30 -يىللاردا سۆرەتكە ئېلىنغان قەشقەر
بۇ فىلىم ئۈچ يىل ئاۋال شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتىدا قۇلۇمغا چۈشۈپ قالغان ئىدى . ئازراق قىسقارتىپ تەھرىرلەپ يوللاب قويدۇم كۆرۈب باقارسىلەر .
فىلىمدىكى ئادەملەرنىڭ ساقىلىنى سانىۋالغۇدەك ئېنىقلىقتىكى كۆك نۇر دېسكىسى بولمىسا كۆرمەيدىغانلارنىڭ تەلىپىنى ئەينى ۋاقىتتىكى تېخنىكا سەۋىيەسىنىڭ تۈۋەنلىكى سەۋەبلىك قاندۇرۇشقا ئامال بولمىدى !
مۇشۇنداق كۆرگەيسىز !
چۈشۈرۈش مەنزىلى
http://xjyeza.cn/soft/kashkar.wmv
.سۈرەت كۆرۈنمىدى. ئەمما كۆزۈمگە « سۆرئەتكە» دىگەن سۆز غەلىتىلا كۆرۈنۈپ قالدى فىلىم 64 م ب ئىكەن، چوڭ بولغاچقا قويۇلمىقى تەسرەك بولىدۇ، يەنىلا چۈشۈرۈپ كۆرگەن تۈزۈكمىكىن. چىركاۋنىڭ كۆرۈنۈشلىرىمۇ باركەنغۇ؟ ئەسئەت سۇلايمان ‹ ئۆزلۈك ۋە كىملىك › دېگەن كىتابىدا گېپىنى قىلغان سىن شۇدەك قىلىدۇ.قەشقەر كوچىلىرى،شېۋىت دىن تارقاتقۇچىلارنىڭ چېركاۋ، مەكتەپلىرى، روژدېستىۋالىق پائالىيەتلىرى... بىر ئايال بىرسىگە مۈڭگۈزلۈك سەللە ئوراۋاتىدۇ، بۇ قانداق ئىش؟
5- قەۋەتتىكى yolyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بىر ئايال بىرسىگە مۈڭگۈزلۈك سەللە ئوراۋاتىدۇ، بۇ قانداق ئىش؟
ئۇ قىرغىز ئايالىكەن قارىغاندا ئۇلارنىڭ شۇ چاغدىكى كىيىنىش ئادىتى شۇنداق دەك قىلىدۇ ،
afiyfiy :
بۇ شىۋىتسىيەلىكلەرنىڭ قەشقەردىكى پائالىيەتلىرى جەريانىدا ئالغان سىن ھۆججەتلىرى ئىكەن ! شۇچاغدا ئۇلار دىن تارقىتىش مەقسىدىدە كىرگەن بۇلۇپ بۇ فىلىمدىن قارىغاندا ئۇلارنىڭ دىنىغا كىرگەن خەنزولار كۆپ ئ×وخشايدۇ !
بۇ فىلىمدا شۇ چاغدىكى خەنزولانىڭ چىركاۋ ، روژدىستىۋا بايرىمى پائالىيەتلىرى ۋە غەرىپكە ساياھەت چاڭچىلىسى كۆرۈنىشلىرى بار ئىكەن ، بۇ فىلىم ئەسلى 35 مىنۇتلۇق بۇلۇپ بەزى نازۇك جايلىرىنى چىقىرىۋەتتىم .
تولۇق قىسمىنى بېرەرسىزمۇ ؟ بىر كۆرۈپ باققۇم بار ئىدى ، چ چ نومۇرۇم : 15305317 مۇمكىن بولسا ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز مىننەتدار بولاتتىمئېخەت ئادرىسىم : kumbulak@qq.com ماۋۇ يەر http://so.tudou.com/nisearch/30%E5%B9%B4%E4%BB%A3%E6%96%B0%E7%96%86 دىنمۇ بەش بۆلەك فىلىمنى كۆرۈپ قالدىم. «سۈرئەت»، «سۆرەت»، «سۈرەت» بۇ سۆزلەر ئايرىم-ئايرىم ئۈچ سۆز بولۇپ، مەنىسى بىر بىرىگە ئوخشىمايدۇ!
1. سۈرئەت - بىرەر شەيئى ياكى ۋەقەۋەقە-ھادىسىنىڭ يۈز بېرىش تىزلىكىگە قارىتىلغان بولۇپ، تىزلىك دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن: بۇماشىنىنىڭ سۈرئىتى بەك يۇقۇرىكەن. ئەنزە پاش قىلىش سۈرئىتى بەك ئاستا بولىۋاتىدۇ. دىگەندەك.
2. سۆرەت- بىرەر نەرسىنى سۆرەش مەنىسىنى بىلدۈرۈپ، 2-شەخىسكە قارتا ئېيتىلغان سۆز. مەسىلەن: بۇغداينى تېرىپ بولۇپ سۆرەم سۆرەت! تەرەكتۇرغا توچار سۆرەت. دىگەندەك.
3. سۈرەت - رەسىم دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
بۇرادەر ئىمتىياز سىز رەسىم دىگەن ئۇقۇمنى دەسلەپ «سۈرئەت» سۆزى بىلەن، ئەمدى بولسا «سۆرەت» سۆزى بىلەن ئىپادىلەپسىز، ۋاقتىدا تۈزۈتىۋالغايسىز. ئاتىكاچىلىچىمنى كەچۈرۈڭ! ۋاي ھەشقاللا ! تۇلا - تۇلا ھەشقاللا