helloworld يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 13:03:43

خەلى قەھرىمانى غېنى باتۇر

غېنى باتۇر 1902 يىلى تۇغۇلغان . 1944 يىلى نېلقا تاغلىرىدا قازاق قەھرىمانى ئەكبەر  باتۇر ، تاتار قەھرىمانى پاتىخ قاتارلىقلار بىلەن گومىنداڭ ھۈكۈمىتىنىڭ "ئات ئىئانە قىلىش سېلىقى " غا قارشى تۇرۇپ ئىسيان كۈتۈرۈپ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىغان . غولجا شەھىرىدە گومىنداڭ ئارمىيىسى بىلەن بولغان ھەرەمباغ ، لەڭشاڭ ئۇرۇشىدا تىللاردا داستان بولغىدەك ئاجايىپ قەھرىمانلىقنى كۆرسۈتۈپ خەلق قەھرىمانى دەپ ئاتالغان . 1949 يىلى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كىتىپ 1981 يىلى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە ۋاپات بولغان .



خەلق قەھرىمانى غېنى باتۇرنىڭ ئالماتادىكى قەبرىسى


(wikipedia دىن تەرجىمە قىلىندى)

urdek يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 13:17:26

كىچىك ۋاىتىمدا تەڭ دىمەتلىكلىرىم بىلەن ئويناپ يۇرۇپ جىڭ خەلىق ھۇكمەت قوراسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ قالساق بولىدۇ، ھۇكۇمەت قورا ئالدىدا بىر ئۈستەڭ بولىدىغان، ئۇستىدە كۇۋرۇك بار ئىدى، بالىلار ((ئاۋۇ كىشى غېنى باتۇر شۇكەن) دەپ قالدى، قارىساق كۇۋرۇكنىڭ قېلىن تاختايلىرى رابوتچى(ئىشچىى)ئۇتۇگىنىڭ ئاستىدا ئېغىرلىقىدىن توختىماي غاراسلايتتى، كىين ئۇقساق جىڭ تۇرمىدىكى بىر ئۇچىغا چىققان پاھىشە خوتۇننى گەپ قىلمايلا ئېتىۋىتىپتۇ دەك.

  ئۇزى بەكمۇ يوغان قاۋۇل ئادەم ئىدى.

Marshal يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 13:19:07

زوردۇن سابىر ئاكىمىزنىڭ ياسىغان قەبرىسى تېمىدا بار رەسىمگە قارىغاندا ياخشى دەپ قارايمەن!

helloworld يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 13:19:18

ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى جەريانىدا غېنى باتۇرغا ئوق ئۆتمەيدىكەن ، يۈز ئادەم ئارىغا ئېلۋالسا ئەپسۇن ئۇقۇپ يۇقاپ كىتەلەيدىكەن دىگەندەك رىۋايەتلەر خەلق ئىچىدە تارقالغان . كىيىنكىلەرنىڭ دىيىشىچە غېنى باتۇر  قازاقىستانغا چىققاندىن كىيىن  ھاراققا خۇمار بۇلۇپ پويىز ئىستانسىدا يېقىلىپ تۈگەپ كەتكەن دىگەن گەپلەر تارقالغان . مەيلى قانداق بولمىسۇن ھايات ۋاقتىدا خەلقنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن قان تەر ئاققۇزغان قەھرىمان بولغاچقا ئۇيغۇر خەلقى ھازىرغىچە ۋە بۇندىن كىيىنمۇ ئۇنى خەلق باتۇرى دىگەن نام  بىلەن ئەسلەپ تۇرىدۇ .

suwadan يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 13:31:56

مىنىڭ بىلىشىمچە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى قازاقىستانغا چىقىپ كەتكەن ۋاقتى 1955 يىلىغۇ دەيمەن.

1953.يىلىغىچە لەنجۇدا دەم ئالغان .1953.يىلىنىڭ ئاخىرى  ئۇرۇمچىگە كىلىپ ئۆلكىلىك سىياسى كىڭەشكە ھەيئەت بولغان.1954يىلى غۇلجىغا كىتىپ 1955يىلىنىڭ ئاخىرىلىرى سوۋىت ئىتتىپاقى قازاقىستانغا چىقىپ كەتكەنغۇ دەيمەن .

خاتا بولسا باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىپ باقساق بولىدۇ...

helloworld يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 13:38:42

wikipedia دا 1949 يىلى دەپتىكەن ، ئەسلى  مۇنداقكەندە ....

atilla705 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 13:52:11

شېرىپ خۇشتارنىڭ «شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر كىشىلەر» ناملىق كىتابى ئېنىق تەرجىمىھالى  يېزىلغان.





1950- يىلى سىتالىن بىلەن كۆرۈشكەن، ۋە چۈشلۈك تاماقنى بىللە يىگەن، سىتالىن ئۇنىڭغا جېپ ماشىنا سوۋغا قىپتىكەنتۇق. مەن بۇنى باشقا تورلاردىن ئاڭلىغان، بىلوگىمدىمۇ ئېلان قىپ قويدۇق. لېكىن بۇ ئىش يۇقارقى كىتابتا سۆزلەنمىگەن.

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 13:55:04

قەبرسىنى ھەيۋەت ياساپتۇ.غۇلجدا يەنە قەبرسى بارمۇ؟

seburi يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 14:07:09

6- قەۋەتتىكى atilla705نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

شېرىپ خۇشتارنىڭ «شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر كىشىلەر» ناملىق كىتابى ئېنىق تەرجىمىھالى  يېزىلغان.






1950- يىلى سىتالىن بىلەن كۆرۈشكەن، ۋە چۈشلۈك تاماقنى بىللە يىگەن، سىتالىن ئۇنىڭغا جېپ ماشىنا سوۋغا قىپتىكەنتۇق. مەن بۇنى باشقا تورلاردىن ئاڭلىغان، بىلوگىمدىمۇ ئېلان قىپ قويدۇق. لېكىن بۇ ئىش يۇقارقى كىتابتا سۆزلەنمىگەن.


سىتالىن  بىلەن كۆرۈشكەن    ،  جىپ  ماشىنا  سوغا   قىلغان   \"\"




75urumqi يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 14:21:34

ھەيكىلى غولجىغا قاراپ،تۇرامدۇ قانداق ھەسرەتتە.

muqeddes يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 14:27:10

1- قەۋەتتىكى urdekنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

كىچىك ۋاىتىمدا تەڭ دىمەتلىكلىرىم بىلەن ئويناپ يۇرۇپ جىڭ خەلىق ھۇكمەت قوراسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ قالساق بولىدۇ، ھۇكۇمەت قورا ئالدىدا بىر ئۈستەڭ بولىدىغان، ئۇستىدە كۇۋرۇك بار ئىدى، بالىلار ((ئاۋۇ كىشى غېنى باتۇر شۇكەن) دەپ قالدى، قارىساق كۇۋرۇكنىڭ قېلىن تاختايلىرى رابوتچى(ئىشچىى)ئۇتۇگىنىڭ ئاستىدا ئېغىرلىقىدىن توختىماي غاراسلايتتى، كىين ئۇقساق جىڭ تۇرمىدىكى بىر ئۇچىغا چىققان پاھىشە خوتۇننى گەپ قىلمايلا ئېتىۋىتىپتۇ دەك.

ئۇزى بەكمۇ يوغان قاۋۇل ئادەم ئىدى.

سىز ئەڭ كىچىك بولغاندىمۇ 65 -  70 ئەتراپىدىكى  ئادەم بولىسڭىز بەلكىم غېنى باتۇرنى كۆرگەن بولۇشىڭىز مۆمكىن . مېنىڭ دادام بۇ يىل 71 ياشتا ، ئۇ 7 - 8 ياش ۋاقتىدا غېنى باتۇرنى كۆرۈپتىكەن .  49  - 50  - يىللىرىمىكىن .

Toghrak731 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 14:40:13

غېنى باتۇرنىڭ دادىسى مەھەممەت باقىر ئاكىنىڭ ئاتا-بوۋىسى ئەسلىدە خوتەن قاراقاشلىق، ئۇنىڭ ئىككىنچى بوۋىسى ئىمىننىياز  مىراب چىڭ سۇلالىسى 1760-يىلىدىن 1767-يىلىغىچە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۇچتۇرپان، خوتەن، يەركەن قاتارلىق جايلىرىدىن ئىلىغا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرىلىك ئادەم كۆچۈرگەندە كۆچۈپ كەلگەنلەردىن بولۇپ، ھازىرقى غۇلجا ناھىيە قاش يېزىسىنىڭ تۇردىيۈزى مەھەللىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. غېنى ئەشۇ تۇردىيۈزى مەھەللىسىدە، كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلىدۇ.


        غېنى مەكتەپ يېشىغا يەتكەندە دادىسى ئۇنى مەكتەپكە بېرىدۇ. لېكىن، ئۇ ئوقۇيالماي مەكتەپتىن چىقىپ كېتىدۇ ۋە ئون ياشلارغا كىرگەندە، مەھەللىسىنىڭ قويلىرىنى باقىدۇ. 15ياشقا كىرگەندە دادىسى بىلەن دېھقانچىلىق قىلىدۇ. غېنى كىچىكىدىنلا ئىشچان ۋە كۈچلۈك، غەيرەتلىك بالا بولۇپ، بالا ۋاقتىدا چېلىشىشتا داڭ چىقىرىدۇ. غېنى ئېگىز بوي، گەۋدىلىك، يوغان باش، كەڭ ۋە سوزۇق يۈزى قىپقىزىل، قوي كۆز، كەم سۆز ئادەم بولۇپ يېتىلىدۇ.


        1918-يىلى كەچ كۈزدە مەھەممەت باقىر ئاكا ئەتىگەنلىك چايدىن كېيىن خامانغا ماڭاي دەپ تۇرغاندا، ھويلىدا ۋاراڭ-چۇرۇڭ بولىدۇ. مەھەممەت ئاكا ھويلىغا چىقىش بىلەن غېنى قايسىڭ؟ دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ. غېنى مەن دەپ ئالدىغا چىقىدۇ. غېنىنى چاقىرغان بىر چېرىك بولۇپ، چېرىك غېنىنى باغلىماقچى بولىدۇ. غېنى باغلاتماي ئېلىپ بارىدىغان يېرىڭگە ئېلىپ بار، ئەمما باغلىمايسەن دەيدۇ. غېنىنىڭ ئاتا-ئانىسى چېرىكلەرگە يالۋۇرىدۇ. غېنى مەن گۇناھسىز، بۇلارغا يالۋۇرماڭلار، مەن قايتىپ كېلىمەن دەيدۇ. غېنى ئون ئاي توققۇز تارا يامۇلىغا قامىلىدۇ. بۇ 10ئايلىق تۈرمىدە غېنى كۆرمىگەننى كۆرىدۇ، بىلمىگەننى بىلىپ، ياشاش يولىنى ئۆگىنىدۇ ھەم كۆپ كىشىلەر بىلەن تونۇشىدۇ.


       غېنى تۈرمىدىن چىقىپ كۆپ ئۆتمەي بىر كۈنى توققۇز تارادا باتۇرلۇق ھەققىدە سۆز قىلىۋاتقان ئاتلىق بىر قازاق يىگىتكە مۇشۇ ئالا ئېتىڭنى ئاشۇ قارا ياغاچ تۈرىگە كۆتۈرۈپ ئاپىرىپ كەلسەم نېمە دەيسەن؟ دەپ 150 مېتىر ئارىلىقنى كۆرسىتىدۇ. قازاق يىگىت  ئەگەر دېگىنىڭدەك قىلساڭ، ئاتنى ساڭا بەردىم، قىلالمىساڭ تورۇق ئېتىڭنى ماڭا بېرىسەن  دەپ غېنىغا قول ئۇزىتىدۇ. غېنى بارغان پېتى ئاتنى كۆتۈرۈپ قاراياغاچتىن 100مېتىر نېرى يەرگە ئېلىپ بېرىپ، قايتۇرۇپ كېلىدۇ. خەلق ھەيران قالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن غېنىنىڭ گاڭگۇڭ (نوچى) دېگەن نامى ئىلى رايونىغا تارىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن زۇلۇمغا، جازانىخورغا قارشى ھەرىكەت قىلىدىغان نوچىلار غېنىنىڭ ئەتراپىغا توپلىشىدۇ. ئۇلار زالىم بەگلەر، جازانىخور بايلار، ئەمەلدارلارنى تىللايدۇ، مەسخىرە قىلىدۇ، ئېپى كەلسە ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئوغرىلاپ، يېتىم - يېسىرلارغا بېرىدۇ. شۇڭا غېنى 1944-يىلىغىچە كۆپ قېتىم تۈرمىگە قامىلىدۇ. ھەر قېتىم قامالغاندا كىشەننى ئۈزۈپ تاشلاپ قاچىدۇ. ساقچى باشلىقى غېنىنى بىر قېتىم ئالتە ئادەمگە باستۇرۇپ ئۇرىدۇ. بىر قانچە قېتىم 100-200، ھەتتا 300دىن تاياق ئۇرىدۇ.


       غېنى 1941-يىلى توققۇز تارا يامۇلىدىن نۇراخۇن دېگەن دوستى بىلەن قېچىپ كېتىدۇ. ئۇلار شۇ قاچقان پېتى شىخۇنىڭ جۇجيەنلۇ دېگەن يېرىگە بېرىپ، داۋۇر، ھاشىم توكۇر دېگەن كىشىلەر بىلەن بىرلىشىپ بىر ئۆيگە كىرىپ، تۆت يامبۇ، بەش سەر ئالتۇن ئوغرىلاپ بېرىدۇ ۋە ئۈرۈمچىگە بېرىپ بۆلۈشىمىز، دەپ ماڭىدۇ. ئۇ ئىككىسى ئالتۇنلارنى ئېلىپ ساقچى ئىدارىسىغا بېرىپ، نۇراخۇن بىلەن غېنىنى تۇتۇپ بېرىدۇ. ھاشىم توكۇر بىلەن داۋۇرلار كۆرسەتكەن بۇ خىزمىتى ئۈچۈن توققۇز تارادا لوزۇڭ مەنسىپىگە ئېرىشىدۇ.


      نۇراخۇن بىلەن غېنى 12كۈندىن كېيىن تۈرمىدىن قېچىپ ئاتلىق يەنسىخەيگە كېلىپ، بىر قازاق ئۆيىدە تۇرغاندا، قوغلاپ كەلگەن چېرىكلەرگە ئۇچرايدۇ. غېنى ئۇلارنى ئۇرۇپ يېقىتىۋىتىپ قاچىدۇ. شۇ چاغدا چېرىكلەرنىڭ ئاتقان بىر ئوقى غېنىنىڭ يانپېشىغا تېگىپ، ماڭالماي قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن غېنى تۇتۇلۇپ، ساۋەنگە ئەۋەتىلىدۇ. ساۋەندە توققۇز كۈن قاماقتا ياتقاندىن كېيىن چېرىكلەرنىڭ ئىككى ئېتىنى ئېلىپ قېچىپ، نۇراخۇن بىلەن تېپىشىپ، بىر موڭغۇل تونۇشىنىڭ ئۆيىدە قونىدۇ. كېيىن، ئۇلار ھاشىم توكۇر بىلەن داۋۇردىن ئۆچ ئالماق ئۈچۈن توققۇزتاراغا بارىدۇ. غېنى توققۇز تارادا تۇتۇلۇپ، ناھىيە تۈرمىسىگە قامىلىدۇ. غېنىنى غۇلجا ساقچى ئىدارىسىغا ئېلىپ كېتىۋاتقاندا دەرياغا ئۆزىنى تاشلاپ قاچىدۇ. ئەتىسى غۇلجىغا كېرىپ، سوت مەھكىمىسىگە ئۆزىنى مەلۇم قىلىدۇ. غېنىنى غۇلجىدا 32كۈن سوراقسىز قاماپ، سەن بەش يىلدىن بۇيان ئون سەر ئالتۇن، 20يامبۇ ئوغرىلاپسەن دەپ ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىدۇ، ئۈرۈمچىدە شېڭ شىسەينىڭ ساقچى باشقارمىسىنىڭ 4-تۈرمىسىگە قاماپ قويىدۇ، كېيىن 2-تۈرمىگە يۆتكەيدۇ. غېنى 1944-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى، يەنە دۈشەنبە كۈنى 2-تۈرمە (ھازىرقى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئورنىدا ئىدى)دىن قېچىپ، غۇلجىغا بېرىپ ھاشىم توكۇر، داۋۇرلاردىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارنى ئىزدەيدۇ. ئۇلار يوشۇرۇنۇپ قېچىپ يۈرىدۇ. غېنى ئىز بېسىپ ئۇلارنى قوغلايدۇ.


       شۇ كۈنلەردە، نىلقا ئولاستايدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان، گومىنداڭ ئالتە ئوغرى دەپ ئاتىغان پاتىخ مۇسلۇمۇپ، ئەكبەر باتۇر، قۇربان بۇرھانىدوف، ئوسما ئىبرايىموف، سېيت ئاۋان (ئەكبەرنىڭ ئىنىسى)، نۇر ئوبۇلۇپ، ھوشۇر مامىتوف، مۇساقان قۇربان، خەمىت مۇسلىمۇف، رەپىق بايچۇرىن قاتارلىق پارتىزانلار گۇرۇپپىسى غېنى باتۇرنىڭ ئۈرۈمچىدە تۈرمىدە قاچقانلىقتىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى ئىزدەپ تاپىدۇ-دە، غېنى پارتىزانلارغا قوشۇلىدۇ. پارتىزانلىق شىتابى قۇرۇلغاندا، پارتىزانلارنى ئۈچكە بۆلۈپ، 1-بۆلۈمگە ئەكبەر، 2-بۆلۈمگە غېنى، 3-بۆلۈمگە تۈگمەنچى رۇس ئىۋان مەسئۇل بولىدۇ. ھەر بىرىنىڭ قىسمىدا 200دىن پارتىزان بولۇپ، نىلقىغا يۈرۈش قىلىدۇ ۋە پارتىزانلار نىلقىغا باستۇرۇپ كېلىپ نىلقىنى ئازاد قىلىدۇ.


      غېنى شۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر قايسى ئۇرۇشلاردا باتۇرلۇق كۆرسىتىدۇ ۋە كىشىلەر تەرىپىدىن غېنى باتۇر دەپ ئاتىلىدۇ. پارتىزانلار گومىنداڭنىڭ غۇلجا تەرەپتىن ئون ماشىنىدا كەلگەن ئەسكەرلىرىنى توسۇپ زەربە بېرىپ، مازار رايونىغا كىرگۈزمەي يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ قورال-ياراغلىرىنى غەنىيمەت ئالىدۇ. سۇلتان ئۇۋەيىس مازىرىغا يوشۇرۇن كىرىپ، ساقچى ئىدارىسىنى پاچاقلاپ تاشلايدۇ. ھەر مىللەت خەلقىدىن قامالغان 30نەچچە كىشىنى قۇتۇلدۇرىدۇ. قورال-ياراغ غەنىيمەت ئالىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ پاتىخ باتۇر بىلەن بىللە لەنجۇدا 1953-يىلىغىچە دەم ئالىدۇ. ئۇ 1981-يىىللاردا ئالمۇتادا ۋاپات بولىدۇ.

مەنبە :ئۇرخۇن مۇنبىرى



ئۇستىدىكى قىزىل بوياپ قويغان يىرىمدىكى جۇملىلەرنى مەن ئاڭلاپ باقمىغان گەپلەركەن، شۇڭا قىزىقىپ كۆچۈرمىكەشلىك قىلىپ سالدىم.

matu يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 14:45:30

ئۆردەك بوۋاي شۇنچىلىك كىلىدۇ مۇقەددەس \"\"

function يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 15:06:06

ئۆردەك بوۋاي ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئەڭ ياشانغان تورغا چىققۇچىمىكىن...

urdek يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 15:09:05

75 كە كىردىم بۇ ژىل، كومپىۇتىر ئوينايدىغان ئادەممۇ مۇنچىلا قېرى بولامدۇ دەۋاتامسىز نىمە \"\"  مۇقەددەس خانقىز تېخى مىنى بىلىپ كەتمىگەن چېغى ۋا.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 15:25:23

سالام دۇنيا،ۋىكىدىپىيەنېڭ ئېنگىلىزچىسىدىن ئالدىڭىزمۇ بۇ تەرجىمىنى؟بەك ئازمۇ ياكى ھەممىسى شۇمۇ؟ئەگەر بېز پەخىرلىرىمىزنېڭ تەرجىمھالىنى ئېنگىلىزچىلاشتۇرساق،ۋىكدىىيەگە يوللىساق بولامدۇ؟

helloworld يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 15:27:50

تەرجىمە قىلىشقا تىگىشلىك يېرىنى تەرجىمە قىلىپ قويدۇم ، ئەسلىمۇ قىسقا ئىكەن .  

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 15:49:05

ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 16:17:55

\"\"





غېنى باتۇر توغرىسىدا شۇ دەۋىردە ياشاپ ئۆتكەن كىشىلەر توغرىسىدا سورىغان ئىدىم. ئەخمەتجان قاسىمىلارنىڭ ‹‹مېيىت››ىنىڭ نامىزىنى چۈشىرىدىغان ۋاقىتتا شۇنداق مۇڭلۇق ناخشى ئېيتىپ يىغىزار ئىچىدە ‹‹مېيىت››نى ئايلىنىپ تىكەنتۇق. ئېيتىپ بەرگەن تېكسىتى ئىچىدە ‹‹رەھبەرىمىز›› دېگەن مۇشۇ سۆزىلا ئېسىمدە قاپتۇ.




غېنى باتۇرنى ‹‹ئانا يۇرت›› رومانىدا ‹‹ئەخمەتجان سۇلتانىم›› دەپ يىغ-ازار قىلىپ غۇلجا شەھىرىنى بېشىغا كەيگەن قىلىپ تەسۋىرلەيدۇ. قايسى بىر ماتېرىيالدا غېنى باتۇر قىزىل ئارمىيەنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە قولىنى چىڭ سىقىمداپ كۆرۈشۈپ شۇ كىشىنىڭ قولىنى نەچچە ئاي بىر نەرسىنى تۇتالمىغىدەك دەرىجىدە قىلىۋېتىپتىكەنتۇق. ئەرز قىلاي دېسە يا ئۇرمىغان، كۆرۈشۈپ قولىنى سىقىمداق قويغان ئىكەنتۇق 002.gif . غېنى باتۇر ئازاتلىقتىن كېيىن سوۋىتقا چىكەتكەنغۇ دەيمەن. 1949-يىلى ئەمەس.

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 16:40:33

دىمەك، بۇ يىل بۇ باتۇرىمىزمۇ 110 ياشقا كىرىپتۇ.

ئاللاھىم ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن باتۇرلىرىمىزنىڭ.
بەت: [1] 2 3
: خەلى قەھرىمانى غېنى باتۇر