Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 13:02:13

ئاياللار قانداق ئەرلەرگە ئامراق؟

قىزىق گەپ ئاڭلىغاچ ئېنگىلىز تىلى ئۆگىنەيلى.


بۇ پارچىدە مىجەز- خاراكتېرنى ئىپادىلەيدىغان نۇرغۇن مۇھىم سۆزلەر بار ئىكەن، ئېنگىلىز تىلى ئۆگەنگۈچىلەرگە ياردىمى بولغۇدەك.


تېكىستىنى ئاڭلاپ يېزىپ باقتىم، خاتاسى بولسا تۈزىتىشىڭلارنى قارشى ئالىمەن.



So what do women want?


Guys keep asking, women keep us guessing and that is why
whenever man tries to figure out what women wants. He often looks like a cat
chasing laser pointer: confused, disoriented but strangely hopeful.


So, thing is women seem to want contradictory things in a
man, women want a man who is ambitious, an achiever, successful professionally
and financially, who is not materialistic.


Women want a man who is solid, steady, consistent and
reliable, who is fun, unpredictable and spontaneous.


Women want a strong, well decisive man, who takes a stand
and doesn"t waver, as long as he is flexible, open minded and can admit when he
is wrong. Women want a lot, women want a realist, who is romantic; a guy who is
serious but playful; who is confident but humble, horny but faithfull.


Women want a man who is a career driven, but family
oriented; women also want a man who is smart but not nerdy, caring but not needy;
affectionate but not clingy; protective but not possessive; emotional but not neurotic;
funny but not a clown; dominant but not domineering and in control but not
controlling.


No problem, good to know. So take notes,
guys, remember, all we got to be strong but sensitive, tough but tender; masculine
but gentle; manly but vulnerable. Because, apparently, what a woman want is a
GAY FOOTBALL COACH.


Thank you!


terjime يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 13:25:26

ئامىراق بولۇشنىڭ بىرىنچى شەرتى ئىنگىلىزچە بېلىشمىز كېرەك ئىكەندە ئەسلى   {:107:}، تەرجىمە قىلىپ بىرىڭە دىلرۇبا ئۇيغۇرچىغا ، رۇسچە ئۈگۈنىمەن دەپ ئىنگىلىسچىنى تاشلاپ قويۇپتىكەنمەن ، بۇ تىمىنى كۆرۈپ سەل پۇشايمان قىلۋاتىمەن .

faith يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 14:31:50

ئالا قويماي يېزىپ چىقىپسىز، شۇنداق تېىز سۆزلەپتىكەن بۇ ئادەش!ئاياللار ھەمجىنىس پۇتبول تېرنېرىغا ئامراق دەيدىغۇ \"\"

AVAR يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 14:33:25

ئا تېكسىتنىڭ ئاخىرىدا خۇلاسىە چىقىرىپ، ئاياللارغا يارايدىغىنى ھەمجىنىس فۇتبول تېرىنىرى دەپتۇ. \"\"

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 15:13:59

ئاياللار قانداق ئەرلەرگە ئامراق؟ ئەرلەر دائىم شۇنداق سورىشىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئاياللارنىڭ نېمە ئويلايدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىشقا تىرىشىدۇ، بەئەينى لازىر نۇر توچكىسىنى قوغلاۋاتقان مۈشۈكتەك: ئىككىلەنگەن، قايمۇققان، غەلىتە يېرى ئۈمىدۋار ھالدا...

مەسىلە ئاياللارنىڭ ئەرلەردىن زىددىيەتلىك نەرسىلەرنى كۈتىدىغانلىقىدا: ئۇلار ئەرلەرنىڭ كەسىپ ۋە ئىقتىسادتا غايىلىك، ئۇتۇقلۇق، مۇۋەپپىقىيەتلىك، لېكىن مال- دۇنياغا بېرىلمەيدىغان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ ئۇلار ئەرلەرنى تۇراقلىق، مۇقىم، ئىزچىل ۋە ئىشەنچلىك شۇنداقلا قىزىقچى، تۇيۇقسىز خۇشاللىق ئاتا قىلالايدىغان، ھازىر جاۋاب بولسىكەن، دەيدۇ؛ ئەرلەرنىڭ خاراكتېرى كۈچلۈك، تەدبىرلىك، قارارىدىن يانماس، شۇنداقلا ئەھۋالغا قاراپ ئىش تۇتىدىغاان، كاللىسى ئوچۇق (قاتمال ئەمەس)، خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلالايدىغان بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.

ئاياللارنىڭ تەلىپى كۆپ. ئۇلار ئەرلەرنى رېئالىزىمچى لېكىن رومانتىك، ئەستايىدىل لېكىن شوخ، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان لېكىن كەمتەر، ئويۇنچى لېكىن سادىق بولسىكەن دەيدۇ؛ ئۇلار ئەرلەرنىڭ كەسىپچان لېكىن ئائىلىۋى تۇرمۇشنى ئەلا بىلىدىغان، ئەقىللىق لېكىن كىتاب خالتىسى بولۇۋالمايدىغان، كۆيۈمچان لېكىن زىيادە يۆلىنىۋالمايدىغان، قىزغىن لېكىن چاپلىشىۋالمايدىغان، قوغداشنى بىلىدىغان لېكىن ئىگىلىۋالمايدىغان، ھېسىياتچان لېكىن مىشچانلىق قىلمايدىغان، ھەجىۋى لېكىن ھەييارلىق قىلمايدىغان، يېتەكلەيدىغان لېكىن ئىش ئۆگەتمەيدىغان، كونترول قىلغىلى بولىدىغان لېكىن كونترول قىلىۋالمايدىغان بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.

چاتاق يوق، بىلىۋالغىنىمىز ياخشى، يىگىتلەر، خاتىرىلىۋېلىڭلار ۋە ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار: بىز كۈچلۈك لېكىن نازۇك، قوپال لېكىن سىلىق، ئەركەك مىجەز لېكىن سىپايە، باتۇر لېكىن ئاجىز بولۇشىمىز كېرەككەن.

چۈنكى، كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، ئاياللارنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنى ھەمجىنىس پۇتبول تېرىنېرى.

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 15:21:00

1- قەۋەتتىكى terjimeنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئامىراق بولۇشنىڭ بىرىنچى شەرتى ئىنگىلىزچە بېلىشمىز كېرەك ئىكەندە ئەسلى\"\" ، تەرجىمە قىلىپ بىرىڭە دىلرۇبا ئۇيغۇرچىغا ، رۇسچە ئۈگۈنىمەن دەپ ئىنگىلىسچىنى تاشلاپ قويۇپتىكەنمەن ، بۇ تىمىنى كۆرۈپ سەل پۇشايمان قىلۋاتىمەن .

تەرجىمە قىلىپ باقتىم، لېكىن ئېنگىلىزچىسىدەك تازا شار-شار-شار چىقماي قالغاندەك. ئەدەبىياتقا تازا ئۇستا ئادەم بولسا...

terjime يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 15:33:48

ھىلىمۇ شار -شار -شار - شار چىقىپتۇ ، رەھمەت سىزگە .ئاخىردىكى بىر جۇمىلە\"\" قىلدى

Estami يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 15:42:20

مۇشۇ ئىزدىنشما ؟

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 15:47:39

\"\" نېمە بوپتۇ؟ @estami

terjime يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 16:16:07

جىددىلىشۋاتقاندەك تۇرىدۇ .

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 16:42:17

ئاياللارنىڭ قانداق ئەرلەرگە ئامراق ئىكەنلىگىگە يەنىلا ئاياللار ئۆزى جاۋاپ بېرىپ باقسۇن.

faith يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 17:07:50

گەرچە بۇ كۈلۈشمەك شەكىلدىكى بىر گەپ بولغىنى بىلەن ئاساسىي بار گەپلەر ئىكەن. گەپنى خۇلاسىلەپ زىدىيەتلىك ئەرلەرگە ئامراق دەپ خۇلاسىلەپتۇ.



ئۇلار ئەرلەرنى رېئالىزىمچى لېكىن رومانتىك، ئەستايىدىل لېكىن شوخ، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان لېكىن كەمتەر، ئويۇنچى لېكىن سادىق بولسىكەن دەيدۇ؛ ئۇلار ئەرلەرنىڭ كەسىپچان لېكىن ئائىلىۋى تۇرمۇشنى ئەلا بىلىدىغان، ئەقىللىق لېكىن كىتاب خالتىسى بولۇۋالمايدىغان، كۆيۈمچان لېكىن زىيادە يۆلىنىۋالمايدىغان، قىزغىن لېكىن چاپلىشىۋالمايدىغان، قوغداشنى بىلىدىغان لېكىن ئىگىلىۋالمايدىغان، ھېسىياتچان لېكىن مىشچانلىق قىلمايدىغان، ھەجىۋى لېكىن ھەييارلىق قىلمايدىغان، يېتەكلەيدىغان لېكىن ئىش ئۆگەتمەيدىغان، كونترول قىلغىلى بولىدىغان لېكىن كونترول قىلىۋالمايدىغان بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ



يۇقارقىلار بەك ئورۇنلۇق گەپلەر ئىكەن. ئويلاپ باقسام مەن بەك زىدىيەتلىك. زىدىيەتلىشىپ تاس قېلىۋاتىمەن ئىككى ئادەم بوپ كەتكىلى

namsez يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 19:23:29

نامسىزدەك ئەرلەرگە ئامراق دەمدۇ نېمە ... 6مىنۇت 27 سېكونىت يېرىدە !

Buduxkak يوللانغان ۋاقتى 2012-2-13 22:19:54

ئەمدى ماۋۇ تېمىمۇ سېسىيدىغان بولدى. (چەتئەل قوغۇنلۇقنىڭ يولى بولۇپ قالامدۇ نېمە) دېگەن گەپ بولۇپتۇ. چەتئەلگە چىقىش شۇنچە ئاسان ئىشمىكەن؟ ئاۋال بىر پاسپورت بىجىرىش ئاسانمۇ دەپ ئويلىماي، چەتئەل قوغۇنلۇقنىڭ يولى دەيدىغان گەپ.

چەتئەللىكلەر بىزگە بىرەر ئىش قىلىپ قويمىغاندۇ ھە، چەتئەللىكنى سۆكۈپ قاخشىغۇدەك؟

كاللا دېسە پاقالچاق دەپ ئولتۇرىدىغانلار جىقىيىپ قاپتىغۇ ئىزدىنىشتا.  

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 00:31:48

GAYنى بىرسى قوش مەنىلىك سۆز دىگەندەك قىلغان .ھەمجىنىس پۇتبول تېرنىرى ئەمەس ،خۇشخۇي پۇتبول تېرنىرىدۇ؟ يا چاقچاق قىلىشىۋاتامسىلەر! مەن ھەجەپ بىلمىدىم.

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 02:54:34

GAY دېگەن شۇ «ھەمجىنىس» دېگەن گەپ، شەھلا. بەلكىم ئۇلارنى خۇشخۇي دەيدىغانلارمۇ بولسا كېرەك. قىزلارنىڭ شۇلار بىلەن دوست بولۇشنى ياخشى كۆرىدىغانلىرىمۇ خېلى باركەن، «ئەرلەردەك كەڭ قورساق، ئاياللاردەك چۈشىنىشلىك» دەپ، خۇدايىم توۋا دېمىسە...

ئېنگىلىز تىلى ئۆگىنىۋاتقانلار بولسا ياردىمى بولۇپ قالار، دەپ يوللانغان قىزىقچىلىق بۇ، ئاۋۇ ئادەمنىڭ چىراي ئىپادىسى، ئىنتوناتىسىيەسى تېخىمۇ قىزىتىپتۇ. مەنچە بۇ يەردە ئاياللارنىڭ ئۇنىڭغىمۇ، بۇنىڭغىمۇ چىدىمايدىغان خارەكتېرىنى ئېچىپ، مەسخىرە قىلىۋاتىدۇ ھەم «سىلەرنىڭ ئارزۇيۇڭلاردىكىدەك ئەر نورمال ئەمەس، تەلەپنى بەك يۇقىرى قىلماي، بارىنى قوبۇل قىلىڭلار» دېمەكچى.

بەزەنبىر گەپ چۈشەنمەسلەرنىڭ دەردىدىن ئۆزەمنىڭ چاقچىقىنى ئۆزەم ئۆرۈپ كەتتىم مانا. \"\"

شۇلارغا دەيدىغىنىم، نومۇسنى بىلەيلى، ئىزدىنىش ئاياللارنىڭ پۇت تېپىشىپ، گەپتە چېقىشىپ ئوينايدىغان سورۇنى ئەمەس.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 08:32:08

بۇ خىسلەتلەرنى بىر ئەر ۋۇجۇدىدىن تاپقىلى بولمىسا بىرنەچچە ئەرلەر ۋۇجۇدىدىن تاپقىلى بولىدۇ. شۇڭىمۇ غەرىپتە بىرنەچچە ئەرلەرنى تەڭ ياخشى كۆرۈش مودىكەن، قاملاشمىغىنى پەقەت بىرلا ئەرگە تىگىشكە بولىدۇ\"\" . بۈگۈن ئاشۇنداق ئايال ۋە ئاشۇنداق ئەرلەرنىڭ بايرىمى- يەنى ئاشنىلار بايرىمى.

nopano يوللانغان ۋاقتى 2012-2-15 15:55:58

مۇستەككەم خاراكتىرگە ئىگە، مەرت ئەركەكلەرنى ياخشى كورەرمىكىن ؟

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-15 23:35:17

چوقۇم ئامراق بولىشىمىز كېرەكمىكەن{:92:}... ئەمىسە دەۋەردىم ھە،مەن ئانچە- مۇنچە رومانتىك، مەسئۇلىيەتچان، ئېتىقادلىق، جىگەرلىك، ۋەدىسىدە تۇرىدىغان، ئاقكۆڭۈل، مەرد، غەزەپ نەپرىتى ئېنىق، مەيدانى مۇستەھكەم ئوغۇللارغا ئامراق \"\"

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2012-2-16 03:23:34


18- قەۋەتتىكى فائىزە034نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

چوقۇم ئامراق بولىشىمىز كېرەكمىكەن \"\" ... ئەمىسە دەۋەردىم ھە، مەن ئانچە- مۇنچە رومانتىك، مەسئۇلىيەتچان، ئېتىقادلىق، جىگەرلىك، ۋەدىسىدە تۇرىدىغان، ئاقكۆڭۈل، مەرد، غەزەپ نەپرىتى ئېنىق، مەيدانى مۇستەھكەم ئوغۇللارغا ئامراق \"\"


\"\"مەندەك؟


\"\"راستلا مەن؟


\"\"مېنى دەمسىز نىمە ؟


\"\"مەنغۇ بۇ ئۆلچەملەرگە نەق چۈشىدىكەنمەن بولمىسا


\"\"ھىچ بولمىسا بىرسىگە بولسىمۇ چۈشسە بولامدا ؟


\"\"نىمە ئېغىر تەلەپ بۇ؟   


\"\"زىيالىنى دەمدۇ نىمە ؟


\"\"ئاگاھ ؟


\"\"مۇشۇنداقدەپ يۈرۈپقۇ ئىزدىنىشتىكى بىرەر بويتاق بۇ تەلەپلەرگە ماس كېلىپ قالسا ھە


\"\" زادىكىم ؟


\"\"ئويلىسام ئويلىساممەن چۈشىدىغاندەكلا ...........


\"\"ئەپسۇس ...................


\"\"بۇ ئىنكاسنى سەلبۇرۇنيازماي ........مەسىلەن 15 يىل بۇرۇندىگەندەك


\"\"\"\"ماڭا ماس كېلىدىغان بىر تەلەپ يوقما ؟


\"\"مېنىڭغۇ مۇھابىتىم بار ........


\"\"قىززىقچىقىزكىنا بۇ


\"\"نىمانداق تويلۇغى ئېغىر قىز بۇ


\"\"ئەرگە تەگسىڭىز ماڭا تېگىڭ ..........


\"\"قارا كۆڭۈل بولسابولامدۇيا ؟


\"\"مۇشۇنداق ئېغىر تەلەپ قويۇشساڭ بىر ئۆمۈر بويتاق ئۆتەمدىممەن ؟


\"\"كۈندە لەغمەن ئېتىپ بەرسىڭىز بوپتۇ سىزنى ئېلىپ قوياي


\"\"نەچچە مو يېرىڭىز بار ؟


\"\"چىراي ئىپادىلىرىنى مۇنداق ئىشلەتسىمۇ بولامدىكەن يا ؟






بەت: [1] 2
: ئاياللار قانداق ئەرلەرگە ئامراق؟