atella يوللانغان ۋاقتى 2012-2-16 21:34:02

تاشپاقا بلەن چاياننىڭ ھېكايسى[تەرجىمە]

تاشپاقا بلەن چاياننىڭ ھېكايسى


(مەسەل)


زىرخە بلەن يىللارنىڭ يۈكىنى تاشلىغان جاپاكەش تاشپاقا بىر كۈنى سۇ بويىدا چايانغا دۇچ كەپتۇ،چايان سۇنىڭ نېرىقى تەرىپىگە ئۆتۈش ئۈچۈن تاشپاقىغا گەپ تاشلاپتۇ،


-سەن نېرىقى تەرەپكە ئۆتمەكچىسەن،مېنى ھەم يەلكەڭگە ئېلىپ ئۆتۈپ قوي دەپتۇ.


تاشپاقا ئاقكۆڭۈل ھەم ئەقىللىق ئىكەن،


- ئېلىپ ئۆتىمەن،لېكىن مېنى چىقىۋالىسەندە-دەپتۇ.


چايان


-ئەسلا،ئاخىر سىنى چاقسام ئۆلسەن ۋە مەن ھەم سۇغا غەرىق بولىمەن، دەپ جاۋاپ قايتۇرۇپتۇ.


تاشپاقا چاياننىڭ ھېلسىنى بىلىپ تۇرسىمۇ يەنە بىر سناپ كۆرۈش ئۈچۈن ئىمكانيەت بېرىپتۇ ۋە يەلكسىگە ئېلىپ دەرياغا قاراپ ئۈزۈپتۇ.سۇنىڭ يېرىمغا بارغاندا چايان چىدىيالماپتۇ،تاشپاقىنى چېقىش ئۈچۈن نەشتىرنى چىقىرىپ تاشپاقىغا سانجىپتۇ.


تاشپاقا


-سۆز بەرگەنتىڭ، بۇ نېمە قىلغىنڭ دەپ سوراپتۇ،


چايان


-   نېمە قىلاي،چىدىيالمىدىم، مىنڭ ئىشىم شۇ، دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.


-   ئىشنى كۆپ بىلەركەنسەن،ئەمما سنى يەلكەمگە ئارتىپ سۇنىڭ نېرىقى تەرپىگە ئۆتكۈزۈپ قويۇشۇمنڭ قەدىرنى بىلىمەس ئىكەنسەن،دەپ سۇغا بىر شۇڭغۇغان ئىكەن،چايان سۇغا چۆكۈپ كېتىپتۇ.


مەنبە


«كوردلار ۋادىسى 28-قىسىم»


مەسەلدىن تەسىراتىم:


تاشپاقا گەرچە چاياننىڭ چاقىدىغان مىجەزىنى بىلسمۇ ئاقكۆڭۈللىكىدىن ئۇنى ئۆزگەرگەن بولسا كېرەك، دەپ ئويلاپ ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلماقچى بولدى،


بىراق چاياننىڭ خۇي-پەيلى چېقىشتىن باشقا ئىش بولمىغاچقا ياخشىلىق كۆرۈپ تۇرسىمۇ ئۆزىنڭ زۇلمەتلىك قارا نىيتىنى ئاشكارلىدى.


ئاقىۋەت تاشپاقا ھەم ئۆلدى، چايان ھەم ئۆلدى.

tursunn يوللانغان ۋاقتى 2012-2-16 21:49:43

بۇرۇن دىققەت قىلمىغان ئوخشايمەن بۇمەسەلگە. «قۇرتلار ۋادىسى پۇسۇ» 28-بۆلۈممۇ ياكى «بۇراسى قۇرتلار ۋادىسى» 28-بۆلۈممۇ؟

atella يوللانغان ۋاقتى 2012-2-16 21:59:03

1- قەۋەتتىكى tursunnنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇرۇن دىققەت قىلمىغان ئوخشايمەن بۇمەسەلگە. «قۇرتلار ۋادىسى پۇسۇ» 28-بۆلۈممۇ ياكى «بۇراسى قۇرتلار ۋادىسى» 28-بۆلۈممۇ؟



kurtlar vadisi


كوردلار ۋادىسى 27-28-قسىم


http://www.56.com/w69/play_album-aid-8312035_vid-NTQyMTY5NjU.html

umidwar99 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-16 22:26:19

ئەسلى ‹كەلىلە ۋە دىمىنە› دىكى بىر مەسەل بۇ.

yapraq يوللانغان ۋاقتى 2012-2-16 22:31:18

جان بىلەن كىرگەن خۇي قان بىلەن چىقىدۇ دەپتىكەن.ياخشى مەسەلكەن مەنىسى چوڭقۇر  \"\" .....

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-2-16 23:02:21

مەسەل گەرچە ئاددى بولسىمۇ ، تەربىيەۋى ئەھمىيىتى خېلى چوڭقۇر . ياخشى مەسەللەر ئۈزۈلۈپ قالمىغاي !

fahru23 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-18 18:43:21

شاڭگاڭنىڭ قايسى بىر كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرىدىمۇ  مۇشۇنداقراق بىر مەسەلنىڭ گېپى چىقاتتى ...

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2012-2-18 19:01:54

4- قەۋەتتىكى yapraqنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

جان بىلەن كىرگەن خۇي قان بىلەن چىقىدۇ دەپتىكەن.ياخشى مەسەلكەن مەنىسى چوڭقۇر \"\" .....



قان بىلەن جاننىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالغاندەكمۇ قانداق؟

yapraq يوللانغان ۋاقتى 2012-2-19 19:57:18

7- قەۋەتتىكى hx1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل


4- قەۋەتتىكى yapraqنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

جان بىلەن كىرگەن خۇي قان بىلەن چىقىدۇ دەپتىكەن


قان بىلەن جاننىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالغاندەكمۇ قانداق؟





شۇنداقمىتى يا\"\"،بولمىسىغۇ توغرا ئويلىغان....

بەت: [1]
: تاشپاقا بلەن چاياننىڭ ھېكايسى[تەرجىمە]