بايرام ئۆتكۈزىمەن
ئاشىق مەشۇقلار بايرىمىنى ئۆتكۈزىمەن، بۇنىلا ئەمەس يەنە 8-مارت خانىم قىزلار بايرىمى، ئانىلار بايرىمى، بالىلار بايرىمى، دادىلار بايرىمى، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى، يېڭى يىل، نورۇز قاتارلىقلارنىمۇ ئۆتكۈزىمەن، قايسى بىر يىلى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پەتىۋا كومىتىتى پەتىۋا بېرىپ مۇسۇلمانلارغا پەقەت ئىككى ھېيتلا راۋا دېگەندەك قىلغان، مەن ئۇ ئىككى ھېيتتىنمۇ ئاشۇرۇپ 8 بايرامنى قوشۇپ 10 قىلىپ ئۆتكۈزىمەن.
ئاشىق مەشۇقلار بايرىمىدا ئاللىقانداق بىر پوپنىڭ قاچانقى بىر زامانلاردىكى ئىككى ياشنىڭ نىكاھىنى ئوقۇپ قويغىنىنى تەبرىكلىمەيمەن، بەلكى يېقىندىن بېرى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە جان بېقىش بىلەنلا بولۇپ كېتىپ يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلەلمىگەن، مۇھەببىتىمنى دائىم ئىزھار قىلىپ تۇرالمىغان ئادىمىمگە كۆڭلۈمنى بىلدۈرىمەن، كىچىككىنە سوۋغا، تاتلىق سۆز بىلەن كۆڭلىنى ئالىمەن. " ھەركۈنىمىز ئاشىق مەشۇقلار بايرىمىدەك كۆڭۈللۈك ئۆتىۋاتىدۇ" دېگەنلەر بىر بولسا مۇھەببەتلەشكىنىگە تېخى يىل توشمىغانلار، توي قىلىپ يىل توشمىغانلار، يا بولمىسا ئۆزىنىلا مەركەز قىلىپ قايسى تەرەپنىڭ ھېسياتى بىلەن ئارتۇقچە ھېساپلاشمايدىغانلار. يەنە كېلىپ كۆپىنچىسى ئەرلەر، يەنە كېلىپ كۆپىنچىسى توي قىلىپ بولغان ئەرلەر بولىشى مۈمكىن. 100% خوشاللىققا تولىدىغان كۈن يوق، قارشى تەرەپنى ئۈزلۈكسىز بىر يىل ئەمەس، بىر كۈن خوشال قىلالايدىغانلارمۇ يوق (يېڭى توي قىلغان، يېڭى مۇھەببەتلەشكەن، ئاشىقسىز مەشۇق ياكى مەشۇقسىز ئاشىقلار بۇنىڭ سىرتىدا بولىشى مۈمكىن). شۇنداق بولغان ئىكەن، كەم قالغان قىسمىنى مەلۇم بىر كۈندە ئىپادىلەپ قويسىڭىز نەرى يامان؟
8-مارت خانىم قىزلار بايرىمىنىمۇ ئۆتكۈزىمەن، ئېرىم بىرەر تال گۈل ياكى قوشۇپ سوۋغا ئالغاچ كېلىدۇ. تاماقنى سىرتتىن يەيلى، يا بولمىسا تاماق ئېتىپ قاچا يۇيما، ئۆي ئىشلىرىنى قويۇپ قوي دەيدۇ. ئۆتكەندە چايدىكى بىر خانىم بىلەن پاراڭلىشىپ قالدۇق، بالىسى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان تاتار ئايال. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە دادىسى ئېسىنى بىلگەندىن تارتىپ، 8-مارت كۈنى سەھەر تۇرۇپ بازىردىن بىر تال ئەتىر سوپۇن، بىر يۇمشاق لۆڭگە ئەكىرىپ، چىرايلىق قاتلاپ ئۈستەلگە قويۇپ قويىدىكەن، بۇ ئادىتىنى تا ۋاپات بولغىچە داۋاملاشتۇرۇپتۇ. بۇ گەپنى ئەرلەر ئاڭلىسا "شۇمۇ ئىشمۇ" دەيدىغانلىرى خېلى چىقىدۇ، ئاياللاردىن بولسا تەسىرلەنمەيدىغانلىرى، مېنىڭ ئېرىممۇ شۇنداق قىلسىچۇ، دەيدىغانلىرى كۆپ. مەنمۇ شۇ.
بۇرۇن ئانىلار بايرىمىدا ئاپام، قېينىئاپام ۋە بارلىق ئاپا بولغان ئۇرۇق تۇققان قېرىنداشلىرىمنى تەبرىكلەيتىم، 3 يىل بۇرۇنقى ئانىلار بايرىمىدا ئىنىم تېلىفون قىلىپ" ئاچا دەرىجەڭ ئۆستى، ئانا بولدۇڭ، يەنە بىر بايرىمىڭ كۆپەيدى مەن تەبرىكلەيدىغان" دەپ تېلىفون قىلغاندا بەك خوشال بولغانتىم، شۇنىڭدىن كېيىن ئانىلار بايرىمىدا تەبرىكلەۋاتىمەن ھەم تەبرىكلىنىۋاتىمەن. مېنى تۇغۇپ چوڭ قىلغاندا ئاپامغا، ئېرىمنى تۇغۇپ چوڭ قىلغان قېينىئاپامغا سوۋغا ئېلىپ رەھمەت ئېيتىمەن.
8-مارتنى تولا تەبرىكلەيدىغان ئېرىم بۇرۇن قاچانمۇ ئەرلەر بايرىمى بار بولار دەيتى، كېيىن قاچانمۇ دادا بولۇپ تەبرىكلىنەرمەن دەيدىغان بولدى، ئۈچ يىل بۇرۇن ئۇنىڭمۇ دەرىجىسى ئۆسۈپ دادىلار بايرىمىدا تەبرىكلىنىدىغان بولدى. كۆڭلى تارتقان تامىقىنى ئېتىپ، بەزىدە سوۋغا بىلەن گەپ بىلەن بايرىمىنى تەبرىكلەپ قويىمەن، بايرام دېگەندە چوقۇم سوۋغا ئېلىش كېرەك ئەمەسقۇ.
بالىلار بايرىمىنى بۇ يىلدىن باشلاپ ئۆتكۈزىمەن، قىزىم ئۈچ ياشقا كىرىپ بايراملىق ئويناتسا بىلگىدەك بولدى، خۇدا بۇيرۇسا بايرام مەكتەپنىڭ ئۆتكۈزىدىغان بالىلار بايرىمىلىق پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇپ، ئامراق ماروژنىسىنى ئېلىپ بېرىپ بايرىمىنى تەبرىكلەپ بېرىمەن. بىر يىل توختىماي ئوينىتىپ، ماروژنى يېگۈزگىلى بولمايدۇ، مۇشۇنداق ئالاھىدە كۈنىدە قىلىپ بېرىمەن.
ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى ئوقۇغۇچىلىرىم ۋە ئۆيدىكىلەر تەبرىكلەپ قويىدۇ، خىزمەتداشلار ئارامۇ تەبرىكلىشىمىز.
مىلادىيە كالىندارى ئىشلىتىۋاتقاچقا يېڭى يىلنىمۇ تەبرىكلەپ قويىمىز، ئۇيغۇر بولغاندىكىن نورۇزنىمۇ تەبرىكلەيمىز، خۇدا بۇيرۇسا بۇدا نورۇزدا نورۇز ئېشى ئېتىشنى بىر سىناپ باققۇم بار.
مانا مۇشۇنداق قىلىپ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەمەس بولغان بايرامدىن سەككىزنى ئۆتكۈزىدىكەنمەن، سېستىرالار بايرىمىدا ھاممامنى، مۇخبىرلار بايرىمىدا كېلىن سىڭلىمنى تەبرىكلەيدىكەنمەن راس .بالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە تورت ئېلىپ بېرىپ شام يېقىپ بېرىمەن،بالام شام يېقىپ بەرسەم خوشال بولىدۇ. ئېرىم بىلەن ئۆزۈمنىڭكىدە بىر قانچە خىل تاماق ئېتىپ ئۆيدە مىھمان بولىشىمىز، ئەمدى ئۆزۈم تورت پىشۇرۇپ بېقىشنىمۇ ئويلىشىۋاتىمەن. قېنى ئەمىسە تىللايدىغانلار ئۆچىرەت تۇرۇپ تىللاڭلار، غەربنىڭ ھەممە نەرسىسىنى چەتكە قاقىدىغانلار ماۋۇ كومپىيۇتېر، توك، ۋىندوۋس دىن ئايرىلىپ تۇرۇپ ئىنكاس يېزىپ تىللاڭلار.
سۈزۈك تېمنى يېزىپ قويۇپ، بىزنى غەۋغاغا سېلىپ قويۇپ ئۆزى بايرام ئۆتكۈزگىلى كېتىپتۇ...@suzuk@ ئۆتكۈزسىڭىزمۇ ئىچىڭىزدە بىلىڭ ،سىز قاندق ئۆتكۈزۈشنى بىلگەن بىلەن بىلمەيدىغانلار بار ،ھازىر بۇ بايرامنى ئۆتكۈزۈش كۆلەم شەكىللەندۈردى ،باشتا مۇشۇنداق قاتتىق تۇرغان بولساق بەلكىم بۇنچە ئەۋج ئالماسلىقى مۇمكىن ئىدى ،مۇشۇ بايرام باھانىسىدە نىمە ئىشلار بولىۋاتىدۇ ؟ئۆزىمىزنىڭ نوقتىسىدا تۇرۋېلىپلا پىكىر قىلمايلى .ئىمكان ۋە ئۇيغۇرنىڭ پىكرىنى قوللايمەن . ئەخلەت تىما ! {:92:}
ئىزدىنىشنىڭ ماۋۇ يېرى ماڭا بەك يارىدى !
بۇ تۇنجى ئەخلەت تىمىمۇ ؟ باشقا ئەخلەت تىمىلار بولسا ئۇلىنىشىنى قالدۇرۇپ قويۇلار !
ئىسكىلىت زىلتار رۇسلانغا بەرگەن سوغاتنى تەڭ يەيدىغان بولدۇڭلارمۇ نىمە ! {:92:} ئىزدىنىشقا يېڭىدىن كىرىپ قالغان بىر نىمىلەرنىڭ ئەقىل ئۆگىتىشىپ كېتىشىنى كۆرەي .
باچكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىنكاسى ئۆچۈرۈلۈپتۇ، بۇنىمۇ ئۆچۈرەي.
بۇنداق چوڭ توربىكەتتە بۈنچىلىك تالاش تارتىش بولمىسا قانداق بۇلىدۇ . مەنمۇ دىلرۇبادەكلا چۈشەندىم،جېكمۇ توغرا خاتا جۆيلىمەپتىكەن بولمىسا.-----------------
خەنلەر مىكرو بىلوگلىرىدا تارقىلىپ يۈرگەن(ماۋۇ ئاتالمىش بايرام ھەققىدە) : « ئالدىنقى كۈنى گۈل دۇككىنى ئالدىراش، بۈگۈن ئەتىگەن تېزيەتكۈزگۈچلەر ئالدىراش، كەچقۇرۇن ئايرىم خانىلەر ئالدىراش، كەچتە مېھمانخانىلار ئالدىراش ، ئەتە چۈشتە دورىخانىلار ئالدىراش ، 30 كۈندىن كېيىن دوختۇرخانىلار ئالدىراش» دېگەن گەپ نەق چۈشىدىكەن .
--------
يۇقارقى تەرجىمىنى يامان قاملاشتۇرۋېتىپسىز ،تەرجىمە قىلغۇچى. كىچىكىپ قاپتىمەن



سىز ئەگەر ئۆزىڭىزنى مۇشۇ بايرامغا مۇناسىپ دەپ قارىسىڭىز، ئۇنداقتا بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! شەخسەن مەن ئۆتكۈزىمەن. بىز 4 جۈپ ئەر ئايال ئۆتكۈزمەكچى.. چۈنكى بۇگۈن خاتۇنغا مۇھەببەتنى يېڭلاپ ئىزھار قىلدىغان كۈنۈم.. بولمىسا باشقا نورمال كۈنلەردە تۇرۇپلا خاتۇن سىنى مەڭگۈ سۈيىمەن دېسەم،چۇقۇم يا مېنى ساقايماس كېسەلگە مۇپتىلا بوپتۇ،يا يۈز كىلەلمەيدىغان ئىش قىلىپ قۇيۇپتۇ دەپ ئويلىۋالىدۇ 100% تېخى ھازىرلا بۇ http://www.izdinix.com/showpost.aspx?Page=14&ThreadID=37018#Inkas تېمىنى ئوقۇپ كۆپچىلكنىڭ سۈزۈككە بەرگە ياخشى باھالىرىنى ئوقۇپ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم ئاشقان ئىدى(بەزى ئىنكاسلارنى كۆرمەي قاپتىكەنمەن شۇ چاغلاردا).ئەمدى مۇنۇ كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئوقۇپ بىكارچىنىڭ بەختىگە كۆز تەگمىسىكەن دىگەننىمۇ ئويلاپ ئۈلگۈردۈم. ياخشى دادىل ،راستچىل تىما!!! ياسالمىلىق قىلىپ شوئار توۋلاپ ئۆتكۈزمەيمەن دەپ ئۆزىنى ئالدىغاننىڭ نىمە پايدىسى. مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈپ كەلسە يەنە شۇ ھەممىزى بىر ئاللاھنىڭ بەندىللىرىغۇ. بايرام كەلسە ياخشىغۇ، كامىدا ئارام ئېلىپ بىر خۇشال كەيپىيات شەكىللىندۇ.


پۈتۈن دۇنيا ئۈىگە خاس خوشال پاكىز ئۆتكۈزسە،بىزمۇ پاكىز ئۆتكۈزسەك زادى بولمامدۇ.. مىنىڭچە ئۆتكۈزمەسلىكنى ئەمەس،قانداق قىلغاندا بىزنىڭ ئۆرپ-ئادەت،قائىدە يۇسۇنغا،مەدىنيىتىمىزگە،دىنىمىزغا ماس ھالدا ئۆتكۈزگىلى بولدىغاننى تالاش تارتىش قىلساق بولاتتى... ‹‹قېنى ئەمىسە تىللايدىغانلار ئۆچىرەت تۇرۇپ تىللاڭلار، غەربنىڭ ھەممە نەرسىسىنى چەتكە قاقىدىغانلار ماۋۇ كومپىيۇتېر، توك، ۋىندوۋس دىن ئايرىلىپ تۇرۇپ ئىنكاس يېزىپ تىللاڭلار.››
كىملەر غەرىبنىڭ ھەممە نەرسىسىنى چەتكە قىقىپتۇ ،ئەمدە سەل ئۆزىنىڭ قىممەت ئۆلچىمىگە چۈشمىگەن ،كۆڭلى كۆتەمىگەن ئىشلارنى شۇنداق دىسە ئەمدە بۇنى غەرىبنىڭ نەرسىسىنى چەتكە قىقىش دىسەك قانداق بولىدۇ .
مۇشۇ تىمىدا دىگەن گەپلىرىڭىزنى ناۋادا رىئاللىقتا بىرە تونۇش ياكى تۇققىنىڭىز مۇشۇ ھەقتە سىزدىن سورىسا دەل مۇشۇنداق دىيەلەمدىغانسىز ؟ ياسالمىلىق قىلماي، قۇرۇق شۇئار توۋلىماي «ئوغۇل بالا»دەك تېمىدىن بىرسى يېزىلىپتۇ. غەربلىكلەر ئۆتكۈزگەندەك ئۆتكۈزمەي. ئۆزقىممەت قارىشىغا ماس كېلىدىغان شەكىلدە ئۆتكۈزسە بولىدىغۇ... ئەگەر مەن چەتئەلدە بوپ قالسام چەتئەللىك دوستلرىمنىڭ يۈزىنى قىلىپ بولسىمۇ روجىستىۋا بايرىمىنى تەبرىكلەپ قويىمەن ھەم بىللە ئۆتكۈزۈشۈپ بېرىشىم مۇمكىن. خەنزۇ خىزمەتداشلار بىلەنمۇ چاغانلىق بىللە ئولتۇرۇپ بېرىشىمەن. مېنى دەپ مەخسۇس مۇسۇلماچە ئاشخانىغا بارىدۇ. تۇغۇلغان كۈن، ئاشۇق مەشۇق بايراملارغۇ ناھايىتى نورمال بايرملار مېنىڭ نەزىرىمدە. خەقنىڭ نەرسىنىنى چەتكە قېقىۋەرسە ئۆزىنىڭكىمۇ خەققە كۆرۈنمەيدۇ. نوچى بولساڭلار ئۆزۈڭلىڭكىنى خەققە قىزقتۇرالىساڭلار، ئۇلارنىمۇ ھۆرمەت قىلدىغان قىلالسىاڭلار ئاشۇ ئەڭ نوچىسى شۇ. ئەتىگەن قوپسام ئايالىم بايرىمىمىزغا مۇبارەك بولسۇن دەيدۇ.خوش بولدۇم.
ئەتىگەن بىر ئاغىنەم تېلىفون قىپتۇ،كەچتە خوتۇن-بالىلارنى ئېلىپ بىللە تاماق يەپ كېلەيلى دەيدۇ ماقۇل دىدىم.
يىلدا بىر نەچچە قېتىم مۇشۇنداق بايراملارنىڭ باھانىسىدە ئايالىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئانچە-مۇنچە ئېچىپ تۇرۇش مېنىڭچە خاتا ئەمەس.