karikat يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 17:34:55

جېكنىڭ بېشىدىن كۈن چىقىپتۇ. . . (ئىزدىنىش كوچا خەۋەرلىرى. . . )

     تەتىلىممۇ توشاي دەپ قاپتۇ، قىلغان ئىشنىڭ تايىنى يوقلا ئۆتۈپتۇ قارىسام بۇ كۈنلەرمۇ . كەلگەن مېھماننىڭ جىقلىغىدىن تورنىمۇ تۈزۈك مارىيالماي قاپتىمەن ئويلىسام . بۈگۈن نىمە بولغان ،تورنىڭ ئالدىغا كېلىپ قاپتىمەن. ئىزدىنىشتىن ئۇنى-بۇنى كۆرۈپ ئولتۇرسام كىيۇ-كىيۇدا  جېكنىڭ بېشى لىڭشىپ كەتتى. پاراڭلاشقان بولدۇم، بۇرۇن خېلى چاقچاق پاراڭ سېلىپ بېرىدىغان جېك ئاخۇن بۈگۈن ئوبدانلا جىمىپ قاپتۇ، گەپ سورىساممۇ تۈزۈك ئىنكاس يوق، بىرنىمىنىڭ جاۋابىنى ئالالمىسام كىرىشىپ قالىدىغان خۇيۇم بارچۇ.نىمە بولدى دەپ بەرمىسىڭىز ئۇخلاتمايمەن دەپ تۇرىۋالسام ،بىر پارتلاش خارەكتىرلىك مەخپىيەتتىن بىرنى دىدى. ( ۋاي قېنى ماۋۇ باش سۈرەتلىرى دەيمەن، تېمامنىڭ قىززىقلىق دەرىجىسىنى چۈشۈرۈپ. ) سىلەرگە دىگۈم كەپ كېتىپ ئولتادىمغۇ مايەردە. لېكىنغۇ قىززىقمۇ ئەمەس، شۇ. جېك... جېك ئاخۇن...جېك ئەپەندىم... ئەستا ... نىم دىسەم بولا ...بويتاقلارنىڭ سانىنى ئازايتالمايۋاتساق، ئىش تېپىپ ئەدەمگە. . . بويتاقلارنىڭ يېنىغا قايتىدىن كىرىۋاپتۇ قاراڭلار... شۇڭا ، ما بالىنىڭ ھالىغا يېتىپ قويايلى دەپ يېزىۋاتىمەنغۇ بۇ نەرسىنى. . . قايسىڭلار جېكنىڭ مەھەللىسىگە يېقىن ھوي بالىلار؟ ئا بالىنىڭ بېشىغا كۈن كەپتۇ، يېقىن- يورۇقلا بىر ھال سوراپ قويۇڭلا ئا يىتىمدىن. . . ۋوي، بالامنىڭ تامىقى پىشىپ قاپتۇ، سەل تۇرۇپ كىلەي جۇما. . .

tuman1 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 18:50:51

مۇبارەك بولسۇن.....بويتاقلار سېپى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ ..‹.ماۋجۇشىنىڭ ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ تۇرغان چىراي ئىپادىسى›

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 18:51:06

ئىنىق بىر نەرسە دىمەي نىمە گەپ بۇ خانىم ؟

hikmat823 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 18:51:41

ياخشى بالىتى، كۈن چۈشمىسىمۇ بوپتىكىن ...

karikat يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 18:56:03

ۋاي ئەمدى ئوچۇقلا قىلىپ ئاجرىشىپ كېتىپتۇ دەي دىسەم شۇ ئى بالىنىڭ كۆڭلىنى ئايىدىم قارىسىلا.

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 18:59:51

خوتەندە بولغان بولسا ئۆزەم باش بولۇپ ئوڭشاپ قويىتىم   {:90:}

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 19:02:57

ما بالىغا نىمە بولغاندۇ ئەمدى؟ ئاجىرشىپمۇ ئىشمۇ؟ ئەسلى خوتۇنى تاياق سېغىنسا ئۇرالمىغان گەپ، ئامرىكىدا ئايالىنى ئۇرۇش قانۇنغا خىلاپ ئەمەسمۇ، نىمە دىسەم بولار؟ بويتاقلارغا زىيان بولىدىغان بولدى  {:92:}    {:92:}

seyyah99 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 19:03:28

باشقىلارنىڭ شەخسى ئىشىنى ئاشكارلىغاننى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن ، بۇ ئىشنىغۇ ئۈزى مىكرو بىلوگىدا ئاشكارلاپ بوپتىكەن.....

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 19:04:36

بالىسى يوق بولغىيتى ھە؟شۇ ئەر-ئايال ئاجراشسا بولغۇلۇق بالىغا بولىدىكەن ئەمەسمۇ...

karikat يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 19:07:21

شۇڭا شەخسىي سىر ئەمەسكەن دەپ ئاشكارىلىۋەتتىمغۇ.

jaziyra يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 19:09:09

تۈتۈننىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ ، دەپتىكەن كونىلار .  كېلىشەلمىسە ئاجرىشىپ كەتكىنىمۇ بىر ھىساپتا ياخشى بوپتۇ .  

   ئەمدى ئاجرىشىپ كەتمىگۈدەك ئوبدان بىر لايىق بېرەر، خۇدايىم  .  \"\"

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 19:10:17

ناھەق سولىسا ھەممە تېمىغا ئىنكاس يازىمەن .

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 19:10:25

ناھەق سولىسا ھەممە تېمىغا ئىنكاس يازىمەن .

atella يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 19:28:39

بۇ يەردە ئۇ گەپلەرنى دەپ يۈرۈشنڭ ھاجىتى بارمۇ ؟


جېكنڭ تويى شۇنداق قىززىغان، ئۆزگىچە توي بولغان...


بۇنداق كۆڭۈلسزلىكنڭ بولشنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن...ھەي ئىسسسسسست

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 19:33:34

ماۋۇ بالا بوينىنى قاتتىق قىلماي ، بىر تال گۈل سوۋغا قىلسىلا ئوڭشۇلۇپ كىتەركەن بۇ ئىش.

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 19:36:05

رىسقى شۈنچىلىك ئىكەن بوپتۇ يەنە بەختىنى بىرەر .

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 19:37:00

خېلى بولدىغۇ...بۇرۇن ئاشكارلاپ،نەچچە پەيشەنبىسىنى بىرىپ بولدۇق..

tursunn يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 19:40:21

ھەجەپ ئىش بولۇپتۇ دېسە.  قانداق قىلغۇلۇق ئەمدى، شۇ رىزىقى مەڭگۈلۈك ئەمەس ئوخشايدۇ.

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 20:07:37

ئىزدىنىشلىق قىزنى ئالمىغاننىڭ دەردى.

ئەمدى ئاڭلىشىمكەن، بولماپتىغۇ بۇ .راسلا قاملاشماپتۇ.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 20:09:29

8- قەۋەتتىكى gulhekimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بالىسى يوق بولغىيتى ھە؟شۇ ئەر-ئايال ئاجراشسا بولغۇلۇق بالىغا بولىدىكەن ئەمەسمۇ...

بولسۇن- بولمىسۇن، ئاجراشمىسا ياخشى.


~~~~~~~~~~~~~~~~~~~


جىڭ مەتجېككەن. بۇ ئاداشمۇ نېمە قىلىدۇ خۇسۇسىي ئىشلارنى تورغا يېزىپ.

بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8 9 10
: جېكنىڭ بېشىدىن كۈن چىقىپتۇ. . . (ئىزدىنىش كوچا خەۋەرلىرى. . . )