Marshal يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 14:42:11

[كۆچۈرۈلمە]جېياڭ جېشىنىڭ شىئەندە قولغا ئېلىنىشى ۋە سىتالىن

جېياڭ جېشىنىڭ شىئەندە قولغا ئېلىنىشى ۋە سىتالىن


1936-يىلىنىڭ ئاخىرى شىئەن ۋەقەسى يۈز بەردى.

12-دىكابىر جىياڭ جېشى جوڭگۇنىڭ غەربىي شىمالىدىكى شىئەن شەھىرىدە ئىدى.قول ئاستىدىكى ئككى گېنرالنىڭ ئۇنىڭ ئالىي قوماندانلىق ۋە دۆلەت داھىيسىلىق ئەركىنلىكىنى تارتىۋىلىشى ھەمدە ھۆكۈمەتنى ئالماشتۇرۇش ۋە ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش قىلىشنى تەلەپ قىلىشى،يەنە كېلىپ جوڭگۇ كومپارتىيەسى ۋە سوۋىت ئىتىپاقى بىلەن ئىتىپاق تۈزۈشنى تەلەپ قىلىشى زادىلا ئۇنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقمىغانىدى.كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى،جىياڭ جېشى بۇنداق تەشەببۇسنى بىلدۈرمىگەنىدى.

ئۇ جوڭگۇ كومىنىستلىرى ئۇستىلىق بىلەن پايدىلانغان ياپۇنغا قارشى يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىك كەيپىياتىنىڭ ئۇرغۇشى ئىدى.جىياڭ جېشى گېنراللارنىڭ ئاسىيلىق قىلمىشىدىن قاتتىق غەزەبلىنىپ،دەسلەپتە قىلچىمۇ سۈلھى قىلماسلىق مەيدانىدا چىڭ تۇردى.ئۇ ئۆزىنىڭ جاسارىتىنى نامايەن قىلىپ،گېنراللار بىلەن ھەر قانداق شەكىلدە سۆھبەتلىشىنى رەت قىلدى.گېنراللار ناھايىتى تېزلا جوڭگۇ كومپارتىيەسىنىڭ ۋەكىلى جۇ ئېنلەينىڭ ياردىمىگە ئىگە بولدى.ۋەقەنىڭ تەرەقىياتى كۈن بىلەن ئەمەس،بەلكى سائەت بىلەن ھېسابلاندى.ئىككى كۈنچە ۋاقىتتىن كېيىن،مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ گېنراللارنىڭ تەلىپىگە تەسلىم بولمايدىغانلىقى ئېنىق بولدى.ئۇلارنىڭ جىياڭ جېشىنى جىسمانىي جەھەتتىن خاراب قىلىش مۇمكىن ئىدى.لېكىن،بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆز مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى بىلەتتى.شۇڭا،ئاخىرىدا شۇنىڭغا يېقىنراق بىر سۈلھە تۈزۈلدى.جىياڭ جېشى يېڭىۋاشتىن ھۆرلۈككە چىقتى ھەمدە 25-دىكابىر پايتەخت نەنجىڭگە قايتتى.نەنجىڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن،جىياڭ جېشى جوڭگۇ كومپارتىيىسى بىلەن بىرگە ياپۇنغا قارشى ئۇرۇشنىڭ بىرلىك سېپىنى تەشكىللەشكە كىرىشتى.شەرت،ئەلۋەتتە جىياڭ جېشىنىڭ ئالىي قوماندان ۋە دۆلەت داھىيلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ئىدى.جوڭگۇ كومپارتىيىسى بۇنىڭغا قۇشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ مەيدانى ۋە سىتالىننىڭ پوزىتسىيىسى شىئەن كىرىزىسىنى ھەل قىلىشتا ئىنتايىن ئۈنۈملۈك رول ئوينىدى.جوڭگۇدا ھەممە كىشى بۇ نۇقتىنى بىلىدۇ.

بۇنىڭغا ئالاقىدار بىر پاكىت تولىمۇ جايىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى.ئەينى ۋاقىتتا جوڭگۇ ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى،مالىيە مىنىستىرى،شۇنىڭ بىلەن بىرگە جىياڭ جېشىنىڭ باجىسى،يەنى جىياڭ جېشىنىڭ خانىمى سۇڭ مېيلىننىڭ ھەدىسى سۇڭ گېلىڭنىڭ ئېرى كۇڭ شىياڭشى شىئەن ۋەقەسىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن،دەرھال ماشىنا بىلەن نەنجىڭغا بېرىپ،ئۇ يەردە سوۋىت ئىتىپاقى باش ئەلچىخانىسىنىڭ باش كاتىپى .M。Nئوشانىن بىلەن كۆرۈشۈپ،ئۇنىڭغا ئۇچۇقتىن -ئۇچۇق مۇنداق دېدى:

مۇبادا جىياڭ جېشى ئۆلتۈرۈلسە،جوڭگۇ مۇقەررەر يۇسۇندا ياپۇنىيەگە تايىنىدۇ،جوڭگۇنىڭ ئادەم كۈچى ۋە ماددىي بايلىقى ياپۇن مىلىتارىستلىرىنى تەمىن ئېتىپ،تاجاۋۇزچىلىقنىڭ كاپىتىلىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ.بۇ ئاسىيا ۋا سوۋىت ئىتىپاقى ئۈچۈن ئېغىر تەھدىت.مەن سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ جىياڭ جېشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش چارىسىنى تېپىشنى ئۈمىد قىلىمەن.باشقا مەسىللەرگە كەلسەك،ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ،ئۇلارنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى تېپىلىدۇ.

مۇبادا شىئەن ۋەقەسىدە جىياڭ جېشى جىسمانىي جەھەتتىن ھالاك قىلىنسا،ماۋزىدۇڭنىڭ باشقىچە پىكىردە بولماسلىقى تامامەن مۇمكىن.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېيتىشلارغا قارىغاندا،ماۋزىدۇڭ موسكۇۋانىڭ جىياڭ جېشىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇنى قۇيۇپ بېرىش توغرىسىدىكى يوليۇرىقىنى تاپشۇرۋالغاندىن كېيىن،غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بۇلۇپ،ئىلاجىسىزلىقتىن ئاچچىقىدا تېپچەكلەپ كەتكەن.جوڭگۇ كومپارتىيىسى نائىلاج جىياڭ جېشى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلدى.مەزكۇر پارتىيەنىڭ ۋەكىلى جۇئېنلەي جىياڭ جېشىغا سىتالىننىڭ جىياڭ جېشىنىڭ ئوغلى جىياڭ جىڭگۇنى سوۋىت ئىتىپاقىدىن جوڭگۇغا قايتۇرۇپ بېرىشكە ماقۇل بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.شۇنىڭغا دىققەت قىلىمىزكى،سىتالىن جىياڭ جېڭگونى جوڭگۇ كومپارتىيىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىش ئەمەس،بەلكى دادىسىغا قايتۇرۇپ بېرىش قارارىغا كەلدى.مۇنداقچە ئېيتقاندا،ئۇنى ماۋزىدۇڭغا سېتىۋەتمىدى.

قىسقىسى،نۇقۇل جوڭگۇنىڭ ئىشى سۈپىتىدە يۈز بەرگەن شىئەن ۋەقەسىنىڭ خەتەرلىك ئاقىۋىتى جوڭگۇغا ھەمدە دۇنيا سەھنىسىدىكى تەبىي ئىتىپاقداشلارغا تەھدىت سالغانىدى،ئاخىرىدا جوڭگو،سوۋىت ئىتىپاقى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ مىللىي مەنپەتىنى نەزەرگە ئېلىنىپ،ئاقىلانە سۈلھى قىلىش شەكلىدە ئاخىرلاشتى.بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن،سىتالىن خېلى كۆپ رول ئوينىدى،سىتالىننىڭ شىئەن ۋەقەسىنى تەشكىللەش بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوقلۇقى جىياڭ جېشىغا ئايان ئىدى.سىتالىن ئەينى ۋاقىتتا،ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت ياراتتى.شۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭى دەۋردىكى ھەمكارلىقىغا ئاساس سېلىندى.بۇ ئىشلارنىڭ ياپۇنىيە سوۋېت ئىتىپاقى ۋە جوڭگۇنىڭ مىللىي مەنپەتىگە تەھدىت سېلىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا روي بەرگەنلىكى ناھايىتى ئېنىق.

مەنبە:ئىككى گېنېراللىسسىمۇس سىتالىن ۋە جىياڭ جېشى دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.

كىتابنىڭ ئاپتۇرى:يۇرىي مىخايلوۋىچ گالېنوۋىچ(رۇسىيە)

alif يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 20:12:58

!

tahir17 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 15:49:52

سىياسىي ئويۇن، زەھەرگە تولغان قويۇن.

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 19:13:15

ناھەق سولىسا ھەممە تېمىغا ئىنكاس يازىمەن .

gherip يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 20:37:57

ھەي---مۇشۇ سىياسى دىگەن پۈتۈنلەي مەنپەئەت تۇقۇنىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەسكەن

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-6-28 20:29:12

كونا تېمىغا كىرىپ قاپتىمەن
بەت: [1]
: [كۆچۈرۈلمە]جېياڭ جېشىنىڭ شىئەندە قولغا ئېلىنىشى ۋە سىتالىن