selma يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 22:09:22

يۈرۈكۈم يىغلاۋاتىدۇ قېرىنداشلىرىم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىشتىكى قېرىنداشلىرىم.بۇ مېنىڭ ئىزدىنىشقا تۇنجى تېما يوللىشىمكەن.ئەسلىدە مېنىڭ ئىزدىنىشقا نۇرغۇن كۆڭۈللۈك يازمىلىرمنى يوللاش ئويۇم بارتى،لېكىن  تەقدىرنىڭ قىسمىتى بىلەن تۇنجى تېمام  دۇچ كەلگەن قىسمىتىمدىن باشلاندى.....


   مەن 2011 –يىلى 12-ئاينىڭ 21  -كۈنى  تۇنجى بالامنى تۇغقانتىم.ماشائاللاھ ئۇ بەك ئوماق بەك چىرايلىق ئۇغۇل.يولدۇشۇم ماڭا تۇغۇپ بالىنى تۇنجى كۆرگەندە   ماشائاللاھ  ،ئاللاھ ھۇممە سەلى ئەلە سەئىدنە مۇھەممەد  دېگىن،كۆزۈڭ تەگمىسۇن دېگەن.شۇڭا  ئوغلۇمنى تۇنجى كۆرگەندە،تۇغۇت كارۋېتىدا ئاللاھ ھۇممە سەلى ئەلە سەئىدنە مۇھەممەد  دەپ قانچە رەت تەكرارلىغىنىمنى بىلمەيمەن....ئوغلۇم 5 كۈنگىچە بەك ئوماق،بەك چىرايلىق،بەك ساغلام......دوختۇرخانغا يوقلاپ كىرگەنلەر  نىمانداق ئۇماق،چىرايلىق دەپلا ماختايتى،مەن ئىچمدە ئاللاھ ھۇممە سەلى ئەلە سەئىدنە مۇھەممەد دەپ تەكرارلاپ قوياتتىم...تەقدىرنىڭ قىسمىتى بىلەن ئوغلۇم 6-كۈنى دوختۇرخانىنىڭ جىددى قۇتقۇزىدىغان  يېرىگە (NICU) كىرىپ قالدى. ھازىر 50 كۈندىن ئاشتى.يۈرۈكۈم قان يىغلاۋاتىدۇ.........بۇ جەرياندىكى دەرتلەرنى دەپ بولالمايمەن.....ھازىرمۇ دوختۇرخانىدا،دوختۇر دېئاگنوزنى ئېنىق قويالمىدى،شاڭخەيدىكى شىنخۇا  دوختۇرخانىسىمۇ دېئاگنوزنى ئېنىق قويالمدى...ئالاھىدە ئاز ئۇچرايدىغان  ئېرسىيەت خارەكتېرلىك  مېتابولزم كېسىلىكەن.  ( PKU دېگىنى ئەمەس.)  ئېنگىلىزچە  Inborn errors of metabolism, .  بۇنداق كېسەل 2000 خىلدىن ئاشىدىكەن،جۇڭگو 108 خىلغا دىئاگنوز قويالايدىكەن....  بۇنداق كېسەلدە بالا ساغلام تۇغۇلۇپ  سۈت ئىچكەندىن باشلاپ  كېسەل  باشلىنىدىكەن،سۈتنى قانچە ئىچسە شۇنچە كېسەل بولىدىكەن،چۈنكى ئاقسىلنى قۇبۇل قىلالمايدىكەن.....مەن ئاددىلا مۇشۇنچىلىك چۈشەندۈرەي....بالامنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى مېڭە،يۈرەك،جىگەر،ئۆپكىدىن چاتاق چىقتى....دوختۇرخانىدا ئەڭ ئىلغار دورىلار،ئوزۇقلۇق  ئۇكۇل  بىلەنلا تۇرىۋاتىدۇ...ھېچنىمە يۇتالمايدۇ،ئېمەلمەيدۇ،ھەممە نەرسە ئۇكۇل بىلەن....دوختۇر ئۈمۈد ئۈزۈڭلار دەيدۇ،بىز ھەممە ئامالنى قوللىنىۋاتىمىز،ئازراق ساقيىۋالسا چەتئەلگە ئەچىقىپ داۋالىتاتتتۇق،لېكىن ئەھۋالى بەك ناچار......


  ئاللاھ بەرگەن بالىتى،ھەرقانداق قىسمەت كەلسە ئەلھەمدۇللىللاھ،زارلىمايمەن،بىز مۇسۇلمان ئادەم،لېكىن سەۋەبىنى قىلىۋاتىمىز،ئاللانىڭ ئىرادىسىز قىل تەۋرىمەيدۇ،دوختۇرنىڭ گېپى بىلەن  قىسمەت پىچىلمەيدۇ،


ئەمدى ئىلتىجايىم،پەقەت ئۇيغۇر تىبابىتى،كونا سىناقتىن ئۆتكەن رېتسىپ دېگەندەك سىناپ باقمىغان سەۋەبلەرنى قىلىپ باقاي دەيمەن.......كۆڭلۈم جايىدا ئەمەس،ئانىنىڭ قەلبىنى چۈشىنىسىلەر........ئۆتكەندە قوسۇقۇمدا بالا 6 ئايلار بولغاندا ئوۋچى دېگەن توردىشىمىزنىڭ بالىسىنىڭ ھېكايىسىنى يىغلاپ تۇرۇپ ئوقۇپ.كېيىن ئوغلنىنىڭ ئوماق رەسىمىنى كۆرۈپ خوشال بولغان،دۇئا قىلغانتىم شۇ بالىنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن.......ئاھ خۇدا مۆجىزە يۈز بېرىپ ئوماق ئوغلۇم  ساقايسىتى........


تورغا دائىم چىقىپ بولالمايمەن...ئەگەر ياخشى رېتسىپ بولسا،ياكى  يەرلىك تىۋىپلارنى بىلسەڭلار ئۇچۇر  قىلساڭلار...تېلفوننىمۇ دائىم ئېلىپ بولالماسلىقىم مۈمكىن......13999418883   

Oginish يوللانغان ۋاقتى 2012-2-16 10:58:13

قارىقات دېگەن كەرىم ئۇيغۇر تېبابەت ئامبۇلاتۇرىيىسىنىڭ تېل نومۇرى: 8223331

helloworld يوللانغان ۋاقتى 2012-2-16 11:44:04

سەلما خانىم، رۇزى باقى ھاجىمنىڭ نومۇرىنى تېلفۇنىڭىزغا يوللۇدۇم. مەن خوتەن ئۇيغۇر تىبابەتتە ئوقۇغان باللادىن يەنە سۈرۈشتۈرەي، باشقا ئۇستا تېۋىپلارنىڭمۇ ئۇچۇرىنى ئىزدەپ باقايلى.

==================================

ئۇيغۇر تىبابىتىگە كۆرسىتەي دىسىڭىز رۇزى باقى ھاجىمنى ئىزدەڭ ، ئالدىدا بىرى تېلفۇن نۇمۇرنى يوللىدىم دەپتىغۇ ، مۇشۇ ئادەمدە ئازراق ئۈمىت بۇلۇشى مۇمكىن . مىنىڭ بىلىشىمچە ئۇنىڭ دادىسىمۇ ، ئۇستازىمۇ يەنە بىر بۇۋاي بۇلىدىغان ، خېلى مۇرەككەپ كىسەلگە دىئاگنۇز قۇيۇپ دۇرا بىرىپ ئۈنىمى بولغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم . تېببىي ئۈنىۋېرسىتمۇ مۇشۇ ئادەم بىلەن كۆپرەك ھەمكارلىشىدۇ ، مۇجىزە يۈز بىرىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس ، گەرچە جوڭيى تىۋىپ دىگەن گەپلەرگە ئىشەنمىسەممۇ .

Jeck يوللانغان ۋاقتى 2012-2-16 12:06:14

نىيۇروكتىكى مەمەت ئېمىن دوكتۇرغا ئۇچۇر يوللىسام ئۇ چۈشەنچە خاراكتېرلىق جاۋاپ يېزىپتۇ. يەنە داۋالاش توغرىلىق يىڭى گەپ دىسە يوللايمەن.



-----

Inborn Errors of Metabolism diginimiz bedenning hezim qilish we madda alamshturush (metabolism) bilen munasiwetlik bir xil keng dahirdiki tughma we irsi kisel bolup, u bedenning hezim qilish we madda alamshturush iqtidarigha mesul ginlardin chataq chiqish netijiside peyda bolghan we axirda bedenning ozuqlunishigha biwaste tesir korsitidighan tughma we irsi kisellerning hemmisi bu xildiki kiseller turige kiridu. Hazirghiche kishiler bedenning hezim qilish we madda alamashtush (metabolism) iqtidari bilen munasiwetlik genlarning hemmisi bilen toluq tonushu yetkini yoq. Bala apisining qosighida yitiliwatqanda eger balining bedinidiki bu genlarning bir we bir nechcheside binormalliq korulgende, bala tughulghandin kiyin uning hezim qilish we madda alamshtuursh iqtidaridin chataq chiqidu, netijide gerche balining yimek ichmiki normal bolsimu, yeni apisini yaxshi emsimu, sutlerni yiterlik ichsimu, biraq yenila ozuqluq yitishmeslik ehwali korilidu, yeni bundaqche eyitqanda yigen ozuqluqni beden qobul qilalmaydu we yaki yigen ozuqluqtin beden unumluk paydilinalmaydu we yaki u ozuqluqni parchilap, qobul qilidighan ozuqluq qismini qobul qilip, bedendin chiqirip tashlaydighan qalduq qismini watida bedendin chiqirip tashliyalmaydu. Bedende Metabolism bilen munasiwetlik asta xarektirlik zeherlinish alametliri korushlushi mumkin. Elwette bularning engir yenggiligi bu kiselge giriptar bolghan oxshash bolmighan bimarlarda oxshash bolmaydu. \"\"

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-2-16 12:09:32

106- قەۋەتتىكى helloworldنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سەلما خانىم، رۇزى باقى ھاجىمنىڭ نومۇرىنى تېلفۇنىڭىزغا يوللۇدۇم. مەن خوتەن ئۇيغۇر تىبابەتتە ئوقۇغان باللادىن يەنە سۈرۈشتۈرەي، باشقا ئۇستا تېۋىپلارنىڭمۇ ئۇچۇرىنى ئىزدەپ باقايلى.

==================================

ئۇيغۇر تىبابىتىگە كۆرسىتەي دىسىڭىز رۇزى باقى ھاجىمنى ئىزدەڭ ، ئالدىدا بىرى تېلفۇن نۇمۇرنى يوللىدىم دەپتىغۇ ، مۇشۇ ئادەمدە ئازراق ئۈمىت بۇلۇشى مۇمكىن . مىنىڭ بىلىشىمچە ئۇنىڭ دادىسىمۇ ، ئۇستازىمۇ يەنە بىر بۇۋاي بۇلىدىغان ، خېلى مۇرەككەپ كىسەلگە دىئاگنۇز قۇيۇپ دۇرا بىرىپ ئۈنىمى بولغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم . تېببىي ئۈنىۋېرسىتمۇ مۇشۇ ئادەم بىلەن كۆپرەك ھەمكارلىشىدۇ ، مۇجىزە يۈز بىرىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس ، گەرچە جوڭيى تىۋىپ دىگەن گەپلەرگە ئىشەنمىسەممۇ .




ئىشىنىڭ ھەم چوقۇم ئىشىنىپ قالىسىز!مەيلى ئۇيغۇر تېبابىتى بولسۇن جۇڭگو تېبابىتى بولسۇن تەرەققىيات زور.


ھازىرقى قىيىنچىلىق، بالا بەكلا كىچىككەن ناۋادا ئۇنىڭ ئورنىدا 8-10ياشتىن يۇقىرى بالا بولغان ياكى چوڭ ئادەم بولغان بولسا  ئۇرۇق-تۇغقان، ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىپ ، ئۆزىمىز ئۆنۈمى بولىدۇ دەپ قارىغان دورىلاردىن رېتسىپ تۈزۈپ سىناق تەرىقىسىدىكى داۋالاشنى ئاللىقاچان باشلاپ بولغان بولاتتۇق! مەن <باشقىلارغىمۇ ئىشىنىڭ ھەم ئۆزىڭىزمۇ ئىشەنگۈدەك ئادەم بولۇڭ>دېگەن ئەقىليە سۆزنى ياخشى كۆرىمەن.

dosluk يوللانغان ۋاقتى 2012-2-19 17:12:23

ئاللاھ شىپالىق بەرسۇن قېرىندىشىم،كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ

dosluk يوللانغان ۋاقتى 2012-2-19 17:15:36

\"\"

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 22:17:14

ۋاي،ئاللاھ،قېنى ماۋۇ تېۋىىپلار،،،نەگىمۇ كەتكەندۇ،مەن جىددىيلىشىپ كېتۋاتىمىنا.

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 22:18:55

ئاللاھ شىپاھلىق بەرسۇن !

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 22:20:03

بىرزات ۋە گۈلھېكىم دېگەن تورداشلار بىلەمدىكىن؟ خوتەن تەرەپلەردىن سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭلار بولمىسا ...

atella يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 22:20:36

ئاللاھ ئاسانلىق بەرگەي

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 22:21:40

ئانام ھايات بولغان بولسا ئەھۋالىڭىزنى دېسەم بىرەر ئۇچۇر بىرەتتى.

كۆزۈمگە ياش كىلىۋاتىدۇ، ئانام يادىمغا كەلگەچكىمىكىن ياكى سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزدىنمىكىن.

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 22:28:07

ئەجەب بىرقىسمىلا بولۇپ قالدىمغۇ...ئاللاھ شىپالىق بەرسۇن!

مەن ئەتە خوتەن قاراقاشتىكى رۇزى باقى ھاجىمنىڭ تېلفۇن نومۇرىنى  سۈرۈشتۈرۈپ تاپاي. خوتەندىكىلەر بۇ كىشىنى «تىرىكى سىتى(CT)» دەپمۇ ئاتايدىكەن. ئىنشائاللاھ بىر ئامالى بوپقالار، غەيرەتلىك بولۇڭ.

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 22:30:19

تېمىنى ئۈستىگە سۈرۈپ ۋە ئەلا باھا بېرىپ بولسىمۇ ،ياردەم قىلغاچ تۇرايلى تورداشلار...چارىسىنى بىلىدىغان كىشى ۋە ئوبدان تەكلىپ بېرەلەيدىغان كىشىلەر چىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.ئاڭغىچە تېما كۆمۈلۈپ قالمىسۇن!

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 22:31:20

شۇننننننننننننننداق قىلىلى !!!

Deqyanus يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 22:32:10

اللاھ شىپالىق بەرگەي.

بىرزات تېۋىپنىڭ تېل نومۇرنى بىلىدىغانلار،رەنجىمەي تېل قىلىپ قويساڭلار ماۋۇ تېمىغا كىرىپ، بۇ خېلدىكى كىسەل ھەققىدە قىرىندىشىمىز سەلماغا ئازراق چۈشەنچە بەرسە.قىرىنداشلىرىمىز مۇشۇنداق جىددىي قىيىنچىلىققا ئۇچۇراپ بىشى قاتقاندا،قولىمىزدىن چوڭ ئىش كەلمەي قۇرۇق تەسەللى بىرىدىكەنمىز.ماۋۇ قىزنىڭ جىددىيلەشكەن ھالىتىنى ئويلىساملا،ھېچقانداق ياردەم قىلالمېغىنىمدىن ئىغىر خۇرسۇنۇپ قالدىم... \"\"

baturkorxat يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 22:36:59

1980441533گۈل ھېكىمنىڭ چ چ نۇمۇرى.

jaziyra يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 22:37:20

اللە ئاسانلىق بەرگەي (امىين) .

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 22:37:28

سالام سىزگە، سەۋىرلىك بولۇڭ!

بالىڭىز گخرىپتار بولغان كېسەلنى خەنزۇچە نېمە دەپ ئات قويۇپتۇ؟ قانداق ئالامىتى بار؟چوڭ-كىچىك تەرىتى قانداق، ئۇيقۇسىچۇ؟قىزامدۇ؟ يۆتەلدىمۇ؟

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 22:39:52

遗传性代谢病دەيدىكەن،ئاقتۇرۇپ باقساممۇ شۇ شاڭخەي شىنخۇا دوختۇرخانىنىڭ گېپىچىقىدىكەن،بېيجىڭ ئونۋېرىسىتى 1-دوختۇرخانا  قارمىقىدىكى نېرىپ بۆلىمى ئوبدان داۋالايدۇ دەپتۇ .
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8 9 10
: يۈرۈكۈم يىغلاۋاتىدۇ قېرىنداشلىرىم