى تەڭلىمىنىڭ نۆل بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى چوڭ بولۇپ، بۇ تەڭلىمىنىڭ قىممىتى بولمايدۇ. بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەندە تەڭلىمىنى قايتىدىن قۇرىسىز، يەنى سىزىقلىق دېگىنىڭىز بەلكىم سىزىقسىز بولىشى، كۇپلۇق دېگىنىڭىز باشقا بىر خىل بولىشى مۈمكىن.



بۇ تەكشۈرۈش پەقەت مىقدارلارنىڭ ھەممىسى نۆل ئەمەسلىكىنى ئىپادىلەپ بىرەلىگەن بىلەن، قايسى مىقدارنىڭ كوئىفىفىسىنىتنىڭ نۆل بولۇپ قالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ، يەنى قارشى پەرەزدىكى \" كامىدا بىرى نۆل ئەمەس\" دېگەندىكى \" بىرى\" قايسىسى ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيمىز. ئەگەر مەلۇم بىر مىقدارنىڭ كوئىففىسىنتى نۆل بولسا، ئۇنىڭ ئەگىشىپ ئۆزگەرگۈچى مىقدارغا بولغان رولى ئېتىبارغا ئالغۇدەك دەرىجىدە ئەمەس بولغان بولىدۇ، شۇڭا بۇنداق مىقدارنى تەڭلىمىدىن ئۆچۈرۋېتىش كېرەك. مانا مۇشۇنداق مىقدارنى تېپىپ چىقىش 3-باسقۇچتىكى ۋەزىپىمىز. بۇمۇ بىر پەرەزلىك تەكشۈرۈش بىلەن ئىشقا ئاشىدۇ،يەنى ھەربىر مىقدارنىڭ كوئىففىسىنتىغا نىسبەتەن پەرەزلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىمىز:



ئەسلى پەرەز : ب0=0 ، ب1=0، ب2=0


قارشى پەرەز نۆل ئەمەس.


بۇ مىسالدا ئۈچ قېتىملىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئالاقىدار سىتاتىستىكىلىق مىقدارلارنىڭ قىممىتىگە ئاساسەن ھېساپلاپ چىقىرىلغان ئېھتىماللىقنى روشەنلىك دەرىجىسى بىلەن سېلىشتۇرىمىز، ئۇسۇلى ئالدىنقىسى بىلەن ئوخشاش. بۇ 3.باسقۇچتا دېيىلگەن ھەرقايسى مىقدارلارنىڭ ئەگىشىپ ئۆزگەرگۈچى مىقدارغا بولغان تەسىرى كۆرۈنەرلىكمۇ ئەمەس دېگەن مەسىلە شۇ. مەلۇم مىقدارغا ماس pقىممىتى روشەنلىك دەرىجىسى ئالفاندىن كىچىك بولسا، بۇ مىقدارنىڭ تەڭلىمىدىكى كوئىفىفىسىنتنى كۆرۈنەرلىك ھالدا نۆل ئەمەس بولىدۇ، يەنى بۇ مىقدارنىڭ ئەگىشىپ ئۆزگەرگۈچى مىقدارغا بولغان تەسىرى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.pقىممىتى ئالفادىن چوڭ بولسا بۇ مىقدارنىڭ تەسىرى ئېتىبارسىز بولۇپ، تەڭلىمىدىن ئۆچۈرىۋەتسىڭىز بولىدۇ.

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2012-2-17 12:05:50

R نىڭ كىۋادراتى تەڭلىمىنىڭ تەقلىد قىلىنىشىنىڭ ياخشى ناچارلىق دەرىجىسىنى ئۆلچەيدىغان مىقدار.R نىڭ كۋادراتى= مۆلچەر قىممەت خاتالىق پەرقىنىڭ كىۋادرات يىغىندىسى بۆلۈنگەن سېستىما ئومۇمى خاتالىق پەرقىنىڭ كىۋادرات يىغىنىدىسى.    سىز تۈزگەن تەڭلىمە ئارقىلىق تېپىلغان مۆلچەر قىممەتنىڭ خاتالىق پەرقىنىڭ كىۋادرات يىغىندىسى سېستىما ئومۇمى قىممىتىنىڭ خاتالىق پەرقىنىڭ كىۋادراتلىق يىغىنىندىسىغا قانچە يېقىنلاشسا مۆلچىرىڭىزنىڭ شۇنچە ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، يەنى R نىك كىۋادراتى بىر گە قانچە يېقىنلاشسا تەڭلىمىڭىز ئەسلى ئۇچۇرنى شۇنچە كۆپ ئىپادىلەپ بېرەلىگەن بولىدۇ.بۇ نىڭدىن سىرت توغرىلانغان R نىڭ كۋادراتى، ئاشقان ئۆلچەملىك پەرق قاتارلىقلارمۇ تەڭلىمىنىڭ تەقلىد قىلىنىشىنىڭ ياخشى ناچارلىق دەرىجىسىنى ئىپادىلەپ بىرەلەيدۇ.



يۇقىرقى تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتكەندىن كېينكى تەڭلىمىڭىزنى ئىشلەتسىڭىز يەنە سەل خام بولۇپ قالىدۇ، ئەمدى رېگرېسسىيىگە ئومۇميۈزلۈك دىئاگنور قويۇپ چىقىمىز. بۇنىڭ ئەڭ ئاددى ئەڭ ئىپتىدائىي بىراق ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىقالدۇق پەرقىنى ئانالىز قىلىشتۇر.



قالدۇق پەرقى= ئەسلى قىممەت ئېلىنغان مۆلچەر قىممەت


قالدۇق پەرقى بىلەن ھەرقايسى مىقدارلارنىڭ چاچما گىرافىكىنى سىزىپ چىقىمىز. ئەگەر سىزىپ چىقىلغان گىرافىكتا بىرەر قانۇنىيەت بولمىسا، ئۇ ھالدا بۇ تەڭلىمىمىز ئۇتۇقلۇق چىققان بولىدۇ، يەنى خاتالىق پەرقى مودىلىمىزدا باشتا تۈزگەن شەرتكە چۈشكەن بولىدۇ ( مۇستەقىل، ئوخشاش كىۋادراتلىق پەرققە ئىگە، نورمال تەقسىماتقا بويسۇنغان)



ئەگەر سىزىپ چىققان نۇقتىلار كاناي ( لابا) شەكلىگە ئوخشاپ قالسا، خاتالىق پەرقىنىڭ كىۋادراتلىق پەرقىنىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ.



سىزىپ چىققان نۇقتىلار پارابولاسىمان بولسا ئەگرى سىزىقلىق مودىل ئىشلىتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈدىۇ،



بۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە لوگارىفمىلاش، ئەكىس سان ئېلىش، يىلتىزدىن چىقىرىش، كۋادراتقا كۆتۈرۈش، دەرىجىگە ئېلىش دېگەندەك ئۇسۇللار ئارقىلى تەڭلىمىنى قايتا تەڭشىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ، تەڭلىمىنى قايتا تەڭشىگەندىن كېيىن يەنە باشتىكى ئىككىنچى باسقۇچقا قايتىپ بىرمۇ بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىمىز.



مۇشۇنچىلىكيېزىلىپ تۇرسۇن

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-2-17 12:26:10

مەنمۇ ئورۇن ئەمسە \"\"





مەنمۇنەچچە ۋاقتىن بېرى بەك جىدەل قىلىپ كەتتىم. گۇناھىمنى يۇيىدىغانغا ئەتىگەندىن بېرى كىتاپ كۆرىۋاتىمەن.

ئەتە ئۆگۈن تېما يازىمەن مەنمۇ\"\"

forever يوللانغان ۋاقتى 2012-2-17 12:48:32

تولۇق ئوتتۇرىغا ماتېماتىكا دەرسى بېرەمسىز؟

Jeck يوللانغان ۋاقتى 2012-2-17 12:49:25

\"\"

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2012-2-17 12:58:01

@jeck@,بىر سۇئال، فىزىكىدا بىرلىكى مېتىر كۆپەيتىلگەن سىكۇنت(ۋاقىت) بولىدىغان مىقدار بارمۇ؟   مۇنداق بىر مەسىلەر بار: دەرەخنىڭ سايىسىنى سائەتكە قاراپ ئۆلچەيمىز، ئىككى سائەتتە بىر قېتىم دېگەندەك. ئېرىشكەن سانلىق مەلۇماتلاردىن دەرەخ سايىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنىڭ ۋاقىت بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىنى تېپىپ چىقىپ، ئاندىن ئاشۇ فورمۇلا بويىچە دەرەخ سايىسىنى مەلۇم بىر بۆلەكتە ئىنتىگراللايمىز، ئىنتىگراللاپ ئېرىشكەن قىممەتنىڭ بىرلىكى سىزنىڭچە مېتىر كۆپەيتىلگەن سىكۇنت بولامدۇ يا مېتىر بولامدۇ؟مەن بېشىدا مېتىر كۆپەيتىلگەن سىكۇنت بولىدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن، كېيىن ئويلاپ باقسام ئۆلچىگىنىمىز بىرلىك ۋاقىتتىكى دەرەخ سايىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ بىرلىكى مېتىر بولماستىن بەلكى مېتىر ھەر ۋاقىت بولىشى كېرەكتەك تۇرىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئىنـتىگراللاپ ئالغان قىممىتىمىزنىڭ بىرلىكى مېتىر بولىدىكەن. سىزچە قايسى توغرىدۇ؟

murat001 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-17 13:53:22

پورمۇلادىسەبېشڭم   {:107:}

Jeck يوللانغان ۋاقتى 2012-2-17 13:58:11

y=f(x نى ئىنتىگراللىساق چىققان نەتىچە y نىڭ قىممىتى بۇلامدۇ ياكى y بىلەن x نىڭ كۆپەيتمىسىنىڭ قىممىتىمۇ؟ قىممەت قايسىسىنىڭ بولسا بىرلىكمۇ شۇنىڭ بۇلار؟


suzuk يوللانغان ۋاقتى 2012-2-17 14:02:59

كۆپەيتمىسىنىڭبولىدۇ، ئاۋۇ مىسالدىكى ئىگىرىكنىڭ بىرلىكىنى تازا ئاڭقىرىپ بولالمىدىم. مېتىر كۆپەيتىلگەن ۋاقىتنىڭ بىرەر ئالاھىدە مەنىسى بارمۇ فىزىكىدا

Jeck يوللانغان ۋاقتى 2012-2-17 14:20:49

ئاشۇ مىتېر دىگىنىڭىز توغرا بۇلىدىغاندۇ. دەرەخنىڭ سايىسىنىڭ ئوزۇنلۇقى بىلەن ۋاقىتنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ بىرلىكى مىتېر ھەر سىكونىت بۇلىدۇ، يەنى سىكونىتىغا مانچە مىتېر ئۇزىرىدى ياكى قىسقاردى دىگەندەك. ئىنـتىگراللىغاندا مىتېر ھەر سىكونىتقا سىكونىتنى كۆپەيتسەك يەنە مىتىر چىقىدۇ.




gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-2-17 14:21:53

تېزلىكنىڭ بىرلىكى ئادەتتە مېتىر سېكونت

سۈرئەتنىڭ بىرلىكى مېتىر ھەر سېكونتقۇ دەيمەن. فىزىكىدا تۇلۇق ئوتتۇرا دەرسلىكىدە شۇنداقراق دېيىلگىنى ئېسىمدە.

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2012-2-17 14:25:21

مۇنداق ئۆلچەيدىكەن: ئەتىگەن سائەت 8 دە دەرەخنىڭ سايىسىنىڭ ئومۇمى ئۇزۇنلۇقى مانچىلىك، سائەت 10 دا ئومۇمى ئۇزۇنلۇقى مانچىلىك، 12 دە ئومۇمى ئۇزۇنلۇقى مانچىلىك.......    مۇشۇنداق ئېرىشكەن yنىڭ بىرلىكى مېتىر ھەر سىكۇنت دېسەك توغرىمۇ؟

Jeck يوللانغان ۋاقتى 2012-2-17 14:26:45

11- قەۋەتتىكى gulhekimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تېزلىكنىڭ بىرلىكى ئادەتتە مېتىر سېكونت

سۈرئەتنىڭ بىرلىكى مېتىر ھەر سېكونتقۇ دەيمەن. فىزىكىدا تۇلۇق ئوتتۇرا دەرسلىكىدە شۇنداقراق دېيىلگىنى ئېسىمدە.

\"\"



تىزلىك بىلەن سۈرئەت ئىككىسى بىر گەپتۇ؟


تىزلىك، تىزلىنىش دەپ بار. تىزلىنىشنىڭ بىرلىكى مىتىر ھەر سىكونىتنىڭ كۇۋادىراتى.


Aziz يوللانغان ۋاقتى 2012-2-17 14:34:29

6- قەۋەتتىكى suzukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۆلچىگىنىمىز بىرلىك ۋاقىتتىكى دەرەخ سايىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىكەن

ئۇنداق ئەمەس، ئۆلچىگىنىڭىز مەلۇم پەيتتىكى ئۇزۇنلۇق. بىرلىك ۋاقىتتىكى ئۇزۇنلۇق بىلەن مەلۇم پەيتتىكى ئۇزۇنلۇقنىڭ ماھىيەتلىك پەرقى بار.


بۇ كاللىڭىزدىن ئۆتكەندە قالدى سۇئالغا ئىنكاس يازاي.

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-2-17 14:35:23

13- قەۋەتتىكى jeckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

11- قەۋەتتىكى gulhekimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تېزلىكنىڭ بىرلىكى ئادەتتە مېتىر سېكونت

سۈرئەتنىڭ بىرلىكى مېتىر ھەر سېكونتقۇ دەيمەن. فىزىكىدا تۇلۇق ئوتتۇرا دەرسلىكىدە شۇنداقراق دېيىلگىنى ئېسىمدە.

\"\"




تىزلىك بىلەن سۈرئەت ئىككىسى بىر گەپتۇ؟


تىزلىك، تىزلىنىش دەپ بار. تىزلىنىشنىڭ بىرلىكى مىتىر ھەر سىكونىتنىڭ كۇۋادىراتى.




ئىككى ئۇقۇمدەك ئېسىمدە تۇرىدۇ.\"\"يەنە پەيتلىك سۈرئەت دېگەندەك ئۇقۇملارمۇ باردەك...

Aziz يوللانغان ۋاقتى 2012-2-17 14:40:20

12- قەۋەتتىكى suzukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇنداق ئۆلچەيدىكەن: ئەتىگەن سائەت 8 دە دەرەخنىڭ سايىسىنىڭ ئومۇمى ئۇزۇنلۇقى مانچىلىك، سائەت 10 دا ئومۇمى ئۇزۇنلۇقى مانچىلىك، 12 دە ئومۇمى ئۇزۇنلۇقى مانچىلىك.......    مۇشۇنداق ئېرىشكەن yنىڭ بىرلىكى مېتىر ھەر سىكۇنت دېسەك توغرىمۇ؟

سىزنىڭ ئۆلچىگىنىڭىز پەقەت ئۇزۇنلۇق، ئۇزۇنلۇقنى مېتىر تاياقچە، يۆگەلمە مېتىر قاتارلىق نەرسىلەر بىلەنلا ئۆلچىگىلى بولىدۇ ھەم بۇلارنىڭ بىرلىكى مېتىر بولىدۇ. بۇنداق ئۆلچىگۈچلەردە پەقەت مېتىر دىگەن گەپلا بار. شۇڭا ي نىڭ بىرلىكى پەقەت مېتىر لا بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقىسى بولالمايدۇ.

Jeck يوللانغان ۋاقتى 2012-2-17 14:41:47

12- قەۋەتتىكى suzukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇنداق ئۆلچەيدىكەن: ئەتىگەن سائەت 8 دە دەرەخنىڭ سايىسىنىڭ ئومۇمى ئۇزۇنلۇقى مانچىلىك، سائەت 10 دا ئومۇمى ئۇزۇنلۇقى مانچىلىك، 12 دە ئومۇمى ئۇزۇنلۇقى مانچىلىك.......    مۇشۇنداق ئېرىشكەن yنىڭ بىرلىكى مېتىر ھەر سىكۇنت دېسەك توغرىمۇ؟

سائەت مانچىدىن مانچىگىچە دەرەخنىڭ ئۇزۇنلۇقى مانچە مىتېردىن مانچە مىتىرگىچە كەلدى دىسە بۇنىڭ بىرلىگى مىتېر ھەر سىكونت. ئوزۇنلۇق ۋاقىتنىڭ فونكىسىيەسى بۇلىدۇ.




ئەگەر سائەت مانچىدە ئۇزۇنلۇقى مانچىلىك، سائەت مانچىدە ئوزۇنلۇقى مانچىلىك دىسە بۇنىڭ بىرلىكى مىتېر.




شۇنداق بۇلا؟

faith يوللانغان ۋاقتى 2012-2-17 14:47:29

سۈرئەت دېگەن ۋىكتورسىز ئۇقۇم، تېزلىك ۋىكتورلۇق. يەنى سۈرئەتنىڭ پەقەت مىقدارى بار ،يۆنلىشى يوق. تېزلىك ھەم يۆنىلىش ھەم مىقدارغا ئىگە. ئىككلىسىنىڭ بىرلىگى ئوخشاشلا مېتىر ھەر سىكونت.



بىرلىك ۋاقىت ئىچىدىكى دەرە سايسىنىڭ ئۇزۇنلىقى مۇقىم بولمايدىغاندۇ؟مەسىلەن سائەت 8دىن 9گىچە دەرەخ سايسىنىڭ ئۇزۇنلىقنىڭ مۇقىم بىر قىممىتى بولمايدىغاندۇ.

مەلۇم ۋاقتتىكى دەرە سايسىنىڭ ئېگىزلىكى بولسا توغرا. ۋاقىت بىلەن دەرەخ سايىسنىڭ ئۇزۇنلىقى ئوتتۇرسدىكى yنىڭ قىممىتى مېتىر ھەر سىكونت بولسا توغرا. يەنى مەلۇم سۈرئەت بىلەن ئاشىدۇ(تىزلىك ئەمەس) بۇنداق ۋاقىت بىلەن ساينىڭ ئۇزۇنلىقنىڭ ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت تۈز سىزىقلىق ھەركەتكە ئوخشاش بولىدۇ. گىرافىكىمۇ تۈز سىزىق چىقىدىغۇ.


Jeck يوللانغان ۋاقتى 2012-2-17 14:51:11

15- قەۋەتتىكى gulhekimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

13- قەۋەتتىكى jeckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

11- قەۋەتتىكى gulhekimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تېزلىكنىڭ بىرلىكى ئادەتتە مېتىر سېكونت

سۈرئەتنىڭ بىرلىكى مېتىر ھەر سېكونتقۇ دەيمەن. فىزىكىدا تۇلۇق ئوتتۇرا دەرسلىكىدە شۇنداقراق دېيىلگىنى ئېسىمدە.

\"\"





تىزلىك بىلەن سۈرئەت ئىككىسى بىر گەپتۇ؟


تىزلىك، تىزلىنىش دەپ بار. تىزلىنىشنىڭ بىرلىكى مىتىر ھەر سىكونىتنىڭ كۇۋادىراتى.




ئىككى ئۇقۇمدەك ئېسىمدە تۇرىدۇ.\"\"يەنە پەيتلىك سۈرئەت دېگەندەك ئۇقۇملارمۇ باردەك...


شۇ شۇ، پەيىتلىك سۈرئەت دىگەندەك گەپلەر بار. لېكىن تىزلىك بىلەن سۈرئەتنى ئىككى ئوقۇمدەك كۆرگىنىم ئىسىمدە يوق. ئۇيغۇرچىدە بۇ ئىككىسىگە ئايرىم ئىنىقلىما بەرگەنمۇ يا؟




فىزىكىلىق ئوقۇملارنىڭ ئىنىقلىمىسى بەك ئىنچىكە بولغاچ ئىنىقلىما روشەن بولمىسا مەسىلە ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. شىندادا ئىشلەۋەتقان ۋاقىتلىرىمدا بىر يىللىرى ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىغا سۇئال چىقىرىدىغانغا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا بىر ئايلىق بېرىپ بىر مىھمانخانىغا سولاپ قويدى. مەسىلىنى ئۇيغۇرچە ئىپادىلەپ پۈتۈن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى چۈشنىدىغان ئاددى قىلىپ چىقماقمۇ بىر تەس گەپكەن. تولۇق ئوتتۇرا فىزىكىنىڭ 3 قىسىم كىتاۋىنى 3 كۈندە ئوقۇپ بوپتىكەنمەن فىزىكىلىق ئوقۇملارنىڭ ئۇيغۇرچە توغرا ئاتلىشى ۋە ئىنىقلىمىسىنى ئىزدەپ. شۇ ۋاقىتتا بەزى ئوقۇملارنىڭ ئۇيغۇرچە ئىپادىلىنىشى ۋە ئىنىقلىمىسدا مۇجمەللىك باركەن دەپ ئويلىغان ئىدىم.






بەت: [1] 2 3
: رىگرېسسىيە ئانالىزى