niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2012-2-16 21:27:35

چىن دوستلۇقنىڭ يالدامىسى

بۇ يىل لۇتپۇللا مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىغا 90-يىل توشقان خاتىرە يىلكەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى ژۇرنىلىنىڭ 2005-يىللىق 1-سانىدىكى بۇ ماقالىنى يوللىدىم.




     چىن دوستلۇقنىڭ يالدامىسى


  ماھمۇد زەيىدى


(شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىن)




   لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1941 - يىلى سوۋېت مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەركىب تاپقان بىر گۇرۇپپا ئېكسپېدىتسىيە خادىملىرىغا جەنۇبىي شىنجاڭ دالىلىرىدا رۇسچە تەرجىمان بولغانىدى.  شۇ جەرياندا رۇس مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن، بولۇپمۇ قىرغىز يىگىتى ئاقيول بىلەن يېقىن دوست بولۇشقان.



  سەپەردىكى چىن دوستلۇق


  قىرغىز يىگىت ئاقيول جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەر، تاشقورغان، يەكەن، خوتەننىڭ يېزا - قىشلاقلىرىدا ئىلمىي تەكشۈرۈشتە بولغان بۇ گۇرۇپپىغا يول باشلاپ ماڭغان. ئۇ  لۇتپۇللا بىلەن تەڭ دېمەتلىك ئىدى. شۇ قېتىمقى سەپەر ناھايىتى جاپالىق بولۇپ، تاغ  يوللىرى ۋە يېزا - قىشلاقلاردا ئات-  ئۇلاغلىقلا يۈرۈشكە توغرا كېلەتتى. ئۇ چاغدا شەرت - شارائىت بەك ناچار بولغاچقا، ئوزۇق- تۈلۈك ۋە يېپىنچىلارنى بىللە ئېلىپ يۈرۈشكە توغرا كېلەتتى. قونالغۇدا  كەچلىكى شامنىڭ يورۇقىدىن پايدىلىنىلاتتى.


1941 - يىل 7 - ئايلاردا بۇ گۇرۇپپا قەشقەردىن پامىر ئېگىزلىكىگە سەپەر قىلىدۇ. گۇرۇپپا قەشقەردىكى قىرغىز ئۇيۇشمىسىدا تۇرغان چاغدا لۇتپۇللا قىرغىز يىگىت ئاقيول بىلەن تونۇشۇپ، ئۇنىڭ بىلەن پاتلا چىقىشىپ قالىدۇ، گۇرۇپپا يول باشلىغۇچىغا مۇھتاج ئىدى. لۇتپۇللانىڭ تەسىرى بىلەن ھېلىقى قىرغىز يىگىت بۇ جاپالىق سەپەردە يول باشلاپ ماڭىدىغانغا رازى بولىدۇ. ئۇلار تاشقورغان، قىزىلتاغ، قوشراپ، يەكەن قاتارلىق جايلاردىن ئۆتۈپ، تاكى خوتەندىكى يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا جايلاشقان قاراڭغۇ تاغ ئەتراپىغىچە بارىدۇ، بۇ جەرياندا گۇرۇپپىدىكىلەر ئويۇن - چاخچاق بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدۇ. بولۇپمۇ لۇتپۇللا بىلەن ئاقيول ئىككەيلەن سەپەردە بىللە يېتىپ - قوپۇش، غىزادا بىللە بولۇش جەريانىدا سىردىشىپ، چىن دوستلاردىن بولۇپ قالىدۇ، ئۇزۇن يولدا دوستلار ناخشا، چۆچەك، ھېكايىلەرنى ئېيتىشىدۇ. دوستلۇق بۇ زېرىكىشلىك، ئۇزۇن يولنى قىسقارتىدۇ، سەپەردە لۇتپۇللا قولىغا قەلەم ئېلىپ خاتىرە دەپتىرىگە تەسىراتىنى ۋە شېئىرلارنى يازىدۇ،  چالا ساۋات ئاقيولغا خەت ئۆگىتىپ، ساۋاتىنى چىقىرىدۇ. ئاقيول لۇتپۇللانىڭ يازغان شېئىرلىرىنى كۆچۈرۈپ چىقىدۇ ھەم ھەۋەس بىلەن ئوقۇپ يادلايدۇ. ئۇلار يول ماڭغاچ نۆۋەت بىلەن شېئىر دىكلاماتسىيە قىلىشىدۇ. ئاقيول بىر تەرەپتىن بۇ شېئىرلارنى ساۋات چىقىرىش دەرسلىكى قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ شېئىرلار ئارقىلىق ئۆزىنى بەدىئىي جەھەتتىن تەربىيىلەپ ئىلغار ئىدىيە بىلەن قوراللاندۇرىدۇ. ئۇ كۆچۈرۈپ بىر دەپتەرنى توشقۇزىدۇ. ئاقيول بۇ دەپتىرىنى  40 نەچچە يىل  ئاۋايلاپ ساقلاپ كەلگەن.


  قايتا تۇغۇلغان مۇتەللىپ


  ئەقىدە - ئېتىقاد كىشى ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلغۇچى خورىماس كۈچتۇر(خاتىرە دەپتىرىمدىن).


1941 - يىل 10 - ئاينىڭ ئاخىرى شىۋىرغانلىق بىر كەچلىكى گۇرۇپپا ئەزالىرى ئۆز ئىشىنى يىغىشتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى، چۈنكى شۇ كۈنى ئالاقىچى دەرھال ئىشنى توختىتىپ ئۈرۈمچىگە قايتىش توغرىسىدىكى بۇيرۇقنى ئېلىپ كەلگەنىدى. گۇرۇپپا بۇ جىددىي بۇيرۇقتىن خەۋەر تېپىپ، يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى قاراڭغۇ تاغ رايونىدىن يولغا چىقىپ، 11 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قەشقەرگە قايتىپ كېلىدۇ ۋە بۇ يەردە ئۇزۇن تۇرماي ئۈرۈمچىگە يولغا چىقىدۇ. بۇ ئارىلىقتا يول باشلىغۇچى ئاقيولمۇ ئەسلىدىكى جايى — سۇباش دېگەن يەرگە


قايتماقچى بولىدۇ. لېكىن بىر - بىرىگە ئىجىل بولۇپ قالغان دوستلارنىڭ ئايرىلىشقا كۆڭلى ئۇنىمايدۇ، لۇتپۇللا بۇ دوستىنى كۆكئېرىق يېزىسىنىڭ چېتىگىچە ئۇزىتىپ بارىدۇ، خوشلىشىش ۋاقتىدا ئۇ مۇنۇ سۆزلەرنى قىلىدۇ:


دوستۇم، سەن بىزنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىشنى مۇنچىۋالا تېز يىغىشتۇرغىنىمىزنىڭ سەۋەبىنى بىلەمسەن؟ ھازىر نېمىس فاشىستلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ، دۇنيادىكى ئاساسىي يۈزلىنىش فاشىزمغا قارشى تۇرۇش. مەيلى بىز ھازىر ۋە ياكى كېيىن بولسۇن ھامىنى جەڭگە قاتناشماي قالمايمىز. بەلكىم ئۆلكىمىزدىمۇ ھۆرلۈك، ئەركىنلىك ئۈچۈن جەڭ، چېلىشلار ئەۋجىگە چىقار، قايسىدۇ بىرلىرىمىز بۇ ئۇرۇشلاردا غەلىبە قىلىپ، قايسىدۇ بىرلىرىمىز قۇربان بولۇپ كېتىشىمىز مۇمكىن. مۇبادا ئەھۋال شۇنداق بولۇپ قالسا، ھايات قالغىنىمىز، كېيىنچە تاپقان بالىلىرىمىزغا تارىخىمىزنى ئەسلىتىش يۈزىسىدىن قۇربان بولۇپ كەتكىنىمىزنىڭ ئىسمىنى قويۇپ قويايلى،  بۇ دوستلۇقىمىزنىڭ يادنامىسى بولۇپ قالسۇن ...


ئادەمنىڭ ياشلىقىدا ئېرىشكەن چوڭقۇر تەسىراتلار ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە تەسىرىنى يوقاتمايدۇ، بىرەر ياخشى كىتاب، بىرەر ياخشى ئادەمنىڭ بەرگەن تەسىرى كىشى ئۆمرىدە ئاجايىپ رول ئوينايدۇ، ئاقيول ئەخلاق - پەزىلەتتە لۇتپۇللانىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغانىدى. 1944 - يىلى نىلقىدا پارتلىغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى كېڭىيىپ، 1945 - يىلى پامىر ئېگىزلىكىگە تۇتاشقاندا، ئاقيول خەلق قوراللىق قوزغىلىڭىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ جۇشقۇن روھىنى نامايان قىلىدۇ. ۋەزىيەت تېز ئۆزگىرىپ، ئاقسۇدا قىزىل كۈچلەر بىلەن ئاقلار گىرەلىشىپ جەڭ بولغان پەيتلەردە ئاقيولمۇ ناھايىتى جىددىيلىشىدۇ، كېيىن ئۇ لۇتپۇللانىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ چەكسىز قايغۇرىدۇ. ئۇ 1945 - يىل 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى گومىنداڭ جاللاتلىرىنىڭ لۇتپۇللانى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندا قاتتىق ئېچىنىدۇ ۋە دۈشمەنلەردىن چوققۇم قىساس ئېلىشقا بەل باغلايدۇ. ئۇ قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، لۇتپۇللاچە قەھرىمانلىق بىلەن قەشقەردە ياشلارنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ ۋە ئۇلارنى قوراللىق قوزغىلاڭغا تەشكىللەشتە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ. ئۇ 1946 - يىلى ئەتىيازدا باتالىئون كوماندىرى بولىدۇ. 1946- يىلدىكى گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ ئىمزالىغان «11 ماددىلىق بېتىم»نىڭ تەسىرىدە پۈتكۈل شىنجاڭدا دېمۇكراتىك سايلام ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ.  مانا شۇ مەزگىلدە ئاقيولمۇ ئاكتىپ تەشۋىقات خىزمىتىدە رول ئوينايدۇ. ئەمما جەنۇبىي شىنجاڭدا بۇ پائالىيەت گومىنداڭ دائىرلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ «11 ماددىلىق بېتىم»نىڭ روھىغا زىت ھەرىكەتلەر بولىدۇ، ھەتتا گومىنداڭ دائىرلىرى «11 ماددىلىق بېتىم»نى يىرتىپ تاشلاپ، ئوچۇقتىن - ئوچۇق ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي تەرەپدارلىرىنى تۇتقۇن قىلىدۇ. مۇشۇ مەزگىلدە قەشقەردە ئاقيولمۇ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە  تاشلىنىدۇ. ئۇ تۈرمىدە قاتتىق قىيىن-  قىستاقلارغا دۇچ كەلسىمۇ، جەسۇرانە  ئىرادىسىنى يوقاتمايدۇ. ئۇ دۈشمەننىڭ قاتتىق-  يۇمشاق قىيناشلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ، 1949 - يىل 4 - ئايدا تۈرمىدىن چىقىدۇ.


ئاقيول 1951 - يىلى لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ نامىدىكى «يىللارغا جاۋاب» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى كۆرۈپ قالىدۇ، ئۇنىڭغا بۇ شېئىر ئاجايىپ مۆجىزىدەك تۇيۇلىدۇ (بۇ كىتابچىنى سوۋېت يازغۇچىسى ھەسەنوف ئالمۇتا شەھىرىدە «يېڭى ھايات» نەشرىياتىدا ئۇيغۇر يېزىقىدا نەشر قىلدۇرۇپ شىنجاڭغا ئەۋەتىپ بەرگەن. بۇ يىللاردا مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكى سوۋېت ئۇيغۇر نەشرىياتلىرى تەرىپىدىن تەييارلىنىپ شىنجاڭغا ياردەم قىلىناتتى).


لۇتپۇللا مۇتەللىپنى كېچە - كۈندۈز ياد ئېتىپ كېلىۋاتقان ئاقيول شۇ مەزگىلدە چوڭقۇر ھاياجان ئىچىدە ئاقسۇغا كېلىدۇ ۋە لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ قەبرىسىنى ئىزدەيدۇ، قەتلى قىلىنغانلارنىڭ قەبرىگاھىدا ئۇزاق سۈكۈتتە تۇرىدۇ ۋە لۇتپۇللانىڭ قەبرىسى بېشىدا يۈكىنىپ ئولتۇرۇپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىدۇ. ئۇ « مەرھۇم دوستۇم لۇتپۇللا، سېنىڭ غايەڭ يولىدا كۈرەش قىلىمەن» دېگەنلەرنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزۈپ بۇ يەردىن ئايرىلىدۇ.


1955 - يىل 9 - ئايدا لۇتپۇللانىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن «تارىم» ژۇرنىلىدا مەخسۇس ماقالە بېسىلىدۇ. گېزىت - ژۇرناللاردا شائىرنىڭ «يىللارغا جاۋاب»، «يانار تاغلار»، «ماي - كۈرەشچان ئاي» ھەمدە «پادىشا سامورايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ» قاتارلىق ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنىدۇ. ئاقيولنىڭ كۆڭلىدە چوڭقۇر ھاياجان ۋە ئۈمىدۋارلىق دولقۇنلايدۇ. شۇ چاغلاردا ئۇ ئۆيلۈك - ئوچاقلىق بولۇپ، رەپىقىسى  ئوغۇل تۇغىدۇ، ئاقيول خۇشاللىقىدىن قىن - قىنىغا پاتماي قالىدۇ، نەتىجىدە «لۇتپۇللا!» دەپ ۋارقىرايدۇ، ئۆتكەن يىللارنى، لۇتپۇللا بىلەن بىرگە ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلەيدۇ، ۋەدىلىرى كۆز ئالدىدىن بىرمۇ بىر ئۆتىدۇ، ئاخىرى ئوغلىغا «مۇتەللىپ» دەپ ئىسىم قويىدۇ.


قىرغىزلاردىن چىققان بۇ جەسۇر ئوغلان ئاقيول بىلىم ئېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر چۈشەنگەچكە، ئوغلىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ بېرىدۇ.  مۇتەللىپمۇ مەكتەپتە ياخشى ئوقۇيدۇ.  1984 - يىلى «قەشقەر گېزىتى»دە قىرغىز ئوغلى مۇتەللىپنىڭ يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ پوچتا پونكىتىدا ئىشلەپ ئاممىنىڭ قىزغىن مەدھىيىلىشىگە ئېرىشكەنلىكى خەۋەر قىلىنىدۇ.


پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ باھار شامىلى كىشىلەرنىڭ روھىي دۇنياسىدىكى قاتقان مۇزلارنى ئېرىتتى. ئۇزاقتىن كۆمۈلۈپ قالغان دوستلۇق بۇلاقلىرىنىڭ كۆزى ئېچىلغاندەك، ئاقيولنىڭ قەلبىدە ئۇزۇن يىللاردىن پىنھان تۇرۇۋاتقان دوستلۇق تۇيغۇلىرى فونتاندەك ئېتىلىپ چىقىشقا باشلىدى. 1982 - يىل 12 - ئاينىڭ بىر كۈنى ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتىنىڭ خادىمى ئابلىمىت ئىمىن ئاقيول ئاكىنى زىيارەت قىلىدۇ. يېزىقچىلىققا ھەۋەس قىلىدىغان ئابلىمىت ئىمىن ئۇنىڭدىن ھايات سەرگۈزەشتلىرىنى سۆزلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. 60 ياشلار چامىسىدىكى ئاقيول لۇتپۇللا مۇتەللىپنى تىلغا ئېلىپ ھاياجان ئىچىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئەسلەيدۇ، ئۇنىڭ ياش چاغلىرىدا يادلىۋالغان شېئىرلىرى خۇددى تاشقا مۆھۈر باسقاندەك قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىدا نەقىشلەنگەنىدى. ئاقيول ئاكا شۇ چاغدا 11 پارچە شېئىرنى يادلاپ بەرگەن، ئۇنىڭ تەپسىلىي جەريانى 1984 - يىلى «قەشقەر گېزىتى»دە تونۇشتۇرۇلغانىدى، شۇڭا بۇ يەردە تەپسىلىي توختالماي  بۇ شېئىرلارنى بەردۇق.



  لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ يېڭىدىن تېپىلغان شېئىرلىرى


     تەييارلان ئوغلانلار


  تۈنلەر ئاخىرىنى تاڭغا ئۇلاشقا،


زۇلمەت ئۇلىنى دائىم كولاشقا.


تەييارلان ئوغلانلار يەڭلەرنى تۈرۈپ،


تەييارلان، فرونتلاردا،


قىزىتىپ جەڭلەرنى،


ھۇررا توۋلاشقا.



   داۋانلار ئاشىمەن


  داۋانلار ئاشىمەن توختىماي چۈنكى،


داۋانلار ئاشمىسا، مەنزىل كۆرۈنمەس.


چىقمىسا بىر بوران، سۈرۈلۈپ بۇلۇت،


ئارقىدىن ئىللىق ئاپتاپ كۆرۈنمەس.



   راۋابىڭنى يېڭى مۇقامغا چال


  راۋابىڭنى يېڭى مۇقامغا سازلىمىساڭ،


كونا مۇقامىڭ، دوستۇم، قۇلاققا ياقماس.


باغ ياساپ، گۈللەر تېرىپ كۆكەرتمىسەڭ،


قاقشال باغدا بۇلبۇللار قانات قاقماس.



«ئاھ، داد» ئەيتىش ئۆتمۈشنىڭ مىراسى ئۇ،


بۇ مىراستىن ھېچكىم ئۈلۈشمۇ ئالماس.


كۈرەش بىلەن ئالغا چامداش چېغى بۇ،


كۈرەشچانلار فرونتنىڭ ئارقىدا قالماس.



ئىخ، دوستۇم، داتلىما، ئۈمىدلىك بول،


ئۈمىدسىزدىن ئەجدادى ھەم خۇشال بولماس.


ئالغا ئاتلا، تىرمىشىپ، توسقۇنلارنى يار،


شۇندا قىلغان ئارمانلىرىڭ يەردە قالماس.



يۈرەكلىك بول، يېڭىلىقلار يارات تىنماي،


قورقۇنچاقلار يېڭى ئىشقا قول سالالماس.


يېڭى ئىشلار كۈشەندىلىرى توسۇپ ھەرگىز،


بۇ سەپەردىن ئارقىمىزغا ياندۇرالماس.



   قىپقىزىل گۈللەرگە تولسا يەر - جاھان



  جەنۇبتىن، شىمالدىن تەڭ چىقسا بوران،


ۋەتىنىم ئۈستىدىن تارقىسا تۇمان.


ئارقىدىن كۆرسەتسە قۇياش ھۆسنىنى،


يايرىسا تۇنجىقىپ ياتقان ھەر بىر جان.


ياۋۇزلار تەختىنى چاقساق «ھۇررا» دەپ،


قىپقىزىل گۈللەرگە تولسا يەر - جاھان.



   كۈرەش مۈشكۈل


  كۈرەش مۈشكۈل ھەر قەدەمدە،


ئۇنىڭ مىڭ بىر داۋانى بار.


ئوڭۇشلۇق ئەمەس ئەسلا،


بوران - چاپقۇن، تۇمانى بار.



ئۇلۇغ ئىستەك


  مېنىڭ قەلبىمدە بىر ئىستەك،


خەلقىمنىڭ بەختىچۈن ئىشلەش.


كۈرەشتە تاڭ ۋەسلىگە يەتسەم،


بەختنىڭ قەنتىنى چىشلەش.



   ئېيتقىنا، سەندىن سوراي


  ئەي ھېمىت ساي، كەڭرى ساي،


سەندىن ئۆتكەنلەر تالاي.


قاقشىدى قانچىلار سەندە،


قانچىلار سالدى ساراي.



تۇرمىدى ئۇزاق سارايلار،


يېغىلار بولغاچ تالاي.


ئېيتقىنا، كىم ماختىدى، كىم تىللىدى؟


مەن بۈگۈن سەندىن سوراي.


   كەلگەندە شۇنداق بىر زامان


  جەڭ قىلىپ ئاشسام داۋان،


يولۇمدا گۇم بولسا قاۋان.


كۈلسەم قاھ - قاھلاپ دوستلار بىلەن،


كەلگەندە شۇنداق بىر زامان.



   چېچەكتى چېچەكتى − تاشقورغان بىلەن چارلوڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئېگىز بىر داۋاننىڭ نامى.



  چېچەكتىدەك مۇنداق داۋان كۆرگىنىم يوق،


يامىشىشتىن قورقۇپ خىيال سۈرگىنىم يوق.


مەيلى ھاۋا شالاڭ بولسۇن، ياكى تۈتەك،


ئازابلىنىپ، ۋايساپ قاپاق تۈرگىنىم يوق.


ئەجەل يېتىپ بۇ يەردە ھەم ئۆلگىنىم يوق.



  پارچىلار


  كېلىڭلار، دوستلار ئوينايلى،


جەڭلەرگە بەل باغلايلى.


شىھىتلەر روھى خۇش بولسۇن،


ياۋۇزلار باغرىنى داغلايلى.


***


جەڭگە مىنگەن ئاتلارنىڭ،


ئوڭ يېنىدا تامغىسى.


قوشاق قېتىپ يىغلايدۇ،


شىھىتلارنىڭ ئانىسى.


***


بىلگىنكى دوستۇم، بۇ بىر ھەقىقەت،


سەۋەبسىز بولماس مۇھەببەت - نەپرەت.


  1941 - يىل 6 11 - ئايلار


فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-17 11:51:00

ياشىسۇن،گۈللەنسۇن دوستلۇق!
بەت: [1]
: چىن دوستلۇقنىڭ يالدامىسى