zulal يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 14:09:39

[كۆچۈرۈلمە] ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى بارمۇ؟

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم! قېرىنداشلار، سىلەر ئۆزىمىزنىڭ ھەقىقى ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنى بىلەمسىلەر؟ ناۋادا مەن سىلەردىن بۇ سوئالنى سورىسام،بەلكىم كۆپىنچىڭلار 2-ئاينىڭ 14-كۈنى دەپ جاۋاپ بېرىشىڭلار مۇمكىن.لېكىن سەمىڭلاردا بولسۇنكى، بۇ چەتئەللىكلەرنىڭ بايرىمى، ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ئەمەس.

  ئەمىسە بىزنىڭ ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىمىز زادى قاچان؟

  ئۇنى مەن سىزگە دەپ بېرەي، بىزنىڭ ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىمىز دەل 4-ئاينىڭ 5-كۈنى.



بىزنىڭ ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىمىز قانداق پەيدا بولغان؟

  بىر كۈنى پادىشاھ ئابباس ۋە ئۇنىڭ ۋەزىرى ھەسەن دالىغا ئوۋ ئوۋلىغىلى چىقىپتۇ،ئۇلار ئوۋ ئوۋلاۋېتىپ بىر بوغاز بۆكەننى كۆرۈپتۇ ھەم ئىككىسى مەسلىھەتلىشىۋالغاندەكلا بۇ بۆكەننى قويۇۋېتىپتۇ،ئۇلار ئۆز ئارا بۆكەننى نىمە ئۈچۈن قويۋەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى سوراشقاندا ، ھەر ئىككىلىسى ئۆزلىرىنىڭ ئاياللىرىنىڭ ھامىلدار ئىكەنلىكىنى،شۇڭا بۇ بوغاز بۆكەنگە زىيانكەشلىك قىلىشقا  قولى بارمىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ۋە ۋەزىر مۇنداق كېلىشىپتۇ،يەنى ئۆزلىرىنىڭ ئاياللىرى تۇغسا ، ناۋادا بىرسى ئوغۇل بىرسى قىز بولسا . ئۇلارنى ئۆيلەپ قويۇشقا كېلىشىپتۇ.،چۈنكى بۇ دەل 4-ئاينىڭ 5-كۈنى بولغاچقا.بۇ كۈن دەل بۇ بىر جۈپ قىز-يىگىتنىڭ توي كۈنى قىلىپ بېكىتىلىپتۇ. كىيىن ۋەزىرنىڭ ئايالى بىر ئوغۇل تۇغۇپتۇ،بۇ چاغدا ۋەزىر ئاللىقاچان ئالەمدىن ئۆتكەچكە،بالىنىڭ ئىسمىنى غېرىپ دەپ قويۇپتۇ،بۇ ئىسىمنىڭ مەنىسى يېتىم بالا ئىكەن. خانىش بىر قىز تۇغۇپتۇ،بۇ قىزنىڭ ئىسمىنى سەنەم دەپ قويۇپتۇ،بۇ ئىسىمنىڭ مەنىسى گۈزەل قىز ئىكەن.

    غېرىپ ۋە سەنەم كىچىكىدىن بىللە ئوقۇپ بىللە ئويناپتۇ، بىر-بىرىدىن بىردەممۇ ئايرىلماپتۇ،چوڭ بولغاندىن كىيىن بىر-بىرىگە ئاشىق بولۇشۇپتۇ،ئەمما غېرىپنىڭ ئۆيىنىڭ ئەھۋالى كۈندىن-كۈنگە يامانلىشىپتۇ،شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئابباس ۋەدىسىدىن يېنىۋاپتۇ ۋە غېرىپ ھەم سەنەمنىڭ توي ئىشىنى بىكار قىپتۇ، غېرىپ ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى چەتئەلگە سۈرگۈن قىلىۋېتىپتۇ. غېرىپ شۇ يىراق جايدا  سەنەمنى قاتتىق سېغىنىپتۇ ۋە سەنەم بىلەن كۆرۈشۈشنى قەتئى نىيەت قىپتۇ،سۈرگۈن جەريانىدا غېرىپ بۇلاڭچىلار تەرىپىدىن سېتىۋېتىلىپ،پادىشاھنىڭ خان ئوردا سارايلىرىنى ياسايدىغان قۇل قىلىنىپتۇ. غېرىپ ئۆزىنىڭ ئەسلى ئىسمىنى يۇشۇرۇپ،چاھار گۈللۈكتە ھاشار ئەمگەك بىلەن شوغۇللىنىپتۇ،بۇ جەرياندا ئۇ سەنەم بىلەن مەخپى كۆرۈشۈپتۇ ۋە بىر كۈننى تاللاپ قېچىپ كېتىشكە مەسلىھەتلىشىپتۇ.

  ئاخىر پۇرسەت كەپتۇ، بىر كۈنى ئەتىگەندە غېرىپ ۋە سەنەم پادىشاھنىڭ يېغىن ئېچىۋاتقان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ،ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ياردىمىدە قېچىپ چىقىۋاپتۇ،لېكىن ناھايىتى تېزلىكتە پادىشاھ تەرىپىدىن بايقىلىپ قاپتۇ، غەزەپلەنگەن پادىشاھ دەرھال بەش يۈز خىللانغان ئاتلىق ئەسكەرنى ئۇلارنى تۇتۇپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ،ھەم قۇرۇق قول قايىتپ كەلسە ھەممىسنىڭ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ، گەرچە ئەسكەرلەر بۇ بىرجۈپ ئاشىق-مەشۇقنى تۇتىۋالغان بولسىمۇ،لېكىن ئۇلارنىڭ تەسىرلىك مۇھەببەت ھېكايىلىرنى ئاڭلاپ بۇ بىرجۈپ ئاشىق-مەشۇقنى قويۇۋېتىپ ئوردىغا قايتىپ كېتىپتۇ،پادىشاھ بۇ ئەھۋالنى ئۇقۇپ بۇ ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسىنى زىندانغا تاشلاپتۇ ھەم 4-ئاينىڭ 5-كۈنى ھەممىسنىڭ كاللىسنىڭ ئېلىندىغانلىقىنى جاكارلاپتۇ، بۇ خەۋەر ناھايىتى تېزلىكتە مەملىكەت ئىچىگە تارقىلىپتۇ ،4-ئاينىڭ 5-كۈنى پۈتۈن مەملىكەت خەلقى  پادىشاھتىن بۇ بەش يۈز باتۇر ئەزىمەتنىڭ جېنىدىن كېچىشنى ئۆتۈنۈپتۇ، نۇرغۇن ۋەزىرلەرنىڭ يالۋۇرۇشى ۋە نەسىھەت قىلىشى بىلەن پادىشاھ ئۆزىنىڭ غېرىپقا قىلغانلىرىنىڭ بەك ياۋۇزلۇق ئىكەنلىكىنى ئاخىر ھېس قىپتۇ ھەم ئادەم ئەۋەتىپ ئۇلارنى تېپىپ كىلىشكە بۇيرۇپتۇ،ئەمما بىر يىل ئىزدىگەن بولسىمۇ بۇ  بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇقنى قەتئي تاپالماپتۇ،ئىككىنچى يىلى پادىشاھ غېرىپ ۋە سەنەم بولمىسىمۇ،بۇلارغا ئاتاپ ناھايىتى داغدۇغىلىق توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بېرىپتۇ ھەم بۇ كۈننى خاتىرلەش  ئۈچۈن 4-ئاينىڭ 5-كۈنىنى رەسمى ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى قىلىپ بېكىتىپتۇ. بۇ كۈنى قىزلار يىگىتلەرگە دوپپا سوۋغا قىلىدىكەن،يىگىتلەر قىزلارغا شايى ياغلىق سوۋغا قىلىدىكەن.



    مانا بۇ   بىز ئۇيغۇرلانىڭ ھەقىقى ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىمىزدۇر، باشقىلارنىڭ مەدەنىيىتىنى قارا قۇيۇق قوغلاشمايلى،ئۆگەنمەيلى،ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيىتىنى قەدىرلەيلى،قوغدايلى،ئاسرايلى،قېنى دوستۇم،سىزمۇ شۇنداق قىلالامسىز؟

ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۆتكۈزەمسىز ياكى 4-ئاينىڭ 5-كۈنىمۇ؟

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 15:46:43

ۇ،ئىككىنچى يىلى پادىشاھ غېرىپ ۋە سەنەم بولمىسىمۇ،بۇلارغا ئاتاپ ناھايىتى داغدۇغىلىق توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بېرىپتۇ ھەم بۇ كۈننى خاتىرلەش  ئۈچۈن 4-ئاينىڭ 5-كۈنىنى رەسمى ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى قىلىپ بېكىتىپتۇ. بۇ كۈنى قىزلار يىگىتلەرگە دوپپا سوۋغا قىلىدىكەن،يىگىتلەر قىزلارغا شايى ياغلىق سوۋغا قىلىدىكەن.





بىر يەرگە ئۇرۇپلا تاپقان گەپقۇ بۇ.

tahirbeg يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 16:06:02

چ چ توپلاردا تارقىلىپ يۈرىيدۇ بۇ خەۋەر.

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 16:14:16

ئىككى- ئۈچ يىل بولدىغۇ مۇڭداشقۇلاردا تارقىلىپ يۈرگىلى بۇ گەپلەر\"\" ... ئىشقىلىپ مەن ئۈچلا خاسىيەتلىك بايرىمىمىزنى بىلىدىكەنمەن...

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 16:18:39

مەنغۇ ھايات قوپقان كۈنۈمنىڭ ھەممىسىنى ئۆزۈم ئۈچۈن بايرام دەپ بىلىمەن.

mayhuxjan يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 16:35:26

بۇ يوقىمايدىغان تىمىكىنا تور ساھەسىدىن ....

tvman يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 16:35:52

ھەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا مۇشۇ توەرىسىدا بىر پاراڭ چىقىدۇ ھە \"\"

atella يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 17:13:36

گۈل دۇككانلىرىنىڭ ئېلانلىرى بەك كۈلكۈلىك بوپ كېتپتۇ مۇشۇ كۈنلەردە...ھەي توۋا...

faith يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 17:20:05

خەنزۇلارنىڭمۇ 七夕节 دەيدىغان بايرىما بار. بۇ خەنزۇلارنىڭ ئاشۇق مەشۇقلار بايرىمى.

tursunn يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 17:29:59

يازمىغۇ ياخشى يېزىلىپتۇ. ئەمما، مۇھىم تېما بولغاندىكىن مەنبەسى ئەسكەرتىلىشى كېرەك ئىدى. راستىنلا شۇنداق بولسا بۇ ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى بۈيۈك ئىش. يەنە بىر گەپ: بىر قىسىم كىشىلىرىمىز مۇشۇ ئاشۇق مەشۇقلار كۈنى(2-ئاينىڭ 14-كۈنى) كېلەي دەپ قالسا ۋاي خەقنىڭيەي، خىرىستىيانلارنىڭ، غەربلىكنىڭيەي... دەپ قايناپ كېتىدىكەن. مەنغۇ ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىگە قارشى ئەمەس. بېراق، «8-مارت ئاياللار بايرىمى»، «توغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈش»، «پالانى تۇغۇلغانلىقىنىڭ ياكى ۋاپات بولغانلىقىنىڭ مانچە يىللىق خاتىرسى» دېگەندەك خاتىرە كۈن، بايراملارغا كەلگەندە ئۇنداق غەربنىڭ، باشقىلارنىڭ... دېگەندەك پاراڭلار بولمايدىكەن. بىلىشىمچە ھەممىسى ئەسلى غەربدىن تارقالغانغۇ شۇلارنىڭ!

faith يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 17:38:35

مەنغۇ بۇ بايرامغا غەرىپنڭمۇ ياكى شەرىقنىڭمۇ دېگەنلەرنى ئويلاپ كەتمەي ئۆزەمنىڭ ۋە خەقنىڭ كۆڭلىنىڭ دەپلا ئۆتكۈزىۋېرىدىكەنمەن. مۇشۇ بانادا ئانچە مۇنچە كۆڭلىمىزنى ئىپادىلۋالىدىكەنمىز(شۇنداق پۇرسەت چىقدىكەن). ئۆتكۈزسە نىمە بولىدۇ. بەزى ھادىسلەرنى ئەسلىي مەنبەسىدىن ئايرىپ مۇستەققىل بىر ھادىسىە سۈپتىدە قوبۇل قىلساق بولىۋېىرىدۇ دەپ قارايمەن. بۇنداق سۈرۈشتۈرگىلى تۇرساق نۇرغۇن نەرسە خەقنىڭغۇ. بايرام دېگەننىڭ ئەڭ مۇھىم ئەھمىيتى بىر كەيپىيات ئەكىلەلىشىدە. ئەتىراپڭىزدىكى يۇقىرى كەيپياتقا مۇئەييەن ماسلىشىپ تۇرمۇشىمىزنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزسەك كۇپايە ئەمەسمۇ. مۇھەببەت دېگەن بۇ ئۇقۇم ھەممە مىللەتكە ، جىنىسقا، دۆلەتكە ئورتاق بولغاندىن كېيىن. خەلىقئارالاشقان بۇنداق بايرامغا نورمال مۇئامىلە قىلىشمىز كېرەك. ئەلۋەتتە مەن چوقۇم ئۆتكۈزەيلى دەپ شوئار توۋلىمايمەن. ئۆتكۈزمەيدىغانلار، ئىدىيە پەرقىدىكىلەر ئۆتكەزمىسىلار، مۇتەسسىپ بولىۋالساڭلار تامامەن بولىدۇ.

faith يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 18:05:11

ئاشۇق مەشۇق بايرىمى ئۆتكۈزىدىغانلارغا(ئۇيغۇرنىڭكىنىمۇ ) بىر يان تېلفون ئويۇنى تەۋسىيە قىلاي. بەك قىزىقارلىق. تومنىڭ مۇھەببەت خېتى.


ئويۇن بەك ئاددى، ئەمما بەك قىزىقارلىق. بۇ ئويۇندىكى ئوبرازلار مېنىڭ نەزىرىمدە 99پىرسەنت چىن يارىتىلغان بولۇپ ،ئويۇندىكى يېزىلغان گەپلەرمۇ بەك ياخشى



http://outfit7.com/apps/toms-love-letters/



\"\"



ماركىتتىن ۋە ئەپ سىتوردىن چۈشەرگىلى بولىدۇ. پۈتۈنلەي ھەقسىز.

hebib يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 18:19:06

خوشى يوقلار بىزدەك ئۆيدىن چىقماي 连连看 ئويناڭلار . بىرجۈپ-بىرجۈپتىن ئۆلتۈرۈپ..  {:92:}

imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 18:41:07

نەچچە يىل ئاۋال شەگە ھۇدنىڭ 14 كۈنى ئىكەنلىگىنى بىلمەي كىرىپ قاپتۇكەنمەن شە كوچىلىرى  بىر جۈپ بىر جۈپلەر گە توشۇپ كېتىپتۇ قارىسام ھەممىسى بىز خەق ،  يولدا بىر ئاكاش ئۇچرىدى مەن ئۇنىڭغا خوتۇن ئالاممايۋاتقانلار  بىلەن ئەگە تىگەلمەي ۋاتقانلارنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن دىسەم ئۇ ئاكاش بەك كۈلۈپ كەتكەن ئىدى .

شۇنىڭدىن كىيىن  ھۇدنىڭ 14 شەگە كىرىشتىن قورقۇدىغان بۇلۇپ قالغان ئىدىم .

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 18:53:45

مەن تالاغا چىقماي،ئىشخانىدا ئولتۇردۇم.سىرتقا چىقساملا قايناپ كەتتى ھازىر بۇلار...

namsez يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 19:21:53

يىلدا كىلىدىغان بۇ بايرامنى تازا قانغۇدەك ئويناپ ئۆتكۈزىۋالمىسام ...

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 19:48:56

بۇ بايرام ئۇيغۇرنىڭ ئەمەس دەيدۇ  - يۇ  ، كوچىغا چىقسا گۈل ....  يەنە گۈل ... ياشلارنىڭ قولىدا گۈللا بار .

sumbula888 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 19:50:55

مەن بايا ئىشخانەمدىكى مەندىن بىرنەچچە ياش چوڭ ئايال خىزمەتدىشىمدىن «ئەتە ئاكىمىز بايراملىق بىر نىمە ئېلىپ بىرەمدۇ» دەپ سورىسام .

«ۋاي ئاكىڭىز ئەزەلدىن بۇنداق بايراملارنى ئويلاپ قويمايدۇ، نىمە ئۇ تۇغۇلغان كۈن، ئۇ بايرام بۇ بايرام دىگەن، بىزنىڭ قۇربان ھىيت، روزا ھىيتتىن باشقا بايرىمىمىز يوق دەيدۇ» دىگەنتى. «ئاكىمىزنىڭ كاللىسى ئىشلەيدىكەن ، پۇل بۇزىدىغان ئارتۇقچە ئاۋارچىلىقتىن ساقلىنىپ قاپتۇدە » دەپ قويدۇم.

مەن يۇقارقى دىيالوگدىن ھازىرقى زىيالىرىمىزنىڭ ئۆلگە بولغۇدەك جايلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى ھىس قىلدىم.

ئەمىلىيەتتە ئۇلارنىڭ 5، 6 يەردە قورا جاي، بىنا ئۆيلىرى بار. ھەممىنى ساتسا «مىليۇنىر» بولۇپ كىتىشىدە گەپ يوق. تۇرمۇشتا مۇنشۇنداق بىر خىل تۇتالىغان ئادەمنىڭ نەتىجىلىرى خىل كۆپ بولىدىغان ئوخشايدۇ.

yapraq يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 20:33:08

بۈگۈن ھەجەپ مەكتەپنىڭ ئالدىدا گۈل كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقانلارنى ئۇچراتمىدىم دېسە.بۇلتۇر مۇشۇ كۈندە خېلى قايناپ كەتكەن بولمىسا.......

atella يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 20:46:08

19- قەۋەتتىكى yapraqنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۈگۈن ھەجەپ مەكتەپنىڭ ئالدىدا گۈل كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقانلارنى ئۇچراتمىدىم دېسە.بۇلتۇر مۇشۇ كۈندە خېلى قايناپ كەتكەن بولمىسا.......



دىققەت قىپ قويدىكەنسىزدە...
بەت: [1] 2
: [كۆچۈرۈلمە] ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى بارمۇ؟