سىزمۇ قىلالامسىز
بۈگۈن سەھەر ئونۇمدىن تۇرسام،بىرمۇنچە ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇپ ئالدىم.پەرەز قىلىپ بولدۇم.چۈنكى بۈگۈن ئاتالمىش "ئاشىق -مەشۇقلار "بايرىمى ئىدى. ئويلاپ باقسام،بۇرۇن مۇشۇ كۈنلەردە ساۋاقداشلىرىم ۋە دوستلىرىم تەبرىكلەپ قوياتتى ،ھەم ئانچە-مۇنچە گۈللەرنى تاپشۇرۇپ ئالغان ۋاقىتلىرىممۇ بولغان. بۇ بايرام بىزنىڭ ئەمەس ،بىلىپ تۇرىمىز يۇ،لېكىن يەنە شۇ سەپكە قېتىلىپ كېتىپ بارىمىز .....
ئەمما بۈگۈن نېمىشقىدۇ،ئانچە ئېچىلالمىدىم.گەرچە ئەڭ يېقىن دوستلىرىمدىن تەبرىكنامىلەرنى تاپشۇرۇپ ئالساممۇ،يەنىلا بىر نەرسە كامدەك (لېكىن ھەممىسىگە ئېرىنمەي لايىقىدا ئۇچۇر قايتۇرۇپ قويدۇم،باشقىلار تەرىپىدىن ئەسلىنىشمۇ بىر خىل خوشاللىق ئەمەسمۇ (،ئويلاپ باقسام بەلكىم مەنمۇ چوڭ بولۇپ قاپتىمەن بۇنداق دېسەم سىز تېخى چوڭ بولمىدىڭىزمۇ دېمەڭلار يەنە. يېقىندىن ياقى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالەمنىڭ ھەلەكچىلىكىدە،بۇنداق ھېيىت،بايرام دېگەنلەر ئانچە تېتىمايدىغان بولۇپ قالدى.(مەن دېمەكچى باشقا ئۆزىمىزنىڭ بايرىمىنى )
راست،بۇ بايرام يا بىزنىڭ ئەمەس،ئۆتكۈزىشىمىزنىڭ ھاجىتىمۇ يوق،لېكىن بۇنى بىزنىڭ ياشلىرىمىزنىڭ قوبۇل قىلىشىغا خېلى ۋاقىت كېتىدۇ.شۇڭا بىز بولساقمۇ ئۆزىمىزدىن باشلايلى،بۇنداق ئۆزىمىزگە تەۋە بولمىغان بايراملارنى تەبرىكلەپ ئولتۇرمايلى....قاراڭلار مەن باشلىۋەتتىم، مەندەك ئوقۇغۇچى بالىلار بولساڭلار ياتاقدىن ياكى ئىشخانىدىن چىقماي ماقالەڭلارنى ياخشى يېزىڭلار،ئوقۇشنى ئوڭۇشلۇق پۈتتۈرۋالساڭلار سىلەر ئۈچۈن كۈندە بايرام.......
قېنى يەنە كىملەر مەندەك ئويلاۋاتىدېكىن

8- قەۋەتتىكى sevinchنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
باچكا ئاكا ماۋۇ ئىنكاسىڭىزنى ئاۋۇ يەنە بىر تىمىغا يازسىڭىز نەق كىلەتتىكەن.
خاپا بولماڭ ئۇكام، ئۇ تېمىغا يازالمايمەن.. توغرا چۈشىنىڭ ھە..
1- قەۋەتتىكى snakeنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەن 15مىلىيونلۇق ۋەزىپەمنى ئورۇنداپ بولغان بولسام بەك سەت بايرام بولاتتى ماڭا .
ۋاسىي،نىمانداق كۆپ ئەمدى بۇ ۋەزىپە
...بولدى بانكىدا ئىشلىمەپتىم....
مەن 15مىلىيونلۇق ۋەزىپەمنى ئورۇنداپ بولغان بولسام بەك سەت بايرام بولاتتى ماڭا . ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ناھايىتى ياخشى،ئۆزىمىزدىن باشلايلى.
ئەخلەت تېما، توغرا ، ئالدى بىلەن ؟ ئۆزىمىزدىن باشلايلى !
ئۆزىدە بولمىغان نەرسىنى باشقىلارغا بەرگىلى بولمايدۇ .
مەنمۇ ئەتتىگەن بىنادىن چۈشۈپلا بىرىنچى بولۇپ كۆرگۈنۈم ئىككى قىزنىڭ بىر قۇچاق گۈلنى كۆتۈرۈپ مېڭىشى بولدى، ماڭا يېڭىلىق تۇيۇلمىدى، چۈنكى دۇكىنىم ناھىيىمىزنىڭ خەلق مەيدانىدا بولغاچ بۇنداق ئىشلار، كىشىلەرنىڭ يىغىلىپ مېڭىشلىرىنى كۈندە دىگۈدەك كۆرۈپ تۇرىمەن. بايرام دىسە شۇ يەردىكى مەنزىرىنى كۆرسەم ئىختىيارسىزلا: «بايرام دىگەن مۇشۇ قېرىنداشلارغىلا بولسا بولىدىكەن جۇمۇ، ئادەم دىگەنمۇ كۆپ كېلىدىكەن، ئۆزىمىزنىڭ ھېيتىدىمۇ بۇنچىلىك ئادەم كۆرەلمەيتۇق» دەپ ئويلاپ كېتىمەن.
سىز قىلالمايىسز...
ئەگەر قىلشقا ئىنتىلگەن بولسىڭز مۇشۇ سۆزۈم مەدەت بولسۇن. ماقالىنى ئوبدان يېزىڭ!
تۈنۆگۈن كەچ بىر تاكسى شوپۇرى: «ئەتە پۈتۈن مېھمانخانىلار تولۇپ كېتىدۇ،.. كۆپى سىلەردىن... سىلەرنىڭ بىزنىڭ تاكسىغا ئولتۇرىدۇ، بىزنىڭ سىلەرنىڭ تاكسىغا ئولتۇرىدۇ.. بۇ ھەر يىلدىكى تەجرىبە..» دەيدۇ
7- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تۈنۆگۈن كەچ بىر تاكسى شوپۇرى: «ئەتە پۈتۈن مېھمانخانىلار تولۇپ كېتىدۇ،.. كۆپى سىلەردىن... سىلەرنىڭ بىزنىڭ تاكسىغا ئولتۇرىدۇ، بىزنىڭ سىلەرنىڭ تاكسىغا ئولتۇرىدۇ.. بۇ ھەر يىلدىكى تەجرىبە..» دەيدۇبىزنى ھاقارەت قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇدا ئاڭلاپ ئولتۇردۇم.. بالدۇرراق خىزمەتكە چۈشۈپ، بالدۇرراق توي قىلىۋالغان ياخشىكەن...
گەپنىڭ گۇندىسى مانا مۇشۇ يەر ، بالدۇرراق چۈشىۋالدىغان نەدە خىزمەت بار دەيسىز ، ھەي...
10- قەۋەتتىكى tarim722نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئۇلار ئوقۇغۇچىلىق ۋاقتىدىلا پىراكتىكا قىلىدىغان تۇرسا ، خىرمىتى شۇ بولمامدۇ .
ھەممىسىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەڭ
...
6- قەۋەتتىكى atellaنىڭ يازمىسىدىن نەقىلhttp://nur.cn/html/news/53693.shtml
سىز قىلالمايىسز...
ئەگەر قىلشقا ئىنتىلگەن بولسىڭز مۇشۇ سۆزۈم مەدەت بولسۇن. ماقالىنى ئوبدان يېزىڭ!
سىز قىلالمايسىز،بۇ نېمە گەپ؟
چۈشىنەلمىدىم...
ماۋۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭلا . مەينەت بايراملارغا لەنەت بولسۇن! بۇ يىل مۇشۇ بايرام توغرىسىدا ھەجەپ كۆپ گەپلەر بوپكەتتى دىسسسسسسسسسسسە



ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن....