ھىجرىيە يىلىنى مىلادىيە يىلىغا ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلى[كۆچۈرۈلمە]
ھىجرىيە يىلنامىسىنىڭ تاللىنىشى
ئىسلام يىلنامىسىدا قايسى ۋاقىتنى يىل بېشى قىلىش مەسىلىسىدە تۈرلۈك لايىھەلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بەزىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى 571- يىلنى ئىسلام يىلنامىسىنىڭ باش يىلى قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويسا، بەزىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولغان 610- يىلنى يىل بېشى قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. كۆپچىلىك مۇسۇلمانلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان 622- يىلنى ئىسلام يىلنامىسىنىڭ باش يىلى قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغانلىق ۋەقەسى ئىسلام دىنى تارىخىدا ھەل قىلغۇچ بۇرۇلۇشنى ھاسىل قىلغان ئۇلۇغ ۋەقە ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ بارغان يىلىنى ئىسلام يىلنامىسىنىڭ باش يىلى قىلىش ۋە بۇ يىلنامىنىڭ نامىنى ” ھىجرىيە“ دەپ ئاتاش پۈتۈن مۇسۇلمان ئۆلىمالارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن بەلگىلىگەن.
ھىجرىيە يىلىنى مىلادىيە يىلىغا ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
(1) مىلادىيىگە ئايلاندۇرماقچى بولغان ھىجرىيە يىلىنى 33 كە بۆلۈمىز.
(2) مىلادىيىگە ئايلاندۇرماقچى بولغان ھىجرىيە يىلىغا 622نى قوشىمىز.
(3) 622 نى قوشقاندا چىققان ساندىن 33 كە بۆلگەندە چىققان ساننى ئېلىۋېتىمىز. شۇنىڭ بىلەن مىلادىيە يىلى چىقىدۇ.
مەسىلەن: ھىجرىيە 1429 ÷ 33= 43
1429+ 622= 2051
2051- 43= 2008
مىلادىيە يىلىنى ھىجرىيە يىلىغا ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
(1) مىلادىيە يىلىدىن 622 نى ئالىمىز.
(2) ئالغاندا چىققان ساننى 33 كە بۆلۈمىز.
(3) يۇقىرىقى ئىككىسىنىڭ نەتىجىسىنى بىر- بىرىگە قوشىمىز.
شۇنىڭ بىلەن ھىجرىيە يىلى چىقىدۇ.
مەسىلەن: مىلادىيە 2008 – 622- = 1386
1386÷33 = 42
1386 + 42= 1428
بۆلۈنگەندە چىققان نەتىجە 42 يېرىمدىن كۆپرەك بولسا، ئۇنى 43 دەپ سانايمىز، ئەگەر 41 يېرىمدىن ئازراق بولسا، ئۇنى 41 سانايمىز.
قەمەرىيە ئايلىرى تۆۋەندىكىچە:
مۇھەررەم 1-ئاي
سەفەر 2-ئاي
رەبىئەل ئەۋۋەل 3-ئاي
رەبىئۇل ئاخىر 4-ئاي
جامادىيەل ئەۋۋەل 5-ئاي
جامادىيەل ئاخىر 6-ئاي
رەجەب 7-ئاي
شەبان 8-ئاي
رامىزان 9-ئاي
شەۋۋال 10-ئاي
زۇلقەدە 11-ئاي
زۇلھىججە 12-ئاي
مۇھەممەد يۈسۈپ قارىمنىڭ دىن ۋە ھايات ناملىق كىتاۋىدىنئېلىندى.
تۇلۇقتىكى ۋاقتىمدا ئەدەبىيات ئۆتىدىغان خانىم بىر ئۇسۇلنى دەپ بەرگەن ، ئېسىمدىن چىقىپمۇ قاپتىكەن . مۇشۇ شۇكەن ئەمەسمۇ زاكات ئايرىغاندىمۇ مۇشۇ ھىجىريە يىلىنى ئاساس قىلىش شەرتكەن . بولمىسا ھەر 33 يىلدا بىر يىللىق زاكات كەم قالىدىكەن . شۇڭا رامىزاندا ئايرىيدۇ. توردا ھېجىرىيە -مىلادىي كالىندارلىرىنى ئالماشتۇرۇشhttp://www.eqolay.com/hijri.htmزاكات ھېسابلاشhttp://www.eqolay.com/zakatcal.htm
4- قەۋەتتىكى tarim222نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
توردا ھېجىرىيە -مىلادىي كالىندارلىرىنى ئالماشتۇرۇشhttp://www.eqolay.com/hijri.htm
زاكات ھېسابلاشhttp://www.eqolay.com/zakatcal.htm
بۇ تور بەتلىرىدىن ئوبدانلا پايدىلاندىم. ئېلاننىمۇ چېكىپ قويدۇم. رەھمەت.
orkax1974نىڭ تېمىسىدىن نەقىل
قەمەرىيە ئايلىرى تۆۋەندىكىچە:
مۇھەررەم 1-ئاي
سەفەر 2-ئاي
رەبىئەل ئەۋۋەل 3-ئاي
رەبىئۇل ئاخىر 4-ئاي
جامادىيەل ئەۋۋەل 5-ئاي
جامادىيەل ئاخىر 6-ئاي
رەجەب 7-ئاي
شەبان 8-ئاي
رامىزان 9-ئاي
شەۋۋال 10-ئاي
زۇلقەدە 11-ئاي
زۇلھىججە 12-ئاي
تىلىمىزنى ئەينى چاغلاردا ئەرەپ، پارسچىلاشتۇرۇشقا كۈچەپكىتىشكەن موللا زىيالىلىرىمىزنىڭ ئەكسىچە بىزنىڭ ئاۋام خەلق يۇقۇرىدىكى ئايلارنىڭ بىرقىسمىغا ئۇيغۇرچە ئىسىم قويغان ئىكەن، بۇ ناملارنى مېنىڭ ساۋاتسىز چوڭ ئاناممۇ ئوبدان بىلەتتى، ئەپسۇس، كىچىكلىكىمدىن خاتىرلىۋالمىغان ئىكەنمەن، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ شاگىرتلىرىدىن بولغان بىر داموللا تۇققۇنۇمنىڭ 30 نەچچە يىل بۇرۇن ئۆگىتىپ قويغان ھىجرىيە يىلىدىكى ھەپتە ھېساپلاش ئۇسۇلىنى ماقالىلاشتۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن، چوڭ ئانام بىلگەن ئاشۇ ئاي ناملىرىنى تولۇق بىلىدىغان ئادەم تاپالمىدىم، توردۇنياسىدىمۇ جاۋاپ بېرىدىغان ئادەم چىقمىغان ئىدى، مېنىڭ ئىسىمدە قالغىنى بويىچە بۇ ئاي ناملىرىنىڭ ئاۋام تىلى بويىچە ئاتىلىشىنى ماقالامغا كىرگۈزۈپ قويغان ئىدىم.
1-ئاي مۇھەررەم ھوشۇرئاي
2-ئاي سەفەر سەپەر ئاي
3-ئاي رەبىئەل ئەۋۋەل سەپەرقوشنىسى
4-ئاي رەبىئۇل ئاخىر (بىلەلمدىم)
5-ئاي جامادىيەل ئەۋۋەل (بىلەلمدىم)
6-ئاي جامادىيەل ئاخىر تالاش ئاي
7-ئاي رەجەب دۇئائاي
8-ئاي شەبان تۈنەك ئاي ياكى بارات ئاي
9-ئاي رامىزان روزائاي
10-ئاي شەۋۋال روزاھېيت ئاي
11-ئاي زۇلقەدە ئارائاي
12-ئاي زۇلھىججە قۇربان ھېيت ئاي
ھىجرىيە(داموللا تۇققۇنۇم دەپ بەرگەن ئۇسۇل) ۋە مىلادىيە يىللىرىدا قايسى ئاينىڭ بېشى ھەپتىنىڭ قايسى كۈنى بولىدىغانلىقىنى ھېساپلاش ئۇسۇلى ھەققىدىكى ماقالا:
http://www.bilik.biz/bbs/viewthread.php?action=printable&tid=2940