nurahun يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 17:07:27

مۇنبەر ئارقىلىق نېمىلەرگە ئېرىشتۇق؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى!


مۇنبەر ۋە تور بېكەتلەردە تېما كۆرۈپ تېما يوللاپ يۈرگىلى 4يىل بوپتۇ. بۇ جەرياندا ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى ۋە مۇنبەرلەر ھەققىدە يۈزەكى بولسىمۇ چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولدۇق ۋە بۇلاردا نىمە مەسىلىلەر مۇلاھىزە قىلنىۋاتىدۇ دېگەنلەرگىمۇ ئانچە مۇنچە دىققەت قىلدۇق. ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنىڭ تارىخىنى قويۇپ تۇرۇپ نۆۋەتتىكى ھالىتىگە دىققەت قىلساق، مەزمۇن شەكىل، سەۋىيە جەھەتلەردە بىر-بىرىدىن خېلىلا چوڭ پەرىقلەرگە ئىگە ۋە مول مەزمۇنلۇق. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي بىر قانچە سۇئال بەزىدە كاللامدا پەيدا بولۇپ قالىدۇ تۆۋەندە مەن مۇشۇ مەسىلىلەرنى مۇنبەرداشلار بىلەن ئورتاقلىشىپ باقاي دېگەن مەقسەتتە بۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.


1.ئۇيغۇر يېزىقىدىكى توربېكەتلىرىنىڭ رولى قانچىلىك بولماقتا؟


بۇ بەلكىم بەك چوڭ سۇئال.  كۆپۈنچەيلەن مۇنبەردە كۆڭۈل ئېچىش، ئەسرالىشىش، ياكى ئۆزىنى ئىپادىلەشنىلا مەقسەت قىلىشى مۆمكىن.ئەلۋەتتە بۇنىڭ ھىچقانداق خاتا يېرى يوق. ئەمما، نۆۋەتتىكى ئېنگىلىزچە ۋە خەنزۇچە بېكەتلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا سېلىشتۇرساق ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەممە بېكەتلەر نوقۇل بۇ كوچىغا كىرىۋالسا ۋاقىت ۋە زېھىن ئىسراپچىلىقى بولۇپ قالامدىكىن دەپ ئويلايمەن. ئۇنداقتا ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بىر قىسىم مۇنبەرلەر قانداقراق يۆلىنىشتە ماڭسا تېخىمۇ ئەھمىيەتلىكرەك ئىشلار ۋۇجۇتقا چىقاتتى؟ بۇ سۇئالغا ناھايىتى يۈزەكى ھالدا ئېنگىلىزچە ۋە خەنزۇچە بەزى بېكەتلەرگە ياكى مۇنبەرلەرگە(بىلوگ ۋە مىكرو بىلوگلارمۇ بار)سېلىشتۇرۇپ جاۋاپ بەرسەك، ئەشۇ خىل بېكەتلەر بەزى جەمىيەتتە غۇلغۇلا بولىۋاتقان مەسىلىلەرنى، ئامما رازى بولمىغان مەسىلىلەرنى جامائەت پىكرى توپلاش يولى بىلەن ھۆكمەت بىلەن ماسلىشىپ تۇرۇپ ناھايىتى ياخشى ھەل قىلدى ياكى  ھەل قىلىشقا بىر كىشلىك ھەسسىنى قوشتى. ئۇنداقتا ئۇيغۇر يېزىقىدىكى مۇنبەر ۋە بېكەتلەرنىڭ بۇنداق ئىمكانىيتى بارمۇ-يوق؟ ئۇ بېكەتلەر شۇ مەسىلىلەرنى قانداق قىلىپ ھەل قىلدى؟


مەسىلەن: يېقىندىن بېرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇچرىغان بىر قىسىم ناھەقچىلىكلىرى توردا خېلى غۇلغۇلا قوزغىغان بولسىمۇ ھىچقانداق ئىجابىي تەرەپتىن رولى بولمىدى.


2. ئۇيغۇر يېزىقىدىكى توربېكەتلەردە ياكى مۇنبەرلەردە قايسى خىل تېما ئەڭ بازارلىق؟


ئەسلىمە1: ئەزەلدىن مۇنبەرگە كىرمەيدىغان بىر قانچە دوستۇم مەلۇم بىر ئارتىسنىڭ مۇنبەرگە يوللانغان مەلۇم پائالىيتىنى(خېلى كەڭ غۇلغۇلا قوزغىغان، بىرقىسىم كىشىلەر تەرپىدىن شۇ ئارتىسنىڭ ھەركىتى ئۇيغۇر ئەنئەنىسىگە مۇخالىپ دەپ قارالغان ۋە توردا تەنقىتكە ئۇچرىغان)كۆرۈش ئۈچۈن ۋە ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن مۇنبەرگە ئەزا بولدى.


ئەسلىمە2:مەلۇم مۇنبەردە ئىككى ئۇيغۇر زىيالىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىيات ھەققىدىكى بەس-مۇنازىرىسى شۇ مۇنبەر ئېچىلغاندىن بۇيانقى ئەڭ قىززىغان تېمىلارنىڭ بىرىگگ ئايلاندى.


قىسقىغىنە كۈزۈتۈش: مەلۇم بىر بېكەتتىكى ئىككى ھەپتىلىك جەۋھەر تىمىلاردا، ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيتى،ئەدەبىياتىغا ئائىت تېما ئۈچ. چەتئەل سىياسىسىغا ئائىت تېما بىر. دىنغا ئائىت تېما ئۈچ. كومپىيۇتېرغا ئائىت تېمابىر.


يۇقارقىلاردىن شۇنى كۆرۈپ ئالالايمىز، بىز تەپەككۈر يۈرگۈزىۋاتقان مەسىلىلەر بىر قەدەر تار دائىرلىك بولۇپ، كارخانا، ئۆزىمىزنىڭ ئەمەلىي مەسىلىسى، ئىقتىسادىي مەسىلە، قانۇن-نىزام ۋە مەن بايقىمىغان نۇرغۇ تېمىلار بۇلارنىڭ سىرتىدا. ئەڭ مۇھىمى بۇ تېمىلاردا پىكىر يۈرگۈزگەندە تېمىلارغا پىكىر قاتناشتۇرغانلار ئاساسەن ئۆزىنىڭ پىكرىدە چىڭ تۇرغان  يەنە بىرسىنىڭ ئورۇنلۇق پىكرىگە(ئەلۋەتتە ئاساسىنى ئېنىق قىلىپ كۆرسەتكەن) قايىللىقىنى بىلدۈرمىگەن. تېمىلارنىڭ ئاساسەن ئايىغى چىقمىغان.


ئەلۋەتتە، مەن بۇ يەردە مۇنبەردە مەتبۇئاتلارغا ئوخشاش مۇنتىزىم پىكىر بولۇش كېرەك، مەلۇم مەسىلە چوقۇم ھەل قىلىنىش كېرەك دەپ تۇرىۋالمايمەن ھەم تۇرالمايمەن. ئەمما، بىز يولىقىۋاتقان بەزى مەسىلىلەر بىر قىسىم نوپۇزلۇق مۇنبەر يۈزىدە ھەل بولسىكەن، بىر قىسىم كىشىلەرگگ ئەمەلىي نەپ بەرسىكەن دېگەن ئۈمۈتتە. بۇنى يالغۇز مۇنبەر مەسئۇللىرىلا قىلالايدىغغان ئىش ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى بىر قىسىم نوپۇز ئىگىلىرىنى ياكى ئەمەلدارلارنى مۇنبەرگە تارتىپ ئەكىرىش ۋە پىكىر قاتناشتۇرۇش.

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 19:50:21

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 19:56:34

مەنمۇ كوتۇلداپ قوياي...

مۇنبەرھاياتىم 2003-يىلى 3- ئايدا ئىزدىنىش مۇنبىرىگە ئەزا بولۇشتىن باشلاندى ، ئۇنىڭدىن كېيىن مۇنبەر ئاتالغانلىكى بېكەتلەر ئۇچرىسا ئەزا بولىۋەردىم ، ئەلۋەتتە دىيارىم ،سەلكىن ،ئىزدىنىش ،قاشتېشى قاتارلىق بېكەتلەردە ئۇزۇنراق ھەركەت قىلدىم ، چۈنكى ئۇ چاغلاردا بۇ بېكەتلەر مۇنبەرچىلىكتىكى سەركە بېكەتلەر ئىدى ، تور دۇنياسىدىكى تېمىلارئاساسەن دىگۈدەك مۇشۇ مۇنبەرلەرنى مەنبە قىلاتتى ، ئۇلارمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ياراتقان بولۇپ توردا ئۇيغۇرلارنىڭ جامائەت پىكرىگە ۋەكىللىك قىلالايتى .

ھازىر ئاز ساندىكى شېركەت، كارخانا تور بېكەتلىرىدىن باشقا نۇرغۇن بېكەت قۇرغۇچىلار ئۆز بېكىتىدە مۇنبەرلەرنى تەسىس قىلىۋاتىدۇ ، گەرچە ھەممە مۇنبەرنىڭ سەھىپىلىرىدە ئوخشاشلىق بولسىمۇ تور بېكەتنىڭ خاراكتىرىگە ئاساسەن يوللىنىدىغان تېمىلار ۋە زىيارەت قىلغۇچىلاردا پەرق شەكىللەنگەن ، كەسپى تور بېكەتلەر مەلۇم كۆلەمگە يەتتى ، مۇنبەرلەر دەسلەپكى كۆڭۈل ئېچىش سەھىپىلىرى ئارقىلىق زىيارەت سانىنى ئاشۇرۇش يۆنىلىشىدىن تورداشلارنىڭ ھەر تۈرلۈك ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ ئەمەلى نەپ يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۆز تەسىر كۈچىنى ئاشۇرىۋاتىدۇ، قانۇن، لايىھىلەش، ئىلىكتىرون ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش،مائارىپ ، تىبابەت،مەدەنىيەت -تەنتەربىيە ..... دىگەندەك ،بەزى قۇرۇلغىلى ئۇزۇن بولغان ئونۋېرسال مۇنبەرلەردەئەزانىڭ سانى 50 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى ،كۈندىلىك تېما –ئىنكاس سانى 1000دىن ئاشىدۇ.

يەنە بىر جەھەتتىن كۆپ ساندىكى مۇنبەرلەرنىڭ  سەھىپىلىرى ئونۋېرسال بولسىمۇ ئەزالارنىڭ ۋە تېمىلارنىڭ خاراكتىرىدىن قارىغاندا ئەدەبىيات ،كۆڭۈل ئېچىش تۈسى قۇيۇقراق،خەنزۇچە تورلاردا تور كەسپى يازغۇچىلىقى بارلىققا كېلىپ ئىقتىسادى قىممەت يارىتىۋاتقاندا بىزدەھەۋەسكارلار توردا قىزىقىش تۈپەيلىدىن ياكى مەتبوئاتتا ئېلان قىلىشنى ئاۋارىچىلىق كۆرۈپ مۇنبەردە ئەسەر ئېلان قىلاتتى ، ئۇ چاغلاردا شىئىر ،مەشىق ئەسەرلەر ، قىسقا ھەجىملىك نەسىرى ئەسەرلەرئاساس ئىدى، دەرۋەقە بۇ ئالقىشقا ئېرىشتى ، توردىكى شائىر ۋە يازغۇچىلار كۆپەيدى . ئەلۋەتتەبىر قىسىم نەشىرىيات ،مەتبۇئات يازغۇچىلىرىمۇ بۇ سەپكە قېتىلدى ،كېيىن نادىرئەسەرلەر كەينى كەينىدىن يېزىلىپ تور ئەدەبىياتىنىڭ ھەرگىزمۇ تەسىرى كىچىك ئەمەسلىكى بەلكى ئاممىۋىلىقى ۋە تارقىلىشچانلىقى جەھەتتىن قەغەز ۋە باھانىڭ مونوپوللۇقىدىن قۇتۇلۇپ تەرەققى قىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىدى .تور ئەدەبىياتىنى قوللاش كېرەك ،بىراق چاكىنا ،چۈشكۈنلەشتۈرۈپ خەلقنى زەھەرلەيدىغان ئىدىيىنى تارقىتىدىغان ئەسەرلەرگە چەك قويۇش كېرەك .تور ئەدەبىياتىنى كەسپىلەشتۈرۈش ۋەيازغۇچىلارنىڭ قەلەم ھەققىنى توردىن تېپىشىغا يول ھازىرلاپ بېرىش كېرەك . ئەگەر توردىكى ئەسەر ھوقۇقى ھەقىقى قوغدالسا بۇنىڭدىن يارىتىلىدىغان ئىقتىسادى قىممەت تولىمۇ زور . بەزىلەر تور كۈتۈپخانىسى قۇرۇشنى پىلانلاۋاتىدۇ ،بۇنىڭمۇ ئىستىقبالى ۋە ئەھمىيىتى چوڭ . دەسلەپتە شىئىر يېزىلغان بولسا ھازىر رومانلار يېزىلماقتا ، بەدىئى سەۋىيە مەتبۇئاتتىن قېلىشمايدۇ . (يەنە  دەۋالاي‹‹ رېتسار››نىڭ ئاخىرىنى يازمىغان ئالماسخان  داۋامىنى يېزىۋەتسە بولىتى . )

سودىگەرلەرگە نىسبەتەن كور خىرىدارغا ئۇچراپ قېلىش بولۇپ تۇرىدىغان ئىش ،كاززاپ سودىگەر ساختا مالنى جىڭ دەپ تۇنۇيدىغان كورنى ئىزدەيدۇ، لىللا سودا قىلىدىغىنى ياخشى مالنى تونۇماي باھاسىغا يەتمەي قالىدىغانلارغا ئۇچراشتىن ئەنسىرەيدۇ .س س م ب ئىدارىسى ھەر قانچە باشقۇرغان بىلەن خېرىدار سەگەك بولمىسا بازار قالايمىقانلىشىدۇ . مەتبۇئات ئەدەبىياتى بولسۇن ياكى تور ئەدەبىياتى بولسۇن سودىگەر ۋە كور خېرىدار ھادىسىسى ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت . زىيارەت مىقتارى كاسات مۇنبەردە ئەڭ كەم نەرسە مەنچە يەنىلا تېتىملىق ئىنكاستۇر.ئەدەبىيات،كۆڭۈل ئېچىش  تۈرىدىكى ئونۋېرسال بېكەتلەردىن باشقا كەسپى بېكەتلەردىمۇ ئوخشاش ،چۈنكى تورنىڭ ئەسلى مەقسىدىمۇ ئۇچۇر بايلىقىدىن ئورتاق پايدىلىنىپ قىممەت يارىتىش ،ۋە ئۆگىنىش .

يەنىلا  ئىزدىنشىنى تىلغا ئالغۇم كەپ قالدى ، ئەزا سانى 10000دىن ئاشىدىغان ئىزدىنىشتا ھازىر ئادەتتە بىر كۈندە يوللىنىدىغان تېما بىردىن ئونغىچە، بىراق مۇنازىرىلىك تېمىلارغا چۈشىدىغان ئىنكاسلارسۈپەت جەھەتتىن ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى ئىچىدە ئەڭ ئالدىدا تۇرىدۇ ،ئىزدىنىشنى كۆرىدىغانلار تېمىدىن بەكرەك ئىنكاسنى دەپ كىرىدۇ، دائىملىق ئەزالارنىڭ ئەڭ چوڭى 70 ياش ئەتراپىدا،شۇنداق شىددەتلىك مۇنازىرىلەر ،قەشقەرنىڭ خۇش پۇراق سۆزلىرى ،پاكىت ئورنىدا ھەجىم جەھەتتىن تېمىنى بېسىپ چۈشىدىغان ئىنكاسلار.... شۇ سەۋەپ ئىزدىنىشنى بۈگۈنكى مۇۋەپىقىيەتكە ئېرىشتۈرگەن .نۇرغۇن كىشى مۇشۇ مۇنبەردە ئۆگەندى ،كىشىنى ،كىشىنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەتلەشنى ئۈگەندى . ئەلۋەتتە ، ئىزدىنىش نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ مۇشۇ ھالەتكە كەلگەن . ئىزدىنىشتا ھازىر  ئاندا ساندا ئەدەبى ئەسەرلەرنى ئۇچرىتىپ قالمىغاندا ئاساسەن دىگۈدەك مۇنازىرىلىك تېمىلار ئاساسى ئورۇندا .

مېنىڭ قارىشىمچە ئىزدىنىش پىكىر يۆنىلىشى بىر قەدەر ئېنىق  بولغان ئۇسلۇب ياراتقان ، بەزى بېكەتلەردەك كۆچۈرمە تېمىلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلىنىپ قالمىغان . مۇستەقىل پىكىرگە ، مەلۇم دەرىجىدە كەسپى ساپاغا  ئىگە تورداشلار قوشۇنى بار ، بىراق نۇرغۇن كونا (پىشقەدەم ) ئىزدىنىش ئەزالىرى مۇنبەردىن ئايرىلدى . بەلكىم ئۇلار ھازىرمۇ مۇھەببىتى قوزغىلىپ مىھمان ھالەتتە كىرىپ تېما - ئىنكاس ئوقۇپ چىقىدىغاندۇ . مەنمۇ بۇرۇن ئىنكاسمۇ يازماي تېما  ئوقۇيتۇم ،خۇددى سەدىقە ئېلىپ دۇئا قىلمىغان  قەلەندەردەك .  ھازىر رەسمى ئىنكاسقا كىرىشتىم . چۈنكى توردا مۇشۇ مۇنبەردە مۇنبەر كۆرگەندەك بولىدىكەنمەن . (مەنچە نۇرغۇن ئىزدىنىشلىق مۇشۇنداق ئويلايدۇ )

تېما ئېگىسىنىڭ ئويلىغىنى  نۇرغۇن كىشىنىڭ قەلب ساداسىنى ئىپادىلەپ بېرىپتۇ . بىراق تورلىرىمىز ئىلگىرى مەلۇم دەرىجىدە جامائەت پىكرى ھاسىل قىلغان ۋە بەزى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا  ئىجابى تۈرتكىلىك رول ئوينىغان (ئەلۋەتتە ئەكىس تەسىرىمۇ ئاز بولمىدى ). ساغلام جامائەت پىكرى ھاسىل قىلىشتا يەنىلا مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدىغىنى ساغلام ،ئوچۇق پىكىرلىك تور ئەھلى . ئەپقاچتى خەۋەرلەرگە ئاسان ئىشىنىدىغان ،ھىسىياتقا بېرىلىپ تەتۈر قۇيۇن چىقىرىدىغان تورداشلار مەلۇم ساننى ئىگەللەيدۇ . بەزى يەرلىك نازۇك سىياسەتلەرنىڭ نامۇۋاپىق ئىجرا قىلىنىشىغا نىسبەتەن پىكىر بېرىش ئۇسۇلىمىزنى ئىلمىيلەشتۈرىشىمىز ،كۆلەملەشتۈرىشىمىز  يەنىلا يىتەرسىز .  بۇنىڭ دەردىنى بىز ئاللىقاچان تارتىپ بولدۇق ۋە تارتىۋاتىمىز . شۇڭا تېما ئېگىسىنىڭ جەمىيەتتىكى مەسىلىلەرگە نىسبەتەن تورنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش ، نازارەتچىلىك قىلىش فۇنكىسىيىسىنى جارى قىلدۇرۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا  يەنىلا قىيىنچىلىق بار . بىراق  ئىقتىساد ،قانۇن ، مائارىپ ،ئىلىم پەن تېمىسىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق مۇنبەرنىڭ تەسىر كۈچىنى  ئاشۇرۇپ خەلقنى تەربىيلەش مەقسىتىگە يېتىش تامامەن مۇمكىن .



ئىنكاس يازماي دەپ يەنە يېزىۋەتتىم .

seyyah99 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 17:33:03

مۇنبەرنىڭ رولىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ . ئەلۋەتتە ، بىرقىسىم جەمىيەتتىكى چوڭ ئىشلارنى ھەل قىلالمىغان بىلەن مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ .

     مەنمۇ مۇنبەرلەردە ئۇقۇرمەن بۇلۇپ يۈرىۋاتىمەن  .  باشا توربەتلەرگە كىرسەم ئادەتتە ماقالە ئەسەرلەرنى كۆرىمەن ، ئەمما ئىزدىنىشقا چىقسەم ئىنكاسلارنى ھەرگىز ئۆتكۈزۋەتمەيمەن . نۇرغۇن تارىخ ، جەمىيەت بىلىملىرىنى توردىن ئالغانمەن .

      تور بىزنىڭ پىكىرلىرىمىزنىڭ كۆپ خىل بۇلىشىغا ، كۆپ نوقتىدىن بۇلۇشىغا يىتەكلىدى .

jaziyra يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 18:25:30

شەخسەن ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام ، مۇنبەردىن ئېرىشكەنلىرىم ئاز ئەمەس . ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى كەڭ ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ كىچىك ئەمما جانلىق سورۇنى دەپ قارايمەن .  ھەر خىل ئېقىم ، ھەر خىل قاراشتىكى كىشىلەرنىڭ ھەر خىل مەزمۇنلار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەر خىل مۇنازىرىلىرىدىن بىر پۈتۈن ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ ھازىرقى قىسمەن رىئاللىقىنى ، دۇنيا قارىشىنى ، ئېنتىلىشىنى ۋە شۇنداقلا روھىيەت دۇنياسىنى مەلۇم دەرىجىدە ھىس قىلدۇق ھەم قىلىۋاتىمىز .  

ئىنسانغا پۇل - بايلىقتىنمۇ ، ئېلىم - بىلىمدىنمۇ  مۇھىم بولغان بىر نەرسە بار ، ئۇ بولسىمۇ كىشىلىك دۇنيا قاراش ( ياكى ئىدىيە ) .  مەن شۇنداق ھىس قىلدىمكى ، ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى ، جۇملىدىن ئىزدىنىش مۇنبىرى  ئۇيغۇر جەمىيىتىمىزدىكى ، تېخىمۇ كونكېرت ئېيتساق ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدىكى ھەر بىرەيلەننىڭ دۇنيا قارىشى ۋە قىممەت قارىشىغا مەلۇم تەسىر كۆرسەتتى ھەم كۆرسىتىۋاتىدۇ ، دەپ ئويلايمەن .  توغرا بولغان ، ئەمەلىي بولغان دۇنيا قاراش بىزگە نىمىنىڭ توغرا ، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىگىنى ھىس قىلدۇرۇپ ، ئەتراپىمىزدىكى ھەر بىر ھادىسىلەرگە توغرا ۋە ئىلمىي مۇئامىلە قىلىشنى ،  زامانغا ۋە جەمىيەتكە بولغان تونۇشىمىزنى توغۇرلاپ ۋە مۇكەممەلشتۈرۈپ ، خىزمەت - ئۈگىنىش ، سودا - سېتىق ، ھۈنەر - كەسپ جەھەتلەردە بىزگە مەلۇم دەرىجىدە توغرا ئۇچۇر ۋە توغرا يۆنۈلۈشنى كۆرسىتىپ بېرىۋاتىدۇ ، دەپ قارايمەن .

wetenblog يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 18:33:28

توربېكەتنىڭ رولى بولۇش -بولماسلىقى ، «تورداش»لارنىڭ ئىشى.

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 19:10:50

ناھەق سولىسا ھەممە تېمىغا ئىنكاس يازىمەن .

baburkhan يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 20:44:04

nurahunنىڭ تېمىسىدىن نەقىل

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى!


مۇنبەر ۋە تور بېكەتلەردە تېما كۆرۈپ تېما يوللاپ يۈرگىلى 4يىل بوپتۇ. بۇ جەرياندا ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى ۋە مۇنبەرلەر ھەققىدە يۈزەكى بولسىمۇ چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولدۇق ۋە بۇلاردا نىمە مەسىلىلەر مۇلاھىزە قىلنىۋاتىدۇ دېگەنلەرگىمۇ ئانچە مۇنچە دىققەت قىلدۇق. ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنىڭ تارىخىنى قويۇپ تۇرۇپ نۆۋەتتىكى ھالىتىگە دىققەت قىلساق، مەزمۇن شەكىل، سەۋىيە جەھەتلەردە بىر-بىرىدىن خېلىلا چوڭ پەرىقلەرگە ئىگە ۋە مول مەزمۇنلۇق. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي بىر قانچە سۇئال بەزىدە كاللامدا پەيدا بولۇپ قالىدۇ تۆۋەندە مەن مۇشۇ مەسىلىلەرنى مۇنبەرداشلار بىلەن ئورتاقلىشىپ باقاي دېگەن مەقسەتتە بۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.


1.ئۇيغۇر يېزىقىدىكى توربېكەتلىرىنىڭ رولى قانچىلىك بولماقتا؟


بۇ بەلكىم بەك چوڭ سۇئال.  كۆپۈنچەيلەن مۇنبەردە كۆڭۈل ئېچىش، ئەسرالىشىش، ياكى ئۆزىنى ئىپادىلەشنىلا مەقسەت قىلىشى مۆمكىن.ئەلۋەتتە بۇنىڭ ھىچقانداق خاتا يېرى يوق. ئەمما، نۆۋەتتىكى ئېنگىلىزچە ۋە خەنزۇچە بېكەتلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا سېلىشتۇرساق ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەممە بېكەتلەر نوقۇل بۇ كوچىغا كىرىۋالسا ۋاقىت ۋە زېھىن ئىسراپچىلىقى بولۇپ قالامدىكىن دەپ ئويلايمەن. ئۇنداقتا ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بىر قىسىم مۇنبەرلەر قانداقراق يۆلىنىشتە ماڭسا تېخىمۇ ئەھمىيەتلىكرەك ئىشلار ۋۇجۇتقا چىقاتتى؟ بۇ سۇئالغا ناھايىتى يۈزەكى ھالدا ئېنگىلىزچە ۋە خەنزۇچە بەزى بېكەتلەرگە ياكى مۇنبەرلەرگە(بىلوگ ۋە مىكرو بىلوگلارمۇ بار)سېلىشتۇرۇپ جاۋاپ بەرسەك، ئەشۇ خىل بېكەتلەر بەزى جەمىيەتتە غۇلغۇلا بولىۋاتقان مەسىلىلەرنى، ئامما رازى بولمىغان مەسىلىلەرنى جامائەت پىكرى توپلاش يولى بىلەن ھۆكمەت بىلەن ماسلىشىپ تۇرۇپ ناھايىتى ياخشى ھەل قىلدى ياكى  ھەل قىلىشقا بىر كىشلىك ھەسسىنى قوشتى. ئۇنداقتا ئۇيغۇر يېزىقىدىكى مۇنبەر ۋە بېكەتلەرنىڭ بۇنداق ئىمكانىيتى بارمۇ-يوق؟ ئۇ بېكەتلەر شۇ مەسىلىلەرنى قانداق قىلىپ ھەل قىلدى؟


مەسىلەن: يېقىندىن بېرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇچرىغان بىر قىسىم ناھەقچىلىكلىرى توردا خېلى غۇلغۇلا قوزغىغان بولسىمۇ ھىچقانداق ئىجابىي تەرەپتىن رولى بولمىدى.


2. ئۇيغۇر يېزىقىدىكى توربېكەتلەردە ياكى مۇنبەرلەردە قايسى خىل تېما ئەڭ بازارلىق؟


ئەسلىمە1: ئەزەلدىن مۇنبەرگە كىرمەيدىغان بىر قانچە دوستۇم مەلۇم بىر ئارتىسنىڭ مۇنبەرگە يوللانغان مەلۇم پائالىيتىنى(خېلى كەڭ غۇلغۇلا قوزغىغان، بىرقىسىم كىشىلەر تەرپىدىن شۇ ئارتىسنىڭ ھەركىتى ئۇيغۇر ئەنئەنىسىگە مۇخالىپ دەپ قارالغان ۋە توردا تەنقىتكە ئۇچرىغان)كۆرۈش ئۈچۈن ۋە ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن مۇنبەرگە ئەزا بولدى.


ئەسلىمە2:مەلۇم مۇنبەردە ئىككى ئۇيغۇر زىيالىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىيات ھەققىدىكى بەس-مۇنازىرىسى شۇ مۇنبەر ئېچىلغاندىن بۇيانقى ئەڭ قىززىغان تېمىلارنىڭ بىرىگگ ئايلاندى.


قىسقىغىنە كۈزۈتۈش: مەلۇم بىر بېكەتتىكى ئىككى ھەپتىلىك جەۋھەر تىمىلاردا، ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيتى،ئەدەبىياتىغا ئائىت تېما ئۈچ. چەتئەل سىياسىسىغا ئائىت تېما بىر. دىنغا ئائىت تېما ئۈچ. كومپىيۇتېرغا ئائىت تېمابىر.


يۇقارقىلاردىن شۇنى كۆرۈپ ئالالايمىز، بىز تەپەككۈر يۈرگۈزىۋاتقان مەسىلىلەر بىر قەدەر تار دائىرلىك بولۇپ، كارخانا، ئۆزىمىزنىڭ ئەمەلىي مەسىلىسى، ئىقتىسادىي مەسىلە، قانۇن-نىزام ۋە مەن بايقىمىغان نۇرغۇ تېمىلار بۇلارنىڭ سىرتىدا. ئەڭ مۇھىمى بۇ تېمىلاردا پىكىر يۈرگۈزگەندە تېمىلارغا پىكىر قاتناشتۇرغانلار ئاساسەن ئۆزىنىڭ پىكرىدە چىڭ تۇرغان  يەنە بىرسىنىڭ ئورۇنلۇق پىكرىگە(ئەلۋەتتە ئاساسىنى ئېنىق قىلىپ كۆرسەتكەن) قايىللىقىنى بىلدۈرمىگەن. تېمىلارنىڭ ئاساسەن ئايىغى چىقمىغان.


ئەلۋەتتە، مەن بۇ يەردە مۇنبەردە مەتبۇئاتلارغا ئوخشاش مۇنتىزىم پىكىر بولۇش كېرەك، مەلۇم مەسىلە چوقۇم ھەل قىلىنىش كېرەك دەپ تۇرىۋالمايمەن ھەم تۇرالمايمەن. ئەمما، بىز يولىقىۋاتقان بەزى مەسىلىلەر بىر قىسىم نوپۇزلۇق مۇنبەر يۈزىدە ھەل بولسىكەن، بىر قىسىم كىشىلەرگگ ئەمەلىي نەپ بەرسىكەن دېگەن ئۈمۈتتە. بۇنى يالغۇز مۇنبەر مەسئۇللىرىلا قىلالايدىغغان ئىش ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى بىر قىسىم نوپۇز ئىگىلىرىنى ياكى ئەمەلدارلارنى مۇنبەرگە تارتىپ ئەكىرىش ۋە پىكىر قاتناشتۇرۇش.




nurahun يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 22:03:37

بەزى مۇنبەرداشلار مەقسىدىمنى خاتا چۈشۈنىۋاپسىلەر، مەن مۇنبەرنى باھالىماقچى ئەمەس.

ئەڭ ئاددىي قىلىپ ئېيىتقاندا بىزمۇ قانداق قىلىپ خەنزۇ،ئېنگىلىز يېزىقىدىكى تور بېكەتلەرگە ئوخشاش جەمىيەتتىكى بىر قىسىم مەسىلىلەرنى مۇنبەرنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلالايمىز؟ جامائەت پىكرى ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ دىققىتىنى تارتالايمىز؟

zimin00 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 22:11:31

8- قەۋەتتىكى nurahunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بەزى مۇنبەرداشلار مەقسىدىمنى خاتا چۈشۈنىۋاپسىلەر، مەن مۇنبەرنى باھالىماقچى ئەمەس.

ئەڭ ئاددىي قىلىپ ئېيىتقاندا بىزمۇ قانداق قىلىپ خەنزۇ،ئېنگىلىز يېزىقىدىكى تور بېكەتلەرگە ئوخشاش جەمىيەتتىكى بىر قىسىم مەسىلىلەرنى مۇنبەرنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلالايمىز؟ جامائەت پىكرى ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ دىققىتىنى تارتالايمىز؟

---يۇل تار ۋە تىينىغاق ،،،،،!!!!!!!

jaziyra يوللانغان ۋاقتى 2012-2-15 02:29:07

8- قەۋەتتىكى@ nurahun نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بەزى مۇنبەرداشلار مەقسىدىمنى خاتا چۈشۈنىۋاپسىلەر، مەن مۇنبەرنى باھالىماقچى ئەمەس.

ئەڭ ئاددىي قىلىپ ئېيىتقاندا بىزمۇ قانداق قىلىپ خەنزۇ،ئېنگىلىز يېزىقىدىكى تور بېكەتلەرگە ئوخشاش جەمىيەتتىكى بىر قىسىم مەسىلىلەرنى مۇنبەرنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلالايمىز؟ جامائەت پىكرى ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ دىققىتىنى تارتالايمىز؟



مۇنبەر ئارقىلىق نېمىلەرگە ئېرىشتۇق؟ دەپ سوراپتىكەنسىز ، ئېرىشكەن ( ئەمىلىيەتتە ھىس قىلغان ) لىرىمىزنى يېزىپ باقتۇق . مۇنبەر ئارقىلىق جەمىيەتكە قانداق ۋە قانچىلىك تەسىر كۆرسىتەلەيمىز ؟ دەپ سورىغان بولسىڭىز ، ئىنكاسىمىزمۇ باشقىچە بولار ئىدى ، بەلكىم .  

patriot2 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-15 18:18:07

تىما ئىگىسى، سىز دىگەن مەقسەتكە خەنزۇچە مۇنبەرلەرمۇ يىتەلمەيۋاتىدۇ.  ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەردىن ئېغىز ئېچىشقا تېخى بالدۇر. ئەمما ئۇيغۇرچە تورلاردىكى ئىنكاسلارنى كۆرىۋاتقان ھۆكۈمەت ئەزالىرى بۇرۇنقىدىن كۆپ، بۇنىسى ئېنىق.

ئىزدىنىش تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلى ئىچى تىتىلداۋاتقان بىر قىسىم زىيالىيلارنىڭ ئىچ پۇشىغىنى چىقىرىدىغان سورۇن. بۇ زىيالىيلار بىلەن خەلق ئاممىسى ئوتتۇرسىدا چوڭ ھاڭ مەۋجۈت.

facebooks يوللانغان ۋاقتى 2012-2-15 21:33:05

توردا يەر تېرىپ دېھقانچىلىق قىلغىلى بولمايدۇ ،يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى ئاساسەن قىلىغىلى بولمايدۇ .

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-15 21:41:10

ئىزدىنىش مۇنبىرى ئارقىلىق 56مىڭ سوم «تېپىپ »بىر سوم پىلانى دېگەن ئىشنى قانات يايدۇرۇپتىمەن ،ئانچە مۇنچە ئەسەر ئېلان قىلىپ ۋاپادارىم 912 دېگەن نامنى ئاپتىمەن ....  {:92:}

terjime يوللانغان ۋاقتى 2012-2-15 22:22:47

11- قەۋەتتىكى patriot2نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىزدىنىش تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلى ئىچى تىتىلداۋاتقان بىر قىسىم زىيالىيلارنىڭ ئىچ پۇشىغىنى چىقىرىدىغان سورۇن. بۇ زىيالىيلار بىلەن خەلق ئاممىسى ئوتتۇرسىدا چوڭ ھاڭ مەۋجۈت.


مەنمۇ مۇشۇنداق قاراشتا .

nurahun يوللانغان ۋاقتى 2012-2-16 13:36:07


12- قەۋەتتىكى facebooksنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

توردا يەر تېرىپ دېھقانچىلىق قىلغىلى بولمايدۇ ،يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى ئاساسەن قىلىغىلى بولمايدۇ .


قىچىشمىغان يەرنى قاشلىماڭلار-ھە. بەك ئىنكاس يازغىڭلار بولسا مانا چ چ ئادرىسىم: 328604082




nurahun يوللانغان ۋاقتى 2012-2-16 13:44:00


11- قەۋەتتىكى patriot2نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تىما ئىگىسى، سىز دىگەن مەقسەتكە خەنزۇچە مۇنبەرلەرمۇ يىتەلمەيۋاتىدۇ. ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەردىن ئېغىز ئېچىشقا تېخى بالدۇر. ئەمما ئۇيغۇرچە تورلاردىكى ئىنكاسلارنى كۆرىۋاتقان ھۆكۈمەت ئەزالىرى بۇرۇنقىدىن كۆپ، بۇنىسى ئېنىق.

ئىزدىنىش تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلى ئىچى تىتىلداۋاتقان بىر قىسىم زىيالىيلارنىڭ ئىچ پۇشىغىنى چىقىرىدىغان سورۇن. بۇ زىيالىيلار بىلەن خەلق ئاممىسى ئوتتۇرسىدا چوڭ ھاڭ مەۋجۈت.


«بەزى» دېگەن سۆزگە دىققەت قىلىڭ، مەن خەنزۇ يېزىقىدىكى ھەممە تور بېكەتلەر بۇ ئۈنۈمگە يېتىۋاتىدۇ دېمىدىم. بىر قىسىم مېكرو بىلوگ، مۇنبەرلەر ئارقىلىق(ۋاستىسى)ئۇلار خېلى كەڭ جامائەت پىكرى توپلاپ بۇ ئارقىلىق بەزى قاراشلارنى ئوموملاشتۇردى، بىر قىسىم جامائەت ئەخلاقىغا بېرىپ تاقىلىدىغان مەسىلىلەرنى، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلمىشلىرىنى خېلى ياخشى بىرتەرەپ قىلدى. مەن پەقەت شۇنداق ئىمكانىيەتنى ياراتقىلى بولامدۇ-يوق دېمەكچى. بىر قىسىملار ھە دىسە مەسىلىنى يوغان يەرگە ئاپىرىپ تاقىۋالىدىكەنمىز ۋە شۇنىڭ بىلەن ئامال يوق دەپلا دولىمىزنى چىقىرىپ ئولتۇردىكەنمىز. ئىمكانىيەتلەر خېلى جىق ئەمەلىيەتتە.




patriot2 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-17 15:19:14

--

ئىمكانىيەتلەر خېلى جىق ئەمەلىيەتتە.

--

بۇ دىگىنىڭىزگە قوشۇلىمەن.  ئۇيغۇرچە ئۆسەك سۆز تارقىتىش ئېغىر جىنايەت. ۋىجدانلىق بىر مېدىيانىڭ تەۋەللۇت بولىشىنى تۆت كۆزىمىز بىلەن كۈتىۋاتىمىز.

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2012-2-17 15:56:28

توردىن خوتۇن ئالغانلارمۇ يوق ئەمەسقۇ  \"\"
بەت: [1]
: مۇنبەر ئارقىلىق نېمىلەرگە ئېرىشتۇق؟