uyghurnisa54 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 01:44:53

(ئىزدىنىشلىقلارغا «بايرام»لىق سوۋغا) مۇنداقمۇ مۇھەببەت ،مۇنداقمۇ يىگىت بار..........

      ھەممە نەرسە ماشىنىلىشىۋاتقان،تۇرمۇش رىتىمى تىزلىشىپ ،نۇرغۇن مۇناسىۋەتلەررەسمىيەتلىشىپ ۋە قېلىپلىشىپ قېلىپ ،ئادەملەرنى پەرۋاسىز ۋە ھىسياتسىز قىلىۋەتكەن  مۇشۇ كۈنلەردە ئۆزەمنى بارغانسىرى ئالدىراشلىق ئىچىدە ھەريان چېپىپ يۈردىغان ماشىنىدەكلا ھىس قىلىپ قالىدىغان بۇلۇپ قالدىم،پەقەتلا بەدىنىم ۋە مىڭەم باردەك بىراق يۇرۇكۇم يوقتەك ......................


       ئەتىكى "بايرام"دا ئون يۈئەنلىك ئەتىرگۈل بىلەن قىزلارنىڭ ئەتىرگۈللۈك بېغىنى ئۆمۈرلۈك پايخان قىلىۋىتىدىغان يىگىتلەرنى ،مۇھەببەتنى يىگىتلەرنىڭ ئاغزىدىكى شىرىن سۆز ۋە قولىدىكى كىمگىلا بەرسە بولىدىغان ئون يۈئەنلىك ئەتىرگۈل دەپ چۈشىنىدىغان قىزلارنى ئويلىسام مۇھەببەت زادى قانداق بولىشى كىرەك دەپ ئويلاپ كىتىمەن .


       سىزدىن ئايرىلالمايمەن ،ۋە ئايرىلمايمەن دەپ تالاي ۋەدىلەر بېرىپ ،مىنى تۇنجى قېتىم بىرى ئۈچۈن بەدەل تۆلەپ بېقىش خىيالىغا كەلتۈرگەن؛"ماڭا ئۇنىڭ مىنى سۆيىدىغان يۈرىكىلا بولسا،ۋاپا ،ساداقىتىلا بولسا باشقا نەرسىلەر كىيىن بولىدۇ "دەپ ساددىلارچە نۇرغۇن نەرسىلەردىن ،ياخشى ئۆي، ماشىنا ............لاردىن ۋاز كەچتۈرگەن ئۇنىڭ ،ئانىسىنىڭ مىنى كۆرمەي ۋە بىلمەي تۇرۇپلا تويىمىزغا قۇشۇلمايمەن دىگەن بىر ئېغىز سوزى بىلەنلا ماڭا بەخىت تىلەپ ۋاز كىچىپ كىتىشى مىنى ھاياتتا ھەقىقىي مۇھەببەتمۇ بارمىدۇ ؟دىگەن خىيالغا كەلتۈرۈپ قويىۋاتاتتى ،ئۆزەم يەنە جاۋاپ بىرەتتىم ،شۇنداق مۇھەببەت بار ،ھىچ بولمىسا مەندە شۇنداق قەلب بار ،باشقىلاردىمۇ بار ......................شۇنداق چاغلاردا ئۆزەم شاھىت بولغان مۇنداق  بىر مۇھەببەت ھىكايىسى ئىسىمگە  كىلەتتى ...........


      تېخى خىزمەتكە چۈشۈپ ئۇزۇن بولمىغان ۋاقىتلىرىم بۈلۈمىمىزگە بىر ئېغىر كىسەل ئېلىپ كېلىندى ،ئۇ 22ياشلار چاممىسىدىكى ياشلا قىزچاق بۇلۇپ ئېغىر دەرجىدە بورەك زەئىپلەشكەن،باشقا دوختۇرخانىلاردىمۇ داۋالىنىپ ئۈنىمى بولمىغانلىقتىن ئۈيىگە قايتۇرلۇپ ،ئۈيىدە كىسىلى قاتتىق قوزغالغانلىقتىن بىزنىڭ بۈلۈمگە ئەپكىلىنگەن ئىكەن،قىزچاق ھۇشسىز ،يۈز كۆزلىرى ئىششىغان ،ئېغىر سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش نەتىجىسىدەچىرايى سەل سارغۇچ كۈلرەڭ رەڭگە كىرىپ قالغان ئىكەن


.بىرىنچى كۈنى قېرى ئاپىسى يالغۇز قارىدى ،ئىككىچى كۈنىدىن باشلاپ بىر يىگىت كىلىپ قىزنىڭ ئاپىسى بىلەن بىرلىكتە قىزنى كۈتۈشكە باشلىدى .


       ئۇمۇ 22-23لەردە بار ،بويى ئىگىز ،يېقىملىق ۋە پاكىز چىراي بالا ئىكەن ،يىگىت قىزغا شۇنچىلىك ياخشى قارىدىكى ،تاكى قىزچاق ئۈلۈپ كەتكۈچە مەن ئۇنىڭ بىرەر قىتىم كارۋاتتا يېتىپ ئۇخلاپ باققىنىنى  كۆرمىدىم .


       ئۇ قىزچاقنىڭ سۈيدۈك خالتىسىدىكى سۈيدۈكىنى تۈكەتتى ،يۈز -كۆزلىرىنى،قول -پۇتلىرىنى سۈرتەتتى ،يوتقانلىرىنى ياپاتتى ،بىكار بولغانلىرىدا قىزنىڭ كارۋىتى يېنىغا قۇيۇلغان ئورۇندۇقتا قىزنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئولتۇراتتى .


      مەن دەسلەپتە ئۇنى قىزنىڭ ئېرى بولسا كىرەك دەپ ئويلىغان ،كىيىن خىزمەتداشلاردىن ئۇنى قىزنىڭ ئېرى ئەمەس يىگىتىكەن دەپ ئاڭلىدىم ،ۋە ھەيران قالدىم ،چىۈنكى ئۇزۇن  يىللىق قەدىناسىنىمۇ شۇنداق باقالمىغانلارنى مەن تالاي كۆرگەن .بىر كۈنى قىزنى مەخسۇس كۈتىۋاتقاندا يىگىت بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم ۋە تەپسىلاتلارنى بىلگەندىن كىيىن تېخىمۇ ھەيران قالدىم .


         ئۇلار ئەسلىدە باشقا يۇرتلۇق بۇلۇپ قىز كىسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقاندا تۇنۇشقان ئىكەن،تېخى 3ئايلارچە بوپتۇ.يىگىت ئۇچاغلاردا دادىسىغا قاراۋاتقان بۇلۇپ ،دادىسى قىز بىلەن بىر ياتاقتا ئىكەن ،داۋالىنىش جەريانىدا ئۇ قىزنىڭ بىر ئاپىسىدىن باشقا ھىچنىمىسى يوقلىقىنى ،مۇشۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغاندىن كىيىن ئاپىسىنىڭ ئۇنى داۋالىتىش ئۈچۈن ئىقتىسادىنى ئاساسەن تۈگىتىپ بولغىنىنى .لىكىن قىزنىڭ كىسىلىنىڭ بارغانسىرى ئېغىرلىشىپ كىتىپ بارغانلىقىنى بىلىپتۇ ۋە كۆڭلىدە قىزغا ئىچ ئاغرىتىشقىمۇ ،مىھىرگىمۇ ھەم ئوخشايدىغان ،ھەم ئوخشىمايدىغان بىر خىل تۇيغۇ پەيدا بوپتۇ ،بىر مەزگىل داۋالانغاندىن كىيىن قىز سەل ياخشىلانغاندەك بوپتۇ ،يەنە كىلىپ دوختۇرخانىغا تاپشۇرىدىغان پۇلمۇ تۈگىگەن بولغاچقا دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئۆيگە قايتىپتۇ ،قايتىشتىن ئاۋال يىگىت ئۇنىڭغا كۆڭۈل ئىزھار قىپتۇ ،قىزچاق بولسا ئۆزىنىڭ ھامان ئۈلۈپ كىتىدىغىنىنى ئېيتىپ ،يىگىتنىڭ تەكلىۋىنى رەت قىپتۇ ،يىگىتتىن سورۇدۇم ،"ئەگەر قىزچاق ماقۇ ل بولسا ئۇنى ئالامتىڭىز ؟"ئۇ ھە ئە دىگەن مەنىدە بېشىنى لىڭىشتتى ،"ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدىڭىز؟"يەنە سورۇدۇم ،ئۇ بىر پەس تۇرۇپ  كىتىپ جاۋاپ بەرمىدى .


       قىزچاق كەتكەندىن كىيىن يىگىتنىڭ دادىسىمۇ دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئۆيگە قايتىپتۇ ،ئارىدىن ئازراق ۋاقىت ئۆتۈپتۇ ،يىگىت قىزدىن بىرەر خەۋەر ئالالماپتۇ ،لىكىن قىزنى كۆرۈش ،ئەھۋالىنى بىلىش ئىتىكى ئۇنى جىم قويماپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىزنىڭ يۇرتىغا بىر بېرىپ ئۇنى كۆرۈپ يوقلاپ بۇلۇپ قايتىپتۇ ،بۇ قېتىم ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتكەندە يىگىتنىڭ كۆڭلىدە قاتتىق بىر ئەنسىزلىك پاراكەندىچىلىك پەيدا بوپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن يەنە قىزنىڭ يۇرتىغا بېرىپ ،ئۇنىڭ ئاغرىپ قالغىنىنى بىلىپ دوختۇرخانىغا كەپتۇ ،يىگىت كىلىپ ئۈچ كۈندىن كىيىن قىزنىڭ پۇلى تۈگەپ ئوكۇل دورا ئىشلىتىشكە ئامالسىز قالغان كۈنلەردە يىگىت بىر كۈن يوقاپ كىتىپ ئەتىسى قايتىپ كەلگەن ۋە ئون مىڭ يۈئەن تاپشۇرغان ئىدى .ئەسلىدە يىگىت يۇرتىغا قايتىپ دادىسىغا قىزنىڭ ئەھۋالىنى ئېيتىپتۇ ۋە دادىسىدىن ئۆزىنىڭ تويىغا ئاتىغان پۇلنى ئۆزىگە بىرىشىنى ،بۇنىڭدىن كىيىنكى تويىنى ئۆزى يىتەرلىك پۇل يىغىپ ئاندىن قىلىدىغىنىنى ئېيتىپتۇ ،يىگىتنىڭ دادىسىمۇ قىزنىڭ ئەھۋالىنى بىلگەچكە ئارتۇق گەپ قىلماستىن :بۇ پۇلنى ساڭا بەردىم ،بۇنىڭدىن كىيىن توي ئىشىڭغا ئۆزەڭ بىر ئىش قىلارسەن ،دەپ 15000يۈئەننى بىرىپتۇ ،بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ ،ئاڭلاۋاتقان ئاشۇ دەقىقىلەردە ئۈلۈم ئالدىدا تۇرغان قىزغا بىر نۆۋەت ھەۋىسىم كەلدى .قىسقىغىنە ھاياتىدا شۇنچىلىك سۆيگۈ ،مىھىرگە ئىرىشپتۇ .


         قىز ياتاقتا يېتىپ 19-كۈنى تۈگەپ كەتتى ،يىگىتنىڭ يىغىسى بەكمۇ ھەسرەتلىك ئىدى .مەنمۇ ھەتتا نەچچە ۋاقىتلارغىچە مۇڭلىنىپ يۈردۈم .ئۇ ئىشلار بۇلۇپ بىرەر ئايدىن كىيىن يىگىت بۈلۈمگە يەنە بىر كەلدى ،ۋە قىز ياتقان كارۋاتقا شۇنداق ئۇزۇن تىكىلىپ تۇرۇپ كەتتى .ئۇنىڭدىن نىمە ئىش بىلەن كەلگەنلىكىنى سورىسام ،قىزنىڭ ئانىسى ۋە ئۇ تۇرغان جايلارنى كۆرۈپ كىتەي دەپ كەلدىم دىدى .كىيىن قىزنىڭ ئاپىسىدىن يىگىتنىڭ قىزنىڭ ناماز ۋە نەزىرلىرىگە ئۆزى پۇل چىقىرىپ .بارلىق ئىشلىرىغا چېپىپ يۈرۈپ تۈگەتكەندىن كىيىن ئاندىن قايتىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىدىم .


       گەرچە ئارىدىن 5-6يىللار ئۆتكەن بولسىمۇ ،نەچچە بالىسىنىڭ ئاپىسى بولمىش ئايالى ئاغرىپ قالسا داۋالاتماي تاشلاپ قويغان ،ئايالى ئۈلۈم ئاغزىدا ياتسا كۆزى يۇمۇلغىچە چىدىماي ئۈستىگە خوتۇن ئالغان ئەرلەرنى كۆرگىنىمدە ئىختىيارسىز شۇ يىگىتنى ئويلايمەن ،بىزدە شۇنداق يىگىتلەر كۈرمىڭ دەپ ئۆزەمگە تەسەللىي بىرىمەن .



ھىكايە ئاخىرلاشتى ،بىراق بۇ شۇنداق ھىكايىلەرنىڭ بىر قىسمى خالاس ،ھاياتنىڭ ئەڭ ئىغىر پەيتلىرى دەل بىر ئادەمنىڭ ئادىمىيلىكى سىنىلىدىغان پەيىتتۇر ،دوختۇرخانا -ئادەمنىڭ ئىچىدىكى ئادەمنى سىنايدىغان مەيدان ،بۇ يەردىكى ھەربىر ھىكايە ئادەمنى چوڭقۇر ھىسلارغا باشلايدۇ ،ئەگەر ئىزدىنىش ئەھلىگە بۇ تۇنجى ھىكايەم يېقىپ قالسا ،يەنە بۇنۇڭغا ئوخشاش ھىكايىلەر داۋاملىق ھۇزۇرۇڭلاردا بولىدۇ ،شۇنچە يىلدىن بۇيان ئىزدىنىشقا ئوقۇرمەن بۇلۇپ تۇنجى تېمىنى بۇگۈن يوللاپتىمەن ،ھەممىڭلارغا خاتىرجەملىك ۋە سالامەتلىك يار بولسۇن !

aziza97 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 20:13:39

دوختۇرخانا ئادەمنىڭ ئىچدىكى ئادەمنى كۆردىغان جاي ، بۇ ئىنتايىن توغرا .

uyghurnisa54 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-16 11:53:04

دوختۇرخانىدا ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ۋاپادارلىققىمۇ ،يەنە ئەقىل يەتمەيدىغان ۋاپاسىزلىق ۋە نامەرتلىككىمۇ گۇۋاھچى بۇلۇپ قالىدىكەنسىز .ھەيييييييييييييييييييييييييي

uya_frozen يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 05:48:12

بۈگۈن بايراممۇ ؟ \"\"

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 06:31:13

ئەلۋەتتە بۈگۈن بايرام.

دەرتمەن ئاشىقلارنىڭ بايرىمى بۈگۈن.

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 06:48:52

ئىنكاس ئورنىنى تاپماپتۇ، ئۆچۈردۈم. ھىكايىدىن ھوزۇرلىنايلى.\"\"

karikat يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 07:21:11

ھاياتنىڭ ئەڭ ئىغىر پەيتلىرى دەل بىر ئادەمنىڭ ئادىمىيلىكى سىنىلىدىغان پەيىتتۇر .

   بۇ جۈملىنى ياقتۇردۇم. ھىكايىڭىزمۇ ياخشىكەن، داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ.

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 07:32:43

تەسىرلىك ئىشىلاركەن، ياقتۇردۇم. ئەتراپىمىزدىكى مۇشۇنداق چىن ئىشلار كىشىگە بەكرەك تەسىر قىلىدىكەن. يىگىت-قىزلىرىمىزغا چىن سۆيگۈ، شەرم-ھايا يار بولغاي.

ماۋزۇغا «بايرام» سۆزىنى ئىشلەتكەنگە يارىشا بايانلار كەمچىلدەك بىلىندى.

ئەتىكى \"بايرام\"دا ئون يۈئەنلىك ئەتىرگۈل بىلەن قىزلارنىڭ ئەتىرگۈللۈك بېغىنى ئۆمۈرلۈك پايخان قىلىۋىتىدىغان يىگىتلەرنى ،مۇھەببەتنى يىگىتلەرنىڭ ئاغزىدىكى شىرىن سۆز ۋە قولىدىكى كىمگىلا بەرسە بولىدىغان ئون يۈئەنلىك ئەتىرگۈل دەپ چۈشىنىدىغان قىزلارنى ئويلىسام مۇھەببەت زادى قانداق بولىشى كىرەك دەپ ئويلاپ كىتىمەن .

ئۈستىدىكى كۆچۈرۈپ ئەكەلگەن يازما بۇ ئابزاسىڭىزنىڭ يانداشمىسى بولۇپ قالسۇن. بۇنىڭلىق بىلەن ھىكايىڭىزگە نۇقسان يەتمەيدۇ، باشقىچە چۈشۈنۈپ قالماڭ. ئىزدىنىشتىغۇ كۆپىنچىلەرنىڭ ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى ھەققىدىكى قاراشلىرى ئېىنىق، يەنى ئۆتكۈزمەيدىغانلاردىن، دەپ بىلىمەن.  

تۇنجى تېمىڭىزغا مۇبارەك!

anakux يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 07:52:16

بۈگۈننى بايرام دەپ قارىمىدىم ....ئەمما بۇ تىمىدىكى ھىكايىدىن ھەيران قالدىم ....مىنى ھەممىدىن ھەيران قالدۇرغىنى ئاۋۇ يىگىتنىڭ ئۆيىدىكىللىرىنىڭ تويىغا كىتەرلىك پۇلنى يىگىتنىڭ نۇرغۇن كىشىلەر قارىشىدىكى «غەلىتە» ئارزۇسى ئۈچۈن سەرپ ئىتىشىگە بىرىشى بولدى ...رىيال ھىكايە ئىكەنلىكىدىن ھاياجانلاندىم ...

uyghurnisa54 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 08:15:50

پىكىر بەرگىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت ،تېما يوللاشنىڭ نەقەدەر تەسلىكىنى تۇنجى قېتىم ھىس قىپتىمەن ،تېخى نۇرغۇن ئىملا خاتالىقلىرى باركەن قارىسام ،خىجىل بولىۋاتىمەن .

بۈگۈن بىزلەر ئۈچۈن بايرام ئەمەس ،بۇنى بىلىمەن ،شۇڭا بايرام ئاتالغۇسىنى قوش تىرناق ئىچىگە ئالدىم .تېما ماۋزۇسىنى كۆرگەنلەر چوقۇم مىنى بىر تىللاپ قويۇش ئۈچۈنمۇ بولسا تېمىغا كىرىدۇ ،بۇنىمۇ بىلىمەن . \"\"

ئەسلى تېما بايرام ئەمەس مۇھەببەت ،بۇ راس ئىش ،ئۈستىدىكى ھېلىقى بىر ئابزاسمۇ   ھەم بۈگۈن يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىڭ كارتىنىسى ،شۇنداق ئويلايدىغانلارنىڭ،قىلىۋاتقانلارنىڭ  بارلىقىنى بىلىمەن .مىنىڭچە ئۇ ئابزاس بۇ يەردىكى كۆپچىلىكنىڭ ئىدىيسىگە تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ .

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 08:21:30

ئەرلەردە ئاجىزلارغا ھېسىداشلىق خاھىشى بولىدۇ، بەلكىم ئۆزىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بولسا كېرەك.شۇڭىمۇ ئاياللارنىڭ كۆز يېشى ناھايىتى ئۈنۈملۈك ... ئەمما ئاياللارنىڭ ئاشۇنداق خەيرىخاھلىق ھېسىياتنى قوزغاشنىڭ ئۇسۇلى بولسا تاتلىق سۆز ۋە يالغان بولسىمۇ بېرىلگەن ۋەدىلەر.

بۇنى بىلىدىغانلار كۆپەيدى-يۇ، يالغان ياش تۆكۈشلەر، يالغان ۋەدىلەر كۆپەيدى.

تىمىڭىزدىكىدەك ئوغۇل-قىزلارغا ئاپىرىن

\"\"

matu يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 09:19:07

نورۇزچۇ؟  {:92:}

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 09:19:08


7- قەۋەتتىكى uyghurnisa54نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تېما ماۋزۇسىنى كۆرگەنلەر چوقۇم مىنى بىر تىللاپ قويۇش ئۈچۈنمۇ بولسا تېمىغا كىرىدۇ ،بۇنىمۇ بىلىمەن . \"\"



ماۋۇ گېپىڭىز بەك ئوماقكەن، \"\"

yapraq يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 09:19:44

تۆۋە،مۇشۇنداق ئوغۇللارمۇ باركەن ھە   {:90:}  .....،بۇنداق ئىشلارنى پەقەت كېنولاردا كۆگىلى بولىدىغان،ئەمما  رېئال تۇرمۇشىمىز بەك ئازمىكىن.........

   





ياخشى ھېكايەكەن \"\" ،،داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ!!!!

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 09:27:31

5-قەۋەتتىكى ئىنكاسنى uyghurnisa54@نىڭ 7-قەۋەتتىكى ئىنكاسى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاش ئۈچۈن قالدۇرۇپ قايدۇم.

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 09:50:57

ياخشى چىقىپتۇ. بولسا مۇشۇنداق تۈردىكى تەسىرلىك ئىشلار ئاساسىدا يېزىلغان يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن. يېزىقچىلىقتا سىزدە ئۈمىد باركەن جۇمۇ!

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 09:55:58

يىگىت بىلەن ھېلىقى مەرت ئاتىغا ئېھتىرام! \"\"  \"\" ، قىزنىڭ ئانىسىىنىڭ كېيىنكى يالغۇز كۈنلىرىگە يەنىمۇ مەرت بىر ئەر نېسىىپ بولغاي...

uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 10:01:54

1- قەۋەتتىكى uya_frozenنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۈگۈن بايراممۇ ؟ \"\"  



نەۋرىڭىزنىڭ بايرىمى(ھىجاراپ تۇرغان چىراي ئىپادىسى)

toghrak يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 10:10:34

مۇشۇنداق ياخشى ئادەملەر ئېرىشىشكە تىگىشلىك بەخت نەلەردە كۆمۈلۈپ قالىدىكىن تاڭ؟!

uya_frozen يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 13:20:33

15- قەۋەتتىكى uquhuchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى uya_frozenنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۈگۈن بايراممۇ ؟ \"\"  



نەۋرىڭىزنىڭ بايرىمى(ھىجاراپ تۇرغان چىراي ئىپادىسى)



ئاللا  ئاللا    ما  گەپنى،\"\"  خوتۇن يوق نەدىكى نەۋرىكەن ئۇ .  
بەت: [1] 2
: (ئىزدىنىشلىقلارغا «بايرام»لىق سوۋغا) مۇنداقمۇ مۇھەببەت ،مۇنداقمۇ يىگىت بار..........